بۇ بەتتىكى تېما: شۇ باشلىق ئورنىغا تىكىلگەن كۆزۇم تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 611 قېتىم كۆرۈلدى
zarda
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12524
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 96
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە96دانە
شۆھرەت: 155 نۇمۇر
پۇل: 369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 شۇ باشلىق ئورنىغا تىكىلگەن كۆزۇم

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما totem تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-06-01)
ئاتاقلىق شائىر، تىلشۇناس غەنىزات غەيۇرانىنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئەمما توردا ئېلان قىلىنمىغان نادىر ساتىرالىرىنى تورداشلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇم، ھوزۇرلانغايسىلەر، مۇمكىن بولسا تەسىراتىڭلارنى بايان قىلىپ باققايسىلەر!..  

                                                        غەزەلخان

                                                          (ساتىرا)

بار ئىكەن، يوق ئىكەن، قەدىم زاماندا،
يۇرتۇممۇ نامەلۇم، غەرب تاماندا.
بار ئىكەن شۇنداق بىر <<ماھىر>> غەزەلخان،
ھەسرەتتە ئۆتەركەن كۈنلىرى ھامان.
سورىسا كىشىلەر دەپ <<سەن قەيەرلىك؟>>
دەيدىكەن <<مەن تۇغما مۇشۇ شەھەرلىك>>.
ئۇ ناخشا ئېيتىشقا خۇشتاركەن، بىراق،
نېچۈككى، كىشىلەر قاچار كەن يىراق.
غەم-غۇسە بېسىپتۇ ئۇنىڭ دىلىنى،
ئالۋاستى بوغقاندەك گۇيا گېلىنى.
شۇندىمۇ ياشاپتۇ ئۇ تاقەت بىلەن،
ياشاپتۇ يۈز پاتمان ئېغىر دەرد بىلەن.
كۈن، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ.
ئامىتىم كېلەر دەپ ئۇزاق كۈتۈپتۇ.
شەھەردە كەلمەپتۇ ئامىتى ئۇنىڭ،
ھەسرەتتىن پۈكۈلۈپ قامىتى ئۇنىڭ.
ئۇنداقمۇ ئويلاپتۇ، مۇنداق ئويلاپتۇ،
تەدبىرنىڭ تېمىنى نەچچە بويلاپتۇ.
تېپىپتۇ ئاخىر ئۇ ئەپلىك بىر پىلان،
ھەم ئىجرا قىلماقچى بولۇپتۇ شۇئان.
−ئامەت يوق،−دەپتۇ ئۇ،− ماڭا شەھەردە،
يا كۈندۈز، يا ئاخشام، يا تاڭ سەھەردە.
ئامەتنى بىر سىناش كېرەك يىراقتىن،
يېزا دەپ ئاتالغان شۇ كەڭ تۇپراقتىن.
ئۇ يەردە ھەممىسى ساۋاتسىز دېھقان−
تۇرسۇنۇ نە قىلسۇن مەندەك غەزەلخان؟
شۇ زامات يېزىغا قاراپ يول ئاپتۇ،
بېتەلەي ئۆتكەن چاغ شەھەردە قاپتۇ.
خېلى كۆپ مېڭىپتۇ يېزا يولىدا،
(تەدبىرلىك پىچاقمۇ باركەن قولىدا).
قارىسا يىراقتىن كەلمىش بىر موماي،
كۈتۈشكە ئىزدەپتۇ بىرەر پىنھان جاي.
بار ئىكەن يوغان بىر كۆۋرۈك ئالدىدا،
كۈتۈپتۇ موماينى ئەشۇ دالدىدا.
ئويلاپتۇ:<<ھە، بۈگۈن كەلدىڭمۇ ئامەت،
شۇنداق بىر ئېيتايكى، قىلاي كارامەت.
ناخشامغا سەھرالىق بولۇپ چىن شەيدا،
ئولاشسۇن مەن بولسام قەيەردە پەيدا...>>
دەل شۇندا مومايمۇ كەپتۇ ھۆمۈدەپ،
كۆۋرۈكتىن غەزەلخان چىقىپتۇ سەكرەپ.
<<توختا!...>>دەپ توۋلاپتۇ،گويا ئەزرائىل،
ئىشىغا ئۆزى ھەم بولۇر قايىل.
پارقىراپتۇ قولىدا ۋال-ۋۇل خەنجىرى،
پۇلاڭلاپ ئۇنىڭغا چىگكەن زەنجىرى.
كەلگەندەك تۇساتتىن بالايىقازا،
بىلەلمەي تاڭ قاپتۇ موماي بىر ھازا.
<<ئېيت، ساڭا ئىككىدىن قايسىسى ئەۋزەل،
ئۆلۈممۇ ۋە ياكى تىڭشاشمۇ غەزەل.
سوراپتۇ غەزەلخان قەتئىي نىيەتتە،
تۇرغاندەك قاتىلنى بېقىپ كۆزەتتە.
بۇ سۆزدىن مومايمۇ كەپتۇ ھۇشىغا،
بېرىپتۇ ناخشىچى ماھىر قېشىغا.
دەپتۇ:<<ۋاي بالىجان ساراڭمۇ ئۆزۈڭ،
تولىمۇ كۈلكىلىك ھەم قىزىق سۆزىڭ.
غەزەلنى تىڭشاشتىن ئۆلۈمنى ئەلا−
كۆرگەننى بىلمەيدۇ ھېچكىم زادىلا.
ياش، گۈدەك چېغىمدىن ناخشا خۇمار مەن،
ناخشىسىز كۈنلەردە بىر ھازىدار مەن.
قېنى ئېيت ناخشاڭنى ئىشق، شوق بىلەن،
مەن تىڭشاي  ئىشتىياق ھەم زوق بىلەن...>>
غەزەلخان باشلاپتۇ شۇئان ناخشىنى،
ھەم تاللاپ ئەڭ ئېسىل، نادىر ياخشىنى.
ۋاھ! شۇنداق ئاۋازدا ۋارقىراپتۇكى،
بىر ئاسمان، بىر يەردە جارقىراپتۇكى.
سېكونتلار ئۆتۈپتۇ يىلدەك تۇيۇلۇپ،
قۇرتلارمۇ قېچىپتۇ ھەتتا ئۇيۇلۇپ.
مومايمۇ تويۇپتۇ مۇنداق غەزەلدىن.
باقمىغاچ مۇنداقنى ئاڭلاپ ئەزەلدىن.
دەپتۇ:<<ۋاي بولدى، مەن كەچتىم ياشاشتىن،
ئۆلگەن مىڭ ياخشىكەن بۇنى تىڭشاشتىن.
مەيلى ئال جېنىمنى، مەيلى ئۇر خەنجەر،
بولدۇممەن شۇ تاپتا ئۆلگەندىن بېتەر. ..>>
غەزەلخان جايىدا تاڭ قېتىپ قاپتۇ،
ئوق تەگكەن قارغىدەك موك يېتىپ قاپتۇ....
بۇندىمۇ بەختىنى تاپالماپتۇ ئۇ،
غەزەلنىڭ ئېتىدا چاپالماپتۇ ئۇ.
يوق چاپان يىڭىنى ساپالماي قاپتۇ،
يوق ئامەت قۇشىنى تۇتالماي قاپتۇ.
سەنئەت، ئۇ ھاياتنىڭ روھىي ئوزۇقى،
سەنئەتتە تۇرمۇشنىڭ پەيزى-قىزىقى.
شۇندا ئۇ خەلىققە يارىسا-ياقسا،
چىن ھايات سۈيىدەك دىللاردا ئاقسا.
          1979 - يىل سېنتەبىر ئۇچتۇرپان. 



                                      مېنىڭ بىر <<شېئىر>> ىم


                                                  (ساتىرا)



ئېتىشتىم نەچچە ئون كۈنلەپ، ئاجايىپ بىر<<شېىر يازدىم،
تەپەككۇر كۆلىگە شۇڭغۇپ تېگىدىن ئۇنچە، دۇر قازدىم.

سۆزىنى تاللىدىم ھەپتە، شاكالدىن مېغىزىنى ئايرىپ،
ئۇنى مارجان كەبى تىزدىم، ئېشىپ مەناسىدىن بىر يىپ.

<<جاراڭلاپ>> تۇرمىسا ئۇ سۆز ئۆچۈردۈم قايتىلاپ، قايتا،
ۋاراقلاپ چىقمىغان مەن بىر لۇغەتمۇ قالمىدى ھەتتا.

كۈنۈم بارماق ساناپ ئۆتتى، بۇغۇم ئون بەشكە تولسۇن دەپ،
كېچىنى ئۇلىدىم تاڭغا تۇلۇق-تۇق قاپىيە ئىزدەپ.

شېئىر پۈتتى- قانات پۈتتى، شۇ چاغ لاچىن ئىدىم كۆكتە،
ئىدى بارلىق جاھان مەندىن گويا ئون مىڭ غۇلاچ پەستە.

كىرىپ قالدى تاغام شۇندا، كۆرۈپ كەيپىمنى تاڭ قالدى،
<<بۈگۈن قالتىسقۇ سەن شائىر>>، دېدى تۇرقۇمغا سەپ سالدى.

بولۇپ كەمتەر دېدىم مەنمۇ ( ئۆزۈممۇ ئەسلىدە  كەمتەر)،
<<يېزىپ بولغانىدىم بىر شېئىر>>، قولۇمدا بىر قېلىن دەپتەر.

<<قېنى؟>> دېدى، قۇلاق سالدى، گېلىمنى راسلىدىم بىر پەس،
(مېنىڭ شۇ كۈنكى ھالىمنى يېزىپ ئىزھار قىلىش بەك تەس).

ئوقۇشقا باشلىدىم بىردىن، قۇلاقنى ياردى ئاۋازىم،
−شېئىر كۆكىدە ئۇچقانلار،−دېدىم،−قىلسۇن ماڭا تازىم.

ئوقۇپ بولغاچ كۆزۈم چۈشتى تاغامنىڭ ئول چىرايىغا،
چۆچۈپ كەتتىم قاراپ <<يارەپ>> تاتارغان رەڭگىرويىغا.

ھۆكۈم سۈردى ئۇزاق جىملىق، تىكىلگەن ئۇ يىراقلارغا،
بەئەينى ئەرز ئېيىتقاندەك ئېسىل، نادىر قوشاقلارغا.

<<ياشا شائىر، بىلىپ قاپسەن يېرىم پارىسچە يىغلاشنى،
ئەرەبچە ھەجىلەپ خۇددى گاچا قىزدەك دودۇقلاشنى.

مۇشۇ يازغان <<شېئىر>>ىڭدىن بىرەر مەنا چۈشەندىڭمۇ؟
تىزىلسا قۇرغا يات سۆزلە جاراڭلىق دەپ ئىشەندىڭمۇ؟

ئاپارماقچىمىدىڭ ياكى ئۇنى باغدات بازارىغا،
ۋە يا قىلماقچىمۇدۇرۇت(1) چولاق جىنلار مازارىغا.

شېئىر ئۇ خەلققە گۈلدەستە، تىلى خەلقنىڭ، كۈيى خەلقنىڭ،
ئىچىشكە چاڭقىغان چاغدا شېرىن، شەربەت سۈيى خەلقنىڭ.

بىنەپ ۋە پاسىق ئىشاندىن سەمىمىي بىر دېھقان ياخشى،
بۇزۇلغان، سېسىغان مايدىن سىڭەرلىك زاغرا نان ياخشى...>>

دېدى-دە، قايرىلىپ ئاستا مېنى تاشلاپ راۋان بولدى،
غېرىچتەك بوسۇغا شۇندا ماڭا تاغدەك داۋان بولدى.

ئۈزۈلدى يىپ، چېچىلدى <<دۇر>> تېرىقتەك يامرىدى يەرگە،
قىزىتمام ئاشتى، باش قايدى، چۆمۈلدۈم غەلىتى تەرگە.

..........................................................................
(1)    دۇرۇت− پېرىخونلارنىڭ جىن-ئالۋاستىلارنى قوغلاش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئايىتى              

   1981- يىل يانۋار ئۈرۈمچى.

               
                                           ھەسەتخور


ئادەم كۆڭلى شۇنچە كەڭ، ئالەم−
شۇ كەڭلىكتە تۇرغان بىر قېيىق.
ھەسەتخورنىڭ كۆڭلىگە ئادەم−
تۈگۈل ھەتتا سىغمايدۇ تېرىق.

ھەسەتخورنىڭ تۇرىقى مۇلايىم،
ئالدىڭدا ئۇ سۆزلەيدۇ كۈلۈپ.
بىراق، قەلبى ھەسەت دەردىدىن،
تىرىلىدۇ كۈندە يۈز ئۆلۈپ.

ھەسەتخورلۇق ھايات بېغىغا،
چۈشكەن مۆلدۈر، ئۈنگەن شۇمبۇيا.
ھەسەتخورنىڭ ئايىغى تەگكەن،
باغ، ئېتىزدا قۇرۇيدۇ گىياھ.
        1979- يىل ئۇچتۇرپان.


                            كالا بىلەن تېرىق دېنى   

                                    (مەسەل)

كۈز پەسلى ياسانغان تېرىق دالاسى،
بىر تەكشى ئالتۇن رەڭ سېرىق تون كىيىپ.
بەسلىشىپ بوي تارتقان بولۇق باشاقلار،
تۇراتتى تاۋلىنىپ، مەغرۇر گېدىيىپ.

توساتتىن شەرقتىن بىر غۇر-غۇر شامال−
چىقتى-دە، ئەگدى دالا قوينىنى.
دولقۇنلاپ تېرىقزار، سىلكىندى لەرزان،
كۆپ بولۇق باشاقلار ئەگدى بوينىنى.

چاناقتىن شۇ چاغدا ئايرىلىپ بىر دان،
قايغۇلۇق چىرايدا ئېرىنىپ ئۇچتى.
ئۇچتىيۇ ئون ماڭدام بېرىپ يىراققا،
ھاردىمۇ ئىش قىلىپ چوڭ يولغا چۈشتى.

ئىڭرىدى بىر-ئىككى زەئىپ ئۈن بىلەن،
بىر سويام دومىلاپ توختىدى يولدا.
ھېسابسىز باشاقلار <<نېمە بولاركىن؟...>>
دېگەندەك قارىشىپ تۇرار ئوڭ-سولدا.

ئۇزىماي تېرىقجان سۆز قاتتى يەرگە،
−بۇرادەر بىر يېرىڭ يېدىمۇ شىكەست؟
كەچۈرگىن، ئەزەلدىن مەقسىتىم ساڭا−
زادىلا قىلماقچى ئەمەس ئىدى قەست.

مەندە ھېچ گۇناھ يوق، بۇندىكى ئەيىب،
ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن راستلا شامالدا...
−كېرەك يوق،-دېدى يەر،-ئۇرۇش كۈنلىرى،
ئۈستۈمگە بومبىمۇ چۈشىدۇ ھەتتا.

بىر پەسكە جىم بولۇپ ئاندىن تېرىقجان،
ئاھ ئۇرۇپ چېكىشكە باشلىدى ھەسرەت.
سورىدى يەر شۇئان :<<بۇرادەر تېرىق،
ئېيتقىنا بېشىڭغا كەلدى نېمە دەرد؟>>

−ئارتقىم يوق ساڭا ھېچ ئېغىرلىقىمنى،
راستىمنى ئېيتقاندا بۇرادىرىم يەر.
−دېدى،-سەن بەك چارچاپ قالارسەنمىكىن،
كۆپ تۇرۇپ قالسام مەن ئۈستۈڭدە ئەگەر.

<<ھا،ھا،ھا،>> قاقاقلاپ كۈلىۋەتتى يەر،
<<ۋاي مېنىڭ ھاماقەت، ئەخمەق دانچىقىم.
ئۆلگىدەك كۈلدۈردۈڭ، ئۈزدۈڭ ئۈچەينى،
كۈلكىدە بېقىندىن تۇتتى سانجىقىم.

كۆردۈڭمۇ ئالدىڭدا كېلىۋاتقان ئۇ،
مۆڭگۈزلۈك كالىنى، ئەي نادان تېرىق.
نېمىتىڭ سەن شۇنچە، ئاشۇ كالىمۇ،
قىلمىغاندا ماڭا قىلچە ئېغىرلىق>>.

−ھە، كۆردۈم،-دېدى دان،-بىر يىڭنە يىگەن،
بولمامتى تۆت پۇتلۇق كالا ئۇنچىلىك.
سەن شۇنچە ماختىغان، تاغدەك بار دېگەن،
بىر نېمەڭ چوڭ ئىكەن مەندىن قانچىلىك؟

يەر قايتا شۇنداق بىر كۈلدىكى ھاي، ھاي،
ئاسمانمۇ لەرزىگە كەلدى بىر ھازا.
تاغۇ تاش،دەريا، كۆل، ئورمان-ئېكىنزار،
بىر ئۇزاق جىم بولۇپ تىڭشىدى تازا.

دەل شۇچاغ كالىمۇ كەلگەچكە يىتىپ،
بۇ قاتتىق كۈلكىدىن تېرىكتى چېغى.
سىلكىندى قۇيرۇقى، تىترىدى قۇلاق،
پاقرىدى كۆزلىرى، چوڭلاپ چانىقى. 

−بەك قالتىس كۈلدىڭغۇ ئاغىنە يەر باي،
بۇ كۈلكەڭ يا مېنى قىلىشمۇ مازاق،
−دېدى،- يا سەن مېنى يىقىتماق ئۈچۈن،
قۇردۇڭمۇ بىر يەرگە يوشۇرۇن توزاق.

−ياق.-دېدى يەر شۇئان توختاپ كۈلكىدىن،-
بىر دانچاق سەن بىلەن تەڭلەشمەكچى بوي.
بىلمىدىم، بۇ ئەخمەق تېرىققا قاچان−
قەيەردىن كەپ قالدى بۇ كۈلكىلىك ئوي؟

−قېنى ئۇ؟- دەپ كالا قارىدى يەرگە،
−نەدە سەن، ئەي ئەخمەق، ئۆلۈمتۈك دانچاق؟
−مانا مەن،-دېدى دان،-شۇنچە بەستىمنى،
كۆرەلمەيۋاتامسەن كالا ماختانچاق.

تۈرۈلگەن بوينىنى ئەگدى-دە، كالا،
پۈۋلىدى بۇرنىنى قىلىپ تېرىققا.
غازاڭدەك ئۆرلىدى شۇئان تېرىقجان،
ۋە بېرىپ چۈشتى بىر كىچىك يىرىققا.

−خوي ئوبدان بولدىغۇ،-دېدى ئۇ-بوران-
ئۇچۇرۇپ تاشلىدى بۇيەرگە مېنى.
بولمىسا غەزەبتىن بىرلا دۇمۇلاپ،
مىجىپلا تاشلايتىم پوچى كالىنى.

     1982- يىل يانۋار ئۈرۈمچى.

                                بىر <<ئىلغار>>نىڭ تارىخى

                                                   (ساتىرا)


تۇغ باققىلى ئەۋەتتى دۈي(1) ئەيسانى،
چىرىمدان مۇز تۇتقان كەچ كۈز پەسلىدە.
<<باراي>> دېدى ئۇمۇ دەرھال-شۇھامان،
ئاسان ئىشنى ئىزدەپ يۈرگەچ ئەسلىدە.

بىر كېچە يۇ بىر كۈندۈز ھېچ بىلىنمەي،
ئۆتتى ئۇخلاپ ئەگرى قىلماي قولىنى.
تېخىمۇ بەك چىڭىتماقچى بولغاندەك،
گويا شۇنداق ئۇخلاپ تۇغنىڭ ئۇلىنى.

بۈگۈن مانا ئىككىنچى بىر ئاخشاممۇ،
ئۆتمەكتە تىنچ، سەگەنچۈكتە ياتقاندەك.
شىر-شىر ئاۋاز ئاڭلىناتتى بوۋاقنى،
خۇددى ئانا ئەللەيلىتىۋاتقاندەك.

تاڭ يورىدى، بولدى ھەتتا ئاشۋاقتى،
ئەيسا ھامان سۈت ئۇيقۇدا ياتاتتى.
يېقىن يەردىن تۇغ بېشىدىن يار ئېلىپ،
تۆۋەنگە سۇ شىددەت بىلەن ئاقاتتى.

گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئۈنى بىئارام−
قىلدى-دە، ئۇ بىردىن چۆچۈپ ئويغاندى.
ئالمىدى يا قۇلىغا كۆرەك، يا كەتمەن،
نېمىشقىدۇر خېلى ئۇزاق ئويلاندى.

كۆزى چۈشتى شۇ چاغ مەھەللە ياققا،
كېلىشەتتى بىر توپ ئادەم يىراقتىن.
كىيىپ ئەيسا كونا كۈرەك جۇۋىنى،
يار ئېپكەتكەن يارگە چۈشتى قىرغاقتىن.

چۈشتى-دە، بار كۇچى بىلەن ۋارقىرىدى،
<<ئادەم بارمۇ؟ كەتتى تۇغنى يار ئېلىپ...>>
جۇۋا بىلەن شۇ چاغ يېتىپ سۇدا ئۇ،
توۋىلايتتى ئالىتاغىل جار سېلىپ.

كەلدى بىر توپ ئادەم شۇئان يۈگۈرۈپ،
ئالدى بىلەن قۇتۇلدۇردى ئەيسانى.
كىيىن جىددىي تۇتۇش قىلىپ تەسلىكتە،
ئېتىۋالدى سۇ ئېلىپ كەتكەن يارنى.

زىلزىلگە كەلدى بىر دىن ئەتىسى،
پۈتۈن گۇڭشې داغدۇغىلىق خەۋەردىن.
<<گەۋدىسىدە سۇنى توسۇپ ئەيساجان، 
كەڭ ئاممىنى قۇتۇلدۇردى خەتەردىن>>.

ئەيساجاننىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزى،
بىرنەچچە كۈن رادىئودا ماختالدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي <<شەرەب بىلەن>> ئەيساجان،
<<كومپارتىيە ئەزاسى >> دەپ ئاتالدى.

كەلدى يەنە ۋىلايەتتىن، مەركەز(1)دىن،
بۇنى ئاڭلاپ نەچچە مۇخبىر پالاقلاپ.
ياڭزا-ياڭزا سۈرەتلەر ھەم تارتىلدى،
<<نەخ مەيدان>> دىن ئاپپاراتلار چاراقلاپ...

بۇ چاغلار دەل يەتمىشىنچى يىل ئىدى،
تولا ئىدى ئۇ چاغ بۇنداق ئەيسالار.
ئاتىلاتتى ھەتتا باتۇر، قەھرىمان،
ئاشۇنىڭدەك دۆڭنى ئالغان ئاقسالار.

ئۈمىد شۇكى مۇندىن كېيىن ئاشۇنداق،
ماختالمىسا قۇرۇق پاق-پاق، يالغىنى.
تەر ئاققۇزغان قىلىپ پەگادا، تۆردە،−
ئولتۇرمىسا بىكار چاۋاك چالغىنى.

(1)−گۇڭشې ۋاقتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى              

    1984- يىل فېۋرال.

                                    دوستۇمنىڭ كېسىلى

                                           ( ساتىرا)

 
<<جاڭ شۇجى تۈنۈگۈن كەپتىكەن ئۆيگە،
مۇڭداشتۇق تۆت سائەت چىن دىلىمىزدىن.
دېدى ئۇ،−رازى بىز سىزنىڭ ئاجايىپ،
كۆرسەتكەن نەتىجە ۋە تۆھپىڭىزدىن.

ئا. تىڭجاڭ يېڭىلا ئادەم ئەۋەتىپ،
−كەپ كەتسۇن، كەچقۇرۇن كۈتىمەن،- دەپتۇ.
−ئەگەردە ئالدىراش بولسا ئىشلىرى،
مەن ئۆزۈم شۇ ياققا ئۆتىمەن،-دەپتۇ.

خ. جۈرۈن ئەۋەتكەن پىكاپنى ھېلى،
ياندۇردۇم دەپ <بۈگۈن تەگمەيدۇ چولام).
باشقىلار چاقىرتىپ ھارغۇزدى بەكمۇ،
بۈگۈن ئۆز ئۆيۈمدە ئالاي بىر ئارام...>>

بىر دوستۇم ئاشۇنداق سۆزلىرى بىلەن،
پات-پاتلا ئۆزىچە قىلىدۇ ھوزۇر.
قارايدۇ ئەتراپقا گېدىيىپ ھەتتا،
دېگەندەك <<بۈگەپتە يوق قىلچە قۇسۇر>>.

بىر ئوبدان كىشىدى دوستۇم، ئۇنىڭغا،
قانداقچە يېپىشتى بۇ كېسەل-بالا.
يا خۇدا رازىمەن ئۆلسەم راك بىلەن،
لېكىن شۇ كېسەلگە قىلما مۇپتىلا.
                 1984- يىل مارت ئۈرۈمچى.

                                      خوشامەتچى

                                            (ساتىرا)

ئاڭلىغانتۇق <<خۇشامەتجان ئۆلدى>>دەپ،
<<دۇنيادىكى ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ>>.
يۈرىيدىغۇ بۈگۈن يەنە سورۇندا،
تاۋاق يالاپ، قوش- قوش تەخسە كۆتۈرۈپ.

مېڭىپتىمەن ئايرىلىشقا بۇ يەردىن،
كۆزى قىيماي، يىغلاپ-ئىچى سېرىلىپ.
<<خۇشتارلىرىم يوق ئىكەن،-دەپ ئۇ يەردە>>
پۇشايمان يەپ چىققان چېغى تىرىلىپ.

تېرىلگەندە تېخى قانداق دېسەڭلار،
بويى ئۆسۈپ، ئىناۋىتى ئۆرلەپتۇ.
خۇشتارلىرى ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ،
<<خۇشامەتجان بەك سېغىندۇق كەل>> دەپتۇ.

بىر يۇمىلاپ، ئۈچ دۇمىلاپ ئۇلارنىڭ−
قۇچىقىدا كۆرۈپتۇ ئۇ ئۆزىنى.
<<غەمخورلىرىم، پاناھلىرىم سىلەر>>دەپ،
سۆيۈپتۇ ھەم سىلاپتۇ باش-كۆزىنى.

دېمەك، يەنە<<خوشامەتجان>> باشلاپتۇ،
ئۆز كەسپىنى(يىرگەندۈرۈپ كىشىنى).
ئۇنى سۈيۈپ قۇچاقلىغان جانابلار،
قاچان قويار بۇ نەپرەتلىك ئىشىنى.
                 
   1985- يىل مارت ئۈرۈمچى.

                    يۈرىكىڭنى تۇتۇپ باق
                           
                              (ساتىرا)


گۆش ساتىدۇ بىر قاسساپ،
ئۆتكۈر پىچاق قولىدا.
تەلمۈرىدۇ يۈزلەپ كۆز،
ئالدىدا، ئوڭ-سولىدا.

ئۇرۇق-تۇغقان، يارۇ-دوست،
تونۇشلىرى كەلگەندە.
تۇرۇپ ھەتتا يىراقتا،
كۆز قىسىشىپ يۆتەلگەندە:

ئەپچىل، ماھىر قوللىرى،
لوق،سېمىزنى تاللايدۇ.
قالسا سۆڭەك قوشۇلۇپ،
ئېلىپ  تاشلاپ شاللايدۇ.

گەر خېرىدار نا تۇنۇش،
بولىدۇ ئىش باشقىچە.
گىرغا سۆڭەك تاشلىنار،
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە.

سۆڭەك ئاز دەپ كام تېخى،
ھەر كىلودا يۈز گىرام.
قىلىدۇ ئۇ بۇ ئىشنى،
بولماي كۆڭلى بىئارام.

گۆشنى ئېلىپ ماڭىدۇ،
خېرىدار گەپ قىلالماي.
گويا قاسساپ بەرگەندەك،
<<ئامىن>>غا (بىر پۇل ئالماي).

ئەگەر غىڭ- پىڭ دەپ قالسا،
ئالىيىدۇ كۆزلىرى.
جاندىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
قىلغان <<شىرىن>> سۆزلىرى.

كۆردۈڭلارمۇ يولداشلار،
بۇ <<ئىنساپلىق>> قاسساپنى.
سېتىۋەتكەن گۆش بىلەن،
ئۆزىدىكى ئىنساپنى.

پىچاق تۇتقان قولۇڭدا،
يۈرىكىنڭنى تۇتۇپ باق.
خەققە بەرگەن سۆڭەكنى،
سەنمۇ چايناپ يۇتۇپ باق.
           
   1985 يىل ئاۋغۇست ئۈرۈمچى.

                    مۇمكىنمۇ؟

                      (ساتىرا)


بىرىگە ئەجەبمۇ ئېگىلدىڭ دوستۇم،
تېخىمۇ پەسلىدى سېنىڭ پەس بويۇڭ.
ئېگىلىش ئارقىلىق بىرەر مەنسەپكە−
ئېرىشىش ئىكەنغۇ ئەسلىدە ئويۇڭ.

ئېيتقىنا بۇرادەر يولۇقتۇڭ قاچان،
بۇ ئېغىر ساقايماس كېسەلگە−دەردكە.
مۇمكىنمۇ جىمىكى ئىگىلگەنلەرنىڭ،
يېتىشى شۇ نىيەت، ئاشۇ مەقسەتكە.
                          1990- يىل يانۋار ئۈرۈمچى.

     خىزمەت تەقسىماتى

(ساتىرا)


ئىش قىلىپ، قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن،
داشۆگە ئۆتتى ئۇ ھەممىدىن ئاسان.
بەش يىللىق ئۆمرىمۇ ئۆتتى بۇ يەردە،
داشۆگە ئۆتكەندەك توسقۇنسىز، راۋان.

ئولتۇرۇش، تانسا ھەم كىنو، تىياتىر،
كۈندىلىك مەشغۇلات جەدۋىلى ئۇنىڭ.
سىناقتا ئەڭ ئېزى بەش پەندىن قېلىش،
ئۆزگەرمەس ئادىتى ھەر يىلى ئۇنىڭ.

بەش يىلمۇ تۈگىدى، باشلاندى كۈتۈش،
تەشكىلنىڭ خىزمەتكە تەقسىماتىنى.
ئۆگىنىش، ئىدىيە، ئەخلاق، ئىنتىزام،
جەھەتتە بەش يىللىق ھېساۋاتىنى.

نەتىجە: كۆپ ياخشى ئوقۇغانلارنىڭ،
بەزىسى سەھرا ۋە قىرغا يول ئالدى.
يولى بار، پۇلى بار دىپلومسىز بۇ قىز،
شەھەردە−تەتقىقات ئورنىدا قالدى.

قالسىمۇ مەيلىغۇ(چوڭ ئىش ئەمەس ئۇ)،
ئىزدىسە ئۇنداقلار تېپىلىدۇ جىق.
بىراق، ئەڭ ئاجايىپ يېرى شۇندىكى،
ئۇ يەردە قىلار ئۇ نېمىنى تەتقىق.

ئاممىنىڭ ئارزۇسى، ئۈنسە تىكەنلەر،
گۆر، خەندەك قېزىلسا ئاشۇنداق يولغا.
ساقايماس مەرەزۇ كۆيدۈرگە چىقسا،
شۇ پۇلنى ئالغان ھەم بەرگەن شۇم قولغا.
                          1993- يىل ئىيون ئۈرۈمچى.
 
( بۇ ساتىرالار شائىرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان <<ھايات قوشىقى>>، <<بولدى قىل >> توپلاملىرىدىن ئېلىندى.) 
[ totem تەرپىدىن 2008-06-01 15:06 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى totem تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-06-01 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(baturjangqi)
  • شۆھرەت:+10(totem) ئىسىل شېئىر
  • « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-01 14:40 [باش يازما]
    نەۋرۇز
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29081
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 101 نۇمۇر
    پۇل: 401 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :120(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايتى ياخشى يوللاپسىز رەھمەت سىزگە !!ياخشى ئەسەر ئۇخشايدۇ، لىكىن بەكلا ئۇزۇن يوللىۋېتىپسىز ،ئۇقۇپ بولغۇچە كۆزلىرىم تېلىپ كەتكۈدەك شۇڭا ئۇقىمىدىم..
    بولسا ياخشى ئەسەرلەرنى  باشقىلار ھەزىم قىلالىغۇدەك قىسقا -قىسقا قېلىپ  يوللىساق.
    باشقىلارغا بولغان تەربىيۋى ئەھمىيتىنى ھەقىيقى جارىي قىلدۇرغىلى بۇلاتى دەپ ئويلايمەن .
    [ نەۋرۇز تەرپىدىن 2008-06-01 21:21 قايتا تەھرىرلەنگە ]
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-01 18:23 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    yakan22
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30767
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
    شۆھرەت: 22 نۇمۇر
    پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەۋرۇز بۇرادەر تىما ئىگىسى قىممەتلىك ۋاقتىنى ،نۇرغۇن زىھنى كۈچىنى سەرىپ قىلىپ ياخشى تىمىدىن بىرنى يۇللىسا بىر ئىغىز رەھمىتىڭلار يوق،يەنە تىخى مۇبارەك كۆزلىرىڭلار تېلىپ كىتىپتۇ.دۇختۇر غا كۇرۇنساڭلار بۇلامدۇ قانداق.ھەقىچان كىكىۇ دىكى قىزلار يۇللىغان نەدىكى بىر خەتلەرنى ئۇقۇپ كىتىدىغانسىلەر.ئۈزىمىز تىما يۇللىيالمىساقمۇ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم .بۇ ئەقەللى بىر قائىدە.كەچۈرۈڭلار بىر ئاز چىچىلىپ سالدىم .كەچۈرۈڭلار.تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،نادىر تىمىلىرىڭىز دىيارىمدىن ئۈزۈلمىسۇن.s:90]
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-01 18:55 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    xaxtulpar
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17583
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 493
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە493دانە
    شۆھرەت: 183 نۇمۇر
    پۇل: 928 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :64(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىنەۋرۇزنىڭ2008-06-01 18:23دە يوللىغان يازمىسى  :
    ياخشى ئەسەر ئۇخشايدۇ، لىكىن بەكلا ئۇزۇن يوللىۋېتىپسىز ،ئۇقۇپ بولغۇچە كۆزلىرىم تېلىپ كەتكۈدەك شۇڭا ئۇقىمىدىم..
    بولسا ياخشى ئەسەرلەرنى قىسقا -قىسقا قېلىپ  يوللىساق

    <بىر ئادەم يولدا كىتىۋاتاتتى ، تاشقا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى > دىگەندەك تىمىلارنىما ؟
    نەۋرۇز ئەپەندىم خاپا بولماڭ ، ئىنكاسىڭىز پەقەت قاملاشماپتۇ ، شۇمۇ گەپمۇ ؟
    تىما ئىگىسىگە رەخمەت ، ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم ، ياخشى ئەسەرلەر ئىكەن .
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-01 19:26 3 -قەۋەت
    yarimas
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21858
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 430
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە430دانە
    شۆھرەت: 430 نۇمۇر
    پۇل: 1406 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :215(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بولدى تېما مازمۇنىغا كىلىلى ~~!!
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-01 19:29 4 -قەۋەت
    qakmak8
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31829
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    پۇل: 139 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ياخشى شېئىرلارنى ئوقۇمىغىنى ، ئەجەپ راھەتلىنىپ قالدىم .

    رەخمەت يوللانمىڭىزغا .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-01 21:12 5 -قەۋەت
    kaxhar
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 386
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە386دانە
    شۆھرەت: 406 نۇمۇر
    پۇل: 1373 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :140(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    پىچاق تۇتقان قولۇڭدا،
    يۈرىكىنڭنى تۇتۇپ باق.
    خەققە بەرگەن سۆڭەكنى،
    سەنمۇ چايناپ يۇتۇپ باق.
    رەھمەت يوللانمىڭىزغا،شىئىر ئۇقۇشغا بەك ئامراق ئىدىم،ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم ،بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز،بەلكىم ئۇسساپمۇ كەتكەنسىز ھە؟كۆڭلىڭىز خالىغاندىن ئىلىڭە      
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ۋاقىت --- ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-06-01 21:24 6 -قەۋەت
    نەۋرۇز
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29081
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 101 نۇمۇر
    پۇل: 401 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :120(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلا!
    مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنى تازا چۈشەنمىدىڭلارمۇ ياكى ؟
    ياخشى ئەسەرلەرنى ئاز -ئاز لىكىن كۆپرەك يوللاپ تورغىنى ياخشى ،مۇنبەردىكى مەزمونلارنىڭ يېڭلىنىشى تىز ،ياخشى ئەسەرلەرنى بېرلا ۋاقىتتا كۆپ يوللىۋەتسەك ،بېرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن باش بەتتە كۆرۈنمەي قالىدۇ، مۇنبەريىڭى ئەزالارمۇ دائىم كىرىپ تۇرىدۇ . بەزى يىڭى كىرگۈچىلەر  ئۆزلىرى ئېزدەپ تاپمىسىلا ،ئۇتېمىنى كۆرۈشتىن مەھروم قالىدۇ ، 
    گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلا
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-01 21:27 7 -قەۋەت
    yakan22
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30767
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
    شۆھرەت: 22 نۇمۇر
    پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    چۈشەنمىگەن گەپ ئەمەس.تىما دىگەن مەزمۇنىغا قاراپ يۇللىنىدۇ،بىر-ئىككى قۇر چۈشىنىكسىز تىمىلار ئارقىلىق ئاساسى مەقسەتنى ئىپادىلەش ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش.سىلى دىگەندەك تىمىلارنى يۇللاشقا تۇغرا كەلسە شۇ ماقال-تەمسىل ياكى يۇمۇر يۇللىساق بۇلىدۇ.مۇنبەر دىگەن بىلىم ئېلىش ،ئۆگىنىش،كۆڭۈل ئېچىش ئورنى بۇلغاچقا بىز مۇشۇنداق ياخشى تىما يوللىغان تۇرداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇغاق سۇ سەپمىسەك.ئۇلارغا مۇشۇ مەۋھۈم دۇنيادا بۇلسىمۇ ئەركىن ،ئازادە پىكىر قىلىش بۇشلىقى يارىتىپ بەرسەك بۇ ئۇيغۇر تۇر مەدەنىيتىگە بولغان ئازغىنە بىر قۇللاش بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن.كۆپچىلىك تۇرداشلارغا رەھمەت.جاپا چەكتىڭلار.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-01 22:12 8 -قەۋەت
    pa^re
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26364
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 344
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە344دانە
    شۆھرەت: 344 نۇمۇر
    پۇل: 1181 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالتۇن يارتىدۇ سايدا تونىمساڭ نە پايدا  . بوپتۇ  باشقىلارنى خىجىل قىلماڭلا ئەمدى ، تىمنى چۇشەنگەن ئادەمگە مىڭ تىللاغا ئەرزىگۇدەك تىما ئىكەن بۇ .  تىمنىڭىزغا تەشەككۇر .
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ئاياللار تىشدىن قىرىدۇ ،ئەرلەر ئىچدىن قىرىيدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-06-01 22:59 9 -قەۋەت
    جانان
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29233
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 362
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە362دانە
    شۆھرەت: 561 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئادەم كۆڭلى شۇنچە كەڭ، ئالەم−
    شۇ كەڭلىكتە تۇرغان بىر قېيىق.
    ھەسەتخورنىڭ كۆڭلىگە ئادەم−
    تۈگۈل ھەتتا سىغمايدۇ تېرىق.

    ھەسەتخۇر ئادەم دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن توۋا
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ياخشى قىلدىڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-02 09:39 10 -قەۋەت
    90uygur
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە56دانە
    شۆھرەت: 56 نۇمۇر
    پۇل: 268 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالدى بىلەن ئاللادىن مەرھۇمنىنڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولىشىنى  تىلەيمەن ،ئاندىن كىيىن تىما يوللۇغۇچىغا كۆپ تەشەككۇرۈمنى بىلدۈرىمەن رەخمەت سىزگە بولسا مۇشۇنداق نادىر تىمىلارنى داۋاملىق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.             
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    مەن ھاياتنى سۈيىمەن .
    | ۋاقتى : 2008-06-03 00:30 11 -قەۋەت
    نەۋرۇز
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29081
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 101 نۇمۇر
    پۇل: 401 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :120(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىجاناننىڭ2008-06-02 09:39دە يوللىغان يازمىسى  :
    ئادەم كۆڭلى شۇنچە كەڭ، ئالەم−
    شۇ كەڭلىكتە تۇرغان بىر قېيىق.
    ھەسەتخورنىڭ كۆڭلىگە ئادەم−
    تۈگۈل ھەتتا سىغمايدۇ تېرىق.

    .......

    ئىتلار قاۋىشىپ قالا ،كارۋان ماڭا ر
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-03 00:44 12 -قەۋەت
    جانان
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29233
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 362
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە362دانە
    شۆھرەت: 561 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ساقمۇ يە سىز ساراڭمۇ؟
    مەن ئىنكاسنى  پەقەت تىمىنىلا كۆرۈپ يازغان
    ئىنكاس ۋاراقلاپ ئولتۇردىغان ۋاقتىم يوق
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ياخشى قىلدىڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-03 13:12 13 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-05 09:35
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation