1000 نۇسقا ھەخىسىز تارقىتىش پائالىيىتى
سەنەم خاتىرە دەپتىرنىڭ 1.4 نۇسىقىسى يىڭىدىن ئىلان قىلىندى . سەنەم خاتىرە دەپتىرى ئىلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان دوسلارنىڭ پىكىر بىرشىگە، قوللىشىغا، ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ كىلىۋاتىدۇ . يىقىندىن قوللاۋاتقان پىكىر بىرۋاتقان دوسلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيىتىمىز . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاتىرە دەپتەرنى كونا ئىشلەتكۈچىلەردىن باشقا يەنە 1000 نۇسقا ھەخىسىز تارقىتىش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىشنى باشلىدۇق . سان چەكلىك، دوسلارنىڭ پۈرسەتنى غەنىمەت بىلىپ خاتىرە دەپتەرنى چۈشۈرۋىلىپ ۋاخىتىدا تېزىملىتىۋىلشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، رەھمەت .
سەنەم خاتىرە دەپتىرى قانداق دېتال ياكى نىمىگە ئىشلىتىدىغان دەپتەر ؟
كومپىيۇتىرڭىز بارمۇ ؟
بار
ئەمسە بەزى مۇھىم ئىشلىرڭىز بولسۇن ياكى تېلفۇن نۇمۇرلار بولسۇن ياكى باشقىدەك ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ
خاتىرڭىزگە يىزىپ قويىدىغان ئىشلارنى كومپىيۇتىرڭىزگىمۇ يىزىپ قويامىسىز؟
............... مىنىڭغۇ شۇنداق قىلغىم بار ئىدى ، لىكىن نەگە يىزىشنى بىلمەيمەن
توغرا ! كومپىيۇتىر بولغان بىلەن ئۇنىڭ ئىچىگە بىرە نەرسە يىزىپ قويايلى دىسەك يازدىغان يەر تاپالمايىمىز بىزمۇ مەخسۇس مۇشۇ كومپىيۇتىر بىلەن شۇغۇللىندىغان تۇرۇپ بەزىدە بىرە نەرسە يىزىپ قوياي دىسەك يازىدىغان يەر تاپالماي قالىمىز . ئەگەر زادى يازمىساق بولمايىدىغان ئىش بولسا ئايىرىم بىر ھۆججەت قىلىپ ساقلاپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ . بۇ ئەۋارچىلىق بولۇپلا قالماي بىرە ئايدىن كىيىن ئۇ يازغان نەرسىمىز كىرەك بولغاندا ئىزدىسەك ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان ئەھۋاللا ئۇچىراپ تۇردۇ .
بۇ يۇمشاق دېتال دەل شۇنداق ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئائىلمىزدىكى ئىش ئورنىمىزدىكى دۇكاندىكى ئىشقىلىپ ھەر قانداق يەردىكى يىزىپ قويۇشقا تېگىشلك ئۇچۇرلارنى يىزىپ قويىدىغان خاتىرە دەپتەر . ھەر قانداق ئادەمنىڭ يىنىدا بىر خاتىرە دەپتىرى بولدىغۇ ؟ شۇ خاتىرسىگە يازغان نەرسىلەرنى كومپىيۇتىرغىمۇ يىزىپ قويىدىغان خاتىرە دەپتەر .
ئالاھىدىلكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ، يازغان ئۇچۇرلىرڭىز بىخەتەر ساقلىندۇ، ئىشلىتىش تولىمۇ قولايىلىق، ھەم سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى مالىيە ئىشلىرڭىزنى ئاپتۇماتىك خۇلاسە قىلىپ بىردۇ
بۇ سېستىما شەخسى خاتىرە، ئائىلە باشقۇرۇش، دۇكان باشقۇرۇش دەپ 3 تۈرگە بۆلۇپ لاھىيلەندى
شەخسى خاتىرە : شەخسى خاتىرگە ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىر شەخسى ئىشلىرى بولىدۇ . كۆڭلىدىكى باشقىلارغا دىيەلمەيدىغان ئىشلار بولىدۇ، بەزى باشقىلارغا بەرگەن ياكى ئالغان ھىساۋات ئىشلىرى بولىدۇ ، شۇلارنىڭ ھەممىنى بىر ئادەمگە دەپ قويۇپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ . شۇ شەخسى ئىشلىرڭىزنى خاتىرلەپ ئىشلەتىسڭىز بولىدۇ. ئىشقىلىپ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن گەپ سۆزلىرى ، شەخسى ھىساۋات ئىشلىرى بولىدۇ . شۇنداق يىزىپ قويۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى خاتىرلەپ قويۇش كىرەك
ئائىلە باشقۇرۇش : ئائىلە باشقۇرۇشقا ئائىلڭىزدىكى ھەر قانداق يىزىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يىزىپ قويىسىڭىز، كىرىم چىقىم ئەھۋاللىرنى يىزىپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويىسڭىز ، ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەر خۇلۇم خوشنىلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرلىرنى خاتىرلەپ قويىسڭىز ئىشقىلىپ بىر ئائىلدىكى ھەممە ئىشلارنى خاتىرلەپ ماڭىسڭىز بولىدۇ . دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنسىزغۇ دەيمەن . چۈنكى ھەممە ئادەمدە ئائىلە بولىدۇ ، ئائىلدە نۇرغۇن ئىشلار بولىدۇ . يىزىپ خاتىرلەپ ماڭغاندا كۆپ جەھەتلەردىن پايىدىلىق بولىدۇ
دۇكان باشقۇرۇش : بەزى ئائىللەر دۇكان ئاچىدۇ ، دۇكاندا كومپىيۇتىر تۇرۇپمۇ دۇكاندىكى نەخ نىسى ئىشلارنى ياكى باشقىدەك ئىشلارنى خاتىرە قالدۇرۇپ قوياي دىسە بەك ئەپسىز ياكى خاتىرە قالدۇرۇپ قويالمايدۇ .شۇنداق دۇكان ئاچىدىغانلار دۇكاندىكى يىزىپ قويۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئىشلارنى خاتىرە قالدۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ . دۇكانغا مۇناسىۋەتلىك مال ئىۋەتىدىغان ياكى خىرىدارلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرلىرنى ئادىرىسلىرنى خاتىرە قالدۇرسا بولىدۇ . دۇكاندىكى ماللارنى ، كىرگەن چىقىقان ماللارنى ھەم دۇكاننىڭ نەخ نىسى ئىشلىرنى خاتىرلەپ ماڭسا دۇكان تەرتىپلىك باشقۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال سىزنىڭ دۇكىنڭىزنىڭ كىچىك مالىيە بوغالتىرى بولالايىدۇ
ئەسلى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئايىرىم ئايىرىم يۇمشاق دېتال قىلىپ چىقارساق بولاتتى . لىكىن بىر ئائىلدە نەچچە ئادەمنىڭ نەچچە خىل ئىشلىرى بولىدۇ، شۇڭا ھەممە ئىشلىتىدىغانلار ئۆزىگە كىرەك تۈردىن تاللاپ پايدىلانسۇن دەپ بىرلا چىقاردۇق . پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆزنەكلىك يۇمشاق دېتال بولۇپ خەلىقئارادا بىرلىككە كەلگەن يۇنىكود ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن . ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئوڭاي ئىشلىتىشى ئۈچۈن سۆز ئىبارلەر زاغرا تېلدا ، ئۇسلۇبى ئادەتتىكى ئۇسلۇپ بويىچە تۈزۈلدى
سېستىمىغا نىسبەتەن ھەر قانداق پىكىر تەلەپلىرڭىز بولسا قارشى ئالىمىز . ئىشلىتىش جەرياندا ھەر قانداق مەسلىگە ئۇچىرسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ
چۈشۈرۈش ئادىرسى :
http://www.xjsanam.com/xj/hatire.exeدوسلارنىڭ ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىنى ، خاتىرە دەپتەرنى كۆڭۈللۈك ئىشلىتىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن ، رەھمەت .
[ diqqet تەرپىدىن 2008-06-03 09:55 قايتا تەھرىرلەنگە ]