ۋاشىنگىتون يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالسا...
تېرورچىلارنىڭ خىيالىدىكى ۋاشىنگىتوننىڭ يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كىيىنكى رەسىملىرى ئالاقە تورىدا پەيدا بولدى.
سۆرەتتىكىسى تېرورچىلارنىڭ تەسۋىرىدىكى ۋاشىنگىتون يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كىينكى
ئامرىكا پارلامىت بىناسىنىڭ كۆرۈنىشى
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،يېقىندا بىر ئىسلام ھەربىي تور بېكىتى":يېقىندىن بېرى ئالاقە تورىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن بىر قاتار بازا تەشكىلاتىنىڭ غەرپ ئەللىرىگە قارىتا چوڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قۇراللارنى ئىشلىتىپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىم ۋە سۆرەتلىك فىلىملەرگە قارىتا ئامرىكا فىدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) ئاگاھلاندۇرۇش بەردى."دەپ ئېلان قىلدى.ئەمما ئامرىكا فىدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،ئۆزلىرنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى،ھەمدە بۇ سۆرەتلىك فىلىملەرنى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ قارمىقىدىكى ئاخبارات ۋاستىسى بولغان"Al-Sahab"ئارقىلىق تارقاتمىغانلىقىنى،بەلكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى كونا كۆرۈنىشلەرنى يىغىپ كېسىپ ۋە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ سۆرەتلىك فىلىم ۋە رەسىملەرنى ياساپ چىقىپ ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.بۇ كىشىلەرنىڭ نىمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئىنىق ئەمەس.
بازا تەشكىلاتى قارمىقىدىكى تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان"Al-Sahab"ھەر يىلى 80نەچچە دانە بازا تەشكىلاتى تەستىقلىغان تېرورلۇق ھەركىتى توغرىسىدىكى سۆرەتلىك فىلىملەرنى ئېلان قىلىپ،غەرپ ئەللىرىگە قارىتا جامائەت پىكرى بېسىمىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.
http://news.sohu.com/20080530/n257186592.shtml