بىزھەمكارلىشىپ سورۇن قۇرىمىز.
ھەمكارلىشىپ كارخانا قۇرمايمىز.
ئەمدى باشقا باشقا كارخانىلارنىڭ بىر بىرىنىڭ مەسھۇلاتلىرنى ئۆز دوكىنىغا سالماسلىقتەك ئىشىغا كەلسەك:
بۇ بەك ئاددى ئىش ئەمەس،ھەم تەخىرسىز ئىشمۇ ئەمەس.
چۇقۇم نۇرغۇن جەھەتلەردىن ماددى-مەنىۋى جەھەتلەردىن شەرت ھازىرلىنىشى كېرەك.
ئىككى كارخانىنىڭ بىرلىشىش ئىشىغا كەلسەكمۇ، بۇنىڭ نۇرغۇن جەريان كىتىدۇ.
ئەگەر 2كارخانا تىجارەت باشلاشتىلا بىرلەشسە بۇ تىزرەك بولىدۇ.لىكىن ئۆز-ئالدىغا ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۈت بۇلۇپ كەلگەن كارخانىلارنىڭ بىرلىشىش ئىشى،بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرنى قوللاش ئىشى ئۇنچە ئاددى ئىش ئەمەس،ھەم ئۇڭاي ئىش ئەمەس.
بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلاردا بىردەكلىكى بۇلۇشى كېرەك،بىر-بىرىنىڭ مىلىنى سىتىش،قوللاش بىلەنلا 2كارخانا ئىچقۇيۇن،تاشقۇيۇن بۇلۇپ كىتىشى مومكىن ئەمەس.
بۇ يەردە مۇھىمى ئىككى كارخانىنىڭ ئالى غايىسى بىردەكلىككە كىلىشى كېرەك،شۇنداق بولغاندىلا بىرلىشىشتە گەپ يوق.
مەسىلەن كومپىيوتىرچىلىق ساھەسىدىكى شىر دۆلەت ئامىرىكىدا نۇرغۇن كارخانىلار بار
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالما شېركىتىapple
TBN شېركەتلىرى خاراكتىر جەھەتتىن ئوخشاش كارخانىلار،بۇلار تاكى 2002-يىلى ھەمكارلىقنى رەسمى يولغا قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەممە جەھەتتىن بىردەكلىكنى ساقلاپ كىلۋاتقان كارخانىلاردۇر.
ھەممىمىزگە مەلوم:apple شېركىتى 1976-يىل4-ئاينىڭ1-كۈنى قۇرۇلغان.
TBNشېركىتى بولسا 1982-يىل6-ئاينىڭ5-كۈنى قۇرلغانكەن،لىكىن بۇلار 2002-يىلىغا كەلگەندە ھەمكارلاشتى.......ئۇزۇن مەزگىللىك رىقابەت جەريانىدا بىر-بىرىنى يىۋىتەلمىدى،ئاخىرى بۇرۇنقى يەۋىتىشتىن بىرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.
يەنە بىر جەھەتتىن:
چەتئەل كارخانىلىرنىڭ كارخانا قۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق:
بىرى بۈگۈن كومپىيوتىر ئىشلىسە ئەتىسى باشقىسى كومپىيوتىر ئۈستىلى ،ئورۇندۇق ياسايدۇ.
يەنە بىرى ياغاچ ماتىرياللىرى تەمىنلەش ئورنى قۇرىدۇ.يەنە بىرى تىرانسىپورت كەسپىنى تاللايدۇ.
بىربىرىگە شۇنداق باغلىنىشلىق بۇلىدۇ،ئېھتىياجتىن قاتتىق پايدىلىنىدۇ.
لىكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكى كارخانىچىلارچۇ؟
پۈتۈنلەي ئۇخشاش كارخانىلارنى تېزەك قىلۋىتىدۇ.ھازىر بىزدىكى ساغلاملىق يىمەلىكلىرى خاراكتىردىكى شېركەتلەر تېزەك بۇلۇپ كەتتى.
گىرىم بۇيۇملىرى شېركەتلىرى تېزەك بۇلۇپ كەتتى.
بىز ئەسلى بىرسى گىرىم بۇيۇملىرى شېركىتى قۇرسا ئۇخشاش ئۇلارنى دورىماي گىرىم بۇيۇملىرغا كىتىدىغان خام ئەشيا دىگەندەك يولدىن يول تاپىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاشساق بۇلاتتى.
بەلكىم بۇ ئىشلارغىمۇ ئاز قالغاندۇ؟
دىگىنىمىز كىلىپ قالار......... چوڭ شېركەتلەر بىرلىشىپ كىچىكلەرنى يەپلا تۈگىتىش كېرەك،شۇندىلا جاھان تىنىچلىنىدۇ.
[ islam~1400 تەرپىدىن 2008-06-04 09:38 قايتا تەھرىرل ]