ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ
[align=center]
ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﺑﻮﺯﻗﯩﺮ[/
align]
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺗﻪﯞﻩﺭﺭﯛﻙ ﺑﻮﻟﯘﭘﻻ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.
ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮﻯ - ﺟﺎﻳﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﻗﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﻗﯩﺶ - ﺑﯧﺰﻩﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻤﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ - ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯚﻛﯜﻧﺪﻩ ﺗﺎﻍ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﻳﻻﺷﻘﺎﻥ.
ﺩﻩﺭﻳﺎ - ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻛﯜﺳﻪﻥ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻗﯩﺶ - ﻳﺎﺯ ﺳﯘ ﺋﯚﻛﺴﯜﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ - ﻣﯘﺯﺋﺎﺭﺕ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺟﺎﻳﻻﺷﻘﺎﻥ. ﻗﯘﻣﺘﯘﺭﺍ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﺋﯚﮔﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻍ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻐﺎ، ﻣﺎﺯﺍﺭﺑﺎﻍ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻛﯘﭼﺎﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ، ﻗﯩﺰﯨﻠﻘﺎﻏﺎ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻛﯘﭼﺎﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻻﭖ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻻﺭﻏﺎ ﻗﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ، ﺑﯧﺰﻩﺵ، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺗﺎﻟﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘﺩ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﺟﺎﻳﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻻﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺳﯘﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻻ ﻳﻪﺭ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ، ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﯩﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﺌﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻻﺷﻘﺎﻥ ﺗﻮﻗﺴﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﺌﯧﻘﯩﻦ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻳﯘﻕ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻻﺷﻘﺎﻥ ﺗﯘﻳﯘﻕ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ، ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﺌﺎﺗﯘﺵ ﻳﯧﺰﺍ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻻﺷﻘﺎﻥ «ﺋﯜﭺ ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﯜﻙ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ»ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻻﺭ. ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﺘﻪﻳﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ:«ﮔﯘﻣﺎﺕ - ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﺎﻣﻰ. ﮔﯘﻣﺎﺕ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﯘ ﺗﺎﻏﺪﺍ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻻﻧﻤﺎﻗﺘﺎ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ.
ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ، ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﻗﺎﭘﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﯞﻩ ﺗﻮﭘﺎ - ﺗﺎﺷﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﭘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﺰﻩﻛﻠﯩﻚ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﺗﺎﻍ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯧﺴﻪﻙ، ﻛﺎﮬﯩﺶ، ﺗﺎﺵ، ﻳﺎﻏﺎﭺ، ﺧﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻻﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ؛ ﮔﻪﺝ، ﻣﯩﺲ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ، ﻳﯩﻠﯩﻢ، ﺳﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺋﯧﮭﺮﺍﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘﭘﯩﻻﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: »ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯘﭼﺎﺭ، ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ، ﭘﯩﭽﺎﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﻪﺭ )ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ( ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﻍ - ﺳﯘﻟﯘﻕ، ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﺟﺎﻳﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﮕﺎﮬﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﺮﻯ، ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﺎﻫ ﺗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺑﺎﻍ - ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﻫ، ﻳﻮﻝ - ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﯩﺮﻯ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭﺳﯩﺰ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ )ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ(ﻟﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻻﭖ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻧﻮﻗﯘﻝ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ )ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ(ﻟﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﻪﺭ، ﯞﺍﺩﻩﻛﻠﯩﻚ ﺩﻩﮬﻠﯩﺰ - ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻻﺭ، ﺋﯩﺸﯩﻚ - ﺩﯦﺮﯨﺰﻩ ، ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻣﺎﺳﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﮔﻪﭖ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ«.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﻯ ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺘﭽﻪ sarira ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺭﺍﮬﯩﺐ، ﺑﯩﻜﯩﺴﯘ ﺑﯩﻜﯩﺸﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯜﻟﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﺎﻛﻴﺎﻣﯘﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯜﻟﻰ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺗﻪﯞﻩﺭﺭﯛﻙ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺩﺩﯨﺴﺘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺭ «ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﻯ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺭﻻﺭ ﻛﺎﮬﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻏﺎﭼﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯧﮭﺮﺍﻣﻻﺭ - ﺑﯘﺩﺩﺍ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﯞﻩﺯ - ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺧﯧﻠﯩﻻ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﮬﯘﺟﺮﺍ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪﺕ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ- ﺭﺍﮬﯩﺒﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯧﺘﻜﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻻﺭ، ﺑﯩﻜﯩﺸﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﻤﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﻡ ﺗﯜﯞﯨﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﻥ - ﺗﯚﺷﻪﻙ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ، ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭖ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﻳﺎﻥ ﺋﻮﭼﺎﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﻻﺭ ﺋﻮﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ »ﭼﺎﻳﺘﺎ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﯘﺟﺮﯨﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯘﺟﺮﯨﻻﺭﺩﺍ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ )ﻗﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ( ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﯟﺍﻧﻻﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ »ﯞﯨﺨﺎﺭﺍ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯘﺟﺮﯨﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﻳﻮﻕ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺯﯗﻧﭽﺎﻕ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﺨﺎﻧﺎ، ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺭﺍﮬﯩﺐ ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺯﯗﻧﭽﺎﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﺕ ﺑﯘﺭﺟﻪﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻣﯩﻻﻕ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﭘﻪﺯ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭘﻻ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﺶ، ﺑﯧﺰﻩﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﻻﺭ ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯧﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻍ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﮬﯘﺟﺮﺍ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯘﯞﺍﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﻣﺎﻥ، ﺗﻮﺯﻏﺎﻕ، ﻳﯘﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﺎﻧﺎﭖ ﺋﺎﺭﯨﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻻﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺳﯘﯞﺍﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ؛ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺷﺎﻛﯩﻠﻰ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺭﯨﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﻪﺝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎ، ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﺎ ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ؛ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﺍ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺗﺎﻡ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﯞﻩ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﺋﺎﻕ، ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﻛﯚﻙ، ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﺑﯧﻐﯩﺮﻩﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺑﯧﺰﻩﻛﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﻱ - ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﻪﻛﭽﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ؛ ﻣﺎﺯﺍﺭ - ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻧﯘﺳﺨﯩﻻﺭ؛ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ - ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ، ﺑﯘﺭﺟﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ؛ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻣﻮﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﺎﻗﻻﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻛﯩﻞ - ﻧﯘﺳﺨﯩﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻗﯩﺶ - ﺑﯧﺰﻩﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ «ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ»ﻧﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ »ﻗﻪﺑﯩﮭﻠﯩﻜﻰ«ﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻪ، ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﻧﻪﻗﯩﺶ - ﺑﯧﺰﻩﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﯩﻢ ﻧﯘﺳﺨﯩﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﮔﯜﻝ ﻧﯘﺳﺨﯩﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﯨﻘﯩﻨﻰ «ﮔﯜﺯﻩﻝ» ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ؛ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ؛ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻻ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻻﺭﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻻ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺳﺎﯕﺮﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﯧﺰﻩﺷﻜﯩﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﺎﯕﺮﺍﻡ ﯞﻩ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ، ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ، ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﻰ، ﺗﺎﻍ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ، ﮔﯚﻣﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﯩﻻ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻻﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﺎﻍ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﺶ، ﻗﯧﺰﯨﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻣﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ، ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺳﺎ، ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯜﭺ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻻ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﺵ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﺱ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﻤﯩﺰ.
ﭘﺎﻳﺪﯨﻻﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻻﺭ:
ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﯞﻩﻟﻰ: «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1985 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 120 - ، 121 - ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦ: «ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1988 - ﻳﯩﻞ 8 - ﺋﺎﻱ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 188 - ﺑﻪﺕ.
ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ: «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2000 - ﻳﯩﻞ 12 - ﺋﺎﻱ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 173 - ، 176 - ، 177 - ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ:«ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﻧﯩﯔ 1995 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ، 4 - ﺑﻪﺕ.