ComMan.SIS نى يانفۇنىڭىزغا ھەرگىز قاچىلىماڭ -
[يانفۇنغا يۇمتال قاچىلاش]
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا ھەرخىل يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بۇلىدىغانلىقىنى تورداشلار بىلىشى مۈمكىن.
توردا مۇنداق بىر يۇمشاق دىتال بار بۇلۇپ، ئىسمى ComMan.SIS . يەنى 商务管家.
بۇ يۇمشاق دىتال سىيمبىان 2- ئەۋلات يانفۇنلارغا ماس كىلىدۇ.
ئۇنىڭ چۈشەندۈرلىشىدە 6 ئىقتىدار بار دەپ چۈشەندۈرۈلگەن:
1. تېلىفۇن كارتىسى ئالماشتۇرۇلغاندا ئەسكەرتىدۇ
2. تىلىفۇن دەپتىرىدىى ساقلانغان نۇمۇرلارنى خالىغانچە يۇشۇرغىلى بۇلىدۇ.
3. كەلگەن ۋە ئىۋەرتكەن قىسقا ئۇچۇر خاتىرلىرىنى يۇشۇرغىلى بۇلىدۇ.
4. قىسقا ئۇچۇرنى سۈزۈشكە بۇلىدۇ. ( مۇشۇ نۇمۇردىن ياكى مۇشۇ مەزمۇندا قىسقا ئۇچۇر كەلسە قۇبۇل قىلمىسۇن دەپ بەلگىلەپ قويغىلى بۇلىدۇ.)
5. كەلگەن تىلىفۇنقا قارىتا مۇداپىيە كۈرۈش ئىقتىدارى بار. بۇ دىگىنى بەلكىم بەلگىلەپ قويغان نۇمۇردىن تىلىفۇن كەلسە تىلىفۇن جىرىڭلىماسلىق ، مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس، تىلىفۇن ئىتىك، سۆزلىشىۋاتىدۇ دىگەندەك ئۇچۇرلار چىقىشى مۈمكىن.
6. يانفۇندىكى بارلىق پاروللارنى تېپىش
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ھەرگىز قاچىلاپ سالماڭ. تۈۋەندىكسى خەنزۇچە تەرجىمىسى
.六大强势力功能
1.手机卡更换报警
2.名片隐藏
3.短信隐藏
4.**短信过滤
5.来电防火墙
6.密码找回
بۇ يۇمشاق دىتالنى يانفۇنغا قاچىلىغاندىن كىيىن بۇ يۇمشاق دىتال 10086 ئۈزى ئاپتۇماتىك قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئۈزىنى ئۈزى (مەزكور تىلىفۇن كارتىسىنى ) ئەرىز قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 50139 ناملىق بىر نۇمۇرغا قسقا ئۇچۇر يوللايدۇ. بۇ نۇمۇرغا توختىماي يۇشۇرۇنچە قىسقا ئۇچۇر يوللايدۇ. سىز بۇ يۇمشاق دىتالنى ئۈچۈرۋەتسىڭىزمۇ داۋاملىق يانفۇنىڭىز يوللاۋىرىدۇ.
سىزنىڭ خاپا بۇلىشىڭىز بىلەن پەقەت كارى بولمايدۇ. 10086 غا تىلىفۇن قىلىپ ئۇلار بىلەن دىيىشىمەن دىگىنىڭىز بىكار. چۈنكى يانفۇنىڭىز ئاللا بۇرۇن سىزنى ئۇلارغا قارا نىيەت دەپ مەلۇم قىلىپ بولغان.
سىز بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ يوللىغان ئۇچۇرى ياكى خاتىرسىنى تۈۋەندىكى مەشغۇلاتنى قىلىپ كۈرەلەيسىز.
"信息"-------->选项--------->设置--------->点"短信息"------------->"接受报告"选择"是"
يۇقارقى 接受报告 دىن ھەئە نى تاللاپ قويسىڭىز 50139 غا يوللىغان ئۇچۇر خاتىرسىنى ۋە يانفۇن ھەققىڭىزنىڭ خوراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايسىز.
بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ئەڭ ئەسكى خۇيى شۇكى ، ئىۋەرتكەن ئۇچۇرلرىنىڭ ئادەتتىكى باھالىق قىسقا ئۇچۇر بولماستىن بەزىدە 1 يۈەنلىك ( بىر قىتىملىقى.) بەزىدە 5 يۈەنلىكمۇ ئۇچۇر يوللىۋىتىدۇ.
مەنمۇ دەسلەپتە قاچىلىغان ۋاقىتتا بىلمەي يۈرۈپتىمەن. 10 يۈەننى ئەتتىگەن قاچىلىسام كەچتە توختاپ قالدى.... ھەر تىلىفۇننى ئۈچۈرۈپ ئاچسام بىر ئىككى قسقا ئۇچۇر ئىۋەرتىلمىدى ياكى مەغلۇب بولدى دەپ چىقىۋىرىدۇ... بىلمەپتىمەن....
ئارلىقتا نەچچە قىتىم پۇل قاچىلىدىم يەنە توختاپ قالدى . ھەيران قاپتىمەن... بىر ھەپتىدە ھىچ يەرگە تىلىفۇن ئۇرمىسىمۇ 4 نەچچە يۈەن تۈگەمدۇ دەيمەن.... مانا شۇنىڭ كاساپىتىدىن ھازىرمۇ توختاق يانفۇن. مۇئاش قاچان چىقار دەپ ئولتۇردۇم.
ئاخىرى مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقتىم.
تورداشلارنىڭ ئىسىدە بولسۇنكى، ComMan.SIS ئىسىملىك يۇمشاق دىتالنى ھەرگىز قاچىلاپ سالماڭ.
بەزىلەر بەلكىم ھۆججەت نامنى ئۆزگەرتىۋىتىشى مۈمكىن.شۇڭا شۈنلىي ياكى بەيدۇدىن خالىغانچە ئىزدەپ يۇمشاق دىتال ئىزدەيدىغان ئادىتىڭزنى بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزگەرتىڭ.
ئۇ ئادىتىڭزىنى بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردە تەۋسىيە قىلغان يۇمشاق دىتاللارنى ئىشىلتىشنى ئادەت قىلىڭ. بىز تەۋسىيەقىلغان يۇمشاق دىتاللار ئەلۋەتتە ئىشىلتىپ ئىشەنچىلىكلىكى ئىنىقلانغاندىن كىيىن ئاندىن تەۋسىيە قىلىنغان.
شۇڭا بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
iPhone Nokia6680 N95 诺基亚6680 Nokia بىلىملىرى ئۇيغۇر نوكيا كۇلۇبىدا.
http://n6681.blogbus.comتورداشلارنىڭ قوللىشى بولمىسا تەرەققىي قىلغىلى بولمايدۇ.