ئايروپىلان قەغەز بېلىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
شىنخۇا تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشچە، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە ئايروپىلان قەغەز بېلىتىنى سېتىش ئومۇميۈزلۈك توختىتىلغان. بۇندىن كېيىن ئايروپىلانغا چىققاندا سېتىۋالىدىغان نەچچە كۆتەكلىك قول بىلەن يىرتىپ بېرىدىغان قەغەز بىلەتنى كۆرەلمەيدىكەنمىز. يولۇچىلار پەقەت كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلەيدىكەن.
2005 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر تورى پاي چەك شىركىتى بىلەن خەلقئارا ھاۋا ترانسىپورت جەمئىيىتى بىرلىكتە ئىستىراتېگيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇرى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە جەمئىيىتىنىڭ «سودا ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش» تېخنىكىسىنى جۇڭگودا يولغا قويۇشتىكى ھەمكارلىق شېرىكىگە ئايلانغان. خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە جەمئىيىتىنىڭ يەر شارىدا ئېلېكترونلۇق بىلەتنى يولغا قويۇشىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ئايروپىلان بېلىتىنى ۋاكالىتەن ساتىدىغان ئورۇنلاردا قەغەز بىلەت سېتىش توختىغان.
قەغەز بىلەت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئەگەر يولۇچىلار ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن سەپەرگە چىقىپ ئاتچوت قىلدۇرۇشقا توغرا كەلسە، بىلەت سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغان ئورۇن ياكى توشۇشنى ھۆددە ئالغان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرودرومىدىكى بىلەن سېتىش ئورنى سەپەرگە چىقىش تالونى بېسىپ چىقىرىپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، بىلەت سېتىش مەخسۇس تامغىسى بېسىلغاندىن كېيىن ئاتچوت قىلىش ئىسپاتى قىلىشقا بولىدىكەن. مەنبە: شىنخۇا تورى