ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش مەزگىلىدە تاكسىغا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدۇ
7– ئىيۇندىن 9 – ئىيۇنغىچە ئۈچ كۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلى بولۇپ ، ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا كىرىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ ، بەلگىلەنگەن تاكسىغا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدىكەن ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ھەم مېڭىش – تۇرۇشى بىئەپ بولغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ماشىنىنى ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
2– ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك شەھەر قاتنىشى ئىدارىسى، شەھەرلىك يولۇچىلار تىرانسپورتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىكى لېي فېڭ (雷锋) ماشىنا ئەترىتى، مېھر – شەپقەت (爱心) ماشىنا ئەترىتى ۋە ياشىن (亚心) ماشىنا ئەترىتىنىڭ 78 ماشىنىسى ماشىنا ئالدى ئەينىكىگە " ئىمتىھانغا ئاپىرىپ قويۇش ماشىنىسى" دېگەن بەلگىنى چاپلايدىكەن، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچى پەقەت ئىمتىھانغا كىرىش كىنىشكىسىنى كۆرسەتسىلا، ھەرقانداق يول بۆلىكىدە يۇقىرىقى تاكسىلارغا ھەقسىز ئولتۇرالايدىكەن.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرنىڭ تاكسىغا ھەقسىز ئولتۇرۇش ۋاقتى 7 – ئىيۇندىن 9 – ئىيۇنغىچە ئۈچ كۈن بولۇپ ، كونكېرت ۋاقتى سەھەر سائەت 7:00 دىن چۈشتىن كېيىن 19:00 غىچە ئىكەن ، " ئىمتىھانغا ئاپىرىپ قويۇش" ماشىنىلىرى 7 – ئىيۇن سەھەر سائەت 7:00 دىلا يولغا چىقىپ ، ۋاقىت ۋە ئورۇن بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئاپىرىپ قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
شەھەرلىك يولۇچىلار تىرانسپورتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ شۇجىسى چېن ليېلى مۇنداق كۆرسەتتى: ئەگەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ھەم ئائىلىسىدە مېڭىش – تۇرۇشى بىئەپ بولغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچى بار ئاھالىلەر "ئىمتىھانغا ئاپىرىپ قويۇش ماشىنىسى" بىلەن ئالدىن كېلىشىشى، كېلىشكەن چاغدا شوپۇرغا ئاپىرىپ – ئەكىلىپ قويىدىغان ئادرېسلارنى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىپ، ماشىنىلارنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىمتىھانغا ئاپىرىپ قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، خاتالىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرىقى ئۈچ ماركىدىكى تاكسى ماشىنىلىرىدىن باشقا تاكسى ماشىنىلىرىمۇ ئۆزلىرى خالاپ بۇ ئىشقا تىزىملىتىپ، قاتناشسا بولىدىكەن، شوپۇرلار بۆلۈنگەن يول لىنىيىلىرىدە تەرتىپلىك مۇلازىمەت قىلىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچى ماشىنىدىن چۈشكىچە ئۇنىڭغا ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشنى، كېرەكلىك بۇيۇملارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىدىكەن. مەنزىل : تەڭرىتاغ تورى