– شەھەر ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كرىزىسى ئۈستىدە سوتسىئولوگىيىلىك تەھلىل
زۇلپىقار بارات ئۆزباش
ئاپتوردىن:
كىملىك كىرزىسىنى ئىلمي ماقالە يېزىشنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يېزىشقا تىرىشتىم: تەتقىقات مېتودى، تەتقىقات سوئالى ۋە سىتاتا مەنبەلىرىنى ئېنىق ئەسكەرتتىم(بۇ خەلقئارالىق تەتقىقات ساھەسىدە ئەقەللى تەلەپ).جەمئىيەتشۇناسلىقتا نەزەرىيە تەدبىقلاش ۋە ئەمەلىي پاكىت تەتقىقاتنىڭ جېنى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەھەتتە نەزەرىيە بىلەن ئۇيغۇرشەھەر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرنى تەھلىل قىلشقا كۈچىدىم؛ جەمئىيەتشۇناسلىق بىزدە يېڭى پەن بولغانلىقى ئۈچۈن قىزققۇچىلارنىڭ كېيىن ئىزدىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا ئاچقۇچۇلۇق ئاتالغۇلارنى قوش تىلدا، ھەتتا ئۈچ تىلدا ئىزاھلاپ قويدۇم.ماقالىنى يېزىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسى ۋە خەلقئارادا ئېقىۋاتقان ئىلمىي ماقالە يېزىش قائىدىسىنى جىددي ئۆگىنىشى كېرەككەن.ئجقتىمائىي پەندە دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەر دېيىلىپ بولدى. بىز يېڭىدىن بايقىدىم دەپ قارىغان نۇرغۇن نۇقتىنەزەرلەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن دەپ بولغان بولىدىكەن، يەنە كېلىپ پىكىرنىڭ ئىلمىيلىكىگە شۇ كىشى ياشاۋاتقان تۇپراق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا،ئۆزىمىزنىڭ تار ئىمكانىيەت ئىچىدە بىلىۋالغانلىرىمىز ئاخىرقى ھەقىقەت بولالمايدىكەن. شۇڭا ھەر بىر گېپىمگە ستاتا ئالدىم، ئۆزۈمنىڭ سۇبيېكتىپ قارشىمنى ماقالىنىڭ يادروسى قىلىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلىدىم.
تېمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى:
«مەن كىم؟» دېگەن سوئالدىن باشلانغان تېڭىرقاش
1. شەھەرلىشىش ۋە كىملىك ئۇقۇمى
شەھەرلىشىش، كىملىك دېگەن تېرمىنلار ھازىر ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنچىلىك ناتۇنۇش تۇيۇلمايدۇ. ئەمما، شەھەرلىشىش ۋە كىملىك ئۇقۇملىرىنى كەڭ ئىجتىمائىي كارتىنىغا ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مەۋجۇدلۇقىدا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس، پۇرسەتلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدىكى شانلىق، يۈكسەك مەدەنىيەتلىرى قاتارىدا شەھەر–قەلئە مەدەنىيىتى بىلەن ناھايىتى بۇرۇن ئۇچراشقان، شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۆزىگە خاس ئەنئەنە ياراتقان. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 1–ئەسىردىن باشلاپلا شەھەر ھاياتىغا قەدەم قويغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مەدەنىيلىشىش، شەھەرلىشىش داۋامىدا ۋە تارىخنىڭ بوران–چاپقۇنلىرىدا ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قالغان، بېيىتقان، تاكاممۇللاشتۇرۇپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكىگە قويۇلغان سوئال ۋەزمىنلىكى ۋە ئىجتىمائىي يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ھېچقانداق دەۋردىكىگە ئوخشىمايدۇ. بەرھەقكى، بۈگۈنكىدەك يەر شارىلىشىش، شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلەشكەن دەۋردە «مەن كىم؟» دېگەن سوئال يالغۇز ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئەمەس. «بىز ھەر ماڭدامدا كىملىك ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ۋەھالەنكى، كىشىلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىۋاتقىنى يالغۇز كىملىك مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۆزگىرىش يېڭى كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشى، كونا كىملىكنىڭ تىرىلىشى، ھازىر بار بولغان كىملىكنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .» [1] شەھەرلىشىش – ئەنگلىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئانتونى گىددىنىسنىڭ ئاددىي تىلى بىلەن ئېيتقاندا «شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىياتى» [2] نى كۆرسەتسە؛ بىلەكۋېل نەشرىياتى (Blackwell Publishing) نەشر قىلغان «جەمئىيەتشۇناسلىق لۇغىتى» دىكى ئىزاھات بويىچە «كىشىلەرنىڭ يىرىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن مۇستەسنا شەھەر بازارلارغا كىرىپ، مۇلازىمەت ۋە تاۋاردىن ئايرىلالمايدىغان چوڭ كۆلەمدىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى يارىتىش جەريانى» [3] دىن ئىبارەت. ئوكسىفورد ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «جەمئىيەتشۇناسلىق لۇغىتى» دە شەھەرلىشىشكە ئاددىلاشتۇرۇلۇپ : «شەھەرنىڭ بەرپا بولۇش جەريانى» دەپ تەبىر بېرىلىدۇ. شەھەرلىشىش داۋامىدا كىشىلەر يېزا–قىشلاقلاردىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان، خاسلىق تېز يوقۇلىدىغان، تاۋار، ئىجتىمائىي ئالاقە، مۇلازىمەت قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن كۆپرەك خاراكتېرلىنىدىغان يېڭىچە بىر ھاياتقا قەدەم قويىدۇ. بۇ ھايات گەرچە قايناق، رەڭگارەڭ، جەلپكاردەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شەھەرلىكلەرنىڭ نېرۋىسىنى ھەرخىل ئۇچۇر، ھېلىدىن – ھېلىغا يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان تۇرمۇش كارتىنلىرى بىلەن غىدىقلاپ ئالدىغا يېڭى – يېڭى مەسىلىلەرنى تاشلايدۇ. ئاشۇ سوئاللار ئىچىدىكى ئاڭلىماققا ئاددىي تۇيۇلىدىغان، ئەمما ۋەزنى ئېغىر بولغان سوئال «مەن كىم؟» دېگەن سوئالدۇر، يەنى كىملىك مەسىلىسىدۇر.
كىملىك تەتقىقاتى 20–ئەسىرنىڭ 60–، 70–يىللىرىدىن باشلاپ خەلقئارا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى ۋە چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، شەخس بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەركىزىدە تۇرغانلىقى سەۋەبلىك پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق، پسىخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا ئەڭ كۆپ دەتالاش قىلىنىدىغان بىر ساھە بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىملىك مەسىلىسىگە مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن بولغان جەمئىيەتشۇناسلىق، پسىخولوگىيە ساھەسىدە ھەممىدىن جىق ئىلمىي ئەمگەكلەر ئىشلەندى. جەمئىيەتشۇناسلار كىملىك مەسىلىسىنى شەخس ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي قۇرۇلما، مۇھىت نۇقتىسىدىن كۆزەتسە، پسىخولوگلار كىملىك ئۇقۇمىنىڭ مېغىزىنى شەخسنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. پسىخولوگلار كىملىك مەسىلىسىنى «يەككىنىڭ مەسىلىسى» دەپ ئىزاھلىسا، جەمئىيەتشۇناسلار ئۇنى نورمال، ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا شەخسنى ئوراپ تۇرىدىغان مۇھىت تەرىپىدىن پىلانلىق، تاكتىكىلىق، ستراتېگىيىلىك يوسۇندا لايىھىلىنىدىغان، شەخسنىڭ ئۆزىنى سىرت بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان ئۇقۇمدۇر» [4] دەپ ئىزاھلايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بىر ئاز ئېنىقراق قىلىپ تەبىر بەرگەندە ، كىملىك : « شەخس – يەككە ئادەم بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ئىچىدە رول ئېلىش ، ئىجتىمائىي ئالاقىگە قاتنىشىش داۋامىدا يۇغۇرۇپ چىققان ئۆزلۈكنى ھەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئاساسىدا ياراتقان ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىراتىغا بەلگە ۋە نىشان بولىدىغان جەملىمە خاراكتېر » [5] ئېلېمېنتىنى كۆرسىتىدۇ . پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن « كىملىك – بىر ئادەمگە ئۆزى ۋە باشقىلار يۈكلىگەن ھەر خىل مەنەلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر . » [6]جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قىلىنىدىغان كىملىك تەتقىقاتى كۆپرەك ئامېرىكىلىق مەشھۇر پسىخولوگ ۋىليام جامېس (William James) ياراتقان «ئۆزلۈكنىڭ پراگماتىكىلىق نەزەرىيىسى» ۋە ئامېرىكىلىق مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس جورج خېربېر مېد (George H.Mead) نەزەرىيىۋى ئۇسۇلىنى سېلىپ بەرگەن سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسىنى ئۆزىگە مەنبەئە ۋە يېتەكچى قىلىدۇ. پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىشلەنگەن كىملىك تەتقىقاتى بولسا فروئىدىنىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتى ئاساسىدا يەنە بىر داڭلىق كىملىك تەتقىقاتچىسى ئېرىك ئېرىكسون (Erik Erikson) نىڭ نەزەرىيىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. مەيلى قايسى نۇقتىدىن چىقىپ قىلىنغان تەتقىقات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىملىك تەتقىقاتىدا «مەن» (I,我)، «ئۆزلۈك» (Self,自身)، «ئۆزمەن» ego, 自我 ( دىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئۇقۇمنى چۈشىنىش زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە. پسىخولوگ ئېرىك ئېرىكسوننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «مەن» – يەككىنىڭ بارلىق كەچۈرمىشلىرىدىكى تۇيغۇ مەركىزى؛ «ئۆزلۈك(自身,Self)بولسا – «مەن» نىڭ ئوبيېكتى، ئۇ يەككىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل تەجرىبىلىرىدىن يۇغۇرۇلغان ھەمدە ئۆزىگە تالىق تۇيغۇلىرىنىڭ بىرىكىشى، ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشىدىن پۈتكەن بولىدۇ. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، «ئۆزلۈك –يەككىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك سۇبيېكتىپ تەجرىبىسى بولۇپ ، ئادەتتە كىملىك تۇيغۇسى ھالىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. »[7] «ئۆزمەن»(自我,ego) بولسا – روھىي ئانالىز تەلىماتچىسى فروئىدىنىڭ نەزەرىيىسىدىن كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنغان ئۇقۇم بولۇپ، شەخسنىڭ ئىستەك–تەلەپلىرى بىلەن جەمئىيەتنىڭ شەخستىن كۈتىدىغان تەلەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسە داۋامىدا بارلىققا كېلىدىغان ئەقلىي مەنبەدۇر. ئۇ «ھالقىما مەن» (超我,superego)ۋە «ئۆگلۈك» (本我,ID)گە نىسبەتەن ئېيتىلغان. [8] جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە ۋە بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىزدا كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى ئۆزلۈك (自身,self) ئۇقۇمىدۇر. جەمئىيەت نۇقتىسىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەنگەندە، ئۆزلۈك – بىزنىڭ ئىجتىمائىي سىستېما ئىچىدە باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش داۋامىدا ئۆزىمىزگە ۋە كىشىلەرگە قالدۇرغان، بىر قەدەر مۇقىم بولغان يىغىندا تەسىرات ۋە تۇيغۇدۇر. ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا ئادەملەر بىر–بىرى ئۈچۈن ئەينەك. كىشىلەر بۇ ئەينەكتىن ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى كۆرۈپ بايقايدۇ. مەسىلەن، ئەگەردە سىز ئۆزىڭىزنى «چىقىشقاق» دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا بۇ تەسىراتىڭىز باشقىلارنىڭ سىز بىلەن ئالاقە قىلىش داۋامىدا سىزگە بەرگەن باھاسى. سىز شۇ باھانىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى خاراكتېرىڭىز ھەققىدە ئۆز سېزىمىڭىزنى يۇغۇرۇپ ئەنە شۇنداق يەكۈنگە كەلگەن. بىر گۈزەل قىزنىڭ ئۆز چىرايىغا بولغان تەمەننالىق ھېسسىياتىنى، تەكەببۇرلۇقىنى يىگىتلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىجابىي باھاسى، مەدھىيە سۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىزنىڭ ئۆزلۈكى ئاشۇ مەدھىيە، ماختاشلار داۋامىدا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئادەمدىكى قەدىرلىنىش، ئېتىراپ قىلىنىش تۇيغۇسى ئۈچۈن شۇنىڭغا تۇشلۇق مۇھىت ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى خالايدىغان ئادەملەرنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئۆزلۈكنى يۆلەيدىغان ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئادەملەر توپى بولمىسا، ئۆزلۈك قىسىلىدۇ. ئۆزلۈك ئۇزۇن مۇددەت قىسىلىش، يىتىمسىراش، ۋەسۋەسە ۋە ئەندىشە ئىچىدە تۇرىۋەرگەندە ئىنساندا ئوڭايلا كىملىك كىرىزىسى كۆرۈلىدۇ.
2. كىملىك كرىزىسى ئۇقۇمى (认同危机,Identity crisis)
كىملىك كىرىزىسى دېگەن نېمە؟ كىملىك كىرىزىسى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە «ئادەمدىكى ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۆزىنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ، ئەھمىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر.» [9] كىملىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر پسىخولوگ ئېرىك ئېرىكسوننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، «ئۆزىگە ۋە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان توپقا تەۋە بولغان تارىخىي ئوخشاشلىق، بىردەكلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر.» بىز بۇ ئۇقۇمنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى، مەنە قاتلاملىرىنى ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش ئېلىشقا مەجبۇرمىز.
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش Ⅰ
بۈگۈن جۈمە
(شېئىر)
(دىلمۇرات ئاپتورلۇقىدىكى شۇ ماۋزۇلۇق شېئىردىن ئۈزۈندە)
بۈگۈن جۈمە
مەن ئازابلىنىدىغان كۈن.
بىر توپ جامائەت يانار مەسچىتتىن،
مەن يوشۇرۇنىمەن ئۆزۈمگە بىردىن.
...
ۋاقتى ئۆتتى
ۋاقتى ئۆتتى سېغىنىشنىڭ.
بۈگۈن جۈمە دەيمەن پىچىرلاپ،
نازۇك تېنىنى يۇيار كۆز يېشىم.
...
(ئىجادىيەت تورى، شېئىرىيەت سەھىپىسى، 2007–يىل 5–نويابىردىكى بەت، قىسقارتىلدى)
بۈگۈن جۈمە
(ئوخشاش ماۋزۇدىكى يەنە بىر شېئىردىن ئۈزۈندە، ئاپتورى ئەسكەرتىلمىگەن)
بۈگۈن جۈمەگە بارمىدىم.
بارماسلىقىم بارالماسلىقتىن ئەمەس،
جۈمە مېنى ماگنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ.
لېكىن بارمايمەن،
خۇددى تۆمۈرلۈك خۇسۇسىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ،
ماگنىتقا چاپلىشالمىغان
بىر تۆمۈر كەبى.
چوشقا گۆشى يىمەي ھاراق ئىچكەن كىشىلەرمۇ،
ئۆزىنى دەيدۇ مۇسۇلمان.
جۈمەگە بارمىدىم،
باردىم جۈمە دېگەن ئاغىينەمنىڭكىگە.
قېنىمىزدىن ھاراق ياساپ.
جېنىمىزدىن كوزا ياساپ،
ئۆزىمىزگە سېلىپ ئازاب.
ئىچىپ – ئىچىپ مەي بولغىلى،
شەيتان ئۈچۈن سەي بولغىلى
ياندۇرغاندا قەي بولغىلى.
...
ئاغىينەم جۈمە،
ئىسمى جۈمە بولسىمۇ
جۈمەنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئىسىمى ئىسلام تۇرۇپ ئىسلامنى بىلمىگەن،
ئىسمى ئىمام تۇرۇپ بوتكىدا ھاراق ساتىدىغان،
ئىسمى قەھرىمان تۇرۇپ قەھرىمانلىق قىلىپ باقمىغان،
بىر لالما ئىت كۆرسىمۇ قېچىپ كېتىدىغان
ئادەملەر كەبى.
...
جۈمە كۈنى جۈمەگە بارماي
ھاراق ئىچتىم جۈمە بىلەن.
ھەقىقەت ھەققىدە سۆزلىمىدىم،
ھەقىقەت سۆزلىدى مەن ھەققىدە .
...
(ئىجادىيەت تورىغا شۇ كۈنى گۈلىستان تورىدىن چاپلانغان، ئاپتورى نامەلۇم)
شېئىر تۇيغۇ ئىپادىلەش جەريانى، ئەمما يۇقىرىقى ئوخشاش ماۋزۇلۇق ئىككى شېئىر يەنە بىر نۇقتىدىن شەيئىلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كىرىزىسىنى ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مەننىڭ «يۈكسەك مەن» بىلەن «ماھىيەتتىكى مەن» مۇرەسسە قىلغاندا قىسىلغان، ئىككىلەنگەن ئۆزلۈكىنى، جۈملىدىن شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۇچرايدىغان كرىزىسلىك روھىي ھالىتىنى بىز يۇقىرىقى شېئىردا ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئىسلام ئىدىئولوگىيىسى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلار «چوشقا گۆشى» نى ھارام دەپ يېمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ بىر تارمىقى بولغان دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان. لېكىن، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ھاراق ئىچىدۇ. بىز گەرچە ھاراق – شاراپ ئىچىش، تاماكا چېكىشنى ھەممە ئۇيغۇرلارغا ئورتاق دەپ قارىمىساقمۇ ۋە بۇنى شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا يۇققان ھادىسە دەپ كېسىپ ئېيتالمىساقمۇ، ئەمما بۇ ھادىسىنىڭ شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ «مەدەنىيەت كىملىكى» گە سايە تاشلاپ تۇرغان سوئال بەلگىسى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئامالسىزمىز. يۇقىرىقى شېئىردىكى «مەن» نىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇ جۈمەگە بارمايدۇ، جۈمە كۈنى ھاراق ئىچىدۇ، ئەمما بۇ قىلمىشى ئۈچۈن يەنە ئازابلىنىدۇ. بىز بۇ خىل روھىي ھالەتنى، كىملىك تاللىشى ئالدىدىكى ئازاب تۇيغۇسىنى، شەھەر ياشلىرىدىكى ھەتتا خېلى جىق ئوتتۇرا ياش، پىشقەدەم كىشىلەرنىڭ روھىدىكى كىملىك كىرىزىسىنى ھېس قىلالايمىز. ئېرىك ئېرىكسوننىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا ، « تارىخىي جەريانلاردا بارلىققا كەلتۈرگەن مىللىي بىردەكلىكنى، بىر توپقا ئورتاق بولغان كىملىكنى ساقلىيالمىغانلىقى، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقى» دەل شەھەر ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كىرىزىسىنىڭ ئالامىتى.
«كىملىك كرىزىسى» ئاتالغۇسى ئەڭ دەسلەپتە، 1960–يىللارنىڭ باشلىرىدا يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر ئامېرىكىلىق پسىخولوگ ئېرىك ئېرىكسون تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئېرىك ئېرىكسون ئۆزىنىڭ «كىملىك، ياشلىق ۋە كىرىزىس» دېگەن كىتابىدا «كىملىك كىرىزىسى دېگەن ئاتالغۇنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ روھى يىمىرىلگەن، پسىخىكىلىق جاراھىتى ئېغىر روھىي بىمارلارغا ئىشلەتكەنلىكى» [10] نى قەيت قىلىدۇ ۋە «كىملىك كىرىزىسىگە گىرىپتار بولغانلاردا ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئېغىر دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئېرىك ئېرىكسون داۋالىغان بىمارلار ئىچىدە بۇ خىل روھىي ھالەتتىكى ياشلار كۆپرەك سالماقنى ئىگىلىگەنىدى. ئېرىك ئېرىكسون ياشلاردىكى كىملىك كىرىزىسىنىڭ بىر ئايرىم تەرىپىنى «بۇنداقلارنىڭ ئەسلى كىملىكى ئۆزىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ، يېڭى كىملىكى بولسا تېخى بارلىققا كەلمىگەن بولىدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. كىملىك كىرىزىسى ئىچىدە قالغان كىشىلەر ئۆزلۈك تۇيغۇسى بىلەن كىملىك ۋەسۋەسىسى ئارىسىدا تىپىرلاپ، ئىككىلىنىپ ، بىر خىل پسىخىكىلىق ئاسارەتتىن، روھىي يۈكتىن قۇتۇلالمايدۇ. «بىر ئادەمنىڭ خاس، مۇستەقىل كىملىكى تېخى مۇكەممەل قۇرۇلۇپ بولالمىغاندا، كىرىزىس ئۆزلۈكىدىن مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ كىرىزىس ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز روھىي ھالەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، كىملىك ۋەسۋەسىسى بىلەن باراۋەر ئۇقۇمدۇر.» [11]
3 . كىملىك ۋە كىملىك كىرىزىسىدىن چىقىرىلغان سوئاللار
ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىقى مەلۇم نۇقتىدىن كىملىك تۇيغۇسى ھالىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ماركسنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا : « ئادەم ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىجتىمائىي ھايۋاندۇر . » شىكىسپىرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ، « ئادەم – ئىجتىمائىي ئارتىستۇر . » [12] بۇ تەبىرلەر ئادەمنىڭ يەر شارىدىكى بىر خىل ئىجتىمائىيلىققا ئىگە مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ، تەبىئىي ھالدا بىر توپقا تەۋە بولۇپ ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئادەم جەمئىيەت ئىچىدە تۇغۇلىدۇ ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . بۇ ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىگەن . ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا ئادەم تەبىئىي يوسۇندا بىر خىل تەۋەلىك تۇيغۇسى (归属感,sense of belonging)غا ئىگە بولىدۇ ۋە مۇشۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئېھتىياجىدىن مۇئەييەن تەبىقە، پارتىيە، كەسپ ياكى ئىجتىمائىي توپقا تەۋە بولۇپ ياشايدۇ. تەۋەلىك تۇيغۇسى ھەققىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ پىشۋاسى، فرانسىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىم (Emile Durkheim)مۇنداق دەيدۇ : « مۇئەييەن توپ ئىچىدە يىغىلىپ ياشاش ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر خىل تۈرتكىلىك كۈچ. كىشىلەر ئورتاق ھەۋەس ۋە قىممەت قارىشى ئاساسىدا بىر يەرگە كەتكەندە، ئۇلارنىڭ يېقىنلىقىدىن ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ئېقىم پەيدا بولىدۇ–دە، تېزلىك بىلەن ئۇلارنى چەكسىز شادلىق قاينىمىغا غەرق قىلىدۇ .» [13] ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن مۇئەييەن كۆلەمدە توپ ھاسىل قىلىپ بىر يەرگە ياشاشقا ئادەتلەنگەن خەلق، ئورتاقلىق تۇيغۇسىنى ئاسان تېپىشالايدۇ. بۇنى بەلكىم نوپۇسى دېھقاننى ئاساس قىلغان . يىلتىزى يېزا–قىشلاق تۇپرىقىدىن كەلگەن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كىشىلەر رېئال تۇرمۇشتا مىللىي كىملىكىدىن كۆرە ئۆزىنىڭ شەخسىي كىملىكى (个人身份,Personal Identity) ۋە ئىجتىمائىي كىملىك(社会身份,Social Identity)ىنى روشەنرەك ھېس قىلىدۇ. « بۇلغانغان كىملىك » تەتقىقاتى بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە يېڭى بىر ساھەگە يول ئاچقان ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ئېرۋېڭ گوفمان (1922-1982, Erving Goffman)ئۆزىنىڭ «كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزلۈك ئىپادىسى» ناملىق ئەسىرىدە كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا ھېس قىلىدىغان كىملىك تۇيغۇسىنى ئىجتىمائىي كىملىك، شەخسىي كىملىك ۋە ئۆزلۈك كىملىكى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىدۇ [14]. ئىجتىمائىي كىملىك ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ ئېيتقاندا ، باشقىلارنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن «ھېكايە» سىدىن ئىبارەت. ئۇ مۇئەييەن ئەھۋالدا شەخسكە ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن تالىق قىلىنغان ئىجتىمائىي كاتىگورىيىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بارلىق ئىنسانلارنىڭ كىملىكى ئەمەلىيەتتە مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي كىملىكنى كۆرسىتىدۇ. بىز ھەممىمىز بىر قانچىلىغان، ھەتتا بەكمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كىملىككە ئىگە. مەسىلەن، مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن بىر ماگىستىر ئاسپىرانتى، بىر دادا، ئەدەبىيەت ھەۋەسكارى، جەمئىيەت تەتقىقاتىغا قىزىققۇچى. مەن دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ نەزەرىدە بىر ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى، تەرجىمە كىتابلىرىمنى ئوقۇغانلىرىمنىڭ نەزەرىدە ئەدەبىي تەرجىمان. شەخسىي كىملىك بىلەن ئىجتىمائىي كىملىكنىڭ بىر پەرقى شۇ يەردىكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ بىرەر ئىجتىمائىي كىملىكىمىز ئۆزگىرىشى ياكى يوقۇلۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلى چىقىۋاتقان چاغدا، مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دۆلەت باج سىستېمىسىدا ئىشلەۋاتقان مىللىي باج كادىرلىرىنىڭ نەزەرىدە تەھرىر ھېسابلىناتتىم. بۇ مېنىڭ بەش – ئالتە يىل بۇرۇنقى ئىجتىمائىي كىملىكىمنىڭ بىرى ئىدى. كېيىن ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بارلىق مەمۇرىي ئىدارىلارنىڭ نەشر ئەپكارلىرى نەشر قىلىنىشتىن توختىغاندا، مەنمۇ باشقا باشقارمىغا يۆتكەلدىم. دېمەك، مېنىڭ «تەھرىرلىك» تىن ئىبارەت بىر ئىجتىمائىي كىملىكىم يوقالدى. ئەمما، ئەمدى ماڭا ئاسپىرانتلىقتىن ئىبارەت يېڭى بىر ئىجتىمائىي كىملىك يۈكلەندى. ئىجتىمائىي كىملىك ئەنە شۇنداق ئۆزگىرىپ تۇرسا ، شەخسىي كىملىكىمىز ئۆزگەرمەيدۇ . شەخسىي كىملىكىمىز بولسا بىزگە يېقىن تۇرغان كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق. ئۇلار بىزنى ئۇزۇندىن بىلىدىغان، بىر قانچىلىغان سورۇندا ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىدە بىز بىلەن كۆرۈشكەن كىشىلەردۇر. بىز ئۇلارغا ئۆزىمىزنى قانداق ئادەم كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. شەخسىي كىملىكتە بىر ئادەمگە خاس بولغان، بىر قاتار ھايات كەچۈرمىشلىرى داۋامىدا سىڭىپ قالغان خۇي ۋە مىجەزلەر ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. بۇ خىل كىملىك تۇيغۇسى ئادەتتە ئىجتىمائىي سورۇنلاردا شەخسكە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆزىنىڭ شەخسىي تەسىراتىنى باشقۇرۇشقا، باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشكە كۈچەيدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدىكى ئۆزلۈك كىملىكى بولسا شەخس ئۆزى قۇرۇپ چىققان، روھىي دۇنياسىدا ئۆزىگە باھا بېرىپ يەكۈن چىقارغان كىملىكىدۇر. بۇ خىل كىملىكنى شەخس مۇئەييەن ئەھۋالدا بىرەر ئىشنى قىلغاندىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ھېس قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزلۈك كىملىكى – بىزنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە مايىللىشىپ قالغان ئۆزلۈكىمىز ھەققىدە ئۆزىمىز ئېيتقان ھېكايىدىن ئىبارەت[15].
بۈگۈنكى دۇنيادا جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى بىلەن، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر، ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا يېڭىدىن يېڭى ھادىسىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ ئۆزگىرىش داۋامىدا كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتى. ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىغان بۈگۈنكى رىتىمى تېز شەھەر جەمئىيىتىدە «كىملىك – ئەمەلىيەتتە بىر خىل زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى پەيدا قىلغان ھادىسىدۇر.» [16] زامانىۋىلىققا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان جەمئىيەتتە ئىنساننىڭ تۇرمۇشىدا مەنە ۋە تەم ئاز قالغىلى تۇردى، ئىنساننىڭ كىملىكى مىسلىسىز دەرىجىدە كىرىزىسقا يولۇقتى. دەل زامانىۋىلىققا يۈرۈش قىلىش مەسىلىسى كىملىكنى چوقۇم ئەستايىدىل ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. كانادالىق داڭلىق ئالىم چارلىز تايلېر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « زامانىۋىلىققا يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرى كىشىلەر بىردەكلىك، كىملىك مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىشمايتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەب - ئۇ چاغدىكى كىشىلەردە بىردەكلىك بولمىغانلىقىدا ئەمەس، بىردەكلىك بولۇپ كىملىككە ھاجىتى چۈشمىگەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ چاغلاردا كىملىكنىڭ مەسىلە ھېسابلانمايدىغانلىقىدا ئىدى . » [17]
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شەھەر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي تۈرتكە مىخانىزمى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان، « توغرىراقى بۇزغۇنچى خاراكتېردىكى مىخانىزمدۇر . بۇ مېخانىزم كىشىلەر ئىلگىرى ئېرىشكەن مەنە ، ئەھمىيەت تۇيغۇسىنى بەربات قىلىۋەتتى . » [18] شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تىنىمسىز ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا رېئاللىقنىڭ مۇقىمسىز بولۇشى سەۋەبلىك بىر خىل كىملىك ئەمدى پەيدا بولۇپ ھەش–پەش دېگۈچە يوقاپ كېتىدىغان بولدى. بۇ جەرياندا مۇئەييەن كىملىكنىڭ چەك–چېگرىسى قىممەت قارىشىنى يادرو قىلىپ تۇرۇپ ئايرىلىدۇ. تېخىمۇ ئۇدۇل قىلىپ ئېيتقاندا، كىملىك تۇيغۇسى ئەسلىدىنلا بىر خىل قىممەت كىملىكى مەسىلىسىدۇر. «مەن كىم؟»، «مەن نەدە؟» «مەن نېمە قىلالايمەن؟» دېگەن سوئاللار داۋامىدا كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، قىممىتىنى قايتىدىن تونۇيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، بۈگۈنكى زاماندىكى كىملىك ئەھمىيەت تۇيغۇسى بىلەن زىچ باغلانغان.
كىملىك كرىزىسى بولسا كىملىك تەرەققىي قىلىپ ياكى ئۆزگىرىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا يەتكەندە مۇقەررەر يوسۇندا دۇچ كېلىدىغان ئىنكارچىلىق خاراكتېرىدىكى بۇرۇقتۇرمىچىلىق ھالىتىدىن ئىبارەت. كىملىك كىرىزىسىنى ئادەتتىكى يىمىرىلىش دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇ كىملىكنىڭ يېڭى بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ ۋە تاللاش، سىناق ئالدىدا قايمۇققانلىقىنىڭ نەتىجىسى. كىملىكتە يوشۇرۇن كرىزىس ئالامىتى بولغان بولىدۇ، ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرالمىغان ياكى ئاجىز كېلىپ قالغان شەخسنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن ئىشەنچ يوقىغاندا، روھىي دۇنياسىدا «ئىنكارچىلىق ئۇرۇقى» بىخلايدۇ – دە ، كىملىك كرىزىسى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
ئادەم «مەن» دېيەلەيدىغان ھايۋاندۇر. يەنى ئادەمدە ئاڭ بار، شۇڭا، ئادەم كىملىك ۋەھىمىسىگە دۇچ كەلگەندە ئوخشاشلا «مەن» دېيەلىسىمۇ، ئەمما ۋەسۋەسىدە تۇرغان چاغدا شۇ گەپنى قىلغاندىكى ئاۋازى ئۇنچە ياڭراق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ. كىملىك تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسىغا، ئۆزلۈك تەرەققىياتىغا ئەجەللىك زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئىجتىمائىي جاراھىتى چوڭقۇر بولغان، ئازابلىرىنىڭ يىلتىزى كەڭ تارىخىي جەريانلارغا ۋە سىياسىي ئەپسۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىلەردە مەنىسىزلىك تۇيغۇسى بارلىق مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىقلارنىڭ يادروسىدۇر. بۇنىڭغا كىملىك كرىزىسىنىڭ قوش قاتلاملىق مەسىلە ئىكەنلىكىمۇ بىر سەۋەب بولىدۇ. يەنى كىملىك شەخسنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ، ئۆزى ياشاۋاتقان توپ تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغاندا، مەرتىۋە تۇيغۇسى، قىممەت قارىشى بىراقلا ئىگىسىنى ۋەھىمىگە سېلىپ ئازابلاشقا باشلايدۇ.
بىز بۇ ماقالىدە شەھەرلىشىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك كىرىزىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ مۇھاكىمىمىزنى قانات يايدۇرىمىز. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى ، كىملىك كىرىزىسى ماكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا ، سىياسىي تۈزۈلمە، تارىخىي دەۋرىيلىك، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، جەمئىيەتنىڭ سىستېمىسى قاتارلىق چوڭ تېمىلارغا تاقىشىدۇ. ئەمما بىز بۇ تەتقىقاتىمىزدا كىملىك كرىزىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىشى داۋامىدىكى ئىپادىلىرىنى، سەۋەبلىرىنى، ئاقىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلىمىز. شۇ ۋەجىدىن ، بايا تىلغا ئېلىنغان چوڭ تېمىلار ۋاقتىنچە بۇ ماقالىمىزنىڭ مۇلاھىزە ئوبيېكتى بولمايدۇ. بىز بۇ ماقالىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدىكى كىملىك كرىزىسى قانداق شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ؟ ئۇنىڭ شەھەرلىشىش، ئىستېمال، مىدىيە، ئاۋام مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ كىملىك كرىزىسى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ كىملىك كرىزىسىنى قانداق تونۇش كېرەك؟ نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. تەتقىقات مېتودى جەھەتتە پاكىت تەھلىلى، پاراڭ ئانالىزى، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرىمىز.
شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كىملىك كرىزىسى
شەھەرلىشىش بىزنى نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرىشتۈردى، يەنە نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزدىن مەھرۇم قالدۇردى. شەھەرلىشىش داۋامىدا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەن بولدى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭى مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى. ئالدىراش تۇرمۇش رېتىمى ئىچىدە خۇشال بولالمايدىغان ياكى خۇشال بولۇشقا ئىمكانىيىتى يار بەرمەيۋاتقان، خاتىرجەم، تىنچ چاغلىرىنى ئەسلەيدىغان كىشىلەر ئاۋۇدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھېسسىيات يالغۇز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىش بولماستىن، شەھەرلىشىشنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ئىدى. بۇ ھەقتە قەدىمكى گرىك پەيلاسوپ ئەپلاتون : «ياخشىلار ئازلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا نوپۇس كۆپەيسە، بىنالار ئېگىزلىسە شەھەر خۇشال بولالمايدۇ» دەپ خۇشال بولالماسلىقنىڭ تۈگۈنىنى شەھەرنى تۇيغۇ ئىگىسى سۈپىتىدە چۈشىنىپ چۈشەندۈرسە، فرانسىيە يازغۇچىسى ۋىكتور ھيوگو: «شەھەر تەلۋە ئادەملەرنى ئاۋۇتىدۇ. چۈنكى شەھەر ئاۋۋال چىرىكلىك پەيدا قىلىدۇ» دەپ ئېيتىدۇ. «ئۆز نۆۋىتىدە شەھەرلىشىش مۇنداق ئىككى خىل مەنىگە ئىگە: بىرى، ئۇ كىشىلەر ياشاۋاتقان بىر جايدا نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئاۋۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇ شەھەردە ئومۇملاشقان قىممەت قارىشى، يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىش–ھەرىكەت، تۈزۈم ۋە ماددىي نەرسىلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرىش جەريانى.» [19] شەھەرلىشىش داۋامىدا ئەنئەنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدا، ئۆرپ–ئادىتىدە، پوزىتسىيىسىدە ۋە كونا ھېس–تۇيغۇلىرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش روشەن ئىپادىلىگىنى ئادەمنىڭ كىملىكىدۇر. كىملىك كرىزىسىنىڭ شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئالامەتلىرىنى بىز بىر قانچە نۇقتىدىن كۆزىتىپ تەھلىل قىلىمىز.
1. ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىدا كىملىك كرىزىسى
كىملىك كرىزىسى – شەخسنىڭ ئىستىكى، ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدىكى رولى ۋە ئويلىرىدا زىددىيەت كۆرۈلگەن چاغدىكى ئۆزلۈك ئوبرازىدۇر. ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا ، شەخسنىڭ ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىشىدۇر. ئۆزىگە خاس بولغان بىردەكلىك تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك، بىز بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي – تۆكۈنلىرىدە ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلالايمىز. ئادەمنىڭ ھاياتى سىمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا سىمۋوللۇق مەنە ئادەمنىڭ ھەرىكىتى، پوزىتسىيىسى ۋە ئۆرپ–ئادىتىدە ئەكس ئېتىدۇ. فرانسىيە شائىرى چارلېز بودلېر: «ئادەم – سىمۋول ئورمىنى» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئادەم كىملىكىدە دەل ئاشۇ سىمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆرپ–ئادەت، ئېتىقاد ئېلمېنتلىرى نامايەن بولىدۇ. بىز 12 مۇقام بىلەن دوپپىنى ئۇيغۇرنىڭ، قېيزا بىلەن جىرنى قازاقنىڭ، راڭپىزىنى توڭگاننىڭ، پوچاڭزا ئېتىشنى خەنزۇنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشىنىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە كىملىك سىمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن گىرەلەشكەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ. ئادەم ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ مەھسۇلى بولغىنى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا «سىمۋوللاردىن پايدىلىنىپ مەنىلىك ئىجتىمائىي كارتىنا ھاسىل قىلىدۇ» (20) ھېچقانداق بىر ھايۋان ئادەمدەك سىمۋوللۇق مەنە بىلەن تويۇنغان مەدەنىيەتنى ئۆز ھاياتىدا كۆرسىتەلمەيدۇ. ئادەملا بۇنىڭغا قادىر. ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىدىن ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە سىمۋول بولالايدىغان نۇقتىلارنى ئەسلىگىنىمىزدە ، نىكاھ ئوقۇش، تۇزلۇق نان يېيىش، پولو، يۈز ئېچىش، كۆچۈرۈلۈش ئالدىدا قىزنىڭ بېشىدىن نان ئۆرۈش قاتارلىق سىمۋوللۇق ھەرىكەتلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەمما، كىملىككە ئىگە بولۇش نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر دېمەك ئېنگلىز ئەمەس ياكى تۇڭگان ئەمەس دېگەنلىكتۇر. مەن ئەر، شۇڭا ئايال ئەمەس. بۇ يەردە كىملىكنى روشەنلەشتۈرۈۋاتقىنى باشقا ئۇقۇملاردىن پەرقلەندۈرۈۋاتقان بىردەكلىك. بىز ماقالىنىڭ بېشىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ، مۇشۇ بىردەكلىك ۋە تارىخىي ئىزچىللىق يوقالغاندا كىملىك كرىزىسى كۆرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش Ⅱ
قادىرنىڭ ئىچ پۇشۇقى نىكاھ كۈنى ئەتىگىنىمۇ بېسىقمىدى. ئۇ تويىدا ھاراق قۇيماسلىقنى ئويلىشىۋىدى، دوستلىرى: «تويۇڭ قىزىمايدۇ» دەپ قايتا – قايتا جىكىلەشنى ئۇنتۇمىدى. ئۈرۈمچىدىكى مۇھىم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئابرويلۇق بولغۇسى قېينىئاكىسى تېخى تۈنۈگۈنلا تېلېفون قىلىپ: «ئۇكام، ئاڭلىسام تويدا ھاراق قۇيمايمەن دەپسىز، پۇلىڭىز يېتىشمىسە مەن بېرىمەن، خەق ھاراققا چىقىنالماپتۇ دېمەمدۇ؟ ھاراق قۇيمىساق بولمايدۇ» دەپ گەپنى كېسىۋەتتى. تويدا ئۆزى دوپپا كىيىپ ئايالىغا ئەتلەس كۆينەك كىيدۈرۈشنى ئويلىشىۋىدى، ئەڭ ئاۋۋال ئايالى، ئاندىن قېينىئانىسى قارشى چىقتى. قېينى سىڭلىسى زاڭلىق قىلغاندەك: «قادىركا، مەتۇلۇق قىلماڭ، بۇ قايسى زامان؟» دېدى. ئەنە نىكاھمۇ ئوقۇلۇپ بولدى. ئۇ«ئالدىم» دېگەن گەپنى قاچانلاردا دېگىنىنى، تۇزلۇق ناننى قاچانلاردا يەپ بولغىنىنى ئۇقمىدى. قادىر جەنۇپتىكى ئۆرپ–ئادەتكە ئېتىبار بېرىدىغان بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان، ئۇزۇندىن بېرى تويىنى ئۆزىگە خاس بىر يوسۇندا قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ قىلالمىدى. چۈشتىن كېيىن قىز كۆچۈرۈش ئالدىدا، مەستلىكىدىن يۈزى ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتكەن بىر سالاپەتلىك ئادەم دەلدەڭشىپ تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىدى ۋە ئاللادىن بۇ بىر جۈپكە بەخت تىلەپ كۆپچىلىكنى دۇئاغا چاقىردى. قېينىئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ قىزىنىڭ بېشىدىن نان ئۆرىدى. توي يەتتە مېتىرلىق كادىلاك ماركىلىق ماشىنىدا كۆچۈرۈلدى. كەچلىك ۋىچىركىدا قادىر يەنىلا مەڭدەپ ئولتۇردى، ئۇسسۇل،دېسكو، تانسىلار ئوينالدى. ئۇسسۇل ئوينىغان ئوغۇللارغا دوپپا، قىزلارغا شارپا تارقىتىلدى. ئاپئاق توي كۆينىكى كىيگەن ئايالى خۇشالدەك قىلاتتى. ئەمما، قادىر خۇشال بولۇشقا تىرىشسىمۇ خىيالىنىڭ ئاخىرى چىقمايتتى. ئۇ ئاخىرى تويىدا بىر ئىشنى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلدى. يەنى رىياسەتچى قىز–يىگىت، يىگىت قولداش، قىز قولداشنى بىر مەيدان تانسىغا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ دوستلىرىنىڭ ئايالى بىلەن ئىككىسىنى قىزىل پوتىدا باغلاپ قويۇشىغا ئۇنىمىدى. ئەتراپتىكىلەر «گوركى!» دەپ توۋلىدى، ھەتتا بەزى قىزىقچى دوستلىرى قادىرنىڭ بېشىنى ئايالى تەرەپكە ئىتتىردى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئايالىنى سۆيمىدى... ئەڭ ئاخىرقى مۇزىكىدا ئاتلاشكا ئوينالدى. ئەمما ئۇ ئايالىنىڭ زورلاشلىرىغا ئۇنىماي ئوتتۇرىغا چىقمىدى.
قادىرنىڭ روھىي ھالىتىدىن ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىدىكى كىملىك كرىزىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچ پۇشۇقى كىملىك ۋەسۋەسىسىدە قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئادەم ئىجتىمائىيلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ كىملىكىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەلۇم بىر خىل يېڭىچە قىممەت قارىشى ياكى ئادەت شەكلى جەمئىيەتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، شەخسىي توپقا ئەگىشىپ شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. شەخسنىڭ خاسلىقى، قىممەت قارىشى ئومۇملاشقان، بازار تاپقان قىممەت قاراشلار بىلەن توقۇنۇشقاندا ئۆزلۈك قىسىلىدۇ. بۇ ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا كىملىك كرىزىسى كېلىپ چىقىدۇ. «قىممەت قارىشى ۋە قائىدە – يوسۇن بىر خىل مەدەنىيەتتىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى لايىھىلەيدۇ. ھەتتا ئوخشاش جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدە قىممەت قارىشى توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ .» (21) بۇ يەردە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىدىكى كىملىكىگە سايە تاشلاپ تۇرىدىغان مۇنداق بىر نۇقتا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. نىكاھ ئوقۇش، تۇزلۇق نان يېيىش – ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تەكىتلىگىنىدۇر. ئەمما، تويدا ھاراق قويۇپ، ھاراق ئىچىۋېلىپ دۇئا قىلىش يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق بولۇپ، كىملىكنى قۇربان قىلىشنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن بىر كرىزىس. بۇ يەردە مۇرەسسەگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان سىمۋوللۇق بەلگىلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشى تويلاردىكى كىملىك كىرىزىسىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. قادىرنىڭ روھىي دۇنياسىدا كۆرۈلگەن ۋەسۋەسە ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كىملىك ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغان قىممەت قاراشلىرى تەرەپلىرى مەغلۇپ قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. قادىرنىڭ تويىدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر، مەسىلەن «تويدا ھاراق قويۇش» دېگەنلەر ھەممە شەھەر ئۇيغۇرلىرىغا ئورتاق بولغان بەلگىلەر بولمىسىمۇ ، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. شەھەر توي–مۇراسىملىرىدىكى ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك سىمۋوللۇق بەلگىلەردىن نىكاھ ئوقۇش، دۇئا قىلىش، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە خاس سىمۋوللۇق بەلگىلەردىن يۈز ئېچىش، قىزنىڭ بېشىدىن نان ئۆرۈش، قازاققا خاس مەدەنىيەت بەلگىلىرىدىن جىرلاش، تاتارغا خاس بەلگىلەردىن ئاتلاشكا ئويناش، غەرب مەدەنىيىتىگە تەۋە بەلگىلەردىن ئىجارىگە ئېلىنغان توي كۆينىكى كىيىش؛ خەنزۇغا خاس بەلگىلەردىن سەپ – سەپ ماشىنىلاردا توي كۆچۈرۈش قاتارلىقلار توي مۇراسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدا كۆپ خىل مەدەنىيەت، ھەرخىل مىللەت بىلەن ئۇچرىشىپ قوبۇل قىلغان «ئەبجەش مەدەنىيەت» نى ۋە «زىددىيەتلىك كىملىك» ىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق ئىجتىمائىي پاكىتقا دىققەت قىلىش كېرەك: شەھەر ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇ. ئەمما، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمى ئىسلامدا ھارام دېيىلگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بولغان بەش پەرھىز ۋە سۈننەتلەر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى تەرىپىدىن ئادا قىلىنسا ، يەنە بەزىلەر تەرىپىدىن ئادا قىلىنمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا نۇرغۇن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋېلىشىغا گۇمان تۇغۇلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئىجتىمائىي پاكىتتۇر. جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ئاساسچىسى، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىم (Emile Durkheim (1858-1917)ئىجتىمائىي پاكىتقا مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: «ئىجتىمائىي پاكىت – شەخسنىڭ تۇرمۇشى ۋە خاس سېزىملىرىنىڭ سۇبيېكتىنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولىدىغان رېئاللىقتۇر. بۇ خىل رېئاللىقتا شەخسنىڭ ھەرىكەت، پىكىر ۋە تۇيغۇ ئەندىزىسى ئەكس ئېتىدۇ. ئىجتىمائىي پاكىتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئالاھىدىلىكى - ئۇنىڭدا شەخسكە نىسبەتەن مەجبۇرلاش كۈچىنىڭ بولغانلىقىدا. كىشىلەر ئىجتىمائىي پاكىتنى قوبۇل قىلغاندا، سىتىخېيىلىك ھالدا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئەندىزىلەرگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىجتىمائىي پاكىت ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن شەخسنىڭ ھەركىتىنى چەكلەپ قويىدۇ.» (22) ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش، ئارىلاشما مەۋجۇدلۇق داۋامىدا باشقىلاردىن مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ساقىندىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىمۇ بىر پاكىت. قادىرغا ئوخشاش شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىملىك ۋەسۋەسىسى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىل ئىجتىمائىي پاكىت ئۇلارنىڭ ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىگە، خاس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىزچىللىقى بىلەن مۇخالىپ كەلگەندە كۈچىيىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا قادىر تويىدا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلالمىدى؟ بىرى ، ئۇ ئىجتىمائىي پاكىتنىڭ، ئېتىراپ قىلىنغان قىممەت قارىشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ ، ئۆزىنىڭ كىملىك ئېھتىياجىنى قۇربان قىلدى. يەنە بىرى ، باشقىلارنىڭ «ئۆزىنى چۈپەي، مەتۇ» دەپ قېلىشىدىن قورقۇپ ، ئۆز تۇيغۇلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ھادىسە مىكرو جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە «تەسىرات باشقۇرۇش» ئاتالغۇسىدا مۇنداق چۈشەندۈرۈلىدۇ: «كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى نېمىدەپ قالىدىغانلىقىغا، باشقىلارنىڭ باھاسىغا جىددىي قارايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭلىدىكى سان بويىچە باھا بېرىشى ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللاردا تەسىراتلىرىنى، چىراي ئىپادىسىنى كونترول قىلىدۇ.» [23] ئادەمنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئىجتىمائىي ھەركىتىدىن كەڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىشتا داڭق چىقارغان ئامېرىكىلىق مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېرۋىڭ گوفمان (Erving Goffman)«تەسىرات باشقۇرۇش» (印象管理,impression management) ئاتالغۇسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «باشقىلاردا قالدۇرىدىغان تەسىرىمىزنى لايىھىلەش، كونترول قىلىش ئۈچۈن سېزىم، چىراي ئىپادىلىرىمىزنى باشقۇرۇش جەريانى، دەپ چۈشەندۈرىدۇ.» [24] توي مۇراسىملىرىدا كىشىلەر قادىرغا ئوخشاش چىراي ئىپادىسىنى، تۇيغۇلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. باشقىلارغا ياخشى تەسىرات بېرىش ياكى جەلپكار كۆرۈنۈش ئۈچۈن رول ئالىدۇ. بۇ يەردە شەخسنىڭ نامايەن قىلىۋاتقىنى ھەقىقىي ئۆزلۈك بولۇشى ناتايىن. ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىدا ئاجايىپ چىرايلىق، يارىشىملىق كىيىنگەن، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان نازاكەتلىك ئاياللارنى ئۇچرىتىمىز. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئائىلىسىدە تازا كوت–كوت خوتۇنلاردىن بولۇشى مۇمكىن. تويدا يەنە قىممەت پۇللۇق كىيىم كىيگەن، سالاپەتلىك ئەرلەرنى ئۇچرىتىمىز. بەلكىم ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئائىلىسىدە تازا زوراۋان ئەرلەر ياكى تېشىدا ھېيت ئويناپ ئىچىدە ھازا ئېچىۋاتقانلاردىن بولۇشى مۇمكىن. توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئەمەلىيەتتە رول ئېلىشتۇر. «سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان بىلۇمېر (1900-1987, Herbert Blumer)ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى «رول ئېلىش» توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «رول ئېلىش–ئۆزىمىزنىڭ ئۆزلۈكى ۋە ئىش–ھەرىكىتىنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ نامايەن قىلىش جەريانى»؛ جورج مېدىنىڭ (1863-1931, George H.Mead) نىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، «باشقىلارنىڭ كۈتكىنى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىشكە تىرىشىشتۇر. رول ئېلىش خەۋەرلىشىش ۋە سىمۋوللۇق ئالاقىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر .» [25] بۇ جەرياندا بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىز ئۆزىمىز ئىپادە قىلغان، ئاشكارىلىغان شەكىلدىلا نامايەن بولىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردا بىر كىشى ئىپادە قىلغان ئۆزلۈكنىڭ چىن ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى ئاجرىتىش تەس. چۈنكى بۇنداق سورۇندا ھەممە ئادەم ئۆزلۈكىنى بېزەپ ئىپادە قىلىدۇ. قادىر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈپەي، مەتۇ دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن رول ئالدى؛ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ھاراق قۇيدى، قىممەت پۇللۇق ماشىنا ۋە ئايالىنىڭ توي كۆينىكىنى ئىجارىگە ئالدى، توينى ياۋرۇپا پاسونىدا قىلىشقا كۈچىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چىن ئۆزلۈكى قىسىلىپ، باشقىلارغا سۈنئىي ئۆزلۈكى ئاشكارىلاندى. قىسىلغان ئۆزلۈك ئۇنى كىملىك ھەققىدە ئويلىنىشقا، ئىچ پۇشۇقى تارتىشقا مەجبۇر قىلدى ۋە تەبىئىي ھالدا «مەن كىم؟ ئۇيغۇر دېگەن كىم؟» دېگەن سوئال كېلىپ چىقتى.
ئۇنداقتا ، رول ئېلىشنىڭ كىملىك بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ «رول ئېلىش–كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشى .» [26] كىملىكنى باشقىلارغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقى ئىنسان ھەرىكىتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، كىشىلەر رول ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكىنى مۇقىمدايدۇ، ئۆزىگە باھا بېرىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە «ئىجتىمائىي كىملىك شەخسنىڭ قەلبىدە غايىۋىلەشتۈرۈلىدۇ، شەخس ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا كۈچەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەخسنىڭ رول ئالغاندىكى ئىجتىمائىي كىملىكى بىلەن ئۆز كىملىكى ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر ھالدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ. ئادەم بەك غايىۋىلىشىپ كەتكەندە، رول ئېلىپ ئۆزىنى تونۇتۇشقا كۈچەپ كېتىدۇ–دە، ھەمىشە ئىجتىمائىي ئالاقىدە باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە بەرگەن باھاسىغا قايىل بولمايدۇ . »[27] رول ئېلىۋاتقان ھەر قانداق ئادەمنىڭ كىملىكىدە ئىككى خىل تەركىپ بولىدۇ. بىرى، ئىجتىمائىي قۇرۇلما بىلەن باغلىنىشلىق بولغان دائىملىق تەركىبى . يەنە بىرى ، كىشىلەرنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىدا غايىۋىلەشكەن ئالاھىدە تەركىپ. كىملىكتىكى ئىككىنچى تەركىب، يەنى ئۆزىنىڭ غايىسىدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىش – ئىجتىمائىي ئالاقىگە قاتناشقان كىشىلەرنى ھەشەمەتخورلۇق، داغۋازلىق، سۆلەتۋازلىققا ئۈندەيدىغان ئىچكى سەۋەب.
ئۇنداقتا ، مۇسۇلمانلىق كىملىكى بىلەن نىكاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن تۇزلۇق نان يەپ، دۇئا ئوقۇلۇپ يەنە ھاراق ئىچىش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن بۇ ئىستەكنى يوق قىلىش ئوتتۇرىسىدا قانداق نېگىزلىك سەۋەب بار؟ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ يەردە ئىجتىمائىي كونترول ۋە ھۆكۈمران ئىدىئولوگىيە كىملىك كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نېگىزلىك ئامىلدۇر. بولۇپمۇ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر خاس كىملىكنى تىكلەش جەريانىدا ئىدىئولوگىيىنىڭ يوشۇرۇن توسالغۇسىغا ئۇچرايدۇ. خاس كىملىككە ئىنتىلىدىغان كىشىلەر ئۆز قىممەت قارىشىغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىدىئولوگىيىنىڭ ساقىندىلىرىنى قوبۇل قىلماسلىققا تىرىشىدۇ، ئەمما «بالىلىق دەۋرىدە ئىدىئولوگىيىنىڭ تەسىرى ئادەمنىڭ قەلبىگە بالدۇرلا ئىزنالىرىنى قالدۇرغان بولغاچقا ، ساپ كىملىكنى قوغلىشىدىغان ئادەملەر كۈچلۈك ئىدىيە كۈرىشى ئىچىدە قالىدۇ .» [28] بۇنداق ئەھۋالدا كىملىك ۋەسۋەسىسى «كىملىككە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلاردا بىر قارارغا كېلەلمەسلىك، ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان، قارار چىقىرىش، كىملەر بىلەن دوستلىشىش، نېمىدە چىڭ تۇرۇپ نېمىگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئادىشىش»[29] ھالىتىدە كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ بۇنداق روھىي ھالەت بىر جەمئىيەت خاس كىملىك بەرپا قىلغۇدەك ئىمكانىيەتلەرنى تارايتىپ، ئاستىرىتتىن كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەندە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. پېتىر بېرگېر (Peter Berger 1929) «رېئاللىقنىڭ ئىجتىمائىيلىقى» (Social construction of reality) دېگەن مەشھۇر كىتابىدا: «ئادەتلەنگەن ھەرقانداق بىر ھەرىكەت ئىجتىمائىي كونتروللۇق ئاستىدا بولىدۇ»[30] دەپ كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە ئۆزلۈكىمىز ئىجتىمائىيلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماستىن، سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە: «جەمئىيەت ئىدىئولوگىيىسى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان ئاۋام ئەركىنلىكىنىڭ نەتىجىسى .»[31] ئانتونى گىددىنىسنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشىچە بولغاندا، «بىز ئىجتىمائىيلىق بەرپا قىلغان شەخسلەرمىز. زامانىۋىلىشىشقا كۈچەش داۋامىدا ئۆزلۈكىمىزدە جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمە خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار ئىپادە بولىدۇ». بىزنىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي كىملىكىمىز زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.
2. رەڭلىك سورۇنلاردا كىملىك كرىزىسى
بىز كىملىك كرىزىسىنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدىكى ئالامەتلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىمىزدا يېقىنقى 10 نەچچە يىل داۋامىدا پەيدا بولغان «رەڭلىك ئولتۇرۇش» ئۇقۇمىنىڭ ۋە شۇنداق ئولتۇرۇشلار ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان سورۇنلارنىڭ مۇسۇلماندارچىلىق كىملىكىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئەمما مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىنى تۇرمۇشىدا ئادا قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى كىملىك كرىزىسىگە سىمۋول بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز. رەڭلىك ئولتۇرۇش – ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىشى داۋامىدىكى بىر ھادىسە . ئەمما، يالغۇز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىلا مەۋجۇت ھادىسە ئەمەس؛ ھازىرقى دەۋرىمىزدىلا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسە ئەمەس. ئەمما، ئۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر قىز–چوكانلىرىنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدىكى كىملىكىنى سۈرۈشتۈرگەندە مۇقەررەر ھالدا ئەستىن كېچىدىغان بىر تۇرمۇش كارتىنىسى. ماقالىمىزدە تەھلىللىرىمىزنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرىدىغىنى ئۇيغۇر جىنسىيەت ئەخلاقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەپسۇسلۇق ياكى قاقشاش ئەمەس، «ئەرلەردىكى سەۋەبمۇ ياكى ئاياللاردىكىمۇ؟» دېگەننى چۆرىدەپ تارازىدا گۇناھ ئۆلچەشمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ ھادىسىنىڭ شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىكى كىملىك كرىزىسىنىڭ ئايرىم بىر ئالامىتىنى ئۆزىدە قانداق ئىپادە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش.
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش Ⅲ
يىغىن زالىنىڭ بىرىنچى رېتىدە ئولتۇرغان يەھيا مۇنبەردە يىغىننى باشقۇرىۋاتقان ئىدارە باشلىقى «يىغىن تۈگىدى!» دەپ ئېلان قىلغاندىلا يېنىك بىر تىندى. ئىككى يېرىم كۈن داۋاملاشقان كەسپىي خىزمەت يىغىىننىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى چىقىرىلىدىغان بۇ زالغا يەھيا كېچىكىپ كېلىپ قالدى. ئۇ يىغىن زالىغا كىرگەندە ئاخىرقى رەتلەردە ئورۇن قالمىغانىدى. ئۇ بىردەم تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغىنىدا، ئاخىرقى رەتلەردە يىغىننىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان بىر خەنزۇ كادىر ئۇنىڭغا بىرىنچى رەتتىلا ئىككى – ئۈچ ئورۇن بارلىقىنى ئېيتىپ شۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. يەھيا تېخىمۇ ھودۇقۇپ كەتتى، جىددىلەشتى، ئۆزىنى كېچىكىپ قالغىنى ئۈچۈن ئىچىدە تىللىدى. ئالدىغا بېرىپ ئولتۇرغۇچە يۈرىكى سېلىپ، قەدەملىرى ئالمىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئۇ ئەزەلدىن يىغىن ئېچىلغاندا نېمىشقىدۇر ئۆزىنى ئالدى رەتلەردە ئولتۇرۇشقا شەرتى توشمايدىغاندەك، ئاخىرقى رەتلەردىكى كىشىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان ئورۇنلاردا ئولتۇرۇۋالاتتى. ئۇنىڭ خىيالىدا ئالدىنقى رەتتە باشلىقلار ، توغرىراقى سالاھىيىتى توشىدىغانلارلا ئولتۇراتتى. ھېچكىم ئۇنداق دەپ بەلگىلەپ قويمىسىمۇ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ دىققەت مەركىزىدىن ئېلىپ قاچاتتى. ئۇ ئادەتتە پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ياكى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىلغاندا، زادى پىكىر قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتكەندە، ئەڭ ئاخىرىدا نەچچە ئېغىزلا پىكرىنى ئېيتاتتى. بولمىسا كۆپىنچە ھاللاردا «يۇقىرىدا دېيىلگەن گەپلەرگە قوشۇلىمەن» دەيتتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق سەۋەبسىز كەمسىنىش پسىخىكىسىغا خەنزۇ تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمەسلىكى سەۋەبمۇ بولاتتى. لېكىن، ئۇنىڭدا ئىدارىسىدە ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى مەۋجۇت ئىدى. خەنزۇ باشقارما باشلىقى ئاقكۆڭۈل ئادەم ئىدى. ئۇنى «تارتىنچاق، دادىل ئەمەس» دەپ قاراپ پىكرىنى ئېنىق قويۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. لېكىن، ئۇ ھەر قانچە دادىل بولاي دەپ بولالمايتتى، ئۆزىگە ئىشىنەي دەپ ئىشىنەلمەيتتى؛ جامائەت ئالدىدا سۆزلەشتىن، باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشتىن قورققىنى بىلەن خىزمەتنى دادىل ئىشلەيتتى. ئۇ ئىشخانىدا ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتاي دەپ تۇرغىنىدا يەنە بىر مەمۇرىي ئىدارىدە ئىشلەيدىغان دوستى شەمشىدىن تېلېفون قىلىپ كەچتە « رەڭلىك سورۇن» بولىدىغانلىقى، بۈگۈنكى «قۇچقاچ» لارنىڭ بەك گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، كەلمەي قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. يەھيا ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى. خېلى يىللاردىن بېرى ، ئۇ خىزمەتتىن ھېرىپ چارچىغانلىرىدا «رەڭلىك سورۇن» ئارقىلىق بولسىمۇ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشقا ئادەتلەنگەنىدى.
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش Ⅳ
ئېزىز ئىككى رومكا لىقلاپ قويۇپ بىرىنى ئۆزى ئېلىپ بىرىنى كېرەمگە بېرىپ ئۇنى بۇلۇڭغا تارتتى.
– جېنىم ئاداش، بۈگۈن نېمە بولدۇڭ، ئېچىلالمايلا كەتتىڭغۇ؟ ماللار بەك كاتتا دەيمەن، راخماننىڭمۇ بىر كۆڭۈل ئاچقۇسى بار ئىكەن. سەن ئېچىلمىساڭ سورۇن سۇسلىشىپ قالىدىكەن. ئاۋۇنىڭ كۆزى سەندىلا، ئىش كۆرمىگەن نەرسىدەك قىلىدۇ. تانسا–پانسىغا تارتىپ قوي. ئارتۇق ئىشنى ئويلىما، – ئېزىزنىڭ ئاخىرقى گېپى خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىۋالغاندەكلا چىققانىدى. شۇ چاغدا ئانار ئېغىز ئاچتى.
–ساقىي، خاپا بولماي ماڭا ئىككى رومكا بېرەمسىز؟ كېرەم ئاكام بىلەن بىر ئىچىۋالاي...
– يائاللا! ئوغۇلبالىدەك قىز ئىكەنسىز جۇمۇ! – ئېزىز شاپاشلاپ يۈرۈپ ئىككى رومكا پىۋا قويۇپ ئانارغا سۇندى.
ئانار كېرەمگە بىر ئىستاكان پىۋىنى سۇنۇپ، يەنە بىر ئىستاكاننى قولىدا تۇتۇپ كۆتەردى.
– كىچىك، سەت ياكى سەھرالىق ئىكەن دەپ ياراتمىسىڭىزمۇ مەيلى، ئەمما سىز بىلەن دوست بولۇپ قالغۇم بار. يا دوست بولۇپ قالارمىز، يا سىڭلىڭىز قىلىۋالارسىز.
(«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2008–يىللىق 1–سان، «ئەگەر ھاياتنى قايتۇرغىلى بولسا» ناملىق پوۋېستتىن)
بۇ مىساللاردا يەھيا بارماقچى بولغان، كېرەم قاتنىشىۋاتقان «رەڭلىك سورۇن» دا «قۇچقاچ»، « سىڭىل» دېگەن سۆزلەردە كىملىك مەنىسىنىڭ كۆچۈۋاتقانلىقى بىر پاكىت. بىز يەھيا – ئۇيغۇر ئەر، كېرەم - ئۇيغۇر يىگىت، ئانار ئۇيغۇر قىز دېگىنىمىزدە ، ئۇلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي كىملىكىنى تەسۋىرلەۋاتقان بولىمىز. ئەمما، بىر ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكى پۈتۈن مىللىي كىملىككە تەڭ ئەمەس. توغرىراقى، يەھيا ھەممە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ، ئانار ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ، كېرەم ھەممە ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىدە كىملىك كىرىزىسىنىڭ ئالامەتلىرى بولغان ئەسلى ئۆزلۈكىدىن يىراقلاش، ئۆزىدىكى قىممەت ۋە ئەھمىيەت تۇيغۇسىنى ئۇنتۇپ قېلىش، ئەخلاق گىنىنىڭ يىمىرلىشى، نىشاندىن ئادىشىش (ماقالىمىزنىڭ باش قىسمىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك) ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ھەممىسى روھىي دۇنياسىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى، ئىچ پۇشۇقىنى يوقىتىش ئۈچۈن رەڭلىك سورۇنغا كۆنۈككەن. تېخىمۇ دىققەتكە ئەرزىيدىغىنى، ئىككىنچى مىسالدىكى ئانارنىڭ سورۇندىكى كىملىك ئېھتىياجىغا – كېرەمنىڭ «سىڭلىسى» بولۇشنى خالىشىغا نېمە سەۋەب بولغان؟ يوقسۇزلۇق ۋە مۇھتاجلىق. بىز كىملىك كرىزىسىنىڭ رەڭلىك سورۇندىكى ئىپادىسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، كېرەم بىلەن ئانار ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ نەزەر ئاغدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. سەۋەبى پاراڭ بىلەن شۇ ئىجتىمائىي رېئاللىقنى چۆرگىلىتىۋاتقان ھوقۇق–ئىمتىياز ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بار. «ھەر قانداق بىر پاراڭ سۆزلىگۈچى ۋە ئاڭلىغۇچى ياشاۋاتقان سىياسىي دۇنيادىن بىشارەت بېرىدۇ .» [32] شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئىچ پۇشۇقى، روھىي بېسىم پاراڭ ھالىتىدە ئەكس ئەتكەندە، سۆھبەتنىڭ تېمىسى جىنسىيەتنى چۆرىدەيدۇ» [33] ، «جىنسىيەت ھەققىدىكى پاراڭلار ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقتا ئېغىر بىر ئەھۋالدا قالغىنىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق چاغدا ئادەم ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەخلاق قورغانلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان مەخلۇق ۋە ياۋايى تەرىپىنى ئاشكارىلاشتىن باش تارتمايدۇ.»[34] مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس فوكاۋ يەنە پاراڭ بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مۇناسىۋەتنى مۇنداق شەرھىلەيدۇ: «ھوقۇق پاراڭ ۋە كۆنۈككەن تۇرمۇش شەكلىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. پاراڭ بولسا ئوي ۋە مەۋجۇتلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزىمىز توغرىسىدا قانداق ئويلايدىغىنىمىز پاراڭلىرىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىز پاراڭنىڭ سۇبيېكتىغا ئايلىنىمىز.»[35] بۇ رەڭلىك سورۇندا چىن مۇھەببەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر كېرەم بىلەن لالەنىڭ پارىڭىدا ئازراق بولسىمۇ مۇھەببەت ئېلېمېنتلىرى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا شۇنى دېيىش كېرەككى، بۇنداق ئەھۋالدا «مۇھەببەت بىمەنە رېئاللىقتىن دالالەت بېرىدىغان ئەينەك»تۇر. كېسەل جەمئىيەتنى تەھلىل قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان ئېرخ فروم تاۋار ۋە پۇل كونترول قىلىدىغان جەمئىيەتتىكى مۇھەببەت توغرۇلۇق مۇنداق مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ: «مۇھەببەت كۆپىنچە ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى سودىدۇر. كىرىم، چىراي، تەربىيىلىنىش دەرىجىسى قاتارلىقلار بۇ سودىدا قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.» [36] تاۋار كىملىك ئېھتىياجى پەيدا قىلىدۇ ۋە شەخستىن قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئانارنىڭ يېڭى كىملىكىنى شەھەرلىشىش داۋامىدا مەنىسىدە ئۆزگىرىش، كېڭىيىش بولغان «سىڭىل» ئاتالغۇسىنى خالاپ قېلىشى ئۇنىڭ مۇھتاجلىقىدىن، كېرەمنىڭ پۇلىغا ھاجىتى چۈشكەنلىكىدىن . كېرەمدە پۇل بولمىسا، رەيھاندا چىراي بولمىسا، يەنى ئالماشتۇرىدىغان قىممەت بولمىسا، بۇ رەڭلىك سورۇن تۈزۈلمەيدۇ.
تۇرسۇن مەھمۇت، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى – ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدىكى «كىملىك كرىزىسى» گە ئەسەرلىرىدىن ئەڭ بالدۇر ئورۇن بەرگەن يازغۇچىلاردۇر. ئەر–ئاياللاردىكى كىملىك كرىزىسىنى ساپ ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن يورۇتۇپ بەرگەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، ياپۇنىيە يازغۇچىسى كاۋاباتا ياسۇنارى ئۆزىنىڭ «ئۇيقۇدىكى ساھىپجامال» ناملىق پوۋېستىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جاراھىتىدىن چۈشكۈنلىشىپ، ئاياللىرى ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەرگە «ھەمراھ خېنىم» (comfort woman) بولغان ياپۇنلارنىڭ شۇ چاغدىكى رېئاللىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. 2001–يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەنگلىيە يازغۇچىسى نايپاۋىل (Naipaul) بولسا «ھىندىستان : يارىلانغان مەدەنىيەت» تە بۇ خىل رېئاللىقنى «بويسۇندۇرۇلغان بىر مىللەت دەپسەندە قىلىۋېرىپ ئۆزىنى پەس كۆرىدىغان بولۇپ قالغان»[37] دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
بىز يەھيا بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ، كېرەم بارلىق ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ، ئانار بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەپ ئېيتتۇق. ئۇنداقتا ، «رەڭلىك سورۇن»، «قۇشقاچ»، «سىڭىل» (كىملىك مەنىسىدە كېڭىيىش بولغان سىڭىل ئاتالغۇسى) دېگەن تېرمىنلار شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق ئومۇملاشتى؟ يەھيانىڭ مەمۇرىي ئورگاندا ئىشلەپ سەۋەبسىز ھالدا ئۆزىگە ئىشىنەلمەسلىكى، ئۆزىدىن خۇدۇكسىرىشى نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇ ئىجتىمائىي پوزىتسىيىنىڭ نېگىزىنى ئىزدىسەك، «مەلۇم بىر خىل كۆز قاراش جەمئىيەتتىكى بىر تۈركۈم ئادەملەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا ، شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا شۇنچە تېز بازار تاپىدۇ .»[38] ئومۇملانغان كۆز قاراش ئىجتىمائىيلىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي كىملىكى مۇقىملىشىپ بولالمايۋاتقانلارغا ئاسان سىڭىدۇ. بۇ «ئۆزلۈكتىن يىراقلاش» (alienation of ego) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «ئۆزلۈكتىن يىراقلاش – نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ چىن ئىنسانلىق تەبىئىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش»[39] دېگەنلىكتۇر. ئۆزلۈكىدىن يىراقلاش ئىككى خىل نەتىجە پەيدا قىلىدۇ. بىرى ، كىملىك كىرىزىسى – يەنى ئۆزىدە بۇرۇن بولغان خاس ئالاھىدىلىكلەردىن ئايرىلىپ قېلىش؛ يەنە بىرى ، تاۋار ئۈچۈن ياشاپ ئىجتىمائىي رېئاللىقنى، ئازابنىڭ يىلتىزىنى كۆرمەسلىك، كۆرسىمۇ كۆرمىگەنگە سېلىش . چۈنكى ، «تاۋار - چىن ئادىمىيلىكنىڭ گوركارى. ئادەم تاۋارنىڭ قۇلى بولۇپ ياشىغاندا، روھىي دۇنياسى قۇرۇپ ، ئۆزىگە بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ ماھىيىتىنى خاتا تونۇيدۇ .»[40]
يەھيادىكى خۇدۇكسىرەش، ئۆزىنى كەمسىندۈرۈش تۇيغۇسى ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىجتىمائىيلاشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. بۇ ئىجتىمائىيلىشىشتا ھوقۇق ۋە نوپۇزغا چوقۇنۇش خاھىشى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئاڭلىق، ئاڭسىز رەۋىشتە سىڭىپ ، ئۆزلۈكنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سەۋەبى ، ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ، سىياسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىيلىشىشتۇر. سىياسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىيلىشىش ئىككى بولىدۇ. تار مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ مائارىپنى شىكار قىلغان سىياسىئونلار ۋە سىياسىي ئورگانلارنىڭ پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا پۇقرالارغا سىياسىيلاشقان ئۇچۇر، قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي ئېتىقادىنى سىڭدۈرۈش جەريانى . كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئۇ – ئادەمنىڭ سىياسىي تۈزۈم تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن سىياسىي تەشەببۇس ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزىدە سىڭدۈرۈش جەريانى . » [41] ئانار، كېرەملەرنىڭ ئۆزلۈكتىن يىراقلىشىشى، يەھيانىڭ سىياسى جەھەتتىن ئىجتىمائىيلىشىۋېرىپ ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولغان مەمۇرىي ئىدارىدە ئۆزىنى پەس كۆرۈشى – دەل بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان كىملىك كرىزىسىدۇر.
3. ئۇيغۇر ئىپپەت قارىشىدا كىملىك كرىزىسى
شەھەر جەمئىيىتىدە مۇنداق ئىككى خىل قارىمۇ – قارشى ئەھۋال ئاتىنىڭ، ئانىنىڭ، ئوغۇلنىڭ، قىزنىڭ كىملىكىگە سوراق بەلگىسى قويۇۋاتىدۇ. بىرى، نامراتلىق ؛ يەنە بىرى، نامراتلىقتىن ئەمەس ، توقچىلىقتىن ئەسلىدىكى كىملىك ئوبرازىنى يۈتتۈرۈش. 2005–يىللىق «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 4–سانىدا ئايگۈل ئەمەت «مىڭبىر كېچىنىڭ قىزلىرى» ناملىق راست ئىشلار خاتىرىسىدە بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ بىر قىز بىلەن كېچىدە مەلۇم بىر مېھمانخانىغا ياتاق ئاچقىلى بېرىپ ئۆزىدىن بۇرۇن مېھمانخانىغا بىر قىزنى باشلاپ كەلگەن دادىسى بىلەن «دوقۇرۇشۇپ» قالغانلىقىنى يازىدۇ. يىگىتنىڭ ئائىلىسى باي، ئەمما، تۆۋەندىكى مىسالدا پۇل تاپالمىغان بىر ئۇيغۇر ئانا ئۆز قىزىنىڭ پاھىشە بولۇشىغا نائىلاج يول قويىدۇ.
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش Ⅴ
كېچىلىك بەزمىخانىدىكى نازىنىن قىزلار
(مەريەم ئابدۇراخماننىڭ شۇ ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدىن قىسقارتىلدى)
... بەزمىخانىلاردا ئۈچكە ھەمراھ بولۇپ پۇل تاپىدىغان سىتۇدېنت قىزلار بىلەن ساقچىلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن كۆرۈشتۈم... ئۇنىڭ ئىچىدە «گۈلزار» ئىسىملىك چىرايلىق بىر قىز دىققىتىمنى تارتتى... ئاپىسى بىلەن ئۆزىنى دادىسى كىچىگىدىلا تاشلىۋەتكەچكە، ئۇلار ئاپىسىنىڭ مائاشى بىلەن جېنىنى جان ئېتەتتى... ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى گۈلزار ئۆزگەردى، ئۇنىڭمۇ ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىدەك ئېسىل كىيىملەرنى كىيگۈسى كېلەتتى... ئۇ ئاخىرى بەزمىخانىلارغا بېرىپ «خېنىم» بولۇشنى تاللىدى...بەزمىخانىدا گۈلزاردەك «خېنىم» قىزلار جىق ئىدى... گۈلزارنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ مېنى ھەيران قالدۇردى... ئانا قىزىنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىكەن؛ قىزىنىڭ ھالسىراپ سوغۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەر ھەپتىدە كەلگىنىدە قۇۋۋەتلىك تائاملارنى ئېتىپ بېرىپ، ئىسسىقلىق دورىلىرىنى قاينىتىپ ھورداپ قويىدىكەن؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا ، قىزىنىڭ شۇ يول بىلەن پۇل تېپىشىنى قوللايدىكەن. قىزىنىڭ تاپقان پۇلىغا كۆنگەنىكەن...
مەن بەزمىخانىدىكى سىتۇدېنت قىزلار بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا «ئۈچكە ھەمراھ» بىر ئايالنى ھەر كۈنى بېجىرىم ئېرىنىڭ ۋېلسىپىت بىلەن ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى، يەنە بەزى قىزلارنىڭ يۈرگەن يىگىتلىرى بولۇپ، بۇ ئىشلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزمىخانىدا تاپقان پۇللىرىنى تەڭ خەجلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇم....
شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاتقانلىرىمۇ ئوخشاشلا كۆپ بولدى. ئەڭ ئېغىر بەدەللىرىدىن بىرى مۇستەھكەم ئەخلاق قورغانلىرى [42] ، جىددىي قارايدىغان ئىپپەت ئۆلچەملىرى [43] ، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى، ئائىلىدىكى پەردىشەپ ئېغىر خىرسقا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا «دادا كىم؟ ئانا كىم؟ يىگىت كىم؟ قىز كىم؟» دىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى كىملىك ئەخلاقىغا قويۇلغان سوئال شەھەرلىكلەرنى گاڭگىراتتى. ماقالىنىڭ بېشىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ، كىملىك كرىزىسىنىڭ ئالامەتلىرى قەھرىمانلىق، تراگىدىيە تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشى، ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ بىتچىت بولۇشى شەخسنىڭ ھەرىكىتى ئۆزى ياشاۋاتقان توپنىڭ تارىخىي ئىزچىللىق داۋامىدا ياراتقان قىممەت قاراشلىرىغا ماس كەلمەسلىك ھالىتىدە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدا تەبىئىي ھالدا «ئۇيغۇر گېنىدا قەھرىمانلىق، تراگېدىيە تۇيغۇسى قانداق ئىپادىلىنەتتى؟» دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئانىلىرىدىكى، ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى قەھرىمانلىق، تراگېدىيە ئېڭىنى «ئانا يۇرت» رومانىدا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.
ئەكرەمخان:
– ئاسىيە خېنىمغۇ بۇ، ئابدۇمەر ھاكىم؟ – دىۋېدى .
– ئا...ئا... ئاسىيە، – دېدى ئابدۇمەر ھازىرلا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغاندەك جالاقلاپ تىترەپ.
– شۇنچە كۆڭلۈڭ بولغاندىكىن قۇتقۇز–دە! – دېدى ھۈسەيىن تارانوف چىدىيالماي، – ھەي ئەسكەرلەر، قىينىماڭلار، ئاتساڭلارمۇ قىينىماڭلار!
...
–ئاسىيە دېگەن سەنمۇ؟ – دېدى ساقچى باشلىقى.
– ھەئە، – ئارانلا ئۆرە بولالىغان ئايال ھالسىز ئىڭرىدى.
– باندىتلارنى باققىنىڭ راستمۇ؟
– ئىنقىلابچىلارنى باقتىم، ئاش سۇندۇم.
