بۇ بەتتىكى تېما: ئون بۇيرۇق تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 236 قېتىم كۆرۈلدى
altekin512
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 28834
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
شۆھرەت: 106 نۇمۇر
پۇل: 538 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئون بۇيرۇق

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
سىزنىڭ قۇرئانغا قىزىقىشىڭىزنى كۆرسىتىدىغان بۇ سۇئالىڭىزغا تەشەككۈر . بۇ يەردە سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بەرگەنلىكىمىزگە خۇشالمىز .
قۇرئاندا بىرقىسىم ئالىملار «ئون بۇيرۇق » ئايەتلىرى دەپ ئاتايدىغان مەلۇم ئايەتلەر بار ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تەرەپتىن ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئون مۇھىم بۇيرۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ئايەتلەر قۇرئاندا ئىككى ئابزاستا تېپىلىدۇ .
بىرىنچىسى ، چاھارپايلار(ئەنئام) سۈرىسىدە ، ئۇنىڭدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ :
« ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ (ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ)، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ: ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺑﺎﻻﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﻧﺎﻫﻪﻕ) ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﻫﻪﻗﻠﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (151). ﻳﯧﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ (ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ) ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، (ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ) ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ» (152). ﺑﯘﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﯘﻣﺪﯗﺭ، ﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﯖﻼﺭ، ﻧﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﯕﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ) ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ » [ چاھارپايلار : 151-153 ]
ئىككىنچىسى بولسا كېچىلىك سەپەر(ئىسرا)سۈرىسىدە بولۇپ ، بۇ يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان ئابزاسنىڭ شەرھىسى دەپ قارىلىدۇ . ئاللاھ دەيدۇ :
« ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﻳﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﻫﻮﻱ ﺩﯦﻤﯩﮕﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎﻻﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ)، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﯩﻤﯩﮕﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﯜﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (23). ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ﯞﻩ: «ﺋﻰ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ! ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻤﺪﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ» ﺩﯦﮕﯩﻦ (24). ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺩﯨﻠﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺧﺸﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (25). ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻐﺎ، ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﮕﻪ، ﺋﯩﺒﻦ - ﺳﻪﺑﯩﻠﮕﻪ (ﺧﻪﻳﺮﻯ - ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﺘﯩﻦ) ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ، (ﭘﯘﻝ - ﻣﯧﻠﯩﯖﻨﻰ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ) ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ (26). ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯘﻓﺮﺍﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ (27). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﺪﯨﻦ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺧﻪﻳﺮﻯ - ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ)، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (28). ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺑﻮﻳﻨﯘﯕﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ) ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﭙﻤﯘ ﺋﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ)، (ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﭘﯘﻟﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﭗ) ﻣﺎﻻﻣﻪﺗﻜﻪ، ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ (29). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ (ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ، ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ) ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (30). ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ* . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫﺘﯘﺭ (31). ﺯﯨﻨﺎﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﯕﻼﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻗﻪﺑﯩﻬ ﺋﯩﺸﺘﯘﺭ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﯗﺭ (32). ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ (ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ) ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، (ﻗﺎﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻳﺎ ﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻳﺎ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ (ﻗﺎﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﻴﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺶ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ)، (ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ) ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭﺩﯗﺭ (33). ﻳﯧﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ (ﻳﯧﺘﯩﻤﮕﻪ) ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، (ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ) ﺋﻪﻫﺪﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ - ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ) ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ - ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺴﯩﻠﻪﺭ (34). ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ) ﺋﯚﻟﭽﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯚﻟﭽﻪﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ) ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺪﯗﺭ (35). ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﮕﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻡ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ ﺩﯦﻤﻪ)، (ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ) ﻗﯘﻻﻕ، ﻛﯚﺯ، ﺩﯨﻞ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ) ﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ - ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ (36). ﺳﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﺍﻧﻪ ﻳﯜﺭﻣﯩﮕﯩﻦ، (ﻫﺎﻛﺎﯞﯗﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺸﯩﯟﯦﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ، (ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﮔﯩﺪﻩﻳﮕﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ (37). ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ (ﺋﯩﺶ) ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻬ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﻳﺎﻣﺎﻧﺪﯗﺭ (38). ﺑﯘﻻﺭ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﯞﻩﻫﻴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﯘﺩﯨﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ) ﻗﻮﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺴﻪﻥ . » [ كېچىلىك سەپەر : 23-39 ]
بەلكىم ، سىز بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇرۇنقىغا قارىغاندا قۇرئان ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى ئىددىيەدە بولۇشىڭىز ، ھەمدە بۇ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشنىڭ باشلىنىشى ، سىزنىڭ ئىسلامغا قاراپ يول ئىلىشىڭىزنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن . ئاللاھ سىزنى ھەمىشە يىتەكلىسۇن ۋە ياردەم قىلسۇن .
ئامانلىق توغرا يولغا ئەگەشكۈچىلەرگە بولسۇن .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد

مەنبە:www.islamqa.com

بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-06-04 .
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-06-04 14:09 [باش يازما]
xamxar.111
دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 27337
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 280
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە280دانە
شۆھرەت: 300 نۇمۇر
پۇل: 959 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :


دوسلار  مانا بۇيرۇقنى ئاڭلىغانكەنمىز  چۇقۇم ئەمەل قىلىشىمىز  زۈرۈر .
ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز  شەيتان بىلەن پەرقىمىز  قالمايدۇ ، شەيتانمۇ ھەممىدىن خەۋىرى  بار لىكىن ئەمەل قىلمايدۇ  ،    شەيتانغا ئوخشاپ قېلىشتىن  ساقلىنايلى  ھەممەيلەن  ياخشى - ياماننى  ئاق -  قارىنى  ئالماشتۇرۇپ قويماستىن ئىش ھەركەت ئىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد  قىلىمەن .
شۇنىڭدەك يازمىنى بىز  بىلەن ئۇچراشتۇرغان  دوسلار  غا  اللە  ئەجرىنى تۇلۇقلاپ بەرگەي
[ xamxar.111 تەرپىدىن 2008-06-04 14:55 قايتا تەھرىرل ]
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
قايتماس ئىرادە
| ۋاقتى : 2008-06-04 14:45 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
(Emrullah)
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 18075
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 600
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە600دانە
شۆھرەت: 138 نۇمۇر
پۇل: 1153 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

امىن
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-06-04 18:43 2 -قەۋەت
ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
Chuxay
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17954
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 847
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە847دانە
شۆھرەت: 847 نۇمۇر
پۇل: 2577 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت..
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
| ۋاقتى : 2008-06-04 22:33 3 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 06-05 09:40
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation