ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار تۇرمۇش ۋە كەيپىيات جەھەتتە زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.لېكىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغانلىق،ھەرگىزمۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق ئەمەس.ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئادەم ئورگانىزىمىدا مەلۇم مەزگىل يوشۇرۇن تۇرىدۇ.يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان مەزگىلدە ساق ئادەملەر بىلەن پەرقى بولمايدۇ.ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەسىلە كېسەلنىڭ يېتىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش،شۇنداقلا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ،ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ تېزدىن كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت .
پەقەت تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا بۇ ئىككى ئىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
1)پاكىتنى قۇبۇل قىلىش،ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك.پسىخىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش،ئۆزىنى خوشال تۇتۇش .
2)قەرەلىك تۈردە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۇش، دوختۇرنىڭ يىتەكچىلىگىنى قوبۇل قىلىش لازىم .
3)يۇقۇملىنىش ۋە تېرىنىڭ زەخمىنلىشىدىن ساقلىنىش،پائال تۈردە قاراتمىلىغى بولغان داۋالىنىشنى يولغا قويۇش .
4)ئەگەر سالامەتلىگى ياخشى بولسىلا داۋاملىق ئىشلەشكە بولىدۇ.ئىشلەشكە،ئەمگەك قىلىشقا بولىدۇ.بۇ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ پسىخىك سالامەتلىگىڭىزگە پايدىلىق،شۇنداقلا ئىقتىسادىي كىرىمنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق .
5)خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قەتىئىي ئۆزگەرتىش .
6)تولۇق ئۇزۇقلىنىش ۋە يىتەرلىك دەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش .
7)تاماكا،ھاراقنى تاشلاش،مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش،تۇرمۇشنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈش .
مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرغاندىلا ئەيدىز كېسىلنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە كەينىگە سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى:ئىنسانىيەت ھامان ئەيدىز كېسىلى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ .
مەنبە:ياشلار ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىز سەئىپىسى
ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ بىزنىڭ ئەيدىزگە ئائىت بىلمىلىرىمىز بولسا ئۇيغۇر ياشلار تۇر بىتىدە
http://www.yashlar.com/web نىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىس سەھىپىسىدە .مىللەتنى ۋە ئۆزىڭىزنى سۆيسڭىز ئەيدىزنى قېرنداشلارغا تەشۋىق قىلىڭ.
بىز توردا مەخسۇس ئەيدىزدىن مەسلەت سوراشنى يولغا قويدۇق.
بىزنىڭ كۇلۇبنىڭ توپ نۇمۇرى:53552778
مۇتەخەسسىزلەر چچ نۇمۇرى:594744992 574110967 564137192 504500765
بىمارلار پىسخىكىدىن مەسلەت سوراش: 81729019
ئەسكەرتىىش:بارلىق ئىشلار مەخپى تۇتۇلدۇ،مەسلەت سوراش ئاساسەن كەچتە ئىلىپ بىرلىدۇ،خاتىرجەم بۇلۇڭ.مىللەتنى سۆيسىڭىسز ئەيدىزنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىڭ.پەقەت پۈتۈن مىللەت بىر نىيەتكە كەلسەكلار بۇ كىسەل ئۇيغۇر ئىلىدىن يۇقايدۇ.
[ totem تەرپىدىن 2008-06-03 15:27 قايتا تەھرىرلەنگەن ]