چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/9 total )
بۇ تېما 12331 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: سۆيگۈ ۋە جىنايەت (پوۋىست) _ ياسىنجان ئىبراھىم پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 سۆيگۈ ۋە جىنايەت (پوۋىست) _ ياسىنجان ئىبراھىم

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 ajrim 设置为精华(2008-10-10)
سۆيگۈ ۋە جىنايەت

(پوۋىست)

ياسىنجان ئىبراھىم



                                                                1
ئۇ بېكەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، خۇددى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بوتىلاقتەك قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي بىر ھازا گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى.   يىتىمنىڭ ئىگىسى خۇدا دىگەندەك،بىر ھەپتىلىك يىلىكتىن سۇ ئىچكەن جىسمانى ئەمگەكنىڭ بەدىلىگە ئېغىر تاياق يەپ، يەتكىچە خورلۇق تارتىۋالغان تالىپ،كوچىغا قوغلۇنۇپ چىدىغۇسىز ئەلەم-ھەسرەتتە قالغان شۇ كېچىدە خۇددى خىزىرغا يولۇققاندەكلا بىر مېھرىبان باشپاناھنىڭ مېھىر -شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.ئۇ مۇشۇ چىنىباغدىكى بىر ساخاۋەتچى دىخان بولۇپ،ھەممە ھۆرمەت قىلىدىغان يۇرت چوڭلىرىنىڭ بىرى ئىدى.مەيلى قەيەردە بولسۇن يىتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ،قولىدىن كېلىشىچە ياردىمىنى ئايىمايتتى.شۇڭا يۈسۈپ چوڭام دەپ ھۆرمەتلىنەتتى.
    شۇ كېچىدە  تالىپنىڭ باش-كۆزلىرىدىكى قانلارنى پاكىز تازلىتىپ،يېنىك زەخمە بولسىمۇ كىچىك يېرىلغان ئىككى يەرنى دورىلاپ تاڭدۇرۇپ،كېرەكلىك دورا-ئوكۇللارنىمۇ سېتىۋېلىپ،ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن ئىدى.تالىپ شۇ كۈنى ئايۋان ئىشىكىدىن كىرىپلا ئۆزىگە تەئەججۇپلىنىپ قاراپ قالغان تونۇش بىر چىرايغا قاراپلا داڭ قېتىپلا قالدى.ھودۇققىنىدىنمۇ ياكى ھايرانلىقىدىنمۇ تۈزۈك سالاممۇ قىلالماي تىلى كالۋالاشقاندەك بولۇپ:
_ سىز..._ دىگىنىچە كۆزىگە قارىدى.
_ ۋۇي،سىزكەنسىزغۇ؟ نىمە بولدىڭىز؟ _ دىدى ئۇمۇ تالىپنى تونۇپ.
_ قىزىم مېھرىبان،ئىككىڭلار تونىشىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەيران بولغان يۈسۈپ چوڭام ھەر ئىككەيلەنگە مەنىلىك قاراپ.
_ دادا،مەن سىزگە ئېيتقانغۇ، بىر ھەپتە ئىلگىرى دۇككىنىمىزغا كىرگەن ھېلىقى...
_ شۇنداق تاغا،_ دىدى تالىپ قىزنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى تۈگىتىشىگە تاقەت قىلالمىغاندەك،تىترەپ تۇرغان ئاۋازى بىلەن _ ئۇ كۈنى ئاچ قۇرساق تېنەپ يۈرگىنىمدە مانا مۇشۇ ئوڭلۇق قىزىڭىز،دۇككىنىڭىز بېشىمنى سىلىغان.مانا بۈگۈنكىدەك ھالىم تېخىمۇ بەتتەر بولغاندىمۇ سىز، ئىللىق ئويىڭىز باشپاناھ بولىۋاتىدۇ،شۇ تاپتا سىلەرگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن ئوبدان تاغا\...
    تالىپتىكى رازىمەنلىك ھېسسىيات بىلەن خىجالەتچىلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ھەسسىلەپ كۈچىيىپ،ئۆزىنى پەقەتلا بېسىۋالالمىدى.كۆزلىرىدە لىغىلداپ تۇرغان ھاياجان يېشى،تېخى بىر سائەت ئىلگىرىكى ئازاپ ياشلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىگەن ئىدى.
_ بولدى كۆڭلۈڭنى بۇزما ئوغلۇم. _ دىدى يۈسۈپ چوڭام ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.ئاندىن قىزى مېھرىبانغا قاراپ_ ھېلىقى شاكىر دىگەن نائەھلى شۇنچە ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى بەرمەكتە-يوق ئۇرۇپ قوغلاپ چىقىرىپ بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىنى كۆرمەمسەن قىزىم._ دەپ خۇرسىنىپ قويدى.
_ مەن ئەتىسى شاكىر ئۆيىدە ئىشلىتىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، مۇشۇنداق بولىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم،ئاتا-ئانىسىنىڭ قانچىلىكى بار،ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغانلار...
_ بولدى قىزىم،قالغان گەپ بولسا ئەتىگىچە دىيىشەرمىز،ساراي ئۆيگە ئورۇن راسلىغىن.بۇ بالام ئارام ئېلىۋالسۇن.
_ ماقۇل دادا،بۇ ئۆيدە ئازراق ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار.
  مېھرىبان چەبدەسلىك بىلەن ساراي ئۆيگە كىرىپ كەتتى.يۈسۈپ چوڭام بىر ئىشنى ئەسكە ئالغاندەك ساراي ئۆي ئىشىكىدىن بېشىنى تىقىپ :
_ ئورۇننى راسلاپ قويۇپ،ئازراق شورپا سالغىن قىزىم _ دىدى.
_ مانا ھازىرلا دادا.
_ ئۇنچىلا ئاۋارە بولماڭلارچۇ تاغا،ھېلىمۇ مۇشۇ قىلىۋاتقىنىڭلار ئاز ئەمەس _ دىدى خىجالەتچىلىكتە ئاران ئولتۇرغان تالىپ،يۈسۈپ چوڭامنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.
_ ئارتۇق تەكەللۇپ قىلمىغىن ئوغلۇم،ھەرگىز قورىنىدىغان،تارتىنىدىغان ئىشنى قىلما.قارىسام ئۇ ناكەسلەر كەچلىك تامىقىڭنىمۇ بەرمىگەندەك قىلىدۇ.
    تالىپ ئارتۇقچە سۆزلەشنى خالىمىدى بولغاي،ئېغىر بىرنى تىنىۋېتىپ يەرگە قاراپ ئولتۇرغىنىچە بىر ھازا جىمىپ كەتتى.بىر جۇپ مامۇق ياستۇق،ئىككى قات كۆرپە بىلەن ئورۇن راسلاپ قويۇپ ساراي ئۆيدىن چىققان مېھرىبان ئۆزىگە چۆچىگەندەك بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان تالىپقا تەبەسسۈم بىلەن قاراپ:
_ بۇ ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىپ ياتقاچ تۇرۇڭ،مەن تاماق تەييارلاي._ دىدى.
_ رەھمەت.
  تالىپ مېھرىباننىڭ كۆزىگە تەلمۇرگەندەك قاراپ ئاران شۇ بىر ئېغىز سۆزنى قىلدى-دە ئۇلاپ دىمەكچى بولۇپ بوغىزىغا كېلىپ قالغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى يۇتىۋېتىپ، ساراي ئۆيگە كىرىپ كەتتى. چىرايلىق ئۆي جاھازلىرى ۋە ئوتقاشتەك گىلەملەر بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئازادە ئۆينىڭ تۆرىگە سېلىنغان قات-قات يۇمشاق كۆرپىدە پۇت-قولىنى ئۇزۇن سۇنۇپ يېتىۋالدى.
  مانا يۇمغاقسۈتنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان مەززىلىك شورپىمۇ تەييار بولدى.يۇمشاق ئورۇندا راھەتلىنىپ يېتىپ قوسىقىنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كۆزى ئۇيقىغا كەتكەن تالىپنىمۇ  بۇ مەززىلىك  پۇراققا  قوشۇلۇغان  مېھرىبان ئائىلىسىنىڭ مېھرىبانلىقى شىرە ئالدىغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. يۇمشاق پىشقان ئەركەك قوينىڭ گۆشىنى يەپ، چوڭ چىنىگە تولدۇرۇپ قۇيۇلغان شورپىسىغا سىڭىپ پىشقان ئاق ناننى چىلاپ يەپ-ئىچىپ تەرلىنىۋالغان تالىپنىڭ ھاردۇقى بىراقلا چىققاندەك بولۇپ،خۇددى ئۆزىنى قايتىدىن كۈچ-قۇۋەتكە تولغاندەك ھېس قىلدى.
_ قېنى ئىچىڭ، يەنە بىر چۈمۈچ قۇياي._ دەپ زورلايتتى مېھرىبان ئۇنىڭ ئىشتىھا بىلەن يەپ-ئىچىشلىرىگە تېخىمۇ مەدەتكار بولۇپ .ئازادىلىك ھېس قىلسۇن دىدىمىكىن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ ئاخىرلاشتۇردى_ قوساق ئېچىپتىكەنغۇ، تارتىنىپ قىز بالىدەك ناز قىلىسىز تېخى.
  مېھرىباننىڭ چاقچىقى خېلىلا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، ئىككى مەڭزىدىكى سۇس قىزىللىق ئۈستىگە قېنىق قىزىللىق تېپىپ، يۈزى ئوت ياققاندەك قىزىپ كەتتى.
_ بەك ئوخشاپتىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە قوسىقىممۇ تازا ئاچقان.شۇڭا خۇدۇمنى بىلمەي يەپ كېتىپتىمەن.سەت بولدى...
_ ئوغۇل بالا دىگەن تاماقنى ياخشى يەپ،ئىشنىمۇ ئوغۇلبالىدەك قىلىشى كېرەك،خىجىل بولماڭ،مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
_ مېھرىبان توغرا دەيدۇ ئوغلۇم،تاماقتىن تارتىنىپ ئولتۇرغان ئوغۇل بالا بىلەن مېنىڭمۇ خوشۇم يوق.قېنى راس تويغان بولساڭ داستىخانغا بىر دۇئا قىلىۋېتەيلى ئەمىسە._ دىدى يۈسۈپ چوڭام قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشكە تەرەددۇت قىلىپ.
    مېھرىبان دەرھال قاچا-قۇچىلارنى يىغىتۇرىۋەتتى. داستىخانغا دۇئا قىلىنىپ، تالىپ ئىچ-ئىچىدىن رازىمەنلىكىنى ئىپادىلەپ رەھمەت تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى.يۈسۈپ چوڭام بېشىدىكى يارىشىملىق بادام دوپپىسىنى ئېلىپ يېنىغا قويۇپ يىرىك قوللىرى بىلەن چېچى يېڭىدىن چۈشۈرۈلۇپ پارقىراپ تۇرغان بېشىنى ئاندىن ئاق ئارىلاپ كەتكەن چار كالتە ساقىلىنى سىلاپ قويدى. بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ تۇرغان توم قاشلىرى ئاستىدىكى سىنچى كۆزلىرىنى ئاستا تالىپقا ئاغدۇردى.
_ ئالدى بىلەن تائام،ئاندىن كالام دەپتىكەن ئوغلۇم،_ دەپ ۋەزمىن ئاھاڭىدا سۆزىنى باشلىدى يۈسۈپ چوڭام،_ بايا ئەھۋالىڭ ئوسال چاغدا ئۇنى-بۇنى سوراشنى راۋا كۆرمىگەن ئىدىم،مانا ئەمدى قارىسام خېلى ئەسلىڭگىمۇ  كېلىپ قالغاندەك تۇرىسەن.ئازراق ئەھۋاللىشىۋالساق بولامدۇ؟
_ بولىدۇ تاغا،بولمامدىغان.
_ قانداقلا بولمىسۇن ماڭا راس گېپىڭ كېرەك،يالغانچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام دىگەننى ئۆزۈڭمۇ بىلىدىغانسەن؟
_ قەسەم قىلىمەنكى تاغا سۆزلىرىمگە بىر ئېغىز يالغان سۆز قوشۇلۇپ قالسا ئىككى دۇنيالىق قارايۈز بولاي.
  يۈسۈپ چوڭام ئادەملەرگە باھا بېرىشتىكى سەزگۈرلىكى بىلەن ئۇنىڭ يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىغا  خېلىلا ئىشەنچ تۇرغۇزغان ئىدى.مېھرىباننى بىر پىيالىدىن ئۇسسۇلۇق سىنچاي دەملەپ كېلىشكە بۇيرۇپ قويۇپ،تالىپنى تېخىمۇ ئازادە ئولتۇرۇشقا  جىكىلەپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى.
_ ئۆيۈڭ قەيەردە ئىدى ئوغلۇم؟ئىسمى-زاتىڭ نىمە؟
_ ئۆيۈم قەشقەر بېھىشكېرەمدە،ئون ئىككى ياش چېغىمدا دادام ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئانام بىلەن ئون ئالتە ياشتىن ئاشقان بىرلا سىڭلىم بار.
_ ئۇ ئىككى ئاجىزەنى تاشلاپ قويۇپ نىمىشقا بۇ تەرەپلەردە قاڭقىپ يۈردۈڭ؟
_ بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەت بولمامدۇ تاغا؟
  تالىپ ئاخىرقى جاۋاپ سۆزىنى قىلىۋاتقاندا ئاۋازى بوغۇلۇپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى. بىر چەينەك چاينى دەملەپ كەلگەن مېھرىبانمۇ كۆڭلى بىر قىسما بولغان ھالدا دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
_ ئادەم يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، مەڭگۈلۈك قاراڭغۇ ئالەمگە سەپەر قىلغىچە نىمە قىسمەتلەرنى كۆرمەيدۇ دەيسەن ئوغلۇم،قېنى يېشىڭنى سۈرتىۋېتىپ سۆزلەپ بەرگىن،يەردەم قىلغىدەك يېرى بولسىلا مانا بىز بارغۇ،يۇرت جامائەت بارغۇ...
_ ماقۇل مەن سۆزلەي،ھەممىنى سۆزلەپ بېرەي...
    تالىپ ئۆزىگە ھېسداشلىق بىلەن قاراپ روبىرو ئولتۇرغان بۇ ئاق كۆڭۈل ،مېھرىبان ئاتا بالا ئىككەيلەننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ بىر قارىۋالدى-دە كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، بېشىغا كەلگەن ئازاپلىق قىسمەتنىڭ نەق جەريانىنى ئانا يۇرتىدىكى مۇھاببەت كەچۈرمىشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە باشلىدى...
  سى ئولتۇرۇشلۇق يېزىغا قايسى يول قايسى ماشىنا بىلەن بېرىشنى ئەسلا بىلمەيتتى.پەقەت قارا سۇ يېزىسىنىڭ چىنىباغ كەنتىنى تېپىۋالسىلا شۇنچە يىراق يولدىن نىشانلاپ كەلگەن باشپاناھىنى تېپىۋالغان بولاتتى.
  ئۇ روھى ھالىتىدىكى جىددىلىكنى زورىغا بېسىپ، ئەتراپىدىكى ناتونۇش كىشىلەردىن كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلىرىگە سالام بېرىپ،مەنزىلگاھىغا قانداق بارىدىغانلىقىن سوراشقا باشلىدى.بۇ ئامالنىڭ ئاخىرى ئۈنىمى بولدى. بىر ئاق كۆڭۈل كىشى ئۇنى  بارىدىغان يېزىغا قاتنايدىغان كىچىك مىنىبوسقا چىقىرىپ قويدى.ئۇ ئۆيىدىن ئەلەم-ھەسرەت بىلەن ئايرىلغاندىن بېرى بۇنچىلىك خوشال بولۇپ باقمىغان ئىدى.
_ رەھمەت تاغا،ياخشى ئادەمكەنسىز،بەك ياخشى ئادەمكەنسىز ... _دىيەلىدى ئۇ ئارانلا .
_ ھېچ ۋەقەسى يوق،شوپۇر مەنزىلىڭگە بارغاندا ئۆزى چۈشۈرۈپ قويىدىغان بولدى،خاتىرجەم بولغىن.ھە راس،ئىسمىڭنى سورىماپتىمەنغۇ؟
_ ئىسمىم تالىپ،خوش تاغا،ئامان بولساق كۆرىشەرمىز...
    تالىپ ماشىنا ئەينىكىدىن ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ،ئۆز-ئۆزىگە: «توۋا،بۇ دۇنيادا بېشىمغا ئېغىر كۈنلەرنى سالغان تام قوشنىمىزدەك ئەسكى ئادەملەرمۇ؛ مانا مۇشۇنداق مېھرىبان ئاق كۆڭۈل كىشىلەرمۇ بار...» دەپ پىچىرلاپ قويدى.
    ماشىنا شەھەر ئىچىدىن چىقىپ،شەرىققە قاراپ سوزۇلغان قارا ماي ياتقۇزۇلغان يېزا يولىغا چىقىپ، سۇرئىتىنى تېزلەتتى.ئىككى قاسناقتىكى قاتار- قاتار ئاق تېرەكلەر  كەچكۈزنىڭ سوغۇق شامىلىدا ئاخىرقى زەپىران يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرلەپ يەرگە تاشلايتتى.تالىپ سالا-سالا ئېتىزلاردىكى ئاخىرقى تېرىم پاختىلىرىنى يىغىۋاتقان،غوزا  ئۈزىۋاتقان دىخانلارغا قارىغىنىچە يامغۇردەك ياش تۆكۈپ،نالە قىلىپ قالغان ئانىسى بىلەن ئەمدىلا ئون ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان سىڭلىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىچ-ئىچىدىن يۈرەك-باغرىنى تىلىپ چىقىۋاتقان ئازاپلىق خىياللاردىن كۆڭلى بىئارام بولاتتى: « جېنىم ئانا،ئوماق سىڭلىم، مەنغۇ سىلەرنىڭ زورلىشىڭلار بىلەن جېنىمنى ئېلىپ قاچتىم.شۇ تاپتا سىلەرنىڭ ھالىڭلار قاداقراقتۇ...»
    ماشىنا  كۆجۈم بىر مەھەللىنىڭ دوقمىشىغا كېلىپ توختىدى.شوپۇر ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ،تالىپقا قاراپ:
_ مۇشۇ كەنىت شۇ،چۇشۇڭ. _دىدى. ئاچچىق خىيالغا بەنت بولۇپ كەتكەن تالىپنىڭ قۇلىقىغا بۇ سۆز كىرمىدى بولغاي،يېنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ نوقىشى بىلەن چۆچۈپ ئېسىنى يىغىپ،شوپۇرنىڭ كۆزىگە قارىدى.شوپۇر تېرىككەك بولسا كېرەك،ئاۋازىنى قوپالراق چىقىرىپ ۋاقىرىدى:
_ گەپ قىلىۋاتىمەن ئادىشوي،قۇلاق پاڭمۇيا.
    تالىپ دىلى ئازراق ئازار يىگەن بولسىمۇ ،كېلىدىغان يېرىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا  رەھمەت ئېيتىپ ماشىنىدىن چۈشىۋالدى.
    مانا ناتونۇش دوقمۇش، ناتونۇش مەھەللە،ناتونۇش ئادەملەر...ئۇنىڭدا تېخىچىلا  قورۇنۇش،تەمتىرەش ئالامەتلىرى بېسىلمىغان ئىدى.«نىمىلا بولمىسۇن نەۋرە ئاچام بار يەرگە كېلىۋالدىمغۇ،يەنە نىمىگە ئەندىشە قىلاي،بۇ كىچىك كەنىتتە كىملا بولسۇن سورىساملا ئېيتىپ بەرمەمدۇ، ھېلىقى ئاق كۆڭۈل ئادەمدەك ئۆيىگىلا باشلاپ بارىدىغانلار چىقىپ قالامدۇ تېخى...»ئۇ مۇشۇ خىياللىرى بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولدى-دە ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى.ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يول بويىدىكى بىر كىچىك دۇككانغا كۆزى چۈشتى.ئۇ دۇككانغا كىرىپ سۈرۈشتۈرمەكچى بولۇپ كىرىشىگىلا،يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر قىز كۈلۈمسىرىگىنىچە قارشى ئالدى.تالىپ كىرىپلا ئۇ قىزنىڭ مېھرىۋانلىق يېغىپ تۇرغان يوغان،قاپ-قارا كۆزلىرىگە قاراپلا تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. قېلىن قارا قاشلىرى ئاستىدا ئۆزىگە تىكىلىپ قالغان ئويچان چوڭ-چوڭ قارا كۆزلەرگە،ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان بۇغداي ئۆڭ چىرايغا؛ بېشىغا كىيىۋالغان بادام دوپپىغا قاراپ بۇ يىگىتنىڭ باشقا يۇرتلاردىن كەلگەنلىكىنى جەزىم قىلغان قىز دەرھال ئېغىز ئاچتى:
_ نىمە ئالاتتىڭىز؟
_ ھېچ...ھېچنىمە... مەن...
_ھودۇقماي سۆزلەڭ،بىرەر ھاجىتىڭىز بارمىدى؟ قارىسام  باشقا يۇرتتىن كەلگەندەك تۇرىسىز.
_شۇنداق،مەن قەشقەردىن،مانا ھازىر كېلىشىم.مۇشۇ يەردە نەۋرە ئاچام بار ئىدى، ئۆيىنى سىزدىن سورىۋالاي دەپ كىرگەن ئىدىم. ئىسمى سېلىمىخان.
  دۇككاندار قىز ئازراق ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. دەرھال بىر ئىشنى ئەسكە ئالغاندەك تالىپقا  مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
_ بۇ كەنتىمىزدە بىرلا سېلىمىخان ئىسىملىك ئايالدىن بىرسىلا بار ئىدى.ئالدىنقى يىلى يولدىشى قازا قىلغان...
_ شۇ، دەل شۇ ، بىز ئاڭلىغان بىراق كېلەلمىگەن._ دىدى تالىپ قىزنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
_ ئۇنداقتا چاتاق بوپتۇ،يېرىم يىلدەك بولدى، ئۇ نەۋرە ئاچىڭىز بىر چارۋىچى بىلەن توي قىلىپ كەتكەن،ھازىر نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. قورۇ-جايىنىمۇ سېتىۋەتكەن.
_ نى...نىمە دىدىڭىز ؟_ دەپ ھودۇققىنىچە قايتۇرۇپ سورىدى تالىپ،خۇددى بېشىدىن تۇيۇقسىز بىر چىلەك قۇدۇق سۈيى قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ.
_ سىزنى ئالداۋاتقان ئوخشىمامدىمەن؟ ئىشەنمىسىڭىز باشقىلاردىن سوراپ كۆرۈڭ.
_ ئۇنداق ئەمەس،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،خاپا بولماڭ. ئاھ خۇدا ،ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق، قەيەرگە بارغۇلۇق._تالىپ ئاخىرقى سۆزلىرىنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالغان ئىدى.

                
ئۇنىڭ بۇ يۇرتتىكى بىردىن بىر ئۇرۇق-تۇققىنى شۇ ئىدى.دۇككاندار قىزنىڭ  بەرگەن ئۇچۇرى ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىر شۇم خەۋەردەك تۇيۇلۇپ،ئارامىغا چۈشەي دىگەن كۆڭلى يەنە ساراسىمىگە چۈشكەن ئىدى.ئۇ تەر چىقمىغان پىشانىسىنى كەڭ ئالقانلىرى بىلەن سۈرتكەندەك سىلاپ تۇرۇپ،ئېغىر بىرنى تىنىۋالدى-دە قىزغا تەلمۈرگەندەك قاراپ:
_ يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە بۇرنى قاناپتۇ، دىگەندەك ئىش بولۇپتۇ قاراڭ_ دىدى.
_ كۆڭلىڭىزنى مالال قىلماڭ، كۆرۈشۈپ قالارسىلەر._ دىدى دۇككاندار قىز تالىپنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.
_ خۇدايىم بۇيرىسا دىگىنىڭىز دەك بولا،رەھمەت سىزگە، ياخشى قىزكەنسىز.
  تالىپ ئېغىر قەدەملىرىنى ئارقىغا يۆتكەپ، دۇككاندىن چىقىشقا تەمشەلدى-يۇ، بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك يەنە توختاپ قالدى. شۇ چاغدىلا ئۇ قوسىقىنىڭ ئېچىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئىدى. شۇئان يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ يېنىدىكى ئاخىرقى سەكسەن تىيىن پۇلنى قولىغا ئېلىپ، قىزغا قارىدى:
_ يىگىدەك بىر نەرسە ئېلىۋالايمىكىن،تەييار چۆپ بولسا ...
_ ئاي توقاچ،تەييار چۆپ، مانا ھەممىسى بار.
  تالىپ بىر، قولىدىكى پارچە پۇللارغا،بىر ، قىزغا قاراپ .ئوڭايسىز ھالەتتە سورىدى:
_ باھاسى قانچىكىن؟ ئەرزانراقىنى ئالاي.
  دۇككاندار قىز بىر قاپ تەييار چۆپنى ئېلىپ تالىپقا تەڭلىدى.
_ مانا بىر كويچەن بېرىڭ.
_ ئاران مۇشۇ سەكسەن تىيىن پۇلۇم قاپتىكەن،بولدى ئالماي، كەچۈرۈڭ ئاۋارە قىلدىم._ تالىپ سۆزىنى تۈگىتىپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېڭىشىغا، قىزنىڭ زىل يېقىملىق ئىنچىكە ئاۋازى ئۇنى يەنە جايىدا توختاشقا مەجبۇر قىلدى.
_ توختاڭ،بۇنى ئېلىۋىلىڭ.
  تالىپ ئارقىسىقا قاراپ،قىزنىڭ ئاپ-ئاق زىناقلىق يۈزىدىن تەبەسسۈم ياغدۇرۇپ،بىر جۇپ ئاي توقاچ بىلەن تەييار چۆپنى تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە،خۇددى تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. قىز يەنە ئېغىز ئاچتى:
_ بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم بولسۇن،قارىسام بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندەك قىلىدۇ.
_ بو...بولدى،ئۇنداق قىلماڭ._دىدى تالىپ تەستە زۇۋانغا كېلىپ.
_ قوبۇل قىلغىڭىز كەلمىسە، كېيىن پۇل تېپىپ بېرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.قېنى تارتىنماي ئېلىڭ، ئاچ قۇرساق يۈرسىڭىز ئاغرىپ قالمامسىز؟
  تالىپ يەنە بىر مېھرىبان كىشىگە يولۇققانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن قىزنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاستا ئېلىپ، كىچىك بىر لۆڭگىدىن باشقا بىسات يوق كۆنا قارا سومكىسىغا سالدى.
_ مەن بۇنىڭ پۇلىنى چوقۇم بېرىۋىتىمەن._ دىدى ئۇ ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپ قەتئىلىك بىلەن._ .كۆڭلىڭىز بەكلا  ياخشىكەن.
_ بولدى،چاقچاق قىلىپ قويدۇم.تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق نەرسىلەرغۇ بۇ
_ ياق،بۈگۈن مەن ئۈچۈن بۇ چوڭ ياردەم بولدى. ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
_ ھە، ئىسمىنى سوراپ نىمە قىلاتتىڭ؟_ دەل شۇ چاغدا دۇككانغا كىرىپ كەلگەن قارىمۇتۇق،ئوتتۇرا بوي،قاڭشارلىق بۇرنىنىڭ ئاستىغا يارىشىملىق بۇرۇت قويىۋالغان،تاقىرباش،پادىچىلار كىيىمى كىيىۋالغان يىگىرمە بەش ياشلاردىكى بىر يىگىت كىرىپلا قىزنىڭ ئورنىدىلا قوپال جاۋاپ قايتۇردى.تالىپ ئۇشتۇمتۇت قۇلاق تۇۋىدە ئاڭلانغان يات بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ،دەرھال ئارقىسىغا قارىدى-دە ھودۇققان ھالدا سالام قىلىپ قول تەڭلىدى.
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم.
_ تارت قولۇڭنى،كىم سېنىڭ دوستۇڭكەن.قېنى ئېيتە،نەدىن كەلگەن كەلگىندىسەن؟
_ نىمانداق يولسىزلىق قىلىسىز شاكىر،ئۇ سىزگە بىرنىمە دىمىدىغۇ؟_ دىدى قىز ھېلى كىرگەن يىگىتكە زەردى بىلەن .
_ ماڭا دىمىگەن بىلەن سىزگە دەۋاتمامدۇ؟
_ سىزنىڭ مەن بىلەن نىمە كارىڭىز؟
_ نىمىشقا كارىم بولمايدىكەن،بىلىپ قويۇڭ سىزگە چاپلاشقىنىم چاپلاشقان.
_ ھەددىڭىز ئەمەس\_ بۇ رودىپاي يىگىتكە نەپرەتلىك تىكىلىپ،كەسكىن تەلەپپۇزدا شۇنداق دىدى-دە دەرھال تالىپقا قاراپ:
_ سىز چىقىۋېرىڭ،تۇققىنىڭىزنى بالدۇرراق تېپىۋالارسىز._ دىدى.
_ چىق دىگەندىكىن چىقمامسەن،بەزدەك قاراپ تۇرماي _ دىدى ھېلىقى يىگىت تالىپقا ۋاقىراپ.
  تالىپ شۇنچە خورلۇق ھېس قىلغان بولسىمۇ ،دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ،قىزغا مەنىلىك بىر قارىۋالدى-دە دۇككاندىن ئاستا چىقىپ كەتتى.
  سىرتتا سوغۇق شامال كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى.تالىپنىڭ جەنۇپ ھاۋاسىغا  لايىق كىيىۋالغان بىر قۇر ئاددىغىنە يېلىڭ كىيىملىرى، شىمالنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىغا دال بولالمايتى. ئۇ يوللاردىكى شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن سارغايغان ياپراقلارغا قاراپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى. ئۆزىنىڭ تەقدىر-قىسمەتنىڭ تەتۈر شاماللىرىدا ئەشۇ ياپراقلارغا ئوخشاپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈندى.زىدە بولغان يۈرىكى ھەسرەتلىك خىيال ئىسكەنجىدە تىپىرلايتى: «ئېسىت،ئېسىت... مەنمۇ ئەر بولدۇممۇ\؟ نىمە كۆرسەم ئۆز  ئۆيۈمدە كۆرسەم بولماسمىدى...» ئۇ تېگى يوق خىيال بىلەن كەنىتنىڭ چوڭ توت كوچا دوقمىشىدىكى چوڭ بىر كۆۋرۈكنىڭ قېشىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى. ئەتراپىغا خىرە ئۈمۇتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قاراپ قويدى. شۇ مىنۇتتىكى ھايات دوقمىشىغا ئوخشايدىغان بۇ دوقمۇشتا قايسى يولغا مېڭىپ،مەنزىلگاھىنى تېپىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان ئىدى. ئۇ كۆۋرۇكنىڭ يېتىلگەن مۈشۈكنىڭ بويىچىلىك كېلىدىغان گىرۋىكىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ،ئېچىرقىغان قورسىقىنى ئازرا ئەستەرلىۋىلىش ئويىغا كەلدى.سومكىسىدىن بىر ئايتوقاچ بىلەن تەييار چۆپنى ئېلىپ ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى.
_ پاھ،پاھ، قەيەردە ئاچ قالغان بولغىيدى بۇ ئاداش.
    تالىپ قوساقنىڭ ئاچلىقىدا ئەتراپىنى بىردەملىك ئۇنتىغان ئىدى.تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ،ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.ئۆزىدىن ئون قەدەمچە نېرىدا تېخى بايىلا يولۇققان مۇتىھەم شاكىر ئسىملىك يىگىت بىلەن يەنە بىر ئۇزۇن چاچ، بۇغداي ئوڭلۈك بىر يىگىت بىللە تۇراتتى.
_ مېنىڭ سىلەر بىلەن ھېچقانداق زىدىيىتىم يوق.مەن بىر مۇساپىر _ دىدى تالىپ قايتىدىن ئورنىغا ئولتۇرۇپ.
_ قورقما  ئاداش، بىز يۇۋاشلارنى بوزەك قىلىدىغان نامەرتلەردىن ئەمەس._ دىدى شاكىر ئۆزىنى ياخشى ئادەم كۆرسىتىشكە تىرىشىپ،_ بايا سېنى خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن،مېھرىباندىن ئەھۋالىڭنى بىلدىم.راس دىگەندەك ھېلىقى تۇققۇنۇڭنى تاپماق تەس.
_ چۈشەنگىنىڭلارغا رەھمەت._ دىدى تالىپ كۆڭلى ئازراق ئارامىغا چۈشكەندەك بولۇپ.
_ ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟_ دەپ چېكىپ باقماقچى بولۇپ سورىدى شاكىر.كۆڭلىدە ئەرزان بىر ئەمگەك كۈچىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ چوتىنى سوقۇپ ئەتەي ئىز قوغلاپ كەلگەن ئىدى.
_ بىلمەيمەن،ئىشلەپ كىراغا لايىق پۇل جۇغلاپ قايتارمەن شۇ.
_ توغرا دىدىڭ،شۇنداق قىلمىساڭ باشقا نىمە ئامالىڭ بار دەيسەن،باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭ يوقمۇ؟
_ يوق.
_ ئەمىسە مەن بىلەن ماڭغىن،بىزنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان  ئىش بار.
  تالىپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ شاكىرنىڭ كۆزىگە قارىدى. كۆڭلىدە: «بۇ تازا ئشەنچىلىك ئەمەستەك تۇرىدۇ،بىراق بارمايمۇ ئامالىم يوق.ئەڭ بولمىغاندا بىر چىنە ئىسسىق چاي ئىچەرمەن،بىر كېچىلىك قۇنالغۇغا ئېرىشەرمەن...» دىگەنلەرنى ئويلىغان ئىدى.
          2
    بېشىغا ئېغىر كۈن چۇشۇپ،نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي قالغان تالىپنىڭ بۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن شاكىر ئۆيىگە باشلاپ كەلدى.ئۇنى ھويلىدا ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ،ئۆزى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.دالان ئۆيدە تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان دادىسى بىلەن ئانىسىغا كۆرەڭلىك بىلەن:
_ قوتان ئوڭشاخسىز قالىدىغان بولدى دەپ بېشىمنى بەك ئاغرىتقانتىڭلار، مانا ھويلىغا قورسىقىنى ئاچ قويمىساقلا بىكارغا ئىشلەپ بېرىدىغان ئىشلەمچى مۇساپىردىن بىرنى باشلاپ كەلدىم.ئەمدى ئېغىر ئىشلارنى قىلدۇرۇپ تۈگىتىۋالساق بولمىدىمۇ._ دىدى.
_ ئوبدان ئىش بوپتۇ،قېنى،قېنى..._ دىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى ئۇنىڭ دادىسى.
_ ئۆزۈڭنى بېسىۋال، ۋايۋايلاپ خورىگىنى ئۆستۈرۈپ قويمىغىن يەنە،ئۆزۈمگە قويۇپ بەر ئۇنى._ دىدى شاكىر دادىسىغا قوپاللىق قىلىپ. شاكىرنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا ئانىسىمۇ:
_ شاكىرجان توغرا دەيدۇ دادىسى،ئەپلەپ-سەپلەپ ئىشلارنى تۈگىتىۋالايلى._ دىگىنىچە سۇپىدىن پەگاغا چۈشتى.
    شۇنداق قىلىپ تالىپ بۇ ئائىلىدە سالقىن مۇئامىلە بىلەن قارشى ئېلىندى. پەقەت بۇ ئائىلىنىڭ ئىككى ئەردىن چىقىپ،بىر ئائىلىنى بۇزغان ئوتتۇز ياش چامىسىدىكى ئەخلاقسىز قىزىلا غىلجىڭلاپ ھىجىيىپ قويدى.بىراق تالىپقا بۇلارنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولىشى بەرىبىر ئىدى.كاللىسىدا ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن باشقا خىيال قالمىغان ئىدى.
_ ئالدى بىلەن مانا بۇ قوتاننىڭ تاملىرىنى ئىگىزلەپ،ئاندىن پۇختىلاپ ياپىسەن._ دىدى شاكىر ئۆزى يالغۇز باشلاپ بېرىپ،_ ھازىر كەچ بولاي دىدى،ئەتە سەھەر تۇرۇپ ئىشنى باشلىساڭ بولىدۇ.
_ ئىش ھەققىنى سۆزلىشىۋالمامدۇق؟_ دىدى تالىپ تەستە ئېغىز ئېچىپ.
_ ئارتۇق سۆزلىمەي ئىشىڭنى باشلاۋەرمەمسەن،ئىش تۈگىگەندە ئوبدان رازى قىلىپ يولغا سالساق بولمىدىمۇ؟\
_ كېيىن مۇشۇ گەپتىن يېنىۋالىدىغان ئىش بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟
_ قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىپ بېرەيمۇ يا؟_ دىدى شاكىر تەلەتىنى بىر قىسما قىلىپ.
_ بولدى،بولدى ئىشەندىم.قەسەمنىڭ گېپىنى قىلماڭ،يامان بولىدۇ.
    تالىپ قەسەمدىن قورقمايدىغان،ئىمانى سۇس بۇ كۆڭلى قارا ئىنسانغا ئىشىنىپ قالدى بولغاي،چايخانىغا يانداپ سېلىنغان بوش ئۆيگە كىرىپ،بىر تەكى بىلەن كونا يوتقان-كۆرپە تاشلاپ تەييارلاپ بەرگەن كارۋاتقا  ئۆزىنى تاشلىدى.
    ئىككى ۋاخ قارا چاي بىلەن قاتتىق نان،بىر ۋاخ غورىگۈل تاماق بىلەن ئىشنىڭ ئېغىرىنى قىلىۋاتقان تالىپقا  ھېلىقى شاللاق قىزىنىڭ ئانچە-مۇنچە سوغۇق سۇ ئەكىلىپ بەرگىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئىچ ئاغرىتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى.كەچكۈزنىڭ سوغىقىدا لاي ئېتىپ تام ئۈستىگە تۆكۈش،كېسەكنى تارتىپ چىقىرىپ تامغا قويۇش،ئېغىر ياغاچلارنى تام ئۈستىگە تارتىپ چىقىرىش...مانا مۇشۇنداق جاننى قاخشىتىدىغان ئېغىر ئەمگەك بىلەن بىر ھەپتىنى يالغۇز ئۆتكۈزۈش ئاسانمۇ\؟...ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى شاللاق قىزنىڭ نازلىنىپ ،كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىۋېلىشلىرىچۇ تېخى. بىر چاتاق تېرىلمىسۇن دەپ ئۆزىنى قاچۇرغانسىرى سۈركۈلۈپ يېقىنچىلىق قىلىشلىرىچۇ تېخى...
    دىمىسىمۇ تالىپ بۇ قورۇغا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇنىڭ بىر يەرلىرى قىمىلداشقا باشلىغان.بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا ياراشقان قاپ-قارا قاش كۆز،يىگىتلەرگە خاس چىچەنلىك ۋە ئىشچانلىق،بەستلىك قامەت ئۇنىڭ ئاسانلا تۇتىشىدىغان يۈرىكىگە ئوت يېقىپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى بىر ئىگە-چاقىسىز مۇساپىر چاغلاپ ئىندەككە كەلتۈرۈشنىمۇ ئاسان دەپ ئويلايتتى. شۇڭا ھەر قېتىم چاي،تاماق ئېلىپ كىرگەندە بېقىنداپ ئولتۇرىۋالاتتى.كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىۋېلىپ گەپ كوچىلايتتى.قەستەن كۆينىكىنى ئىگىزلەپ ئاپ-ئاق يوتىلىرىنى كۆرسىتىپ، ئىگىز كۆتۈرۈلۈپ تۈرغان  كۆكسىنى لىغىرلىتىپ تالىپنى جەلىپ قىلىۋېلىشقا تىرىشاتتى. بۇنداق كوزۇرلىرى ۋە ئەگىتمە سۆزلىرىنىڭ كار قىلمايۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولۇپ،بىر كۇنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا  ئېچىشقا تېگىشلىك بولمىغان يەرلىرىنى تېخىمۇ نامايىش قىلىپ،گەپنى ئوچۇق قىلماقچى بولۇپ كىردى. تەلىيىگە ھەر كۈنلىكى چۈشتە ئۆزى يالغۇز قېلىۋاتاتتى.
_ لايىقىڭىز يوقتۇ؟_ سورىدى ئۇ ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىۋاتقان تالىپقا ئەركىلەپ تۇرۇپ.
_ يوق.
_ بۇ يەردە مۇساپىرچىلىقتا  قىينالغىچە ئۆيىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قېلىڭ،بولامدۇ؟
_ بولمايدۇ
_ نىمىشقا بولمىغىدەك، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم._ ئۇنىڭ مەقسىدى مانا مۇشۇ سوزنى ئوچۇق دىيىش ئىدى.دىدىيۇ خىجىلچان قىزلارنى دوراپ يەرگە قارىۋالدى.
_ مەن تېخى بۇ ئىشلارنى ئويلاشمىدىم.
    تالىپ بىكارلانغان قاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا  جاققىدە قويۇپ، ئشىغا چىقىپ كەتتى. ئۇ خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بىر ھازا لاسسىدە بولۇپ، پەرىشان ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالدى. يەنىلا ئۆز كۆڭلىگە ئۆزى تەسەللى بېرىپ: « ئېرىمەيدىغان تاش ئەمەسقۇ بۇ، تۈنۈگۈن ئۆزىنى بېسىۋالالماي قۇچۇقۇمغا ئۆزىنى ئاتقانغا تاس قالغانلىقىنى مېنى سەزمىدى دەمدىكىنە،نەدە بەز يىمەيدىغان مۈشۈك بولسۇن\؟خەپ، ئۆزۈمگە سېنى يېشىلەلمەيدىغان قىلىپ باغلىمايدىغان بولسام...»دىگەنلەرنى  ئويلىدى.
    بۈگۈن نامازشامگىچە ئىشلىگەن تالىپقا ھارغىنلىق خېلىلا يەتكەن بولۇپ، ئۆيگە كىرىپلا كارۋات ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. ئەتىلىككە يېرىم كۈنلۈك ئىشىنى تۈگەتسە ھېساپ-كىتاپ قىلىپ بۇ قورۇدىن خوشلىشىدىغانلىقىنى ئويلىسا ئۆزىنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى.ئىش ھەققىنى قانداق ئېلىشنى ئويلىسا  كۆڭلىدە يەنە دەككە-دۈككىچىلىك پەيدا بولاتتى. شاكىرنىڭ قەسەمنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئويلىسا  خاتىرجەم بولغاندەكمۇ قىلاتتى.
    تالىپ ئەشۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن ياتقاندا، ھېلىقى بېزەڭ قىز  دادىسى بىلەن ئاپىسىنى تاماققا چاقىرىغان چوڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سالدى-دە ئالدىراپ ئۆزىنى ياساشقا كىرىشتى. ئۇنىڭغا يەنە ئاخىرقى پۇرسەت يارىتىلغان ئىدى. كوپتا بىلەن يوپكىنىڭ ئەڭ نېپىز، ئەڭ قىسقىسىنى تاللاپ كىيىپ،كۆكسىنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىپ،ئاستا مېڭىپ تالىپنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا كەلدى.
_ ئۇخلاپ قالمىغانسىز تالىپ.
    بىزار قىلىۋاتقان بۇ ئاۋازنىڭ قۇلاق تۈۋىدىلا چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،چۆچۈپ كەتكەن تالىپ ئىتتىك بېشىنى  كۆتۈردى.
_ چۇچۇتۇپ قويدۇم،خاپا بولماڭ. مەن سىزنى قانداق تاماق يەيدىكىن دەپ ...
_ نىمە بولسا مەيلى،ھەي...بەك يېقىن ئولتىرىۋالدىڭىز،ئۆيدىكىلەر كۆرۈپ قالسا بەك سەت بولىدۇ
_ خاتىرجەم بولۇڭ،ئۆيدە ئككىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوق.سىز بېجىرىم ئوغۇلمۇ يا كېسىلىڭىز بارمۇ؟
_ كېسىلىمغۇ يوق،بىراق چاتاق چىقىدۇ دەيمەن
_ ئەمىسە نىمىدىن قورقاتتىڭىز،خۇدايىم ئىككىمىزنىڭ تەقدىرىنى بىر قىلىدىغان ئوخشايدۇ، قاراڭ ھودۇقۇپ كەتكىنىڭىزنى_ ئۇ شەھۋەت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرۇپ، ئىڭرىغاندەك شىرىن سۆزلەرنى قىلىپ، تالىپنىڭ ئازدۇغۇچى شايتانلىرىنى قۇترىتىپ،بىردەملىك غەپلەتكە تاشلىدى-دە ئۇنىڭغا يۆگىمەچتەك چىرمىشىشقا باشلىدى.تالىپ يەنە ئېسىنى يىغىپ، ئۇنى ئىتتىرىپ ئاجرىتالمايۋاتقاندا بۇقا ھۆكىرىگەندەك قېشىدىلا ئاڭلانغان قوپال ئاۋاز  ھەر ئىككىسىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى.
_  ھۇ، نومۇسسىزلار...
    بۇ شاكىرنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئەسلى ئۇ ھەر كۈنى بۇنداق بالدۇر قايتىپ كەلمەيتتى. يوشۇرۇپ قويغان مۇھىم بىر نەرسىسى جىددى كېرەك بولۇپ ئالدىراپ كېلىپ، دەل بۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىدى.
_ ئەجەپمۇ دەل ۋاقتىدا كەلدىڭا،يۇۋاش،يۇۋاش دەۋاتقانتىڭلار تاس قالدىغۇ مانا ھۈ...ھۈ...
    بۇنداق داپشاقلاردا يۈز نىمە قىلسۇن\؟ قىلغۇلۇقنى ئۆزى قىلىپ، ئېغىر قىلمىشنى بىر ئاق كۆڭۈل ئىنسانغا ئارتىپ قويۇپ،يالغان يىغىسىنى يىغلىغىنىچە، ساراي ئۆيىگە كىرىپ دۈم يېتىۋالدى.بىراق شاكىرمۇ  يۈزىنى تۆكىۋاتقان بۇ شاللاق قېرىندىشىغا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمىدى. شۇنداقتىمۇ ئىش تۈگىگەندە تالىپنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئەپلىك پۇرسىتى يارىتىلغانلىقىدىن خوشال بولغان ئىدى.
_ مەن ھېچ ئىش قىلمىدىم،مەندە گۇناھ يوق. ..
_ ئەمىسە گۇناھ مەندىۆەندە، يۈرىكىڭ ئەجەپ يوغانكىنا سېنىڭ،مېنى بوش چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن قەلەندە
_ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،ئۇ ئۆزى قېشىمغا كىرىپ...
_ تېخى گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ ئۆزۈڭنى ئاقلىماقچىمۇ؟ مانا ئەمىسە\
  شاكىر بۇلۇڭدغا يۆلەپ قويغان گۈرجەك سېپىنى قولىغا ئالدى-دە تالىپنى ئۇرۇشقا باشلىدى.
_ ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتىسەن،قولۇڭنى تارت\..._ تالىپ تاياق زەربىگە چىدىماي ۋاقىراپ ئۇياق-بۇياققا قاچاتتى.ئەمما قول ياندۇرمىدى.
_بىلىپ قوي ،سېنى باسقۇنچىلىق قىلدى دىسەك ھېلى قولغا ئالىدۇ گۇي_ دەپ قوقاق سالغىنىچە ئۇرۇشنى توختاتماي قوغلايتتى شاكىر.
  ھايت-ھۇيت دىگىچە تالىپنىڭ باش-كۆزلىرى يېرىلىپ قانغا بويالغان ئىدى.بىر پۇتىمۇ تاياق زەربىدىن دەسسىيەلمەي قالدى.ئاخىرى يىقىلىپ-قوپۇپ،ئۆمىلەپ دىگىدەك دەرۋازىدىن سىرتقا ئاران چىقىۋالدى.ئۇ ئەللىك مېتىرچە يىراقلاپ ئارقىسىدا شاكىرنىڭ كەلمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ،يولنىڭ چېتىگە چىقىپ،بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرىۋالدى.ئەلەم ئۈستىگە كېلىۋاتقان ئەلەمگە چىدىماي ئىچ-ئىچىدىن بوقۇلداپ چىقىۋاتقان يىغىنى پەقەتلا بېسىۋالالمىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھالىغا كېچە ئاسمىنىدا  جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارلا ئېچىنىپ،تەسەللى بېرىۋاتاتتى.
_ نىمە بولدۇڭ بالىموي،بۇ كېچىدە نىمىگە يىغلاۋاتىسەن؟_ دىدى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مويسىپىت كىشى تالىپنىڭ يېنىغا كېلىپ._ ۋوي،ئۈستى-بېشىڭ قانغۇ؟ ساڭا زادى نىمە بولدى بالام؟
    تالىپ يىغىسىنى ئاران بېسىپ،ئېسەدىگەن ھالدا:
_ مۇساپىر بولغان گۇناھمۇ تاغا،ئادەمنى شۇنچىلا بوزەك قىلغان بارمۇ...
_ تۇر بالام،ئالدىمىزدىلا كىچىك بىر دوختۇرىانا بار،ئالدى بىلەن شۇ يەرگە بارايلى،قالغان گەپنى كېيىن قىلىشايلى.
_ بارمايمەن تاغا ،دوختۇرغا تۆلىگىدەك پۇلۇممۇ يوق،بولدى سىز كېتىۋىرىڭ.
_ تۇر دىدىم تۇر،سەندە بولمىسا مەندە بار،قېنىڭ ئېقىۋەرسە چاتاق.
    مويسىپىت كىشى تالىپنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، قولتىقىدىن يۆلىگىنىچە دوختۇرخانا تەرەپكە مېڭىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان يۇلتۇزلار تەسىرلەندى بولغاي، كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ ئۇلار كەتكەن تەرەپكە قارىشىپ قالغان ئىدى...
                                   (داۋامى بار)

                                      
[ 此贴被hitab在2008-09-29 10:50重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-28, 09:31
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-28 05:08 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
huma78
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 78 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

تۇنجى ئىنكاس يازغۇچى بوپتىمەن، قارىغاندا مۇنبەردە ئىسىل ئەسەردىن يەنە بىرسى پۈتىدىغان ئوخشايدۇ، قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن، ئاخىرىغا تەشنامىز.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-28 06:16 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
hoxqakqak
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 19426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1197
شۆھرەت: 1092 نۇمۇر
پۇل: 3275 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 5 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

1-،2-سى ياخشى چىقىپتۇ،داۋامىنى يۇللاڭ بىراقلا باھا بىرەيلى.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
?????????
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-28 06:18 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
zibaay
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
پۇل: 317 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 529(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

داۋامى ؟؟؟؟؟؟داۋامى ؟؟؟؟؟
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-28 06:25 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
rayhon
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30957
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 130 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-08

 

بەك ياخشىكەن !
ئاخىرىنى تېزراق.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-28 10:20 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

            3
  يىتىمنىڭ ئىگىسى خۇدا دىگەندەك،بىر ھەپتىلىك يىلىكتىن سۇ ئىچكەن جىسمانى ئەمگەكنىڭ بەدىلىگە ئېغىر تاياق يەپ، يەتكىچە خورلۇق تارتىۋالغان تالىپ،كوچىغا قوغلۇنۇپ چىدىغۇسىز ئەلەم-ھەسرەتتە قالغان شۇ كېچىدە خۇددى خىزىرغا يولۇققاندەكلا بىر مېھرىبان باشپاناھنىڭ مېھىر -شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.ئۇ مۇشۇ چىنىباغدىكى بىر ساخاۋەتچى دىخان بولۇپ،ھەممە ھۆرمەت قىلىدىغان يۇرت چوڭلىرىنىڭ بىرى ئىدى.مەيلى قەيەردە بولسۇن يىتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ،قولىدىن كېلىشىچە ياردىمىنى ئايىمايتتى.شۇڭا يۈسۈپ چوڭام دەپ ھۆرمەتلىنەتتى.
    شۇ كېچىدە  تالىپنىڭ باش-كۆزلىرىدىكى قانلارنى پاكىز تازلىتىپ،يېنىك زەخمە بولسىمۇ كىچىك يېرىلغان ئىككى يەرنى دورىلاپ تاڭدۇرۇپ،كېرەكلىك دورا-ئوكۇللارنىمۇ سېتىۋېلىپ،ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن ئىدى.تالىپ شۇ كۈنى ئايۋان ئىشىكىدىن كىرىپلا ئۆزىگە تەئەججۇپلىنىپ قاراپ قالغان تونۇش بىر چىرايغا قاراپلا داڭ قېتىپلا قالدى.ھودۇققىنىدىنمۇ ياكى ھايرانلىقىدىنمۇ تۈزۈك سالاممۇ قىلالماي تىلى كالۋالاشقاندەك بولۇپ:
_ سىز..._ دىگىنىچە كۆزىگە قارىدى.
_ ۋۇي،سىزكەنسىزغۇ؟ نىمە بولدىڭىز؟ _ دىدى ئۇمۇ تالىپنى تونۇپ.
_ قىزىم مېھرىبان،ئىككىڭلار تونىشىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەيران بولغان يۈسۈپ چوڭام ھەر ئىككەيلەنگە مەنىلىك قاراپ.
_ دادا،مەن سىزگە ئېيتقانغۇ، بىر ھەپتە ئىلگىرى دۇككىنىمىزغا كىرگەن ھېلىقى...
_ شۇنداق تاغا،_ دىدى تالىپ قىزنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى تۈگىتىشىگە تاقەت قىلالمىغاندەك،تىترەپ تۇرغان ئاۋازى بىلەن _ ئۇ كۈنى ئاچ قۇرساق تېنەپ يۈرگىنىمدە مانا مۇشۇ ئوڭلۇق قىزىڭىز،دۇككىنىڭىز بېشىمنى سىلىغان.مانا بۈگۈنكىدەك ھالىم تېخىمۇ بەتتەر بولغاندىمۇ سىز، ئىللىق ئويىڭىز باشپاناھ بولىۋاتىدۇ،شۇ تاپتا سىلەرگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن ئوبدان تاغا\...
    تالىپتىكى رازىمەنلىك ھېسسىيات بىلەن خىجالەتچىلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ھەسسىلەپ كۈچىيىپ،ئۆزىنى پەقەتلا بېسىۋالالمىدى.كۆزلىرىدە لىغىلداپ تۇرغان ھاياجان يېشى،تېخى بىر سائەت ئىلگىرىكى ئازاپ ياشلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىگەن ئىدى.
_ بولدى كۆڭلۈڭنى بۇزما ئوغلۇم. _ دىدى يۈسۈپ چوڭام ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.ئاندىن قىزى مېھرىبانغا قاراپ_ ھېلىقى شاكىر دىگەن نائەھلى شۇنچە ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى بەرمەكتە-يوق ئۇرۇپ قوغلاپ چىقىرىپ بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىنى كۆرمەمسەن قىزىم._ دەپ خۇرسىنىپ قويدى.
_ مەن ئەتىسى شاكىر ئۆيىدە ئىشلىتىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، مۇشۇنداق بولىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم،ئاتا-ئانىسىنىڭ قانچىلىكى بار،ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغانلار...
_ بولدى قىزىم،قالغان گەپ بولسا ئەتىگىچە دىيىشەرمىز،ساراي ئۆيگە ئورۇن راسلىغىن.بۇ بالام ئارام ئېلىۋالسۇن.
_ ماقۇل دادا،بۇ ئۆيدە ئازراق ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار.
  مېھرىبان چەبدەسلىك بىلەن ساراي ئۆيگە كىرىپ كەتتى.يۈسۈپ چوڭام بىر ئىشنى ئەسكە ئالغاندەك ساراي ئۆي ئىشىكىدىن بېشىنى تىقىپ :
_ ئورۇننى راسلاپ قويۇپ،ئازراق شورپا سالغىن قىزىم _ دىدى.
_ مانا ھازىرلا دادا.
_ ئۇنچىلا ئاۋارە بولماڭلارچۇ تاغا،ھېلىمۇ مۇشۇ قىلىۋاتقىنىڭلار ئاز ئەمەس _ دىدى خىجالەتچىلىكتە ئاران ئولتۇرغان تالىپ،يۈسۈپ چوڭامنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.
_ ئارتۇق تەكەللۇپ قىلمىغىن ئوغلۇم،ھەرگىز قورىنىدىغان،تارتىنىدىغان ئىشنى قىلما.قارىسام ئۇ ناكەسلەر كەچلىك تامىقىڭنىمۇ بەرمىگەندەك قىلىدۇ.
    تالىپ ئارتۇقچە سۆزلەشنى خالىمىدى بولغاي،ئېغىر بىرنى تىنىۋېتىپ يەرگە قاراپ ئولتۇرغىنىچە بىر ھازا جىمىپ كەتتى.بىر جۇپ مامۇق ياستۇق،ئىككى قات كۆرپە بىلەن ئورۇن راسلاپ قويۇپ ساراي ئۆيدىن چىققان مېھرىبان ئۆزىگە چۆچىگەندەك بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان تالىپقا تەبەسسۈم بىلەن قاراپ:
_ بۇ ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىپ ياتقاچ تۇرۇڭ،مەن تاماق تەييارلاي._ دىدى.
_ رەھمەت.
  تالىپ مېھرىباننىڭ كۆزىگە تەلمۇرگەندەك قاراپ ئاران شۇ بىر ئېغىز سۆزنى قىلدى-دە ئۇلاپ دىمەكچى بولۇپ بوغىزىغا كېلىپ قالغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى يۇتىۋېتىپ، ساراي ئۆيگە كىرىپ كەتتى. چىرايلىق ئۆي جاھازلىرى ۋە ئوتقاشتەك گىلەملەر بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئازادە ئۆينىڭ تۆرىگە سېلىنغان قات-قات يۇمشاق كۆرپىدە پۇت-قولىنى ئۇزۇن سۇنۇپ يېتىۋالدى.
  مانا يۇمغاقسۈتنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان مەززىلىك شورپىمۇ تەييار بولدى.يۇمشاق ئورۇندا راھەتلىنىپ يېتىپ قوسىقىنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كۆزى ئۇيقىغا كەتكەن تالىپنىمۇ  بۇ مەززىلىك  پۇراققا  قوشۇلۇغان  مېھرىبان ئائىلىسىنىڭ مېھرىبانلىقى شىرە ئالدىغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. يۇمشاق پىشقان ئەركەك قوينىڭ گۆشىنى يەپ، چوڭ چىنىگە تولدۇرۇپ قۇيۇلغان شورپىسىغا سىڭىپ پىشقان ئاق ناننى چىلاپ يەپ-ئىچىپ تەرلىنىۋالغان تالىپنىڭ ھاردۇقى بىراقلا چىققاندەك بولۇپ،خۇددى ئۆزىنى قايتىدىن كۈچ-قۇۋەتكە تولغاندەك ھېس قىلدى.
_ قېنى ئىچىڭ، يەنە بىر چۈمۈچ قۇياي._ دەپ زورلايتتى مېھرىبان ئۇنىڭ ئىشتىھا بىلەن يەپ-ئىچىشلىرىگە تېخىمۇ مەدەتكار بولۇپ .ئازادىلىك ھېس قىلسۇن دىدىمىكىن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ ئاخىرلاشتۇردى_ قوساق ئېچىپتىكەنغۇ، تارتىنىپ قىز بالىدەك ناز قىلىسىز تېخى.
  مېھرىباننىڭ چاقچىقى خېلىلا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، ئىككى مەڭزىدىكى سۇس قىزىللىق ئۈستىگە قېنىق قىزىللىق تېپىپ، يۈزى ئوت ياققاندەك قىزىپ كەتتى.
_ بەك ئوخشاپتىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە قوسىقىممۇ تازا ئاچقان.شۇڭا خۇدۇمنى بىلمەي يەپ كېتىپتىمەن.سەت بولدى...
_ ئوغۇل بالا دىگەن تاماقنى ياخشى يەپ،ئىشنىمۇ ئوغۇلبالىدەك قىلىشى كېرەك،خىجىل بولماڭ،مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
_ مېھرىبان توغرا دەيدۇ ئوغلۇم،تاماقتىن تارتىنىپ ئولتۇرغان ئوغۇل بالا بىلەن مېنىڭمۇ خوشۇم يوق.قېنى راس تويغان بولساڭ داستىخانغا بىر دۇئا قىلىۋېتەيلى ئەمىسە._ دىدى يۈسۈپ چوڭام قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشكە تەرەددۇت قىلىپ.
    مېھرىبان دەرھال قاچا-قۇچىلارنى يىغىتۇرىۋەتتى. داستىخانغا دۇئا قىلىنىپ، تالىپ ئىچ-ئىچىدىن رازىمەنلىكىنى ئىپادىلەپ رەھمەت تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى.يۈسۈپ چوڭام بېشىدىكى يارىشىملىق بادام دوپپىسىنى ئېلىپ يېنىغا قويۇپ يىرىك قوللىرى بىلەن چېچى يېڭىدىن چۈشۈرۈلۇپ پارقىراپ تۇرغان بېشىنى ئاندىن ئاق ئارىلاپ كەتكەن چار كالتە ساقىلىنى سىلاپ قويدى. بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ تۇرغان توم قاشلىرى ئاستىدىكى سىنچى كۆزلىرىنى ئاستا تالىپقا ئاغدۇردى.
_ ئالدى بىلەن تائام،ئاندىن كالام دەپتىكەن ئوغلۇم،_ دەپ ۋەزمىن ئاھاڭىدا سۆزىنى باشلىدى يۈسۈپ چوڭام،_ بايا ئەھۋالىڭ ئوسال چاغدا ئۇنى-بۇنى سوراشنى راۋا كۆرمىگەن ئىدىم،مانا ئەمدى قارىسام خېلى ئەسلىڭگىمۇ  كېلىپ قالغاندەك تۇرىسەن.ئازراق ئەھۋاللىشىۋالساق بولامدۇ؟
_ بولىدۇ تاغا،بولمامدىغان.
_ قانداقلا بولمىسۇن ماڭا راس گېپىڭ كېرەك،يالغانچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام دىگەننى ئۆزۈڭمۇ بىلىدىغانسەن؟
_ قەسەم قىلىمەنكى تاغا سۆزلىرىمگە بىر ئېغىز يالغان سۆز قوشۇلۇپ قالسا ئىككى دۇنيالىق قارايۈز بولاي.
  يۈسۈپ چوڭام ئادەملەرگە باھا بېرىشتىكى سەزگۈرلىكى بىلەن ئۇنىڭ يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىغا  خېلىلا ئىشەنچ تۇرغۇزغان ئىدى.مېھرىباننى بىر پىيالىدىن ئۇسسۇلۇق سىنچاي دەملەپ كېلىشكە بۇيرۇپ قويۇپ،تالىپنى تېخىمۇ ئازادە ئولتۇرۇشقا  جىكىلەپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى.
_ ئۆيۈڭ قەيەردە ئىدى ئوغلۇم؟ئىسمى-زاتىڭ نىمە؟
_ ئۆيۈم قەشقەر بېھىشكېرەمدە،ئون ئىككى ياش چېغىمدا دادام ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئانام بىلەن ئون ئالتە ياشتىن ئاشقان بىرلا سىڭلىم بار.
_ ئۇ ئىككى ئاجىزەنى تاشلاپ قويۇپ نىمىشقا بۇ تەرەپلەردە قاڭقىپ يۈردۈڭ؟
_ بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەت بولمامدۇ تاغا؟
  تالىپ ئاخىرقى جاۋاپ سۆزىنى قىلىۋاتقاندا ئاۋازى بوغۇلۇپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى. بىر چەينەك چاينى دەملەپ كەلگەن مېھرىبانمۇ كۆڭلى بىر قىسما بولغان ھالدا دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
_ ئادەم يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، مەڭگۈلۈك قاراڭغۇ ئالەمگە سەپەر قىلغىچە نىمە قىسمەتلەرنى كۆرمەيدۇ دەيسەن ئوغلۇم،قېنى يېشىڭنى سۈرتىۋېتىپ سۆزلەپ بەرگىن،يەردەم قىلغىدەك يېرى بولسىلا مانا بىز بارغۇ،يۇرت جامائەت بارغۇ...
_ ماقۇل مەن سۆزلەي،ھەممىنى سۆزلەپ بېرەي...
    تالىپ ئۆزىگە ھېسداشلىق بىلەن قاراپ روبىرو ئولتۇرغان بۇ ئاق كۆڭۈل ،مېھرىبان ئاتا بالا ئىككەيلەننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ بىر قارىۋالدى-دە كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، بېشىغا كەلگەن ئازاپلىق قىسمەتنىڭ نەق جەريانىنى ئانا يۇرتىدىكى مۇھاببەت كەچۈرمىشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە باشلىدى...
  
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-28 11:02 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

  ئېزىز كىتاپخان، تالىپنىڭ شەپقەتچى ئاتا-بالا ئىككەيلەنگە سۆزلەپ بېرىۋاتقان قىسمەت بايانىغا  ئېھتىمال سىزمۇ قىزىقىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن.ئەمىسە يەنىلا قەلەمگە مۇراجەت قىلايلى.
                                          *        *              *      *                  *        *
  قەشقەرنىڭ بۇ چوڭ يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى ئانچە ئىگىز بولمىغان كۆيۈك،تاقىر تاغلار باغرىغا جايلاشقان كىچىك سۇ ئامبىرىنىڭ بىر چېتىگىچە تۇتىشىپ كەتكەن كۆجۈم مەھەللە، تالىپ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قەدىمى ماكانلارنىڭ بىرى ئىدى. كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئىگىز،نەقىشلىك پىشايۋنلىق كاتتا قورۇ-جايغا تام قوشنا بولغان پاكار ئاددىغىنە سېلىنغان كونا ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە ئۇ ئانىسى سارىخان بىلەن سىڭلىسى پاتىمەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،تۆت مولۇق باغ ھەم تېرىلغۇ يېرىگە ئىشلەپ ئائىلىنى قامداپ كېلىۋاتاتتى.ھەر كۇنى چۇشلۇك ۋە كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ،دادىسىدىن تەۋەرۈك قالغان دۇتتىرىنى قولىغا ئالاتتى-دە مۇڭلۇق قەشقەر خەلىق ناخشىلىرىدىن ئېيتىپ،ھاردۇقىنى چىقىرىۋالاتتى.ئەللىك ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئانىسى مۇڭلۇنۇپ قاراپ ئولتۇرسا؛چىرايلىق ئوماق سىڭلىسى پاتىمەم ئارىلاپ شوخلۇق بىلەن ئۇسۇل ئويناپ قوياتتى.كاتتا قورۇ-جايلىق تام قوشنىنىڭ ئون يەتتە ياشلاردىكى زىلۋا بويلۇق چىرايلىق قىزى ئايىمگۇل دائىم مۇشۇ پەيتنى تاللاپ،پاتىمەم بىلەن كۆرۈشۈشنى باھانە قىلىپ كىرىپ ئولتىرىۋالاتتى.ئۇنىڭ بۇ ئىشچان،خۇشئاۋاز،كېلىشكەن يىگىتنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىغا ئۇزاق بولغان ئىدى.تالىپمۇ مۇلايىم،ئەخلاقلىق،مەھەللىسىنىڭ بىر گۈلى دەپ بىلىدىغان بۇ قىزنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن بولسىمۇ ،بىراق ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىدىن قانداق كىرىشنى ئويلاپ، ئارىسالدى بولۇپ كېلىۋاتاتتى.شۇڭا ھەر قېتىم  بىر-بىرىگە مەنىلىق بېقىشقىنىدا يۈرەكلىرىدىكى ئوت ھەسسىلەپ كۈچىيەتتى. بولۇپمۇ ئايىمگۈل كۈندە بىر قېتىم كۆرۈپ ئوتىنى بېسىپ تۇرمىسا چىدىمايدىغان ھالەتكە كەلگەن ئىدى.
    بىر كۈنى سارىخان ئانىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ:
_ تالىپ ئاكامنىڭ تويىنى قاچان ئوينايمىز سارىخان ئانا؟_ دىدى ئەتەي گەپ كوچىلاپ.
_ ئۇنى، بۇنى سايە قىلساق ھېچ يېقىن كەلمەيۋاتىدىغۇ بۇ بالا،كۆڭلىدە زادى كىم باركىن قىزىم._ دىدى سارىخان ئانىمۇ جاۋابەن ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ._ ئەسلىغۇ سىز ئالتۇن قىزىمنى خويمۇ بالا قىلىۋالغىم بار ئىدى،بىراق...
_ شۇنداق قىلسىلا بولمامدۇ...
    ئايىمگۈل ئاغزىدىن بۇ سۆزنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى. يۈزى ئاناردەك قىزىرىپ،خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى.سارىخان ئانا ئۇياتچان بۇ مېھرى ئىسسىق قىزغا مەسلىكى كېلىپ، ئېڭىكىدىن تۇتۇپ ئەركىلىتىپ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدى-دە،قولىنى چىڭ تۇتۇپ :
_ بولمامدىغان قىزىم،بولمامدىغان.بىراق ئىگىز ئوقۇرغا بويىمىز يەتمەي قالىدۇ ئەمەسمۇ؟_ دىدى.
_ بۇ نىمە دىگەنلىرى؟
_ بولدى قىزىم،بۇنى كوچىلاپ سوراۋەرمىگىن.
    ئايىمگۈل كۆڭۈل سىرىنىڭ سارىخان ئانىغا ئازراق بولسىمۇ ئاشكارا بولغانلىقىدىن ئۆزىنى چوڭ بىر ئىشنى پۈتتىرىۋالغاندەك خوشال تۇتۇپ،ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.نىمىشقىدۇ ھويلا بېغىدىكى ئاخىرقى پىشىم ئەنجۈرنى ماراپ شاراقلاپ سايرىغان سېغىزخاننىڭ ئاۋازىمۇ بۇگۇن ئۇنىڭغا باشقىچە يېقىملىق سايرىغاندەك تۇيغۇ بەردى.
    كەچلىك تاماقنىڭ داستىخىنىغا دۇئا قىلىنىپ،سارىخان ئانا تالىپقا  ئايرىم سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.تالىپ بىرەر ئىش بولغانمۇ قانداق دىگەن گۇماننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ، تېڭىرقىغان ھالدا داستىخاننى يىغىۋاتقان پاتىمەمگە قاراپ قويدى.پاتىمەممۇ بىر ئىشنى سەزگەندەك سىرتقا ماڭدى.
_ بالام تالىپ،_ دەپ يۇمشاق ئاۋازدا سۆز باشلىدى سارىخان ئانا،_ ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن بۇ گەپنى ساڭا بىر قانچە قېتىم قىلساممۇ قۇلاقتا تۇتمايۋاتىسەن.مانا يىگىرمە توت ياشتىن ئاشتىڭ،سەن دەمەتلىكلەرنىڭ ھازىر بالىسى بولدى.قېرى بويتاق بولۇپ ئۆتكۈڭ بارمىدىيا؟ داداڭ رەھمىتىنىڭ روھىمۇ قورۇنۇپ قالىدىغان بولدى.
_ نىمە ئىشكىن دەپتىمەن،يەنە شۇ گەپمىدى ئانا._ دىدى تالىپ قولىدىكى دۇتتارنى ئاستا بۇلۇڭغا يۆلەپ قويۇپ،_ قېنى ئويلىشىپ بىر نەرسە دەرمىز.
_ بۈگۈن ئوچۇق گېپىڭنى قىلغىن بالام،كۆزلەپ قويغان يېرىڭ بارمىدىيا؟
_ يوق.
_يوق دەپ مۇشۇنداق ئۆتىۋەرسەڭ قانداق بولىدۇ؟ قارىسام ئايىمگۈلنىڭ ماڭا بالا بولغىسى باردەك قىلىدۇ.
_ بىراق بۇنىڭ ئايىغى چىقماسمىكىن،گەپنىڭ ئوچىقىنى قىلسام ئانا مېنىڭ كۆڭلۈممۇ ئايىمگۈلنى تارتىپ تۇرىدۇ شۇ. ئەممازە يوغانچى دادىسى،شۇ مۇشتۇمزور ئاكىلىرى...
_ گېپىڭنى مۇشۇنداق ئوچۇق قىلساڭ بولمىدىمۇ بالام،ئۇلارمۇ ئادەم بولغاندىكىن بالىنىڭ رايىغا باقا.قېنى ئۇرۇنۇپ كۆرمەمدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇزۇن يىللىق قوشنىلار تۇرساق.
_ قانداق بولاركىن ئانا.
_ مىكى-مىكى گېپىڭنى قوي،مەلىكوي بارغۇ بالام.
  ئانىنىڭ يۈرەكنى ئېرىتىدىغان ئىلتىجالىرى بىلەن ،تالىپ ئاخىرى تەۋەككۈلچىلىك قىلىش قارارىغا كەلدى.ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ مول داستىخان تەييارلىنىپ،ئايىمگۈلنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەر كىرگۈزۈلدى.ئەپسۇس ئەڭ سۆزمەن ئەلچىلەر بولسىمۇ راسا دەككىسىنى يەپ،بىر پىيالە سوغۇق سۇمۇ قۇيۇلماي دەرۋازىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.باشتا ئۆز كۆڭلىدىكى ئۆيدىن ئەلچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىدىن خوشال بولغان ئايىمگۈل،ئۆيىدىكىلەرنىڭ ويلىمىغان يەردىن قىلغان ئوساللىقىغا قاتتىق نارازى بولۇپ،تاماقمۇ يىمەي ئىككى كۈن ئۆيدە دۈم يېتىپ يىغلاپ ئاغرىپ قالدى.تالىپ چىۋىن يۇتىۋالغاندەك روھى چۈشۇپ جىمغۇرلىشىپ كەتتى.قاتتىق ئەلەم چەككەن سارىخان ئانىمۇ ئورۇن تۇتۇپ ئۈچ كۈن يېتىپ قالدى.خۇددى قايناۋاتقان قازانغا بىر چۈمۈچ سوغۇق سۇ قۇيىۋەتكەندەك بۇ ئائىلىدىكى خوشاللىق،ساز-ناخشا ئاۋازلىرى جىمىپلا كەتتى،
  باغلار سارغايغان ياپراقلار بىلەن ئالتۇن رەڭ ئېلىشقا باشلىغان كۈز پەسلىنىڭ بىر يەكشەنبىسى، تالىپ ئايىمگۈنىڭ قىسقىلا يېزىلغان بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرىۋالدى.خەت تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان ئىدى:
  « جېنىم تالىپ،ئاتا-ئانام،ئاكىلىرىمنىڭ ئۇنچىلا ئەسكىلىك قىلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن،ھازىر مېنى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.ئۆلۈشكە رازىمەنكى،باشقىلار بىلەن ھەرگىز توي قىلمايمەن.ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشىغا زادى ئامال يوقمىدۇ؟...مەن ئاجىزكەنمەن،ئامالسىز قالدىم...»
    تالىپ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ مىجىقلىغىنىچە لاسسىدە ئولتۇرۇپ،پەسكە ساڭگىلىغان قايغۇن بېشىنى ئىككى قولى ئارىسىغا ئېلىپ،نىمە قىلارىنى بىلمەي ئاچچىق خىيال ئىسكەنجىسىدە تىپىرلاشقا باشلىدى:« كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن بىچارە ئايىمگۈل،مېنى بىر ئەركەك بولغاندىن كېيىن ئامالىنى قىلار دەپ ئۈمۈتلىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.شۇ تاپتا مېنى نامرات،پەس كۆرگەن ئاتا-ئاناڭ،بىر-بىرىدىن مەنمەنچى قان چېچىپ تۇرىدىغان ئەشۇ ئاكىلىرىڭ ئالدىدا  ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلىكىمنى تونىتىپ سېنى بۈركۈتتەك يۇلۇپ ئېلىپ يىراق-يىراقلارغا ئېلىپ كەتكىممۇ بار... بىراق ئېغىر پاجىئىە  بۇرنۇمغا پۇراپلا تۇرىدۇ. كەچۈرگىن ئايىمگۈل،مەن يالغۇزلۇق قىلىۋاتىمەن،بەكمۇ ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن...»
  ئايىمگۈلگە مەجبۇر چاي ئىچۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ قاتتىق نەزەربەنت قىلىنىپ،دەرۋازا سىرتىغىمۇ چىقىرىلمىدى.بىر نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئىگە قىزنىڭ مۇھاببەت ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنىپ،قانىتى بوغۇچلانغان كەپتەرگە ئوخشاش قىسمەت ئازابىغا قويدى.
  تالىپ جۈمە نامىزىدىن قايتىپ، ئېتىزغا بېرىشقا پەقەتلا رايى بارماي ئايۋان ئۆيگە كىرىپ تورۇسقا تىكىلگىنىچە خىيال سۈرۈپ ياتاتتى. ھويلىدا سارىخان ئانىنىڭ :« قېنى سەن تالىپ،بارمۇ سەن تالىپ...» دەپ ۋاقىرىغان ئەنسىز ئاۋازى ئاڭلاندى.تالىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ بولغىچە ئىشىكمۇ ئېچىلدى.سارىخان ئانا ئۆڭ-سۆلى قالمىغان ھالەتتە ھەسىرىگىنىچە كىرىپ كەلدى.
_ نىمە بولدۇڭ ئانا ؟_ دىدى تالىپ دەرھال ئالدىغا كېلىپ ،_ نىمانچە تاتىرىپ كەتتىڭ؟
_ چا..چاتاق بولدى...ئا...ئايىمگۈل...
_ نىمە چاتاق بولدى ئانا؟
_ ئايىمگۈل سۇ ئامبىرىغا ئۆ..ئۆزىنى تاشلىۋاپتۇ.
_ نىمە؟_ تالىپنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ كەتتى._بۇ زادى قانداق گەپ؟
    شۇ ئەسنادا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكىلىۋاتقان پاتىمەن ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا  يۈگۈرۈپ كىرىپ تالىپقا ئېسىلدى.
_ نىمە بولدۇڭ خان؟_ دىدى تالىپ قۇچاقلاپ تۇرۇپ.
_ ئايىمگۈل ئۆلىۋاپتۇ،بەك قورقۇپ كەتتىم ئاكا.ئاكىلىرى سېنى ئۆلتىرىمىز دەپتۇمىش.
_ سەن ئەمدى جېنىڭنى ئېلىپ قاچقىن بالام،ھازىرلا ماڭ\_ دىدى ئانا ساراسىمىگە چۈشۈپ.
_ نىمىشقا قاچىمەن،مەندە نىمە گۇناھ
_ سېنى سەۋەپچى بولدى دىمەمدۇ ئەقىلسىز،بول چاپسان...
_ سىلەرنى تاشلاپ نەگە قاچقىدەكمەن،بېشىمغا كەلگەننى كۆرىمەن.
_ بورتالادىكى ھېلىقى نەۋرە ئاچاڭنىڭ ئۆيىگە بارغىن،تېز بول دەيمەن
_ ياق ئانا.
_ ئەگەر گېپىمنى ئاڭلاپ ھازىرلا ماڭمايدىغان بولساڭ مۇشۇ يەردىلا ئۆلۈپلا بېرىمەن ساڭا،ئاڭلىدىڭمۇ؟...
    ئانىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ نالىسى ھەمدە راسلا بۇرنىغا پۇراپ تۇرغان شۇملۇق ئاخىرى غىپپىدە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.
_ مانا بۇ ئۆيدە بارى بەش يۇز سوم پۇل،ئاۋۇ دۇتتارنىمۇ ئېلىۋال بېشىڭغا كۈن چۈشسە ئېلىشىغا سېتىپ ئىشلەت.بول بالام،قېنى باغنىڭ ئارقىسى بىلەنلا ماڭغىن.
_ خوش ئاكا \؟...
    كۆزى كەينىدە قېلىپ، يۈرىكى لەختە-لەختە بولغان تالىپ ،بۇ ئېغىر جۇدالىق دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ، باغنىڭ ئارقا ئىشىگىدىن ئاستا چىقتى-دە كۆزدىن غايىپ بولدى.
                          *    *            *  *                            *    *
    تالىپنىڭ بۇ ھەسرەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغان يۈسۈپ چوڭام بىلەن مېھرىبان خۇددى بۇ دەرتنى بىللە تارتىشقاندەك كۆڭۈللىرى ئېغىر مالال بولغان ھالدا  بىر ھازا  ئۈنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى.
_ ئېغىر كۈن بوپتۇ،راسلا ئېغىر كۈن بوپتۇ.بولدى،بۈگۈن ئارام ئېلىپ، ئەتە مۇڭدىشايلى_ يۈسۈپ چوڭام ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ شۇنداق دىدى-دە سىرتقا قاراپ ماڭدى.
_ ئەمدى كىرىپ يېتىۋېلىڭ،چارچاپ قالدىڭىز._ دىدى مېھرىبانمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قاراپ.
                                                    
                                                                          4
    ئوسۇرۇققا ئارپا نېنى باھانە بولۇپتۇ دىگەندەك، قىلمىشنىڭ ئاق-قارىسىنى سۈرۈشتە قىلمايلا ئېغىر ئەمگەكتىن ھالى قالمىغان تالىپنى كالتەكلەپ ئۇرۇپ،ئىش ھەققىنىڭ ئورنىغا  ئېغىر دەرت-ئەلەم بېرىپ ،دەرۋازىدىن قوغلاپ چىقارغان شاكىرنىڭ تەلۋىلىكى بېسىلماي،ئۇدۇل ئۆيگە كىردى-دە ھاياسىز ئاچىسىنى ئۇرۇپ،قوغلاشقا باشلىدى.
_ ساراڭ بولدۇڭمۇ ،مېنى نىمىشقا ئۇرىسەن ؟ ھۈ...ھۈ...
    تۇيۇقسىز زەربىدىن ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ،ئىنىسىنىڭ ھېلى ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلدەك يامان ئەلپازىدىن قورقۇپ يەل توپتەك چاچراپ تۇرۇپ كەتكەن بۇ قېلىن چوكان خۇددى مۈشۈكنىڭ ئالدىدا جاننى قۇتۇلدىرىدىغان بىر تۆشۈك ئىزدەپ  تىپىرلاپ ئۆزىنى ئۇياق-بۇياققا ئاتقىنىدەك ھازازۇللارچە يىغلاپ قېچىشقا باشلىدى.
_ ھۇ نومۇسنى بىلمەيدىغان رەسۋا،سەن ئېسىلمىغان ئەشۇ قوڭالتاق كەلگىندى قالدىمۇ ئەمدى.ھېلىمۇ يۈز كۆتۈرۈپ ياشىغۇسىز قىلىۋەتتىڭغۇ قانجىق\ بۇگۈن بىر يېرىڭنى سۇندىرىۋەتمەيدىغان بولسام...
  شاكىر ئەنە شۇنداق تىل -ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇپ،ئۇرۇپ قوغلىغىنىچە ھويلىغا چىقتى.يېقىندىن بېرى ئۇنى راسا بىر ئۇچۇقداپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن ئىدى.ئاچىسى بولغانلىقى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجىز بىر تۇققىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىراپ قول سالالمىغان ئىدى.بىر تۇققان ئاچىسى تۇرۇپ نىمىشقا بۇنداق غۇم ساقلىغاندۇ دەپ ھەيرانلىقتا قېلىشىڭىز مۇمكىن.تېخى بىر ھەپتە ئىلگىرى شەھەرنىڭ چېتىدىكى توقايلىق بويىدا  ئۇنى بىر كىچىك ماشىنا ئىچىدە كۆرۈپ قالغان ئىدى.
_ چىمەنمۇسەن، نىمە بولدۇڭ قىزىم،نىمىشقا بۇنچە يىغلايسەن؟
    ھويلىغا قېچىپ چىقىپ تەلىيىگە دەل شۇ چاغدا  چوڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەن دادىسى بىلەن ئانىسىنى كۆرگەن چىمەن يىغلىغان پېتى بېرىپ ئېسىلىۋالغاچقا.قورقۇپ كەتكەن ئانىسى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ جىددىلەشكەن ھالدا سەۋەبىنى سورىغان ئىدى.
_ ماۋۇ شاكىر دىگەن بالاڭنىڭ ساراڭلىقى تۇتۇپتۇ،بىكاردىن مېنى تىللاپ،ئۇرۇپ...ھۈ...ھۈ...
_ نىمە بولۇشتۇڭلار؟_ دىدى دادىسىمۇ يېنىغا كېلىپ.
    ئاچىسى چىمەننى قوغلاپ ئۆيدىن چىققان شاكىر پەيلىدىن يانماي دىۋەيلەپ كېلىپ:
_ ماۋۇ داپشاق قىزىڭنى چىڭ باشقۇرۇشساڭ باشقۇرۇش،بولمىسا مېنىڭ قولۇمدا ئۆلىدۇ بۇ. تېخى يېقىندىلا بۇلۇڭ-پۇچقاقتا لالمىلىقىنى كۆرۇپ گەپ قىلماي يۈرسەم بۇگۈن ھېلىقى كەلگىندىگە ئېسىلىۋاپتۇ.بۇ ئادەم بولامدۇ يا ئىشەك بولامدۇ. بۇ لالما قانجىق نومۇسنى بىلمىگەن بىلەن بىزگە يۈز كېرەكتۇ؟...
_ يالغان ئاپا،دادا، قارىسىغىلا سۆزلەۋاتىدۇ بۇ
_ قەسەم قىلدۇرامسەن نومۇسسىز،ئېيتە، مەن ھېلىقى كەلگىندىنى نىمىشقا ئۇرۇپ-قوغلاپ چىقىرىۋەتتىم؟ئۇنىڭ كۈندە بېقىنىدىن چىقماي غىلجىڭلاشلىرىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن...
_ بولدى،بولدى، سىرتتا خەققە ئويۇن قويماي ئۆيگە كىرىش._ دىدى دادىسى ۋاقىراپ.دادىنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئۆي ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، جىدەل ئانىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئارىغا چۈشىشى بىلەنلا ئاران بېسىقتى.شاكىرمۇ  ئىشىكنى قوپاللىق بىلەن جالاققىدە يېپىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ شۇ كېچىدە كوچىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوتقا كىر دەپ بۇيرۇق قىلسىمۇ يانمايدىغان ھىلە-مىكرى تولا تىلەك ئەينۇ بىلەن كوچا لالمىسى سايىم ئىسىملىك ئەڭ يېقىن ئىككى شايكا ئاغىنىسىنى تاپتى-دە ھاراق ئىچمەكچى بولۇشۇپ قاۋاق ئىزدەپ ماڭدى.
    يېرىم تۈندىن ئاشقىچە ھاراق ئىچكەن شاكىر ئويدىكىلىرىنىڭ ئويغىتىشلىرىغا پەرۋا قىلماي چۈشكە يېقىن ئاران ئويغۇنۇپ ئورنىدىن تۇرالىدى.كۆڭلى ھېلى قۇسىدىغاندەك ئېلىشىپ،بېشى زىڭىلداپ ئاغرىيتتى. كىيىملىرىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن كىيىپ،ئەتىگەنلىك ناشتىمۇ قىلماي ئانىسىنىڭ ۋاقىراشلىرىغىمۇ پەرۋاسىز ھالدا يەنە سىرتقا قاراپ ماڭدى. كېچە ئۇ شايكىلىرىدىن تالىپنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ، بۈگۈن مېھرىبان بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى.شۇڭا ئۇدۇل دۇككاننى نىشانلاپ كېلىپ،ئىچىدە مېھرىباندىن باشقا ئادەم  قالمىغان پەيىتتە ئىشىكتى قوپال ئېچىپ كىرىپ كەلدى.
_ ياخشىمۇسىز ئايال خوجايىن؟_ دىدى ئۇ بىمەنە چاقچاق بىلەن سالام قىلىپ تەكەللۇپسىزلا ياندىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ،_ ئاڭلىسام چاكاردىن بىرنى ياللىۋاپسىز،مۇبارەك بولسۇن.
_ نىمە دىمەكچىسىز؟_ دىدى ئۇنى كۆرۈپلا جۇدىنى ئۆرلىگەن مېھرىبان سوغۇق جاۋاپ قايتۇرۇپ.
_ چىرايلىقچە بېشىنى سىلاپ قوياي دىسەم ئاچامغا پوخۇرلۇق قىلىپ ئوبدان نېسىۋىسىنى يەپ ئۆيدىن قوغلانغانتى ئۇ بايقۇش،مانا ئەمدى يۈسۈپ چوڭامدەك شەپقەتچىگە ئۇچراپتۇ ئەمەسمۇ.
_ چىرايلىق ئاچىڭىز بىلەن بولغان ئىشنى، سىزنىڭ ئېشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىۋېلىپ ئېغىر نېسىۋىسىنى بېرىپ زادى نىمىشقا ئۇرۇپ قوغلىغانلىقىڭىزنى ئوبدانلا چۈشەندىم.بولدى بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغىم يوق.
_ پاھ،پاھ، سىلەرنى ئېرىتىۋالغان ئوخشىمامدۇ ئۇ قەلەندەر،ئىچ كۈيئوغۇل بولۇپ قالمىسۇن يەنە.
_ بولسا قانداق قىلاتتىڭىز،كارىڭىز نىمە سىزنىڭ؟_ دىدى ئاچچىقىنى باسالماي قالغان مېھرىبان ئەتەي بۇ بىزەڭنىڭ تېتىقسىز سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ،_ ھەر ھالدا سىزدىن ياخشى يىگىتكەن ئۇ.
_ ئوھۇي، بىر كېچىدىلا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ سىلەرگە،ئەپسۇن ئوقىۋەتمىگەندۇ ئۇ قەشقەرلىق؟
_ سودىڭىز بولمىسا ئارتۇق بىلجىرلىماي دۇككاندىن چىقىڭ.
_ بولمىساڭ ئىللىق چىراي،ئاچمىغىن دۇككان-ساراي دىگەن گەپنى بىلمەيدىغان ئوخشىمامسىز، خېرىدار دىگەننى كۈلۈپ تۇرۇ پ قارشى ئالىسىز جۇمۇ قىزچاق.
_ بۈگۈن سىز مەن كۈلۈپ قارايدىغان خېرىدار ئەمەس،چىقىپ كېتىڭ.
  بېزىرىپ تۇرغان بۇ رودىپاي ئىنسانغا  پورۇختەك قايناپ قوزغىلىۋاتقان بىزارلىق تۇيغىسى بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى تىكەنلەشتۈرۈپ تىترەك ئولاشتۇرىۋاتقان غەزەپ-ئۆچمەنلىكىنى ئاران بېسىپ تۇرغان مېھرىبان باشقا خېرىدارلارنىڭ كىرىشىنى كۈتكەندەك ئىشىككە پات-پات قاراپ قوياتتى.شاكىر پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ ئولتىرىۋېلىپ ئۇنى تېخىمۇ بىزار بولسۇن دىگەندەك كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ سۆزلەيتتى.ئىككى ئوقۇغۇچى بىلەن بىر بالا كۆتىرىۋالغان ئايال سودىسىنى قىلىپ چىقىپ كېتىشتى.
_ قېنى،سودىڭىز بولسا قىلىپ،سىزمۇ ئاستا چىقمامسىز_ دىدى مېھرىبان يەنە ئۆزىنى تەمكىن تۇتقان ھالدا.
_ ئاخشام جىق ئىچىۋاپتىمەن،بېشىم ئاغرىپ تازا يېشىلەلمەيۋاتىمەن.بىر بوتۇلكا پىۋا بېرىڭ._ دىدى ئۇ ئون يۈەن پۇلنى تاشلاپ،_ ئېشىپ قالغان پۇل سىزگە كۆڭلۈم بولسۇن، سېغىز چايناڭ.
_ سېغىزنى ئېلىپ بېرىدىغان ئادىمىڭىزگە ئېلىپ بېرىڭ،مەن قوبۇل قىلالمايمەن.
_ ئېلىپ بېرىدىغان ئادىمىم سىز،بىلىپ قويۇڭ. ئۆلسەممۇ سىزدىن باشقىسى بىلەن توي قىلمايمەن.
_ جۆيلىمەڭ،پىۋىنى ئېلىپ كېتىپ سىرتتا ئىچسىڭىز ساتىمەن،دۇككاندا ئىچىشكە بولمايدۇ.
_ ئۆرە تۇرۇپ بىرلا كۆتۈرۈپ تۈگىتىۋەتسەمچۇ؟
_ بولمايدۇ،ئەمىسە باشقا يەردىن ئېلىپ ئىچىڭ.
  شاكىر ئولتۇرۇپ مەخسۇس سوغۇق ئىچىملىك ئىچىدىغان ئايرىم ئۆيى بار دۇككان  مەھەللىسىدە بولسىمۇ  داۋاملىق مۇشۇ دۇككانغا كېلىۋېلىپ مېھرىباننى ئاۋارە قىلاتتى.مانا مۇھاببەت تەلىپىنى قويۇپ كەينىدىن يۈرىۋاتقانغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ئىدى.سورۇنلاردا « كىم  مېھرىبانغا قانات سۆرەيدىكەن ئۇنىڭ  قېنىنى ئىچىپ جەھەننەمگە يولغا سالىمەن » دەپ ئۇنىڭغا مەيلى بار يىگىتلەرنى توسۇپ كېلىۋاتاتتى. بىراق مېھرىباننىڭ بۇ مۇشتۇمزور  ئەمگەك بىلەن خوشى يوق ئەخلاقسىز ئىنسانغا كۈچلۈك نەپرىتى باركى ئەسلا مۇھاببەت ھېسسىياتى يوق ئىدى.شاكىر بىر مەزگىل يېلىنىپ باقتى.ھېچ ئۈنىمى بولمىغاچقا يېقىندىن بېرى بېسىم  قىلىشقا باشلىغان ئىدى
_ مۇشۇ يەردە ئىچكىنىم ئىچكەن.
    دەل شۇ پەيتتە دۇككانغا يۈسۈپ چوڭام كىرىپ قالدى. شاكىر ئۇنى كۆرۈپلا لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى-دە خۇددى يولۋاسقا ئۇچراپ قالغان تۈلكىدەك قۇيرىقىنى قىسىپ ئاستا چىقىپ كەتتى.
_ چىرايىڭ ئۆمسىلىغۇ قىزىم،ماۋۇ نائەھلى بوزەك قىلمىغاندۇ؟_دىدى يۈسۈپ چوڭام مېھرىباننىڭ چىرايىدىكى ئازراق ئۆزگۈرۈشكە قاراپ.
_ مەن بوزەك بولىدىغان كىچىك بالىمۇ دادا ،_ دىدى مېھرىبانمۇ ئۆزىدىكى جىددىلىكنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ دادىسىغا يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ،_ تالىپ ئۆيدە قالدىمۇ ؟
_ كېتەي دەپ ھويلىغا چىقىۋالغان،مەن ئۇنىماي تۇتۇپ قالدىم قىزىم،ھېلىقى نەۋرە ئاچىسىنىڭ ئىزدېرىكى بولمىسا ھازىر يا يۇرتىغا قايتالمىسا نەگە بارىدۇ ئۇ بىچارە. قارىسام خېلى دۇرۇس يىگىتتەك قىلىدۇ، بىرەر پاناھ تېپىۋالغىچە ھالىغا يېتىپ تۇرساق بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. قېنى سەن قانداق قارايسەنكىن؟
_ ياخشى ئويلاپسىز دادا،بىراق بىر ئويدە يېتىپ قوپساق تەسىرى قانداق بولار،بىئەپ بولماسمۇ؟
_ شۇڭا چىچەن قىزىم دەيمەن سېنى_ دەپ كۈلۈمسىرىگىنىچە كالتە ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى يۈسۈپ چوڭام،_ مېنى بۇ تەرىپىنى ئويلىمىدى دەمسەن قىزىم، مۇنداق بولسۇن،ماۋۇ دۇككاننىڭ يېنىدىكى ئۆي بوش تۇرمامدۇ،ئۇنىڭغا مۇشۇ ئۆينى تۈزەشتۈرۈپ بەرسەك ياتاق قىلىپ يېتىپ قوپسا، تامىقىنى ئۆيدە  يىسە، ئېغىر-يېنىك بەزى ئىشلىرىمىزغا ئانچە-مۇنچە قاراشسا سېنىڭمۇ يۈكۈڭ ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەمدىكىن دەيمىنا.
    دۇنيا مانا مۇشۇنداق ئىنسانلار بىلەن مېھرى-مۇھاببەتكە تولغان،ھايات مانا مۇشۇنداق ئادەملەر بىلەن گۈزەل ۋە سۆيۈملۈك.يۈسۈپ چوڭام تالىپنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ خۇددى ئازار يەپ قالغان ئادەمدەك كۆڭلى بىئارام بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ھېسداشلىقى قوزغالغان ئىدى.
_ بۇنى ئەجەپ ئويلىماپتىمىنا، يەنىلا دادام دانىشمەن جۇمۇ ._ دىدى مېھرىبان دادىسىنىڭ بۇ ئەتراپلىق، پۇختا ئورۇنلاشتۇرىشىدىن خوشال ھەم رازى بولۇپ،_ مۇشۇنداق ساۋاپلىق ئىشلىرىڭىز بىلەن چوقۇم جەننەتكە كىرىسىز دادا  _ دەپ سۆزىنىڭ ئاخىرىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ قوشۇپ قويدى.
_ قوشۇلغان بولساڭ ئەمىسە شۇنداق بولسۇن.
_ نىمىشقا قوشۇلمىغىدەكمەن دادا،مەن سىزنىڭ قىزىڭىز تۇرسام.
    كۆڭلى ياخشىلىق، ئادىمى خىسلەت بىلەن يورۇپ تۇرىدىغان مېھرىبان بۇ ئاتا-بالا  مانا مۇشۇنداق ھېچقانداق بىر ئۇرۇق تۇققانچىلىقى يوق يات بىر مۇساپىرنىڭ غېمىنى يەپ، «كۇن چۈشكەن » بېشىغا  « سايىۋەن » بولىۋاتاتتى...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-28 11:10 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

                                
                                                                                    5
  «بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىغىڭ شۇ» دىگەندەك تالىپنىڭمۇ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالماقتىن باشقا ئامالىمۇ يوق ئىدى.« ھالىمدىن شۇنچە ئوبدان خەۋەر ئېلىپ، ھەقىقى كۆڭلىدىن كۆيۈنۇپ بېشىمنى سىلاۋاتسا مۇشۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي نەگە باراتتىم.مانا يېتىپ-قوپىدىغان ئىسسىق ئۆينىمۇ سەرەمجانلاشتۇرۇپ بەردى.ئاش-تامىقىممۇ تەييار. بۇلارنىڭ ياخشىلىقىغا ئازراق بولسىمۇ جاۋاپ قايتۇرماي كەتسەممۇ بولماس...» دىگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ تورۇسقا  تىكىلىپ بىر نۇقتىغا قارىغان ھالدا ئايىغى چىقمايۋاتقان چىگىش خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇپ.ئۇنىڭ بىر ھەپتىگە يەتمەيلا  شاكىرنىڭ ناھەق تايىقى قالدۇرغان جاراھەتلەر سەللىمازا ساقىيىپ، مەڭزىلىرىگە قان يۈگۈرۈپ پارقىراپ ئوبدانلا  ئوڭشىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەمدى بۇ ئۆيدىكى بارلىق ئېغىر-يېنىك ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلىپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى_دە ياتاق ئۆيىنى قۇلۇپلاپ تاماققا ماڭدى.
    ئۇ ھەر قېتىم دەرۋازىدىن سالام بىلەن كىرىپ كەلگىنىدە قىزغىن ،ئىللىق مۇئامىلە بىلەن قارشى ئېلىنىپ خۇددى ئۆز ئۆيىدىكى مېھرى-مۇھاببەتكە مۇيەسسەر بولغاندەك كۆڭلى شۇنچە كۆتىرىلىپ قالاتتى. كۈندە ئۈچ ئادەم چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ غىزالىنىدىغان شىرەدە بۈگۈن بىر ئادەمنىڭ قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى،ئۇنىڭ سالام قىلسا  پەرۋامۇ  قىلماستىن قاراپلا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تالىپ ئازراق قورۇنغاندەك بولدى.
_ باشقىچە ئويلاپ قالمىغىن بالام، بۇ قىزىم بولىدۇ،مېھرىباننىڭ چوڭى.كىچىكىدىنلا مانا مۇشۇنداق ئەقلى كەمتۇك سۆزلىيەلمەيدۇ._ دىدى يۈسۈپ چوڭام تالىپنىڭ ئوڭايسىزلانغانلىقىنى دەرھال سېزىپ،_ قېنى ئازادە  ئولتىرىۋەرگىن.
_ شەھەردىكى كىچىك ئاپام ئون كۇننىڭ ئالدىدا ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتكەن،تېخى بايىلا  دادام  بىلەن بىللە چىقىپتۇ._ دەپ قوشۇپ قويدى مېھرىبان.
    تالىپ ئۆزىگە بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەستىن قاراپلا ئولتۇرغان پاكار بويلۇق بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندى بولغاي تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى.ئوخشىتىپ ئېتىلگەن لەغمەن يىيىلىپ بولۇپ، داستىخانغا  دۇئالار  قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالىپ كۆڭلىدىكى ئويلىغانلىرىنى دىۋالماقچى بولۇپ سۆز باشلىدى:
_ مېنىڭ ئازراق دەيدىغان سۆزلىرىم بار ئىدى.
_ ھە، يەنە كېتىمەن دەيدىغان گەپمۇ؟_ دەپ سوئال نەزىرىدە قارىدى ئورنىدىن تۇرۇشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقان يۈسۈپ چوڭام قايتىدىن ئورنىغا ئولتۇرۇپ.
_ ياق،كەتمەي دىدىم.
_ ئەمىسە نىمە گەپ، قېنى...
_ بۈگۈندىن باشلاپ ئۆينىڭ قاتتىق-قۇرۇق ئىشلىرىنى ئۆزۈم قىلاي، ئاڭلىسام سىزنىڭمۇ قان بېسىم كېسىلىڭىز باركەن، مېھرىبان دىگەن قىز بالا بەك ئېغىر ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ.
_ سەن ئۇنداق دەپ تۇرىۋالساڭ مەن نىمە دىيەلەيتتىم بالام. مەيلى دىگىنىڭدەك بولسۇن، كېيىن قايتارىڭدا تۈزۈك رازى قىلارمەن بولمىسا.
_ ياق،سىز ئەمەس مەن سىلەرنى رازى قىلمىسام بولمايدۇ.
_ بوپتۇ ۋاختى كەلگەندە كۆرەرمىز ئوغلۇم._ دەپ ساقىلىنى سىلاپ قويدى يۈسۈپ چوڭام ئادىتى بويىچە بېشىنى ئاستا لىڭشىتىپ تۇرۇپ.
_ ماقۇل بولۇپ مېنى بەك خوشال قىلدىڭىز،يەنە بىر گېپىم مەن دادا مېھرىگە قانماي چوڭ بولغان. ھازىر ئانامدىنمۇ ئايرىلىپ تۇرۇپتىمەن،بۇندىن كېيىن سىزنى دادا دەپ چاقىرغىم بار.مەن..._ تالىپ خۇددى بىرسى گېلىنى  بوغۇپ تۇرىۋالغاندەك سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي بېشىنى تۆۋەن قىلغىنىچە ئىچ-ئىچىدىن ۋولقاندەك پارتىلىماقچى بولغان كۆز-ياشلىق ھاياجىننى ئاران بېسىۋالغان ئىدى.
_ بولمامدىغان ئوغلۇم،داداڭ بولمىسا مەن داداڭنىق ئورنىدىكى دادىغۇ؟
    مانا شۇ كۇندىن باشلاپ تالىپ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ تا كەچ كىرگىچە خۇددى مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئەڭ ئىشچان بىر پەرزەنتىدەكلا بارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىلا چىقىشقا باشلىدى. يۈسۈپ چوڭامنى ھەتتا قالايدىغان ئوتۇن-كۆمۇرنى مەش ئالدىغا ئېلىپ كىرىدىغان كىچىك ئىشلارنىمۇ قىلغۇزمايتى. يېتىشەلمەي قالىدىغان مېھرىبان ئەمدى ئۆينىڭ تامىقىنى ئېتىپ،خاتىرجەم دۇككىنىنى ئاچىدىغان بولدى. ئون ئىككى مو يەردىكى پاختىنىڭ شادىسى پاكىز ئورۇلۇپ ھەپتە ئىچىدە يېڭىدىن تۈزەشتۈرۈلۈپ ياسالغان قوتان ئۈستىگە ھەممىدىن بۇرۇن بېسىلىپ بولدى. قوتان يېنىدىكى يەمخانىغا قىشىچە بېقىپ بوردىلىدىغان قوي،كالىلارنىڭ يەم-خەشەكلىرى تەييارلىنىپ تولۇق بېسىلدى. قىشىچە قالىنىدىغان كۆمۈرمۇ پاكىز توشۇلۇپ ئۆز ئورنىغا رەتلىك تىزىلىپ بېسىلدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن  ئىش ئالدىغا سېلىۋالىدىغان بۇ ئائىلە ئەمدىلىكتە ئىشنى ئالدىغا سېلىۋالغان ئىدى.
    تالىپنىڭ ئىشچانلىقىلا ئەمەس،ئىشنى ناھايىتى پۇختا قىلىدىغانلىقىغا؛ قۇلىقىنىڭ يۇمشاقلىقىغا بەك قايىل بولغان يۈسۈپ چوڭام مېھرىباننىڭ رايى بولسىلا بالا قىلىۋېلىش ئويىدىمۇ بولىۋاتاتتى. مېھرىباننىڭمۇ يېقىندىن بېرى ھەقىقى ئەركەكلەرگە خاس غەيرىتىگە،سەمىمىلىكىگە قايىللىقى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتاتتى.
_ تالىپ ئاكا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى قويۇپ ئەتە قىلىڭ،_ دىدى دەرۋازىدىن خوشال كەيپىياتتا كىرگەن مېھرىبان سىلوس بېسىلغان ئورەكنىڭ چالا ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان تالىپقا قاراپ.
_ باشقا ئىش بارمىدى؟_ دەپ كۈلۈمسىرەپ قارىدى تالىپمۇ شۇئان مېھرىبانغا بۇرۇلۇپ.
_ شۇنداق ھازىرلا ئۆيگە كىرىڭ.
_ ماقۇل،مانا ھازىرلا.
  تالىپ خۇددى بۇيرۇقنى بىجا كەلتۇرگۈچى ئەسكەردەك شۇھامان ئىشىنى توختىتىپ ئۆيگە كىردى.مېھرىبان ھېلى كۆتۈرۈپ كەلگەن سومكا ئىچىدىن بىر قۇر كىيىمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى:
_ باش-كۆزلىرىڭىزنى يۇيىۋېتىپ بۇ كىيىملەرنى كىيىڭ.
_ بۇ...بۇ...كىمنىڭ..._ دەپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى تالىپ.
_ سىزنىڭ،مەن سىزنى دەپ سېتىۋالغان.
_ بۇ بولماپتۇ،ئارتۇقچە چىقىم قىلىپ...
_ تۈزۈت قىلماي ئېلىڭە،ھېلىمۇ تۈزۈك بىر نەرسە قىلىپ بېرەلمىدۇق.
_ يەنە قانداق قىلساڭلار بولاتتى ئەمدى.
_ تېز بولۇڭ،بۈگۈن يېقىن بىر دوستۇم سىزنى مېھمانغا چاقىرىغان،يولدىشى تونىشىۋالساق دەپتۇ. دىگەن ۋاقتى توشۇپ قالدى.ساقلاپ قالمىسۇن.
_ تونىمايدىغان يەرگە مەن قانداقمۇ...
_ مەنمۇ بىللە بارمامدىمەن،ماۋۇ ئاچامنىمۇ ئېلىۋالىمىز.
    تالىپ باش-كۆزلىرىنى يۇيۇپ،ساقاللىرىنى پاكىز قىرىپ، يېڭى كىيىملەرنى كىيىۋىدى، قاملاشقان چىرايى،كېلىشكەن بوي-بەستى بىلەن گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك يارىشىپ، مېھرىباننىڭ قاپ-قارا ئەگىمە قاشلىرى ئاستىدىكى سۈزۈك بۇلاقتەك يوغان قارا كۆزلىرىگە سالاپەتلىك باشقا بىر يىگىتكە ئايلىنىپ قاغاندەك كۆرۈنۈپ،نازۇك قەلبىدە ئىپادىلەش قىيىن بولغان ئاجايىپ بىر سېزىم پەيدا بولغان ئىدى.
    ئۈچەيلەن مېھرىباننىڭ دوستى ئاينۇرنىڭ ھويلىسىدىلا قىزغىن قارشى ئېلىندى. چىرايلىق ئۆي جاھازلىرى،ئۆتقاشتەك گىلەم، كۆركەم پەردىلەر بىلەن  بېزىلىپ تۇرغان ياسىداق ساراي ئۆيدىكى قېلىن يىكەنداز  ئۈستىگە تەكلىپ قىلىندى تالىپ تۆرگە چىقىپ ئولتىرىۋېتىپ تامدا ئېسىقلىق تۇرغان نەقىشلىك دۇتارنى كۆرۇپلا بىر ھازا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى.
_ قارىغاندا مېھماننىڭ دۇتارغا ئىشقى بار ئوخشىمامدۇ؟_ دىدى ئاينۇرنىڭ يولدىشى سېلىم چاقچاق قىلىپ.
_ دۇتتارنى ياخشى كۆرىمەن شۇ،چىرايلىق دۇتتاركەن، شۇڭا ...
_ ھە، ھېچقىسى يوق،بىر ئازدىن كېيىن بىرە-ئىككى پەدە چېلىشارمىز.
_ مېھرىبان،قارىسام بۇ مېھمان چالىدىغاندەكلا  قىلىدۇ،چېلىپ بەرمىسە ئۆيدىن چىقارمايمىز جۇمۇ؟_ دەپ يولدىشى سېلىمنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا چاقچاق قىلدى چاي قۇيۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان ئاينۇرمۇ شۇئان.
_ بۈگۈن بىزمۇ چالىمىز،سىلەرمۇ چالىسىلەر،راسا مۇسابىقىلىشايلى ئەمىسە،_ دىدى مېھرىبان كۇلگەن ھالدا چاقچاققا چاقچاق قايتۇرۇپ.
    تالىپ تۈز كۆڭۈل،خۇشچاقچاق بۇ ئەر-ئايالدىن دىلى سۆيۈنۈپ،ئازادە ئولتۇرۇپ، خۇددى كونا تونۇشلاردەك قىزغىن پاراڭلاشتى.شۇ ئارىلىقتا سايىم دۇتتارنى ئېلىپ تالىپنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:
_ قېنى،قەشقەر ئاھاڭلىرىدىن بىرە-ئىككى پەدە ئاڭلايلى._ دەپ تۇرىۋالدى.
_ مەن تۈزۈك چالالمايمەن،ئالدى بىلەن سىزدىن كەلسۇن._دىدى تالىپمۇ قورۇنغاندەك بولۇپ. بىراق ھەممەيلەننىڭ زورلىشى بىلەن چېلىشقا مەجبۇر بولدى.ئۆزىنىڭمۇ دۇتتارنى كۆرۈپلا ئۆيىدىكى چاغلار يادىغا كېلىپ چېلىۋالغۇسىمۇ كەلگەن ئىدى._ ماقۇل ياخشى كۆڭلۈڭلار ئۈچۈن كەلسۇن-كەلمىسۇن چالاي.
                      ئۇچاڭدىكى چەكمەنمۇ،
                      دولاڭدىكى  كەتمەنمۇ.
                      ناخشا ئېيتسام قارايسەن، ھوي بالا
                      سەنمۇ مەندەك دەرتمەنمۇ.
                      .......
رېتىملىك چېلىنغان دۇتتارنىڭ مۇڭىغا ماسلىشىپ، يۈرەكنى جىغىلدىتىپ شۇنچە مۇڭلۇق ئوقىلىۋاتقان ناخشا ھەممىنى ئۆزىنىگە ئەسىر قىلىۋالدى.دۇتتارنى شۇنچە مۇڭلۇق چېلىپ،ناخشىنى بۇنچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان مېھرىبان ئاغزىنى ئېچىپلا قالغان ئىدى.ناخشا ئاياغلىشىپ چاۋاك بىر ھازاغىچە بېسىلمىدى.
_ ئۆيۈمدە بىر بۇلبۇل بار دەپ بالدۇراق دىسەڭ بولماسمىدى ئاداش._ دىدى ھاياجىنى ۋە ھەيرانلىقىنى باسالمىغان ئاينۇر مىھرىباننى نوقۇپ تۇرۇپ.
_ بۇگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلمىگەن بولساق مەنمۇ بىلمەي يۈرەركەنمەن ئاداش._ دەپ ئاينۇرغا كۈلۈپ قاراپ قويدى ھاياجىنىنى تەستە بېسىپ ئولتۇرغان مېھرىبانمۇ.
    بىر-بىرىدىن سەرخىل مۇڭلۇق قەشقەر خەلىق ناخشىلىرىغا قانماي، تالىپنى كۈچلۈك تەلەپ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ناخشىغا زورلايتتى.مانا ئەمدى مېھرىباننىڭ ئالدىدا تۈنۈگۈنكى مۇساپىر تالىپ ئەمەس،بىر تېپىلغۇسىز  گۆھەر تۇرغاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى.
    مېھماندارچىلىق بەكمۇ كۆڭۈللۈك بولدى.كەچ سائەت ئون بىر بولغاندا  قونۇپ قېلىشقا شۇنچە چىڭ تۇتقان بولسىمۇ ئۈچەيلەن خوشال-خورام ئۇزاپ دەرۋازىدىن چىقتى.ئۇلار قەلبىدىكى بېسىلمىغان ئوتلۇق سېزىمنىڭ تەسىرىدىنمىكىن قار يېغىشنىڭ ئالدىدىكى كېچە سوغىقىنىڭ چىمدىشلىرىنىمۇ سەزمىگەندەك بىر ھازا جىمجىت مېڭىشتى. ئارىدىكى جىملىقنى مېھرىباننىڭ يېقىملىق ئاۋازى بۇزدى:
_ ناخشىنى ئەجەپمۇ مۇڭلۇق ئوقۇيدىكەنسىز،ئايىمگۇل بىكارغا ئۆلىۋالماپتىكەن.
_ ئانچىلامۇ ئەمەس،بەك ماختىۋەتتىڭىز.
_ ماختىغۇچىلىكىڭىز باركەن ئەمەسمۇ؟ ھېلىمۇ ئايىمگۈلنى ئۇنتالمايۋاتقان ئوخشايسىز-ھە؟
_ ئىچىم بەك ئاغرىيدۇ ئۇنىڭغا، يۇۋاش ياخشى قىزتى،بىزنىڭغۇ مۇھاببەتلىشىپ يۈرگىنىمىز يوق،بىزنىڭ يۇرتلاردا ئۇنداق قىلىشمۇ يوق گەپ.
_ ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي،ئۆزىڭىزنى ئازاپلاۋەرمەڭ.
_ سىز بەك ياخشىكەنسىز،سىزدەك قىزلار راسلا ئاز ئۇچرايدۇ.
    ئۇلار پاراڭلىشىپ مېڭىپ،ئۆيگە كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قېلىشتى.تالىپ ئىككەيلەننى ھويلا  دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.ئۇ گەرچە مېھرىباننى ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ ،مۇشۇنداق بىر قىز بىلەن توي قىلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە مېھرىبان قول يەتمەيدىغان شاپتۇل ئىدى.

