ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﻩ كۆﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ
ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .
ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﯩﮕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﻠﯩﺸﭽﻪ ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻏﺎ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺳﺘﺎﻧﻔﺮﺩ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﺭﻣﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،59% ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﯟﯗﺯﯗﺭ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯﺍﻳﻐﺎﻥ ، 34 % ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮔﯩﺰﯨﺖ ﻛﻮﺭﯛﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺳﯘﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ، 26% ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺖ - ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺩﺍﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ، 13 % ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . 8% ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺠﺪﯨﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ .
ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮﺩﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ .
1. ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻏﻮﻝ ﻛﯩﺴﯩﻠﻰ
ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ : ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺳﯩﺠﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺯﻩﺧﻤﻪ .
ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ : ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺗﺮﯗﮬﺎﻝ ﺳﯩﺠﯩﻠﻤﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺧﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯩﺠﯩﻠﻤﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 15 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺩﯨﺮﯨﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ، ﺳﺎﭖ ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
2. ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ
ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ : ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮﺩﺍ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻓﻮﻛﯘﺱ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﻛﯚﺯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻓﻮﻛﯘﺱ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻓﻮﻛﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ . ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ، ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ .
ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ : ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﯨﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ، ﺗﻪﯕﯩﺸﻪﭖ ، ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺧﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯘﺱ ﻛﯜﻟﺮﻩﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﯕﯩﺸﻪﺵ ، ﺗﻮﺭ ﺑﯩﺘﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯗ .
ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﻧﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﻥ ﻧﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮﻏﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﺟﺮﺍﻟﻤﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﯚﺯ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﺗﺎﻗﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ، ﻛﯚﺯﻧﻰ ﭼﯩﻤﭽﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻳﯘﻣﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯗﺭﯛﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
3. ﺗﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﺍﻍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ : ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﺯﻩﺭﻩﺕ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﯓ - ﺗﻮﺯﺍﻧﻼﺭ ، ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯘﻳﯘﯞﯨﺘﯩﻠﻤﯩﺴﻪ ﺩﺍﻍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ : ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﻛﻮﻧﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪ ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﯨﺴﺘﺎﻝ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻐﺎ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
4. ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﭘﯘﺕ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ
ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ : ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺴﺎ ، ﭘﯘﺕ ، ﺗﺎﭘﺎﻥ ، ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﯨﻨﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺑﯜﮔﺮﻯ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ .
ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ : ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮﺩﺍ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﻠﯩﭗ ، ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ، ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﯞﯨﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
مەنبە: «كومپيۇتېر كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەر» دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.