« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە...... تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 807 قېتىم كۆرۈلدى
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3572
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3572دانە
شۆھرەت: 3871 نۇمۇر
پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 44 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kuxbeg526 تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-31)
كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە



(ياسىنجان سادىق چوغلان)



1.ئەمىنلىك كۈندىكى قۇتلۇق خەۋەر



مىلادىيە 1526-يىلى ئۆرۈك پىششىقى.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى يەكەن شەھىرى تومۇز ئىسسىقىدا داپخانىسى ئېتىۋېتىلگەن تونۇرغا ئوخشاپ قالغانىدى.شەھەر ئاسمىنىدا خۇددى ئوتتەك تاۋلىنىپ تۇرغان قۇياشنىڭ كۆيدۈرگۈچ ئالتۇن نۇرلىرى ئادەملەرنى ئۆيلىرىگە ،دالدىغا،دەل-دەرەخلەرنىڭ سايىسىگە بېرىۋېلىشىقا مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن ئاستانە كوچىلىرىنىڭ ئەتىگەنكى قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرسىگە ئانچە نۇقسان يەتكۈزەلمىگەنىدى.ئۇششاق تىجارەتچىلەر ،ھاجەتمەنلەر ،ئېلىپ-ساتارلار ،دېھقانلار يەنىلا ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن ھەلەك ئىدى .ئوردا كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى قۇچاق يەتكۈسىز چىنارلارنىڭ سايىسىدە يەكتەك،جەندىلىرىنى غېرىبچە سېلىپ يانپاشلاپ يېتىشقان بىرنەچچە مۇساپىر ۋە دەرۋىشلەر ياخشى نىيەتلىك كىشلەر ئەكىلىپ بەرگەن يۇلغۇن سېۋىتىدىكى ۋىل-ۋىل پىشقان ئاق ئۆرۈكلەرگە قاراپ قۇيۇشمۇ خوشياقماي مۈگدەشمەكتە ئىدى.ئۆرۈكلەرگە قۇنۇۋالغان يۈزلىگەن چىۋىن-ھەرىلەر ئارامسىز گىژىلدىشاتتى.سەل نېرىراقتا ياتقان بىر قانچە لالما ئىتلار تىللىرىنى بىر غېرىچ ساڭگىلاتقىنىچە تىنىق-تىنىققا ئۈلگۈرمەي ھاسىرايتتى،سۆڭگەچلىرىگە قۇنۇۋالغان كۆك چىۋىن ،سالجىلارنى قۇيرۇقلىرىدا ئېرەنسىزلىك بىلەن قورۇشاتتى.
ئوردا سېپىلى ئۈستىدىكى كۆزىتىش مۇنارىدا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان ياساۋۇللار مۈگدەپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇياقتىن-بۇياققا توختىماي مېڭىپ تۇراتتى .ئاشۇ قاراۋۇللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئوردا ئىچىمۇ خۇددى ئوغۇز سۈتىگە تويغان بوۋاقتەك تىمتاس ئىدى.
شۇ ئەسنادا،ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا يۈگۈرگەندەك يېتىپ كەلگەن خىزمەتكار يىگىت مۈگدەپ تۇرغان دەرۋازا قاراۋۇلىغا سالام بېرىپ بىرنىمىلەرنى دېدى-دە،ئىجازەت ئېلىپ ئوردا ئىچىگە كىرىپ كەتتى .يىگىت ئوردا ئىچىنى خېلى تەپسىلىي بىلسە كېرەك ،ئوردىغا كىرىپلا سول تەرەپكە بۇرۇلدى-دە،ئوردا دىۋانخانىسىنى نىشان قىلىپ يۈگۈردى.
ھەيۋەتلىك شاھ قەسىرىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئوردا مەدرىسىگە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان دىۋانخانا ھويلىسىنىڭ ئوڭ-سول تەرپىگە قاتار قىلىپ سېلىنىغان ئايرىم خانلىق ھۇجرىلار دىۋانخاندىكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەتتات،كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ پۈتۈكخانلىرى بۇلۇپ،بۇ ھۇجرىلاردا سۈركىلىشىدىن چىققان«شىرت-شىرت»قىلغان ئاۋازدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.دىۋانخانا ھويلىسىنىڭ تۆر تەرىپدىكى قوش قاناتلىق نەقىشلىك دەرۋازا دىۋانخانىنىڭ ئىچكىرىكى سارىيىغا ئېلىپ كىرەتتى.
ئىچكىرىكى ساراي تاشقىرقى سارايغا قارىغاندا تولىمۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ،ئىچكىرىكى ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا بىنا قىلىنغان بەش مو چوڭلۇقتىكى باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىچىكرەك بىر كۆل ۋە فونتان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،باغچىنىڭ ئەتراپىغا چۆرگىلىتىپ سېلىنىغان ئۈزۈم تاللىرى ئىچكىرىكى ساراينىڭ تۆت تەرىپىدىكى ھۇجرىلارغا قارىتىپ بىدىشقا ئېلىنىغان بۇلۇپ ،بۇ ھەشەمەتلىك ھۇجرىلارغا سايە تاشلاپ ئاجايىپ سالقىن تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.ئىچكىرىكى ساراينىڭ تۆرىدىكى ھۇجرىنىڭ ئالدىدىكى سۇپىغا سېلىنىغان ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىدىكى كىمخاب كۆرپىلەردە ئۈچ كىشى پاكار شىرە ئۈستىگە قۇيۇلغان كىتابلارنى ۋاراقلىغاچ قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتكەنىدى.بۇ ئۈچ كىشىنىڭ مويىسپىتراقى سۇلتان سەئىدخاننىڭ ۋەزىرى ،ئۆز زامانىسىنىڭ يېتۈك مۇزىكانتى ۋە شائىرى قىدىرخان ئۇستاز ئىدى .بەستلىك ،تەقى-تۇرقى بىرئاز قوپالراق ،كۆزلىرى سۈرلۈك ،بېلىگە ئوتتۇرھال چوڭلۇقتا قېلىچ ئېسىۋالغان كىشى ئەمىر لەشكەر مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى ئىدى .تۇرقىدىن تولىمۇ كەم سۆز ،ئەستايىدىل كۆرۈنىدىغان ئوتتۇرا بوي ،قاپقارا ساقال -بۇرۇتى قىزىل يۈزىگە خويمۇ ياراشقان كىشى خانلىق دىۋانخانىنىڭ باش مىرزىسى مەھمۇد ئۇستاز ئىدى .
قىدىرخان ئۇستاز ئىككى سۆھبەتدىشىغا قىزىق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى:
-نەۋائى ھەزرەتلىرى ۋەزىر بۇلۇپ تۇرغان چېغىدا پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارانىڭ ياخشى كۆرىدىغان خانىشى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپتۇ.بۇ شۇم خەۋەرنى ھېچكىم شاھقا يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ ،نەۋائى ھەزرەتلىرىمۇ خانىشىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى مۇسىبەت خەۋىرىنى بىۋاستە ئېيتىشىقا لايىق كۆرمەي ئۆز مۇددئىاسىنى تۆۋەندىكى نەزم بىلەن ھۈسەيىن بايقاراغا يەتكۈزۈپتۇ:



سەرۋىنىڭ سايىسىدە
سۇلدى گۈل،نىتمە كېرەك؟


شېئىرىيەتتىن ياخشى خەۋەردار بولغان ھۈسەيىن بايقارا يۇقىرىقى مىسرالارغا يۇشۇرۇنغان مەنىنى شۇ ھامان بايقاپتۇ-دە،دەرھال مۇسىبەت قايغۇسىغا چۆكۈپتۇ ۋە نەۋائى ھەزرەتلىرىگە تۆۋەندىكى نەزم بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپتۇ:


سەرۋىدىن تاۋۇت ياساپ،
گۈلدىن كېپەن ئەتمەك كېرەك.


قىدىرخان ئۇستازنىڭ سۆزى تۈگىشى ھامان مەھمۇد مىرزا بىلەن مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىشىتى .
-ئارى-،دېدى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى ،-نەۋائى ھەزرەت بىلەن ھۈسەيىن بايقارا ئالىيلىرى ھەقىقەتەنمۇ زامانىسىنىڭ يېتىشكەن تىل پېشىۋالىرى ئىدى.
-خوش،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز مىرزا مەھمۇدقا قاراپ،-«دىۋانى فانى»نىڭ تۇركىي تىلچە تەرجىمىسىگە تۇتۇنلىمۇ،مەۋلانەم؟
-يوقسۇ،ھەزرىتىم،-دېدى مىرزا مەھمۇد قىدىرخان ئۇستازغا تەۋەززۇ بىلەن باش ئېگىپ تۇرۇپ،-ئاتا-بوۋىلار «تۈگمەن بار يەردە ،يارغۇنچاقنىڭ نېمە ئىشى؟»دەپتىكەن .گەرچە كەمىنە شاگىرتلىرى ھىندىستاندا ئىلىم مۇتائىلە قىلىش جەريانىدا پارىسچىنى ئاز-تولا يامداپ ئۆگەنگەن بولساممۇ ،لېكىن جانابلىرىدەك تىل پېشىۋاسى بار يەردە بۇنداق ئۇلۇغ ئىشىقا قول تىقىشقا قانداق پېتىناي.
-زىيادە كەمتەرلىك پەزىلەت ھېسابلانماس مەۋلانەم،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز بىرئاز رەنجىگەن تەرىزدە.
قىدىرخان ئۇستازنىڭ تەرجىمىسى ئۆزىنىڭكىدىن ياخشى چىقىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن مىرزا مەھمۇد يەنىلا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى.
-نەۋائى ھەزرەتلىرىنىڭ دۇردانلىرىنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ بۇزۇپ قۇيۇپ ،دۇرنى پاتقاققا مىلەپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيمەن ،ھەزرىتىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىئىي ئىستېداتىم يېتىشمەسمىكىن .
-گەپ ئۆز ئېغىزلىرىدىن چىقىتى-ھە،مىرزام،دېدى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى دەرھال سۆز قىستۇرۇپ ،چىرايىغا جىددىي تۈس بېرىپ ،-ئۇنداق بولسا قىدىرخان ھەزرەتلىرى ئۆزلىرى گۇۋاھ بۇلۇپ بەرسىلە ،مەن ھازىرلا سۇلتان سەئىدخان ئالىيلىرىغا مەلۇم قىلىمەن.
ئىستېداتسىز كىشلەر خانلىق دىۋانخانىدەك ئالىي ئىلىم قەسىرىنىڭ باش مىرزىلىقىنى قىلسا ،خانلىقىمىزنىڭ بۈيۈك سەلتەنىتىگە نۇقسان يېتىدۇ،خان ئالىيلىرى دەرھال باشقا مىرزا ئالماشتۇرغاي.
مىرزا ھەيدەر كۆرەگانىنىڭ چاقچاق ئارىلاش تەنبىھىگە مىرزا مەھمۇد باش ئېگىپ سۈكۈتتە تۇردى .باش مىرزىدىن ھېچبىر سادا چىقمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن قىدىرخان ئۇستاز بىلەن مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-ئاگاھ بۇلۇڭ،مەۋلانەم -،دېدى قىدىرخان ئۇستاز كۈلۈپ تۇرۇپ ،-باش مىرزىلىق ئورنىڭىزغا كۆز قىزارتىۋاتقانلار يېنىڭىزدا بارئىكەن .ئىستېداتىڭىزغا مەن كىپىل،«دىۋانى فانى»نى سۇلتانلىقىمىزدا سىزدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجمە قىلالايدىغان كامالەت ئىگىسى تولىمۇ ئاز .
شۇ دەقىقىدە ئىلىم يولىدىكى مەسلەكداش ،كىشىلىك ھايات سەپرىدىكى قولداش ،جان كۆيەر بۇ ئۈچ دوستنىڭ كۆزلىرىدە بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ نۇرلىرى يالتىرايتتى .
شۇ ئەسنادا،دىۋانخانا خىزمەتكارى كىرىپ كەلدى:
-باش مىرزىنىڭ قەسىردىن مۇلازىم كەلدى.
-كىرسۇن،-دېدى باش مىرزا جىددىي تەرىزدە.
ھايال ئۆتمەي ئاددىي كىينگەن مۇلازىم يىگىت كىرىپ كەلدى -دە،ئولتۇرغانلارغا«ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم »دېگىنىچە ھۆرمەت بىلەن سالام بەردى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام-دېدى ئولتۇرغانلار سالامنى ئىلىك ئېلىپ ،ئورۇنلىرىدىن بىرئاز قىمىرلاپ.
مىرزا مەھمۇد يىگىتكە «نېمە ئىش؟»دېگەن تەرىزدە تىكىلدى.
-خوش خەۋەر،مىرزام،دېدى يىگىت ،-ئاغچا خېنىمىنىڭ كۆزى يورۇدى.
شۇھامان قىدىرخان ئۇستاز قاتارلىق ئۈچەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى :
-ئىلاھا ئامىن ،ئاغچا خېنىم ۋە دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان پەرزەنتىنىڭ تېنى سالامەت بولغاي ،ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن .
دۇئا تۈگىگەندىن كېيىن قىدىرخان ئۇستاز بىلەن مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى مىرزا مەھمۇدنى قىزغىن مۇبارەكلەشتى.پەرزەنىت خوشاللىقىدا ھاياجانلانغان باش مىرزىنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەيتتى،شۇ تۇرقىدا دادا بۇلۇش خوشاللىقى ئۇنىڭىغا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغانىدى.
-ئېيىت،ئوغلۇم،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز خىزمەتكاريىگتكە قاراپ ،-پەرزەنت ئوغۇلمۇ-قىز؟
-خۇدا قىز پەرزەنت نېسىپ قىلدى،ھەزرىتىم ،-دېدى يىگىت ھۆرمەت بىلەن قول باغلاپ تۇرۇپ.
