« يولۋاس تەشكىلاتى » نىڭ ئىچكى قىسمىدا جېدەل چىقىپتۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، كولۇمبو ، 3- ئىيۇن تېلېگراممىسى : سرېلانكا دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىكى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : ھۆكۈمەتكە قارشى تامىل « يولۋاس تەشكىلاتى » نىڭ ئىچكى قىسمىدا جېدەل چىقتى ، تىنچلىق تەرەپدارلىرىنىڭ كاتتىبېشى تەرەپدارلىرىنىڭ كاتتىبېشى بولىدېۋان ھوقۇق تالىشىش كۇرىشىنىڭ قۇربانى بولدى ، ئۇ ئاللىقاچان زىندانغا تاشلاندى . ئەمما « يولۋاس تەشكىلاتى » نىڭ باياناتچىسى باۋان مۇنداق دېدى : بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ ، چۈنكى بۇلىدېۋان يەنىلا تەشكىلاتىمىزنىڭ رەھبىرى ، ئۇنى بايىلا ئىشخانىسىدا كۆردۈم .
قاراقچىلارنى يوقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ب د ت ، 3- ئىيۇن تېلېگراممىسى : ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن 1816- نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنى ماقۇللاپ ، چەت ئەل ئارمىيىلىرىگە سۇمالى ھۆكۈمىتى قوشۇلغان ئەھۋال ئاسىتىدا سۇمالى دېڭىزدا قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش ھەرىكىتىگە زەربە ھوقۇقى بەردى .
قاراردا مۇنداق دېيىلدى : بۇ قارار ماقۇللانغاندىن كېيىنكى ئالتە ئايدا ئالاقىدار دۆلەتلەر سۇمالى دېڭىز تەۋەلىكىدە زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، قاراقچىلار بىلەن قوراللىق بۇلاڭچىلرغا زەربە بەرسە بولىدۇ ، ئەمما بۇ ھەرىكەت 3- بىر دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك .
« سۇمرۇغ» مارستىن بىر گۈرچەك توپا ئالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 3- ئىيۇن تېلېگراممىسى : ئامېرىكىنىڭ مارسنىڭ شىمالىي قۇتۇپىغا قونغان « سۇمرۇغ» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تۈنۈگۈن مارستىن تۇنجى قېتىم بىر گۈرجەك توپا ئالدى . ئالىم داي ئاۋىدسون مۇنداق دېدى : بىز بۇ بىر گۈرجەك توپا ئېلىنغان جاينىڭ ئەتراپىدا پارقىراق ماددىلار بارلىقىنى بايقىدۇق ، بۇ ماددىلار مۇز ياكى تۇز بولىشى مۇمكىن ، بىز بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشقا تىرىشۋاتىمىز .
باراد : سۈرىيىدىكى بومباردىمان قىلغان جاينى تەكشۈرىمىز ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋېينا ، 3- ئىيۇن تېلېگراممىسى : خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاپپاراتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى باراد تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : ئاپپاراتىمىزنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى سۈرىيىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، سۈرىيىگە بېرىپ ئىسرائىلىيە بومباردىمان قىلغان سۈرىيىنىڭ ئاتالمىش يادرو ئەھلىھەسى جايلاشقان جاينى تەكشۈرىدۇ .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : تەكشۈرگۈچىلەر يەنە ئۆزلىرى « قىزىققان » جايلارنىمۇ تەكشۈرۈش ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ ، ئاندىن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە سۈرىيىگە يۈكلىگەن « جىنايەت » نىڭ ئاساسى بار - يوقلۇقىنى بېكىتىدۇ .
ئەھمەدى نىجاد : ئىسرائىلىيە پات ئارىدا يەر يۈزىدىن يوقىلىدۇ ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، تېھران ، 3- ئىيۇن تېلېگراممىسى : ئىراننىڭ زۇڭتۈڭى ئەھمەدى نىجاد تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : ئىسلام ئەللىرى « رەزىل كۈچلەر » نى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىدۇ ، بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىسرائىلىيە پات ئارىدا يەر يۈزىدىن يوقىلىدۇ .
ئەھمەد نىجاد يەنە مۇنداق دېدى : مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى ، ئىسرائىلىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا پار ئارىدا خاتىمە بېرىلىدۇ . رەزىل كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان ئامېرىكا تەختتىن غولايدىغان پەيت يېتىپ كەلدى ، جاھانگىر ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ يوقىلىدىغان ۋاقتى تەتۇر ساناق باسقۇچىغا كىرىدى .
خامانەيى : ئىران يادرو پىلانىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۈرىدۇ ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، تېھران ، 3- ئىيۇن تېلېگراممىسى : ئىراننىڭ داھىيىسى خامانەيى مەرھۇم داھىي ھۈمەينىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى : ئىران يادرو پىلانىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ، لېكىن يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ پايدىلىنىش پىرىنسىپىنى ئۆزگەرتمەيدۇ ، چۇنكى ھەر قانداق بىر دانا ھۆكۈمەت يادرو قورالىغا قىزىقمايدۇ .
يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاپپاراتنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى باراد شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن : ئىران يادرو قورالى ھەققىدە تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرلەرگە چۈشەنچە بېرىشنى خالىمىدى .
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى « خاماس» نىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، غەززە ، 3- ئىيۇن تېلېگراممىسى : ئامېرىكىنىڭ پېنسىيىە چىققان دىپلوماتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى كۈنى پەلەستىندىكى غەززەدە « خاماس» نىڭ رەھبىرى - پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئىسمىر ھانىياھ بىلەن كۆرۈشتى . ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋېيس مۇنداق دېدى : بىز ھانىياھ بىلەن ئىنتايىن مەنىلىك ھەم ئوچۇق - يورۇق سۆھبەتلىشتۇق .
ئامېرىكا « خاماس » نى تېرورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە خادىملىرىنىڭ « خاماس» بىلەن ئۇچرىشىشنى چەكلىگەنىدى . ۋېيىس بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى : بىز بۇ قېتىم غەززەنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئولتۇرمىدۇق . بىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگىمىز ، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئامېرىكىلىقلارغا يەتكۈزگىمىز بار .
ئەنگلىيىدە 690 مىڭ بويتاق ئايال بار ئىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 3 - ئىيۇن تېلېگراممىسى : ئەنگلىيىدىكى « كۇندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى » تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : دۆلىتىمىزدىكى 25 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ %8 ى بويتاق ئىكەن . بۇ دۆلىتىمىزدە بۇ ياشتىكى بويتاق ئايالدىن 690 مىڭى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ بويتاق ئاياللارنىڭ قارىشىچە توي قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ، نىكاھتىن ئاجرىشىشى نىسبىتنىڭ ئۆرلىشى بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىككى مۇھىم ئامىل ئىكەن .
ئەنگلىيىلىك مەشھۇر پىسخولوگ خول مۇنداق دېدى : ھازىرقى زامان ئاياللىرىغا نىسبەتەن قويۇق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ، بەدەن چېنىقتۇرۇش .... قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەر ئېرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان تۇرمۇشتىن ئەۋزەل ئىكەن .
جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ۋەكىلى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش ئەزاسى بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، جەنۋە ، 3 - ئىيۇن تېلېگراممىسى : جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان 97 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەمگەكچىلەر قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزدى . سايلامدا جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ۋەكىلىنى مۇئاۋىن كېڭەش ئەزالىققا سايلىدى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : جوڭگو ئىشچىلار ۋەكلىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش ئەزالىققا سايلانغانلىقى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ، كەڭ دائىرىلىكى ،ئادىل ۋە باراۋەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ . شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەللەرنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ .
مەنبە :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
[ ajrim تەرپىدىن 2008-06-04 16:58 قايتا تەھرىرلەنگەن ]