بۇ بەتتىكى تېما: [ئەتلەس] ئەرلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 425 قېتىم كۆرۈلدى
etlas
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28436
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە53دانە
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 797 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 [ئەتلەس] ئەرلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز

ئەرلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز


ئاياللارنىڭ خارلىنىشى ۋە باللىرىغا ئىگە بولماسلىق «مىھمان» بولۇپ كىرىشىدەك پاجىئەلەرگە كىملەر جاۋابكار؟! ئەجىبا، بۇ كىرزىستە يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەسئۇلىيىتى بارمىدۇ؟ ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق، دەپ كىممۇ مەيدە كېرىپ چىقالايدۇ؟
«جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى كۆرۈۋېتىپ، «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» ناملىق ماقالە ئىختىيارسىز دىقىتتىمنى تارتتى-دە، ئۇنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇپ چىقتىم. ماقالە بەخش ئەتكەن تەسىراتلىق تۇيغۇم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى كەلىمە سۆز قىلغۇم كەلدى.
ئانىلار ساپاسى ھەققىدە يېزىلغان نۇرغۇن ماقالىلار ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ئانىلارنىڭ ساپاسى مەسىلىسى - مىللەتنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ ھەممە تەرەپلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارالدى. ھەقىقەتەنمۇ <<مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا>> بولغاچقا، ئانىلار تەربىيىسىگە سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بىراق، مىللەتنىڭ تەقدىر يىپىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى ئەرلەر تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. ئەمما، بۈگۈنكى دەۋردە ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، مەسئۇلىيىتى، دادىلار ساپاسى ھەققىدە يازغۇچىلىرىمىز ئانچە توختالمىدى ياكى ئەرلەرنىڭ رولىغا سەل قارالدى.
بىزدە :<<ئەر رازى - خۇدا رازى>> دەيدىغان ماقال بار. بۇ، قارىماققا ئەرلەرنى ئەزىزلەش، ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلىدەك بىلىنسىمۇ، ماھىيەتتە مىللىتىمىز ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپلا ئەرلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى، جەمئىيەتتىكى رولى، ئېغىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئېغىر مەسئۇلىيىتى گەدىلەندۈرۈلگەن. ئەجدادلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپلا ئەرلەرنى قەدىرلەپ، ئۇلۇغلاپ كەلگەن. چۈنكى، قەدىمكى زامانلاردا دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، يۈرتىنى ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاپ ئائىلىنى قوغداش، ئۇرۇق-توغقان قېرىنداشلىرىنى خاتىرجەم ياشاش، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشتەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئەرلەر زىممىسىگە ئالغاچقا، ئۇلار ئائىلىنىڭ مۇقەددەس تۈۋرۈكى، جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى غول كۈچ سۈپىتىدە ئۇلۇغلانغان. شۇڭلاشقىمۇ بوۋاقلىرى ئوغۇل تۇغۇلغان ئائىلىلەر ئالەمچە ئۈمىت بىلەن چەكسىز شادلىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشقان. شۇنىڭغا يارىشا ئەرلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى، ئەرلىك ۋە دادىلىق بۇرچىنى، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇر تونۇپ تولۇقى بىلەن ئادا قىلغان. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ پەم-پاراسىتى،قەيسەر-باتۇرلۇقى، ۋاپادار-كۆيۈمچانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، باللىرىنى ئەتراپلىق تەربىيىگە ئىگە قىلىش، ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئەرلەرگە كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ياخشى يار-دىلرابا بولۇشنى بىردىنبىر بۇرچى ھېسابلاپ <<ئەر رازىلىقى>> ئۈچۈن ياشاشنى بەخت دەپ بىلگەن. بىزدە ئەرلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى ئىزچىل داۋاملىشىپ ھېلىمۇ ئۆز كۈچىنى يوقاتقىنى يوق. خەلقىمىز ئىچىدىكى << ئاتا قارغىشى ئوق، ئانا قارغىشى پوق>> دەيدىغان ماقالىمۇ ئەرلەرنى، دادىلارنى ھۆرمەتلەش جۈملىسىگە كىرىدۇ.
دەۋر ئۆزگەردى، قىز-ئاياللار فېئوداللىق بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلۇپ، نەچچە ئەسىر بېكىنمىچىلىكتە ياشىغان بۇرۇقتۇرما ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت يۈكلىگەن يۈكنى ئۆز-ئۆزىگە خوجا، مۇستەقىل ئادەم سۈپىتىدە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش كۆتۈرۈپ، ئەرلەرگە ھەمدەم بولۇپ جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزمۇ ئاياللارنىڭ ھەقىقىي مەنىدە ئازاد بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەقسىتىدە <<ئەر-ئايال باراۋەرلىكى>> نى تەشەببۇس قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغدىماقتا. دېمەك، <<ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار>> ئىدىيىسى كۈچىدىن قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتا. بۇنىڭلىق بىلەن پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئەرلەرنى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش، ئىززىتىنى قىلىش ئەنئەنىسى سۇسلاشقىنى يوق. بەلكى، ئاياللار دەۋرنىڭ قەدىمىگە ماس ھالدا، ئەرلىرىنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇشۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، باللىرىنى ياخشى تەربىيلەش، ئەرلىرىنىڭ شان-شەرەپ قۇچۇشى ئۈچۈن مەدەت بېرىش، يار-يۆلەك بولۇش بىلەن ئاياللىق پەزىلىتىنى يامايان قىلماقتا. دېمەك، <<مۇۋەپپقىيەت قازانغان ھەربىر ئەرنىڭ كەينىدە كۆيۈمچان بىر ئايال بار>> دېگەن گەپ بىكاردىن چىقمىغان.
جەمئىيەت تەرەققىياتى تېزلەشكەنسىرى، جەمئىيەتنىڭ كىشىلەرگە قويىدىغان تەلىپىمۇ كۈچىيىپ باردى. جەئىيەت بىلەن ماس قەدەم ئالالمىغانلار تەبئىي كۈچىيىپ باردى. جەمئىيەت بىلەن ماس قەدەم ئالالمىغانلار تەبئىي ھالدا رەھىمسىزلەرچە شاللاپ تاشلانغاچقا، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ جەمئىيەتنىڭ كەينىدە قالماسلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان قەلەم ئىگىلىرى ئاياللار تەربىيىسى، ساپاسى، ئاياللىق بۇرچى، ئانىلىق مەسئۇلىيەت ئېڭى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلىرىنى مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتى. زېرەك، ئەقىللىق ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ نەمۇنىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى بولمىش باللىرىنى ياخشى تەربىيلەشكە، ئەرلىرىگە ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزۈشكە، ئۆزىنىڭ ئانىلىق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشتى ھەم شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاياللىق نازاكىتى، ئاياللىق پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.
ئەمما، ئانىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان ياكى قىلالمىغان، ئاياللىق بۇرچىنى تونۇمىغان، قىزلىق ئەخلاق-پەزىلىتىنى يوقاتقان ناكەس ئاياللىرىمىزمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئاياللار ھەققىدىكى نەسىھەتلىك ئۈنچىلەر كۆپەيگەنسېرى بۈگۈنكى بەزى ئەرلىرىمىز ئىچىدە بىخۇتلۇق ئاۋۇپ كەتتى. ئەجداتلىرىمىز ۋە جەمئىيەت ئەرلەرگە يۈكلىگەن ئېغىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەلنى گۈللەندۈرۈش، ئاجىز-مەزلۇمە ھېسابلانغان ئاياللىرىغا مەسئۇل بولۇش، ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ باللىرىغا ئىگە بولۇشتەك مۇقەددەس بۇرچ تۇيغۇسى بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدە سوسلىشىپ كەتكەچكە جەمئىيەت ئەخلاقىدا بۇزۇلۇش ئامىللىرى مەۋجۇت بولدى. ئائىلىنى قوغداش، مۇستەھكەملەش، ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇغان بىر تۈركۈم بولۇمسىز، ھۇرۇن، شاللاق، ھەسەتخور، تەخسىكەش- خوشامەتچى، بېلى بوش، ئىرادىسىز ئەرلەر پەيدا بولۇپ، ئەرلەرنىڭ يۈكسەك ئوبرازىغا داغ تەگكۈزمەكتە. ئۇلار جەمئىيەتتە تېگىشلىك ئورنىنى تاپالمايلا قالماستىن ھەتتا ئائىلىگە ۋە جەمئىيەتكە يۈك بولماقتا. شۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئازابى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.
جەدۋەل تولدۇرۇشقا توغرا كەلگەن چاغلاردا، ئىمزا قويغاندا <<ئائىلە باشلىقى>> دېگەن كاتەكچە ئىچىگە ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىنى يېزىپ، ئەرلىك ئىمتىيازىنى نامايەن قىلغىنى بىلەن، ئائىلىسىدە خوتۇن-باللىرىنىڭ نېمە يەپ، نېمە كىيىشى بىلەن كارى بولماي، قىمار سورۇنلىرىدا پۇلنى بۇزۇپ چاچقان، ھاراق سورۇنلىرىدا خۇدىنى يوقاتقان <<بايۋەچچە>> لەرگە نېمە دېگۈلۈك؟ ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جاڭجاللىشىپ قېلىش سەۋەبلىك، قارا قىشنىڭ قارلىق سوغۇقىغا قارىماي ئايىغىنى سالدۇرۋېلىپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا، ئىلاجىسىزلىقتىن تۆت كىلومېتر يولنى يالاڭئاياغ مېڭىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغىچە پۇتلىرى ئۇششۇپ قالغان بىچارە ئايالنىڭ پاجىئەسىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ ئەرلىك جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىنى جايىدا ئىشلەتمەي، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىۋاتقان سۆيۈملىك ئاياللىرىنىڭ نازۇك بەدەنلىرىگە تامغا بېسىشقا ئىشلەتكەن <<پالۋان>> ئەرلەرگە نېمە دېگۈلۈك؟ ئۆز ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاجىز، نادان قىز-ئاياللارنى توزاققا دەسسىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى كېچە-كۈندۈز ئويلىشىپ، بۇلۇڭ-بۇچقاقلاردا، ئايىمخانىلاردا <<بەز مارىغان مۈشۈك>> تەك شۇمشىيىپ ئولتۇرۇشقان ئەرلىرىمىز باللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ۋاپادار، كۆيۈمچان ئاياللىرىنى يادىغا ئالامدىغاندۇ؟ بىردەملىك شەھۋانىي نەپسى ئۈچۈن دادا بولۇشقانلىرىنى ئۇنتۇغانلار قىزى دېمەلىك <<گۈزەل>> لەرگە ساقال تاشلاپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈرگەن چاغلىرىدا <<قىزلىرىم قايسى يولدىدۇ؟ ئوغۇللىرىم قايسى ئوۋدىدۇر>> دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ دەرد-ھەسرەتنى يەتكۈچە تارتقان تۇل ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ئىلاجىسىزلىق ياشلىرى قايسى ئەرنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپ، ھېسداشلىقىنى قوزغاپ باقتىكىن؟! يېتىملىق كوچىسىدا تېنەپ-تەمتىرەپ بويۇن قىسىشقان نارسىدىلەرنى ھامىيلىققا ئالىدىغان دادىلار قېنى؟ ئەنە شۇ قىزلار، تۇل ئاياللار ئەرلەرنىڭ قېرىندىشى، ئانىسى ئەمەسمىدى؟! ئاياللارنىڭ خارلىنىشى، تاشلىۋېتىلىشى ۋە باللىرىغا ئىگە بولماسلىق سەۋەبىدىن گۇناھسىز يېتىملەرنىڭ كۆپىيىشى، ئۈچىنچى شەخسنىڭ تەپتارتماي ئائىلىلەرگىچە <<مىھمان>> بولۇپ كىرىشىدەك پاجىئەلەرگە كىملەر جاۋابكار؟ ئەجىبا، بۇ كىرزىستە يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەسئۇلىيىتى بارمىدۇ؟ ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق، دەپ كىممۇ مەيدە كېرىپ چىقالايدۇ؟
ۋاھالەنكى، بىز ئاياللار تارىختىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي چەكلىمە، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تەقىپلىرى، فېئوداللىق ئەدەب-قائىدىنىڭ قاتتىق ئۆلچەملىرى ئىچىدە ياشاپ ئادەتلەنگەن بولغاچقا، ئىدىيىمىزدە ئەرلەرنى ئۇلۇغلاشتىن باشقا، ھەمىشە ئۆزىمىزنى كەمسىتىش، تۆۋەن كۆرۈش، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەش خاھىشلىرى بىرقەدەر ئېغىر. شۇڭا، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، خاتالىق كۆرۈلگەندە ھامان ئۆزىمىزنى ئەيىبلەپ ئادەتلىنىپ كەلگەنمىز. مەسىلەن كوچىغا تاشلىۋېتىلگەن بالىنى كۆرگەندە:<< دادىسى كىمكەن؟>> دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا، <<ئانىسى يوقمىكەن؟>> دەپ سورايمىز؛ باللىرىمىز گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەخلاق مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلسا << سېنى توققان ئاناڭغا مىڭ لەنەت!>> دەيمىز، ئۈچىنچى شەخس سەۋەبلىك ئەر-ئاياللىق رىشتىمىز ئۈزۈلسە، يەنە شۇ <<شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالىدىغان قىز-ئاياللار>> نى ئەيىبلەيمىز، ئۈچىنچى شەخس دېيىلسىلا ئەڭ ئالدى بىلەن كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى يەنىلا ئايالدۇر. ئەجىبا، ئەرلەر ئۈچىنچى شەخس ئاتالسا بولمامدىكەن؟ ئاياللاردىن ئەيىب ئىزدەشكە، ئاياللارغا گۇناھ ئارتىشقا باھانە-سەۋەبلەر ھامان تېپىلىپ تۇرۇدۇ. ئۆزىمىزمۇ <<ئايالنىڭ بىرەر ئەيىبى بولمىسا، ئەر تالاغا قارارمىدى؟>> دېيىشىمىز. ھەرگىزمۇ ئەرلىرىمىزگە گۇناھ ئارتقۇمىز كەلمەيدۇ. بەزى ئەرلىرىمىز ئاياللاردىكى بۇ خىل چەكلىمىلەردىن شۇنچە ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىشقا ماھىركى، ئايالىدىن يوشۇرۇن قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى قىلچە تەپتارتماستىن يەنە شۇ ئايالغا ئارتىپ قويالايدۇ. << ئاشۇ چىرايلىق كۆزلەر، ئويماقتەك ئېغىزلار، تال چىۋىقتەك بەللەر ماڭا نايناقشىمىغان بولسا....>> دەپ ئۆزلىرىنى خاتىرجەم ئاقلىيالايدۇ. بىز بولساق گۇناھ ئەرلىرىمىزدە ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، ئۇلارغا نەپرىتىمىز بولسىمۇ، دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ، ئائىلىدىن ئىبارەت <<ۋەتەن>> نىڭ <<ياتلارنىڭ تاجاۋۇزى>> غا ئۇچراپ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئەيىبىنى يەنىلا <<توزاق>> تىكى ئاياللارغا ئارتىشقا مەجبۇر بولىمىز. تېخىمۇ ئىچىنارلىقى، بەكرەك ئېغىر كەتكۈدەك بولسا، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىنى ئىجاد قىلغان ئەرلەر ئائىلىنى تاشلاپ بەخىرامان ھالدا <<يامانلاپ>> چېقىشماقتا. ئۆتمۈشتە ئاياللار خورلۇققا ئۇچرىغاندا، كۆڭلى ئازار يېگەندە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ھازىرقى ئاشۇ بەزى ئەرلەر <<ئاشنىسى>> نىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىۋېلىپ جان باقماقتا. بۇنىڭغا قارىتا بىز ئاياللار گاڭگىراش، تېڭىرقاش ھەم نەپرەتلىنىشتىن باشقا چارە تاپالمايمىز.
بىلىڭلاركى، ئاياللار بۈگۈنى كىيىپ، ئەتىسى سېلىپ تاشلايدىغان كىيىم ئەمەس. خوشى كەلسە بېقىپ، باققۇسى كەلمىسە بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋېتىدىغان ھايۋانمۇ ئەمەس ياكى ياخشى ئىشلىسە ئىشلىتىپ، ياخشى ئىشلىمىسە قوغلىۋېتىدىغان مەدىكار ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك يولدىشىڭىز، ھەمراھىڭىز، دىلكىشىڭىز، ھالال جۈپتىڭىز. بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئەخلاقىي چىركىنلىك، ئىچىملىك-چېكىملىككە ئۆزىنى ئۇرۇش، بالىلارغا مەسئۇل بولماسلىق، ئاياللارنى خارلاش، ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلماسلىق، قىزلارنىڭ بۇزۇلۇپ يولدىن چىقىشى، ئاياللارنىڭ ئاياللىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇماسلىقى، بۇرچىنى ئۇنتۇشى، ئاياللىق نازاكىتىنى يوقىتىشتەك پاجىئەلەر ئەرلەر ئۈچۈن نومۇس ئەمەسمۇ؟!
سۆيۈملۈك ئەرلەر! ھە دېسىلا ئاياللىرىڭلارغا، قىزلىرىڭلارغا، قېرىنداشلىرىڭلارغا گۇناھ ئارتماي، يۈرەكلىك ھالدا قولۇڭلارنى كۆكسۈڭلارغا قويۇڭلار. جەمىئىيىتىمىزدىكى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى بىز سىلەرنىڭ قامىتىڭلار، ئەقىل-پاراسىتىڭلارغا تايىنىپ ھەل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.
بىز سىلەرگە مۇھتاج! چۈنكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ئەخلاقى ۋە نازاكىتى سىلەرسىز ھەقىقىي گۈزەللىك يۈكسەكلىكىگە يېتەلمەيدۇ، تۇرمۇش گۈلىستانى چىن ۋىسالىغا ئېرىشەلمەيدۇ..!!


مەنبە : «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژورنىلىدىن ئېلىندى .
بۇ تېما باشقۇرغۇچى manggutax تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-06-04 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ئۆزىگە ئىشەنمىگەن ئادەم باشقىلارغا تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ~!
    | ۋاقتى : 2008-06-04 18:53 [باش يازما]
     دىيارىم تور بېكىتى 2008- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان بارىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت تىلەيدۇ .
    omak624
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 24640
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە28دانە
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    پۇل: 222 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :88(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توغرا.....ھېلىقى  دائىم  قىزلىرىمىز  بۇنداق  بوپ كەتتى،،،ئۇنداق  بوپ كەتتى  دىگەن يىگىتلىرىمىز  قېنى؟؟؟؟كۆرەپ  بېقىڭلار  سىلەرمۇ!!ئەمدى  تۇتۇلۇپ  قاپسىلەرغۇ!!!
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-04 19:17 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    hoxallik
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29066
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 131
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە131دانە
    شۆھرەت: 131 نۇمۇر
    پۇل: 500 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :377(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راست  خۇددى جاھاننى ئاياللار بۇزىۋاتقاندەك،مېنىڭىچە  ئەرلەردە مەسئۇلىيەت يوقما؟
    [ Hush_Puraq تەرپىدىن 2008-06-04 23:30 قايتا تەھرىرل ]
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-04 20:01 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    sejda
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20812
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 280
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە280دانە
    شۆھرەت: 295 نۇمۇر
    پۇل: 999 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :110(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق ئىچىۋالسىلا ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدىغان ،بولۇپمۇ قىزلارغا ئلاھىدە ئىشتىياقى بار بىرسىنى تونۇيمەن دوستۇم بولغاچقىمۇ كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلدىم،ئۇ ئۆزگەرمىدى ئەمەس خېلى ئۆزگەردى ....ئاتا-ئانا يوق بولغاچمىكىن نەدە سەن نىمە قىلىۋاتىسەن دەيدىغان ئادەم يوق،يەنە داۋاملىق ياردەم قىلاي دىسەم بەكلا ھاردىم ......
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-04 20:09 3 -قەۋەت
    kaxhar
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 393
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە393دانە
    شۆھرەت: 418 نۇمۇر
    پۇل: 1401 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :147(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راسىت دەيسىز،قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئەخلاقسىزلىشىپ كىتشىدە،ئەرلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ۋاقىت --- ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-06-04 20:35 4 -قەۋەت
    ankari258
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 9859
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 87
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە87دانە
    شۆھرەت: 90 نۇمۇر
    پۇل: 357 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ماقالە تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. مەن بىر ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەزىدە ئەگەر ھازىرقى زاماندىكى ئەرلىرىمىزدىن مەيلى توي قىلىشتىن بۇرۇن ياكى كىيىن بولسۇن ئۆز ئايالىدىن باشقا ئايال زاتى بىلەن بىرگە بولۇپ باقمىدىم دەيدىغانلار ئوتتۇرىغا چىقىڭلار دىسە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن يېرىمىمۇ قالماسمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.
    گىپىم بۇ يەرگە كەلگەندە ئاياللىرىمىز بەك كىرىلىپ كەتمىسە، ئەگەر جەمئىيەتتە «بۇزۇلۇپ كەتكەن» ھەر ئەدەمنىڭ ئۆمرىدە قانچە ناھەق بىلەن بىرگە بولغانلىقى سورىلىدىغان بولسا، چوقۇمكى ئاياللارنىڭ ناھەق بىرگە بولغانلىرىنىڭ سانى ئەرلەردىن كۆپ چىقىدۇ، ھەتتا نەچچە ھەسسە كۆپ چىقىدۇ.
    مىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىشلاردا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاقلىغىم يوق، لىكىن ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشى، ئەرلەرنىڭ بۇزۇلىشىدىنمۇ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    بۇ توغرىدا مۇنازىرىلىششنى خالايدىغانلار بولسا: چ چ :120051955
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-04 21:08 5 -قەۋەت
    kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 5561
    ئۇنۋان:21 دەرىجە ھازىرغىچە5561دانە
    شۆھرەت: 2329 نۇمۇر
    پۇل: 10667 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :262(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شامال چەقمىسا دەرەخ مىدىرلىمايدۇ ،چاۋاك بىر قولدىن  چىقمايدۇ ، شۇ بۇزۇق قىزلىرىمىزنى يولدىن چىقارغان ھايۋان ئەمەس بەلكىم بىشى ئۇستۇن پۇتى ئاستىن گەۋدىسنىڭ ئستىدە نۇرغۇن ئىشلارغا تەكەپپۇر يۇرگۇزەلەيدىغان كاللىسى بار ئەرلىرمىز دەپ قارايمەن . بۇ ئىشلارنى سۆزلىسەم  پات تۇگمەيدىغاندەك قىلدۇ ، مۇنبىرمىزدىكى  تەنھا ئەپەندىنىڭ تىمسىنى يەنە بىر ئوقغاندەك مەزمۇنغا تىخمۇ  يەتكەندەك بولدۇم ، تىمىڭىزغا رەخمەت قىرىندىشىم .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ھاياتنىڭ ئېنىق خەرىتىسى ،تۇرمۇشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق .
    | ۋاقتى : 2008-06-04 22:04 6 -قەۋەت
    azmathan
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17494
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 417
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە417دانە
    شۆھرەت: 291 نۇمۇر
    پۇل: 1041 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ۋە ئشىلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ھەققانىيەتچى!
    | ۋاقتى : 2008-06-04 23:51 7 -قەۋەت
    رادار
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24483
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
    شۆھرەت: 25 نۇمۇر
    پۇل: 192 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ گۇناھلار يا ئەردىلا يا ئايالدىلا ئەمەس،دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشىدىن بولىۋاتىدۇ!مانا بۇ مەسلىنىڭ نېگىزى ! ھەقىقىي ئىسلام يولىدا ماڭغان بولساق،بۇ توغرىدا تالىشىشنىڭمۇ ئورنى بولمايتتى!
    ئىنساپ،ئەقىل،ئىمان تىلەيلى!
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-05 00:16 8 -قەۋەت
    sazgurjan
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28790
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 219
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
    شۆھرەت: 319 نۇمۇر
    پۇل: 1419 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ماقالا خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ. مېنى مۇنۇ«  ئاياللار ھەققىدىكى نەسىھەتلىك ئۈنچىلەر كۆپەيگەنسېرى بۈگۈنكى بەزى ئەرلىرىمىز ئىچىدە بىخۇتلۇق ئاۋۇپ كەتتى. » دېگەن جۇملىلەر ئويلاندۇرۇپ قويدى.  
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ئۈستىدىغان ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ،
    ئاستىدا تۇرىدىغان سەندەل بولىسەن.
    | ۋاقتى : 2008-06-05 00:55 9 -قەۋەت
    xjmmtj
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30818
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 75
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە75دانە
    شۆھرەت: 75 نۇمۇر
    پۇل: 353 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رادارنىڭ گىېپىنى قوللايمەن !!!بۇ گۇناھلار يا ئەردىلا يا ئايالدىلا ئەمەس،دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشىدىن بولىۋاتىدۇ!مانا بۇ مەسلىنىڭ نېگىزى ! ھەقىقىي ئىسلام يولىدا ماڭغان بولساق،بۇ توغرىدا تالىشىشنىڭمۇ ئورنى بولمايتتى!
    ئىنساپ،ئەقىل،ئىمان تىلەيلى!
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-05 02:56 10 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-06 06:24
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation