بۇ بەتتىكى تېما: ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﺩﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 719 قېتىم كۆرۈلدى
جانان
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29233
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 362
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە362دانە
شۆھرەت: 561 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﺩﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saba7911 تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-29)
  
گەپ-ﺳﯚﺯﺩﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ


ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﻨﺌﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻫﻪﺭﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ. ﮔﻪﭖ - ﺳﯚﺯ ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.


ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ " ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻞ" ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﻣﯘﻛﻪﺭﺭﻩﻣﻪ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: " ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: "ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﯕﻤﯘ، ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ، ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﻟﯩﺴﺎ، ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﯩﺴﻪ، ﺋﯘ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻗﯘﻣﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﻩﺭﺳﻪ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﺎﻣﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ - ﺩﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺯﯦﻬﻨﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﻤﺎﻗﭽﻰ، ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ."

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﻪﭖ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﺪﯗ
ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻏﺎﺯﺍﻟﻰ " ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ، ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ﺋﻪﻫﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ:' ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯘﻝ - ﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﻠﻪﺭ.' ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ' ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﺗﺎﺷﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ' ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ."

ﮔﻪﭘﺪﺍﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﻪﺯﻯ ﮔﻪﭘﺪﺍﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ، ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﯧﭻ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﺎﻫﺎﻧﻪ - ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ، ﺑﯩﻬﯘﺩﻩ ﮔﻪﭖ - ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ، ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺷﻪﻫﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻗﻪﻫﯟﻩﺧﺎﻧﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.




  

ئىناقلىق ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتىن باشلىنىدۇ



ئىنسانىيەت تارىخىدا دەسلەپ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئائىلىسى قۇرۇلۇپ، بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئىنسانلار بارلىققا كەلدى. ئىنسانلار ئائىلىلەرنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر - بىرى بىلەن قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى ئورنىتىپ، ئۆز ئارىسىدا ئىنسانى مېھرى - مۇھەببەتنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىناقلىقنى، ئىللىقلىقنى بەرپا قىلدى.


دېمەك ئىناق  جەمئىيەت  بەرپا قىلىش ئىناق ئائىلىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە مۇھتاج. ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئەقىدىلىك ۋە ئەخلاقلىق ئەر - ئاياللارغا مۇھتاج.  ئائىلىدىكى ئىناقلىق ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتىن باشلىنىدۇ. ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىدۇر.

ئائىلە ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببىتى بىلەنلا ئۆرە تۇرىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇكېرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇكېرىم ھاجىم مۇنداق دېدى:  "ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:" ئاياللار بىلەن ئۈنسى - ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئەر - ئايال ئاراڭلاردا مېھرى - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار" دەپ كۆرسەتكەن. بۇ پەقەت ئەر - ئاياللار ھېس قىلالايدىغان ۋە ئۇلار ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان مېھرى - مۇھەببەتنى، ئىللىقلىقنى، خاتىرجەملىكنى، ئىناقلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئايەت بولۇپ، بۇ خىل ئۇنسى - ئۇلپەت ئىنسان روھىدىكى ئىزتىراپ، تەشۋىش ۋە ۋەسۋەسىلەرنى يوقىتىدۇ. ئائىلە كىشىلىك ھاياتنىڭ ھۇلى، ئايالنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم ئورۇندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:" ئاياللىرىنى ئۇرىدىغانلار ياخشى كىشىلەر ئەمەس" دەپ كۆرسەتكەن. ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى بوزەك قىلىشى، ئۇرۇشى، خورلىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنى ئۇرغىنى، ئۆزلىرىنى خورلىغىنى، شۇنداقلا بالىلارنى، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بوزەك قىلغىنى، ئۇرغىنى ۋە خورلىغىنى بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى ئاياللار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئانىلىرى ۋە ئەرلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر."

ئاياللارنى ھۆرمەتلەش گۈزەل ئەخلاق
ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ھۆرمەتلەشنى بىر ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكىنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە بايان قىلىپ:" سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەممەن" دەپ كۆرسەتكەن. ئىنساننىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە  قانداق مۇئامىلە قىلىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.  بىراۋ ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى بولۇپ كەتسۇن،  ئۇ ، بالىلىرىغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالمايدىكەن، مۇنداق كىشىنىڭ دىنى ناقىس بولغان بولىدۇ.

چۈنكى گۈزەل ئەخلاقمۇ ئەڭ ئېتىبارلىق ئىبادەت تۈرى بولۇپ، شۇ ئادەمنىڭ تەقۋالىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتا ئاكتىپ بولۇپ، ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە سەل قارايدىغان ياكى ئائىلىسىگە قوپاللىق قىلىدىغان ئادەم  جىمى ئىبادەتلەرنىڭ مەقسىتى بولغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئورۇندىمىغان بولىدۇ. شۇڭا ئەر كىشى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، ئۆي ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى مۇھىمدۇر.

ئاياللارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى
ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئايال كىشىنىڭ ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ۋە شەرەپلىك بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئەڭ ئۇيغۇن يارىتىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىنسان نەسلىنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئانىلارغا مۇھتاجدۇر. پسىخولوگىيە، تەربىيە ئالىملىرى ۋە بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئايال كىشىنىڭ يارىتىلىشىدىن ئانىلىققا ھازىرلانغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ. ئايال كىشى ئۆتەيدىغان ئانىلىق ۋەزىپىسىنى ئەرلەردىن بىرەرسىمۇ ئۆتىيەلمەيدۇ. ھەتتا پۈتۈن ئەرلەر جىنسى بىرلىشىپمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدۇ. ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن بولۇشى ئانا ـ بالا ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئانا ھەردائىم ئۆز بالىسىنىڭ يېنىدا بولۇشىنى، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن بېقىپ، باغرىغا بېسىشى ئارقىلىق ئانىلىقنىڭ ھۇزۇرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بالىمۇ ئانىنىڭ مېھرى ـ شەپقىتىگە مۇھتاجدۇر. ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ تەربىيىسى ۋە پەرۋىشى ئاستىدا بولۇشقا، ئانىسىنىڭ تەبىئىي تاتلىق سۈتىدىن ھۇزۇرلىنىشقا بولغان ئېھتىياجى چوڭدۇر. ئانا سۈتىدىن باشقا ھەر تۈرلۈك سۈتلەرنىڭ ھېچ بىرى ئانا سۈتىگە تەڭ بولالمايدۇ. ئەمما بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ تەربىيىسىگە ۋە پەرۋىشىگە بولغان ئېھتىياجى ئۇنىڭ ئاق سۈتىگە بولغان ھاجىتىدىن چوڭدۇر، ئەلۋەتتە.

ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ، ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسى بولغان، ئەڭ قىممەتلىك بالىلىرىنى ئۆزلىرى ھەر ۋاقىت باغرىغا باسماي، باشقا بىرسىنىڭ تەربىيە قىلىشىغا تاشلاپ قويۇشى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ئەلۋەتتە ئاياللار ئۈچۈن ئىشتىن ۋە پۈتۈن دۇنيا بايلىقلىرىدىن ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىرلىك ۋە ئەۋزەلدۇر. توغرا، ئائىلىنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن بەزى ئاياللار سىرتتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، ئاتا بولغان ئادەمنىڭ قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈش بۇرچى باردۇر.  شۇڭا ئەرلەر جىسمانىي جەھەتتە ئاياللاردىن كۈچلۈك يارىتىلغان. ئائىلە ئېھتىياجلىرىنى ئاتىلار جايىدا تولۇقلىسا، ئانىلارمۇ  ئۆز ئۆيىدە ئارامىدا ئولتۇرۇپ بالىلىرىنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.





  
ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ

ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﺳﻪﺕ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻫﻪﻕ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ. ﻫﺎﻳﺎ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺭﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻏﻪﻡ - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ " ﻫﺎﻳﺎﺳﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻳﻮﻕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.

ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻝ ﺗﯧﻤﻰ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯘﺭ. ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺳﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻲ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﻪ:" ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﺟﻪﯞﻫﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ: ﺋﻪﻗﯩﻞ، ﺩﯨﻦ ، ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ. ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﺟﻪﯞﻫﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ: ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﻰ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻣﻪﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﻫﺎﻳﺎﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ"ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.  ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﭗ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.

ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﻣﯘﻛﻪﺭﺭﻩﻣﻪ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﯞﻫﻪﺭﺩﯗﺭ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:  "ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ. ﻧﻮﻣﯘﺱ ، ﻫﺎﻳﺎ ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺯ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﺎﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﻟﯘﺵ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﻪﻗﯩﭗ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻫﺎﻳﺎ - ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﻪﻗﯩﭗ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻫﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺶ - ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﻮﻝ ﺋﯜﺯﯛﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﺩﻩﺏ - ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯩﻦ، ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﺋﻪﺩﻩﺏ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﻣﯘ، ﺑﯘﻣﯘ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺑﯩﻨﺎ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ:

ﻫﺎﻳﺎﺳﯩﺰﺩﺍ ﯞﺍﭘﺎ ﻳﻮﻕ،
ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰﺩﺍ ﻫﺎﻳﺎ ﻳﻮﻕ.

ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ : "ﻫﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ"ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﻫﺎﻳﺎ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻼ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ."

ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻬﺮﻯ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ  ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻗﻮﺵ ﻛﯧﺰﻩﻛﺘﯘﺭ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﻪﺭﻡ ﻫﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻬﺮﻯ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺭﺍﻕ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻳﯜﺯﻯ ﺑﺎﺭ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ  ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎﺳﯩﺰ ﻣﯧﻬﺮﻯ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ، ﻣﯧﻬﺮﻯ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺴﯩﺰ ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﯧﻬﺮﻯ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯘﺷﺒﯘﻱ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯗ. 

ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭘﻪﺳﻜﯩﺸﻰ ﻧﻮﻣﯘﺱ، ﻫﺎﻳﺎ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻧﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﺎﺕ ﻧﻮﻣﯘﺳﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻫﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﺎﺕ، ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﺎﮔﻮﺭ:" ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ"ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺭﻩﯓ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﺩﯦﺴﻪ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﯓ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻫﺎﻳﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﺯﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻟﺪﯗﺭ.

ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻧﯧﻤﻪﺕ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻧﯧﻤﻪﺕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﯕﻨﯩﯔ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﯩﯔ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻫﺴﯘﻟﯩﺪﯗﺭ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯗﺭ. ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﭖ، ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯧﺴﺴﯩﻲ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ، ﺋﯘ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻗﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﻰ، ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻬﺮﯨﺪﻩ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻚ. ﺷﯘﯕﺎ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﻪﯓ ﻫﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺑﯘ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺧﯘﺩﻩﺭﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﺎﻫﺎﺑﻪ:" ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻫ ﻳﯜﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﻫﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﯕﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﻩ ﻧﯧﭙﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻫ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ، ﻫﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺯﻣﯘ ‏- ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ"ﺩﯦﮕﻪﻥ.

ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺷﻪﺭﻡ - ﻫﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻫﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﻪﻟﻪﺑﺘﯘﺭ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﺯﯗﮔﯜﻡ ﯞﻩ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﺪﻩﻙ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.






ﯞﻩﺩﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﺘﯘﺭ


ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﺳﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺑﯧﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﯞﻩﺩﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ.


ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺮﺍ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﺪﻩ:" ﺋﻪﻫﺪﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ (ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ )ﺋﻪﻫﺪﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ - ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺴﯩﻠﻪﺭ"ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ، ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﺎﭺ ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﯞﻩﺩﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗﺭ.

ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﻣﯘﻛﻪﺭﺭﻩﻣﻪ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺳﻪﮔﻪﻙ ﻣﯧﯖﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﯞﻩﺩﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ: "ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻏﺎﺯﺍﻟﻰ " ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ"ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺳﯘﺱ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩﺩﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺩﯗﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗ - ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ، ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﮔﻪﻙ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩﺩﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭﺩﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﯘﻥ! ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯜﭺ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ - ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺳﻪﮔﻪﻙ ﻣﯧﯖﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻗﻪﻟﺒﻨﻰ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ."

ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺷﻤﯘ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯘ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻫﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻰ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﭽﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻼ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﺯﻛﻮﺭﻟﯘﻗﺘﯘﺭ.

ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ
، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ، ﺋﯩﺮﻗﻰ ﯞﻩ ﺭﻩﯕﮕﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﺋﻮﻣﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﯞﻩ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺩﻩ، ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﯨﺌﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﺘﯘﺭ.

ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ، ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻠﯩﻖ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ
ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﻳﻮﻗﺴﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ، ﻳﯧﺘﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼﺵ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ، ﺟﻮﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ.


مەنبە:مەرىپەت ژورنىلى(سەئۇدى ئەرەبىستاندا نەشىر قىلىنىدۇ)
[ جانان تەرپىدىن 2008-05-29 11:36 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى manggutax تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-29 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+5(manggutax)
  • مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ياخشى قىلدىڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-29 09:29 [باش يازما]
    hakaniyat
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28400
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 279
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە279دانە
    شۆھرەت: 289 نۇمۇر
    پۇل: 939 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي تاڭ قەدىمكى نۇزگۇم شۇ قومۇشلۇقتىلا ئۆلۇپ تۇگىگەن ئوخشايدۇ جۇما ،،،،،،،،،،،،
    جاننان ،، سىزمۇ شۇ ،،،،
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-29 10:16 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    yigana0766
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30988
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 151
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە151دانە
    شۆھرەت: 151 نۇمۇر
    پۇل: 553 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

         
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    اللا ئەڭ قۇدرەتلىك  ،،،
    | ۋاقتى : 2008-05-29 10:23 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    kedirdan0996
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24868
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 964
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە964دانە
    شۆھرەت: 1045 نۇمۇر
    پۇل: 18 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 127 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :148(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى تېمىكەن بۇ. رەخمەت سىزگە
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ئەزىم دەريا بولاقتىن،
    دانىشمەنلىك قولاقتىن.
    | ۋاقتى : 2008-05-29 10:35 3 -قەۋەت
    mg614
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30751
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 410
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە410دانە
    شۆھرەت: 415 نۇمۇر
    پۇل: 1407 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەربىيإى ظەهمىيتى بار تىما يوللاپسىز ، رەهمەت ، هارمىغايسىز .     
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كىلىشچە.
    | ۋاقتى : 2008-05-29 10:39 4 -قەۋەت
    xadia
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28095
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 138
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە138دانە
    شۆھرەت: 138 نۇمۇر
    پۇل: 675 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي تاڭ قەدىمكى نۇزگۇم شۇ قومۇشلۇقتىلا ئۆلۇپ تۇگىگەن ئوخشايدۇ جۇما ،،،،،،،،،،،،

      ئۇنداقمۇ  دەپ  كەتمەڭ . نۇزۇگۇم ، رىزۋانگۈل ، سەنەم ، لەيلىگۈللەردەك  قىزلار  ھېلىمۇ  بار  ئارىمىزدا .
      بەك  ئەھمىيەتلىك  تېما  يوللاپسىز .  داۋامىلىق  يوللاپ  تۇرۇڭ . مۇشۇنداق  تېمىلارنى .

                 
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-29 10:49 5 -قەۋەت
    rana617
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29654
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
    شۆھرەت: 66 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :114(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى  ئوقۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن،بۇ تېمىڭىزمۇ  ناھايىتى ياخشىكەن،مەن مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار تېمىلارنى  ئوقۇشقا تەشنا،رەھمەت!
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-29 11:02 6 -قەۋەت
    rana124
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31002
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي تاڭ قەدىمكى نۇزگۇم شۇ قومۇشلۇقتىلا ئۆلۇپ تۇگىگەن ئوخشايدۇ جۇما ،،،،،،،،،،،،
    نىمەدىگنىڭز بۇ ،سىزگە شۇنداقلا ئۇچر مىغان ئوخشايدۇ
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ئالمىدەك يۈرەكتە ،
        ئالەمچە سۆيگۈ !
    | ۋاقتى : 2008-05-29 11:24 7 -قەۋەت
    izdanguqi98
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31636
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-31
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزنىڭ تىممىللىرىڭىزنى دائىم ئۇقۇپ تۇرىمەن . بۇمۇ  ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ لىكىن بۇ تىممىدىكى دىنى سوز ۋە شەرمى ھايا سۇزى بىلەن سىزنىڭ باش سورىتىڭىز بەكلا ماسلاشماپتۇ ، بۇ سورەتنى  ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بىللە كۇرۇپ قالسا ئادەم خىجىل بۇلۇپ قالغىدەك ئەگەر سۇزىمنى توغرا كورسىڭىز بۇ رەسىمنى ئوزگەرتىۋەتكەن بولسىڭىز . اللە سىزنى ئىككى دۇنيادا بەخىتلىك قىلسۇن.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-29 12:18 8 -قەۋەت
    جانان
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29233
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 362
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە362دانە
    شۆھرەت: 561 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      مەن ئويلىشىپ باقاي ھە
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ياخشى قىلدىڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-29 12:25 9 -قەۋەت
    fatima88
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31152
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپلەركەن . تىما ئىگىسىگە رەھمەت !
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-29 13:27 10 -قەۋەت
    kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 5556
    ئۇنۋان:21 دەرىجە ھازىرغىچە5556دانە
    شۆھرەت: 2324 نۇمۇر
    پۇل: 10652 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :261(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىمىڭىز بەكمۇ ئىسىل تىما بوپتۇ ھەر بىر  مۇنبەرداشنىڭ بىر قىتىم ئوقۇپ چىقشىغا ئەرزىيدىكەن  . مەنمۇ سىزنىڭ ھەر قانداق بىر تىملىرىڭىزنى ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن ،  ئاتكاچلىق بولسىمۇ  يەنە دىگۇم كەلدى باش سورەت دىگەن شۇ ئادەمنىڭ ئوزگە ۋەككىلك قىلىشنى سىمۇۋۇل  قىلغان بولدۇ  بولسا سىزمۇ <ئىزدەنگۇچى> توردىشىمىز ئىيىتقاندەك باش سورتىڭىزنى ئالماشتۇرۋىتىڭ .
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ھاياتنىڭ ئېنىق خەرىتىسى ،تۇرمۇشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق .
    | ۋاقتى : 2008-05-29 13:46 11 -قەۋەت
    kaxhar
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 386
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە386دانە
    شۆھرەت: 406 نۇمۇر
    پۇل: 1373 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :140(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى  ئوقۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن،بۇ قېتىم يوللىغان تىمىڭىز ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ .لېكىن بىر تەكلىپ پىكىرىم خالىسىڭىز باش سۈرىتىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ،يوللىغان تىمىڭىزغا ماس كەلگۈدەك باش سۈرىتىگە ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز،خالىمىسىڭىز مەيلى،ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى بۇلىدۇ ئەمەسمۇ..........
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ۋاقىت --- ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-05-29 15:57 12 -قەۋەت
    katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 18503
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2523
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2523دانە
    شۆھرەت: 2391 نۇمۇر
    پۇل: 6351 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :417(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ما مەتۇنىڭ گەپلىرى ھەجەپ يۇرەككە تەگدى، ئارىمىزدا بەزىبىر ئوقۇشماسلىقلار بولغان بولسىمۇ ، مەن سىزدىن كەچۇرۇم سورايمەن،
    كەچۇرۇڭ مەتۇ  
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
    | ۋاقتى : 2008-05-29 16:24 13 -قەۋەت
    pariay
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25481
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 189
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە189دانە
    شۆھرەت: 189 نۇمۇر
    پۇل: 719 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەكمۇ ياخشى تىما ئىكەن !  تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم !  تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بەكمۇ چوڭقۇركەن !
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    كوڭۇلدىن سۇ ئىچكەندە كوڭۇل ، باياۋاندىن قىياق ئۈنىدۇ !
    | ۋاقتى : 2008-05-29 19:03 14 -قەۋەت
    جانان
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29233
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 362
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە362دانە
    شۆھرەت: 561 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىم :
    Quote:
    بۇ مەزمون13قەۋەتتىكىkatil731نىڭ2008-05-29 16:24دە يوللىغان يازمىسى  :
    ما مەتۇنىڭ گەپلىرى ھەجەپ يۇرەككە تەگدى، ئارىمىزدا بەزىبىر ئوقۇشماسلىقلار بولغان بولسىمۇ ، مەن سىزدىن كەچۇرۇم سورايمەن،
    كەچۇرۇڭ مەتۇ  


    ھىچقىسى يوق، ئۇرۇشمىغىچە تىپىشماس دىگەن گەپ بار، لىكىن گەپ قىلغاندا دىققەت قىلارسىز

    يەنە بىر گەپ، بۇ باش سۈرەتنى ئىككى ئادەم ئىشلەتكەن ئىدۇق، مەن سورىمايلا ئۆزگەرتەلمەيمەن،تەكلىپىڭلارغا قوشىلىمەن ، لىكىن ھەممە ئىش مەسلىھەت بىلەن بولغىنى ياخشى
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ياخشى قىلدىڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-29 19:54 15 -قەۋەت
    90uygur
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە56دانە
    شۆھرەت: 56 نۇمۇر
    پۇل: 268 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تىما ئىكەن،مۇشۇ كەمدە مۇشۇنداك تىمىلار بىزگە ھەقىقىتەن زۈرۈر بوپ قالغان ئىدى.    
    http://mtv.diyarim.com
    مەن ھاياتنى سۈيىمەن .
    | ۋاقتى : 2008-05-29 23:17 16 -قەۋەت
    Hanix
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 4511
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 102
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە102دانە
    شۆھرەت: 125 نۇمۇر
    پۇل: 428 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    جانان مەنمۇ سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى  ئوقۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن،،،،،،،،،،
    رەخمەت سىزگە          
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    XuN~DaH~JaHaN~Bu
    | ۋاقتى : 2008-05-30 12:04 17 -قەۋەت
    huxnar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24510
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت سىزگە.  كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-30 12:40 18 -قەۋەت
    sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17636
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2753
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2753دانە
    شۆھرەت: 2720 نۇمۇر
    پۇل: 8991 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :341(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى بىر دەرس ئاڭلىغاندەك بولدۇم. ھەقىقەتەن نادىرلانغۇدەك تېمىكەن.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
    | ۋاقتى : 2008-05-30 18:01 19 -قەۋەت
    1533kaysar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30423
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    پۇل: 257 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىما  ياخشى يوللىنىپتۇ  ھازىرقى بەزەنبىر  ياشلار  بۇتىمىنى  تولۈق  كورۇپ 
    ئوزىدىكى ناچار  ئىلەتنى  چوقۇم  تۇزتۇشى كىرەك

    ئەدەپ-ئەخلاقلىق  بولۇش  ئنساننىڭ پەزىلىتى
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-31 13:25 20 -قەۋەت
    ayguwa09
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25761
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 337
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە337دانە
    شۆھرەت: 379 نۇمۇر
    پۇل: 1561 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :45(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز مۇسۇلىمان ئۈچۈن ئەدەپ ئەخىلەق بىرىنىجى ئورونىدا تۇرىدۇ،
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-02 00:21 21 -قەۋەت
    qohluk521
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31427
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    پۇل: 196 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      بۇ تېمىنى كۆرۈپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلساق بولمايدۇ قېرىنداشلار ،، ھەممىمىز چوقۇم ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلايلى .. .بىز ئەزەلدىنلا ئەخلاقى -پەزىلەتلىك مىللەت ، قىزلىرىمىز شەرمى-ھايالىق ،  بۇنداق قىزلىرىمىز ھېلىھەممۇ ئاز ئەمەس . بەزىبىر سېسىق ئالمىلارلا مۇشۇ بىر سېۋەت ئالمىنى سېسىق قىلىۋاتقان نېمە .  .  .
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-02 01:07 22 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-05 09:34
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation