ئەسكەرتىش :تىمىغا قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ. بولمىسا مەندىن ئاغرىنماڭ
گۇاڭجۇ گىزىتى خەۋىرى:ھىندىستان ساقچى تەرەپ «تىبەت مۇستەقىللىق »تەشكىلاتنىڭ بەش نەپەر كاتتبىشنى ھىندىستاننىڭ مۇناسۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ، كىشلەرنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكگە زىيان يەتكۈزدى دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىپلەپ قۇلغا ئالدى .شۇنداقلا ئۇلارنى ھىندستاننىڭ شىمالى ئەنقال شىتاتنىڭ خادىۋا تۈرمىسگە قاماپ قۇيدى.
5-ئاينىڭ 27-كۈنى «شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى »نىڭ كاتتبىشى سىۋاڭ رېنزىڭ ،«زاڭزۇ ئاياللار ئۇيۇشمىسى » كاتتبىشى بىسېرىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تىبەت مۇستەقىللىق» تەشكىلاتنىڭ كاتتباشلىردىن بەش كىشنى قولغا ئالدى.ئۇلار ئەسلى ھىندىستاننىڭ پىتگار ناھىيسىگە بېرىپ «سەرگەردان تىبەتلەرنى پىيادە شىزاڭغا قايتىش پائالىيىتى»گە تەشكىللەش سەپىرىدە ھىندسستان ساقىچلىرى تەرىپىدىن قۇلغا ئىلىنغان.ھىندستان ساقچى تەرەپ ئۇلارنى ھىندىستاننىڭ مۇناسۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ،شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكگە زىيان يەتكۈزدى دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىپلىگەن.
5-ئاينىڭ 29-كۈنى«تىبەت مۇستەقىللىق »تەشكىلاتنىڭ قۇلغا ئىلىنغان بەش نەپەر كاتتبىشى ھىندستاننىڭ شىمالى ئەنقال شىتاتنىڭ خادىۋا ناھىيلىك ساقچى مەھكىمىسى تەرىپىدىن خادىۋا ناھىيلىك تۈرمىگە يالاپ ئىلىپ بېرىلدى .
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھىندستان تەرەپ كۆپ قىتىم ساقچى چىقىرىپ پائالىيەتكە قاتناشقانلاردىن دەرھال قايتىشنى ،داۋاملىق يۈرۈش قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان .ئەمما پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ھىندستان ساقچى تەرەپنىڭ نەسھىتنى ئاڭلىماچغا ،ھىندستان ساقىچلىرى ئاسمانغا ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇشقا مەجبور بولغان ،شۇنداقلا «تىبەت مۇستەقىللىق»تەشكىلاتنىڭ مۇناسۋەتلىك پائالىيەت ئەشيالىرىنى يىغۋالغان.
مەنبە:
http://news.qq.com/a/20080604/000195.htmدىن تەرجىمە قىلىندى
ئەسكەرتىش :تىمىغا قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ. بولمىسا مەندىن ئاغرىنماڭ !
[ hitab تەرپىدىن 2008-06-04 17:36 قايتا تەھرىرلەنگەن ]