سالام تورداشلار، بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى تەرجىمە قىلالمىساممۇ،
ناخشا ئارىلىقىدا چىقىپ تۇرغان خەتلەرنىڭ مەنىسىنى لۇغەت ئاختۇرغان ئاساستا بىلىشىمچە تەرجىمە قىلىپ باقتقم.
ئىنگىلىزچە سەۋىيەم بەك تۆۋەن.تەرجىمە قىلالمىغان، ھەتتا خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغان بولىشىممۇ مۈمكىن. يوقتىن ياخشى دەپ ئويلاپ پايدىلىنارسىلەر. سەۋىيىسى يۇقۇرى تورداشلارنىڭ مۇكەممەل قىلىپ تەرجىمە قىلىپ قويىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
ئېكراندىكى خەتلەرنىڭ تەرتىبى بويىچە:
ئەسلى مېنىڭ چۈشلىرىم مۇنداق ئىدى.
بىراق مەن ئويغۇنۇپ بۇلارنى كۆردۈم.
ئېيتقىنا قېنى!بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
قېنى مېنىڭ ئۆيۈم؟
قېنى مېنىڭ ئاتا_ئانام؟
مەن نېمىشقا ئۆلىمەن؟
مەن ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرالامدىم؟
مېنىڭ گۈزەللىكىم يەنە قايتىپ كېلەمدۇ؟
ئېيتقىنا قېنى؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
ئەركىنلىك ئۈچۈنمۇ؟
تېخىمۇ گۈزەل ھايات ئۈچۈنمۇ؟
تىنچلىق ئۈچۈنمۇ؟
دېموكىراتىيە ئۈچۈنمۇ؟
ئېيتقىنە قېنى؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
مېنىڭ دادام ئۆلۈپ كەتتى،
مېنىڭ ئانام ئۆلۈپ كەتتى.
1.2مىليون ئېراقلىق ئۆلتۈرۈلدى
مانا بۇ كەڭ قوساقلىقمۇ؟
مانا بۇ ئېراققا كۆڭۈل بۆلگەنلىكمۇ؟
مانا بۇ قانلىق نېفىت ئۈچۈنمۇ؟
ئېيتقىنا قېنى، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
قېنى ئۇ ئەركىن (ئازات )ئېراق؟
سىلەر يەنە قەيەرلەرنى ئەركىن،ئازات قىلماقچى؟
تىبەتنىمۇ؟
رۇخسەت يوق!(يول يوق)
2008-يىللىق ئولىمپىككە دۈشمەنلىك قىلماقچىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ قانۇنسىز ئۇرۇشلىرىڭلارنى توختاتمايسىلەر؟
مەن پەقەت مۇشۇنچىلىكلا چۈشىنەلىدىم. قالغىنىنى دوستلارغا ئامانەت قويدۇم.
ھە...راست.ئەسكەرتىپ قوياي،تەرجىمە مەزمۇنىدا خاتالىق بولسا، ئۇ پەقەت چەتئەل تىلى سەۋىيەمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.سىياسىي نۇختىلاردىن پەرەز قىلىپ ئېگىز قاپاق كىگۈزمەسسىلەر.
يەنە بىر نۇختا، بۇ فىلىم ئىككى خەنزۇ قېرىداش تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولىشى كېرەك. ئۇنىڭدىكى مەزمۇن ۋە مەيدان پەقەت شۇ ئىككى كىشىگە ۋەكىلللىك قىلىدۇ.
سىز ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلامسىز _يوق، ئۇ ئايرىم مەسىلە.
ئىنكاسلاردا، ھېسسسىياتقا بېرىلىپ ماڭا ياكى مەزمۇنغا قارشى بولغان،ئۆزىڭىزگىمۇ پايدىسىز بولغان بەزى كۆزقاراش
ۋە پىكىرلەردىن ساقلىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، بۇ ئۈمۈدىمنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەركىلىكى ئۆزىڭىزدە.مەن پەقەت تەۋىسىيە قىلىمەن خالاس.