                                        ( داۋامى بار )
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-28 11:23 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
saodayi
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22560
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 175 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01

 

داۋامىنى تىزراق يوللىسىڭىز،ئىسىل ئەسەركەن.داۋامىغا تەشنامىز،
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 12:23 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kadimitax
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28279
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
پۇل: 359 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

 

ھەي....داۋامىنى تىزراق يوللىڭە تازا بەلەن يىرىگە كەلگەندە ئېلان باشلىۋەتتى دە،
پاي چىكى تورى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 09:32 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

                          ( داۋامى )
                                                                        6
    كۈزلۈك سەي-كۆكتات،قوناق شېخى ۋە پاختا شادىلىرى يىغىشتۇرۇلۇپ،قوي،كالىلارنىڭ يايلىقىغا ئايلانغان سالا-سالا ئېتىزلارنى شۈدىگەر قىلىۋاتقان تىراكتۇرلارنىڭ ئاۋازى مەھەللە جىملىقىنى بۇزاتتى.دەل-دەرەخلەر ئىللىق باھار پەسلى ياشارتىپ كىيىندۈرۈپ قويغان يېشىل تەڭگىلىك لىباسىدىن ئايرىلىپ، يالىڭاچلىنىپ بولغان ئىدى. ئەتىگەن چىقىپ قارىسىڭىز  ئەينەكتەك نېپىز مۇز تۇتقان ئېرىقلارنىڭ قىرلىرىدىكى ئاپ-ئاق ئۈششۈك قىرولىرى يېقىنلاپ قالغان قىشنىڭ بىشارىتىنى كۆرسىتەتتى.
    يۈسۈپ چوڭام ئۆيىگە تالىپنىڭ قەدىمى يېتىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە كۈزلۈكتىن پاكىز جىمىقىپ،ئۇنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قوتانغا بورداش ئۈچۈن ئاتمىش تۇياق قوينىمۇ سولاپ بولدى.تالىپ كۈندە قويلارنى ھەيدەپ چىقىپ ئېتىز-قىرلارنى ئايلاندۇرۇپ ئوتلۇتۇپ،سۇغۇرۇپ قايتۇرۇپ كېلىپ،يەم-خەشەكلىرىنى قەرەلىدە تۆكۈپ ئۆزىلا ھۆددىسىدىن چىقىۋاتاتتى.
_ مۇشۇنداق بىر ئوغلۇم بولغان بولسا قەۋەتلا ياخشى بولاركەن._ دىدى يۈسۈپ چوڭام دەرۋازىدىن قويلارنى سىرتقا ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن تالىپنىڭ ئارقىسىدىن رازىمەنلىك بىلەن قاراپ ئەتەي يېنىدىكى قىزى مېھرىبانغا  ئاڭلىتىپ تۇرۇپ. نىمىشقىدۇر ئۇ يېقىندىن بېرى ئۇنى مېھرىباننىڭ يېنىدىلا ماختاپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بولىۋالدى.بۇ چىچەن قىزمۇ دادىسىنىڭ كۆڭلىدە نىمە ئوي بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن سېزىپ بولغان ئىدى. ئۆزىمۇ تالىپنىڭ يارىشىملىق يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ باشقىچە بىر سالاپەتتە مېھماندارچىلىققا بىللە بارغان كۈندىن باشلاپ،بولۇپمۇ نازۇك قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋەتكەن مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ،مەپتۇن بولغاندىن بېرى تېنىچ كۆلگە خۇددى بىر چالما تۇيۇقسىز چۈشكەندەك قەلبىدە تىنىمسىز داۋالغۇش،تاتلىق سېزىم چۇلغاشقا باشلىغان ئىدى.
_ تالىپتەك ئوغلىڭىز بولسا مەندىن كېچەمتىڭىز دادا؟_ دىدى مېھرىبان دادىسىنىڭ بوينىغا ئەركىلىك بىلەن ئاستا ئېسىلىپ يالغان قېيداپ.
_ ئۇنداق ئەمەس شەيتان،_ دەپ مېھرىباننىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى يۈسۈپ چوڭام،_ سىز  دىگەن ئون ئوغۇلغىمۇ تەڭ قىلمايدىغان قىزىم تۇرسىڭىز.
_ رەھمەت دادا.
    مېھرىبان ئەركىلەپ تۇرۇپ دادىسىنى يېنىك بىر قۇچاقلاپ،ئىككى مەڭزىگە بىردىن سۆيىۋىتىپ،دەرۋازا ئالدىغا بېرىۋالغان ئاجىز ئاچىسىنى يېتەكلىگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى.« توۋا،كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ بولىدىكىنا\؟» دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىغىنىچە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى:« تەقدىر-قىسمەت دىگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ،ئارقىمدىن سايىدەك ئەگىشىپ سالجىدەك يېپىشىپ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى مېنى قوغلۇشۇپ كېلىۋاتقان شاكىرغا بىزارلىقتىن باشقا ھېچقانداق بىر تۇيغۇ پەيدا بولمىغان ئىدى.مانا ئەمدى مۇساپىركەن دەپ ھېسداشلىق قىلغان بىر يىگىتكە كۆڭۈل رىشتىمنىڭ باغلىنىپ،مۇشۇ يېشىمغىچە ئۇيقۇلۇق ياتقان مۇھاببىتىمنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنى قارىمامدىغان...»
    مېھرىبان سىرلىق خىيال قاينىمىغا چۆكۈپ قالغان مۇشۇ مىنۇتتا،ئوتلاپ ماڭغان قويلار ئارقىسىدىن ئاستا ئەگىشىپ ماڭغان تالىپمۇ شۇنچە يىراقتا قالغان ئانىسى بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىۋاتاتتى:« ھال-كۈنۈڭلار قانداقراقتۇر جېنىم
ئانا،بەلكىم ئايىمگۈلمۇ يەرلىكىدە يېتىپ،نەزىر-چىراق ئىشلىرىمۇ تۈگىگەندۇ، مەن سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم،دائىم سىلەرنى خىيال قىلىپ،كېچىچە چۈشەپ چىقىمەن. ھېلىقى مۇتىھەم قوشنىمىز  سىلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتامدىكىن دەپ بەك ئەندىشە قىلىمەن.خۇدايىم كۆرۈشكىچە ئامان قىلغاي. جېنىم ئانا،ئوماق سىڭلىم، مېنى نەۋرە ئاچامنىڭ ئۆيىدە دەپ ئويلايدىغانسىلەر،ئۆيدىن ئايرىلىپ بېشىمغا خېلى ئېغىر كۈنلەر چۈشكەن بولسىمۇ ھازىر ئۇرۇق-تۇققانلاردىن چارى بولغان بىر ئائىلە ماڭا باشپاناھ بولىۋاتىدۇ.بىلىپ قېلىڭلار ئانا،مەن بۇ يەردە خىزىر سۈپەت بىر مېھرىبان دادا  تېپىۋالدىم.ئۇنىڭ ئايىمگۇلدەك بەكمۇ ئوڭلۇق قىزى بار ئىكەن. مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن ئانا. خۇدا نېسىپ قىلسا مۇشۇنداق بىر پەرىشتىدەك بىر قىزنى سىزگە كېلىن قىلىپ بەرسەم مەندە يەنە نىمە ئارمان قالاتتى-ھە...
ھەممە بۇ يەردىكى دادامنى يۈسۈپ چوڭام دەپ بەكمۇ ھۆرمەتلىشىدۇ، ئۆزى بەكمۇ قولى كەڭ ئادەم. مۇشۇ  قىشنى ئۆتكۈزۈپ سىلەرنى ياندۇرۇپ چىقىشىمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ.يەر،ئۆي-ماكانلىق قىلىپ قويىمەن دەۋاتىدۇ تېخى.بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزۈپ پات ئارىدا سىلەرنىمۇ خاتىرجەم قىلىمەن،ئۆغلىڭىز ۋاپاسىز ئەمەس ئانا...ئاكىڭىز ۋىژدانسىز ئەمەس ئوماق سىڭلىم...»
    تاراققىدە ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن مېھرىباننىڭ خىيالى ئۈزۈلگەندەك، ئەتراپتا  تاپ پۇراپ يۈرگەن بىر لالما ئىتتىن ھۈركۈپ گۈررىدە قاچقان قويلار تالىپنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ چۇچىتىۋەتتى.ئۇ دەرھال ئىتنى چالما ئېتىپ يىراق قوغلىۋېتىپ،قويلارنى يىغىپ ئاستا ئۆي تەرەپكە ھەيدىدى.
    تالىپ خىيال بىلەن تاڭغا يېقىن ئۇخلاپ قالغاچقىمىكىن،بۇگۇن ئورنىدىن ۋاقچىراق تۇردى.ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا چىقاي دەپ تۇرغاندا ئىشىك چېكىلىپ قالدى.ئۇ دەرھال سۇپىدىن چۈشۈپ ساپما كەشنى كىيىپ بېرى ئىشىكنى ئېچىۋىدى ئالدىدا  كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مېھرىباننى كۆرۇپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى.
_ ئەتىگەنلىك چايغا ساقلىساق ھېچ كەلمەيسىز،شۇڭا ئەنسىرەپ كېلىشىم._دىدى مېھرىبان.
_ ئۇخلاپ قاپتىمەن،سەت بولدى.
_ ھېچ ۋەقەسى يوق،قېنى ئايىقىڭىزنى كىيىڭ،ماڭايلى.
_ ماقۇل،مانا ھازىرلا.
_ ھە راس،ماۋۇ خەتنى دوستۇم ئاينۇرنىڭ يولدىشى سىزگە بېرىپ قويىشىمنى تاپىلاپ ھېلى بەرگەن ئىدى.
  تالىپ كىيىۋاتقان بىر پاي ئايىقىنى قويۇپ دەرھال خەتكە قول ئۇزاتتى.مېھرىبان خەتنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى-دە شوخلۇق بىلەن:
_ بۈگۈن تۇنجى قار يېغىپتۇ،قارلىق بېسىۋالمىسۇن تالىپ.ھويلىدىن يولغا چىقىۋاغىچە مېنى تۇتالمىسىڭىز سىز يېڭىلىپ قالىسىز جۇمۇ؟_ دەپلا بۇرۇلۇپلا قاچتى.تالىپ ئايىقىنى تېزلا كىيىپ ھويلىغا چىققاندا مېھرىبان يولغا چىقىپ بولغان ئىدى.ئۇ ئەتراپنى قاپلىغان سۈتتەك ئاپ-ئاق قار مەنزىرىسىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى. دەرەخلەرنىڭ شېخىغا قونغان قارلار شۇ تاپتا ئۇنىڭغا يۇرتىدىكى باھار پەسلىدە چىچەكلىگەن ئۈرۈكزارلىقنى ئەسلەتكەن ئىدى.ئۇ تەبىيەتنىڭ بۇ سېھرى-كارامىتىگە ھەيران بولغىنىچە يولغا چىقتى.
_ يېڭىلگىنىڭىزگە تەن بەردىڭىزمۇ تالىپ._ دىدى مېھرىبان ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەي تۇرۇپ.
_ تەن بەردىم سىز يەڭدىڭىز.توختاڭ، تەلىپىڭىزنى كۆرۈپ باقاي.
  تالىپ قولىدىكى قاتلانغان بىر ۋاراق قەغەزنى ئاۋايلاپ ئاچتى.قەغەز قۇرلىرىدا مارجاندەك چىرايلىق دانە-دانە يېزىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بار ئىدى:
                                    ........
                                    قاردا قارلىق تاشلىدۇق،
                                    يامغۇردا ياغلىق تاشلىدۇق.
                                    كۆڭۈللەر يېقىن بولغاچ،
                                    بۇ ئويۇننى باشلىدۇق.
                                    تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،
                                    تاپالمىسا بىر باش پىياز.
                                    ........
_ تەلىپىڭىزنى ئوچۇق يازماپسىزغۇ؟_ دىدى تالىپ قارلىققا ئالدىراپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن.
_ ئەتەي شۇنداق قىلدىم،قالغىنى كۆڭلىڭىزگە باغلىق.
_ بولىدۇ مېھرىبان،سىزگىغۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ئېلىپ بەرسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ،بىراق...
_ ياق،ماڭا  يۇلتۇزنىڭمۇ كېرىكى يوق، كېيىن ماڭا ئاتاپ بىر ناخشا ئوقۇپ بېرىسىز.
_ بۇ بەك ئاددى بولۇپ قالمامدۇ؟
_ ياق،ماڭا ئەڭ قىممەتلىك سوغىڭىز شۇ بولسۇن.
    مېھرىبان شۇنداق دىدى-دە تالىپنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى.تالىپمۇ يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان ئوتلۇق تۇيغۇ  كۈچىدىن بولسا كېرەك، مېھرىباننىڭ شەھلا كۆزلىرىگە تۇنجى قېتىم تىكىلىپ قارىيالىدى.ئىككى كۆزنىڭ نۇرلىرى بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ ئىككى بىغۇبار قەلىبنىڭ ئاسمىنىدا چاقماق چاقتۇرغان ئىدى.ئىككەيلەن قىزغىن سۆھبەتلەر بىلەن تەبىيەتنىڭ ئاپ-ئاق پاياندىزىغا قوشماق ئىز قالدۇرۇپ ئۆي تەرەپكە ئاستا يۈرۈپ كەتتى.دەل مۇشۇ چاغدا بۇلارنى كۈزىتىپ تۇرغان بىر  جۇپ كۆزدىن ھەسەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ،قارا كۆڭۈلدە شۇملۇقتىن تىپىرلاۋاتقان چايانلارنى قۇترىتىۋاتقان ئىدى...
                                            ( داۋامى بار )
              
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 10:20 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

                (  داۋامى)
  
  بۇ بىر جۇپ كۆز  شاكىرنىڭ كۆزى ئىدى.ئۇ مېھرىبان بىلەن تالىپنىڭ بۇنداق يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىشىنى شۇملۇق ماراپ تۇرغان كوزلىرىگە ئەسلا سىغدۇرالمايتتى.ئۇنىڭ يۈرىكى تىرناق بىلەن تاتىلانغاندەك بىئارام بولغانسىرى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتاتتى.ئۇنىڭ كۆزىچىلا مەھەللە كۆچىلىرىدا  خۇش-چاقچاق ھالدا بىللە مېڭىشلىرى،شەھەرگە بىللە كىرىپ دۇككانغا مال سېتىۋېلىپ چىقىشلىرى،ھەتتا بىللە سودا قىلىشلىرى ئۇنى پۇتى كۆيگەن توخۇغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.
    « قانداق قىلىش كېرەك » دەپ ئۆز-ئۆزىگە سوئال قوياتتى ئۇ  توم يۆگەلگەن ئاچچىق موخۇركىسىنى دەممۇدەم شوراپ، ئازاپلاۋاتقان ئاچچىق خىيالنى كاللىسىدىن نېرى قىلالماي: « كۆرۈڭ بۇ ئىشنى <كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق >دىگەن شۇ بولدىمۇ ئەمدى،خەپ،شاكىرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سەن كەلگىندىگە بىر تونۇتۇپ،يۈرۈكۈڭنى راسا بىر مۇجىمايدىغان بولسام.ھېلىغۇ يۈسۈپ چوڭامنىڭ قانىتىنىڭ ئاستىغا كىرىپسەن،ئەۋلىيانىڭ قېشىدا بولساڭمۇ كۆرۇپ تۇر ئىتنىڭ كۇچىكى...» دىگەنلەرنى ئويلاپ،چېكىپ يېرىملىشىپ قالغان موخۇركىسىنى زەردى بىلەن يەرگە ئاتتى-دە يەنە سىرتقا قاراپ ماڭدى.شۇ تاپتا ئۇ تىلەك ئەينۇ بىلەن سايىمنى تېپىپ بىرە-ئىككى رومكىدىن ئىچىشىۋالغاچ مەسلىھەتلىشىشنى كۆڭلىگە پۇككەن ئىدى.
    كەنىت بىلەن ئارىلىقى بىر كىلومىتىرمۇ كەلمەيدىغان دىۋىزىيەنىڭ بىر ئەترىتى بولۇپ، ھاراق ئىچىدىغانلار بۇ يەرگە ئالاھىدە كېلىپ،كەيىپنىڭ «پەيزى»نى سۈرۈپ كېتىشەتتى.ھەر ھەپتىدە مەس بولۇپ مېڭىشقا ماجالى قالماي يەر قاساپ يېتىپ قالىدىغان ياشلارنى ھەتتا ساقىلىغا ئاق كىرگەن چوڭلارنىمۇ ئۇچراتقىنى بولاتتى. بۇ ئۈچەيلەنمۇ خۇددى ئەخلەتخانىغا ئۆگىنىپ قالغان لالما ئىتلاردەك،بۇ يەردىكى ھەر شەنبە كىچىك بازار بولىدىغان كوچىنىڭ بويىدىكى بىر قاۋاقنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولۇپ قالغان ئىدى.سېمىز،يۇمۇق كۆز دۇككاندار ئايال ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى-دە،غىچىلداپ تۇرىدىغان كونا شىرەنى چۆرىدەپ كونا ئۇزۇن ئورۇندۇقلارنى قويۇپ قويغان زەي پۇراپ تۇرىدىغان ئايرىم بىر ئۆيگە باشلاپ، بۇيرۇتمىلارنى كەلتۈرۈپ بېرىپ چىقىپ كەتتى.
_ ئاغىنىلەر،بۈگۈن سىلەرنى مېھمان قىلىشىمدىكى مەقسىدىم،_ دەپ سۆز باشلىدى شاكىر ھاراق تولدۇرۇپ قۇيۇلغان رۇمكىنى قولىغا ئېلىپ،_ يەنە شۇ مېھرىبان توغرۇلۇق ئىش. بۇ ياۋا توشقان قوغلىغانسىرىم قېچىپ، ماڭا پەقەتلا تۇتۇق بەرمەيۋاتىدۇ.يېقىندىن بېرى قارىسام باشقا بىرسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدىغاندەك قىلىدۇ،شۇڭا...
_ گۇمانىڭ توغرا جۇمۇ، ئاڭلىساق ھېلىقى تالىپ دىگەن قەشقەرلىقنى يۈسۈپ چوڭام كۈيئوغۇل قىلىۋالغۇدەك._ دىدى تىلەك ئەينۇ شاكىرنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
_ مەنمۇ شۇنداقراق ئويلاپ قالدىم._ دىدى سايىممۇ مەينەت شىرەدىكى نەرسىلەردىن يىگەچ تىلەكنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋەتلەپ.
_ بىلىمەن،سۆزۈمنى بۆلمەي ئاڭلاشمامسەن\؟_تالىپ ئىككەيلەنگە تەكشى قارىۋېتىپ ئالدىدىكى رومكىنى بىراقلا  كۆتىرىۋەتتى-دە ئاغزىغا بىر تال تۇزلۇق سەينى سېلىۋېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،_ شۇنداق بولىۋاتقاچقا  ئىككىڭلارنى مەسلىھەت بېرەمدىكىن دەپ بۇ يەردە كۆزۈڭلارغا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەنغۇ مانا، قېنى ئېيتىڭلارچۇ، مېھرىبان شۇ قەلەندەر بىلەن راسلا توي قىلىدىغان بولسا  بۇ دەرت-ئازاپقا قانداقمۇ چىدىغىلى بولسۇن، ئۆزۈڭلارمۇ ئوبدان بىلىسىلەر،پۈتۈن چىنىباغدا مەيدەمنى كېرىپ يۈرىۋاتقاندا يۈزۈم بىراقلا چۈشۈپ كەتمەمدۇ مېنىڭ...
_ مېھرىباننىڭ قېشىغا ھېچكىمنى يولاتماي كەلگىنىڭنى ھەتتا قوشنا كەنىتتىكىلەرمۇ بىلىدۇ،ئەمدى قولدىن چىقىرىپلا  قويساڭ راس بەك سەت بولىدۇ.ئوبدان ئويلۇشۇپ بىر ئامالىنى تاپايلى ئەمىسە._ دىدى سايىم ئالدىغا  قويۇلغان  رۇمكىنى قولىغا ئېلىپ،_ خوشە،ئىشىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن ئىچىۋەتتىم شاكىر.
_ خاپىلاشماي سۆزلىشەيلى بۇرادەرلەر،ماۋۇنى ئىشلەتسەكلا ئامالمۇ تېپىلىپ قالار._ دىدى تىلەك ئەينۇ بىگىز بارمىقى بىلەن بېشىنى كۆرسىتىپ.
_ مېنى خاپىلاپ سۆزلىدى دەۋاتامسەن تىلەك،مېنىڭ بېشىمغا كېلىۋاتقان بۇ سەۋدالىق سېنىڭ بېشىڭغا كەلسە ساراڭ بولۇپ قالاتتىڭ.ئاچچىقلاپ قالسام توغرا چۈشىنىڭلار._ دىدى شاكىر ئەمدىلا تۇتاشتۇرغان موخۇركىسىنى قاتتىق بىرنى شوراپ.
    ئۈچەيلەن تاغدىن-باغدىن سۆزلىشىپ،ئاغزىغا كەلگەن مەسلىھەتلەرنى دىيىشىپ بىر بوتۇلكا ھاراق قۇرۇقدالغىچە
كۆڭۇلدىكىدەك بىرلىك تاپالماي تىت-تىت بولۇشقا باشلىغان ئىدى.تالىپنى يۇرتىغا قوغلىۋەتمەكچى بولۇشتىيۇ  بىراق يۈسۈپ چوڭامغا تەڭ كېلەلمەي زىيان چېكىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدى. ئۆلتىرىۋېتەيلى دىيىشتىيۇ ئاقىۋىتىنى ئويلۇشۇپ ئۆزلىرىمۇ چۇچۇپ كېتىشتى.ھاراقنىڭ ئاستا-ئاستا قىزىتىشى بىلەن يۈرەكلىرىمۇ يوغىناشقا باشلىدى.
_ يوشۇرۇن بىر جاڭگالغا تۇتۇپ ئاپىرىپ ئۇرۇپ چالا ئۆلۇك قىلىپ تاشلىۋەتمەمدۇق._دىدى شاكىر شىرەنى مۇشلاپ .
    تىلەك ئەينۇ قۇرۇقدالغان رومكىغا ئاغزى يېڭىدىن ئېچىلغان بوتۇلكىدىن ھاراقنى بېلىق كۆزى قۇيدى-دە مېيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ:
_ مىڭەڭ قىزىغىنى تۇردىمۇ شاكىر،ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارە يوقاتساق بىز ئامان قالامىزمۇ؟سەنمۇ ئەشۇ ياۋا توشقىنىڭغا ئېرىشەلەرسەنمۇ؟_ دىدى.
_ سېنى جۇگېلىياڭ دەپ بىلىمەنغۇ دوستۇم،ئۆزۈڭلا بىر ياخشى ئامالنى كۆرسەتكىنە؟
_ ئالدى بىلەن ئازراق بىر ئۇچۇقداپ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرسەكمىكىن دەيمەن،بۇ كار قىلمىسا  ئاندىن باشقىچە بىر يول تۇتساقمۇ بولىدۇغۇ.
_ قاچان،قەيەردە شۇنداق قىلىمىز؟ ئوچۇقراق سۆزلىگىنە ئاداش،سېنىڭ دىگىنىڭ بويىچە قىلايلى.
_ مانا بۈگۈنلا قىلايلى،ھازىر قاراڭغۇ چۈشتى،دەل ۋاقتى مۇشۇ.
_ مەنمۇ چۈشەنمەي قالدىمغۇ زادى._ دىدى سايىممۇ كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ.
_ بولدى ماڭىمىز ئەمىسە،يولدا ماڭغاچ چۈشەندۈرىمەن.
_ ماۋۇ بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويۇپ ماڭىمىز دىگىنىڭ نىمىسى؟
_ بۇنى ئېلىۋالىمىز، بارغان يەردە كېرەك بولىدۇ.
_ تىلەك نىمە دىسە شۇنى قىلىمىز،تولا سوزلىمە سا..سايىم.
  تىلەك ئەينۇ رۇمكىدىكى ھاراقنى خۇددى دورىنى كاپ ئەتكەندەك گۇپلا قىلىپ كانىيىغا قۇيىۋېتىپ، بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ قوينىغا سالدى.قىسقىچە خۇلاسە سۆزىنى قىلىۋېتىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.بۇلارنىڭ ئەمدىكى نىشانى بولسا تالىپنىڭ ياتاق ئۆيى ئىدى.
  بۇ ئۈچ قارا نىيەت مەھەللىگە كىرىپ ئۇياق-بۇياققا قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۇدۇل تالىپ ياتىدىغان ئۆينىڭ قورۇسىغا غىپپىدە كىرىپ ئىشىكنى چەكتى.ياتاي دەپ تۇرغان تالىپ،مېھرىبان كېلىپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىغانمۇ تېز بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋىدى ئۈچەيلەن يوپۇرۇلۇپ كىرىپ ئۇنى ئۆيگە سولىۋالدى.تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ھودۇقۇپ كەتكەن تالىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالدى.
_ بىز مېھمان بولۇپ كىرسەك قارشى ئالمايدىغان ئوخشىمامسەن قەلەندە؟_ دەپ دىۋەيلەپ كەلدى شاكىر.
_ نىمە قىلماچى سىلەر بۇ كېچىدە،مېھمان قىلساممۇ ئەتە كۈندۈزدە بولسۇن._ دىدى شاكىر.
_ بولدى،مېھمانمۇ قىلما،مېھرىبانغا باشقىچە نىيەتتە بولمايمەن دەپ قەسەم قىلىپ بەرسەڭلا بولدى_ دەپ تالىپنىڭ دولىغا شاپىلاقلىدى تىلەك ئەينۇ.تالىپ ئىپادە بىلدۈرمەيلا قىم تۇرىۋالدى.ئۇنداق قىلىشقا كۆڭلىمۇ ئۇنىمايتتى.
_ تىلىڭ تۇتۇلۇپ قالدىمۇ ؟ گەپ قىلمامسەن؟_ دىدى سايىم بىر پەشۋا ئېتىپ.
_ بۇ مېھمان قىلمىسا بىز مېھمان قىلايلى ئەمىسە،ئەكەل ھاراقنى تىلەك._ دىگىنىچە بوتۇلكىنى قولىغا ئېلىۋالغان شاكىر تالىپنىڭ باش-كۆزلىرىگە ھاراقنى تۆكۈشكە باشلىدى.
_ نىمىشقا بوزەك قىلىشىسەن،قېنى قولۇڭدىن كەلگەننى قىلىش._ دەپ ۋاقىرىدى تالىپ خورلۇققا چىدىماي.
_ پاھ،خورىكىڭ بەك چوڭغۇ تېخى،يۇۋاشلىقچە گەپ ئاڭلىمىساڭ مانا ئەمىسە...
  شاكىرنىڭ بىر مۇش ئېتىشى بىلەن ھاراق قىزىتىپ تۇرغان ئىككەيلەنمۇ تەڭلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ تالىپنى ئۇرۇشقا باشلىدى.ھايت-ھۇيت دىگىچە ئاغزى،بۇرنى قانغا مىلەنگەن تالىپ ۋايجانلاپ يەرگە يىقىلدى.ئەسەبىلەشكەن ئۈچ مەس ئۇنى بىر ھازا دۇمبالىغاندىن كېيىن ئۆيدىن غىپلا چىقىپ تۈن قاراڭغۇلىقىدا غايىپ بولۇشتى.تالىپ بېشىنى ئاران كۆتۈرۈپ زەئىپ ئاۋازدا: «ئادەم بارمۇ...» دىگىنىچە سىرتقا ئۆمىلەشكە باشلىدى.ھويلىدىكى ئاپ-ئاق قاردا قان تامچىلىرىنى قالدۇرۇپ ،ئوچۇق قالغان دەرۋازىدىن چىقىپ يولغا ئىنتىلدى. بارا-بارا ئۇنىڭ بېشى قايغاندەك بولۇپ ھالسىزلىنىشقا باشلىغان ئىدى...
                                                                        (  داۋامى بار  )
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 10:23 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

شۇ كېچىدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ ئىشخانىسىدىن چىققان كەنىت باشلىقى بۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بوش ئىڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلىمىغان بولسا،شىمالدىكى قىش سوغىقىنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرمىگەن تالىپنىڭ ھاياتى  خەۋىپ ئىچىدىلا  قالغان بولاتتى. چوڭ-كىچىك مەسىلىلەرگە بەك جىددى مۇئامىلە قىلىدىغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى بۇ كەنىت باشلىقى يېقىن ئەتراپتىن ماشىنى ۋە ئادەم چاقىرىپ،ناھىيىتى تېزلىك بىلەن بازارلىق خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كارۋاتقا ئورۇنلاشتۇردى.شاكىر بوتۇلكا بىلەن ئۇرۇپ يېرىۋەتكەن بېشىدىكى قان ئېقىپ تۇرغان چوڭ يېرىق ئالتە يىپلىق تىكىلىپ،قالغان كىچىك جاراھەتلەر دورىلاپ تېڭىلدى.قولىغا ئاسما ئوكۇل سېلىنغان ھالەتتە بىر سائەتكە يېقىن ياتقان تالىپ ئاستا-ئاستا ئېسىگە كېلىشكە باشلىدى. كۆزىنى لاپپىدە ئېچىپ چۆچۈگەندەك قىلىپ بېشىنى كۆتىرىۋىدى،كەنىت باشلىقى دولىسىدىن ئاستا بېسىپ تۇرۇپ:
_ قوزغالماڭ ئىنىم،سىز ھازىر دوختۇرخانىدا._ دىدى.
  تالىپ ئىككى چېكىسىدىن ياش ئېقىتقان كۆزلىرىنى يەنە چىڭ يۇمۇۋېلىپ،لېۋىنى قاتتىق بىرنى چىشلەپ قويۇپ:
_ ماڭا ياخشىلىق قىلىپ جېنىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپسىز ئاكا،رەھمەت._ دىدى بوش ئاۋازدا.
_ بولدى،ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەڭ،ئېسىڭىزگە كەلدىڭىزمۇ؟
_ ئېسىم جايىدا ئاكا،ئۇلار نىمىشقا مېنى بۇنچىلا بوزەك قىلىدىغاندۇ...
_ ئۇلار دىگىنىڭىز كىملەر؟تونىيالىدىڭىزمۇ؟
_ تونۇيمەن،ئوبدانلا تونۇيمەن ئاكا.
  كەنىت باشلىقى تالىپقا مۇشتۇمزورلۇق قىلغان ئۈچەيلەننى ئېنىق خاتىرلىۋېلىپ،بىللە كەلگەن ئىككەيلەننىڭ بىرىنى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۆزى مۇشۇ دوىتۇرخانىنىڭ يېنىدىكى ساقچىخانىغا چىقىپ بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ قويماقچى بولدى.ئەھۋال تەكشۈرۈپ كىرگەن نۆۋەتچى دوختۇرغا نىمىلەرنىدۇ تاپىلاپ ئاندىن تالىپنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ دورىنى ۋاجتىدا ئىچىپ، خاتىرجەم ئارام ئېلىڭ،بۇ مەسىلىنى بىز  ئوبدان بىر تەرەپ قىلىمىز.يۈسۈپ چوڭامغىمۇ ئەتە ئەتىگەندە خەۋەر قىلايلى.خوش بىز كەتتۇق ئەمىسە._ دەپ تەسەللى بېرىپ ئۇزاپ ماڭدى.تالىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۆزىنى يېرىم ئېچىپ رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قالدى.ئۆز يۇرتىدىكى «شودۈيجاڭ»لارغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بۇ كەنىت باشلىقىغا كېيىن قانداق رەھمەت بىلدۈرۈشنى ئازراق خامۇشلانغان كاللىسىغا كەلتۈرەلمەيۋاتاتتى.
_ كەنىت باشلىقىمىز قەرىمۇ بار مەرىمۇ بار بەك ئوبدان ئادەم._ دىدى تالىپقا قاراپ قالغان كەنىت ئەزاسىمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ._ ھالىمىزغا بەك يېتىدۇ ئۆزى.
_ راس شۇنداقكەن،راسلا ئوبدان ئادەمكەن...
  ئىككەيلەن ئازراق سىردىشىپ ئۇخلاپ قېلىشتى.ئەتىسى ئەتىگەندە ئىششىقنى ھېساپقا ئالمىغاندا خېلىلا  ئەسلىگە كېلىپ قالغان تالىپ، كېچىچە ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئاق كۆڭۇل دىخاننى رەھمەت-تەشەككۈر بىلەن ئۇنىمىغىنىغا قويماي يولغا سېلىۋېتىپ تۇرىشىغا، ئىشىك يېنىك ئېچىلىپ يۈسۈپ چوڭام بىلەن مېھرىبان كىرىپ كەلدى.مېھرىبان كىرىپلا تالىپنىڭ كۆكىرىپ ئىششىغان يۈز-كۆزلىرىگە قاراپ ،كۆزىنى ئالقانلىرى بىلەن توسۇپ بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى تالىپنىڭمۇ بۇلارنى كۆرۈپلا ئىختىيارسىز كۆزلىرىدىن  يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياش تۆكۈلۈپ،بوغۇلۇپ تۇرۇپ ئاران ئەھۋال سورىيالىدى.
_ خەۋەر تاپقان بولساق ئاخشاملا كەلمەمتۇق ئوغلۇم._ دىدى يۈسۈپ چوڭام تالىپنىڭ باش-كۆزلىرىنى ئاستا سىلاپ.
_ ھېچقىسى يوق دادا، مانا ساپ-ساق تۇرىمەنغۇ.ھېلىمۇ ئاۋارە بولۇپ كەپسىلەر...
_ كارىمىز بولماي يۈرسەك ياخشىكەندە ئەمىسە،_ دىدى مېھرىبان تالىپنىڭ سۆزىنى ئارىلاپلا ئېسەدىگەن ھالدا سۆز باشلاپ،_ نومۇسسىز لۈكچەكلەرنىڭ قىلغان ئىشىنى قارىمامدىغان.
_ شۇڭا  جازاسىنى يەيدىغان بولدىغۇ  ئاخىر،ئەتىگەندىلا ئۈچىنى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپتۇ.مانا ئەمدى كونا-يېڭى ھېساپنى بىراقلا قىلىدىغان گەپ._ دىدى يۈسۈپ چوڭام.
_ خوپ بوپتۇ تازا،قىلغان ئەسكىلىكلىرىگە سولاقتا يېتىپ چۈچىسۇن ئۇ مۇشتۇمزور لۇكچەكلەر._ دىدى مېھرىبان ئازراق ئىچى بوشىغاندەك بولۇپ.
    بۇ ئاتا-بالىلار ئاخشامقى بولغان ئىشلار توغرىسىدا بىر ھازا مۇڭداشتى.شۇ ئارىدا ئىككى نەپەر ساقچى كىرىپ پۈتۈن ئەھۋالنى ئىگەللەپ خاتىرلەپ  قول قويدۇرۇپ چىقىپ كەتتى.ئۇلار چىقىپ كېتىدىغان چاغدا تالىپقا سەللىمازا ساقايغىچە داۋالىنىشنى قىكىلەپ،بارلىق چىقىمنى قارشى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى.
    تالىپ شۇ كۈندىن باشلاپ ئون كۇن داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقىۋالدى.يېرىلغان جاراھەت ئورنىمۇ ساقىيىپ، چىرايىمۇ خېلىلا ئەسلىگە كېلىپ، ئېغىر ئىشلارنىمۇ قىلالايدىغان ھالەتكە كەلگەن ئىدى.
_ يەنە بىر مەزگىل ياتماي نىمىشقا چىقىۋالدىڭىز؟_ دەپ نارازى بولدى مېھرىبان.
_ مۇشۇنداق بېجىرىم تۇرۇپ يېتىۋېرىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن.
_ كۆپ چىقىم تارتمىسۇن دەپ ھېلىقى لۈكچەكلەرگە ئىچىڭىز ئاغرىپتۇ-دە ؟
_ قىززىق گەپ قىلىسىز قۇمۇ مېھرىبان._ دەپ كۈلۈپ قويدى تالىپ.
_ ئەمدى مالغا قارايمەن دەپ قوتانغا چاپماي، بىر قانچە كۈن ئارام ئېلىپ يېتىڭ._ دىدى مېھرىبان مۇھاببەتلىك كۆزىدىن مېھرىبانلىق ياغدۇرۇپ،تالىپنىڭ ئۆزىگە تويماي قاراۋاتقان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ.
_ مەن دادامنى قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن بالدۇر چىقىۋالغان تۇرسام._ دەپ مەنىلىك قارىدى تالىپمۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە.
_ ئىختىيارىڭىز ئەمىسە، ئاغرىپ يىقىلىپ قالسىڭىز كارىم يوق.
_ ئۇنچىلا باغرى تاشلىق قىلماسسىز؟
  مېھرىبان چىرايلىق زىناقلىرىنى چىقىرىپ تاتلىق كۈلۈپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ كەتتى.تالىپ ئارقىسىدىن يۈرىكى پىژىلدىغان ھالدا قاراپ: « رىشتىمىز چېتىلسىلا جېنىمنى ئالىدىغان جەبرائىل كەلسىمۇ سىزدىن ئۆمۈر بويى ئايرىلماي بىرگە ياشىغان بولاتتىم...» دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى. مېھرىبانمۇ ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىنىلا كۈتىۋاتاتتى. تالىپ بىر قانچە قېتىم ئازراق پۇراتقان بولسىمۇ ئوچۇق مۇھاببەت تەلىپىنى قويۇشقا بەكلا ئاجىزلىق قىلىپ كۆڭلى بىر خىل تىت-تىتچىلىقتا ئارامسىزلىنىپ كېلىۋاتاتتى.مانا شۇ تاپتا ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ:« مەن سىزنى جېنىم بىلەن ياخشى كۆرىمەن،سىز بىلەن توي قىلىش مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەختىم...» دەپ باغرىغا مەھكەم باسقىسى بار.بىراق بۇ ئارزۇسى سىر بولۇپ كۆڭۈل قېتىدا تۇرىۋېرەرمۇ ياكى سۆيگۈ بېغىدىكى خۇشپۇراقلىق گۈل ۋەسلىگە ئاشكارە يەتكۈزەرمۇ...

                                  ( داۋامى بار )
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 10:25 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

              ( داۋامى )                                              
                                                                              7
  باشقىلارغا يامانلىق قىلغان كىشى،ھامان شۇ يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ. شاكىر ئىككى شايكا دوستى بىلەن بىر ئايدىن ئارتۇق سولاقتا يېتىپ،كەنىت ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كېپىللىكى بىلەن مىڭ تەسلىكتە رېجىم ئاستىدا قايتىپ چىقتى.ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك بۇ ئۈچەيلەنگە بەش مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەش كېسىم قىلىندى بۇنىڭ يېرىمىنى شاكىرنىڭ ئائىلىسى تۆلىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن شاكىرنىڭ دەرت-ھەسرىتى تېخىمۇ  كۈچىيىپ،ئۈچ كۈن ئۆيدىن چىقماي ياتتى.مىجەزى ئوساللىشىپ ئۆيىدىكىلەرگىمۇ چىرايىنى ئاچماي توڭ تېگىدىغان، ۋاقىرايدىغان بولۇپ قالدى.دادىسى بىلەن ئاچىسى ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتاتتى.ئانىسىلا ئۇلارنىڭ ئەكسىچە ئىچ ئاغرىقى تارتىپ ئىزچىل ھېسداشلىق قىلىپ كۆيىنەتتى.
_ ئۆيدە بۇرۇختۇم بولۇپ يېتىۋەرمەي تالا-تۈزگە چىقىپ ئايلىنىپ كىرگىن بالام،كۆڭلۈڭ كۆتۈرۈلۈپ قالار._ دىدى ئانىسى ساراي ئۆيدە تورۇسقا قاراپ خىيالچان ياتقان شاكىرنىڭ قېشىغا كىرىپ.
_ تولا سۆزلەپ بېشىمنى ئاغرىتمىغىنا ئانا،ئۆزۈمنىڭ چىققىسى كەلگەندە چىقىمەن._ دەپ توڭلۇق بىلەن جاۋاپ قايتۇردى شاكىر.يۈرىكىگە گاچچىدە تىغ ئۇرۇلغاندەك ئازار يىگەن ئانا بىر ئۇلۇق-كىچىك تىندى-دە ئۈن-تۈنسىز چىقىپ كەتتى.ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئانىسىغا قاراپ قويۇپ، كۆڭلىدىن: « كوچىغا چىقىپ كۆڭلۈمنى ئېچىپ كىرگىدەكمەن تېخى، ھېلىقى ئىتنىڭ كۈچىكى بىلەن مېھرىباننىڭ ئاپاق-چاپاق بولۇپ بىللە يۈرگىنىنى  كۆرەرمەن تايىنلىق...» دىگەن خىيالنى ئۆتكۈزۈپ ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى.
  شاكىر ھەسرەتلىك خىيال بىلەن ياتقان مۇشۇ ۋاقىتتا پۇتىغا پارقىراپ تۇرغان ئىگىز پاشنىلىق قارا خۇرۇم ئۆتۈك، ئۇچىسىغا يارىشىملىق چەيزە رەڭ سوكنى پەلتۇ ، بېشىغا ئۆزى يۇڭ يىپ بىلەن  توقىۋالغان توقىۋالغان چىرايلىق دوپپىنى كىيىۋالغان مېھرىبان ئەدىيالغا يۆگەلگەن ئۇزۇن بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ تالىپنىڭ قېشىغا ماڭغان ئىدى.
    بۇ ئىككى ئاق كۆڭۈل ياشنىڭ كۆڭۈل سىرلىرى بىر-بىرىگە ئاشكارىلىنىپ،مۇھاببەت رىشتىنىڭ ئوتلۇق ۋەدىلەر بىلەن ئۆمۈرلۈك باغلانغانلىقىغا بىر ھەپتىدىن ئېشىپ قالغان ئىدى. ئۇ كۈنى يۈسۈپ چوڭام  شەھەرگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ،ئوبدانلا پۇرسەت يارىتىلىپ قالدى.تالىپ ئۆي سۈپىرىۋاتقان مېھرىبانغا قاراپ-قاراپ قويۇپ ئۆز- ئۆزىگە: « سەنمۇ بىر ئوغۇل بالىغۇ تالىپ،مانا بۈگۈن دىمىگەن يۈرەكتىكى سىرىڭنى قاچان دىمەكچىدىڭ؟ يەنە قاچانغىچە ساقلىماقچىدىڭ؟ ئۇنىڭمۇ  ئۆزۈڭگە كۆڭلى بارلىقىنى سېزىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا بوشاڭلىق قىلىسەن؟ تىلىڭ تۇتۇلۇپ كېكەچ بولۇپ كەتسەڭمۇ  سۆزلىگىن، ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى تارتىنماي دىگىن...» دىگەن سوئاللارنى قويۇپ،باشقىچە غەيرەتكە كەلگەن ھالدا:
_ مېھرىبان، سىزگە دىيەلمەي كېلىۋاتقان گېپىم بار ئىدى._ دەپ ئاستا مېھرىبانغا يېقىنلاشتى.
_ نىمە گەپ؟_ تالىپقا ئىتتىك بۇرۇلۇپ سورىدى مېھرىبان ھەيرانلىقىنى كۆزلىرىدە ئىپادىلەپ. تالىپ شۇئان ئازراق ھودۇققاندەك بولدى-يۇ يەنە ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ غەيرەتكە كەلدى.
_ مەن سىزنى يا...ياخشى كۆرىمەن دىسەم خاپا بولمايدىغانسىز؟
_ مەن سىڭلىڭىز بولغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىدىغانسىز؟_ دەپ ئەتەي سۆزىنى ئەگىتتى مېھرىبان.
_ دىمەكچى بولغىنىم...سىز...
_ ھە،يەنە نىمە دىمەكچى بولغانتىڭىز؟
_ تىللىسىڭىزمۇ ئوچۇق دەي، مەن سىز بىلەن توي قىلسام دەيمەن.
  مېھرىبان، تالىپنىڭ سەمىمى كۆڭلىدىن چىققان بۇ ئوچۇق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بىر ھازا تىكىلىپ تۇرۇپ،پارقىراپ تۇرغان ئىككى مەڭزى ۋىللىدە قىزاردى-دە يەرگە قارىۋالدى. ئۆزىمۇ مۇشۇ بىرلا جۈملە سۆزنىڭ تېزراق چىقىشىنى خېلى
ۋاقىتلاردىن بېرى كۈتۈپ كېلىۋاتاتى. جىملىقنى يەنە تالىپنىڭ ئاۋازى بۇزدى:
_ خىلىڭىز بولمىساممۇ،چوقۇم دىگەن يېرىڭىزدىن چىقالايمەن دەپ ئويلايمەن.
_ نىمە ئۇ خىلىڭىز-پىلىڭىز دىگەن،ئادەم ياخشى بولسا بولدىغۇ؟
_ كۆڭلىڭىز مۇشۇنداق ياخشىدە سىزنىڭ...
_ بولدى ماختاۋەرمەڭ،مەن ئۇنداق پۇلىغا، ئائىلىسىگە قاراپ يىگىت تاللايدىغان قىزلارغا ئوخشىمايمەن.كۆڭلۈمگە ياققان ئادىمىلىكى بار ،ئەمگەكتىن قاچمايدىغان يىگىت بولسىلا بولدى.
_ مەن شۇ كۆڭلىڭىزگە ياققان يىگىت بولالارمەنمۇ؟
    مېھرىبان ماقۇل دىگەن بىر ئېغىز جاۋاپقا تەقەززا بولۇپ،تەلمۇرگىنىچە قاراپ تۇرغان تالىپقا  ناز بىلەن كۈلۈمسىرەپ مەنىلىك بىر قاراپ قويدى-دە ھويلىغا چىقىپ كەتتى.تالىپمۇ تەشنالىق بىلەن كۈتكەن جاۋاپقا ئېرىشكەندەك بولۇپ، ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا ئارقىسىدىن سۆيۈنۈپ قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى.ئىككى كۈن ئۆتۈپ يۈرەك سۆزلىرىنى دىيىشىپ، چىڭ ۋەدىلەرنىمۇ بېرىشىۋالدى. شۇندىن بېرى تالىپقا  بۆلەكچە جان كىرىپ، ئىشلارنى تېخىمۇ چەبدەس، تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك قىلىدىغانبولۇپ كەتتى. چاڭقاپ كەتكەن ئاپتاپپەرەس مايسىسىنىڭ يىلتىزى سۇ كۆرگەندەك كەيپىياتى جۇشقۇنلىشىپ،غىڭشىپ ناخشا ئېيتىدىغان بولىۋالدى.
    يانۋار ئېيىنىڭ يىڭنىدەك سانچىلىدىغان سوغىقىدا مەڭزىلىرى توغاچتەك قىزىرىپ كەتكەن مېھرىبان نېپىز  يېغىپ توختىغان سۇتتەك قارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى. ئىشىك يېنىك چېكىلىپ سېغىنىپ ئولتۇرغان ئاۋازنى ئاڭلىغان تالىپ،دەرھال ئىچىدىكى تاقاقنى ئاچتى. ئۇ  ئوتكەنكى كۆڭۈلسىزلىكتىن كېيىن ئېھتىياتچان بولۇپ قالغان ئىدى.
_ ياخشىمۇسىز تالىپ،_ دەپ ئەھۋال سورىدى مېھرىبان ئەدىيالغا يۆگەلگەن نەرسىنى ئارقىسىغا يوشۇرۇپ،بوسۇغىدىن بىر ئاتلاپ كىرىپلا،_ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.
_ نىمە دىدىڭىز؟ بۈگۈن..._ تالىپ ھەيران بولۇپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي قالدى.
_ كىملىكىڭىزدىكى سان-سېپىرلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ تۇتۇڭ بۇنى، ئاددى بولسىمۇ سوۋغام.
    تالىپ ھاياجاندا تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن مېھرىبان تەڭلەپ تۇرغان نەرسىنى ئېلىپ، ئەدىيالنى ئاچتى. ئاچتىيۇ ئۈرۈمچىدە پۇلى يېتىشمەي ئېلىشىغا سېتىۋەتكەن دۇتتىرىغا ئوخشاش نەقىشلىك چىرايلىق بىر دۇتتارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى.
_ يارىدىمۇ؟_ دىدى مېھرىبان.
_ ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق قىممەتلىك سوۋغا بولماس،رەھمەت مېھرىبانىم،_ دىدى تالىپمۇ ئۇنىڭ نازۇك قوللىرىنى كەڭ ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ مەھكەم تۇتۇپ. ئىككى كۆز يەنە بىر-بىرىگە قانماي تىكىلىپ، ئىككى گەۋدە بىر-بىرىنى ماگنىتتەك تارتىپ،خۇددى بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتمەكچى بولغاندەك گىرەلەشمەكتە ئىدى.
    مېھرىباننىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ئۇدۇل تالىپنىڭ قېشىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەن سايىم ئۇدۇللا  تىلەك ئەينۇنىڭ قېشىغا كەلدى.ھويلىدا كەپتەرلىرىگە دان چېچىۋاتقان تىلەك ئۇنى كۆرۈپلا دەرۋازا ئالدىدىلا  كۆرۈشتى.
_ شاكىر كۆز-قۇلاق بولۇڭلار دىگەن بىلەن بەرىبىركەن،_ دىدى سايىم  بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ئىككىنى شورىۋېلىپ ئىسىنى ئاسمانغا پۇۋلەپ تۇرۇپ.
_ بىز قەسەملەشكەن ئاغىنىلەر،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ لودا تۇرسا دىگىنىنى قىلمىساق قانداق بولىدۇ._ دەپ سايىمنىڭ قولىدىكى تاماكىغا قول ئۇزاتتى تىلەك ئەينۇ.
_ ئۇغۇ شۇنداق،ئۇنى دەپ خېلى ئاۋارىچىلىق تارتىۋالدۇققۇ شۇڭا...
_ ئۇنىڭ بىزگە قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ تېخى ئوننىڭ بىرىنىمۇ قايتۇرغان بولمىدۇق.
_ قايتۇرىۋاتىمىزغۇ مانا؟
_ بولدى،بولدى،ئىككىمىز گەپ تەگىشىپ يۈرمەي ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئەھۋالىنى سوراپ كېلەيلى.
_ مەنمۇ شۇ گەپنى قىلاي دەپ تۇراتتىم،يۈر ئەمىسە.
    شاكىر ئۆزىگە سادىق بۇ شايكىلىرىنى پەرىشان ھالەتتە سالام بېرىپ تۆرگە تەكلىپ قىلدى. شىرەدىكى داستىخانغا  نان، چاي كەلتۈرۈلدى.ئۇلار پىيالىدىكى چايدىن ئوتلىغاچ تالىپ بىلەن مېھرىباننىڭ مۇھاببەتلەشكەنلىكىنى،ھەر كۈنى بىللە يۈرۈيدىغانلىقىنى ھەتتا مۇشۇ قىشتىن چىقىپ توي قىلىدىغانلىقىنى راس-يالغان سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تەپسىلى  «دوكلات» قىلىشتى. بۇنى ئاڭلىغان شاكىرنىڭ ئاستىدىن گويا زەھەرلىك تىكەن چىقىپ سانچىلىۋاتقاندەك تېخىمۇ ئارامسىزلىنىپ پەقەتلا ئولتىرالماي قالدى.
_ مېھرىباننى ئەشۇ سولتەككە تارتقۇزۇپ قويغۇنۇم ئولگۈنۈم بىلەن ئوخشاش،_ دەپ تاتىرىپ،تىترەپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ،_ ھەر ئىش بولسا ئۆزۈمگە ھېساپ، سىلەرنى بالاغا قويمايمەن، ئامال تاپايلى،چوقۇم ئامال تاپايلى...
_ قاملاشتۇرالىساق مېنىڭ ياخشى بىر ئامالىم بار._ دىدى تىلەك ئەينۇ چايدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ.
_ قانداق ئامال،قېنى ئەزمەڭنى ئەزمەي چاپسانراق دىمەمسەن؟
_ ئەڭ ياخشىسى ئۇ قەشقەرلىقنى يۈسۈپ چوڭام ئۆزى قوغلاپ چىقارسۇن.
_ بۇ نىمە دىگىنىڭ؟_دىدى سايىم ئۇنىڭ كۆزىگە گۇمان نەزىرى بىلەن قاراپ.
_ مەنمۇ چۈشەنمەي قالدىمغۇ؟_ دىدى شاكىرمۇ ئۇلاپلا.
_ ھەي قاپاق كاللىلار،ئەمىسە سۆزۈمگە ئوبدان قۇلاق سېلىش.
    تىلەك ئەينۇ چايدىن يەنە بىر ئوتلىۋېلىپ ئويلىغان پىلانلىرىنى سۆزلەشكە باشلىدى. قانۇننىڭ جازاسىغا چۈچىمەي يەنە يۈرىكىنى ئاتنىڭ كاللىسىدەك قىلىۋالغان بۇ ئۈچەيلەن يەنە قانداق شۇملۇقلارنى قىلار...ئەمدىلا  ياخشىلىنىپ چىرايىغا قان ۋە كۈلكە يۇگۈرگەن ئاق كۆڭۈل بىر جۇپ ياشنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۇتىۋاتقاندۇ؟\...مانا شۇ تاپتا بىر ئۆيدە مەڭگۈلۈك مۇھاببەت ئۈچۈن دۇتتار مۇڭلۇق سايراپ ناخشا ئەۋجىگە يەتكەن بولسا،يەنە بىر ئۆيدە ئەشۇ  بىغۇبار مۇھاببەتكە ئورا قېزىلىۋاتاتى...

                            ( داۋامى بار )
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 10:27 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

( داۋامى )
                                                                      8
  بۇ  قار كۆپ ياغقان قىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدىن قۇرغاقچىلىق ئاز بولىدۇ دەپ دىخانلارمۇ خوشال ئىدى. باھار بايرىمىڭ باشلىنىشى بىلەن پوجاڭزىلار  چاراسلاپ ئېتىلىشقا باشلىغاندا  خۇددى ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققاندەك بولىۋاتقان قەھرىتان سوغۇقمۇ  ئاستا-ئاستا  يۇۋاشلاشقا باشلىدى. يۈسۈپ چوڭام دىخانچىلىقتىن باشقا ئىككى ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە باقمىچىلىقتىن ئالتە مىڭ كويدىن ئارتۇق كىرىم قىلىۋالغان ئىدى.ئۇ ھەر يىلدىكى ئادىتى بويىچە ئايەم كېلىشتىن بۇرۇن ئىككى-ئۈچ مىڭ كوي خىراجەت قىلىپ، ئۇن،ماي،گۈرۈچ سېتىۋېلىپ چىقىپ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرگە،يىتىم-يېسىرلارغا تارقىتىپ بېرىش مەقسىتىدە  ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىنلا شەھەرگە كىرىش تەييارلىقىنى قىلدى. مېھرىبانمۇ دادىسى بىلەن بىللە كىرىپ دۇككانغا مال سېتىۋېلىپ چىقماقچى بولدى.تالىپ ئىككىنچى قېتىم بورداشقا سېتىۋالغان كالا،قويلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ تۇغۇلغاندىن بېرى بىر ئېغىز سۆز ياكى بىر قېتىم كۈلۈش نېسىپ بولمىغان يىگىرمە ئۈچ ياشتىكى ئاجىز قىز بىلەن ئۆيدە قالدى.
    ئۆزلىرىچە «قالتىس» پىلانلارنى تۈزۈپ مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى كۈتۈپ كەلگەن ئۈچ قارا نىيەت،يۈسۈپ چوڭام بىلەن مېھرىبان ئىككىسىنىڭ كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ شەھەرگە يول ئالغانلىقىنى كۆرۈپلا  ئىنسان قېلىپىدى چىققان رەزىل سۈيقەستىنى باشلىماقچى بولدى.ئالدى بىلەن ئۈچى قايتىدىن باش قوشۇشتى.
_ ھەممە ئىشلار مەن دىگەندەك بولسۇن،ھەرگىز چاندۇرۇپ قويغۇچى بولماڭلار._ دەپ قايتا-قايتا جىكىلىدى تىلەك ئەينۇ.
_ مەن ھاراق ئىچمەيلا ياخشى كۈزەتسەم بولمىدىمۇ؟_ دىدى سايىم.
_ ياق،ئىچىسەن. جىق ئىچمەي ئاغزىڭدىن گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغىدەكلا ئىچىپ،يالغان مەس بولۇپ دەلدەڭشىپ مەس  لاغايلاپ يۈرگەندەك بولۇپ كۈزىتىسەن،خەۋىپ بولسا بەلگەڭ ھېلىقى ئالا-تاغىل ناخشا.بىلدىڭمۇ كالۋا؟_ دەپ سايىمنىڭ بېشىغا نوقۇپ قويۇپ، شاكىرغا قاراپ،_ ئەمىسە سەنمۇ چەبدەس بولغىن،ئوينىۋالىدىغان بولدۇڭ كاساپەت._ دىدى.
    تالىپ مالغا يەم تۆكىۋاتقاندا تىلەك ئەينۇ دەرۋازىدىن مەككارلارچە كۈلۈپ كىرىپ كەلدى. ئۇ  ئىككى ھەپتىدىن بېرى يالغاندىن كەچۈرۈم سوراپ،ھەر ئۇچراشقاندا بەكمۇ قىزغىن سالاملاشقان بولۇپ، ئۆزىنى  ياخشى ئۆزگەرگەندەك كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى.شۇڭا ئالدىغا ئىككى قولىنى ئۇزۇتۇپلا باردى.
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تالىپ ئاداش،مالغا يەم بېرىۋاتقان ئوخشىمامسەن؟قولۇڭدا ئالامەت مال سەمرىيدىكەنغۇ سېنىڭ،يۈسۈپ چوڭام سەن كېلىپلا تېخىمۇ چوڭ باقمىچىغا ئايلىنىپ كەتتى مانا...
_ ۋائەلەيكۇم ئەسسالام._ دەپ تالىپ بىر قولىنى تەڭلەپ، نىمە ئىشىڭ بار دىگەن مەنىدە قاراپ سالام قايتۇردى.
_ ئاڭلىسام يېڭى،ساز دۇتتىرىڭ باركەن،بۈگۈن ئولتۇرىشىمىز بار ئىدى،خاپا بولماي بېرىپ تۇرغان بولساڭ؟_ دىدى تىلەك ئەينۇ بەك خىجالەتتە قالغان قىياپەتتە ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالغان تالىپقا ئۆزىنى تېخىمۇ مۇلايىملىشىپ كەتكەندەك تەسىرات بېرىشكە تىرىشىپ.
_ مېھرىبان شەھەردىن چىققاندا بىر گەپ بولسۇن،بۇ ئۆينىڭ نەرسىلىرىگە مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن._ دىدى تالىپ ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئويلاپ بەرگىسى كەلمەي.
_ئۇنداق قىلىشمايلى تالىپ،ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىشىپ يۈرسەك بولماس،دىنىمىزدىمۇ بەك يامان بولىدىغان ئىشكەنغۇ، پەقەت بىر-ئىككى سائەتلىكلا بېرىپ تۇرغىن.ئىشەنمىسەڭ بەش يۈز كويچەن قويۇپ كېتەي مانا...
_ بولدى،بولدى، پۇل چىقىرىپ يۈرمىگىن.
_ قانداق قىلسام بولىدۇ ئەمدى،بەك ئوسال بولىدىغان بولدۇم.
    تىلەك ئەينۇ ئاخىرىبىر-بىرىگە يىلىمدەك يەملىشىپ كەلگەن يۇمشاق سۆزلىرى ۋە قەسەملىرى بىلەن ئاق  كۆڭۈل، ساددا تالىپنى يۇمشاتتى.ئىككەيلەن دەرۋازىنى ئېتىپ دۇتتارغا ماڭغاندا، ھويلىغا قاياقتىندۇر پەيدا بولغان شاكىر غىپلا ئۆيگە كىرىۋالدى.ئايۋان ئۆيدە يۈزىگە نېپىز پايپاق كىيىۋالغان بۇ ناتونۇش چىرايغا ئىنكاسسىز قاراپ ئاجىز قىز ئولتۇراتتى.شاكىر خۇددى چۆجىگە ئېتىلغان سادەك ئۇنىڭغا ئېتىلدى-دە ئەسەبىلەشكەن ھالدا تۈگمىلىرىنى تارتىپ ئۈزۈپ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ يالىڭاچلىۋەتتى.تىلسىز،كېسەلچان بۇ ئاجىزە قاپلان ئاستىدىكى كىيىكتەك تىپىرلاپ، چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرۇشتىن باشقا ئىلاج قىلالمايتتى. ئۆزىنىڭ قەبىھ  شەخسى غەرىزى ھەمدە پەسكەش ھاۋايى-ھەۋىسى ئۈچۈن ئادىمىلىكىنى يوقاتقان بۇ ھايۋان ئاخىرى ئۇنى ئاياق ئاستى قىلىپ، ئىپلاس نەپسىنى قاندۇردى-دە ئالمان-تالمان ئىشتىنىنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن غايىپ بولدى.ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەي قايتىپ كەلگەن تالىپ،ئالدى بىلەن بۇ ئاجىزەنى يوقلىۋېتىش ئۈچۈن ئۇدۇل ئۆيگە كىردى-دە داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئايۋان سۇپىسى ئۈستىدىكى كۆرپىدە ھەممىسى پەپىلەيدىغان ئاجىزە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ئېغىر ھالسىراپ  ياتقان ئىدى.تالىپ دەرھال كارۋاتتىكى ئەدىيالنى تارتىپ ئېلىپ ئاۋال ئۇنى يۆگىۋالدى. ئاندىن سىرتقا چىقىپ ئادەم چاقىرىشنى ئاران كاللىسىغا كەلتۈرۈپ تۇرغاندا، دۇتتارنىڭ تارىسىنى باھانە قىلىپ تاپباستۇرۇپلا  تالىپنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ كەلگەن سايىم،ئاللا-كاللا سېلىپ ھويلىغا چىقىۋالدى-دە ۋاقىراشقا باشلىدى:
_ ئادەم بارمۇ\ كۆرۈڭلار ماۋۇ رەسۋاچىلىقنى خالايىق\...
    ئۆيدىن ئېتىلىپ چىققان تالىپ،سايىمنىڭ ھاراق پۇراپ تۇرغان ئاغزىنى ئالقىنى بىلەن ئېتىپ:
_ نىمە دەپ جۆيلىۋاتىسەن،نىمە رەسۋاچىلىقكەن؟_ دىدى.
_ قىلغۇلۇقنى قىلىپ يوشۇرماقچىمۇ؟_ دىدى سايىممۇ تالىپنىڭ قولىنى ئۇرۇپ سىلكىۋېتىپ._ ئادەم بارمۇ...
    ۋاقىرىغان بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان خۇلۇم-قوشنىلار كىرىپ كېلىشتى.سايىم ھەدەپ ۋاقىراپ ئۇلارنى ئۆيگە كىرىپ كۆرۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلاتتى.كىرگەنلەر ئۆيدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ تۆۋە دەپ ياقىلىرىنى چىشلىگىنىچە يەنە ھويلىغا چىقىشىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشەتتى:
_ قايسى ھايۋاننىڭ قىلغان ئىشىكەن بۇ؟
_ توۋا قىلدىم، ئاجىز ئاغرىق قىز بالىنىمۇ شۇنداق قىلغان بارمۇ؟
_ خۇدا جاجىسىنى بېرە...
_ بۇنى قىلغان قارا يۈز كىمدۇ زادى.
_ كىم بولاتتى،يۈسۈپ چوڭام بېشىنى سىلىغان ماۋۇ تالىپ بولمامدۇ؟_ دىدى سايىم بىگىز بارمىقىنى ئۇنىڭغا چەنلەپ.
    ھەممەيلەن لاپپىدە ئۇنىڭغا قارىشىپ پىشانىلىرىگە ئۇرۇشتى. تالىپ جىددىچىلىكتىن پۈتۈن بەدىنىگە ئولاشقان تىترەكنى ئاران بېسىپ سايىمغا ۋاقىرىدى:
_ ئاق-قارىنى پەرىق قىلماي قارا چاپلىماقچىمۇسەن\
_ خالايىق قارا چاپلىدى دەۋاتقىنىنى قاراڭلار، تىلەك  دۇتتاردىكى سۇلياۋ تارىكەن،ئۇچەي تارىسى بارمىكىن بېرىپ باققىن دىگەن،كەلسەم مۇشۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتىمەن،تېنىۋالغىنىنى قاراڭلار...
_ تۈفى،ئادەم بولامسىنا سەن...
_ تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا سىيەي دەپتۇدە بۇ قاۋان.
_ قاراپ تۇرماي دەرھال ساقچىغا خەۋەر قىلايلى.
  دەل بۇ ئۆرە-تۆپە ئۈستىگە بىر ماشىنىدا ئاشلىق، مايلارنى بېسىپ چىققان يۈسۈپ چوڭام كىرىپ كەلدى-دە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئېسەڭكىرەپ تۇرۇپ قالدى. تەرەپ-تەرەپتىن قالغاچ باللىرىدەك چۇقۇرۇشۇپ سايىمنىڭ گېپىنى راسقا ئايلاندۇرغان خۇلۇم-قوشنىلار قىزىنىڭ ھالىنى كۆرگەن باغرى يۇمشاق دادىغا مىنۇت ئىچىدە تالىپنى ئەڭ ۋەھشى رەقىپ قىلىپ كۆرسىتىپ بولدى.
_ ھۇ، ھايۋان،سەن ئادەم ئەمەس قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرىكەنسەن ئەمەسمۇ،كۆزۈمدىن يوقال..._ خۇدىنى يوقىتاي دەپ قالغان يۈسۈپ چوڭام ئېتىلىپ كەلگىنىچە تالىپنىڭ ياقىسىدى ئالدى.
_ قەسەم قىلاي مەن ئەمەس دادا...
_ دادا دىمە توڭگۇز،تىلىڭ كۆيىدۇ.ئادەم بالىسى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر،ھايۋان بالىسى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر دەپ قىلغان ئىشىنى قارا بۇ قارا يۈزنىڭ...
_ بولدى،سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ يۈسۈپ چوڭام،بۇنى ساجچى بىر تەرەپ قىلسۇن._ دىدى ئەتراپتىكى بىرەيلەن.  باشقىلارمۇ ئۇنى ئاجرىتىپ چەتكە تارتتى.
_ قوغلاڭلار بۇ مۇناپىقنى، چالما-كېسەك قىلىپ قوغلاڭلار..._ دەپ ۋاقىرىدى ئۆزىنى باسالمىغان يۈسۈپ چوڭام.
  دەل مۇشۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغان سايىم ئۆزىنى ئاقلىيالماي زارلىنىپ تۇرغان تالىپقا بىرىنچى بولۇپ قول سېلىپ ئۇرۇشقا باشلىدى.ئاق يەردىن ئۇنگەندەك پەيدا بولغان شاكىرمۇ ھەمدەمگە چۈشتى.قېنى قىزىپ كەتكەن بەش-ئالتە ئادەم ئۇنى قوناق سوققاندەك دۇمبالاۋاتقاندا،دۇككىنىغا شەھەردىن ئېلىپ چىققان مالنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتقان مېھرىبان ھويلىغا كىرىپلا بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىدىن قورقۇپ قاتتىق چىقىرىۋەتتى.تالىپنىڭ تاياق ئاستىدا تۇرۇپ: « مېھرىبان،مەن...مەن گۇناھسىز...» ئىنجىقلاپ تۇرۇپ ۋاقىرىغىنىنى ئاڭلىدىيۇ،ئۆزىگە تاياقنىڭ تېگىپ كېتىشىگىمۇ قارىماي ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ،تاياق زەربىدىن يېرىم جان بولۇپ قېلىۋاتقان ساپ دىل سۆيگىنىنى نازۇك بەدىنى بىلەن قوغداپ قالدى.
_ تۇر ئورنۇڭدىن ئەقىلسىز\ _ دەپ ۋاقىرىغىنىچە كېلىپ مېھرىباننىڭ بېلىكىدىن تارتتى يۈسۈپ چوڭام قىزىنىڭ بۇ ئىشىنى كۆزىگە سىغدۇرالماي،_ ماڭ،ئالدى بىلەن ئاچاڭنىڭ ھالىنى كۆر.
    شۇ ئەسنادا بازارلىق ساقچىخانىدىن يېتىپ كەلگەن ئىككى نەپەر ساقچى خادىم دەرھال ھويلىغا توپلاشقانلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، يەردە ئىڭراپ ياتقان تالىپنى تېزدىن دوختۇرخانىغا يولغا سالدى-دە ئاندىن ئۆيدىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، سۈرەتكە تارتىپ تاماملىغاندىن كېيىن بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان  بىرقانچەيلەننى  تېخىمۇ كونكىرىت ئەھۋال ئىگەللەشكە ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭدى.
    مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە تالىپنىڭ خوشال،بەخىتلىك كۈنلىرى، تۆھمەت،ئەلەم-ھەسرەت دوقمىشىدا توختاپ قالدى.مۇشۇ سۈيقەست،ناھەق باسقان پېشكەللىك بىلەن ئۇنىڭ ئەمدىلا غۇنچىلاشقا باشلىغان مۇھاببەت گۈللىرى توزۇپ كېتەرمۇ؟...ئېگىلگەن ھەقىقەت تۈزلەنگىچە تۆھمەت قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتەرمۇ؟...

                                  ( داۋامى بار )
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 10:29 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2345» Pages: ( 1/9 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.058266(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:38
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号