1.بىلىمنى بۇيۇك،ئەقىل-ئىدراكنى ئۇلۇغ (نەرسە)دەپ بىل،
بۇ ئىككى نەرسە ئىنساننىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.
2.ئەقىل-ئىدراك قەيەردە بولسا،ئۇلۇغلۇغ(شۇيەردە)بولىدۇ،
كىمدە بىلىم بولسا،ئۇ بۇيۇكلىككە ئېرىشىدۇ.
3.ئەقىلىق ئوقالايدۇ، بىلىملىك بىلەلەيدۇ،
بىلىملىك،ئەقىللىق كىشلەر تىلىگىگە يېتەلەيدۇ.
4.بىلىمنى نېمىشقا بىلىم دىگەنلىكنىڭ مەنىسنى بىل،
بىلىم بىلگەن ئەردىن كېسەل يىراقلىشىدۇ.
5.بىلىمسىز كىشلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل كېلىدۇ،
كېسەلنى داۋالىمىسا،ئادەم تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
6.يۇر،ئەي،بىلىمسىز كىشى، كېسلىڭنى داۋالا،
ئەي ئالىم،بىلىمسىزلىكنىڭ داۋاسىنى(سەن)ئېيتىپ بەر.
7.ئەقىل-ئىدراك بىر چۇلۋۇركى،ئۇنىڭغا ئېرىشكەن ئەر
تۈمەنلىگەن ئارزۇسى بولسىمۇ يېتەلەيدۇ.
8.ئەقىل-ئىدراكنىڭ كىشىگە پايدىسى نۇرغۇن،
بىلىم بىلگەندىن كېيىن،ئادەم قەدىرلىك بولىدۇ.
ھەرقانداق ئىشنى ئەقىل-ئىدراك بىلەن ئىشلە،
ياشىغان زامانەڭنى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملە.
تىلنىڭ پەزىلىتى، پايدىسى ۋە زىيىنى ھەققىدە
1.ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ تىلماچى تىلدۇر،
ئادەمنى نۇرلاندۇردىغان بۇ ماھىر تىلنى بىل.
2.تىل كىشىنىڭ قەدىرنى ئاشۇرىدۇ،ئادەم بەخىتلىك بولىدۇ.
تىل كىشنى خورلايدۇ،(تىل بىلەن) ئادەمنىڭ بېشىمۇ كېتىدۇ.
3.تىل ئىشكتە ياتقان ئارىسلاندۇركى،
ئەي،ئوي ئىگىسى،ئېھتىيات قىل، بېشىڭنى يەيدۇ.
4.تىل(ئازاۋىدىن)قىينالغان كىشىنىڭ نېمە دىگەنلىگنى ئاڭلا!
بۇ سۆزنى ئەمەلگە ئاشۇر ۋە ئۆزەڭگە ھەمرا قىل.
5.يارەببى،تىل ماڭا قانچىلك كۆپ جاپا چەكتۇردى،
بېشمنى كەسمسۇن ئۈچۈن،تىلىمنى كېسەي.
6.سۆزۈڭگە ئېھتىيات بول،بېشىڭ كەتمىسۇن!
تىلىڭنى ساقلا،چىشىڭ سۇنمىسۇن!
7. بىلىملكلەر تىلغا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ،
ئەي تىل ئىگىسى،بېشىڭنى قوغدىغىن.
8.سەن ئۆزەڭگە ئامانلىق تىلسەڭ،
ئاغزىڭدىن يارامسىز سۆزلەرنى چىقارما.
9.سۆزنى بىلىپ سۆزلىسەڭ،ئىلىم ھېساپلىندۇ،
بىلىمسىزنىڭ سۆزى ئۆزنىڭ بېشنى يەيدۇ.
10.كۆپ سۆزدىن ئارتۇق پايدا كۆرمىدىم،
تەكرار سۆزلەشتىن نەپمۇ تاپمىدىم.
11.كۆپ سۆزلىمە،بىرەر-بىرەر سۆزلە،ئاز(سۆزلە)
تۈمەن سۆزنىڭ تۈگىنىنى بىرلا سۆز بىلەن يەشكىن.
12.كىشى سۆز بىلەن يۇقۇرى ئۆرلەپ،پادىشا بولىدۇ،
(ئەمما)كۆپ سۆز بېشڭنى يەرگە ئەگدۇرىدۇ.
13.كۆپ سۆزلىسە،بىلىم قۇرۇق گەپكە ئايلاندى دىيىشىدۇ،
سۆزلىمىسەڭ كىكەش دەيدۇ.
14.شۇنداق ئىكەن،ماھىرلىق قىلغىن،
ماھىرلىق كىشىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.
15.تىلڭنى قاتتىق ساقلا،بېشىڭ ساقلىندۇ،
سۆزۇڭنى قىسقا قىل ئۆمرۈڭ ئۇزىرىدۇ.
16.تىلنىڭ كۆپ پايدىسى بار،(شۇنداقلا)ئۇنىڭ زىينىمۇ
نۇرغۇن.بەزىدە تىل ماختايدۇ،بەزىدە مىڭ تۈرلۈك سۆكىدۇ.
17.ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، سۆزنى بىلىپ سۆزلە،
سۆزۇڭ كۆزسىز قارغۇغا كۆز بولسۇن.
18.بىلىمسىز كىشى، بەلگۈلىككى،قارغۇ(ئادەمدۇر)
يۇر،ھەي بىلىمسىز،ئۆزەڭگە تېگىشلىك بىلىمنى ئال.
20.ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قېرىمايدۇ،
ئۇنىڭ بىرسى ياخشى قىلىق،يەنە بىرسى ياخشى سۆزدۇر.
21.ئادەم تۇغۇلىدۇ،ئۆلىدۇ،بىراق ئۇنىڭ سۆزى قالىدۇ،
ئىنسان ئۆزى كەتسىمۇ،نامى قالىدۇ.
22.ئۆلمەيدىغان ھايات تىلىسەڭ،
ئەي دانا،خۇلقى-مىجەزىڭ بىلەن سۆزۈڭنى ياخشى قىل.
23.تىلنى بىرمۇنچە ماختىدىم،بەزىدە سۆكتۈم،
تىلىگىم سۆز ئىدى،بۇنى ساڭا چۈشەندۈردۈم.
24.ھەممىلا سۆزنى توپلىسا،ئەقىل ماقۇل كۆرمەيدۇ،
كىشى ھاجەتلىك سۆزنى يوشۇرماي سۆزلەيدۇ.
25.ئەي،دانا،سۆزۈمنى ئوغلۇمغا سۆزلىدىم،
ئوغۇل مەندىن تۆۋەن تۇرىدۇ،ماڭا قانداق تەڭلەشسۇن؟
26.ئەي، ئوغۇل، سۆزۇمنى ساڭا سۆزلىدىم،
ئەي ئوغۇل،ساڭا ئۆزەمنىڭ بۇ نەسھىتىمنى قىلدىم.
27.مەندىن ساڭا ئالتۇن-كۈمۈش قالسىمۇ،
سەن ئۇنى بۇ سۆزگە تەڭ كۆرمە.
28.كۈمۈشنى ئىشلەتسەڭ تۈگەيدۇ،
سۆزۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرساڭ، كۈمۈش تېپىلىدۇ.
29.ئادەمدىن ئادەمگە سۆز ۋەسيەت قالىدۇ،
ۋەسيەت سۆزگە ئەمەل قىلسا،ئۇنىڭ پايدىسى كۆپ (بولىدۇ)
مەنبە:<قۇتادغۇبىلىگ>دىن پارچىلار
ــــــــــــــــــــــــــــ
تەھرىردىن:
و ، ۆ ، ۇ ، ۈ ، ې ، ھەرپلىرىنى جايىدا ئىشلىتىڭ. تېما يوللىغاندا ئىملانى بىر قۇر تەكشۈرىۋېتىپ ئاندىن يوللاڭ.
[ nawa717 تەرپىدىن 2008-06-04 04:01 قايتا تەھرىرلەنگ ]