ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرھى
تەھرىر ئىلاۋىسى :
2005 - يىلى 25- نويابىر سائەت 9 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە ب د ت مائارىپ پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ پارىژدىكى باش شتابىدا ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى « ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى» بولۇپ باھالانغانلىقى ئېلان قىلىنىپ ئون ئىككى مۇقامنىڭ شۆھلىقى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلىندى .
ئون ئىككى مۇقامنىڭ « ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى » قاتارىغا كىرگۈزۈلىشى بىزگە ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ھېس قىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭغا بولغان ۋارىسلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ قايتا تونۇتتى .
رېداكسىيىمىز ئون ئىككى مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك نام - ئاتالغۇلارنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش ، مۇقامغا دائىر ئۇچۇر ، چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مۇقام تەتقىقاتىدىكى چۇۋالچاقلارنى ئازايتىشقا ئاز- تولا پايدىسى بولار دېگەن ئۈمىدتە ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى فوكلورشۇناس تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇشۇ سانىدىن باشلاپ « مۇقام مۇنبىرى» سەھىپىسى ئاستىدا بىر يۈرۈش ماقالە ئېلان قىلىشنى زۆرۈر تاپتۇق .
بىزگە مەلۇمكى ، ھەر قانداق بىر ئىلىم ، ھۈنەر ، ماھارەتلەرنى ئىگىلەشتىن بۇرۇن گەپنىڭ تەكەللۇمىسىنى شۇ ئىلىم ، ھۈنەرنىڭ ئاتالغۇسىنى ئىگىلەشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ . چۈنكى ئاتالغۇلار ئالدى بىلەن بىزگە شۇ ئىلىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشنىشكە ئىنتايىن مۇھىم يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ . شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئالدى بىلەن ئىشنى مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرھىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ . مەن دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، مۇقامشۇناس ئالىم ، مۇتەخەسسىسلەردىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ، باتۇر ئەرشىدىنوۋ ،ئىسھاق رەجەبوۋ ، ئابدۇشۇكۇر تۇردى قاتارلىقلارنىڭ مۇقام ئاتالغۇلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم .
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدا ئۆزىگە خاس بىر قاتار مۇزىكا ئاتالغۇلىرى ئۇچرايدۇ . بۇ ئاتالغۇرنىڭ بىر بۆلىكى ئابدۇشكۇر مۇھەممەدئىمىن ۋە ئىسھاق رەجەبوۋ قاتارلىق مۇقامشۇناس ئالىملارنىڭ نوپۇزلۇق كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بولىسمۇ ، لېكىن بىر بۆلىكى ھېچقانداق مۇزىكا ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان . شۇنى ئالاھىدە ئېيتىش كېرەككى ، مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ئېتىمولوگىيىسى ، سەۋەبلىرى ، مۇزىكا مەنىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىجادكارلىرى ئۇزاق ئۆتمۈشكە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىرەر كىممۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولمىسا كېرەك . شۇڭلاشقا مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرتلىك مەناسىنى ئون ئىككى مۇقامدىكى ھازىرقى ئىپادىلەۋاتقان ئۇقۇمى بويىچە ئىزاھلاشقا ، چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ، ئەلۋەتتە .
ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامدىكى ھەر بىر مۇقامنىڭ ناملىرى بىردەك ئەرەبچە ، پارىسچە ئەمەس ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەن پارسچە ۋە ئەرەبچە مۇقام ئاتالغۇلىرى مەۋجۇت . لېكىن بۇ ئاتالغۇلار ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر مۇزىكا تىلىنىڭ لۇغەت بايلىقىغا سىڭىپ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ئەينى زاماندىكى ئۆزلەشكەن ئۆز تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلار دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى مۇقام ئاتالغۇلىرى مۇزىكىغا ، بەزى مۇقام ئاتالغۇلىرى يەر ، ئادەم ئىسمىغا ، بەزى مۇقام ناملىرى ئومۇمىي فولكلور مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان . بۇنىڭدىن باشقا ، بەزى مۇقام ئاتالغۇلىرى باشقا رايونلار ، باشقا سازاندىلەر ، باشقا رىسالىلەردە باشقىچە قوللىنىلغان . بەزى مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇز شەكلى زور دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن . بۇ بىزنىڭ مۇقام ئاتالغۇلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ .
مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرھلىنىشى كونكرېت ئاتالغۇلارنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى بىلىشكە ياردەم بېرىپلا قالماي ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقاملارنى دەسلەپكى قەدەمدە چۇشىنىشىمىزگە زور ياردەم بېرىدۇ .
مۇقام (مقام) MUKAM - ئەرەبچە مەقام شەكلىدە بولۇپ ، ئۇنىڭ لۇغەت مەنىسى « جاي»، «ئىستىقامەت ئورنى »، «دەرىجە» « قانۇن»« قېلىپ » «ئاھاڭ» « مۇزىكا» « پەدە» «مۇقەددىمە» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «مۇقام» دېگەن بۇ سۆز ئاساسلىقى « چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلەشكەن مۇزىكا » ئەسىرىنى كۆرسىتىدۇ .
10- 13- ئەسىر يازما مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە مۇقام ئاتالغۇسى لاد ئۇيۇشمىلىرى بىلەن بىر قاتاردا مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ مۇزىكا ئانسامبىللىرىدىكى باشلىنىدىغان پەدىسى دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن .
13-15 - ئەسىرلەردىكى رىسالىلەردە بولسا « مۇقام » ئاتالغۇسى « پەدە» دېگەن سۆزگە مەنىداش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن .
مۇقام دېگىنىمىز __ تۈرلۈك ناخشا - كۈي - ئاھاڭلارنىڭ مۇزىكا ئەسۋابلىرىدا باشلىنىدىغان پەدىسى : مۇئەييەن لاد ( پەدە ، باسقۇچ) تاۋۇشلىرى ۋە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ مۇجەسسىمى دېگەندىن ئىبارەت .
ئىككىنچى تۈلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ، مۇقام دېگىنىمىز بىر يۈرۈش ناخشا ، مۇزىكا (مەرغول) ۋە ئۇسسۇلدىن قۇرۇلغان كلاسىك مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ بىر پەدىگە ئۇيۇشىشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ئادەتتە مۇقەددىمە بىلەن شۆبىسىنى ئايرىم قىلىپ ئېيتقاندا مۇقام چۈشەنچىسىنى بېرىدۇ .
دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە مەدەنىيەت تىل مۇھىتىدىكى « مۇقام » دېگەن بۇ سۆز ھازىر ئەدەبىيات مۇزىكا ، ئۈسسۇل ، داستان ، تىياتىر ھەتتا مىللەتنى تونۇش ، دىنىي ئېتقاد قاتارلىق تۈرلۈك سەنئەت تەركىبلىرىنى ۋە مەدەنىيەت مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلەر بولۇپ قالدى . بۇ سۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەتنىڭ مىقدارى سەنئەت ژانىرىنىڭ تار مەنە دائىرىسىدىن ئاللىقاچان ناھايىتى كۆپ ئېشىپ كەتتى .
ئون ئىككى مۇقام ( اون اككى مقام)
ONIKKI MUKAM- ئون ئىككى پەدە دېگەن مەنىدە . ئون ئىككى مۇقام ئاتالغۇسىنى مۇنداق ئىككى مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ ؛
(1) ئون ئىككىلىق ئاۋاز تىزمىسى ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا تۈركۈملىرى ، (2) ئەنە شۇنداق كۈيشۇناسلىق قانۇن ئاساسىدا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى تۈركۈم مۇزىكىلىق سېكىل ( مۇجەسسەم) ئون ئىككى چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق ئەسەر . بۇ خىل كۈيشۇناسلىق سىستېمسى ۋە شۇ ئاساستىكى ئون ئىككى يۈرۈش ئەسەرنىڭ كېيىنكى تارىخى قاتلامدىكى نامى ئەرەبچە « مقام» ( مەقام) دېيىلگەن .
ئادەتتە ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى ناخشىلارنىڭ پەدىسىنى يەنە مۇقام پەدىسى بىلەن ئاتايدىغان ھالەتلەمۇ مەۋجۇت . مەىسلەن ، راك پەدىسى ، ئۇششاق پەدىسى ، ناۋا پەدىسى دېگەنگە ئوخشاش . شۇڭا بىز ئون ئىككى مۇقامنى ئون ئىكى خىل پەدىدىن باشلىنىپ شۇ مىقدارىدىكى لاد تاۋۇشلىرىغا ماس كېلىدىغان مۇزىكا ۋە ناخشىلارنىڭ مەجمۇسى دەپ قارايمىز .
راك (راك) RAK - بۇ ھىندىچە ئاتالغۇ بولۇپ ( راگ) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ ، مۇقام دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ، دەپ قارالماقتا .
راك - ئاتالغۇسى ئارىلارنىڭ « رېگاۋىدا» داستانىدا تىلغا ئېلىنغان ئىدى . ئۇ سانسكىرىت __ قەدىمكى ھىندى تىلىدا « كۈي» مۇراسىم ، « قەسىدە » لىرى ، « مۇناجاد كۈيى » مەنىسىدە بولۇپ ، ئادەتتىكى « ئاۋاز» ئىبارىسىدىن نەغمىلىك مېلودىك مەنىدە پەرقلىنەتتى .
ئۇيغۇلاردا بىر پۈتۈن مۇقام نامى بولغان « راك » ئاتالغۇسى « شەش مۇقام» ( ئۆزبېك ئالتە مۇقامى _ ئا) شۆبىلىرى تەركىبىدە « قەشقەرچە راك » ، « ساقىنامىي راك » « ئۆپەر(ئۇسسۇل) راكى» ، ' مۇستەزاد راك « ، « سەقىلى ( سوزۇلغان راك » قاتارلىق مۇزىكا كۈيلىرىگە نىسبەت قىلىنغان . ئىسپانىيە ۋە شىمالىي ئافرىق مۇقاملىرىدىكى مۇزىكىلار ئىچىدىمۇ «- راگائەرەب» ناملىق كۈي ئىسمى ئۇچرايدۇ .
ئۆزبېك مۇقامشۇناسى ئىسھاق رەجەبوۋ « مۇقاملار مەسلىسىگە دائىر» دېگەن كىتابىنىڭ 45-46،- بەتلىرىدە « رەھاۋىي مۇقامى » ھەققىدە توختىلىپ ئۇنى ھىندىلاردا « لەلت» ياكى « لىلت» نامى بىلەن بەزىدە« روھ» «راھ» نامىدا قوللىنىغان مۇقام بولۇپ « يول» « قاتنىماق» مەنىسىدە كېلىدۇ ، دەپ كۆرسەتكەن . ئاتلىقلارنىڭ يول يۈرىشى بىلەن باغلىق « رەھاۋىي » مۇقامىنى ئىسھاق رەجەبۋو « راك» مۇقامىنىڭ يەنە بىر خىل نامى بولۇشى ئېھتماللىقتىن بېشارەت بېرىدۇ دەپ قارايدۇ . ( رەھاۋىي يەنە راھۇۋىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ . 16 - ئەسىردە ياشىغان كەۋكەبېيىنىڭ رىسالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۇ رۇم شەھەرلىرىدىن بىرىنىڭ نامى بولغانلىقى مەلۇم - ئا)
راك - ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ بىرىنچى پەدىسى يەنى بىرىنچى مۇقام . شەش مۇقامىدا « بوزرۇك» مۇقامىنىڭ بىر شۆبىسى . دېمەك ، راك ئاتالغۇسى قەدىمكى سانسىكرىت تىلىدىن قەدىمكى ئورۇن (خوتەن) تىلىغا ئۆزلەشكەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ ، ئاھاڭ ، كۈي مۇقام دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
چەببەيات (چب بيات ) QABBAYAT - بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھازىرچە مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش ھۆكۈم سۈرمەكتە : (1) بۇ ئاتالغۇ پەقەت ئۇيغۇر خەلق مۇقاملىرىدا ۋە كلاسسىك ئون ئىككى مۇقامدىلا ئۇچرايدۇ . بىز « ئابۇچەشمە» سىكلى ( مۇجەسسىمى) تەركىبىدە « تاۋارىخى مۇسسىقىييۇن » دا مەشرەپنىڭ غەزىلىدە قەشقەر ، كۈچا ، قومۇل خەلق نەغمىلىرىدە بۇ نامنى ئۇچرىتىمىز . « چەپ » ئىبارىسى ئاددى مەنىدە « سول » «چەپ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . « چاپ» ئاتالغۇسى « شانۇ - شەۋكەتلىك » ، « تېزلىك » دېگەن مەنىنى ، يەنە شۇنداقلا « چاچقۇن » ئاتالغۇسى « تارماقلانغان » « ماسلاشقان » دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . « تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى » دا « بلىگ ئىتىنى چاپ ، ئىتىنى بەن ئوڭ ئېرتىم » « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا « چاپقۇن » ، « چىپىندى » ، « جاپا» دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ . بۇ سۆزلەر « چەببەيات » - « چوڭ مەشھۇر بايات » ، « تېز پەدە شەكلىدىكى بايات » دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىشى مۇمكىن . (2) يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە « چەببايات » - ئەسلىدە « چاپبايات» بۇلۇپ ، « بايات» بىلەن باغلىق . «چاپ» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا « قۇدرەتلىك ، ئالىي » دېگەن مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ . « چەببايات » ، « چاپ + بايات» شەكلىدىك ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئۇ « ئۇلۇغ خۇدا » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىماقتا . « چەببەيات » ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىككىنچى پەدىسى يەنى ئىككىنچى مۇقام .
سەگاھ (سەگاە ) SAGAH - بۇ ئاتالغۇ پارسچە بولۇپ ، مەنىسى ئۈچىنچى ئورۇن دېگەندىن ئىبارەت . ئون ئىككى مۇقام ئىچىدە ئۈچىنچى پەدە . كونا ئون ئىككى مۇقامنىڭ شۆبىسى تەرىقىسىدە ئۇچرايدۇ . بۇ مۇقام ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تىزىملىكىدە ئۈچىنچى مۇقام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئىسھاق رەجەبوۋ « مۇقاملار مەسلىسىگە دائىر » ناملىق كىتابنىڭ 61 - بېتىدە : سەگاھ « ئىراننىڭ سېستان ( ساكىستان ) ۋىلايىتىدىكى زابولى شەھىرى نامىغا ئاتالغان ئۈچ پاغىينىلىق لاد بولغانلىقى ئۈچۈن سىگاھ نامى بىلەن مەشھۇر » دەپ قارايدۇ .
چەھەرگاھ ( چھارگاھ) QAHARGAH - بۇ ئاتالغۇ پارىسچە بولۇپ ، تۆتىنچى ئورۇن ، توت ۋاقىت دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ ئون ئىككى مۇقاملار سىستېمىسىدا تۆتىنچى پەدىنى يەنى تۆتىنچى مۇقامنى بىلدۈرىدۇ . شاش مۇقام سىستېمىسىدا بولسا ، « دۇگاھ » مۇقام شۆبىلىرىنىڭ بىرى ، يەنى تۆت باسقۇچلۇق تاۋۇش قاتارلىرىدىن ھاسىل بولغان ناخشىلار تۈركۈمى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
پەنجگاھ ( پنجگاھ) PANJGHA - پارسچە ئاتالغۇ بولۇپ بەشىنچى ئورۇن ، بەش ۋاقىت دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ ئون ئىككى مۇقاملار سىستېمىسىدا بەشىنچى پەدە ، بەشىنچى مۇقام ، شۇنداقلا بەزى مۇقاملاردىكى بەش باسقۇچلۇق شۆبە نامى .
بەزى تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ ھەقتە « سەگاھ» « چەھەرگاھ» « پەنجگاھ » مۇقاملىرىنىڭ ناملىرى ئۇد ، تەنبۇر دەستىسىدىكى پەدە ئورۇنلىرىدىن ئېلىنغانلىقى ئېنىق دېگۈچىلەرمۇ بار .
يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار مۇقەددەس كىتاب « ئاۋېستا » نىڭ تاشكەنت 2001- يىلى ئۆزبەكچى نەشرىنىڭ 302 - بەتتىكى :« گاھلار » < ئاۋېستا> نىڭ ئەڭ قەدىمكى بۆلۈملىرىدىن بىرى ياكى زەردوشتىنىڭ بەشلىك قوشاقلىرى ، < ئاۋسىتا > دا < گاسا > (GASA) شەكلىدە قوللىنىدۇ . مەنىسى قوشاق ، زەردوستنىڭ بەشلىك قوشاقلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان ... < گاھ> شەرق كلاسسىك مۇزىكا سەنئىتىدىمۇ قوللىنىدۇ . مەسىلەن : < دوگاھ> ، < سەگاھ> < چارىگا> قاتارلىقلار دېگەن ئىزاھاتقا ئاساسلىنىپ ، مۇقاملاردا ئۇچرايدىغان < گاھ> سۆزىنى ئېھتىمال بۇ يەردە < گاھ> سۆزى <قوشاق> دېگەن مەنىدە بولسا ئۇ ھالدا 12 مۇقام تەركىبىدىكى < سەگاھ> ، < چەرىگاھ > ، < پەنجىگاھ > مۇقاملىرى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ، < سەگاھ _ ئۈچ قوشاق >، < چەرىگاھ - تۆت قوشاق > < پەنجىگاھ - بەش قوشاق > دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپلا قالماي يەنە < ئۈچىنچى قوشاق ، تۆتىنچى قوشاق ، بەشىنچى قوشاق دېگەن > مەنىلەرنى بىلدۈرۈش مۇمكىنغۇ ؟» ( ھۆرمەتجان فىكرەت « مۇقام ناملىرىدىكى < گاھ> سۆزى توغرىسىدا »، « شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 2004 - يىلى 2 - سانغا قاراڭ ) دېگەن قاراشىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
ئۆزھال (اوز خال) OZHAL - بۇ ئاتالغۇنىڭ ئېتمولوگىيىسى ۋە بىلدۈرگەن مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت .(1) ئۆزھال دېگەن ئاتالغۇ ئەرەبچە بولۇپ ، ئۇ ( ئۆزسال ) دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى بولۇپ ، « تۆۋەنگە چۈشۈش » « بوشىتىش » « سەكرەش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ كونا شەرق ئون ئىككى مۇقاملار سىستېمىسىدا بىر شۆبىنىڭ نامى بولغان . ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقامىدا ئالتىنچى مۇقامنىڭ نامى . (2) ئۆزھال - ئۇز زال - « ئەۋج» ئىبارىسىنىڭ ئەكسىچە تاۋۇش ھەرىكىتىنىڭ بىردىن پەسىيىپ سوزۇلۇشى، يېيىلىشى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ . (3) ئۆزھال - قەدىمكى مۇقام تېكىستلىرىدە (ئۆزخال) دەپ يېزىلغان بولۇپ ، ئەرەب ، پارس تىلىدىكى « ھال - ھال ( كەيپىيات ، ھالەت) » سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ ، بىر مۇقام سۈپىتىدە « گۈزەل كەيپىياتلار » دېگەن مەنىنى بىلدۈىدۇ .
ئەجەم (غجم) AJAM - بۇ ئاتالغۇ ئەرەبچە بولۇپ ئەرەبلەردىن تاشقىرى (باشقا) خەلقلەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . « ئوكيانوس ، تۈركچە سۆزلۈك » ناملىق نوپۇزلۇق كىتابنىڭ 6- بېتىدە : ئەجەمنىڭ « ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلارنى ، خۇسۇسەن تۈركىي رايون ۋە خەلقنى كۆرسىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىغان ». شۇنداقلا يەنە مۇزىكىدا E « مى» گامماسىدىن باشلىنىدىغان جۇشقۇن تۈركىي مۇقام ئىكەنلىكى يېزىلغان . بۇ مۇقام «غىياسۇل لۇغەت» تە تىلغا ئېلىنغان . ئەلىشىر نەۋائى ، بابارەھىم مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىدا ، « تەۋارىخى مۇسسقىييۇن » دا قەشقەر ، كۇچا ، تۇرپان خەلق مۇقاملىرىدا كلاسسىك ئون ئىككى مۇقامدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسلىق مۇقاملارنىڭ بىرى ، شاش مۇقامىدا بولسا « سەگاھ» مۇقامىنىڭ بىر شۆبىسى . ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقامىدا بولسا يەتتىنچىسى مۇقامىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۇششاق (غشاق) UXXAK - بۇ ئاتالغۇ ئەرەبچە بولۇپ ، « ئاشىقلار » دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ ، مۇزىكىدا لىرىك كۈيلەرگە قارىتىلغان . شەرق مۇزىكا ئالىملىرى « ئۇششاق » نى ئەڭ قەدىمكى ، بەلكى دەسلەپكى لېرىك مېلودىك تۈركۈم بولوشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ . شۇڭا ئۇنى بەزىلەر « مۇقاملارنىڭ ئانىسى » دەپمۇ ھېسابلىشىدۇ . ئىسھاق رەجەبەۋ ئۆز كىتابىنىڭ 119- 130 - بەتلىرىدە ئۇششاق مۇقامىنى راست مۇقامىغا يېقىن ھەتتا ماس كېلىدۇ ، دەپ كۆرسەتكەن .
ئۇششاق مۇقامىنىڭ كۈيلىرىنى نوقۇل سۇپىزىملىق « ئىشقى - ئىلاھىيە » ۋەرەقىسى - ساماغا باغلاپ ئىزاھلاش ، ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھەببەت ، ئىستەك ، قىزغىنلىق روھىيىتى ۋە ئىشقى - لىرىك قوشاق ۋە نەغمە ئۇسسۇللىرىدىن ئايرىپ قارىغانلىق بولىدۇ . ئۇششاق مۇقاملىرى ھەر قايسى مۇقام تىپلىرىدا بىر - بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكى ئۆز - ئۆزىدىن روشەن ئىشقى تېكىستلىرى مەنىسىدە سۆزلەشكە توغرا كەلسە ، خەلق مەشرەپ مۇقاملىرى ئاساسەن ئىشقى لىرىكىلىققا تىپىك ئۈلگە بولاتتى. ئۇششاق - كونا ئون ئىككى مۇقاملار سىستېمىسدىكى بىرىنچى مۇقامنىڭ نامى . شەش مۇقامىدا بولسا ، « راست » مۇقامىنىڭ بىر شۆبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقامىدا سەككىزىنچى مۇقامنىڭ نامى .
بايات ( بيات) BAYAT - بايات ئۇيغۇرچە يازما مەنبەلەردە جۈملىدىن « قۇتادغۇبىلىك » « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، « ئەتەبەتۇل ھەقايىق » قاتارلىق كىتابلاردا مۇنداق ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلگەن . بايات - كەڭرى ۋە ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى نامىدا تىلغا ئېلىغان . « قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى » دە بولسا « بايات» نى : ئوغۇزلارنىڭ ئارغۇ قەبىلىسىنىڭ ئىلاھىيەتنى ئاتاش نامى دەپ كۆرسەتكەن . بايات مۇقامى - ئوغۇز ، ئارغۇ قەبىلىسىنىڭ نامىغا نىسبەتەن قىلىنغان بولۇپ ، يەرلىك مۇزىكىلىق ئەنئەنە ئاساسىدا سىستېمىلاشتۇرۇلغان .
بايات مۇقامى - ئۇيغۇر خەلق مۇقاملىرىدىن قەشقەر ، كۇچا ، تۇرپان مۇقاملىرىدا ، كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقام تىزىملىكىدە ، كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقام تىزىملىكىدە ئەلىشىر نەۋائى ۋە بابارەھىم غەزەللىرىدە ئۇچرايدۇ . مۆجىزىنىڭ « تاۋارىخى مۇسسقييۇن» كىتابىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ ئۇچرايدۇ . شەش مۇقامىدا نەۋا مۇقامىنىڭ بىر شۆبىسى تەررىزىدە ئۇچرايدۇ . پەرغانە شاش مۇقامىنىڭ بىرىنىچى مۇقامى . ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملار تىزىملىكىدە بولسا توققوزىنچى مۇقامنىڭ نامى .
نەۋا (نوا) NAWA - بۇ ئاتالغۇ پارسچە بولۇپ ، « ناخشا» « كۈي » « ئاھاڭ » « مۇزىكا» « رىتىملىق مېلودىيە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . « نەۋا»- تۆمۈرىلەر دەۋرى ( 1507-1370 ) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رىسالىلەردە ، « غىياسۇل لۇغەت» ئەلىشىر نەۋائى ، بابارەھىم مەشرەپنىڭ غەزەللىرىدە مۆجىزىنىڭ ئەسىرىدە ، قەشقەر ، كۇچا ، تۇرپان خەلق مەشرەپ مقاملىرىدا ، كلاسسىك ئون ئىككى مۇقاملاردا ، شەش ، ئەزەربەيجان ،ئىران مۇقاملىرى تەركىبىدە تىلغا ئېلىنغان .
« نەۋا » ئاتالغۇسى ماۋرائۇننەھىرىدىكى سوغدىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەن ئاتالغۇ بولۇپ قاراخانىلار ، چاغاتاي خانلىقى دەۋرلىرىدە ئېستېمالغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن . نەۋا مۇقامى كونا ئون ئىككى مۇقامدا ئىككىنچى مۇقام . شەش مۇقامىدا بولسا ئۈچىنچى مۇقام . ئۇيغۇر كلاسسىك ئون ئىككى مۇقامىدا بولسا ئونىنچى مۇقامنىڭ نامى .
مۇشاۋەرەك ( مىشاۋيرك) MAXAWARAK - بۇ ئاتالغۇ ئەرەبچە بولۇپ ، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ۋە لۇغەتى مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قاراشلار مەۋجۇت .
1) مۇشاۋەرەك ئەرەبچە بولۇپ ، « كېڭىشىش» « مەسلىھەتلىشىش» « مەسلىھەتچى » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
2) مۇشاۋەرەك _ ئىبارىسىدە يەنىلا « رەك» « راك» دىن ئىلگىرىدىكى فونىما بۇزۇلغان بولۇشى ئېھتىمال . « مۇشاۋەرەك » راكنى چۆرىدىگەن بىر تەقلىدىي لاد تېزمىسىغا قارىتىلغان بولۇشى ئېھتىمال .
3) مۇشاۋەرەك - مۇقامىنىڭ نامى بىر ئاز مۇرەككەپ بولۇپ بۇ مۇقامنىڭ ئەسلى نامى - « مۇش + ئاب+ راك» دېگەن ئۈچ سۆزدىن تەركىب تاپقان ئاتالغۇ بولۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى « مۇش» پارىسچە ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى « نۇش »( ئىچىش) نىڭ ئېغىز تىلىدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ، » ئاب« پارىسچە ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى «سۇ» پوئىتىك - شېئىرى مەنىدە « شاراب » « مەي » دېمەكتۇر . « راك » يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك ، «ئاھاڭ » « كۈي » مەنىسىدە بولۇپ ، « مۇشاۋەرەك » -« مەي - شاراب ئىچىش كۈيى» دېگەن مەنىگە ئىگە .
مۇشاۋەرەك مۇقامىنىڭ نامى پەقەت ئۇيغۇر خەلق مەشرەپ مۇقاملىرى ۋە كلاسسىك 12 مۇقاملاردا ئىزچىل ساقلانغان . بۇ مۇقامنىڭ نامى باشقا تۈركى ، پارس مۇقاملار تىزىملىكىدە پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان . مەشرەپ : « ئارالاپ چالسام ئۇششاقنى ، غەزەلنى راكقا يەتكۈزسەم ، شەبىستانۇ شەھەرلەردە مۇشاۋەرەك ، پەنجىگاھ چالسام » دەپ تىلغا ئالغان .
ئىراق (غراق) IRAK - بۇ مۇقامنىڭ نامى قومۇل مۇقامىدا ، كلاسسىك ئون ئىككى مۇقامدا ، «غىياسۇل لۇغەت» تە ۋە مۇقام ھەققىدىكى رىساللەردە ئەلشىر نەۋائىنىڭ غەزەللىرىدە ، شەش مۇقامىدا بىردەك تىلغا ئېلىغان . بۇ يەردىكى « ئىراق» ئىراق دىياىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ ، ئۇ ھېچقاچان مېلودىك كۈي شەكلى ئىراق ئەرەب كۈيى دېگەن مەنىنى بىلدۈمەيدۇ . ئىسھاق رەجەبوۋ « مۇقاملار مەسىلىسىگە دائىر » ناملىق كىتابىنىڭ 373- بىتىدە :« چول ئىراق » خۇددى « مۈشكۈلات » ، «ئەشۋاي » كۈيلىرىدەك مۇقام ئۆلچىمىگە ئىگە پارچە ئەل - نەغمىلەر دەپ «ئىراق مۇقامى » دىن پەرقلەندۈرىدۇ . ئىراق شەش مۇقام سىستېمىسىدا ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇيغۇر كلاسسىك ئون ئىككى مۇقامدا ئون ئىككىنچى مۇقامنىڭ نامى .
پايدىلانغان ماتىرىياللار :
1. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن « ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى » شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى . 1997- يىل نەشىرى .
2. باتۇر ئەرشىدىنوۋ «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە » ئالمۇتا 2002- يىلى نەشىرى
3. ئىسھاق رەجەبوۋ « مۇقام مەسىلىسىگە دائىر » ئۆزبىكىستان س س ر دۆلەت بەدىئىي ئەدەبىيات نەشىىياتى تاشكەنت 1963- يىل نەشىرى
4. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تۈزگەن « جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006 - يىل نەشرى
5. ئابدۇشكۈر تۈردى « مۇقام تەتقىقاتى ۋە مۇقام ناملىرىنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا » ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى » مىللەتلەر نەشرىياتى 1995 - يىل نەشرى
6. ئابدۇروئوپ تەكلىماكانى «ئۇيغۇر 12 مۇقامى تىكىستىلىرى » مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ 2005 - يىلى نەشىرى
( ئاپتور : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلوگىيە ئىنىستىتۇتىدا )
مەنبە : « شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى 2008 - يىللىق 1- سان