ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ
1. ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻟﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺳﯘﺵ: ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﺗﻮﺳﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ، ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ، ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯘﻕ ﻛﯚﺯ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ _ ﺩﻩ، ﺗﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2. ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﺟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ: ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯘﺭﺟﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﻗﺎﻗﯩﺪﯗ، ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﺩﺍ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﯩﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﯧﻜﯘﻧﺖ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺑﯚﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﺪﯗ.
3. ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﺵ: ﺑﯩﺮ _ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯧﺰﯨﻢ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
4. ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﻗﯧﻘﯩﺶ: ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺑﻮﺵ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻧﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﭘﺎﻗﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﻗﺎﺷﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ، ﻛﯚﺯﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﻻﻗﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﯘﯕﮕﯜﺯ ﭘﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻳﯩﻨﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﻧﻪﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.
5. ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ.ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.