– ...
– سەنمۇ قارشىمۇ؟
– ھەئە، قارشى!
– خىخ، قارشى بولساڭ ئۆلىسەن شۇ . قولۇڭدىن نېمە كېلىدۇ؟
– سەنمۇ ئۆلىسەن، قىساس ئالىدىغانلار چىقىدۇ.
يەرگە تايىنىۋالغان ئابدۇمەر ئاسىيەگە يالۋۇردى:
– ئاسىيە، ئۇنداق دېمە! تۆۋە قىلساڭ ئېتىلمايسەن.
– تۈفى!... سەندەك غالچىلىق، چېقىمچىلىق بىلەن ياشامدىمەن؟ئۇنداق ھاياتتىن ئۆلۈم ئەلا!ئېتىشە!...ئېتىشمامسەن؟
ساقچى باشلىقى ئەسكەرلەرگە ئىشارەت قىلىۋېدى، ئەسكەرلەر ئايالنى نېرىغا ئېرىق ئىچىگە سۆرەپ ئاپاردى. « گۇم، گۇم، گۇم» قولىدا قان يۇقىدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئايالغا ئارقا–ئارقىدىن ئۈچ پاي ئوق ئېتىلدى.
– ئاسىيە!... ئابدۇمەر پاتقاققا مىلەنگەن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ھۆركۈرەپ يىغلىدى.
... سەبىخە يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ ئۈستىگە ئاتتى.
سەبىخەگە ئۈچ قېتىم ئوق تەگدى.
–ئاسىيە... سەبىخە... ئابدۇمەر باشلىرىنى چاڭگاللاپ ھۆركىرەپ يىغلىدى... ئۇۋالىڭلارغا قالدىمغۇ مەن .. .ھۈ! ھۈ! ...ھۈ!...
– نەرىڭ ئەر سېنىڭ ھايۋان! – تارانوف ئۇنى سىلكىدى.
... ئۇيغۇر خەلقى ئىككى ئوقۇتقۇچىدىن ئايرىلدى. نەچچە يۈز بالا بۇ ئىككى سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ مىغىلداپ يۈرگەن چىرىكلەرگە پەرۋامۇ قىلماستىن:
– ئەزىزا، ئەزىزا، ئاسىيە ئاپپاي .
– ئەزىزا، ئەزىزا، زەينەپ ئاپپاي! - دەپ ماتەم ناخشىسىنى ياڭرىتىپ مېڭىشتى.
(زوردۇن سابىر ، «ئانا يۇرت» رومانى 2–توم 850 – ، 851 – ، 852 –853 – بەتلەر) («شەبنەم» تورىنىڭ 2008–يىل 28–فېۋرال بېتىگە يوللانغان پارچىدىن )
مەريەم ئابدۇراخماننىىڭ زىيازەت خاتىرىسىدىكى قىزىنى قوللاۋاتقان ئانا بىلەن «ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئاسىيە سېلىشتۇرۇلغاندا ، تراگىدىيە، ئازاب ئېڭى ئۆلسە ، قانداق زور پەرق كۆرۈلىدىغانلىقى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مېھمانغانىدا ئوغلىغا دوقۇرۇشۇپ قالغان دادا بىلەن «ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئاسىيەنىڭ ئېرى ئابدۇمەر ئەر كىشىدە قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ئۆلسە كىملىك كرىزىسىغا پاتىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. يېقىنىقى بەش – ئالتە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئەرلىرىدىكى كىملىك كرىزىسى ھەققىدە نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن، ئەخلاق كرىزىسى ھەققىدە ئابدۇرېھىم دۆلەت كۈچلۈك قەلەم تەۋرەتتى. مېھمانخانىدىكى دادىنىڭ، ئاسىيەنىڭ ئېرى ئابدۇمەر ھاكىمنىڭ كىملىك ئوبرازىغا قارىتا، نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن «دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ . »[44] دەپ سۇئال قويسا ، بىزنىڭ بۇ مۇلاھىزىمىزدە مىسالغا ئېلىنغان بەزمىخانىدىكى گۈلزار ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ نېمىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئابدۇرېھىم دۆلەت مۇنداق دەيدۇ : «مەن يۇقىرىقىدەك ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك ، بۇزۇقچىلىقنى مەسىلىنىڭ ئۆزى دەپ قارىمايمەن ... مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس ، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە <توغرا> چۈشىنىپ ئەپۇ قىلىشى . » [45] بىز يەنە ئۇيغۇر ئەرلىرىدە شەھەرلىشىش داۋامىدا كىملىك كىرىزىسى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تۇرسۇن مەھمۇتنىڭ «يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيۇۋاتقان ئەر» [46] ناملىق ھېكايىسىدىنىمۇ كۆرۈۋالالايمىز. بىز بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدىكى كىملىك كىرىزىسىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچى، تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت نەزەرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
كىملىك كرىزىسىنىڭ ئالامەتلىرىنى شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىكى ئەرلىك كرىزىسىگە ۋە يېقىنقى 10 نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىۋى ئىپپەت، جىنسىيەت قارىشىغا مۇخالىپ ھالدا ئومۇملاشقان «ئۈچتە ھەمرا بولۇش» ، توغرىراقى پاھىشىلىككە باغلاپ تەھلىل قىلغاندا، «ئەرلىك كىرىزىسى نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ ئۇ ئۇيغۇرغىلا خاس ھادىسىمۇ؟ پاھىشىلىك نامراتلىق ۋە تەرەققىيات بىلەن قانداق مۇناسىۋەتكە ئىگە» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنگلىيىلىك جەمئىيەتشۇناس ئانتونى گىددىنىسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە : «ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش دۇنيا مىقياسىدا دېگۈدەك ئەرلىك كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ .»[47] سۇسان فالاۋدى ئۆزىنىڭ «ئالدىنىش : ھازىرقى زامان ئەرلىرىنىڭ ئاسىيلىقى» دېگەن كىتابىدا : «ئەرلەرنى مۇنداق جەمئىيەت سېتىۋېتىدۇ: يەنى بىر جەمئىيەتتە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئارتىپ كەتسە، كىرىم بارغانچە ئازلىسا، نامەلۇم ۋەھىمە تۈگىمىسە، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئوبرازى دەخلىگە ئۇچرايدۇ. ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىدا جىق تەكىتلىنىدىغان ساداقەت، ئەقىدە، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇلىرى ئىستىمال مەدەنىيەت ۋە ئىستېمال سەۋىيىسى تەرىپىدىن يالماپ يۇتۇلغاندا، ئەرلەر ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە رولىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان كرىزىسلىك دەۋرگە كىرىدۇ»[48] دەپ ئىزاھلايدۇ. دېمەك ، ئەرلىرىمىزدىكى كىملىك كىرىزىسى يالغۇز شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىلا مەۋجۇت ھادىسە ئەمەس. بۇنىڭ ئىنچىكە سەۋەبلىرى ھەققىدە بىز كىملىك كرىزىسىنىڭ سەۋەبىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىزاھلىغاندا قايتىدىن توختىلىمىز.
نېمىدەپ قارشى تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، بازار ۋە پۇل مۇئامىلىسى بولىدىغان ھەرقانداق جەمئىيەتتە پاھىشەلىك بولىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ، پاھىشىلەرنى شۇ يولغا كىرگۈزگەن ئەڭ مۇھىم سەۋەب پۇلدۇر. بىر جەمئىيەتتە «ئاياللارغا يارىتىپ بېرىلگەن ئىش–خىزمەت پۇرسەتلىرى ئازلىغانسېرى، پاھىشىلەرنىڭ سانى ئاۋۇپ كېتىدۇ. سەۋەبى، ئىش تاپالماي ئىقتىسادتا قىينالغاندا، بەزى ئائىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى پاھىشىلىككە چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ .»[49] يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، پاھىشەلىك ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق باراۋەرسىزلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پاھىشەلىك سودىسى ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بىر ئامىلى بولۇپ قالغان. يېزىلاردىن شەھەرگە كۆچۈپ كىرىش پاھىشە ئىپپەت سودىسىنىڭ مەنبەسى ئۈزۈلمەسلىكىدىكى بىر سەۋەبتۇر. «نۇرغۇن قىز–چوكانلار ھايات توختام سۇدەك داۋام قىلىدىغان يېزىلاردىن زېرىكىپ شەھەرگە كىرىشنى خالايدۇ .» [50] .شەھەردىكى ئىپپەت سودىگەرلىرى ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھتاجلىقتا قىينالغانلاردىن ئۆزىنىڭ ئىپپەت سودىسىغا مەنبە ئىزدەيدۇ.
پاھىشىلىككە سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ يەنە بىرى ئىشسىزلىق. ئىشسىزلىق ھەرگىزمۇ شەخسنىڭ، يەككە ئادەمنىڭ مەسىلىسى ئەمەس. ئۇ بازار ئىگىلىكىدىكى مەغلۇبىيەتلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كېلىدىغان جەمئىيەت مەسىلىسىدۇر. ئىشسىزلىق نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇھتاجلىق، نامراتلىق قىينىغاندا، مەۋجۇدلۇق، ياشاش مەسىلىسى تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە، قىزلار پاھىشەلىك يولىغا قەدەم قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. پاھىشەلىك، ئىشسىزلىق، نامراتلىق زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ جەمئىيەتنىڭ، ئومۇمنىڭ مەسىلىسىدىن دېرەك بېرىدىغان شەخسىي مەسىلىدۇر. ئامېرىكىلىق مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس رايت مىللىس (1916-1961, wright Mills) ئۆزىنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلارچە تەسەۋۋۇر» دېگەن نادىر كىتابىدا «شەخسنىڭ دەردى نېگىزىدىن جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ئىنسان بەختسىزلىكى بولمايدۇ»[51] دەپ كۆرسىتىدۇ.
3. سۈنئىي دۇنيادا – ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە كىملىك كرىزىسى
«ئىنتىرنېت – دۇنيانىڭ بىر قۇتۇپلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. تور ئەڭ دەسلەپتە 1969–يىلى ئامېرىكا بەش بۈرجەكلىك بىناسىدا قۇرۇلغان كېيىن، ئامېرىكا ئالىملىرى بەش بۈرجەكلىك بىنادىكى ئىستراتېگىيىچىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن يېڭىچە ئالاقە ئۇسۇلى ئېلخەتنى كەشىپ قىلغان. توردىكى ھايات سۈنئىي بوشلۇقتا بولىدۇ. ئېلخەت ئەۋەتكەندىن باشقا چاغلاردا تور ئابونتلىرى كىملىككە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. توردا ھېچكىم ھېچكىمنىڭ چىرايىنى، سالاھىيىتىنى، تۇرغان يېرىنى، جىنىسىنى بىلەلمەيدۇ. تورنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىر داڭلىق ھەجۋى رەسىمدە ياخشى ئىپادە قىلىنغان . ئۇ ھەجۋى رەسىمدە كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا ئولتۇرغان ئىت ئېكرانغا مۇنۇ خەتلەرنى كىرگۈزىدۇ . « ئېنتىرنېت ھەققىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، قارشى تەرەپ مېنىڭ ئىت ئىكەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ .»
ئېنتىرنېتنىڭ يۇقۇرىقىدەك ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىنى زىيارەت قىلىدىغان، ئۇ يەردە ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى كۆپەيتتى. سۈنئىي بوشلۇقتا كىملىك تەلەپ قىلىنمىغاچقا، تورغا كىرگەنلەر ئۆز قاراشلىرىنى، روھىي دۇنياسىنى ئەركىن ھالدا ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تور بوشلۇقىدا قىسىلغان ئۆزلۈك، بېسىلغان ئارزۇ–ئىستەكلەر ۋە ئاۋامنىڭ روھىدىكى خۈنۈك تەرەپلەرمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. يۈز تۇرانە ئالاقىدە دېيىشكە بىئەپ بولىدىغان جىنسىيەت توغرىسىدىكى پاراڭ شەھەر ھاياتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان نۇرغۇن ياشلارنىڭ نەزەرىدە ئادەتتىكى تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. مۇنبەرلەردە بۇزۇقچىلىقنى، ئەخلاقسىزلىقنى، جىنسىي ئەركىنلىكنى قامچىلايدىغان ماقالىلەر، يازمىلار پەيدا بولدىيۇ ، كۈتمىگەن ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، مەخسۇس جىنسىيەت، بۇزۇقچىلىق مەزمۇنىدىكى تېمىلارنى كۆرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ توردىكى سانىنى ئاۋۇتىۋەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئەكس ئۈنۈم پەيدا قىلدى. جىنسىيەت، جىنسىي تۇرمۇش ئەسلىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدە كىشىلەر مۇھاكىمە قىلىشتىن قاچىدىغان تېما بولغان بولسا، كىملىك مەخپىي تۇتۇلىدىغان تور بوشلۇقى بۇنى ئوچۇق بىر تېمىغا ئايلاندۇرىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە «ئۇيغۇرلار مۇشۇنچىلا دەرىجىدە ئېچىلىپ كەتتىمۇ؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى.
«دىيارىم»، «شەبنەم»، «شىنجاڭ لىنىيىسى» شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان تور بېكەتلىرى. 2007–يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بۇ تورلاردا ئېلان قىلىنغان جىنسىيەت، بۇزۇقچىلىق (قامچىلاش مەزمۇنىدىكى) تېمىسىدىكى ۋەكىللىك يازمىلاردىن بىر قانچىنى ئەنئەنە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى يازمىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆتىمىز. «باشلىق، ئايالىڭىزغا چېقىلىپ قويدۇم» («شىنجاڭ لىنىيىسى تورى، 2008–يىل 18–فېۋرالدىكى «قىزىق نۇقتا» سەھىپىسى) ناملىق يازمىدا بىر ئىشقىۋازنىڭ باشلىقىدىن ئايالىنى كەلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق قانداق ئۆچ ئالغانلىقى، ئۇ ئايال بىلەن قانداق بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى زوق–شوخ بىلەن تەسۋىرلەنسە، «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ناملىق يازمىدا («دىيارىم» تور بېكىتىنىڭ 2007–يىل 22–دېكابىردىكى «نەسرىي ئەسەرلەر» سەھىپىسىگە بېرىلگەن )بېيجىڭغا يېڭى بارغان سەھرالىق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىر ئەرەپ باش ئەلچىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆي خىزمەتچىسى بولۇش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى جىنسىي ئاڭنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. «برازىلىيىنىڭ ئىچ كىيىم بازىرى دەھشەتكەن» («شىنجاڭ لىنىيىسى» تورىنىڭ 2008–يىللىق 23–فېۋرالدىكى قىزىق نۇقتا سەھىپىسىگە بېرىلگەن) تېمىدا يالىڭاچ قىزلارنىڭ كوچىدا ماڭغاندىكى كۆرۈنۈشى تارتىلغان رەسىملەر بېرىلگەن. ماۋزۇدىنلا تېما يوللىغۇچىنىڭ بۇ رەسىملەردىن ھەيران قالغانلىقى، زوقلانغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر تورداشلار يۇقىرىقى تېمىلارنى «تەنقىدىي» يوسۇندا كۆرۈپ چىققانلىقىنى، ئەخلاقنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ؛ ئۇيغۇر ئەخلاقى، ئۇيغۇر مەۋجۇدلۇقى ھەققىدە يانداش مۇلاھىزىلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. ئەمما، ئەخلاق، ئەنئەنىلەرگە شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدىغان تورداشلار ۋەزنى بار، سەۋىيىلىك، ئەخلاق، مەدەنىيەت توغرىسىدىكى تېمىلارنى كۆپ ئوقۇمايدۇ. بۇ تېمىلارنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى جىنسىيەتنى تېما قىلغان يازمىلاردىن جىق تۆۋەن تۇرىدۇ. «خۇشچىراي» ئىسىملىك تورداش «دىيارىم» (2007–يىل، 13–دېكابىر) تورىغا يوللىغان «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟» (ئاپتورى ئابدۇرېھىم دۆلەت) ناملىق ماقالە ۋە «تۇتىم» ناملىق تورداش ئاپتورلۇقىدا «دىيارىم» تورىغا (2007–يىل 18–نويابىر) ئەۋەتىلگەن «بىز نېمىشقا ئويلانمايمىز؟» ناملىق ماقالە «نادىر تېمىلار» سەھىپىسىگە قويۇلغان بولسىمۇ ، كۆرىدىغان ئادەم يۇقىرىقى ئۈچ تېمىنى كۆرگەندىكىدەك جىق بولمىغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى ستاتىستىكىغا قاراپ باقايلى:
ئۇيغۇر تورلىرىدىكى جىنسىيەت، ئەخلاق تېمىلىرىنىڭ
كۆرۈلۈش قېتىم سانى
بىز مۇنداق سوئالنى قويۇشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇ تېمىلارنى ئوقۇغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىنكاسلارنى يازىدۇ؛ ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىغا، ئەخلاقنى تەكىتلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ؛ ئەمما نېمە ئۈچۈن ئەخلاق تېمىسىدىكى تېمىلار ئاز چېكىلىپ ، جىنسىي تۇيغۇ ئاشكارا ئىپادىلەنگەن يازمىلار شۇنچە جىق ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ قىسىلغان جىنسىي تۇيغۇنىڭ ئىنكاسى. ئۇلار رول ئالغۇچىلاردۇر. يۈز تۇرانە ئالاقىدە باشقىلارنىڭ نەزەرىدە جەلپكار، ياخشى كىملىك تەسىراتى بېرىشكە ئورۇنغان بىلەن، تور ئالاقىسىدە بۇنداق كىملىك ئېھتىياجىغا ھېچكىمنىڭ ھاجىتى چۈشمەيدۇ. بۇ خىل ئەۋزەللىك سۈنئىي بوشلۇقتا قىسىلغان ئۆزلۈكنى ئەركىن قويۇۋېتىدۇ–دە، جىنسىي تۇيغۇ ئۇسۇلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ.
تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، شەھەردىكى كىملىك كرىزىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىپپەت، جىنسىيەت توغانلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئىپادە بولۇۋاتقانلىقى شەھەرلىكلەر ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولغاندا، ئادەم ئۆزىنى يېتىم، تايانچىسىز ھېس قىلغاندا ، ئىچ پۇشۇقى روھىنىڭ بىر بۈرجەكلىرىدە بېسىلىپ ياتىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە غىدىقلاشقا دۇچ كەلگەندە ، قىسىلغان ئۆزلۈك جىنسىي تۇيغۇ ھالىتىدە پارتلايدۇ. فوكاۋ بۇنى ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق بىلەن باغلاپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ. «... باش ئەگدۈرۈش ئۈچۈن ياشلىرىنىڭ زېھنى قۇۋۋۇتىنى ئۆتكۈنچى ھەۋەسلەرگە باغلىۋېتىش كېرەك. ئاجىز، نامرات ئاۋامنى كونترول قىلىشتا جىنسىي كونتروللۇق ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ .»[52]
فوكاۋ يەنە ئۆزىنىڭ «ئىپپەت ئۈچۈن كۆرەش قىلايلى» ناملىق ماقالىسىدە مەشھۇر جىنسىيەتشۇناس كاسسىئان (Cassian) نىڭ «پىنھان تۇرمۇش رىسالىسى» ناملىق ماقالىسىدىن نەقىل ئېلىپ ھەمىشە جىنسىي غىدىقلاش ھالىتىدە تۇرۇشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «قەلبىمىزنى مەككار شەيتان چىرمىغاندا، بىزنىڭ ئايال كىشى ھەققىدىكى ئەسلىمىمىز ئويغىنىدۇ، بىر ئادەمنىڭ پاكلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە، ئۇخلاۋاتقاندا ئېزىتقۇ تۇيغۇلارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بىز روھىي غىدىقلىنىشلارغا، ئۆتكۈنچى تۇيغۇلارغا ۋاقتىدا خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك. بولمىسا، ۋاقىتلىق قىرغىنچىلىق بىزنى ئەقلىمىزدىن ئايرىپ بىنورمال كەيپىيات ئىچىگە غەرق قىلىدۇ»[53] . كاسسىئان يەنە مۇنداق دەيدۇ: «جىنسىي غىدىقلىنىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. سەۋەبى، ئۇ بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدۇ. شەھۋەت ياغىدىغان پاراڭ ۋە كۆزلەردىن نېرى تۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدۇ . »[54] بىز ئىسلام ئەھكاملىرىدىن جىنسىي تۇيغۇنى كونترول قىلماسلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرىلىق تولۇق دەلىللەرنى تاپالايمىز؛ ئەمما ئىدىيىسى زەھەرلەنگەن ياشلارنىڭ ئارىسىدا غەربنىڭ جىنسىيەت قارىشىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار، «جىنسىي تۇيغۇنى بېسىش ئەخلاقسىزلىق» دەپ قارايدىغانلار بار. بىز غەرب ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىدىن نەقىل ئېلىش ئارقىلىق جىنسىي تۇيغۇنى مەيلىگە قويۇۋېتىش ھەرگىزمۇ بەزىلەر خاتا چۈشىنىۋالغاندەك غەرب جىنسىيەت قارىشىنىڭ يادروسى ئەمەسلىكىنى، غەرب جىنسىيەت ئۆلچەملىرىدە ھەرگىزمۇ جىنسىيەت ئەركىنلىكىنى ئاممىۋى ئالاقىنىڭ، دىئالوگنىڭ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ يادروسىغا ئايلاندۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچى.
كىملىك كرىزىسىنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى
كىملىك كىرىزىسى سەۋەبسىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدە مۇرەككەپ تارىخىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئادەم ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا كىملىكنى يارىتىدىغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ چەكلىشىگە، ئىقتىساد، ئىدىئولوگىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ جەرياندا بازار ۋە يېڭىلىقنى ئۆزىگە يادرو قىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئادەمگە يېڭى–يېڭى پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىرىس، كرىزىسلارنىمۇ تەڭ ئېلىپ كېلىدۇ. «مەن كىم؟» نى مەركەز قىلغان كىملىك كرىزىسى ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدىغان مۇھىم، يادرولۇق مەسىلىدۇر.
تەرەققىيات ۋە كىملىك كرىزىسى
كىملىك كىرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىنى تەرەققىيات داۋامىدىكى زامانىۋىلىشىش، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگودەك بىر دۆلەت يەر شارىلىشىش دولقۇنى ئىچىدە تەرەققىيات ئىزدەيدۇ؛ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا يېڭى–يېڭى مەسىلىلەر تۇغۇلىدۇ. يەر شارىلىشىشقا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەبىر بەرگەندە، ئۇ «دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە – ئوخشىمىغان دۆلەت، رايون ۋە ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى چۆرىدەپ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدىغان ئۆز–ئارا تايىنىش جەريانى»[55] ۋە «دۇنيادىكى دۆلەت ۋە ھەممە كىشىنىڭ ئالاقە، ترانسپورت تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقىرىشى، چېگرا ئاتلايدىغان تاۋار، مۇلازىمەت تۈرى، كاپىتال، بىلىم ۋە ئادەمگە بولغان قەستلەش، كونتروللۇق دەرىجىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى .»[56] يەر شارىلىشىشنىڭ تەسىرىگە شەھەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىگە ئۇچرىدى. بازارلاردىن گىرمانىيىنىڭ «مىرسىدىس، باۋما» ماركىلىق ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىللىرى، ياپۇنىيىنىڭ «سونى، توشىبا، پاناسونىك» ماركىلىق تېلېۋىزورلىرى، ئەنگلىيىنىڭ «ئۈچ بەش» ماركىلىق تاماكىسى، فرانسىيىنىڭ قىزىل ھاراقلىرى، ئىتالىيىنىڭ خۇرۇم ئاياقلىرى، تۈركىيىنىڭ گىلەم، ياغلىقلىرى، پاكىستاننىڭ بىرتىۋاسى، ھىندىستاننىڭ چېيى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھىجاپ ۋە زىننەت بۇيۇملىرى تېپىلىدىغان بولدى. ئامېرىكىنىڭ پۇلى ۋە تىلى بۇ يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا ئۆزىنىڭ سودىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. چوڭ تاللا بازارلىرىغا كىرسەكلا يەر شارىلىشىشنىڭ بوسۇغىمىز تۈۋىگىچە تەسىر قىلغانلىقىنى پەرق ئېتىش تەس ئەمەس. ئىقتىسادىي ئامىلدىن سىرت ، يەنە سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئامىللارمۇ يەر شارىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇچۇر ۋە خەۋەر–ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بولسا بۇ مۇساپىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرىدۇ. بۇنى ئاددىي بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەك، 2006–يىلى 6–ئايدا گىرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يەر شارىدىكى نۇرغۇن ئادەم تېلېۋىزورنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق كۆردى. يەر شارىنىڭ كىشلەرگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرىنى بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.
ئەمما، يەر شارىلىشىشنى ئاددىي ھالدا دۇنياۋى سىستېمىنىڭ تەرەققىياتى دېيىشكە بولمايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ « يەرلىك ھادىسىلەر، ھەممىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەرلىك ھادىسدۇر . ئۇ بىزنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىمىزنى، كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. »[57] ئۆتمۈشتە، كىشىلەرنىڭ كىملىكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئاساسلىق قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئەخلاق مىزانلىرى ئاساسىدا بىر قەدەر نىسپىي ھالەتتە يارىتىلاتتى. ئەمدىلىكتە، دۇنياۋى تەرتىپنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئەنئەنە ۋە ئەسلىدىكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. تېز سۈرئەتتە يەر شارىلىشىۋاتقان دۇنيادا ھېچقانداق ئادەم ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا ئۆز تەقدىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالمايدىغان بولدى. سەلبىي تەسىرىنى كۆزەتكەندە، ئەنگلىيە جەمئىيەتشۇناسى زىگمۇند باۋمەنىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، «يەر شارىلىشىش ئاز سانلىق ئادەمگە پايدىلىق، كۆپ سانلىق ئادەمگە زىيانلىق. كاپىتالنىڭ يەر شارىلىشىشى مىللىي مەدەنىيەتنى، تەرەققىيات ئاساسى ئاجىز مىللەتلەرنى مىسلىسىز قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچار قىلدى .»[58] ئەڭ ئاۋۋال «مەدەنىيەت ئىمپىرىيالىزمنىڭ بىر خىل شەكلى»[59] بولغان يەر شارىلىشىش ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز تارقىلىۋاتقان سۈرەت، يېڭىچە پىكىر، تاۋار ۋە مودىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ «غەربنىڭ قىممەت قارىشى، مودا ۋە ئىدىيىسىنى سىڭدۈردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللىي مەدەنىيەت تۇنجۇقۇشقا باشلىدى. بىزنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز مىللىي ئەنئەنىدىكى پارچە–پۇرات مەدەنىيەت ئىزنالىرى .»[60] بۇ پارچە – پۇرات مەدەنىيەت ئىزنالىرى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ «شالغۇت كىملىك» نى پەيدا قىلدى. ماقالىمىزنىڭ بېشىدا مىسالغا ئالغان «بۈگۈن جۈمە» دېگەن شېئىر ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «شالغۇت كىملىك» ھادىسىسىدىكى ئۇيغۇر كىملىك كرىسىزىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپنى شېئىرىي تىل بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. شەھەرلەردە بىرەر ئۇيغۇر ياش ھازىر كاۋبوي ئىشتان كىيىپ، فرانسىيىنىڭ ئەتىرىنى چېچىپ جۈمە، ھېيت نامازلىرىدا پەيدا بولسا ۋە كەچتە بىر نەچچە ئاغىينىسى بىلەن بىرەر قاۋاققا ئوينىغىلى بارسا ، ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئەمەس. بۇ ئەمەلىيەتتە يەر شارىلىشىشنىڭ كىملىكىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تەرەققىىيات بىلەن كىملىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگەندە ، يەر شارىلىشىشقا يانداش ئۇقۇملاردىن سانائەتلەشكەن جەمئىيەت ۋە زامانىۋىلىشىش ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش زۆرۈر. سانائەتلەشكەن جەمئىيەتنىڭ شەھەر تۇرمۇشىدىكى بىر ئىپادىسى شۇكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر يېزائىگىلىك ئەمگىكىدىن ئايرىلىپ زاۋۇتلاردا، ئىشخانىلاردا، دۇكانلاردا ئىشلەيدىغان بولىدۇ. كۈندىلىك ئالاقە داۋامىدا ناتۇنۇش ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى كۆپىيىدۇ؛ كىشىلەردىكى ئىندىۋىدۇئاللىق ئاجىزلاپ، يېڭى ئۇچۇرنىڭ غىدىقلىنىشى نەتىجىسىدە دورامچىلىق ئەۋج ئالىدۇ؛ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، چوڭ سودا كارخانىلىرى ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. زامانىۋىلىشىش بولسا ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەرگە قارىغاندا كىشىلەرنى سىياسىي تۈزۈمگە تېخىمۇ بەك بېقىنىدىغان قىلىۋېتىدۇ. زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا سىياسىي تۈزۈلمە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ماكرولۇق كونترول كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشىمىغان مىللەت، ئىرقتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاز سانلىق كىشىلەر بۇنداق ئارىلاشما مەۋجۇدلۇق داۋامىدا يۇقىرى تەبىقىدىكى، ھۆكۈمران تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە بەزىدە ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، كىيىم – كېچىكىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جەريانىدا سىڭىپ كىرىش ، غىدىقلىنىش، دوراش نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى قىممەت قاراش ۋە قائىدە – يوسۇنلاردا ئۆزگىرىش بولىدۇ. دوراش پسىخولوگ تاردىنىڭ ئېيتىشىچە، «ئىنساندا تەبىئىي بولىدىغان بىر خىل مايىللىق. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋامنىڭ قىممەت – قارىشى ، قائىدە – يوسۇنلىرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ .»[61] سىڭىپ كىرىش بولسا كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا بىر–بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە سورۇن ھازىرلايدىغان ئالاقە شەكلى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا سىڭىپ كىرىشنىڭ ئۈچ خىل تىپى بولىدۇ. بىرىنچىسى، يەككە ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى سىڭىپ كىرىش. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ خىلدىكى سىڭىپ كرىشنىڭ تەسىرىنى تېز بايقىيالايمىز. ئىككىنچىسى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى. بۇ تېلېۋىزور، كىنو، تىياتىر، رومان، مۇزىكا قاتارلىقلارنىڭ كىشىلەر كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانى. ئۈچىنچىسى، ئەركىنلىك ئىدىيىسى بەك بالدۇر يېتىلگەن كىشىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى. بۇ ھال بىر خىل «دەۋرىيلىك ئىنكاسى»نى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل «دەۋرىيلىك ئىنكاس» قايتۇرۇش داۋامىدا بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى غىدىقلايدۇ. باشقىلارنىڭ كەيپىياتى يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدىكى كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ؛ ھەتتا بەزىدە ئەقلىيلىكتىن ئايرىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تەرەققىيات داۋامىدىكى يوشۇرۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كىشىلەر ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قاتمۇ – قات بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقايدۇ، تېڭىرقايدۇ، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە توقۇنىشىدۇ. كىشىلەر ئىلگىرى خەتەرلىك دەپ بىلگەن، قاچقان نەرسىلەر ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. ئۆتمۈشنى سېغىنىدىغانلار، ئەنئەنىنى ياقىلايدىغانلارنىڭ نارازىلىقى، ۋايساشلىرى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاپتىن چىقىش، ئىجتىمائىي بىنورماللىق ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇنىڭ تەسىرى چوڭ ئولتۇراق رايونلىرىدىكى «لېفىتقا تەرەت قىلىپ قويۇش»[62] ، «ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئەخلەت تاشلاش»[63] قاتارلىق ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادىلەندى. جەمئىيەتشۇناس مۇرفېي بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ. «تەرەققىي تاپمىغان رايونلاردىكى ئىجتىمائىي بىنورماللىق ۋە روھىي كېسەلنىڭ كۆپىيىشى – غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى .»[64] جەمئىيەتشۇناسلار ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ توقۇنۇشىدا روھى داۋالغۇپ تۇرغان كىشىلەرنى «ئۆتكۈنچى ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. «ئۆتكۈنچى ئادەم»(过度人,边缘人) ئاتالغۇسىنى ئەڭ بۇرۇن گىرمانىيىلىك جەمئىيەتشۇناس جورج سىممېل (1858-1918, George simmele) ئىشلەتكەن. لۇئىس كوسېف «ئۆتكۈنچى ئادەم» نىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۆتكۈنچى ئادەم پولات سىمدا كېتىۋاتقان سېرىكچى يۈزىنى ئېتىپ مېڭىۋېتىپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىنىغا ئوخشاش ئىككى خىل مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە مۇۋازىنەتنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ. خىلمۇ–خىل روللارنى ئېلىپ ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. ئادەم ئۇنىڭ يۈزىگە تارتىۋالغان ماسكىسىنىڭ كەينىدە دىشۋارچىلىق، قورقۇنچ ئەكس ئەتكەن كۆزلىرىنى كۆرگەندەك بولىدۇ .» [65] ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس روبېرت پارك (R.Park) ئۆتكۈنچى ئادەمنى «مەدەنىيەت شالغۇتلىرى» دەپ ئېنىق كۆرسىتىدۇ. «ئۆتكۈنچى ئادەم ئىككى دۇنيادا ياشايدۇ. بۇ ئىككى دۇنيادا ئۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا سىرتتىن كەلگۈچى. ئۇنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى زىددىيەتلىك بولىدۇ .» [66] كونا – يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ گىرەلىشىشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىكى ئۆزگىرىش، پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ئۆتكۈنچى ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا تېڭىرقاش، توقۇنۇش، ياتسىراش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغان ئادەمدۇر. ئۇ ھەم زامانىۋىلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ ھەم ئەنئەنىدىنمۇ ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى «قوش قىممەت سىستېمىسى» نىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. ئۇ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ ھەم ئەنئەنىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
مېدىيە ۋاستىلىرى ۋە كىملىك كرىزىسى
ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى شەھەر تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ گېزىت–ژۇرنال، تېلېۋىزور، رادىئو، كىنو، سىنئالغۇ ، DVD, VCD قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلارنىلا ئەمەس، كىشىلەر كۈندە ئىشلىتىدىغان تۈرلۈك–تۈمەن ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ. تارقىتىش ۋاستىلىرى ناھايىتى زور كۆلەمدىكى ئاۋامنى–تاماشىبىن، كۆرۈرمەن، ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش ئوبيېكتى قىلغاچقا ، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ھاياتىدا كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىن باشقا تەرەپلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. تېلېۋىزور، گېزىت، تورلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەجرىبىسىنى ، جامائەت پىكرىنى زەرەتلىدى. سەۋەبى، ئۇ شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۇرغۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن خەۋەر تېپىشتىكى زۆرۈر ۋاستە بولۇپ قالدى. نەتىجىدە ئاخبارات ۋاستىلىرى يوشۇرۇن ئۇسۇلدا شەھەرلىكلەرنىڭ پوزىتسىيىگە، كىملىك ئېھتىياجىغا مۇئەييەن تەسىرلەرنى قالدۇردى. تېلېۋىزورلاردا قويۇلۇۋاتقان ئېتوت، كۈلدۈرگە، ئېلان، خەۋەر خىلمۇ–خىل شەكىلدە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى غىدىقلىدى. ھەتتا بۇ خىل تەسىر شەھەرلىكلەرنىڭ پاراڭلىرىدىمۇ ئەكس ئەتتى. مەسىلەن، ئابدۇكېرىم ئابلىز نائۇستا تەرجىماننى ھەزىل قىلىپ، «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا»، «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى قىلىپ بويۇمدا قالدى» دېگەندەك ئۇيغۇر ماقال–تەمسىللىرىنى قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ ئېتوتلىرىغا ئەكىرگەندىن كېيىن، بىر ئېغىز خەنزۇچە بىلمەيدىغان دېھقانلارمۇ تېلېفون نومۇرلىرىنى خەنزۇچە دەيدىغان[67] ئەھۋاللار سادىر بولدى. ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ «رىشتە» پروگراممىلىرىدا 2004–يىلدىن 2005–يىلغىچە ئىچ كىيىم مودىللىرىنىڭ سەھنىدە يالىڭاچ دېگۈدەك مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشى قايتا–قايتا تەلەپ قىلىندى.
تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ رولى توغرىسىدا جەمئىيەتشۇناسلار ھەر خىل قاراشتا. گىرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى خابېرماس (Jurger Habermas, 1929-) «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىجارەت خاراكتېرىدە ئېكرانلاردا يامرىشى، ئۆلچەملىك ۋە پاخال مەھسۇلاتلارنىڭ تارقىتىلىشى كىشىلەرنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش، تەنقىدىي ئويلىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. ھەقىقىي سەنئەت مەدەنىيەت بازىرىدىكى تىجارەت دولقۇنىدا تۇنجۇقۇپ قالدى» دېسە، فرانسىيە كېيىنكى مودىرنىزم جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىنىڭ غوللۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى بوردىليارد( Jean Baudrillard, 1929-) «تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئېكراندىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان يېڭىچە رېئاللىق پەيدا بولدى. كىشىلەرنى مايىل قىلىۋاتقان بۇ رېئاللىق ئەمەلىيەتتە ساختا رېئاللىقتۇر»دەپ كۆرسىتىدۇ . جون تومپىسۇن (John Thompson) بولسا «كىشىلەر تېلېۋىزوردا بېرىلگەن ئۇچۇرلارنى مۇلاھىزە قىلىشىۋاتقان چاغدا، ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئۇچۇرلارنى پاسسىپ ھالەتتە قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنىۋاتقانلىقىنى تۇيمايدۇ.»[68] ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرى ئىدىئولوگىيىنىڭ تەسىرى بىلەن بىرىككەندە ئۇنىڭ نەتىجىسى مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ. ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا ، ئىدىئولوگىيە دېگىنىمىز «مەۋقە ۋە كۆز قاراشنىڭ ئىنساننىڭ ئەقىدىسىگە، ھەرىكىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دىن ئىبارەت. جەمئىيەتشۇناسلار «كىشىلەرنىڭ رېئاللىقنى خاتا ياكى بۇرمىلاپ چۈشىنىۋېلىشىغا ئىدىئولوگىيە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاجىزلارنىڭ ئۆز رېئاللىقىنى ھەقىقىي تونۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىدىئولوگىيىنىڭ ئاقىۋەتلىرى ئېچىپ بېرىلىشى كېرەك»[69] دەپ قارايدۇ.
زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئىنسان روھىنى زەھەرلىگەن تەرەپلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغان مەشھۇر روھىي ئانالىز تەلىماتچىسى ئېرخ فروم (Erich Fromm) «ساغلام جەمئىيەت» دېگەن كىتابىدا : «ئاخبارات ۋاستىلىرى قەلبىمىزنى چىرىتمەكتە. بىر ئادەمنىڭ قەلبى زەھەرلەنگەندە، ئۇ ئېكراندا ‹ئەخلاقسىزلىق› دېگەن گەپنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيدىغان بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇنداق بايان قىلىدۇ : «دورا، كىنو، ئېلان كىشىلەرنى جىنسىي ئەركىنلىك ۋە ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈشكە يېتەكلەپ ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇت رېئاللىقىغا ئىتائەتمەن قىلىۋېتىدۇ». شەھەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى غەربنىڭ، ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈشكە ئامراق. ئەمما زوراۋانلىق ۋە ئىشقى مۇھەببەت بۈگۈنكى كىنولارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى تېمىسى. ئېرخ فروم كىشىلەرنىڭ كىنو ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىلىرىنىڭ نەتىجىسىدە قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى مۇنداق سۈرەتلەيدۇ: «ئەگەر كىنو، تېلېۋىزور قاتارلىق جەمئىيەت فورمىسىدىكى ئاغرىقلارنى پەسەيتىپ تۇرىدىغان ناركوزلار يوقالسا، جەمئىيەتتىكى كېسەللەر مانا مەن دەپ ئاشكارىلىنىدۇ. بۈگۈن بىزگە ئۇچراپ تۇرىدىغىنى ھەرىكىتى ۋە تۇيغۇسى ماشىنىلىشىپ كەتكەن ئادەملەر. ھەتتا ئۇلارنىڭ كۈلكىسىمۇ ئۆزىگە تەۋە ئەمەس». بىر ئادەم ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرگەندە دۇنياغا ئوبيېكتىپ نەزەردە قارايدىغان كۆزدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ؛ ئەخلاق، ۋىجداننىڭ چاقىرىقلىرىنى ئاڭلىمايدۇ، روھىي دۇنياسىدا بىر خىل ۋەسۋەسە تۈگىمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەر ئەتراپىدا نېمە بولۇۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. رېئاللىق تۇيغۇسى ئاجىزلايدۇ؛ ۋۇجۇدىدا بىخۇدلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك يامرايدۇ. ئاشۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىرى – ئۆز ئېلىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك. جوناتان رۇتېرفورد (Jonathan Rutherford) ئاۋام مەدەنىيىتىنىڭ مىدىيا ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە، توغرىراقى ئېلان، مودا ئۇچۇرلىرىنىڭ غىدىقلىشىدا پەيدا بولغان، ياسانچۇق، ئەرلىك خاراكتېرى سۇسلاشقان ئەرلەرنى «يۇمشاق ئەرلەر» دەپ ئاتاپ ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بۇ خىل يېڭى ئەرلەر بىر خىل قىسىلغان ئەرلىك خاراكتېرىنى نامايەن قىلىدۇ. ئاياللارغا ۋە ئۆزىنىڭ ھېسسىي تۇيغۇلىرىغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەركەكلىك جەلپكار بولۇش ئۈچۈن مۇلايىملىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ .» [70]
ئىستېمال ۋە كىملىك كرىزىسى
مېدىيا ۋاستىلىرى شەھەر جەمئىيىتىدە تولىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر ھادىسە پەيدا قىلدى. ئۇ بولسىمۇ ئىستېمالچىلىق، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىتىپلا قالماستىن ، ئىستېمالچىلىق ئوتىنىڭ پىلتىسىنىمۇ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ–پۇشقاقلىرىغا قويۇپ كەتتى. كىشىلەر ئىستېمال بۇيۇملىرىنى قارىغۇلارچە قوغلىشىدىغان بولدى. ماقالىنىڭ بېشىدا مىسالغا ئېلىنغان ئانار ۋە گۈلزار ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزلىرى دەل مۇشۇنداق قارىغۇلارچە ئىستېمال قوغلىشىش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلاردۇر. «تەرەققىي تاپمىغان جايلاردا كىشىلەر تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىشنى مەدەنىيلىشىشنىڭ بەلگىسى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان، بەخت ۋە ئىجتىمائىي مەرتىۋىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم دەپ قارىۋالدى .»[71] ئىستېمال دەۋرىدە كىشىلەر ئىزچىل ساتقىلى، ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلاندى ، ھەتتا ئەخلاق، مۇھەببەت، ئېتىقاد، بىلىم، ۋىجدان قاتارلىقلارمۇ ئاخىرى سودا ئوبيېكتىغا ئايلاندى. كىچىك ماشىنا ئاۋام ئىستېمالىنىڭ سىمۋولى، كىنو ئاۋام ئىستېمالىنىڭ كاتالىزاتورى بولۇپ قالدى. ئېلېكترونلۇق مېدىيا ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئېلاننىڭ سىڭىپ كىرىشى شەھەرلىكلەردە تاۋارغا چوقۇنىدىغان، پۇلى بولسىلا ئىستېمال ئارقىلىق كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ رېئاللىقتىكى ئازابلاردىن قاچىدىغان مايىللىق پەيدا قىلدى. توغرىراقى، ئىستىمالچىلىق شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىكى ئىچكى پۇشايمان تۇيغۇسى ۋە ئازاب، كرىزىس ئېڭىنى يەۋەتتى. شەھەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. بۇنداق ئىزچىللىق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان، كىملىك كرىزىسىگە مەنبە بولۇۋاتقان مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك نەتىجىنى روياپقا چىقاردى: تەن لەززىتى، مودا، رومانتىكىلىققا چوقۇنۇش، مۇھەببەتنى داالدا تام قىلىۋېلىش، كەلگۈسىنى گۆرۈگە قويۇش. رومانتىكىلىق – ئىستىمالچىلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىل؛ تېخىمۇ ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە ، تەن لەززىتى ۋە سەزگۈ ئەزالار شادلىقىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى. 18–ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئىستېمال غەرب كاپىتالىستىك دۆلەتلىرىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى. ئادەتتە يەككە ئادەم بىلەن جەمئىيەتنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە بولىدۇ ۋە مۇشۇ رىشتە بولغىنى ئۈچۈنلا ئادەم ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى ئالاھىدە يەككە بىرلىك ھېسابلىنىدۇ. رومانتىكىلىق دەل مانا مۇشۇ رىشتىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. كانبېر ئېيتقاندەك: «رومانتىكىلىققا ئىنتىلىدىغان ئادەم رېئال دۇنيادا تىرىشىپ ئىشلەش، چېنىقىش، ئۆزىنى قېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەنىۋى مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئورنىغا كۈچلۈك بولغان غىدىقلىنىش ۋە تۇيغۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى ‹ئىپادىلەش› كە كۈچەيدۇ .»[72] ئادەمنىڭ رومانتىكىلىققا ئىنتىلىشى جەمئىيەتنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەمدە مەنىۋى دۇنيا ھەقىقىي يېتىلمەي رومانتىكىلىق كۆزنى توسۇۋالغاندا سۈنئىيلىك بازار تاپىدۇ.
ئىستېمالچىلىق تەسىرىدە كۆرۈلگەن ئىككىنچى خىل نەتىجە مۇھەببەتنى دالدا تام قىلىۋېلىش. ئۇيغۇر شەھەر جەمئىيىتى كرىزىسلىك جەمئىيەت . ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ كرىزىسلاردىن بىشارەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر كرىزىستا تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى كرىزىسىمىز ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ كرىزىسنىڭ كرىزىس پېتى ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىشىدىن ئىبارەت .»[73] شەھەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىزلىق، دەۋرگە ماسلىشالماسلىق قاتارلىق تەھدىتلەرگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، بۇ كرىزىسلارنى كۆرمەسكە سالدى ياكى نەزەردىن ساقىت قىلدى؛ مۇھەببەت، ئۇلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئازابلاردىن قاچىدىغان دالدا تېمى بولۇپ قالدى. مۇھەببەتنىڭ رولى ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىۋېتىلدى ياكى سىقىلىۋاتقان ئۆزلۈك ئۆتكۈنچى تۇيغۇلاردىن ئۆزىگە پاناھگاھ ئىزلىدى. ساختىلىق، ئالدامچىلىق ئەۋج ئېلىپ مۇھەببەتنىڭ كۇرسى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك چۈشتى. قىزلارمۇ، ئوغۇللارمۇ رېئاللىق ئالدىدا ئىلاجىسىز قالغاندا، مۇھەببەتتىن تەسەللى ئىزدىمەكچى بولۇشتى ۋە ئاخىرى بۇ تەسەللىگە ئېرىشەلمەي مۇھەببەتكە، ساداقەتكە گۇمان بىلەن قارايدىغان بولدى. بۇ ئىپپەت سودىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئادەمدە «قالتىس بىر ياشىۋەتكەندىن كېيىن نېمە قىلىمىز؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ.
ئىستېمالچىلىق پەيدا قىلغان ئۈچىنچى نەتىجە گۆرۈگە قويۇلغان كەلگۈسى، يەنى قەرز ئېلىپ ئىستىمال قىلىش. بۇ شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا كۆرۈلگەن يەنە بىر يېڭى ھادىسە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۇلى ئاجىز بولغىنى ئۈچۈن شەھەرلەردە زور كۆپ ساندىكى ياشلار قەرز ئېلىپ توي قىلىدۇ، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىدۇ. بۇ قەرزلەرنى تۆلىمەي ئامال يوق. ئوبرازلىق تىل بىلەن ئېيتقاندا ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى گۆرۈگە قويۇلغان. فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى پېئىر بوردىيو (1930-2006, Perre Bourdieu) كاپىتالىستىك جەمئىيەتلەردە بۇرۇنلا ئومۇملاشقان قەرز ئىستىمالىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەنئەنىدە تەكىتلىنىدىغان، تېجەشلىك، ئىقتىسادچان بولۇش، ھەۋەسنى چەكلەش خىسلىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئەخلاق رامكىسى قەرز، سەرپىيات ۋە راھەتپەرەسلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان يېڭىچە ئەخلاق ئەندىزىگە ئورۇن بوشاتتى .»[74] دىيانى بۇنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ : «قەرز ئېلىپ ئىستېمال قىلغۇچى بۈگۈنكى خۇشاللىقىنى ئەتە قەرز تۆلەش مەجبۇرىيىتىگە تېگىشىۋېتىدۇ. بۇ قىممەت تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرۈپ ‹كەلگۈسى يوق جەمئىيەت› نى پەيدا قىلىدۇ. ھازىرقى كىشىلەرنىڭ باشقا كۈتكۈدەك كەلگۈسى يوق، پەقەتلا بۈگۈن ئۈچۈن قەرز تۆلەيدىغان كەلگۈسى بار. بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ كىشىلەر ھەممە نەرسىگە بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ، بۇ خىل بىپەرۋالىق كىشىلەرنىڭ بەختىنى ۋە خۇشاللىقىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ .»[75]
يېڭىچە ئىستېمال قارىشى شەھەردىكى ئۇيغۇرلارغا غىدىقلىنىش جەريانىدا، توغرىراقى كىنو، تېلېۋىزور قاتارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىدە ئىختىرا قىلىنغان ئۇچۇر، سۈرەتلەرنىڭ غىدىقلىشىدا غەرب قىممەت قارىشىدىن سىڭگەن. خەنزۇلارنىڭ ئۇنى تونۇشتۇرۇشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولى گەۋدىلىك بولغان. ھالبۇكى كېيىنكى مودېرنىزم جەمئىيەت نەزەرىيىسىنىڭ غوللۇق ۋەكىلى، مۇتەپپەككۇر بوردىئارد: «تېگى–تەكتىدىن ئېيتقاندا بۈگۈنكى غەرب جەمئىيىتى بىر خىل ھوزۇر - ھالاۋەت سىستېمىسى»[76] دەپ ئىزاھلايدۇ. لۇۋېنسال (Lowenthal) بولسا ئىستېمال قوغلىشىشنى پسىخىكىلىق ۋەھىمە بىلەن باغلاپ مۇنداق دەيدۇ: «قارىماققا ھېچقانداق زىيىنى يوقتەك كۆرۈنىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىستېمال كەيپىياتى نېگىزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە قەلبتىكى ۋەھىمىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى»[77] فرانكىفوردچىلار پىكىر ئېقىمى ( فرانكىفوردچىلار پىكىر ئېقىمى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن گىرمانىيە فرانكفورد ئۇنىۋېرىستېتىدا خوكخېيمىر ئادورنو (T.Adorno) ماركۇس بىنھامىن قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەنقىدچىلىك مودىلى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن پىكىر ئېقىمى بولۇپ، دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن)نىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ماركۇس (H.Marcuse 1898-1979) «سۈنئىيلىك ئارىلاشقان ئىستېمال تۇيغۇسى زەربە، بەختسىزلىك، ئادالەتسىزلىكنى تۈگەتمەيدىغان مەنبەئە» دەيدۇ. ئېرخ فروم بولسا ئۆزىنىڭ «ساغلام جەمئىيەت» دېگەن كىتابىدا بۇ خىل ھادىسىنى سۈرەتلەپ: «بىز ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمران سىنىپنىڭ، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئىستېمال ھەرىكىتى سىرتىدا كۈزەتكۈچىلەرمىز. يېڭى نەرسە ئىستېمال قىلىشقا ئىنتىلگەنسېرى باشقىلارغا تايىنىدىغان بولۇپ قالدۇق. بازار ئېڭى غورۇر تۇيغۇمىزنى يوق قىلدى» دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئىستېمال قوغلىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىلەرگە مۇنداق سوئال قويىدۇ: «بىز بىر توپ ئىستېمالچى بولۇپلا ئۆتۈپ كېتەمدۇق؟»[78]
ئىجتىمائىي كونتروللۇق ۋە كىملىك كرىزىسى
كىملىك كرىزىسىنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى پسىخىكىلىق جاراھەت پەيدا قىلىدىغان تارىخىي سەۋەبلەر ۋە شەھەرلىشىش داۋامىدا كۆرۈلىدىغان يۇقىرىقى ئىككى سەۋەبتىن كۆرە ، ئىجتىمائىي كونتروللۇققا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىجتىمائىي كونتروللۇق (social control) دېگىنىمىز ، «ماكرولۇق باشقۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى، تۇيغۇسى، يۈرۈش – تۇرۇشى، ئىش –ھەرىكىتىنى قېلىپقا چۈشۈرۈش جەريانى»[79] دىن ئىبارەت. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي كونتروللۇق ھەر خىل مەجبۇرىي شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش ئىجتىمائىي كونتروللۇق مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان بىر جەريان. ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا كىشىلەر مەۋجۇت قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا مەلۇم ئىجتىمائىي سىستېما ئىچىدە ئۆز كىملىكىنى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا «خەق نېمە دەپ قالار» دېگەن تۇيغۇ ۋە يېتىم قىلىش تۇيغۇسى كىشىنى ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا بەزى زىيانلىق قىممەت قاراشلىرىغا سۈكۈت قىلىدىغان قىلىدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي سىستېمىسى بىلەن ئىجتىمائىي مىزانلىرى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قوپۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئادەم ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا ئامال قىلالمايدۇ. شەھەرلىشىش داۋامىدا كىملىك كرىزىسىگە سەۋەب بولىدىغان بازار ئېڭى ۋە يېڭىچە ئىستېمال يۈزلىنىشىمۇ ماھىيەتتە ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ نەتىجىسى.
1980 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەشھۇر پولشالىق شائىر مىۋوش (1918-? Czeslaw Milosz) ئۆزىنىڭ «ئاسارەتلىك كاللا»[80]دېگەن كىتابىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى بۇرمىلاپ ئېلىپ بېرىلغان ئىجتىمائىي كونتروللۇق تەسىرىدە ئىدىيىسى زەھەرلەنگەن، ئۆز بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسىنى بىلمەيدىغان، كاللىسى يۇيۇلغان پولشا خەلقنىڭ مەھكۇملۇققا يۈزلەنگەن روھىي ھالىتىنى ئىنچىكە سىزىپ بېرىدۇ. ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ ۋاستىسى بولغان ئىدىئولوگىيە ھۆكۈمرانلارنىڭ مەنپەئىتى، قىممەت قارىشى، مەقسىتى ئاساسىدا روھقا سىڭىپ كىرگەندە ئادەم رېئاللىقنىڭ قۇربانلىق قوزىلىرىغا ئايلىنىدۇ؛ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن باشقىنى كۆرمەيدىغان، ئادەت تۈرمىسىدىن قۇتۇلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىدىئولوگىيە ھوقۇق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغاچقا، سىمۋوللۇق ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلىشىنى دەستەك بىلەن تەمىنلەپ ھۆكۈمران سىنىپ مەنپەئىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپ داۋامىدا قانۇنلىشىشىغا، ھۆكۈمران ئىدىيىلەرنىڭ يېتەكچى ھالەتكە ئۆتۈشىگە ئاساس ھازىرلايدۇ. تەشۋىقات، مىدىيا ۋاستىلىرى ئىجتىمائىي كونتروللۇق ۋە ئىدىئولوگىيىگە ۋاستە بولىدۇ. مائارىپ ئىجتىمائىي كونتروللۇقىنىڭ شىكارى ۋە جەڭگاھىغا ئايلىنىدۇ.
ئىجتىمائىي كونتروللۇق تەسىرىدە سىياسىي زىيادە تەكىتلىنىدىغان، بيوروكراتلىق، شۇئار مەدەنىيىتى، چىرىكلىك مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جەمئىيەت كىشىلىرى ئۆزىنىڭ ئازابلىرىنىڭ مەنبەسى نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇنى نېگىزىدىن چۈشەنمەيدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق پىشۋاسى دۇركىمنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ، «سىياسىي جەمئىيەتتە ياشىغۇچى ئادەملەر قۇمدەك چېچىلغان ئادەملەردۇر . »[81] بۇنداق ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى، بيۇروكراتلىق ئەۋج ئالىدۇ. بيۇروكراتلىققا ئىخچام تەبىر بەرگەندە ، ئۇ – دۇنيانى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئوبيېكتى قىلىپ تۇرۇپ دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتۇر. كىشىلەر سىياسىي پۇراق كەتمەيدىغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا بىر خىل ئىلاجىسىزلىق، ئامالسىزلىق ئىچىدە بيۇروكراتلىقنىڭ مۇھىم رولىنى ھېس قىلىدۇ. بيۇروكراتلار ئادەم باشقۇرۇش «مۇتەخەسسىس» لىرىگە ئايلىنىدۇ. ھوقۇق ۋە پۇل چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كانادادا 10 نەچچە يىل تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتقان ۋە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغان بىر ئۇيغۇر ئايال مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، پىچىقى كەسمەيدىغان باشلىقلارنى بۇنداق ئاتاش ئازىيىپ ، بىڭسى باركەن دەيدىغان قاراش ئومۇملىشىپتۇ. ئەرلەرنىڭ سورۇندىن يېنىپ بىرىنچى دەيدىغان گېپى بىرسىگە تېلېفون قىلىپ چىقىڭە دېيىش بوپتۇ. بىرسىنىڭ ئېرىنى بىرسى تارتىۋالسا بۇرۇن نومۇس قىلاتتى. ھازىر بىڭسىم بارمىكەن دېيىشىدىكەن .»[82] بىر ئادەم ھوقۇق ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالغان چاغدا ئۆزىنىڭ قىزغىن قولىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئادەم پۇلدىن باشقىنى تونۇمىغاندا ئۆزىگە ناتۇنۇش بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدە ھەربىر ئادەم بىر–بىرى ئۈچۈن تاۋارغا ئايلىنىدۇ. شەخسنىڭ قاتنىشىش كۈچى ئاجىزلىغان ئىجتىمائىي سىستېمىسىدا ئومۇم چىرىك بىر جەمئىيەتنى كۈتۈۋالىدۇ. ئاچكۆزلۈك، نىيەت دۇرۇس بولماسلىق بىر تۈرلۈك شامالغا ئايلىنىدۇ. ئېرخ فروم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاچكۆزلۈك، نىيەت دۇرۇس بولماسلىق بىر خىل پسىخىك كېسەل. لېكىن كىشىلەر بۇنى كېسەل دەپ قارىمايدۇ.»[83] نوپۇز چوڭ بىلىنىپ بىر ئادەم باشقا بىر ئادەمنى ئۆزىدىن يۇقىرى كۆرىدىغان پسىخىكىلىق چۆكمە ئادەمنىڭ روھىنىڭ چوڭقۇرىغا يىغىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆزىنى كەمسىندۇرۇش تۇيغۇسىغا ئۆزىنى چەتكە قېقىۋاتقاندەك ھېسسىيات بىرىكسە، ئادەمدە پاناھسىزلىق، يېتىملىق تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇ ھالدا كىملىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش خاھىشى ئېغىرلايدۇ–دە، ئادەم ھەقىقىي ئۆزىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. مانا بۇ كىملىك كرىزىسى.
خۇلاسە
كىملىك كرىزىسى بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىلىق مەشھۇر پسىخولوگ ئېرك ئېرىكسوننىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا ، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان توپقا تەۋە بولغان تارىخىي ئوخشاشلىق، بىردەكلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر؛ ئادەمنىڭ ئۆز قىممىتى ھەققىدىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ، ئەھمىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر. كىملىك كرىزىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ياشلىرىدا كۆپ كۆرۈلگەن. ئېرىك ئېرىكسون بۇ ھەقتە جاپالىق ئىزدەنگەن ۋە ئۇنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان جەمئىيەتتىكى پسىخىك يۈكى ئېغىر، ئازابلىرىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئېرىكسوننىڭ قارىشىچە، كىملىك كرىزىسى يېنىك دەرىجىدىكى كىملىك كرىزىسى، سوزۇلما كىملىك كرىزىسى ۋە ئېغىرلاشقان كىملىك كرىزىسى ھالىتىدە كۆرۈلىدىكەن. غەربتە كىملىك كرىزىسى كۆرۈلۈپ ئۆزىنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلانغان، ئۆزلۈك ئېڭىدا جاراھەت يىلتىزى قالغان كىشىلەر پسىخىكىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىدا داۋالانغان. شەھەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە. كىملىك كرىزىسىنىڭ قايسى خىل ھالىتىدە تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئادەملەر ئۆزىدە مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىق ئالامەتلىرىنىڭ بار– يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. توغرىراقى ، مەنىۋىيەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى كېسەل دەپ قارىمايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كىملىك كىرىزىسى مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەرگە قورقونچلۇق ئاڭلىنىدىغان نېرۋا كېسىلى بىلەن مەنىداش ئۇقۇم ئەمەس. شەھەر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئۆزىدىكى كىملىك كرىزىسىنى تونۇتقۇزۇش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىمكانىيىتى تېخى پىشىپ - يېتىلمىدى. بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىدىغان، يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان پسىخىك دوختۇرلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئىجتىمائىي مۇھىتتا ساغلام جەمئىيەتتە تېپىلىدىغان كەيپىياتتىن سۆز ئېچىش تەس. ئۇنداقتا كەيپىياتى ساغلام جەمئىيەت قانداق بولىدۇ؟ ساغلام جەمئىيەتتە ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىش، ئاچكۆزلۈك، ئىگەللەش ئىستىكى كەمدىن – كەم تېپىلىدۇ. ئېكىسپىلاتاتسىيىنىڭ كۈچىيىشى بەدىلىگە ماددىي بايلىق ۋە نام ئابروي قوغلىشالمايدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە ھەربىر ئادەم جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ساغلام جەمئىيەت ئادەمنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئاكتىپ، مەسئۇلىيەتچان ئىشتراكچىلىرىغا ۋە ئۆز تۇرمۇشىنىڭ خوجىلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە تەبىئىي ھالدا ساغلام ئادەملەر توپى بارلىققا كېلىدۇ. ساغلام ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، «ئۇ ئاۋۋال ئىجادچان، ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتمىگەن ئادەمدۇر. ئۇ دۇنيا بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. رېئاللىقنى ئەقلى بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئىگىلەشكە تىرىشىدۇ؛ ئۆزىنى مۇستەقىل بىر يەككە دەپ قارايدۇ ھەم باشقىلار بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ؛ نوپۇزنىڭ قۇلى بولمايدۇ؛ ئۆزىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ؛ ۋىجدان ۋە ئەقىلنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالىدۇ .»[84]
كىملىك كرىزىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەقلىي ئادەمگە ئايلىنىش، رېئاللىققا ئىدراك بىلەن ئوبيېكتىپ نەزەردە قاراش، ھېسسىياتنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماسلىق تولىمۇ مۇھىم. ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىدراك، ئەقىل ئېلېمىنتلىرى كۆپەيگەنسېرى ئۇ يۆنىلىشتىن ئازمايدىغان، ئىچكى–تاشقى دەخلىگە ئاز ئۇچرايدىغان بولىدۇ، رېئاللىققا يېقىنلىشىدۇ. ئىدراك – ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىپ دۇنيانى ئىدارە قىلىشىدىكى قورالى. پاراسەت باشقا گەپ . پاراسەت ئىدىيىنىڭ ياردىمىدە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىقتىدارى. ئىدراك – كىشىلەرنىڭ ھەقىقەت ئىزدەشتىكى قورالى، پاراسەت بولسا دۇنيانى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلىشتىكى قورال. ئاڭلىق ھالدا ئەقلىي ئادەم يولىغا قەدەم قويۇش كىشىنى پىشىپ يېتىلدۈرىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنلاشۇرىدۇ. ئىدراك ئادەمنى ھايۋاندىن زور دەرىجىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان قورال. سەۋەبى، ھايۋان ئۆزىنى، ئۆز ئىش – ھەركىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى باھالىيالمايدۇ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ئۆز پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى مەلۇم دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان بولسىمۇ، ھايۋان ئۆز پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتىدىن مەڭگۈ ھوزۇرلىنالمايدۇ. ئادەم بولسا ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ ياردىمىدە «مەن كىم؟» دىن ئىبارەت ئۆزىنى تونۇش مەسىلىسىگە بارغانسېرى ئىنچىكە جاۋاب تاپىدۇ؛ ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېنىق تونۇشقا ئېرىشىدۇ؛ ھايات پائالىيىتىنى ئۆز ئېڭى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرالايدۇ. ئادەمنى «مەن» دېيەلەيدىغان ھايۋان دېگەنلىك ئۇنىڭدا ئۆزلۈك ئېڭى ۋە سۇبيېكتىپ ئاڭ بار دېگەنلىكتۇر. ئۇنداقتا بىز تولۇق ئاساس بىلەن ئىدراكنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ «مەن» دېگەن گەپنى تېخىمۇ ئېنىق ، تېخىمۇ ياڭراق دېسەك تامامەن بولىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھ بىر مىللەتنىڭ كرىزىس دەۋرىدە پۇت دەسسەپ تۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساستۇر. مىللىي روھتا ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرىدە دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاز – تولا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەمما، قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىككە تېگىشلىكى مىللىي مەدەنىيەت بولمىسا بولمايدىغان كرىزىس ئېڭىدۇر. ھەر قانداق مىللەتنىڭ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تارىخىي مۇساپىسى، تەرەققىيات يولى ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ. كرىزىس ئېڭى بولسا قىيىنچىلىق ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدىگىلى بولىدۇ. كرىزىس ئېڭىدىن ئايرىلمىغان مىللەت تارىخىنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا ئۆز ئەزالىرىنى بىر يەرگە ئەكېلەلەيدۇ، كرىزىسنى سەگەكلىك بىلەن تونۇيدۇ. كرىزىس ئېڭىدىن ئايرىلغان مىللەت ئۆزىنى تونۇشقا، تولۇقلاشقا، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەي تارىخىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى تېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىملىك كرىزىسى – مىللىي روھنى تاۋلايدىغان ئوچاق، مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ قوزغاتقۇچىسى . ئۇنىڭدىن باشقا ، مەدەنىيەت كىملىكىنى قايتىدىن تونۇشمۇ كىملىك كرىزىسىدىن قۇتۇلۇشتىكى مۇھىم بىر يول. مەدەنىيەت كىملىكى – كىشىلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى داۋامىدا يەكۈنلىگەن يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىغا بولغان بىردەك تونۇشى. ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇقى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مەلۇم مەدەنىيەت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتۇر. مەدەنىيەت كىملىكى بىر مىللەت ئەزالىرىنى بىر–بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە. مەدەنىيەتتىن ۋاز كەچكەنلىك – ئۆزىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىك. مەدەنىيەت كىملىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان قىممەت قاراشلىرى ۋە ئورتاق نىشان ئاستىدا بىر يەرگە كېلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە سەل قاراپ بىپەرۋالىق قىلىشى تەن ۋە روھىدا سەزگۈرلۈكىنى يوقاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ يامرىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. دۇنيادا ئەركىن ياشاش ئۈچۈن ئادەم ئەقلىنىلا ئەمەس، بەدىنىنى، تۇيغۇلىرىنى ئىشقا سېلىش كېرەك. ھالبۇكى، بۇ ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۆسۈپ – يېتىلىش داۋامىدا ئىنسان ئەقلىگە ۋە تۇيغۇسىغا بۆشۈك بولغان مەدەنىيەتتىن، مەدەنىيەت كىملىكىدىن ئايرىلماسلىق.
كرىزىس غەربلىكلەرنىڭ تىلىدا مەسىلە دېگەنلىك. كىملىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىش كىملىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دېگەنلىكتۇر. كىشىلەر كرىزىس ئىچىدە پىشىپ - يېتىلىدۇ. جەمئىيەتمۇ كرىزىس ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ. ھەربىر قېتىملىق كىملىك كرىزىسىدىن كېيىن تەپەككۇردا، پىكىر ئىچىدە ياشايدىغان ئادەملەر ھامان ئۆزىنى پىشۇرىدۇ، كۈچلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا كىملىك كرىزىسى ئادەم، ھەرقانداق مىللەت، ئىجتىمائىي توپ ھامان قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر خىل رېئاللىق. كىملىك كىرىزىسىنى بىر جەريان دەپ قاراش كېرەك. «كىملىك سۆزى ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئاپەت ئەمەس .»[85] ئېرىك ئېرىكسوننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ، «كىملىك كىرىزىسى شەخسنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە دەۋرنىڭ قەھرىمانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت .»[86]
پايدىلانغان مەنبەلەر :
[1] رىچارد جېنكنىس : «ئىجتىمائىي كىملىك»
Richard Jenkiness : Social Indentity , Routledge Press , 1996 , P7
[2]ئانتونى گىددىنىس : «جەمئىيەتشۇناسلىق»
Anthony Giddens : Sociology , Polity Press , 2001 , P570
[3] ئاللان جونسون : « جەمئىيەتشۇناسلىق لۇغىتى»
Allan G . Johnson : Dictionary of Sociology , Blackwell , P306
[4] [5] [6] جامېس كوت : «كىملىكنىڭ بەرپا قىلىنىشى ، ۋەكالەتچىلىك ۋە مەدەنىيەت»
James E . Cote : Indentity Formation , agency and culture , Lawrence Erlbaum Associate Press , 2002 , P49
[7] ئېرىك ئېرىكسون : «كىملىك ، ياشلىق ۋە كرىزىس»
Erick Ericson : Indentity , Youth and Crisis , W . Norton Company , 1968 , P 86
[8] سەي ۋېنخۇي ، لى شاۋروڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «ئاممىباب جەمئىيەتشۇناسلىق لۇغىتى»
蔡文辉,李绍嵘:简明英汉社会学辞典,人民大学出版社,第25页
[9] روللېر مېل : « ئۆزلۈكنى ئىزدەش»
罗洛•梅:人寻找自己,贵州人民出版社,1991年,第45页
[10] ئېرىك ئېرىكسون : «كىملىك ، ياشلىق ۋە كرىزىس»(ئىنگلىزچە 7 - بەت)
[11] جامېس كوت : «كىملىكنىڭ بەرپا قىلىنىشى ، ۋەكالەتچىلىك ۋە مەدەنىيەت»(ئىنگلىزچە 95 - بەت)
[12] كارل ماركس : «ماركس – ئېنگلىس تاللانما ئەسەرلىرى» ، 12 – توم ، 110 – بەت .
马克思恩格斯全集,第12卷,第110页
[13] كېننىس ئاللان : «جەمئىيەتنى كۆزىتىدىغان لوپا ئەينەك : جەمئىيەت نەزەرىيىسى»
Social Lens : an invitation to sociological , Pine Forge Press , P372
[14] ئېرۋىڭ گوفمان : «رېئال تۇرمۇشتىكى ئۆزلۈك ئىپادىسى»
Erving Goffman : The presentation of self in everyday life , Garden City , P252 - 253
[15] يۇقىرىقى كىتاب ، 106 – بەت .
[16] جوسېف دەۋس : «كىملىك ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش»
Joseph E . Davis : Indentity and Social Change , P185
[17] چارلىز تايلېر :« زامانىۋىلىقنىڭ ئەندىشىسى «
查尔斯•泰勒:现代性之隐忧,中央编译出版社2001年版,第48 – 58页
[18] پانوس باردىس : «جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدە ئۈزۈندىلەر»
Panos D . Bardis , Dictionary of Quotations in Sociology , Greenwood Press
[19] يۇقىرىقى كىتاب ، 299 – بەت .
[20] كېننىس ئاللان : «جەمئىيەتنى كۆزىتىدىغان لوپا ئەينەك» (ئىنگلىزچە) ، 305 – بەت (نەشرىيات ئىسىمى 13 – تارماقتا ئەسكەرتىلدى)
[21] ئانتونى گىددىنىس : «جەمئىيەتشۇناسلىق»
社会学(第四版),北京大学出版社,2001,第30页
[22] يۇقىرىقى كىتاب ، 11 – بەت .
[23] يۇقىرىقى كىتاب ، 118 – بەت .
[24] كېننىس ئاللان : «جەمئىيەتنى كۆزىتىدىغان لوپا ئەينەك»(ئىنگلىزچە) ، 318 – بەت .
[25] يۇقىرىقى كىتاب ، 113 – بەت .
[26] جوناتان تۇرنېر:«جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىنىڭ قۇرۇلمىسى»
社会学理论的结构(第七版),华夏出版社,第351页
[27] مىكال ۋە سىمونىس : «كىملىك ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە»
Mecall and Simmons : Indentity and Interactions , P75
[28] جامېس كوت : «كىملىكنىڭ بەرپا قىلىنىشى ، ۋەكالەتچىلىك ۋە مەدەنىيەت»(ئىنگلىزچە) ، 103 – بەت .
[29] يۇقىرىقى كىتاب ، 124 – بەت .
[30] پېتىر بېرگېر : «رېئاللىقنىڭ ئىجتىمائىيلىقى»
Peter Berger : The social construction of reality , Double Company , P104
[31] ئىئان كرەيب : «كىملىكنى ھېس قىلىش»
Ian Craib : Experiencing Indentity , Sage Publication , P176
[32] كېننىس ئاللان : «جەمئىيەتنى كۆزىتىدىغان لوپا ئەينەك»(ئىنگلىزچە) ، 563 – بەت .
[33] فوكاۋ : «جىنسىيەت تارىخى»
Michle Foucault : The history of sexuality , Vintage Books , 1990 , P69
[34] كېننىس ئاللان ، «جەمئىيەتنى كۆزىتىدىغان لوپا ئەينەك»(ئىنگلىزچە) 540 – بەت .
[35] كېننىس ئاللان ، «جەمئىيەتنى كۆزىتىدىغان لوپا ئەينەك»(ئىنگلىزچە) 229 – بەت .
[36] ئېرخ فروم ، «ساغلام جەمئىيەت» ، خەلقئارا مەدەنىيەت نەشرىياتى ، 2003 – يىل (خەنزۇچە) ، 128 – بەت .
[37] يېڭى ئەسىر مۇتەپپەككۇرلار ساداسى ، مۇختەر مەخسۇت باشچىلىقىدا تەرجىمە قىلىنغان شۇ ناملىق كىتاب ، 2000 – يىل ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 197 – بەت .
[38] ھازىرقى زامان جەمئىيەت پىسىخولوگىيىسى ، جۇشىياۋكاڭ ، 242 – بەت .
[39] كېننىس ئاللان ، «جەمئىيەتنى كۆزىتىدىغان لوپا ئەينەك»(ئىنگلىزچە) 26 – بەت .
[40] يۇقىرىقى كىتاب ، «جەمئىيەتنى كۆزىتىدىغان لوپا ئەينەك»(ئىنگلىزچە) 26 – بەت .
[41] ھازىرقى زامان جەمئىيەت پىسىخولوگىيىسى ، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى ، 2004 – يىل خەنزۇچە نەشرى ، 196 – بەت .
[42] ئەنۋەر سەمەت غېرىبى : «ئۇيغۇر ئەدەب - ئەخلاقى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2006 – يىل نەشرى .
[43] ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا : «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2000 – يىل نەشرى .
[44] نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن : «دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ، 2006 – يىللىق 5 – سان .
[45] ئابدۇرېھىم دۆلەت : «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ ؟» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ، 2002 – يىللىق 3 – سان .
[46] تۇرسۇن مەھمۇت ، شۇ ناملىق ھېكايە ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ، 2006 – يىللىق 5 – سان .
[47] ئانتونى گىددىنىس ، «جەمئىيەتشۇناسلىق »، 155 – بەت .
[48] سۇسان فالاۋدى : «ئالدىنىش : ھازىرقى زامان ئەرلىرىنىڭ ئاسىيلىقى» ، چىكاگو نەشرىياتى ، 2001 – يىل ، ئىنگلىزچە نەشرى 150 – بەت .
[49] ئانتونى گىددىنىس ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، 191 – بەت .
[50] يۇقىرىقى كىتاب بىلەن ئوخشاش .
[51] رايت مىللىس : «جەمئىيەتشۇناسلارچە كۆز» ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ، 1961 – يىل ، سەككىزىنچى بېسىلىشى ، 2 – بەت .
[52] فوكاۋ : «جىنسىيەت تارىخى» ، ۋىنتاج نەشرىياتى ، 1990 – يىلى ئىنگلىزچە نەشرى ، 120 – بەت .
[53] فىلىپ ئارىيىس : «غەربتە جىنسىيەت» ، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى ، 2003 – يىل خەنزۇچە نەشرى ، 26 – بەت .
[54] يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش .
[55] ئانتونى گىددىنىس :« جەمئىيەتشۇناسلىق» ، 883 – بەت .
[56] كېننىس ئاللان ، 402 – بەت .
[57] ئانتونى گىددىنىس : «جەمئىيەتشۇناسلىق» ، 62 – بەت .
[58] جېڭ لى : «باۋمەننى چۈشىنىش» ، جوڭگۇ خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ، خەنزۇچە نەشرى ، 147 – بەت .
[59] ئانتونى گىددىنىس، «جەمئىيەتشۇناسلىق» ، 79 – بەت .
[60] يۇقىرىقى كىتاب ، 80 – بەت .
[61] جۇشىياۋخوڭ : «ھازىرقى زامان جەمئىيەت پىسىخولوگىيىسى» ، 327 – بەت .
[62] «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ، 2006 – يىل ، 15 – نويابىر سانى .
[63] «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» ، 2006 – يىل 28 – ئۆكتەبىر سانى .
[64] مۇرفېي : «ئۆزگىرىش ۋە قايتىدىن يارىلىش»
Murphy : Flight and Resettlement , 1955 , P309
[65] جۇشىياۋخوڭ : «ھازىرقى زامان جەمئىيەت پىسىخولوگىيىسى» ، 531 – بەت .
[66] يۇقىرىقى كىتاب ، 523 – بەت .
[67] جەمئىيەتشۇناس ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق قەشقەر يېزىلىرىدا ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشتىن كەلگەندىن كېيىنكى تەسىراتى .
[68] ئانتونى گىددىنىس ، جەمئىيەتشۇناسلىق، 58- 588 – بەت .
[69] يۇقىرىقى كىتاب ، 588 – بەت .
[70] يۇقىرىقى كىتاب ، 156 – بەت .
[71] چېڭ بوچىڭ : «زامانىۋىلىقتىن چىقىش» ، ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى ، خەنزۇچە نەشرى ، 145 – بەت .
[72] يۇقىرىقى كىتاب ، 276 – بەت .
[73] «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1999 – يىل ، تىتول بېتى .
[74] چېڭ بوچىڭ : «زامانىۋىلىقتىن چىقىش» ، ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى ، خەنزۇچە نەشرى ، 140 – بەت .
[75] يۇقىرىقى كىتاب ، 140 – بەت .
[76] يۇقىرىقى كىتاب ، 137 – بەت .
[77] يۇقىرىقى كىتاب ، 148 – بەت .
[78] ئېرخ فروم : «ساغلام جەمئىيەت» ، 298 – بەت .
[79]ئاللان جونسون : « جەمئىيەتشۇناسلىق لۇغىتى»
Allan G . Johnson : Dictionary of sociology , Blackwell , P258
[80] مېۋوش : «ئاسارەتلىك كاللا» (Captive Mind) ، ۋىنتاج نەشرىياتى ، 1953 – يىلى ئىنگلىزچە نەشرى .
[81] ئېرخ فروم : «ساغلام جەمئىيەت» ، 131 – بەت .
[82] ئىزدىنىش تورى، 2007 – يىل 7 – دېكابىردىكى بېتى .
[83] ئېرخ فروم : «ساغلام جەمئىيەت» ، 156 – بەت .
[84] يۇقىرىقى كىتاب ، 230 – بەت .
[85] ۋاڭ چېڭبىڭ :« بۈگۈنكى زامان كىملىك كرىزىسىنىڭ ئىنسان نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى » ، جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى ، 2003 – يىل، خەنزۇچە نەشرى 86 – بەت
[86] ئېرك ئېرىكسون : «كىملىك ، ياشلىق ۋە كرىزىس» ، ئىنگلىزچە 2 – بەت .
( ئاپتور : ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستۇتىنىڭ ماگىستېر ئاسپرانتى )
ئەسلى مەنبەسى « شىنجاڭ مەدەنىيتى » ژورنىلى2008 -يىللىق 3- سان