ئىخلاس پۇتبول كوماندىسىدىن ئۈمىد زور
30- ماي شىنجاڭ ئىخلاس شىركىتىدىكى خادىملار شىنجاڭ ئىخلاس پوتبول كوماندىسىنىڭ مەشىق مەيدانىغا بېرىپ كوماندا ئەزالىرىنى 15 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھەرخىل ئىخلاس مەھسۇلاتلىرىدىن قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۇزۇقلىقى ، پىرەنىكلەر ، فىرىما قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن يوقلىدى .
ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىباھا ئېسىل ئۆرپ- ئادەت ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە تەنتەربيىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . خەلقىمىز دارۋازلىق ، چېلىشىش ، كۈچ سىنىشىش ، سېركچىلىك قاتارلىقلاردا بۇرنلا مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭلق چىقارغان . 21- ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ، دۇنياۋى چولپانلىرىمىز بارلىققا كەلدى ، تەنھەرىكەتچى ئەزىمەتلىرىمىز يىراق سەھرالىرىمىزدىن چىقىپ ئاسىيا جانبازلىق سەھنىلىرىنى ، بوكىس مۇسابىقە مەيدانلىرىنى زىلزىلىگە سالدى .
دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ . ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خۇسۇسىي كارخانىچىلار پۇتبول كوماندىلىرى قۇرۇلدى . ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرمۇ پۇتبول كەسپىنى چىڭ تۇتۇپ كەلدى . كۆپلىگەن كوماندىلار ئاپتونوم رايون ، مەملىكەت دەرىجىلىك ھەر خىل مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كەلمەكتە . نۆۋەتتە بىزنى يەنىمۇ سۆيۈندۈرۈۋاتقىنى ئۈمىد ، ئىشەنچ ،ئەقىدىگە تولغان « ئىخلاس» روھى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان - « شىنجاڭ ئىخلاس U-15 پۇتبۇل كوماندىسى » نىڭ تولۇق نامى « شىنجاڭ ئىخلاس 15 ياشلىقلار كوماندىسى » بولۇپ ، ئەسلى شىنجاڭ « سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى » قارىمىقىدا ئىدى . كوماندىغا شىنجاڭ « ئىخلاس » شىركىتى مەبلەغ جەھەتتە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن ، « شىنجاڭ ئىخلاس U-15 كوماندىسى » دەپ ئاتالدى . يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ، خەلققە ساغلاملىق بېغىشلاش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، خەلق ئارىسىدا يۈكسەك ئىناۋەتكە ئېرىشكەن « ئىخلاس » شىركىتىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ، جۈملىدىن پۇتبولچىلىققا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئالاھىدە مەبلەغ ئاجرىتىپ قوللىشى - «ئىخلاس » شىركىتىنىڭ كىشلەر قەلبىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى .
« ئىخلاس U-15 پۇتبول كوماندىسى » 2008- يىلى 2- فېۋرالدىن 12- مارتقىچە گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجۇ شەھىرى پۇتبول مەشىق بازىسىدا مەملىكەتلىك 2- نۆۋەتلىك قىشلىق پۇتبول مەشىقى ئېلىپ بېرىپ ، ھۇجۇم ، مۇداپىئە جەھەتلەردە سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى ، نەتىجىگە ئېرىشكەن كوماندىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەندى ، ترېنېرلارنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى بىلەن ماھارەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى .
3- مارتتىن 12- مارتقىچە « ئادىداس لوڭقىسى » بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ مۇسابىقىگە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 24 كوماندا قاتناشتى . شىنجاڭ « ئىخلاس » كوماندىسى D گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە شەندۇڭ « لۇنبىڭ » كوماندىسى ، بېيجىڭ « جياۋزى » كوماندىسى ، چۇڭچىڭ « لىفەن » كوماندىسى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەكتىپى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ ئۈچ مەيدان يەڭدى ، بىر مەيدان تەڭلەشتى ، 11 توپ كىرگۈزۈپ كىچىك d گۇرۇپپا سېپىدە 1- ئورۇندا ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان 24 كوماندا ئىچىدە 7- ئورۇندا تۇردى .
شىنجاڭ « ئىخلاس » كوماندىسىنىڭ ترېنېرى پولات مۇئەللىم مۇنداق دېدى :« بۇ قېتىمقى قىشلىق مەشىق ۋە مۇسابىقىلەردىن كېيىن ، كوماندىمىز ئەزالىرىنىڭ غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى ، ئەتراپلىق مەشىق ۋە كەسكىن مۇسابىقىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ، نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆگەندى . بىزنى بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ ، بۇ يىل 17 - مايدا باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك U-15 مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز »
ئىخلاس U-15 پوتبول كوماندىسى گۇاڭشىدىكى پوتبول مۇسابىقىسىدە
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل 17- ماي چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك U-15 مۇسابىقىسى يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ ، ۋاقتى ھازىرچە ئېنىق بېكىتىلمىدى . لېكىن بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ئىخلاس 15 ياشلىقلار پوتبول كوماندىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ .