بىر نېگىر قۇلنىڭ چۈشى
لاڭفېللو( ئامېركا )
نۇر مۇھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى
ئۇ ياتار ئورغىقىنى قولىدا تۇتۇپ ،
تېخى ئوراپ بولالىمىغان بۇغدايلىقتا .
ئۇنىڭ قاپ_ قارا چېھرى كۆرىنەر ئاران ،
لايغا مىلەنگەن چاچلىرى ئارا .
ئۇ كۆردى يۇرتىنى يەنە بىر رەت ،
چۈشىدىكى تۇمان باسقان گۇڭگىلىقتا .
نىل دەرياسى ئاقاتتى ئۆركەشلەپ ،
ئۇنىڭ چۈشىدىكى چەكسىز زېمىندا .
ئۇ بولۇپ ئۇندا ئىززەتلىك خاقان ،
قىلاتتى سەيلە پالما زارلىقتا .
ئۇنىڭغا ئاڭلىنىاتتى يىراقتىن كېلىپ ،
كارۋان تۆگۈلىرى ياڭراتقان سادا .
ئۇ كۆردى قارا كۆز خانىشىنىڭ ،
پەرزەنتلىرى بىلەن تۇرغىنىنى ئۇندا .
ئۇلار ئۇنىڭ بوينىغا سېلىشىپ گىرە ،
مېھىرى بىلەن مەڭزىنى ياقاتتى ئاستا .
شۇ چاغ ئۇنىڭ ئۇيقىدىكى كۆزىدىن ،
سىرغىپ چىققان بىر تامچە ياش ،
دومىلاپ چۈشتى پەستىكى قۇمغا .
ئۇ ئېتىنى چاپتۇراتتى شامالدەك ،
ھەيۋەتلىك نىل دەرياسى ساھىلىدا .
ھەر سىلكىنگەندە كۆمۈش ھالقىلىق يۈگەن ،
غىلاپتىكى پۇلات خەنجەر چىقىرىپ سادا ،
ئۇرىلاتتى كېلىپ ئات ئارقىسىغا .
قىزىل تۇغدەك بىر توپ جەسۇر قۇش ،
پەر قاقاتتى ئۇنىڭ ئالدىدا .
ئۇ پۈتۈن كۈن قوغلاپ ئۇلارنى
سىتىر گۈل دەرىخى ئۆسكەن يايلاقتا ،
يەتكىنىدە ئاخىرى كافور كەنىتىگە،
كۆرەتتى دېڭىزنىڭ چۆمىگىنىنى زاۋالغا .
ئاڭلايتتى ئۇ كېچە شىرلارنىڭ ھۆركىرىگىنىنى ،
سىرتلانلارنىڭ ئەنسىز چىقىراشلىرىنى ،
قومۇشلارنى سۇ ئاتلىرىنىڭ دەسسەلگەنلىكىنى ،
خىلۋەتلەرگە سوزۇلغان ئاشۇ ساھىلدا ،
دەريا خۇددى ئالقىش ۋە تەنتەنە قىلغاندەك ،
ئۆتەتتى كېسىپ ئۇنىڭ پارلاق چۈشىنى .
ئەركىنلىككە ياڭرىتار ئالقىش ،
يېشىل ئورمان سانسىز لەۋدە شىۋىرلاپ .
كۈچلۈك سوققان دالا شامىلى ،
غەزەپ ئارا گۈكىرەيدۇ ئۈن سېلىپ .
ئۇ چۈشىدە قورقۇش ھەم شاتلىققا چۆمۈپ ،
بۇ جۇشقۇن كۈيلەرنى ئاڭلايتى بېرىلىپ .
ئەمدى ئۇ بىلمەيدۇ كۆيدۈرگۈچى ئاپتاپنى ،
سەزمەيدۇ قاراۋۇلنىڭ قامچىلاشلىرىنى .
چۈنكى ئۆلۈم يورۇتقاچ ئۇيقۇ يۇرتىنى ،
ئۇنىڭ روھيى كىشەندەك تەن قەپىزىنى
تاشلاپ يىراققا ، قۇتقۇزغانتى ئۆزىنى .
___________________________
* بۇ شېئىردا ئامىركىلىق بىر نېگىر قۇلنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى چۈشى تەسۋىرلەنگەن . بۇ قۇل ئەسلىدە ئافرىقىدىكى بىر ئەلنىڭ پادىشاھى ئىدى << ئاپتوردىن >>
كافورلار : جەنۇبى ئافرىقىدىكى باتۇر ، ئەقىللىق قار تەنلىك قەبىلىلەرنىڭ بىرى .
*تەرجىماندىن : << رافا ئېللوۇ شېئىرىللىرى >> كىتاپ (خەنزۇچە) ،1985_ يىل ، بېيجىڭ ، خەلق ئەدەبىيات نەشىرياتتى ، 34، 35_ بەتلەر
تەرجىماندىن : بۇ شېئىرنىڭ مەلۇم قىممىتى بار دەپ ئويلىغاچقا يوللاپ قويدۇم . دوستلارغا ئامانلىق تىلەيمەن .
[ alipoguz تەرپىدىن 2008-06-19 14:34 قايتا تەھرىرلەن ]