بۇ بەتتىكى تېما: (ئەجرىم)تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 1022 قېتىم كۆرۈلدى
ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 14310
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1867
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1867دانە
شۆھرەت: 1875 نۇمۇر
پۇل: 1987 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :582(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (ئەجرىم)تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما chogluk تەرپىدىن تاقالدى(2008-06-04)
‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمى›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى



ئۆز مۇخبىرىمىز تاھىرجان ھامۇت خەۋىرى ، فوتوسى : 4–ئىيۇن ، ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچى ئاخبارات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى›› تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن زىيوڭلار قاتناشتى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .


يىغىندىن كۆرۈنۈش



يولداش تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت سۆز قىلماقتا


يىغىندا ، ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى›› تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت مۇھىم سۆز قىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن زىيوڭ ئاپتونوم رايون ئىچى سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى .



يولداش خەن زىيوڭ مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەكتە



مۇخبىرلار سۇئال سورىماقتا


‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى››— گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان ، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ ،دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا تاشقى مەدەنىيەت – سەنئەت ئالماشتۇرۇش سورۇنى . بۇ قېتىملىق ئۇسسۇل بايرىمىغا روسىيە ، مىسىر ، تۈركىيە ، ئېفىئوپىيە ، گرېتسىيە ، مېكسىكا قاتارلىق 9 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى ۋەدۆلەت ئىچىدىكى يوقىرى سەۋىيىلىك ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى قاتنىشىدۇ .
‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى›› نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى —‹‹تەڭرىتاغدا ئۇسسۇل ›› 8–ئىيۇن شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى ئۆي ئىچى زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ پائالىيەت 9–ئىيۇندىن17–ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، بايرام جەريانىدا شىنجاڭ خەلق سارىيى ، خەلق تىياتېرخانىسى قاتارلىق 10ئورۇندا جەمئىي 45 مەيدان ئويۇن قويۇلىدىكەن . شىنجاڭ ساھىبخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ‹‹قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن شىنجاڭ ›› ، ‹‹مۇقام باھارى›› ، ‹‹مۇز تاغدىن كەلگەن مېھمان›› قاتارلىق ئۈچ چوڭ تىپتىكى سەنئەت نومۇرلىرىدىن سىرت يەنە شىنجاڭ ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ئورۇندىغان ‹‹غەربىي دىيار ناخشىسى›› تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن .
18–ئىيۇن ،بۇ قېتىملىق بايرامىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن .

ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
مىللەت تۈزەلمىگىچە ،
              ئىللەت تۇزەلمەس !
| ۋاقتى : 2008-06-04 19:04 [باش يازما]
 دىيارىم تور بېكىتى 2008- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان بارىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت تىلەيدۇ .
altekin512
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 28834
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە113دانە
شۆھرەت: 123 نۇمۇر
پۇل: 566 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :105(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى خەۋەركەن!
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-06-04 19:08 1 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 06-06 06:24
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation