« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: (چوغلۇق)ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى ... تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 1070 قېتىم كۆرۈلدى
chogluk
دىيارىم كاتىۋى
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 25099
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 159
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە159دانە
شۆھرەت: 435 نۇمۇر
پۇل: 1007 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :239(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (چوغلۇق)ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى ...

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Yeh_Ya تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-30)
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر  گەرچە بىز كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يەپ ئادەتلەنگەن بولساقمۇ لېكىن شۇ بىز يەپ كېلىۋاتقان ياكى يەپ باقمىغان تاماقلىرىمىزنىڭ تۈرلىرىنى ۋە ئىسمىنى تولۇق بىلىپ كېتەلىشىمىز ناتايىن شۇڭا بۇ « تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش » ئەپەندى يازغان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرىنى ھوزۇرىڭلارغا سۈندۇم . كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى ئالاھىدە تەۋىسىيە قىلىمەن .

تاماقلارغا خاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى ،
بىزگە شەرەپ - شاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى .
خاسىيەت ھەم شىپائىي بار ھەربىرىنىڭ ،
بىزگە ھۆسىن - خالدۇر ئۇيغۇر تائاملىرى .

- مۇھەممەتجان راشىدىن



ئۇزۇقلىنىش - ھاياتلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى ، شۇڭا ئەقىللىق ئەجدادلىرمىزدىن «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس» دېگەن ھېكىمەت مىراس قالغان . ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەقىيات مۇساپىسىدە ، ئۆزلىىرنىڭ ياشىغان تەبىئىي شەرت - شارائىتى ، مىزاجى ، ئۇزۇقلىنىش ئادىتى ئېتقاد ئادەتلىرىگە ماس كېلىدىغان ، ئىنتايىن كۆپ تائام تۈرلىرىنى ، شۇنداقلا ئىلمىي ئوزۇقلىنىش توغرىسىدىكى قىممەتلىك رىسالىلەرنى بىزگە مىراس قالدۇرۇپ ، ئۆزىگە خاس تائام مەدەنىيتى . تاماق ئېتىش ھۆنەر - سەنئىتى شەكىللەندۈرگەن . ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە مىراس بولۇپ خەلقىمىزگە ئۈچ ۋاق ھەمراھ بولۇپ ، ئۇلارغا كۈچ - قۇۋەت ، ئەقىل پاراسەت ، ساغلاملىق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان ، جانغا ھوزۇر ، تىلغا لەززەت بېغىشلىغۇچى ئەنئەنىۋى تائاملىرمىزنىڭ تۈرلىرى ھەقىقىتەن كۆپ . ئۇيغۇر تائاملىرى تەمى ، پۇرىقى ، ئېتىلىشى ئۆزگىچە بولۇش ، كۆرنىشى ، شەكلى ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغاش ، مىللى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇش ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقرى بولۇشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق .
خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان قەدىمكى تۈرلۈك تارىخىي كىتاپلاردىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تارىخىي توغرىسىدا قىممەتلىك بايانلار خاتىرلەنگەنلىكى مەلۇم . ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس مەخمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا قەدىمكى ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيتىگە ئائىت 80 نەچچە ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنغان . بۇلارنى يىمەك ئىچمەك مەنبەسى ، يىمەك ئىچمەك تۈرلىرى دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
1) يىمەك - ئىچمەك مەنبەسىدە ئاساسەن تارىغ (بۇغداي) ئارپا تۇتۇرقان (گۈرۈچ) تۆگى (تېرىق) . قوناق ، سۇ ياغ ، قاغۇن (قوغۇن) . ياغ ، ئەت (گۆش) سۈت ، يۇند (ئات) ، ئۇد (كالا) ، قوي ، ئۆچكە (ئۆچكە)، تاقاغۇ (تۇخۇ) ، ئۆردەك ، قاز ، (غاز) ، بالىق (بېلىق) ، يۇمۇرۇتغا (تۇخۇم) بال (ھەسەل) ، سارمۇ ساق (سامساق) ، ئوغلى (ئاق سەۋزە) مۇرچ (قارا مۇچ) سىپۇت (يۇمغاقسۈت) ، سۇغۇن (پىياز) ، تۇرما (تۇرۇپ) ، چاغمۇر (چامغۇر) ، تارماز (تەرخەمەك) بۈتۈگە (پىدىگەن) ، ياغ گۆش ، كۆكتات قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان .
2) يىمەك ئىچمەك تۈرلىرىدىن ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر تىلغا ئېلىنغان : (1) كۆمەچ ، نان تۈرلىرىدىن ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر تىلغا ئېلىنغان : (نان) ، چوقمىن (ھۆرنان) ، قاتما (قاتلىما) ، توقاچ ، كۆزمەن (كۆمەچ) يۈسكەچ (كاكچا) ، پوشكەل (پوشكال) ، قۇيما (قۇيماق) ... قاتارلىقلار ؛ (2) سۈيۈق - سەلەڭ ، قاينىتىلغان تائاملاردىن ئۈگرە ، قېيما ئۈگرە ، سارماچۇق (قۇچقاچ تىلى ئاش) ، لەتۈ (بىر خىل سۈيۈق تاماق) ، تۇتماچ (چۆپ) قاتارلىقلار ؛ (3) گۆش تۈرىدىكى تائاملاردىن سۆگلۈنچۈ (كاۋاپ) ، مۇن (شورپا) ، قازى (قېزا) سوغۇق (ھېسىپ) قاتارلىقلار ؛ (4) ئىچىملىك تۈرلىرىدىن ئايران (جېتىق) ، سۈزمە ، بۇخسۇم (بوزا) قېمىز قاتارلىقلار .
يۈەن سۇلالىسى دەۋرى (1279- 1368) دە ، ئوردىدا ساراي داستىخانچى ، ئوزۇقشۇناس ۋە ئۇردا تېۋىپى بولۇپ ئىشلىگەن مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابەت ئالىمى قۇسقۇي تەرىپىدىن يېزىلغان «شىپالىق تائاملار دەستۇرى» دا بۇنىڭدىن 600 - 700 يىللار بۇرۇنقى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن تائاملىرى ، ئەت گۆشلەر ، كۆكتاتلار ، خۇرۇچلار ۋە پەرھىزلەر بايان قىلىنغان .
يېقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيتى ھەققىدە خېلى نوپۇزلۇق رىسالە ۋە قامۇسلارنى نەشىر قىلدۇردى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرنىڭ تۈرلىرنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇردى . مەسلەن : توختى باقى تەرپىدىن تۈزۈلگەن (شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى ، 1984 - يىلى نەشىرى) «ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتابقا 300 خىلغا يېقىن ئۇيغۇر تائاملىرى كېرگۈزۈلگەن . ئالمۇتىدا نەشىر قىلىغان «ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتاپتا 640 نەچچە خىل تائام ۋە ئۇنىڭ خۇرۇچلىرى تونۇشتۇرۇلغان . باش تەتقىقاتچى ۋەكى كېرەم كۆكئالىپ تەرپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى» (شىجاڭ سەھىيە نەشىرياتى تەرپىدىن 2007 - يىلى نەشر قىلىنغان) ناملىق كىتاپقا نۇرغۇن تائاملار كىرگۈزۈلگەن . ئاپتۇر كىتابىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ، «بۈگۈنكى كۈندە بىز ۋارىسلىق قىلۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى 100 خىلدىن ئارتۇق سان ، سۈپەت جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ، دەپ ئېتساق ئارتۇق كەتمەيدۇ» دەپ يازغان. شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى «ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەك مەدەغىيتى مەجمۇئەسى» دېگەن سەرلەۋھىدە بىر يۈرۈش 23 پارچە كىتاپ تۈزدى ، ئۇنىڭ ھازىر 12 كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى . يۇقۇردىكى بىر قاتار كىتاپلارغا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنى ۋە كېيىن باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن تائاملىرىنى مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ :
1) نان تۈردىكى تائاملار
نان تۈردىكى تائاملار دېگەندە شەكلى قوياش ، ئاينى ئەسلىتىدىغان ، پىشۇرۇش ئۇسسۇلى ئۇخشاش بولمىغان ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدىغان ، ساقلاپ يىيشكە ماس كېلىدىغان ، توي نەزرە ، مىھماندارچىلىقتا كۆپ ئىشلىتىلدىغان ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان تائاملار نەزەردە تۇتۇلىدۇ . نان تۈرىدىكى تائاملارنىڭ پىشۇرۇش ئۇسسۇلى ئوخشاشمىغاچقا ، ئۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلىمىز :
1)قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغانلىرى كۆمەچ : بۇ ناندىن بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان تائام بولىشى مۈمكىن . مەھمۇد قەشقىرى «تۈرك تىللار دىۋانى» دا ئۇنى «كۆزمەچ» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان . بۇ خىل تائام ھازىر كېرىيە ناھىيسىنىڭ دەريا بويى يىزىسدىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ھېلى ھەم مەۋجۇد . ئۇ كۆمەچ گۆش نان ، قوقاس پېتىر كۆمىچى ، كۆممە قاتنان قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ .
2) تونۇردا پىشۇرۇلىدىغانلىرى نان (ئەتمەك ، ئەپمەك) ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تامىقى بولۇپ قومۇلنىڭ قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 3200 يىلنىڭ ئالدىدىكى نان تېپىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپاننىڭ ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانىقىدىنمۇ قەدىمكى نان تېپىلغان ئۇيغۇرلادا ناننىڭ تارىخى ھەقىقىتەن ئۇزۇن ، تۈرى كۆپ شۇنداقلا نانغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمۇ مول بۇلغاچقا ، مۇكەممەل نان مەدەنىيتى يارتىلغان دېيىشكە تامامەن بولىدۇ . ناننىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى - ئۆي نېنى ، توقاچ ، سەپەر توقىچى ، توي نېنى ، كاكچا نان ، پېتىر نان ، گىردە ، بىجاق نېنى (كۇچا نېنى) . دامان نان ، ھەمەك نان ، شېكەر نان ، ياغلىق توقاچ ، شىرمان نان ، سىيادان توقىچى ، كۈنجۈت توقىچى ، سۈتلۈك توقاچ ، گۆشنان ، قاتلىما ، جىگىردەكلىك نان ، جىرىس نان ، زاغرا نان ، جىگىردەكلىك زاغرا ، سۈتلۈك زاغرا ، سۆك نان ، جۆۋەندە نان (قوشۇقلۇق نان) ، مۇنارنان ، قېيمىلىق قاتلىما ، تاغ نېنى ، چاپىتى ، گۇچۇڭ توقىچى ، لوپنۇر توقىچى ، بازار نېنى قاتارلىق 40 خىلدىن ئاشىدۇ .
3) قازاندا پۇشۇرۇلىدىغانلىرى قاتلىما ، قوتۇرماچ (قاتۇرما) ، پىياز قاتلىمىسى ، پىششىق خېمىر قاتلىمىسى ، قاتلانغان قوتۇرماچ (قاتۇرما) ، پىياز قاتلىمىس پىششىق خېمىر قاتلىمىسى ، قاتلانغان قوتۇرماچ ، تۇخۇم قوتۇرمىچى ، پوشكال (بۇ تاماقمۇ بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە) قات - قات پوشكال ، تاتلىق پوشكال توخۇم پوشكىلى قاتارلىقلار .
4) تاۋىدا پۇشۇرۇلدىغانلىرى تاۋ چوڭ نېنى ، شېكەر توقاچ ، ماي توقاچ ، گۆش قىيمىلىق قاتلىما توقاچ ،مېغىز قېيمىلىق قاتلىما توقاچ ، تاۋ توقىچى ، چۈرۈك قاتلىما توقاچ ، قېيمىلىق تاۋ نېنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
2 . قاينىتىلغان ۋە سۇيۇق - سەلەڭ تائاملار
چۆپ : بۇ تائامنىڭ تارىخ ئۇزاق بولۇپ تەخمىنەن 2300 يىللىق تارىخقا ئىگە مەخمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللار دىچۋانى» دا ئۇنىڭ «تۇتماچ» (تۇتماچ ئاش) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ، تۈرۈكلەرنىڭ ئاتاقلىق تائاملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قۇۋەتلىك ، ئادەملەرگە پايدىلىق تائام ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق لەتىپچىسى ، قوشاقچى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇزىكانتنى سەلەي چاققان (1790 - 1850) مۇ «چۆپ بولسا» نامىلىق قوشقىدا بۇ تائام توغرىسىدا مۇنداق قوشاق قوشقان


ئاتۇش قىزلىرى ئوتقاش ،
ئاشنىڭ يىلىكى چۆپ ئاش،
قول باغلىشىپ تۇرىدۇ ،
چۆپ ئاش ئالدىدا كۆپ ئاش ،

بەشكېرەم ئۇنى بولسا ،
ئاۋاتنىڭ تۈزى بولسا ،
زەپ ئوخشايدۇ چۆپ دېگەن ،
ئاتۇشنىڭ قىزى بولسا .


چۆپنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى : نارىن چۆپ ، ئاتۇش چۆپى ، قايماق چۆپ ، قېزا نارىن ، ياغلىما چۆپ ئۆكۈز تىلى چۆپ دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئوماچ ئاتلا ، ياما ، يوبدان ، سىقماق ، شۇۋىگۈرۈچ ، ماشخوردا ، ئاق ئاش ، نەۋرۇز ئېشى ، خان ئېشى ، كۆكۋاش ئېشى ، سۆك ئېشى قاتارلىقلارمۇ سۇيۇق تاماقلارغا كىردۇ . سۇيۇقئاش چوڭ بىر تۈر بولۇپ ، ئۇنىڭ يەنە ئۈگرە ، قورۇما ، ئۈگرە خولۇپئاش ، كەسمە قوشقاچ تىلى كەسمە ، ئۈزۈپ ئاش ، كۆك پۇرچاق ئۈگىرىسى ، ماش ئۈگىرىس ، مەنچىزە سۇيۇقئاش ، بېمار ئېشى ، ھاردۇق ئېشى ، كۆجە ئاش ، يىرتىپ ئاش ، توي ئېشى ، غورا ئۈگرىسى ، قېتىق سۇيۇقئاش ، كۇچا سۇيقئىشى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تۈرى بار .
3 . گۆش (ئەت) تائاملىرى
گۆش تائاملىرىنى تەييارلاش ئۇسسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن ، تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ :
1) شورپىلار ئاق شۇرپا ، قورۇما شۇرپا ، چەينەك شورپىسى ، قىيما شورپىسى ، باچكا شورپىسى ، توخۇ شۇرپىسى ، تۇخۇم شۇرپىسى ، بېلىق شۇرپىسى ، تاۋۇز شورپىسى قاتارلىقلار .
2) كاۋاپ (سۆگلۈنچۈ ياكى قاقلىما ئەت) كاۋاپنىڭ تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن چەرچەن ناھىيسىنىڭ زاغۇنلىق قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 2800 يىل بۇرۇنقى يۇلغۇن زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋاپ تېپىلغان . كاۋاپ زىق كاۋاپ ، تونۇر كاۋاپ ، شىرى كاۋاپ ، تاۋا كاۋاپ ، قىيما كاۋاپ ، قورۇما كاۋاپ ، پوستۇمبا كاۋاپ ، سوقما كاۋاپ ، بۆرەك كاۋىپى ، تال كاۋىپى ، قورۇغا كاۋاپ ، بەل كاۋاپ ، مۇنار كاۋاپ ، كۆممە كاۋاپ ، دۈمبە جىگەر كاۋاپ ، بېلىق كاۋىپى ، جاڭگال كاۋىپى ، توشقان گۆش كاۋىپى ئۆردەك كاۋىپى ، غاز كاۋىپى قاتارلىق 25 خىلدىن ئاشىدۇ .
3 . قېزا .
4) دۈملىمە دۈملىمە تۇخۇ دۈملەنگەن چۆجە دۈملىمە گۆش ، دۈملىمە بېلىق ، دۈملىمە پاچاق قاتارلىقلار .
5) كاللا پاقالچاق ، ئۆپكە .
4 . قيمىلىق تائاملار
بۇ خىل تائاملارنى تۆۋەندىكى ئالتا خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ .
1) مانتىلار بولاق مانتا ، پىتىر مانتا ، كاۋا مانتىسى ، چاۋا مانتىسى ، شېكەر مانتا ، كۈدە مانتىسى ، جاڭدۇ مانتىسى ، ياغ مانتىسى ، ئاش مانتا ، رەڭلىك مانتا ، يېسۋىلەك مانتىسى ...
2)چۆچۈرىلەر چۆچۈرە ، قورۇما چۆچۈرە ، كۆك چۆچۈرىسى ، تۇخۇم چۆچۈرىسى ، قايماق چۆچۈرىسى ، مېغىز چۆچۈرىسى ، قىزىل بىداچ چۆچۈرىسى ، يالپۇز چۆچۈرىسى ، لوپلا چۆچۈرىسى ، پىننە چۆچۈرىسى ...
3) سامسىلار سامسا ، گۆش گىردە ، پەرمۇدە ، قاتلىما سامسا ، ياغ سامسا ، تۇخۇم سامسىسى ، كۆك سامسىسى ، كاۋا سامسىسى ، قىزىل بىداچ سامسىسى ، شۇخلا سامسىسى ...
4) پۈرۈلەر گۆش پۆرىسى ، كۆك پۆرىسى ، تۇخۇم پۆرىسى ، ياۋا كۈدە پۆرىسى ...
5)تۈگرە (جۇۋاۋا ياكى جىن چۆچۈرىسى) تۈگرە ، شورپۇلىق تۈگرە ، قورۇق كۆك تۈگرىسى ، بىدە تۈگرىسى ، پالەك تۈگرىسى ، يېسىۋىلەك تۈگرىسى ، ئۈندۈرمە تۈگرىسى ، تۇرۇپ تۈگرىسى ...
6)باشقىلار موندەك ، تۈرمەل ، پەرەمىش ، (خوشاڭ) ، سامپۇسا . تەپمەك ...
5 . قورۇما تائاملار
بۇ خىل تائاملارنى ئېتىدىغان ماتېريالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
1) ئۇن تەركىپلىك قورۇما تائاملار ئۆي لەڭمىنى ، كاتتا لەڭمەن ، (گۇيۇرۇ) غۇنچە گۆش لەڭمەن ، كۈدەك لەڭلەن ، قوۋرۇغا لەڭمەن ، تاسما لەڭلەن ، غېرىچ لەڭمەن ، قوۋرۇغا لەڭمەن ، بۇتقا لەڭمەن ، كېسىپ لەڭمەن ، باچكا لەڭمەن ، چامغۇر لەڭمەن ، تۇخۇم - كۈدە لەڭمەن ، ياغ لەڭمەن ، گۈرۈچ ئۇنى لەڭمىنى ، يەركەن لەڭمىنى ، (تۇخۇرمىيەن) ؛ قۇرغاق قورۇما چۆپ ئۈزمە چۆپ قورۇمىسى (سومىيەن) ، قەلەمچە چۆپ قورۇمىسى ، دىڭدىڭ قورۇمىسى ، قۇرداق نان قورداق ، قىيما قورداق ، ياپما (پىتىر ياپما ، بولاق ياپما ، قاتلىما ياپمىلار) ، قولدۇما ، قارا بۇغداي قولدامىسى ، قورۇما چۆپ ، شۇخلا چۆپ ، كۆك چۆپ ، (سەي چۆپ) تۇخۇ نارىن ، شۇڭگۇتماق ، زاڭ (جوتاڭ) گۈرۈچ چۆپ قورۇمىسى (سومىفىن)...
2) گۈرۈچلۈك قورۇما تائاملار پولۇ : بۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ سۇلتانى - شاھى بولۇپ ، تارىخى ئۇزۇن ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە : گۆشلۆك پولۇ ، ماش گۈرۈچ پولۇ ، قېيزا پولۇ ، تاتلىق پوپۇ ، تۇخۇم پولۇسى ، بېھى پولۇسى ، قىيمىلىق پولۇ ، تۇخۇ پولۇسى ، (قارا ئاش) سۆك پولۇسى ، ئاق ئاش ، بەقەسەم پولۇ ، شادى پولۇ ، يارما پولۇ ، بۇغداي پولۇسى ، بولۇپ ، 25 خىلدىن ئاشىدۇ . ئۇنڭدىن باشقا بۇ تۈرگە شويلا ، بەتتە ، گاڭفەن ، قورۇما گاڭفن ، ماش گۈرۈچ ئاش ، سىڭدۈرمە ، ھېسىپ قاتارلىقلارمۇ كىرىدۇ .
6 . تاتلىق يېمەكلىكلەر
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ :
1) سۇيۇقراق كەلگەن تاتلىق يېمەلىكلەر ھالۋا : قەنت ھالۋىسى ، ئۈجمە ھالۋىسى ، قوغۇن ھالۋىسى ، شىرنە ھالۋىسى ، تاۋۇز ھالۋىسى ، بۇلماق شىرنە (نىشالە) ، ئېرىس قاتارلىقلار .
2) قاتۇرۇپ پىشۇرۇلغان تاتلىق يېمەكلىكلەر (تاتلىق تۇرمۇلار) تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبىرىستانلىقىدىن چىققان تاڭ سولالىسى دەۋرى (618 - 907) گە ئائىت قەبىرلەردىن تېپىلغان پېچىنە - پىرەنىكلەرگە قاراپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل تائاملىرىدىن پايدىلىنىش تارىخىنىڭ قەدىمىيلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇر پېچىنە تورتلىرىنىڭ تۈرى 30 نەچچىدىن ئاشىدۇ ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە : بال پىرەنىك ئاق پىرەنىك ، ئېرىس پىرەنىك ، ياغلىق پېرەنىك ياڭاقلىق پېرەنىك ، ماشىنا پېرەنىك ، بالىلار پىچىنىسى ، قايماق پېچىنە ، قەۋەتلىك بال تورت ، ياڭاق تورت ، ئاق - قارا تورت ، توخۇم تورت ، شاكىلات تورت ، كۈنجۈت تورت ، قوناق ئۇنى تورتى ، ئالما تورت ، يۆگىمە تورت ، باققالى ، تۇچ ، بولكا...
7 . قورۇمىلار
ھازىر ئۇيغۇر رېستۇرانلىرى تېز تاماقخانىلار ۋە ئائىلىلەردە ئېتىلۋاتقان ، قېرنداش ، مىللەتلىرىنىڭ بىر قىسىم قورۇملىرىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ ، ئۇيغۇر قورۇملىرى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن قورۇملارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى - ھايۋانات ، ئۇچار قوشلارنىڭ گۆش ۋە تۇخۇم قورۇمىلىرى ، بېلىق گۆشى تۈرلىرى قورۇمىلىرى ، شىپالىق قورۇمىلار ، دېڭىز مەسۋۇلاتلىرى ، بېلىق گۆشى تۈرلىرى قورۇمىلىرى ، ھۆل - قورۇق مېۋىلەر گۆشسىز قورۇمىلىرى دېگەن تۈرلەر بويىچە 200 خىلدىن ئاشىدۇ .
8 . باشقىلار
ساڭزا ، قايماقلىق ھورنان ، ھور قاتلىما ، (يۇتازا) سېرىقئاش ، قېيىقچە بوغۇرساق ، راڭپىزا ، ئەشمە قويماق (ماخار) ، بېلىق تالىقىنى ، ئۇجۇل تالقىنى (لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېكەننىڭ توزغۇقىدىن تەييارلانغان ئالاھىدە تامىقى) ، ئۇجۇل قاتۇرمىسى ، ئۇجۇل ھالۋىسى ...
ئۇيقۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى ھەقىقىتەن كۆپ بولۇپ ، ئۇنى ئايرىم بىر دۇنيا دېيىشكە بولىدۇ . بىر پارچە قىسقا ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ، مەن بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىنى تېلغا ئېلىپ ئۆتتۈم ، تۈرلەرگە بۆلۈشتە ئېلمىي بولمىغان ، تولۇق بولمىغان ئەھۋاللار بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇچانلىق بىلەن پايدىلىنىشنى ۋە قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلىرىنى بېرىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن .


مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
[ chogluk تەرپىدىن 2008-05-30 18:38 قايتا تەھرىرلەنگ ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuduratulla) ياخشى ماقالە
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • شۆھرەت:+10(Yeh_Ya) ياخشى ماقالە
  • ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-30 17:52 [باش يازما]
    kgb-fbi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31703
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەجەپ يىگىم كەلدى 
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-30 17:56 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17636
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2753
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2753دانە
    شۆھرەت: 2720 نۇمۇر
    پۇل: 8991 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :341(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تائاملىرىمىزنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، تائاملىرىمىزنى ياقتۇرمايدىغان يات مىللەت،يات ئېرىق بولمىسا كېرەك.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:02 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    d.y.r.m
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22930
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    پۇل: 141 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجرىڭىزغا رەھمەت  بۇ تېمىنى يازغىچە يادلاپمۇ بولغانسىز ھە قاچان  ھاھاھا تولا ئۆچۈپ ...
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:11 3 -قەۋەت
    mg614
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30751
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 410
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە410دانە
    شۆھرەت: 415 نۇمۇر
    پۇل: 1407 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ظؤيغؤر تاظاملىرىمىزنىث تۇرلىرى ناهايىتى كأپ ، بىز ظىتەلمەيدىغانلىرىمىزمؤ هەم كأپ .
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كىلىشچە.
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:11 4 -قەۋەت
    demka
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30481
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 101 نۇمۇر
    پۇل: 401 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :103(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىsehirlikalmaنىڭ2008-05-30 18:02دە يوللىغان يازمىسى  :
    تائاملىرىمىزنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، تائاملىرىمىزنى ياقتۇرمايدىغان يات مىللەت،يات ئېرىق بولمىسا كېرەك.

    قوللاپ قۇۋەتلەيمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:15 5 -قەۋەت
    yurtumm
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23130
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 441
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە441دانە
    شۆھرەت: 441 نۇمۇر
    پۇل: 1441 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :207(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىمىنى ساقلىۋېلىپ ئالدىرماي كۈرۈپ چىقسام بولغۇدەك    
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:17 6 -قەۋەت
    atuxboy526
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31037
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 77
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە77دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 331 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر تائاملىرى  ئۇيغۇرخەلقىنىڭ ئەقىل -پاراسىتنىڭ جەۋھىرى
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:17 7 -قەۋەت
    خەنجەر
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
    شۆھرەت: 182 نۇمۇر
    پۇل: 687 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

                ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنىڭ ياخشىلىقىدىن ماۋۇ ئۆپچۆرىمىزدىكى يات تائىپىلەرمۇ بىزنىڭ تائاملىرىمىزغا كۆنۈپ قالدى .    ھازىر قايسى شەھەردىكى خالىغان بىر تېز تاماقخانىغا ياكى رېستۇرانغا كىرسىڭىز  خەنلەرنىڭ  بۇرنىنى كولاپ ئولتۇرۇپ ، بىزنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىمىزدىن ھۇزۇلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرەلەيسىز .  بۇرۇن ئۆيىدە بەسەي شورپىسىغا موما چىلاپ يەيدىغانلار ھازىر  كاۋاپ ، پولو ۋە نارېن چۆپ قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى تائاملىرىمىزنى يەپ بېلىگە ماغدۇر كىرىپ خوتۇنىدىن بەك قورقمايدىغان بولدى .
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقتۇر .
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:34 8 -قەۋەت
    etlas
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28436
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 53
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە53دانە
    شۆھرەت: 83 نۇمۇر
    پۇل: 797 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر تائاملىرى- خان تائاملىرى دېمەكتۇر~!
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئۆزىگە ئىشەنمىگەن ئادەم باشقىلارغا تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ~!
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:36 9 -قەۋەت
    fatima88
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31152
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    «لەتۈ»  ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن بۇ تاماقنى .  قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن !
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:47 10 -قەۋەت
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 242
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە242دانە
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    پۇل: 899 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇھەممەتجان  راشىدىننىڭ «ئۇيغۇر  تائاملىرى» دىگەن  شېئىرىنى  يوللاپ  بەرسەم  تورداشلار  نىمە  دەيدىكىن؟
    http://mtv.diyarim.com
    سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:50 11 -قەۋەت
    gvzal3.8
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1287
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1287دانە
    شۆھرەت: 1643 نۇمۇر
    پۇل: 4144 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :679(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        يوللىڭە ياۋاگۈلۈم. ھىچنىمە دىمەيمىز،مانا مۇنداق قىلىمىز ئاشۇنداق ياخشى شېئىرنىمۇ سوراپ يوللامتىكى
        ئەمدى مۇشۇ تېمىغا تورداشلار،شۇ تاماقلارنىڭ ئېتىش ئۇسۇلىنى ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويغان بولسا،تېخىمۇ مۇكەممەل بولاتتى.
    http://mtv.diyarim.com
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-05-30 19:10 12 -قەۋەت
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 242
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە242دانە
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    پۇل: 899 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر  تائاملىرى
    مۇھەممەتجان  راشىدىن

    تائاملارغا  خاندۇر  ئۇيغۇر  تائاملىرى،
    بىزگە  شەرەپ-شاندۇر  ئۇيغۇر  تائاملىرى.
    خاسىيەت  ھەم  شىپاسى  بار  ھەر بىرىنىڭ،
    بىزگە  ھۆسىن-خالدۇر  ئۇيغۇر  تائاملىرى.

    لەغمەن، مانتا  خۇمار  بولدى  بىر  يېگەنلەر،
    چىقتى  خېلى «پولۇ  پىرى  بىز !»  دىگەنلەر.
    ئاشمانتىغا  قالدى  ئاشىق-مەشۇق  بولۇپ،
    تائاملاردىن  كۆڭلى  لەززەت  ئىزدىگەنلەر.

    گۆشنان  دىگەن  تائاملارنىڭ  بەگ-تۆرىسى،
    تولغان  ئايدەك  چىرايلىقتۇر  چەت-چۆرىسى.
    ئەمدى  ئېغىز  تېگىپ  تۇرسا  ئاڭا  مېھمان
    كىرىپ  كېلەر  «مەنمۇ  بار »  دەپ  چۆچۈرىسى.

    ئۇيغۇردا  بار  ئالەمدە  يوق  گۆشگىردىمۇ،
    بازار  تاپتى  شاڭخەي،  بېيجىڭ-ئىچكىرىدىمۇ.
    ئۇزاقلاردىن  قېرىندىشى  سامسا  ئۇنىڭ،
    سورىمايدۇ : ياز  كەتتىمۇ،  قىش  كىردىمۇ؟

    ئەتكەن  چايغا  جۆر  كېلىدۇ  ئاق  نېنىمۇ،
    بىللە  كېلۇر  ماي  چەيلىگەن  قاتلىمىمۇ.
    ئۆرگىلىمەن  قايماق  سالغان  يۇتازىدىن،
    بولماس  ئۇنى  ھەممە  يەردىن  تاپقىلىمۇ.

    چەينەك  شورپا،  سامبۇسىنىڭ  زوقى  باشقا،
    نېمە  يەتكەي  ئاچچىق-چۈچۈك  ئۈگرە  ئاشقا؟!
    ھېرىپ-ئېچىپ  كەلگەنلەرنىڭ  چىن  دوستى  دەپ،
    داڭقى  كەتتى  مەڭپەرنىڭمۇ  تاغۇ-تاشقا.

    ئاڭلىغاندەك  ئالەم  بىزدىن  راۋابنىمۇ،
    كۆردى  پۈتۈن  قويدىن  تونۇر  كاۋاپنىمۇ؛
    كىمنىڭ ؟  دىسە  كەلگەن  مىھمان  بۇ  ئىجادنى،
    ئۇيغۇرنىڭ !  دەپ  بەردۇق  دادىل  جاۋابنىمۇ.
    [ yawagul0997 تەرپىدىن 2008-05-30 19:30 قايتا تەھرىر ]
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
    | ۋاقتى : 2008-05-30 19:10 13 -قەۋەت
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 242
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە242دانە
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    پۇل: 899 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    داۋامى

    بېھى  بىلەن  كىشمىش  بېسىپ  پولۇ  ئەتمەك،
    قىز  مەڭزىدەك  گىردىلەرگە  كۈنجۈت  سەپمەك.
    سىياداننى  سېلىپ  ياققان  ئاق  توقاچلار،
    ھۈنەر  بىزگە  ئاق  نانغىمۇ  گۈللەر  چەكمەك.

    ھېيت-ئايەمدە  ساڭزا  بىلەن  ئۆپكە-ھېسىپ...
    شۇ  ھۈنەرمۇ  بوپتۇ  يەنە  بىزگە  نېسىپ؛
    تۇخۇم  پوشكال،  شويلىلارمۇ  بىزنىڭ  ئىجاد،
    شۇنچە  يازسام  قۇيماق،  پۈرە...قاپتۇ  ئېشىپ.

    بىزنىڭ  قولدا  مۇراد  تاپتى  نېرىن  چۆپمۇ،
    جىق  تائامغا  بولدى  خۇرۇچ  قايماق،  سۈتمۇ؛
    باھار  كەلسە  باغدىن  قىزلار  تېرىپ  كېلىپ،
    چۆچۈرىگە  قارار  تاپتى  بېدە  كۆكمۇ.

    قەلىمىمدە  مىڭ  تەرىپى  ھەر  تائامنىڭ،
    چېكىتنى  قويغۇم  كەلمەس  «سۆز  تامام !»نىڭ.
    ھەر  تائامنىڭ  خىلى  تولا-تۈرى  تولا،
    تەگسە  ئېغىز  بايرىمىدۇر  ئەھلى  جاننىڭ.

    ماھارەتلىك  مانتىپەزلەر  سايراپ  تۇرار،
    سامسىپەزنىڭ  ئىككى  قولى  ئويناپ  تۇرار؛
    ئۇيغۇرلارنىڭ  تائاملىرى  بەرگەن  لەززەت
    ئاغزىڭىزدىن  كەتمەي  يىللاپ،  ئايلاپ  تۇرار.
    [ yawagul0997 تەرپىدىن 2008-05-30 19:56 قايتا تەھرىر ]
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
    | ۋاقتى : 2008-05-30 19:19 14 -قەۋەت
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 242
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە242دانە
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    پۇل: 899 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توۋا،  ئىككىنچى  بۆلەكنى  پەقەتلا  تەھرىرلىيەمىدىم،  تەھرىرلەش  كونۇپكىسىنى  باسساملا  چېكىنىپ  چىقىپ  كېتىۋاتىدۇ.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
    | ۋاقتى : 2008-05-30 19:38 15 -قەۋەت
    insanbiz
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27820
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 661
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە661دانە
    شۆھرەت: 691 نۇمۇر
    پۇل: 2587 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :135(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    جاپا تارتىپسىز.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    دىيارىم ئەزالار مۇڭداش توپى قۇرۇلدى.59484468
    | ۋاقتى : 2008-05-30 20:40 16 -قەۋەت
    sweet
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2991
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
    شۆھرەت: 26 نۇمۇر
    پۇل: 140 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    «گۈزەل3.8» مەن سىزگە ئۇيغۇر يىمەك ئىچمەك مەدەنىيىتى دېگەن بىر يۈرۈش كىتاپنى تەۋسيە قىلاي..ھەم بۇ كىتاپنى تاماق ئېتىشنى ياقتۇرىدىغان بارلىق قىزلارغا تەۋسىيە قىلىمەن..مەن بۇ كىتاپنىڭ «گۆشلۈك قورۇمىلار»،«تۇخۇم قورۇمىلىرى»،«بىلىق قورۇمىلىرى»،«شورۇپىلار»،«سوغۇق سەيلەر» دېگەن قىسىملىرى كۆرۈپ چىقتىم..باشقا قىسىملىرىمۇ ياخشى ...بۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن تاماقلار ئادەتتە ئۈچ ۋاق تاماق جوزىسىدا بولسۇن ،ياكى مېھمانلىق سورۇنىمىزدا بولسۇن ھەممىسىگە مۇۋاپىق...مەن بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە بۇنىڭدىكى بەزى مۇھىم مەزمۇنلاردىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلىمەن.
       
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ???????? ????? ????? ?????????????? ????? ?????????............
    | ۋاقتى : 2008-05-30 21:00 17 -قەۋەت
    korki
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20669
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 198
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە198دانە
    شۆھرەت: 261 نۇمۇر
    پۇل: 930 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :202(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىملىرى بىلەن قوشۇپ يولللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن، ئاساسلىق تاماقلىرىمىزنىڭكىنى بولسىمۇ.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-30 21:20 18 -قەۋەت
    atirgul627
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1200
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1200دانە
    شۆھرەت: 1240 نۇمۇر
    پۇل: 3965 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :267(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرىنى ھەقىقەتەن ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.يولانمىڭىزغا رەھمەت.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    سۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل،بېشىڭ كەتمىسۇن،
    تىلىڭنى كۈزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن.
    | ۋاقتى : 2008-05-30 21:40 19 -قەۋەت
    kaxhar
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 386
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە386دانە
    شۆھرەت: 406 نۇمۇر
    پۇل: 1373 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :140(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راسىت دەيسىز،ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى ھەقىقەتەن كۆپ،بولسا دۇنيا تېخىمۇ كەڭ تۈردە تۇنۇتساق....
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ۋاقىت --- ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-05-30 22:11 20 -قەۋەت
    tuprak123
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22890
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياۋا گۇل نېرىن چۇپ ىتالام سىز
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-31 01:52 21 -قەۋەت
    akula414
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29177
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 287
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە287دانە
    شۆھرەت: 302 نۇمۇر
    پۇل: 45 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قورساق ھەجەپ ئاچتىيا.............
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ئويغان !!  ئۇيغۇر!!
    | ۋاقتى : 2008-05-31 04:18 22 -قەۋەت
    Chuxay
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17954
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 847
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە847دانە
    شۆھرەت: 847 نۇمۇر
    پۇل: 2577 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجرىڭىزغا رەھمەت
    http://mtv.diyarim.com
    ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
    | ۋاقتى : 2008-05-31 13:27 23 -قەۋەت
    sertlan
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25991
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 89
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە89دانە
    شۆھرەت: 89 نۇمۇر
    پۇل: 496 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىلدۇق  
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-31 14:04 24 -قەۋەت
    lakqin
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23132
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 825
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە825دانە
    شۆھرەت: 885 نۇمۇر
    پۇل: 2782 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تاماقلىرىمىزنىڭ تۇرى كۆپ ،ئېتەلمەيدىغانلىرىمىزمۇ  ھەم كۆپ...
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    دانا ئادەم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ ،چاكىنا ئادەم باشقىلارغا .
    | ۋاقتى : 2008-05-31 14:05 25 -قەۋەت
    a.a.tanha
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30095
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 104
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
    شۆھرەت: 221 نۇمۇر
    پۇل: 530 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاھ سۈيۈملۈك ئۇيغۇر لەغمىنى...
    ساڭا بىر ئۆمۈر قانمايمەن...
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ﻳﻮﻗﺎﻝ، ﻳﻮﻗﺎﻝ، ﻛﯚﺭﮔﯜﻡ ﻳﻮﻕ ﺳﯩﻨﻰ...
    | ۋاقتى : 2008-05-31 14:34 26 -قەۋەت
    xakila0990
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31728
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راھمات   
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-01 13:59 27 -قەۋەت
    pa^re
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26364
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 344
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە344دانە
    شۆھرەت: 344 نۇمۇر
    پۇل: 1181 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ئاياللار تىشدىن قىرىدۇ ،ئەرلەر ئىچدىن قىرىيدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-06-01 15:44 28 -قەۋەت
    qakmak8
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31829
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    پۇل: 139 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋۇ گۆش ناننى ئەجەپ يىگىم كەلدىيا     
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-02 13:16 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﯩﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-05 09:59
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation