« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 1654 قېتىم كۆرۈلدى
muhterjan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25388
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 201 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە



قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە
 
(ھېكايە)
 
     
مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭايغانچە رېئاللىق تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. قورسىقىم بەك ئاچاتتى، دەرس سائىتى توشۇپ بولغىچە قورساق ئالدىرىتىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە چولا، نەپسىم موما-سەي.. كوكا-كولانى تارتىپلا تۇراتتى. ياتاققا كىرىپلا زېرىكىشلىك كىتابلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاشخانىغا چاپاتتىم، قىزلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىمۇ تاماققا تاقىلدايتتى، بىزنىڭمۇ شۇنداق. ھېسسىيات دېگەن قورساق تويغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىغان نەرسە. قورسىقىم تويغاندا ئاندىن قىزلارغا سەپسېلىشقا باشلايتتىم، كۆزۈم ئوغۇللارنى پەقەت كۆرمەيتتى. كىم ئاقسا، كىم بىچارە... بەرىبىر ئىدى. ھەممىسىنىڭ خىيالى مەندەك، ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەندەك ئىدى، قىزىقتۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ئاشۇ رەڭگارەڭ قىزلار ئىدى. گۈزەللەرنىڭ بوينى،  بېلى، ساغرىسى خۇنۇك ھېسسىياتلىرىمنى چاقنىتىۋېتەتتى. كىنوغا، تانسىغا ئامراق ئىدىم، شۇ يەردىمۇ قىزلار بار ئىدى، غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەردەك توپ-توپ قىزلار مەيلىمنى شۇنچىلىك تارتىپ تۇراتتىكى، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلانغاندەك قاراپ تۇراتتىم. مەكتەپتىكى ھەقىقىي چىملىق ۋە گۇلزارلىق، ئەڭ ھاياجانلىق مەنزىرە يەنىلا قىزلار ئىدى. تانسىخانىدىكى قىزلار ئېتىزلىقتىكى يۇمران گۈل-چېچەكلەرگە ئوخشايتتى، ھەممىسى ئەمەس، كۆپلىرى غۇنچىسى تۆكۈلگەن، غولى قالغان ياۋا گۈللەر ئىدى، قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ئەمما تۈۋىدىن سېسىپ چىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق. ئوغۇللار_ يىلىكى قاتمىغان ئەركەكلەر تانسىخانىغا كىرسە قارنى ئاچ موزاي-توپاقلاردەك تاقىلداپ كېتەتتى، پۇشۇلدايتتى، كۆزلىرى تويمايتتى، راسىتىنى ئېيتقاندا نەپسى تويمايتتى، قايسىسى گۈل، قايسىسى تىكەن، قايسىسى سېسىغان ئوت-چۆپ، ئىلغىماي يەيتتى.  مۇئەللىم نەدە، دەرس نەدە، كەلگۈسى غايە نەدە... كۆتەر قاسقاننى، كىم كۆردى ئۇيغۇردىن ئالەمشۇمۇل ئالىم بولغاننى، پەقەت كۆرۈۋاتىمىز زالىم بولغاننى. ھەممىسى بېسىم، ھەممىسى مۇشەققەت. پەقەت مۇشۇ دۆت قىزلارلا كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزىدۇ، ھەممىسى پوكانغا لايىق ئىشرەت ئالمىلىرى، پۇراپ باقىمىز، چىشلەپ باقىمىز، تاشلايمىز. ئۇلارنى يەنە بىر كىم تېرىۋالىدۇ. ... تانسىخانا چىراغلىرىدەك مەستخۇش ئايلىنىۋاتقان باشتا ھەۋەس قاينايدۇ.
   مەن ھاكاۋۇر قىزلارغا يولۇقتۇم، رەت قىلىندىم، چىرايلىقنىڭ ھېچقايسىسى قوپمىدى، غۇرۇرۇم سۇندى،  ھەممىسىنى تىللىدىم. سىنىپتىكى قىزلارنى ئېلىپ كىرىش خوشياقمايتتى، ئېلىپ كىرسەڭ تانسا تۈگىگىچە شۇنىڭ بىلەنلا ئوينايدىغان گەپ، بۇنىڭدىن زېرىكىشلىك ئىش بارمۇ جاھاندا! بىرەرسىگە مەيلىڭ بولسىغۇ كاشكى...
      مۇھەببەتنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى. باشلانغۇچنى يەسلى بالىلىرىنىڭ،  تولۇقسىزنى  باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ، تولۇق ئوتتۇرىنى تولۇقسىزدىكى شوركىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىدە تۈگەتتۇق، كاللا خام قاپاق قالدى، ئاڭ تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرۇپ قالدى. ئالىي مەكتەپكە  ئۆتۈپلا  كاللام ئىشلەشتىن توختاپ قالدى، ئەقىلدىن ھېسسىياتىم ئارتىپ كەتتى، دىققىتىمنى كىتاب ئەمەس، قىزلار تارتىپ كەتتى. ئۆزەمگە تەسەللىي بەردىم؛ نەچچە ۋاقىتتىن ئۆگەندىم، چارچىدىم، بۇنىڭ ئاچچىقىنى چىقارمىسام بولامدۇ؟ «ئۆزەڭگە بېسىم قىلىپ نېمە قىلىسەن، ئوينىمامسەن؟» دەيتتى چوڭ سىنىپتىكى ئويۇنچىلار. ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق ئوينايدىغانلىقىنى دوراپ بولالمىدۇق، ئىچىپ-چېكىپ، توپ تېپىپ، مۇشتلىشىپ ئويناش ئويناش ئەمەس، قىزلارنى ئويناش ھەقىقىي ئويناش ھېسابلىناتتى.  ھارامتاماقلار، قاپىقىنىڭ بېزى بارلار، بۇرتلۇقلار، مەيدىسىدە تۈكى بارلار، بېلىدە كۈچى بارلار كۈچ-قۇۋۋىتى زايە كېتىۋاتقان پالۋانلاردەك ئاھ ئۇرۇشۇپ، كارىۋاتلىرىدا كېسەلدەك تۈگۈلۈپ يېتىشاتتى.
   ئىشلەتمىگەن كاللا تانسىخانىدىكى چىراغدەك بىر ئىزىدا پىقىراپ ئايلىنىۋېرەتتى؛  ئەتراپ زامانىۋى جاڭگاللىق ئىدى،  «پادىلار» توپ-توپ ئوتلايتتى، بىر-بىرىگە چېىپىلاتتى، يەم تالىشىپ بەسلىشەتتى.  بۇ يەردە مەن نېمىگە ھەمراھ، ماڭا نېمە ھەمراھ؟  سويۇق قىزلار، شەكىللىك قىزلار بەدىنىمگە تەگدى، ھېسسىياتىمنى بىر لەھزە سويۇلدۇرۇپ ئېقىپ كەتتى.   كۆپۈكتەك ئىززەت-غۇرۇر، مازغاپتەك ئېتىلدى، يوقالدى. 
  تانسىخانىدىن چىقىپ قىزلار ياتىقىنىڭ يېنىدىن  ئۆتتۈم.  سىنىپىمىزدا ئەسلىگۈدەك بىرەر چىرايلىقنىڭ تايىنى يوق ئىدى. باشقا سىنىپتىكى بالىلار تېخى بىزنىڭ سىنىپتىكى قىزلارنى چىرايلىق دېيىشەتتى، سەنلەر جىم تۇرۇشساڭ بىز چاچرايمىز دەپ پو ئېتىشاتتى. سويۇق گۇيلار چاچرىغىلى ئاران تۇراتتى. بىر سىنىپتا بولغان بىلەن ئۇ قىزلار بىزنىڭ خوتۇنلىرىمىزمىدى؟ نېمە قىلىشساڭ قىلىشمامسەن دەيتتۇق.   ناتونۇش قىزلار ناتونۇشلۇقى بىلەن چىرايلىق ئىدى. كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقى پەقەت بىلىنمەيتتى، ھەتتا زېرىكەتتىم. خوتۇن ئېلىپ قالساممۇ، شۇ بىر چىراينى نەچچە يىل كۆرۈپ زېرىكىدىغانلىقىمنى ئالدىن ئويلاپ يەتكەنىدىم. مېنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىم مۇشۇنچىلىكلا ئىدى.

   بىزنىڭ سىنىپتىكى قىزلارنىڭ ياتىقى يورۇق ئىدى، چىراغلار پەقەت ئۇلارنىڭ پەرداز قىلىشى ئۈچۈنلا يورۇق تۇراتتى. چىراغ سائەت 11 دە ئۆچۈرۈلۈشى بىلەن تەڭلا  8 قىز  بەلكىم ئوغۇللارنىڭ پارىڭىنى قىلىشقا باشلايتتى، سۆزلەپ ھارمايتتى، زېرىكمەيتتى.

شۇ تاپتا بىرسى مېنىڭ ئۈستۈمدە غەيۋەت قىلىشقا باشلىغان بولۇشى ئېھتىمال.
_ مۇشۇ مۇختەرنى دەيمەن، ھەر شەنبە تانسىدىن قالمايدىكەن.
_ مۇھەببىتى بولمىغاندىكىن شۇ -دە بىچارە...
_ بىرەرسىمىزنى تانسىغا كىرىلى دەپمۇ قويمايدىغۇ ئۇ نېمە.
_ جۈرئىتى يوق، پۇلى يوق، نوچىلىقى يوق، ھېچنېمىسى يوق.
_ شۇڭا ھالى يوق سەتلەرنى پوكىنىغا بېسىشقا ئالدىرايدۇ.
_ ھوزۇرلىنالامدىغاندۇ؟
_ ۋاي تاڭ، ئۆزىدىن سورا.
_ ئۇنى دېسەڭ بىزنىڭ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى شۇ. گومۇشلارنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ سىنىپقا ئەكىرىپ قويغاندەكلا...
  قىزلار  مەندىن ئاتلاپ سىنىپىمىزدىكى باشقا ئوغۇللارنىمۇ چىشلەپ تارتىشقا باشلىغاندا غەيۋەتتىن قۇتۇلىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. توساتتىن ئۇ ياتاقتىن بىنانى ئۆرۈۋەتكۈدەك قاتتىق كۈلكە ئاڭلاندى، بەش، ياق ئالتە قىز تەڭ كۈلگەندەك قىلاتتى. مېنى بىرسى كۆرۈپ قېلىپ مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتامدىكىن دەپ سىنچىلاپ قارىدىم، دېرىزىدىن بىرسى قارىغاندەك ئەمەس. خاتىرجەم بولۇپ يولۇمغا ماڭدىم. ئەمما بۇ كۈلكە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيتتى.  قىقاس-چوقانلىق بۇ كۈلكە يات جىنىسنىڭ ھەۋىسىنى ئۇرغۇتۇۋەتكۈدەك كۈچلۈك، دەھشەتلىك ئىدى.
    ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ كۈلكىنىڭ نېمە سەۋەبتىن پارتىلىغانلىقىنى بىلىش سەۋداسى ئىچىمگە كىرىۋالدى. سىنىپتىكى قىزلار ھېچقاچان ئۇنداق كۈلمىگەندەك خىيالىدا يوق يۈرۈشەتتى،  دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ-ئەسنەپ،  تەنەپپۇس ۋاقتىدا قىن-قىنىغا سىغماي كېتىشەتتى؛ ھەتتا پارتىغا بېشىنى قويۇۋالغان خىيالچان قىزلارمۇ لىق ھەسرەت ياكى ئارماننى ئىچىگە قاچىلىۋالغاندەك، ئېتىلاي-ئېتىلاي دەپ ئېتىلالماي تۇرغاندەك شارلاردەك كۆپۈپ،  ئۆزىنىڭ خىيال دۇنياسىدا يەڭگىل تەۋرىنىپ تۇرۇشاتتى؛ ئانىلىق بەلگىسى بولغان كۆكسىلىرى بىر قارىسا قول يەتكۈسىز، بىر قارىسا تۇتۇپلا زېدە  قىلىۋەتكىلى بولىدىغان ئالمىغا، ياق، سويمىغا ئوخشايتتى. مانا بۇ  قىزلار ئۈلۈشكۈن ئاخشام  قاتتىق كۈلگەن، كۈلكىدىن مۇشۇ  كۆكسىلىرىمۇ تەۋرىنىپ كېتىشكەنىدى.
    بۇنى بىرەرسىدىن ئۇدۇللا سورىغىلى بولمايتتى، بۇنى بىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن  مۇڭدىشالايدىغان بىر قىز بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ قىز بىلەن مۇڭدىشالىغۇدەك بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشۈم كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قايتا زەن سېلىشقا باشلىدىم. ھەر كۈنى ئارقا ئورۇندۇققا بېرىۋېلىپ قىزلارنى كۆزەتتىم، ئۇلارنىڭ چىرايى، مىجەزىنى كۆڭلۈمدە بىرمۇ بىر سۈرەتلەپ چىقتىم. ئەمما ھېچقايسىسىدا كۆڭۈل توختىتالمىدىم. مۇھەببەتنىڭ رەڭگى يەنە ئۆزگىرىپ كەتتى، ئۇلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىۋىدىم، ئادەتتە چىرايلىق كۆرۈنمەيدىغان قىزلارمۇ بۆلەكچە چىرايلىق، ساھىبجامال كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى. قەلبىمدىن ئېتىلغان مۇھەببەت نۇرى شۇ قىزلارنىڭ بەدىنىگە چۈشكەندە ئۇ قىزلار توزدەك رەڭ تۈزەپ، كۆزۈمنى ئالىچەكمەن قىلىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن،  جەزمەن شۇنداق بولدى. مانا بۇ يەككە مۇھەببەتنىڭ يىگانە قۇدرىتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەن بىچارە بولدۇم، چىرايلىقلار بىر-بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى، ئەسلىدىمۇ ئۇلار چىرايلىق ئىدى، گۈزەللىك پەقەت ئۇلارغا قانداق قاراش مەسىلىسى ئىكەن ئەمەسمۇ!   18 قەغەزگە 18 قىزنىڭ ئىسمىنى يېزىپ چەك تارتىپ باقتىم، قولۇمغا چىققان چەكتە ئەڭ چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئىسمى يېزىقلىق ئىدى. ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. قاراپ تۇرۇپ ئۆزەمنى ئۆزەم بىچارە قىلىپ قويغانىدىم.
   ئەڭ ئاخىرى ھەممىسىدىن ۋاز كەچتىم، ئەمما شۇ كۈلكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش قىزىقىشىم تېخى تۈگىمىگەنىدى. بۇنى ھەرگىز  ئەرزىمەس، بىنورمال قىزىقىش دەپ ئويلىمايتتىم. قىزلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى  ۋە ئېزىقتۇرۇشى شۇ كۈلكىدىن باشلاندىمۇ؟ نېمانچە قىلىپ كېتىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئەمما ئىچىمدە مەن بىلەن قېرىشىدىغان، ماڭا قىتىغۇرلۇق قىلىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى ۋە   ئىچىمدە پات-پات غەليان قوزغايتتى،  ئۇ كۈلكە قىزلار دۇنياسىنىڭ ئەسەبىيلىكى، ياتاقلىرىغا پاتماي قالغان قىقاس سادالىرى، سىنىپتا بىر خىل، ياتاقتا بىر خىل ياشاشلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى ئىدى.   ھاياتىمنىڭ مەنىسى، چېچىلاڭغۇ خىيالىمنىڭ باش ئۇچى، ئويلايدىغانلىرىم، قىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شۇ ياتاقنىڭ دېرىزىلىرىدىن كېلىدىغاندەك، شۇ ياققا ھەر كۈنى قارايتتىم، يەنە بىر كۈلكە ساداسى ئاڭلىنىپ قالىدىغاندەك قۇلاق سالاتتىم. ئەمما ئۇنداق كۈلكە ئىككىنچىلەپ ئاڭلانمىدى، بەلكىم ماڭا ئۇدۇل كەلمىدى.
      مەن بۇنداق ئۆتۈۋەرمەسلىكىمنى ، ھېچ بولمىغاندا شۇ ياتاقتىكى پاكار، سېمىز، يۇۋاش قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. بۇ ساۋاقدىشىم سىنىپ بويىچىمۇ كۆرۈمسىزرەك بولغاچقا باشقا قىزلاردەك بەك ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ كەتمەيتتى، تالا-تۈزىدە غىتىلداپ يۈرمەيتتى؛  بىرسى گەپ سورىمىغىچە ئالدىراپ  گەپ قىلمايتتى، ئوغۇللار ئۇنى نۆلگە چىقىرىۋەتكەندەك ئۇنىڭ گېپىنى پەقەت قىلىشمايتتى. ئەمما  بۇ ياشتىكى قىزلارنى سەت دېيىش ھەقىقىي گۈزەللىك قانۇنيىتىگە چۈشمەيتتى، 17، 18 ياشلاردىكى ھەر قانداق قىزنىڭ چىرايىدىن لىۋەنلىكى بالقىيتتى، بەدىنىدىن ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى، سەت دېيىلگەن قىزنىڭمۇ بىر يەرلىرى باشقىچە گۈزەل ئىدى. مەسىلەن، مەن نىشانلىغان قىزنىڭ كۆزى باشقىچە يېقىملىق، كۆكسى چوڭ ئىدى. بۇنى مەن بىرىنچى بولۇپ بايقىغان ۋە قەدىرلەشكە باشلىغانىدىم.  

     گۈزەللىك_ قانداق قاراش مەسىلىسى، مەن بۇ ئىشەنچىمدە چىڭ تۇردۇم. ئىككى ھەپتە قىزغىنلىق، سەمىمىيلىك كۆرسىتىپ ئۇ قىزغا يېقىنلاشتىم. قىز باشتا گۇمانلاندى، ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى؛  چىرايى ئۇنى شۇنداق گۇمانخور، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىلىۋەتكەنىدى؛ ئۇنىڭدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ بولالماي جىق تىركەشتىم. ئۇ ئاخىر قىزغىنلىقىم ۋە سەمىمىيلىكىمدىن تەسىرلەندى، مۇھەببەت قاينىمىغا كىرگەندىن كېيىن شوخلىشىپ، مەندىن ئايرىلالماسلا بولدى. مۇڭداشتۇق، شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقى كۈنى ئاخشىمى تانسىدىن يانغاندا ئاڭلىغان كۈلكىنىڭ ئىشىنى سورىدىم.
_  بىز ياتاقتا دائىم كۈلۈشىمىزغۇ... سىز قايسىسىنى دەيسىز.
مەن ئېسىمدە قالغان ئېنىق ۋاقىتنى دەپ بەردىم.
ئۇ دەسلەپتە تېڭىرقاپ، كېيىن تېزلا ئېسىگە ئالدى:
_ ھە... ئۇ ئاخشىمى مەنمۇ بار ئىدىم.
_  بەك سەت كۈلدۈڭلار، قۇلاق تۈۋىمدە ھازىرغىچە جاراڭلاپ تۇرىدۇ، نېمە ئىش بولغانىدى؟
_ ۋاي بولدىلا، بۇنىمۇ سوراپ يۈرەمسىز!
_ مەخپىيەتلىك ئىكەن-دە!
_مەخپىيەتلىكقۇ ئەمەس، سىزگە دەۋەرسەممۇ بولىدۇ. ئۇ ئاخشىمى ياتاقتىكىلەر ماڭا كۈلگەنىدى.
      شۇ ئان كاللامدا « بۇ قىز كۇسىرىنى تەتۈر كىيىۋالغان بولغىيمىدى؟» دېگەن سوئال تۇغۇلدى، لېكىن بۇمۇ چوڭ ئىش ئەمەس ئىدى.
 _  نېمىشقا؟ _ دېدىم مەن كوچىلاپ.
_ ئۇ كۈنى ماڭا بىر پارچە خەت كەلگەن دەڭا، ئىلگىرى ياخشى ئۆتكەن بالا ئىدى، ئايرىلىپ كەتسەك دەپتۇ. ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋالغىچە قىلمىغانلىرى قالمىغان، ئەمدى مېنىڭ ھېسسىياتىم بىلەن ئوينىشىپ ئۇ خەتنى يېزىپتۇ. كەچلىك ئۆگىنىشتىن قايتىپ كىرسەم كارىۋىتىمدا ئۇ خەت تۇرۇپتۇ، ئوقۇپ يىغلاپ ساپتىمەن، ئاندىن  شۇ خەتتە بۇرنۇمنى سۈرتۈپ « ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردى بۇ سولتەك ماڭقا» دەپتىمەن. يىغلىغىنىمغا قاراپ ئىچىدە كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان قىزلار بۇ گەپتىن ئۆزلىرىنى تۇتالماي  قاتتىق كۈلۈشتى.  ئارقىدىن مەنمۇ كۈلۈپ سالدىم. بولغان ئىش مۇشۇ...
  تۈگۈن يېشىلدى، ئەسلىدە شۇنچىلىك ئىش ئىكەن، شۇ ئان بۇ بودەك سۆيگۈنۈم كۆزۈمگە تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
  مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ئىلھامىم قايناپ تاشىدىغان، يېزىقچىلىق ھەۋىسىدە بىر نەرسىلەرنى جىجىلاپ باقىدىغان بولدۇم. بودەك مۇھەببىتىم ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولغان مۇھەببەت تارىخىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تولۇق ئوتتۇرىدا مەن يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن قىز _ ئاخىرقى كۈنلەردە مۇھەببەت خىېتىمنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ مازاق قىلىپ يۈرگەن قىز ئېسىمگە كېلىپ ئىچىمنى قاينىتىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى باش پىرسۇناژ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ(ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆتەلمىگەنىدى) ئۈرۈمچىگە يولغا سالدىم. ئۈرۈمچىدە ئۇ  بىر ئاقسا بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان،  شەھۋەت  قاينىمىغا كىرىپ كېتىپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان قىلىپ تەسۋىرلىدىم، گويا راستىنلا شۇنداق بولىدىغاندەك پىغان-ھەسرەت بىلەن پۈتۈن ھېسسىياتىمنى سىڭدۈرۈپ يازدىم. ئاندىن ئۇ ھېكايىنى بودەك مۇھەببىتىمگە كۆرۈپ بېقىشقا سۇندۇم، ئۇ ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كېتىپ ياتىقىدىكى باشقا قىزلارغا كۆرسىتىپتۇ.
    بىر كۈنى ئاخشىمى كەچلىك مۇزاكىرىدىن يانغىنىمدا بودەك مۇھەببىتىم مېنى «قىزلار سىز بىلەن پاراڭلاشساق دەيدۇ» دەپ، مەكتەپ سەيناسىدىكى چىملىققا ئېلىپ كەلدى.
  _ ھەجەر، سەن بىر دەم ھاۋا يەپ كەل..._ دېدى قىزلار مۇھەببىتىمنى كەتكۈزۈۋېتىپ.
 بۇ قىزلار مۇھەببىتىمنى ياتاقتىمۇ بەك باشقۇرسا كېرەك دەپ ئويلاپ بىئارام بولدۇم.
_ سىز ھېكايىڭىزدىكى ئۇ  قىز بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ؟-دېدى بىرسى.
_ يۈرۈپ باقمىغان. لېكىن ياخشى كۆرەتتىم.
_ قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق دەپ، شۇڭا ئۇ قىزنى بۇزۇققا چىقىرىۋېتىپسىز-دە!
بۇ گەپتىن ئېسەنكىرەپ قالدىم،  باشقا قىزلارمۇ گويا ئوخشاش پىكىرگە كەلگەندەك ئاچچىق بىلەن قاراپ تۇراتتى، بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلەيتتى:
 _ چىدىماس بىر بالىكەنسىز، شۇنداقمۇ يازامسىز؟ ھەممە قىزلار ئالىي مەكتەپكە بارسىلا مۇھەببەتلىشىپ بۇزۇلۇپ كېتەمدىكەن؟!
_ شۇنى دەيمەن، ئۇ  قىزدا نېمە گۇناھ، ھېلىقى ماز ئېشەكتە مەسىلە يوقما؟! سىزمۇ بەلكىم شۇنداق بولۇشنى ئويلايدىغانسىز؟
_ قىزلار شۇنچە ئاسان بۇزۇلۇپ كېتەمدىكەن؟
_ بەزى يەرلىرىنى ئۆزىگە ئوقۇپ بېرەيلى بولمىسا...
_ بولدى قىلايلى، ئۇنى يىرتىپلا تاشلىۋەتسەك بولمىدىمۇ؟
  _ نېمىنى؟!_ دېدىم مەن چۆچۈپ،_ مېنىڭ ئەمگىكىم ئۇ!
_ قىزلارنى ھاقارەتلەيدىغان بۇنداق بىر نېمىنى يازغىچە قىزلارنى كۈيلەيدىغان شېئىر يازساڭ بولمامدۇ؟_ دېدى بىرسى مېنى سەنلەپ. قالغانلارغىمۇ بولۇپ بەردى.
_ ئاڭلساق، سەن ھەجەرنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن جىق ئىلھاملارغا ئېرىشىدىكەنسەن. ئۇنىڭ بەدىنى ساڭا يەتمەمدا؟  ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغانلىرىڭغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن تاشلىۋەتمەكچى شۇنداقمۇ؟
_ ماڭا تۆھمەت قىلماڭلار؟_ دېدىم مەن ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ.
_ سېنى يۇۋاش دەپتۇق، ئەسلىدە ئىچىڭدە يىلان ماڭىدىكەن. ئەمدى بىلدۇق، سەن  ھەجەرنى مەقسەتلىك كەلتۈرۈۋاپتىكەنسەن. ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلاپ بىزنىمۇ سېسىتاي دەمسەن؟
_ ئىككى يۇۋاش تازا تېپىشىپتۇ دەپتىكەنمىز، ئەسلىدە ئىش باشقىچە ئىكەن.
_ ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلايلى قىزلار، دۈشمەن ئىچىمىزدىن چىقىدۇ.
_ ئادەمنىڭ ئەسكىسى يۇۋاشتىن چىقىدۇ دېسە ئىشەنمەپتىكەنمىز... توۋا.
   مەن تۇشمۇ تۇشتىن كېلىۋاتقان تىل-دەشناملاردىن ئۇجۇقۇپ، ئوڭ-سولۇمنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم.  بىر سىنىپتا بولغان بىلەن مەن قەتئىي چۈشەنمىگەن، چۈشەنگىلى بولمايدىغان بۇ قىزلار مېنى تىتماتالاڭ قىلغاننى ئاز دەپ ھېكايەمنى يىرتىپ يوق قىلىشتى. مەن ھەجەرگە «نېمىشقا ئۇنى باشقا قىزلارغا كۆرسىتىسىز» دەپ دوق قىلدىم، ئۇ  بۇنىڭغا چىدىمىدى،  مەندىن قايتا گۇمانلاندى، مەن بىلەن تولا سوقىشىدىغان، قېيداپ نەچچە كۈنلەپ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم. 
[ gvzal3.8 تەرپىدىن 2008-06-04 21:39 قايتا تەھرىرلەن ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى gvzal3.8 تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-06-04 .
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-06-04 19:50 [باش يازما]
 دىيارىم تور بېكىتى 2008- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان بارىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت تىلەيدۇ .
MIRAYID
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9571
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3519
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3519دانە
شۆھرەت: 1215 نۇمۇر
پۇل: 628 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :373(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم،
ما گەپنى كۆرۈڭ . 
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
                                . I am a student
| ۋاقتى : 2008-06-04 20:10 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
yusupqan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26146
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 162 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم،
ما گەپنى كۆرۈڭ .
ئالىي مەكتەپتە سىز ئۈگۈنىشنى ئالدىغا قۇيۇپ ئارقىدىن مۇھەببەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسىڭز
يۈرۈڭ .قارىماققا بۇ ھېكايىدە ئۈزىڭىزنى يازدىڭىزمۇ نىمە. مۇھەببەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
گېپىم ئېغىر كەتسە كەچۈرۈڭ.
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
مەن http://wapadarim.cn  نىڭ قۇرغۇچىسى 
| ۋاقتى : 2008-06-04 20:24 2 -قەۋەت
ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
turukzat.
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26698
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 236 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەكتەپتىكى مۇھەببەت ، خۇدايىمغا ئامانەت...........
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-06-04 20:24 3 -قەۋەت
kurax005
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30673
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە22دانە
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 187 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇلىدىغان ئەسەركەن ، بىراق سىز ھەي ،،،،،،،، ..... . .. . . . . ....بولدىلا....     
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
耐者必胜
| ۋاقتى : 2008-06-04 22:09 4 -قەۋەت
Chuxay
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17954
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 865
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە865دانە
شۆھرەت: 865 نۇمۇر
پۇل: 2631 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت تىمىڭىزغا..
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
| ۋاقتى : 2008-06-04 22:48 5 -قەۋەت
nakir
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31564
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي ئاداش خالىساڭ تۇنۇشۇپ قۇيايلى قانداق؟ ئەسىرىڭ ئۆزگىچە ئىكەن !511150693
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-05 00:31 6 -قەۋەت
nafisa01
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30882
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 121 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە تازا قاملاشمىغان تىما ئىكەن بۇ، مۇشۇنداق ئەسەرنىمۇ يوللاپ بىكار بوشلۇق ئىگەللىتىپ، ئەي مۇشۇ ۋاقىتلاردا نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ دەيمەن؟؟؟؟؟؟؟؟ مۇشۇ تىمىنى يازغىچە باشقىچىرەك تىما يوللىسىڭىز بولماسمىدى؟ ئىسىت مەن تېخى ئاخىرىدا ئىبرەتلىك سۆزلەر بولسا كىرەك دەپ تۈگىگىچە ئۇقۇپ كىتىپتىمەن تېخى! مۇشۇنى ئۇقۇغىلى كەتكەن ۋاقتىمغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ دەيمەن. بىز ياخشى نەرسىلەرنى ئۇقۇپ، كۆرۈپ، ئاڭلاپ پايدىلىنىمىز دەپ تورغا چىقمىساق نىمە قىلىشقا چىقىمىز؟ كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا كەچۈرەسىز .بۇنىڭدىن كىيىن ياخشىراق مەزمۇندا تىما يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-05 00:36 7 -قەۋەت
nabida
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31330
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە تازا قاملاشمىغان تىما ئىكەن بۇ، مۇشۇنداق ئەسەرنىمۇ يوللاپ بىكار بوشلۇق ئىگەللىتىپ، ئەي مۇشۇ ۋاقىتلاردا نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ دەيمەن؟؟؟؟؟؟؟؟ مۇشۇ تىمىنى يازغىچە باشقىچىرەك تىما يوللىسىڭىز بولماسمىدى؟ ئىسىت مەن تېخى ئاخىرىدا ئىبرەتلىك سۆزلەر بولسا كىرەك دەپ تۈگىگىچە ئۇقۇپ كىتىپتىمەن تېخى! مۇشۇنى ئۇقۇغىلى كەتكەن ۋاقتىمغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ دەيمەن. بىز ياخشى نەرسىلەرنى ئۇقۇپ، كۆرۈپ، ئاڭلاپ پايدىلىنىمىز دەپ تورغا چىقمىساق نىمە قىلىشقا چىقىمىز؟ كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا كەچۈرەسىز .بۇنىڭدىن كىيىن ياخشىراق مەزمۇندا تىما يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.


有些人应尊重别人写的文章,无论他的写好看或不好看,他也在 写这些题目可能是很不容易的吧,01 我问你 :你会大


胆的写出来你的内心话题吗?我很驳斥你的意见,你应该学会尊重别人啦!!!!!!换个角度想想吧!!!!
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
| ۋاقتى : 2008-06-05 00:56 8 -قەۋەت
nabida
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31330
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

名字好听但真没水平!!!! nafisa01:你不喜欢不看或不屑意见罢了,干嘛泼凉水呀?
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-05 01:00 9 -قەۋەت
erkembiz
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31434
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 184 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يىزىپ سىز  ... 

  ئەڭ نادىر كىنو ، ئەڭ ۋەششىي كىنولار بۇيەردە..    http://www.erkem.biz
http://mtv.diyarim.com
ھەقسىز كىنوwww.erkem.bizئەڭ نادىر كىنوwww.jadiger.cn كىنو دۇنياسى www.arkem.cn ئەسقەرwww.askargreywolf.cn
| ۋاقتى : 2008-06-05 01:31 10 -قەۋەت
mb35
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31890
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

دوسلار ...
  ھەرقانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا تالانىتلىق بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇمكىن بولسىمۇ دەل ئۇنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىشىدا...
  خەقنى ئۇنداق يېزىپسەن..بۇنداق يېزىپسەن... دىمەي ئۈزىڭلار مۇ  بىرەر پارچە ئەسەر يېزىپ باققان بولساڭلار ...بىر ئاددى ھېكايە يېزىشنىڭ مۇ قانچىلىك تەسلىكىنى بىلىپ يىتەر ئىدىڭلار~!
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-05 02:12 11 -قەۋەت
xjmmtj
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30818
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە75دانە
شۆھرەت: 75 نۇمۇر
پۇل: 353 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

يەنىمۇ  تىرىشىڭ ، ئالى مەكتەپكە نىمشقا كەلگىنىڭلارنى كىملەرنىڭ سىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلىۋاتقانلىقىنى ،سىلەرنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرۇشۇڭلار  كېرەكلىكنى ئويلاڭلار ئالى مەكتەپ بالىلىرى ،بۇ بىر پۇرسەت ،پۇرسەت كەتتى ،ئاھ ،،،،،ھەممە كەتتى !! جىق سۆزلىمەي ،چىشىڭلارغا تېگىپ قويغان بولسام كەچۈرۇڭلار ،مەن ئاشۇنداق باشقىلارنىڭ غىېمىنى تولا يەيدىغان ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ قاپتىمەن!!!!
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-05 02:46 12 -قەۋەت
muhterjan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25388
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 201 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ھېكايىدىكى بالىنى ئاپتورنىڭ ئۆزى دەپ ئويلاپ قالماڭلار. كىم شۇنداق چۈشەنسە ئۇنىڭ ئەدەبىيات چۈشەنچىسى باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدە توختاپ قالغان بولىدۇ.
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-06-05 09:10 13 -قەۋەت
sinba
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28827
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 186 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

پەيزى ئويلاپ كەپتىكەنسىز!
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
| ۋاقتى : 2008-06-05 09:56 14 -قەۋەت
mynor
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31014
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 119 نۇمۇر
پۇل: 464 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر ھالدا بولۇپ قالىدكەن
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
| ۋاقتى : 2008-06-05 10:30 15 -قەۋەت
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3770
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3770دانە
شۆھرەت: 3619 نۇمۇر
پۇل: 11732 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :143(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇرمۇشنى يېزىپسىز . ياخشى ...
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
| ۋاقتى : 2008-06-05 11:51 16 -قەۋەت
yamgur5
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31485
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
پۇل: 220 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزگىچە يېزىش ئۇسلۇبى،ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئوي-خىياللىرى بىر تۈگمەس ھىكايىگە ئوخشايدۇ،لىكىن ئۇنى ئەينى يازالايدىغانلار كۆپ ئەمەس.
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
| ۋاقتى : 2008-06-05 12:17 17 -قەۋەت
bizuygur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 13543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
شۆھرەت: 53 نۇمۇر
پۇل: 225 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەكتەپيىكى مۇھەببەت شۇنچە شىرىن كارامەت دەسلەپ سۆيدۈرگەن بىلەن يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-05 12:29 18 -قەۋەت
turukzat.
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26698
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 236 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

خېلى ياخشى يىزىلغان ھىكايىكەن .....بەزىلەرگە يارىماي كىتىپتىغۇ ، ھەممە ئادەم بىرقلا يازغۇچى بۇلۇپ كەتمەيدۇ ....نىمشقمۇ باشقلارنى كەمستىدىغان گەپلەرنى قىلدىغانسىلە ........سىزگە يارمىغان بىلەن ياختۇرۇپ ئوقيدىغانلارمۇ كۆپ 
مەن بەك ياختۇردۇم ....تېىمنى يوللىغان بۇرادىرىمزگە رەھمەت ........
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-06-05 13:45 19 -قەۋەت
r_tulpar
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 277 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

يا ئۇيغۇرچە يازماپتۇ بەزىلەر پىكىرنى، يا يازغان خەنزۇچىسىنىڭ جۈملىلىرى باغلىنىشلىق ئەمەس؟ سىز زادى قايسى تىلدا ئوقۇغان؟
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
| ۋاقتى : 2008-06-05 15:47 20 -قەۋەت
Hanix
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4511
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 125
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە125دانە
شۆھرەت: 148 نۇمۇر
پۇل: 497 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا قولۇڭىزغا دەت بەرمىگەي مەنغۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغاب 
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
XuN~DaH~JaHaN~Bu
| ۋاقتى : 2008-06-05 16:58 21 -قەۋەت
adem118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31580
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىmb35نىڭ2008-06-05 02:12دە يوللىغان يازمىسى  :
دوسلار ...
   ھەرقانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا تالانىتلىق بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇمكىن بولسىمۇ دەل ئۇنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىشىدا...
   خەقنى ئۇنداق يېزىپسەن..بۇنداق يېزىپسەن... دىمەي ئۈزىڭلار مۇ   بىرەر پارچە ئەسەر يېزىپ باققان بولساڭلار ...بىر ئاددى ھېكايە يېزىشنىڭ مۇ قانچىلىك تەسلىكىنى بىلىپ يىتەر ئىدىڭلار~!

بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
ياشا ھەم ياشاشقا يول قوي!
| ۋاقتى : 2008-06-05 17:00 22 -قەۋەت
Hanix
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4511
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 125
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە125دانە
شۆھرەت: 148 نۇمۇر
پۇل: 497 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون20قەۋەتتىكىr_tulparنىڭ2008-06-05 15:47دە يوللىغان يازمىسى  :
يا ئۇيغۇرچە يازماپتۇ بەزىلەر پىكىرنى، يا يازغان خەنزۇچىسىنىڭ جۈملىلىرى باغلىنىشلىق ئەمەس؟ سىز زادى قايسى تىلدا ئوقۇغان؟

شۇندەيمەن  ھا  ھا  ھا ھا ھا
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
XuN~DaH~JaHaN~Bu
| ۋاقتى : 2008-06-05 17:00 23 -قەۋەت
adem118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31580
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

خەقنىڭ قاملاشمىغان تاقا تۇقا نەرسىلىرىنى زورلاپ داڭلايدىغان ئىش نەدە باركەن؟
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
ياشا ھەم ياشاشقا يول قوي!
| ۋاقتى : 2008-06-05 17:03 24 -قەۋەت
adem118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31580
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

يەرلىك ئەجنەبىيمۇ نىمە بەزىلەر؟
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
ياشا ھەم ياشاشقا يول قوي!
| ۋاقتى : 2008-06-05 17:07 25 -قەۋەت
abduboy
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31947
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئە ي ........مەن تازاچۇشھن
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-05 17:10 26 -قەۋەت
tartinqak
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 731
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە731دانە
شۆھرەت: 746 نۇمۇر
پۇل: 2436 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھا................ھا................
ھىكايىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىم~
دوسلارغا نەرى يارىمىغاندۇ؟
ھىكايىڭىزنى ئوقۇشنى  باشلاپلا ئالى مەكتەپ ھاياتىم كۆز ئالدىمغا كەلگەن.............
ئاۋۇ يىگىت ئالى مەكتەپتىكى،ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمدىكى ئوغۇل بالىغا ئوخشىمايدىغان، مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغان،بىر توقاي يىرىم خوتۇن ئەرلەرنى كۆز ئالدىغا  كەلتۈردى~
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-06-05 17:17 27 -قەۋەت
tartinqak
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 731
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە731دانە
شۆھرەت: 746 نۇمۇر
پۇل: 2436 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ~يەنە يىزىڭە~
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-05 17:18 28 -قەۋەت
dilyaz
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31248
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 228 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

خىلى ياخشى چىقىپتۇ ،لېكىن ئوقۇپ تۈگەتكۈچە كۆزۈمنىڭ ھىچ ھالى قالمىدى،خەتنى چوڭايتىپ قويغان بولسىڭىزچۇ .
ئەمدى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ خېتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە دىققەت قىلىڭ!
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-05 17:51 29 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 06-06 04:13
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation