تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى؛ بەشتىن بىر ئىسرائىلىيلىك نامراتلىقتا ياشايدىكەن
بەشتىن بىر ئىسرائىلىيلىك نامراتلىقتا ياشايدۇ،پەلەستىنگە قارشى ھەربى ھەركەتلەر 11مىلىيارت دوللارنىڭ كۇلىنى كۆككە سورۇيدۇ،4مىلىيار دوللار ئايرىش تىمى ئۇچۇن سەرىپ قىلىنىدۇ،تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سىلىشتۇرغاندا ئۆتكەن 20يىلدا جۇڭگوغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات نىسبىتى 193%بولغان بولسا ئەكسىچە ئىسرائىلىيەنىڭ %بولغان،،،ئىسرائىليەنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى ئىغىر زىيانغا ئۇچىردى،مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىليە پەلەستىن زىمىنىنى ئىگەللىۋالغاندىن بۇيانقى تۆلىگەن بەدەللەرىڭ ئەڭ ئوبرازلىق كۆرۇنىشى بولۇپ بۇلار ئىسرائىليەدىكى ئىجتىمائى ئادالەت ۋە ئادىللىق مەركىزىنىڭ‹‹ ئىگەللىۋىلىشنىڭ بەدىلى›› دىگەن تىما ئاستىدا ئىلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدىن چىقىرىلىغان يەكۇن،
ئىسرائىليە ئاخبارات ۋاستىلىرى چارشەنبە كۇنى ئىلان قىلغان بۇ تەتقىقاتتا يەنە مۇنۇلار ئىچىپ بىرىلگەن؛‹‹ئىسرائىليە پەلەستىننى ئىگىلىۋىلىش دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزەىللىرىدە ئىقتىسادى،ئىجتىمائى،سىياسى ۋە ھەربى جەھەتتە ناھايتى زور بەدەللەرنى تۆلىدى،››
بۇ تەتقىقاتتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى،‹‹پەلەستىن بىلەن بولغان توقۇنۇش ئىسرائىليەنىڭ گىلىدىكى شوخىغا ئايلنىپ قالدى،ئىگىللىۋىلىش ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۇشىگە ئىغىر توسالغۇ بولدى ۋە ئىقتىسادى تەڭپۇڭلۇققا ئىغىر بىر يۇكنى پەيدا قىلدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئىسرائىليەنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىغا زىيان سىلىۋاتىدۇ،ۋە ئۇنىڭ كەلگۇسى مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت پەيداقىلىۋاتىدۇ،››
ئىسرائىليە ھۆكۇمىتى ئىلان قىلىۋاتقان ئىگەللىۋىلىش بولۇپ تۇرۇغلۇقمۇ بىز يەنە ئىقتىسادى يۇكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۇردۇق دىگەنلەرگە قارىتا تەتقىقات مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى،‹‹ئۆتكەن 20يىلدا ئىسرائىليە ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۇش نىسپىتى 43%بولغان بولسا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىشىش نىسبىتى 63%بولغان،ئامرىكىنىڭ 68%ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ 68%شەرىقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىڭ 167%دىڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ 174%جوڭگونىڭ193%ھىندىستاننىڭ بولسا 139%بولغان،››
سىياسى جەھەتتە تەتقىقات مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى،‹‹ئىگەللىۋىلىش ئىسرائىليەنىڭ خەلىقئارادىكى ئوبرازىنى ۋەيران قىلدى،ئومومى جەھەتتىن ئىلىپ ئىيتقاندا پەلەستىن ئىسرائىليە توقۇنۇشى خۇسۇسەن پەلەستىن زىمىنلىرىنى ئىگەللىۋىلىش ئىسرائىليەنىڭ خەلىقئارادىكى ئورنىنى ئاجىزلىتىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھەركەتلىرىگە قارىتا گۇمان ،شۇبھى پەيدا قىلدى،››
ئۆتكەن يىلى ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى 27 دۆلەتتىكى 28كىشىگە قارىتا ئىلىپ بارغان خەلىق رايىنى تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە ئىسرائىليە دۇنيا سەلبى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرىپ قالغان،شۇنىڭدەك يەنە يىقىندا ياۋرۇپادا ئىلىپ بىرىلغان خەلىق رايىنى تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە تەخمىنەن59%ياۋرۇپالىق ئىسرائىليەنى دۇنيا تىنىچلىقىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىغان،
تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە مۇنداق دىيىلگەن؛فىرانسىيلىكلەرنىڭ يىرىمىدا ئىسرائىليەگە نىسبەتەن سەلبى قاراش بار.
مەنبە؛ئەرەبچە ئىسلام لىنىيسى تورى
http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?c=ArticleA_C&cid=1212394829119&pagename=Zone-Arabic-News/NWALayout