ئاتا- ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تىلۋۇزۇر كۆرۈشىگە توغرا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ ؟
Ihlas Ilani

دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ » ئاتا- ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تىلۋۇزۇر كۆرۈشىگە توغرا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ ؟
بۇ بەتتىكى تېما: ئاتا- ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تىلۋۇزۇر كۆرۈشىگە توغرا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ ؟ پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 40 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق Hush_Chiray
دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3088<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1911
UID نۇمۇرى : 72
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3072
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3072دانە
شۆھرەت: 197 نۇمۇر
پۇل: 4750 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23

ئاتا- ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تىلۋۇزۇر كۆرۈشىگە توغرا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ ؟


نۆۋەتتە تىلۋىزۇر ھەممە ئائىلىلەردە ئومۇملىشىپ كەتتى . تىلۋىزۇردا قويۇلىۋاتقان پىراگرامملارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسىل نومۇرلار بولۇپ ، كۆرۈرمەنلەرگە پايدىلىق تەرەپلىرى بار . لىكىن ئايرىم ھالدىكى قاتىللىق بۇلاڭچىلىق قاتارلىق توقۇپ چىقىرىلغان نومۇرلار ئەخلاققا يات بولۇپ ، بالىلارغا زىيانلىق . ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىنىڭ تىلۋىزۇر كۆرىشىگە توغرا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ ؟
1. قانداق پىراگراممىلارنى كۆرۈش كىرەك ؟ ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا بولغۇچى ياخشى باشلامچى بولىشى كىرەك ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار قاتىللىق بۇلاڭچىلىق قاتارلىق ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرسە ، تەبىئى ھالدا بالىنى بۇزۇۋالىدۇ . شۇڭا بالىلار تىلۋىزۇردا قانداق پىراگراملارنى كۆرۈش كىرەك ، بۇنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بارمۇ-يوق قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ يىتەكلىشى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرۇدۇ .
2. بۈگۈنكى كۈندە بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى دەرىسلىك يۈكىمۇ خېلى ئېغىر ، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تىلۋىزۇر كۆرۈش ۋاقتىنى چوقۇم تىزگىنلىشى كىرەك . بالىلارنىڭ تىلۋىزۇر كۆرۇشىگە پۈتۈنلەي يول قويماسلىقمۇ توغرا ئەمەس ، بالىلارنى تىلۋىزۇر مەستانىسى قىلىپ قويۇشمۇ توغرا ئەمەس . تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، بالىلار ھەركۈنى بىر سائەت ئەتراپىدا تىلۋىزۇر كۆرسە مۇۋاپىق بولۇپ ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى سائەتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كىرەككەن . ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئىنتىھان مەزگىلى بايرام تەتىل ۋاقىتلىرىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بەزى چاغلاردا بالىنى تىلۋىزۇر كۆردۈرمەسلىك بەزى چاغلاردا بالىلارغا ياخشى پىراگراملارنى كۆپرەك كۆردۈرۈش كىرەك .
3. تىلۋىزىيە پىراگراممىلىرىنى تاللاشتا ، ئاتا-ئانىلار چۇقۇم نىشاننى ئىگەللەشكە ماھىر بولىشى كىرەك . بالىلارغا خەۋەرلەر ، پەن-تىخنىكا، قانۇن-تۈزۈم ، مائارىپ ، تەنتەربىيە ، مۇزىكا قاتارلىق پىراگراممىلارنى كۆپرەك كۆردۈرۈش، ھىكايە فىلىملەر ئىچىدىكى تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار فىلملەرنى كۆردۈرۈش كىرەك . قاتىلىلىق بۇلاڭچىلىق فىلىملىرىنى بالىلارغا كۆرسەتمەسلىك ، بۇ خىل فىلىملەرنىڭ بالىلارنىڭ كاللسىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك . شۇنى ئىنىق بىلىش كىرەككى ، ئوبرازلىق نەرسىلەر بالىلارنىڭ كاللىسىدا ئەڭ ئاسان قىلىپ قالىدۇ . بىز تىلۋىزۇر ئارقىلىق بالىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ، ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشىمىز كىرەككى ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئالدام خالتىغا چۈشۇرۋەتمەسلىكىمىز ، زەھەرلەندۈرۈپ قويماسلىقىمىز لازىم .
4. ئاتا-ئانىلار بەزى چاغلاردا ئەڭ ياخشىسى بالىلار بىلەن بىرلىكتە تىلۋىزۇر كۆرۈشى كىرەك . ئۇلارغا بەزىبىر خەۋەرلەرنىڭ كىلىش مەنبىيىنى چۈشەندۈرۈپ قويىشى ، بەزىبىر پەن-تىخنىكا بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىشى ، ئۇلارغا نېمىنىڭ ساغلام ، نېمىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىشى ، ئۇلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ھەق-ناھەقنى پەرىقلەندۇرۈشنى ، نېمىلەرنى قوبۇل قىلىش ، نېمىلەرنى تەنقىد قىلىشنى ئۈگىتىشى كىرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىللە تىلۋىزۇر كۆرۈش جەريانىدا ھىسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ، ئورتاق بىلىمگە ئىرىشىشى كىرەك . ئاتا-ئانىلار بۇ تىلۋىزۇر دەرسخانىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ، تىلۋىزۇرنى بىر خىل كۆڭۈل ئىچىش قورالى دەپلا قاراپ قالماسلىقى كىرەك .

مەنبە : پەن ۋە تۇرمۇش
.

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-20 11:31 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 10-23 09:45
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2003-07 UyPW Corporation