( 1 )
چاي - دۇنياغا داڭلىق ئۈچ چوڭ ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك ( چاي ، قەھۋە ، كاكائو ) نىڭ بىرى ، شۇنداقلا قەدىمدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانلارغا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ، تېبابەتتە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ ياخشى ساقلىقنى ساقلاش تەبىئىي ئىچىملىكتۇر
چاي تەركىبىدە كوفېئىت ( قەھۋە ئىشقارى ) ، كۆپ فېئوللۇق بىرىكمىلەر ، ۋىتامىن تۈردىكىلەردىن ، ۋىتامىن K , C , B , مىنرال ئېلېمېنىتلاردىن فوسفۇر ، كالىي ، كالتىسى ، ماگىنىي ، مانگان ، ئاليۇمىن ، گۈڭگۈرت ، ۋە ئامىنو كىسلاتا قاتارلىق ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق تەركىبلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ، موۋاپىق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ بەرسە ئادەمنى روھلاندۇرۇپ ، نېرۋىنى تىچلاندۇردۇ . ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ بەدەندىكى خىلىتلارنى تولۇقلايدۇ ، كۆزنى رۇشەنلەشتۇردۇ ، ئىسسىقلىنى پەسەيتىپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، تولغاقنى توختىتىدۇ ، چوڭ تەرەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ ، يەل ھەيدەيدۇ ، بەلغەمنى بوشتىدۇ ، ياللۇغ قايتۇىدۇ ، ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، قاندىكى ماينى پارچىلاپ ئارنېرىينىڭ بۇتقىسمان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئۇ يەنە قان شېكەرنى تۆۋەنلىتىش ، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ، راكقا قارشى تۇرۇش ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشتەك روللارغىمۇ ئىگە . شۇ سەۋپلىك دۇنيادىكى نورغۇن مىللەتلەر ئۆزلىرى ياشىغان جايلارنىڭ تەبىئى مۇھىيتى ۋە مىزاجىغا ماس كېلىدىغان ھەرخىل ئۆسۈملۈك ، گۈل - گىياھلار ، مېۋە - چېۋىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مېغىزلىرىدىن ئوخشىمىغان چايلارنى ياساپ ، ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدكى چاي ئاتالغۇسى ئوقۇم دائىرىسىدىن ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەنىنى ئاڭلىتىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرى تار مەنىدىكى چاي ئوقۇمى بولۇپ ، بىرىنچىدىن ، چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇردىغان چاتقال ئۆسۈملۈكلەرنى ؛ ئىككىنچدىن ، چاي دەرخىنىڭ يوپۇرمىقى ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەردىن ئشلەنگەن ھەرخىل قورۇق چايلارنى ؛ ئۈچىنچىدىن ، قورۇق چاي ياكى باشقا ئۆسۈملۈك - خۇرۇچلاردىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدۇ .كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئۇ چايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئۆرپ - ئادەت ، پائالىتيەتلەرگە ، جۈملىدىن چاي مەدەنىيتى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ . ( 2 )
بىزنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەقىللىق ، ئىجاتكار ئاتا - بوۋىللىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، بىر قاتار ئىختىرالارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك بىر مىسالى سۇ ، تۇپراق ، ئوت ، ھاۋادىن ئىبارەت تۆت زات قارىشىدىن ئىبارەت .
سۇ بولغاچقا ، بۇ دۇنيا تىرىك ، پاكىز ھەم گۈزەل . دۇنيادىكى بارلىق ھاياتلىق ، مەدەنىيەت سۇ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ، ئادەم بەدىننىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى سۇ تەشكىل قىلىدۇ . ئادەم تېنىگە كېرەكلىك ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ۋىتامىنلار سۇنىڭ ۋاستىسىدە ھەرقايسى ئورگانىزىملارغا يېتىپ بارىدۇ . بەدەندىكى كېرەكسىز ، زەھەرلىك ماددىلارمۇ ئوخشاشلا سۇنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ .
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق بەدەنگە سۇ ۋە ئوزۇقلىق تولۇقلاش ئادەتلىرى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ ، يەنە ھەرخىل جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن ھەرقايسى مىىللەتلەر ئۆزلىرىگە خاس بولغان يېمەك - ئىچمىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىچىملىكلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . شۇڭا ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ ھەرخل ئۆسۈملىك ۋە گۈل - گىياھلاردىن ياسالغان چايلارنى ئىستېمال قىلىپ ، ئۇلارنىڭ پايدىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىگىلەپ ۋە قىممىتىنى تەدرىجىي تونۇپ يېتىپ ئۆزگىچە چاي مەدەنىيتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەقىياتنىڭ مەھسۇلىدۇر ، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەۋىرلەردە تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئۇزۇقلۇق ، كالا - قوي سۈتلىرىنى ئىچىملىك قىلغان ، ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بارلىققا كەلگندىن كېيىن ، ئۇلاردا قوشۇمچە ئوۋچىلىق ، ۋە چارۋا - مال بېقىش ۋە سۈت ئىچىش ئادىتى داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن نوپۇسنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشى ئارقىسىدا ئىچىملىككە بولغان ئېھتىياجىنى سۈت ئارقىلىق قامداش مۇمكىن بولمىغان . ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيتى داۋامىدا پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ سىڭىشلىك ، تەملىك بولىدىغانلىقىنى ، قاينىتىلغان سۇ ۋە سۈتنىڭ سوغۇق سۇ ھەم خام سۈتكە قارغاندا ، بەدەننىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەرخىل ئاشلىقلار ، ياغلىق دانلار ، گۆشلەر ، مېۋە - چېۋىلەر ۋە ئوت - چۆپلەرنىڭ تەمى - خوسۇسىيەتلىرنىڭ پەرىقلىق بولىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق بولۇشتىن تاشقىرى ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ، تاماق سىڭدۈرۈش ، ھارغىنلىقنى يېنىكلىتىش ، روھى كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈنۈمىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىغان . نەتىجىدە ئۇلار ئۆز تۇپىرىقىدىن چىقىدىغان شىپالىق ئۈنۈمى يوقىرى بولغان ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى مەقسەتلىك ھالدا سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن .
ھەممىمىزگە ئايان ، شىنجاڭ قىممەت باھالىق ئۆسۈملۈكلەرگە باي بىر گۆھەر زېمىن . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تاغلىرىدا ، دەريا ۋادىلىرىدا ، چۆل باياۋانلىرىدا قىممەت باھالىق قار لەيلىسى ، قىزىل كۆكمارال ، قىزىلگۈل ، بادرەنجى بۇيا ، دالا ، چاي ، زەپە ، ئالقات ، ئېگىر ، زىرە ، ئارپىبەدىيان ، سوغۇرگۈل قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ .
مىلادىيە 659 - يىلى تاڭ سولالىسى تەرپىدىن تۈزۈلگەن «يېڭىدىن رەتلەنگەن دۇرىلار قامۇسى» ناملىق ئەسەرگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان بىر يۈز ئون تۆت خىل دورا ۋە ئۆسۈملۈك ۋە دورا تونۇشتۇرۇلغان .
چىن ، خەن سولالىلىرى دەۋىرىدىن باشلاپ ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چىقىدىغان چايلارنىمۇ رايونىمىزغا كىرگۈزگەن . مىلادىيە 5 - 8 - ئەسىرلەرگە ئائىت مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشچە ، شۇ دەۋىرلەردە چاي ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر تەرپىدىن كۆپلەپ سېتىۋېلىنغان . ئوتتۇرا ئەسەرلەردە يېزىلغان «پەڭ چىجىنىڭ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىنىڭ بايانى» نامىلىق ئەسەرنىڭ 6 - بابىدا «ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم جوڭگۇ خاقانىنىڭ سارىيىغا كەلگەندە ، ئېسىل ئاتلىرىنى چايغا ئالماشتۇرۇپ كېتەتتى» دەپ يېزىلغان . تاڭ سولالىسى دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆپلىگەن سودىگەرلەر چاڭئەن شەھەرگە بېرىپ ، چاي دۇكانلىرىنى ئېچىپ ، جوڭگۇنىڭ ئېكىسپۇرت قىلىندىغان چايلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆز قوللىرىغا كىرگۈزۈۋالغان . سۇي ، تاڭ دەۋىرلەرىگە كەلگەندە ، رايۇنىمىزغا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كىرگۈزۈلگەن چايلارنىڭ تۈرى كۆپەيگەن . 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ، ئورخۇن ئويغۇر خانلىقى تاڭ سولالىسنىڭ يىپەك ، چاي قاتارلىق بويۇملىرىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى بولغان . ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭىدىن كېيىن تاڭ سولالىسى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرسىدىكى ھەرخىل يىپەك ، ئات ، چاي سودىسى تېخىمۇ جانلانغان . سودىغا ماھىر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشقان يىپەك ، چاي ۋە ئۆز توپرىقىدىن چىققان ئات ، تېرە ، مېۋە - چېۋە ، خۇش پۇراقلىق ئۈسۈملۈك ماتېرياللىرىنى باشقا جايلارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىپ ، چاي سودىسنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان .
19 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىغا كەلگەندە شىنجاڭدىن روسىيەگە چىقىرىلغان ماللار ئىچىدە چاي توقسان پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن . بۇ خىل ئەھۋال تاكى 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان .
دېمەك ، ئەجدادلىرىمىز ئۆز توپرىقىدا ئۆسىدىغان ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ ، ئولارنى ئۆز مىللىي تېبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ھەم چايلىق ، ھەم شىپالىق رولىغا ئىگە ھەر خىل ئىچىملىك - چايلارنى ياساپ ئستېمال قىلغان . نەتىجىدە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا يېڭى بىر مەدەنىيەت - چاي مەدەنىيتى شەكىللەنگەن ۋە بارا - بارا مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن . يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتىگە ئائىت تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى :
بىرىنجى ، ئارخېئولوگىىيىلىك تېپىندىلار بىلەن خەنزۇ تىلىدا يېزلغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق كىتاپلاردىكى تارىخى بايانلارمۇ ئۇيغۇرلاردا چاي مەدەنىيتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئارخېئولۇگلار تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئاستانە قەدىمىي قەبىرىستانلىقىدا بىر قىسىم قەبرىلەرنى قېزىش جەريانىدا 187 - نومۇرلۇق قەبرىدىن چاي سۇنىۋاتقان ئاياللارنىڭ رەسمىي سىزىلغان بىر پارچە يىپەك رەخىت تاپقان . جوڭگۇ ئالىملىرى ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق بۇ رەسىمنى 7 - ئەسەرگە تەئەللۇق دەپ بېكىتكەن . شۇ ئاستانە ئارخېئولوگلار 7 - ئەسەردە تۇرپاندا چاي بىلەن مېمان كۈتۈش ئادىتى بولغان دېگەن كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
«يىپەك يولىدىكى سودا تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ 496 - بېتىدە يەنە : «تاڭ سولالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردا چاي ئېچىش ئادىتى بار ئىدى» دەپ قەيت قىلىنغان .
خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن مەلۇم بولىشىچە ، تاڭ سولالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار كۆپرەك گۆشلۈك ۋە ياغ تەركىبى يوقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان ، سۈت قوشۇپ تەييارلانغان چاي دەملىمىسى (ئەتكانچاي - ئا) ئەنە شۇ تائاملارنى ھەزىم قىلىشتا ، ئورگانىزىملارغا يىغىلىپ قالغان ماي ، كېرەكسىز ماددىلارنى پارچىلاپ ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان . ھەقىقىتەن ئۇيغۇرلاردا سۈت بىلەن چاي ئېچىش كەڭ تارقالغان بولۇپ ، بۇنداق چاي ئۇلارنىڭ تىلىدا «ئەتكەنچاي» دەپ ئاتالغان .
ئىككىنجى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى چايسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس . مەشرەپ خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر ئۆرۈپ - ئادەت ، ئەخلاق ۋە سەنئەت مەكتىپى . مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەرنىڭ 1 - توم ، 593 - بېتىدە « sugdiq » دېگەن سۆزنى : «قاتار بەزمە ، قىلىش كۈنلىرى دوستلار ئارا نۆۋەت بىلەن بولىدىغان مەشرەپ» دەپ ئىزاھلايدۇ . دېمەك ، ئەجدادلىرىمىز قارخانىيلار دەۋرىدىن بۇرۇنلا مەشرەپ ئويناپ كەلگەن . دولانلىقلاردا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەشرەپلەردە ئاللا ، ئاللا دەپ توۋلاشلار ، مەشرەپ ئۇسسۇلدىكى ئوۋچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار مەشرەپ تارىخىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىكەنلىكىنى يۇرتىپ بېرىدۇ . ئەنە شۇ مەشرەپلەردە قىز - يىگىتلەر ئۆز - ئارا چاي تۇتۇشۇپ مەشرەپ بېتلەرنى ئېيتىدۇ ، بۇ ئادەت تاكى بۈگۈنگىچە مەۋجۇت . بۇ چاي مەدەنىيتىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
ئۈچۈنچى «قۇتاغۇ بىلىك» تىكى تۆۋەندىكى مىسرالارمۇ بىزنىڭ چاي مەدەنىيتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك : 4620 . كىشى مەن دېگۈچە ئادەم بالىسى ،
كېرەك بىلسە ئىسسق - سوغۇق قايسى
4621 . مىزاجىغا ياققاننى بىلىپ يېگۈلۈك ،
مىزاجىغا ياقمىسا ، ئۇنى قويغۇلۇق .
4622 . سوغۇقلۇقنى ئىچ ئاشىسا ئىسسىق ئەگەر ،
سوغۇقلۇقنى ئەگەر ئاشسا ئىسسىق تۈزەر .
4624 . ياشىڭ قىرىقتىن ئېشىپ ، كۈن ، ئاي بولسا كۈز ،
ئىسسىق نەرسە بىرلە مىزاجىڭنى تۈز .
4625 . يېشىڭ بولسا ئاتمىش ، ۋاختىڭ بولسا قىش ،
ئىسسىقلىق قىل ، تۇتما سوغۇقلۇقنى ئەش .
گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى مىسرالاردىكى چاي ئىچىش مەسلىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئادەم ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندا ، ئۆزىگە ئىسسىقلىق مىقدارى يوقىرى يېمەكلىكلەردىن ، يەنە بىرى تەبىىئىتى ئىسسىق ئۆسۈملۈكلەردىن دەملەنگەن چايدىن كېلىدۇ . بۇ نوقتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ يېمەكلىك ۋە چاي ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . بۈگۈنكى دەۋەردىمۇ ئۇيغۇرلاردا مىجەزى ئىسسىق بولۇش تەن ساقلىقىنىڭ ، ئوغۇل بالىلىقنىڭ ۋە كۈچتۈڭگۈرلۈكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ . شۇڭا ، ئۇيغۇرلار مەيلى شەھەردە بولسۇن ، مەيلى يېزا - قىشلاقلاردا بولسۇن ، بەدەنگە ئىسسىقلىق كەلتۈردىغان چايلارنى ئەتىۋارلاپ ئىستېمال قىلىدۇ . بۇ نوقتا ئۇيغۇر چاي مەدەنەيىتىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
تۆتىنجى ، يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ھەكىمى سۇلتان ئەلى تەرپىدىن 1520 - 1533 - يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان «دەستۇرۇل - ئىلاج» («داۋالاش دەستۇرى») ناملىق تىبابەتچىلىق ئەسەردە «قىش كۈنى ئىسسىق ئىچىش ، ياز كۈنى سوغۇق ئىچىش كېرەك ، بەدىيان ئۇرۇقى سۈينى ۋە بەدىيان كۆكىنىڭ سۈينى ئىچسە تەشنالىقنى پەسەيتىدۇ» دەپ يېزىلغان . بۇنىڭدىن خەلقىمىزدە بۇرۇندىن باشلاپلا قىشتا ئىسسىق ، يازدا سوغۇق چاي ئىچىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ چاينى پەسىل ۋە ھاۋا كىلىماتىغا قاراپ ئىلمىي ئۇسسۇلدا ئىستېمال قىلشتا ئادەتلەنگەنلىكىنى دەلىللەيدۇ .
بەشىنجى ، خوجىلار دەۋرىدە ياشىغان تەرەققىيپەرۋەر ، ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر شائىرى ۋە ئالتە شەھەر خانلىقىنىڭ خانى خوجا جاھان (ياقۇپ) ئەرشىي (1685 - 1756) «دىۋانى ئەرشىي» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا بىزگە ئۇيغۇر چاي مەدەنىيتىگە ئائىت تۆۋەندىكىدەك قىممەتلىك مىسرالارنى قالدۇرۇپ كەتكەن : بۇ شىۋەنى مەنزۇر تۆت ، ئەي يارى نەدىم ،
كۆرگىل بۇ نەچچە نىئىمەت ئەزىمايى ئەزىم .
قىسمەت ئاڭا ئەيلەپ ئېرمىش ئول ھەييى قەدىم .
چىنە بىلەن چاي ، چايجۇش ، چىلىم
. يۇقىرقى مىسلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان چىنە ، چاي ، چۆگۈن قاتارلىقلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان . بۇ ئەجدالىرىمىزنىڭ چاي مەدەنىيتى ھەققىدە بەلگىلىك ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .
ئالتىنچى ، «شەرىق مۇزىكا مەدەنىيتىدىكى مۆجىىزە» دەپ ئالاھىدە تەرىپلەنگەن ، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئى قامۇس - ئۇيغۇر كىلاسىك ئون ئىككى موقامنىڭ بىرى بولغان «چەھەرگاھ» مۇقامنىڭ مەشرەپ قىسمىغا كىرگۈزلگەن تېكىستلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتىگە ماس ھالدا بىر يۈرۈش چاي سايمانلىرى بارلىققا كەلگەن . بولاردىن مۇھىملىرى : چاي خالتىسى (چايپەش) ، چەينەكپاي (چەينەكنىڭ ئاستىغا قويۇلدىغان تەگلىك) . چاي تۇتقۇ ساپال قاچا (ھېجىر) ، چاي چۆچىكى (چارى - خوتەن دىئالېكتىدا) ، پەتنۇس ، نوگاي قاتارلىقلار .
قەشقەر ، خوتەن ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى مۇزېيلاردا ، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكلور مۇزېيدا ساقلانماقتا . ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى ، تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان مىلادىيە 6 - 7 - ئەسەرگە ئائىت ياغاچ قوتا ، 1995 - يىلى لوپنۇردىن تېپىلغان مىلادىيدىن بورۇنقى 3 - 5 - ئەسىرگە ئائىت ياغاچ قۇتا ، پىچاننىڭ تۇيۇقتىن تېپىلغان مىلادىيە 8 -9 - ئەسرگە ئائىت رەڭلىك ياغاچ قۇتلارنىڭ شەكلى ھازىرقى چاي قۇتىللىرىغا ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ ، بولار ئەنە شۇ ئەجدادلىرىمىز ئۆز دەۋرىدە ئىشلەتكەن چاي قوتىلىرنىڭ ئۈلگىلىرىدۇر .
سەككىزىنجى ، خۇددى كۇڭزى : «ئىسىم ئىگىسىدىن كېلۇر» دېگىنىدەك ئۇيغۇرلار تارىختا چاي مەدەنىيتىنىڭ دالالەت بەرگۈچى خاسىيەتلىك يەر - جاي ناملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . مەسلەن ، چاي بازىرى مەھەلىسى ، چايچاز جىلغىسى ، چايئون كەنتى ، چايخالتا كارىزى ، چايخانا كەنتى ، چايلار كەنتى ، چايلىق قاتارلىقلار .