-ياراتقان ئىگەم بەخت-تەلىيىنى بەرسۇن ئىلاھىم ،ئال يىگىت بۇ ئەپكەلگەن قۇتلۇق خەۋىرىڭىنىڭ سۆيۈنچىسى بولسۇن،-دېدى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى يىگىتكە بىرتال تىللانى ئۇزىتىپ.
-ئاغچا خېنىم بىلەن بالىنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟-سورىدى مىرزا مەھمۇد تەقەززالىق بىلەن .
-ئەش ئاننىڭ ئېيتىشىچە ھەرئىككىلىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشىكەن.
-پەمىمچە،شۇ تۇرقىدا مەۋلانەمنى پەرزەنتىنىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈش ۋەسۋەسىسى ئارامسىزلاندۇرۇۋاتىدىغۇ دەيمەن،قوپسىلا،مىرزا ھەيدەر،بىزمۇ ئاستا ئورنىمىزدىن قوزغىلايلى.
ئۇلار كېتىش تەرەددۇتىدە ئورنىدىن قوزغالدى .
-سەلپەل تەخىر قىلىشسىلا،-دېدى مىرزا مەھمۇد ئۇلارنى توختىتىپ،-ئىككىلىرىگە كىچىككىنە ئىلتىجايىم بار،ھەزرەتلىرىم بىلەن مۇلاقەت بۇلۇپ تۇرغان قۇتلۇق سائەتتە ئاغچامنىڭ كۆزى يۇرۇپ پەرزەنتىم دۇنياغا كەپتۇ،مالال كۆرمەي پەرزەنتىمگە مۇۋاپىق بىر ئىسىم تاللاپ بېرىشكەن بولسىلا،كەمىنىلىرىنىڭ بۇ خوشاللىقىغا يەنە بىر خوشاللىق قوشۇلغان بولاتتى.
-بۇياخشى تەلەپنى جان دەپ ئورۇندىغايمىز،-دېدى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى خوشاللىق بىلەن ،-يەنىلا قىدىرخان ھەزرىتىم بىرنېمە دېگەي.
قىدىرخان ئۇستاز ساقىلىنى سىلاپ بىردەم ئويلىنۋالغاندىن كېيىن سۆز ئاچتى:
-ئەزىز پەرزەنتىمىز سۇلتانلىقىمىزنىڭ پاراغەتلىك ،ئەمىنلىك كۈنلىرىدە دۇنياغا كۆز ئېچىپتۇ ،شۇڭلاشقا خاتىرجەم،تىنچلىق ،ئامانلىقىنى كۆزلەپ ئانا تىلىمىزچە«ئامان»ئىسمىنى تاللاپ ئەرەبچە «قىز»نى ئىپادىلەيدىغان «نىسا»سۆزىنى قۇشۇپ «ئاماننىسا»دەپ ئىسىم قويساق ،قانداق دەيسىلەر؟
-ئەينى مۇددىئا،بۇ تولىمۇ يارىشىملىق ئىسىم بولدى،-دېدى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى قۇشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ،-قىزىمىز ئامان-ئېسەن،سالامەت چوڭ بولسۇن .
-ئۇستاز ھەزرىتىمىنىڭ قىزىمىغا ئىسىم تاللاپ بەرگىنىگە ھەشقاللا،-دېدى مەھمۇد مىرزا رازىمەنلىك بىلەن .
ئۇلار دىۋانخانىدىن بىللەن چىقىشتى .قىدىرخان ئۇستاز بىلەن مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى شاھ قەسىرى تەرەپكە ماڭدى ،مىرزا مەھمۇد مۇلازىم يىگىت بىلەن بىللە ئوردا دەرۋازىسىغا قاراپ يۈگۈردى.




2.مۇزىكىغا ھېرىسمەن بوۋاق


ئاماننىسانىڭ تۇغۇلۇشى مىرزا مەھمۇدنى ئالەمچە خوشاللىققا چۆمدۈرۋەتكەنىدى .چۈنكى ئايالى گۈلجەمىلە ئاغچا بۇندىن بۇرۇن ئىككى قېتىم يەڭگىگەن بولسىمۇ لېكىن بالا تۇغۇلۇپلا چاچراپ كېتىپ ،ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى پەرزەنىت ئىشقىدا داغلىۋەتكەنىدى.بۇ ئۈچىنچى پەرزەنتىگە قىدىرخان ئۇستازنىڭ ئامانلىق ،ئېسەنلىك ،سالامەتلىك مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «ئامان»دېگەن ئىسىمىنى تاللاپ بېرىشى مىرزا مەھمۇدقا بىر ياخشلىقتىن بېشارەت بۇلۇپ بىلىنگەنىدى.شۇڭلاشقا،ئۇ شۈكۈنى كەچتە ئۆيىگە كېلىپلا ئايالى گۈلجەمىلە ئاغچىدىن ئېسەنلىك سوراپ بولغاندىن كېيىن ،ئىپەك يۆگەكتەك بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنىڭ پېشانىسىدىن سۆيۈپ تۇرۇپ ،قىزىنىڭ ئىسمىنىڭ «ئاماننىسا»بولىدىغانلىقىنى ھاياجان ئىلىكىدە جاكارلىدى ،ئەتىسى ئەتىگەن بامدات نامىزىدىن قايىتپ كىرىپلا بوۋاقنى ئاۋايلاپ قولىغا ئالدى -دە،جاينىماز ئۈستىگە چىقىپ ،بوۋاقنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان،سول قۇلىقىغا تەگبىر ئېيتىپ تۇرۇپ «ئاماننىسا»دېگەن ئىسىمىنى رەسمىي يۇسۇندا قويدى ۋە ئاللادىن قىزىنىڭ ئامان-ئېسەن ،سالامەت چوڭ بۇلۇشىنى تىلىدى.
ئاماننىسا يېشىغا تۇلۇپلا تەمتەم ماڭدى ۋە چۈچۈك تىلى چىقىتى.بالىنىڭ ھەربىر ھەرىكەت ،قىلىقى بىر يېڭىلىق بۇلۇپ تۇيۇلىدىغان بۇ ئائىلىگە كىچىك ئاماننىسانىڭ مېڭىشى ۋە تاتلىق -چۈچۈمەل گۇڭراپ سۆزلەشلىرى خۇددى تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاشلا چوڭ خوشاللىق بېغىشلىدى.
بوۋاقنىڭ ھەربىر ئىشى مىرزا مەھمۇد بىلەن گۈلجەمىلە ئاغچىنى ھەيران قالدۇرغانىدى ،يەنى،قاتتىق قىقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاق مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىسا دەرھال توختايتتى.بۇ ئىش ئۇلارغا دەسلەپتە تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغاندەك تۇيۇلدى .شۇنداقتىمۇ مىرزا مەھمۇد بۇ ۋەقەنى دىققەت نەزىرىدىن چەتتە قالدۇرمىدى .بوۋاق يەنە بىر قېتىم يىغلىغاندا تامغا ئېسىپ قۇيۇلغان تەمبۈرنى ئېلىپ چېلىشقا باشلىدى .ناخۇلنىڭ پولات تارغا ئۇرۇلشىدىن چىققان كۈي ئۆي ئىچىگە تارىلىشى بىلەن بوۋاق شۇ ھامان يىغىسىنى توختىتىپ ،قارا قاقتەك كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە خۇددى مۇزىكىغا ئەسىر بۇلۇپ زوق ئېلىۋاتقان كىشلەرگە ئوخشاش جىمىپ كېتەتتى.بۇ ئىش ئاتا-ئانىنىڭ ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.
-خۇدايا توۋا،-دېدى مىرازا مەھمۇد ھەيران بولغان ھالدا گۈلجەمىلە ئاغچىغا قاراپ،-قارىسىلا ،ئاغىچا،بۇ بالىدا چۇقۇم بىر سېھىرى-ھېكمەت بار ،تېخى بىرنەچچە ئايلىق بولغان بۇ بوۋاقنى مۇزىكا چۈشىنىدۇ ،مۇزىكىغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ دېسە كىممۇ ئىشىنەر؟
-بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ،-دېدى گۈلجەمىلە ئاغىچىمۇ كۆڭلىدىكىنى يۇشۇرماي ،-مەنمۇ ئۆزلىرى دىۋانخانىغا كەتكەن ۋاقىتلاردا دۇتتار چېلىپ بېرىپ بالىنىڭ يىغىسىنى توختاتتىم ،بالا مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىسا دەرھال يىغىدىن توختايدۇ.
مىرزا مەھمۇدتىن بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان قىدىرخان ئۇستاز بىلەن مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن بىر كۈنى مىرزا مەھمۇدنىڭ قەسىرىگە كېلىشىتى.ئۇلار بوۋاقنىڭ يىغلىشىنى كۈتۈپ چاي ئىچكەچ ،شېئىرىيەت ،مۇزىكا ۋە خانلىق ئىشلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىپ ئولتۇردى ،بىرچاغدا نەقىشلىك بۆشۈكتە ئۇخلاۋاتقان بوۋاق ئويغىنىپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى.
-يىغلىدى،يىغلىدى،قېنى تەمبۈرنى قوللىرىغا ئالسىلا،-دېدى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى تەقەززالىقىنى يۇشۇرماي.
مىرزا مەھمۇد تامغا ئېسىپ قويغان سازلار ئارىسىدىن تەمبۈرنى ئېلىپ قىدىرخان ئۇستازغا ئىككى قوللاپ تۇتتى:
-قېنى ،ھەزرىتىم ،بۇ ئاجايىپ مۆجىزىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئىسپاتلاپ باقسىلا.
قىدىرخان ئۇستاز ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرمايلا تەمبۈرنى قولىغا ئالدى-دە،تەمبۈرنى سازلىغاچ تارىلارنى يەڭگىل تىرىڭشىتىۋېدى ،بوۋاقنىڭ يىغىسى پەسەيمىدى ،يەنە قالايمىقان تىرىڭشىتىۋېدى ،نەتىجىسى ئوخشاش بولدى.قىدىرخان ئۇستاز مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى بىلەن مىرازا مەھمۇدقا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى-دە،پولات تارغا رىتىملىق ھالدا ناخۇل ئۇرۇشقا باشلىدى .تەمبۈردىن تارىغان يېقىملىق كۈي بىلەن تەڭ بۆشۈكتىكى بوۋاق دەرھال جىم بولدى ،قىدىرخان ئۇستاز بارلىق ماھارىتىنى چىقىرىپ بىر پەدە تەمبۇر چېلىپ بولغاندىن كېيىن دەس ئورنىدىن تۇرۇپ بۆشۈكتىكى جىم ياتقان بوۋاقنىڭ پېشانىسىگە مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويدى.
-مۇبارەك بولسۇن ،مەۋلانەم،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز مىرزا مەھمۇدقا قاراپ،-ئەزىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەقىقەتەن ئاجايىپ بىر سېھىرى -ھېكمەت بار ئىكەن ،بايام تەمبۈر تارىنى قالايمىقان تىرىڭشىتىۋېدىم ،بوۋاققا زىنھار تەسىر قىلمىدى ،بۇ ھەقىقەتەن مۇسقى-مۇغەننىگە ھېرىسمەن بوۋاق ئىكەن ،بۇنىڭىدىن كېيىن بالا يىغلىغاندا ئەمەس ئۇخلىغاندىمۇ ياكى ئويغانغاندىمۇ داۋاملىق مۇزىكا چېلىپ بېرىپ تۇرۇڭ،خۇدا ئۇنىڭىغا مۇسقى-مۇغەننىلىك ھەۋىسىنى سالغان ئوخشايدۇ.


[color=#FF0000]ئىزاھات بېرىلگەن سۆزلەر:
1.دىۋانخانا-خانلىق كاتىباتخانا،داڭلىق ئالىم ،سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆچۈرۈلۈپ تارقىتىلدىغان جاي.
2.مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى-مەشھۇر تارىخچى ،ھەربىي سەركەردە«تارىخى رەشىدى»نىڭ ئاپتورى.كۆرەگان-شاھنىڭ كۈيئوغلى دېگەن مەنىدە.
3.ئارى-راسىت،توغرا.
4.«دىۋان فانى»-نەۋائىنىڭ پارىس تىلىدا يازغان شېئىرلار توپلامى.
5.ئەش ئانا-تۇغۇت ئانىسى.

مەنبە-كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ناملىق كىتاب.

داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
بۇ تېما باشقۇرغۇچى saba7911 تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-27 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526)       &n ..
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-27 12:39 [باش يازما]
    ~rofina~
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 31063
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    پۇل: 285 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-27 13:03 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ~rofina~
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 31063
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    پۇل: 285 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-27 13:05 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    xadia
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28095
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 138
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە138دانە
    شۆھرەت: 138 نۇمۇر
    پۇل: 675 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

      بەك  ئەھمىيەتلىك  تېما  يوللاپسىز .  قولىڭىزغا  دەرت  كەلمىگەي .  مۇشۇنداق  تېمىلارنى  داۋاملىق  يوللاپ  تۇرۇڭ .  ئەجرىڭىزگە  كۆپ  تەشەككۈر .

                         
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-27 13:08 3 -قەۋەت
    halqigul
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8378
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 724
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە724دانە
    شۆھرەت: 231 نۇمۇر
    پۇل: 1285 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    ئاماننىساخاننىڭ ئىجادىيىتى بولغان12موقام شۇ پېتى كىتىۋىرەمۇ يا.......13 كە 14كە يىتەرمۇ؟
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ۋاقىتىڭ  كەتتى، بەختىڭ كەتتى~!
    | ۋاقتى : 2008-05-27 13:12 4 -قەۋەت
    askar0998
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1111
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1111دانە
    شۆھرەت: 1111 نۇمۇر
    پۇل: 3601 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :441(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    مەن ئاماننىساخاننىڭ تارىخىغا بەك قىززىقاتتىم ؟ مانا بۈگۈن خىلى بىلىمگە ئىگە بولدۇم . داۋامىنى چاققانراق يوللارسىز ؟؟؟
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا !
    | ۋاقتى : 2008-05-27 13:21 5 -قەۋەت
    gul-quxi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31528
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 38
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
    شۆھرەت: 73 نۇمۇر
    پۇل: 298 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    ئاماننىسا خېنىم مىلادى 1533-يىلى يەركەننىڭ بەشكەنت يېزىسىدا مەخمۇت ئىسىملىك نامرات ئوتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەخمۇت ئاكا ئوقۇمۇشلۇق ئادەم بولۇپ، ئانىسىدىن يېتىم قالغان يالغۇز قىزى ئاماننىسانى ئۆزى ئوقۇتۇپ تەربىيىلىدى. ئاماننىساخېنىم كىچىگىدىنلا چېچەن، زېھنىلىك، ئەقىللىق قىز ئىدى. سازغا ھەۋەس قىلاتتى ھەم شائىرەلىكتە ئىزدىنەتتى. ئۇ يۈسۈپ سەككاكى، نەۋائى، لۇتفى... قاتارلىق مۇتەپەككۇر ئالىم ۋە مۇزىكاشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنەتتى ھەم ئۆزى شېئىر يېزىپ ئاھاڭ ئىشلەپ چالاتتى...
    سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇرېشىتخان، بىر كۆنى پۇقراچە كىيىنىپ، يېنىغا ئەكرەم دېگەن مۇھاپىزەتچى يىگىتنى ئېلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ۋە ئۆز ئەمەلدارلىرىغا نىسبەتەن پۇقرالارنىڭ پىكىر-باھالىرىنى بىلىش مەقسىتىدە شەھەر ۋە يېزىلارنى ئارىلاپ يۆرۆپ بىر خارابە كەپە ئالدىدا توختاپ، مۇشۇ نامرات ئائىلىدىن ئەھۋال سوراشنى ئويلايدۇ. ئەسلىدە بۇ ئوتۇنچى مەخمۇت ئاكىنىڭ كەپىسى ئىدى. ئابدۇرېشىتخان مەخمۇت ئاكا بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تامغا يۆلەكىلك ساتارغا كۆزى چۆشىدۇ ۋە مەخمۇت ئاكىدىن ساتار چېلىپ بېرىشنى سورايدۇ. مەخمۇت ئاكا ساتارنى قىزىنىڭ ئۆزىدىن ياخشى چالالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇلۇڭدا تارتىنىپ ئولتۇرغان ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىزىنى كۆرسىتىدۇ. مېھمانلارنىڭ ۋە دادىسىنىڭ ئىلتىپاتىنى رەت قىلىش ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىغان ئاماننىسا، دەرھال قولىغا ساتارنى ئېلىپ ئۆزى نەزمە تۆزەپ پەنجىگاھ مۇقامىغا ماھىرلىقى بىلەن چېلىپ، ئابدۇرېشىتخاننى ھەيران قالدۇرىدۇ. قىزنىڭ:
    ساڭا يۈز شۈكرى، يارەب، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
    پېقىر- مىسكىنلەرگە ئابدۇرېشىتخاننى پاناھ قىلدىڭ.
    نەفىسە كېچەيۇ كۈندۈز دۇئا قىلدى تەڭرى قۇددۇسقا،
    كى شاھ ئالدىدا قىلماس قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ.
    دەپ ئوقۇغان غەزەللىرىدىن مەڭدەپ قالغان سۇلتان ھاياجانلانغان ھالدا قىزدىن <<نەفىسە>> دېگەنىڭ كىملىكىنى، ئۇنىڭ بۇ غەزەل، مۇقاملارنى كىمدىن ۋە قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى بىلمەكچى بولىدۇ. قىز مېھمانغا قاراپ: <<نەفىسە>> مېنىڭ تەخەللۇسۇم، مەن نەۋائى، فۇزۇلى... قاتارلىق شائىرلارنىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇيمەن، يۇقىرىدا ئوقۇغانلىرىم ئۆزۈمنىڭ غەزەللىرى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە سۇلتانغا ئۆزىنىڭ يازغان غەزەللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
    ئابدۇرېشىتخان يۇقىرى ماھارەتلىك بۇ قىزنىڭ غەزەللىرىگە چالغان سازىغا ئاپىرىن ئېيتىپ: مەن قاراپ تۇراي، سىز بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ، دەيدۇ.
    ئاماننىسا قولىغا دۈگەت، قەلىمىنى ئېلىپ شېئىر يازىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرقى كۇپلىتى مۇنداق:
    <<... يارەپ پۇسەنت قىلدى ئەجەب سۇئى زەن ماڭا،
    گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا>>
    دەپ يازىدۇ. ئابدۇرېشىتخان بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ: ئىشەندىم، شائىرە ھەجۋىي قىلمىسىلا... دەيدۇ.
    ئاماننىسا خېنىمنىڭ خۇش خېتى ئۆزىنىڭ گۈزەل چېھرىسى بىلەن ھۆسۈن تالاشماقتا ئىدى.
    ياش سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئاماننىسا خېنىمغا ئاشىق-بېقارار بولۇپ، دەرھال ئوردىسىغا قايتىپ، مەخمۇت ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار رازى بولغاندىن كېيىن، شاھانە توي مەرىكە قىلىپ، ئاماننىسا خېنىمنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ.
    ئابدۇرېشىتخان مەدەنىيەت سۆيەر، مۇزىكا خۇشتارى، ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولۇپ، ئاماننىسا خېنىمنىڭ مۇزىكا ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشىغا زور ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۆچۆن، ئاماننىسا خېنىم ئابدۇرېشىتخان بىلەن يىگىرمە يىل بىرگە ئۆتۆش جەريانىدا پۆتۆن ھاياتىنى مۇزىكا مۇقاملىرىنى تەتقىق قىلىش، رەتكە سېلىش، ئىجاد قىلىش، سىستېمىلاشتۇرۇش، مۇزىكا تالىپلىرىنى يېتىشتۈرۈش...تەك ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بېغىشلىدى ۋە << 12 مۇقام>> قامۇسىنى يېزىپ جاھان مۇزىكا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قىلىپ قوشتى.
    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ھاياتىنى ھەر تەرەپلىمە مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلىگەن چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكا قامۇسى <<12مۇقام>>غا كىرگۈزۈلگەن ئاھاڭلار فورمىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز.12مۇقام <<راك>>، <<چەببىيات>>، <<مۇشاۋرەك>>، <<چارىگاھ>>، <<پەنجىگاھ>>، <<ئۆزھال>>، <<ئەجەم>>، <<ئوششاق>>، <<بايات>>، <<ناۋا>>، <<سىگاھ>>، <<ئىراق>>لاردىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈن 12 مۇقام 170تىن ئارتۇق ئاھاڭ، 2 7 خىل نەغمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى باشتىن ئاياغ بىر قېتىم ئوقۇش ئۈچۈن 20 نەچچە سائەتتىن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. ئاماننىسا خېنىم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شىجائەت ۋە ئىجتىھات بىلەن12مۇقامنى رەتلەپ، ئىسلاھ قىلىپ سىستېمىلاشتۇرغاندا مۇنۇ ئۈچ نۇقتىنى ئاساس قىلغان:
    بىرىنچى، 10 - 15-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان ۋە ئىنتايىن كەڭ تېررىتورىيىگە يېيىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان، بىراق ئۆزلەشمىگەن غەيرىي مۇقاملاردىكى ئېلىشاڭغۇلۇققا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئاھاڭ خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە قايتا رەت سالغان.
    ئىككىنچى، <<چوڭ نەغمە>>، <<داستان>>، <<مەشرەپ>>تىن ئىبارەت مۇقام شەكىللىرىنى ھەرقايسى مۇقاملىق كۆي شەكلى بويىچە يۈرۈشلەشتۈرگەن ۋە قېلىپلاشتۇرغان.
    ئۈچىنچى، مۇقام مۇزىكىلىرىنى خۇراپاتلىق ۋە بىرقەدەر چۈشىنىكسىز ئىبارىلەر بىلەن تولغان شېئىرىيەتتىن ئازاد قىلىپ، ئۆز دەۋرىدە كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋەرلىك رولىنى ئويناۋاتقان ئۇيغۇر-تۈرك شېئىرىيىتى بىلەن تېكىسلەشتۈرگەن.
    ئاماننىسا خېنىم ئۇنىڭدىن باشقا، <<دىۋانە نەفىسە>>(نەفىسە شېئىرلىرى)، <<ئەخلاقىي جەمىلە>> (گۈزەل ئەخلاق) (بۇ ئەسەرلەردە ئاياللارغا قارىتا تەربىيە ۋە نەسىھەت قىلىنغان). <<شوروئىل قۇلۇپ>> (قەلبلەر ھېكمىتى) ناملىق كىتابلارنى يازدى ۋە <<ئىشرەت ئەڭگىز>>(شادلىق قوزغىغۇچى كۈي)ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلدى. ئۇ، مىلادىيە 1567-يىلى 34 يېشىدا تۇغۇتىدا ۋاپات بولدى.
    ئاماننىسا خېنىمنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى گۈللىنىۋاتقان سەئىدىيە سۇلتانلىقى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. خۇسۇسەن سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئۈچۈن ئېغىر يوقىتىش بولۇپ، ئۇ، بۇ ئېغىر جۇدالىقنى كۈتۈرەلمەي سەۋدايى كېسىلىگە دۇچار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
    ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنى قانۇنلىرىدا دىنىي ئەقىدىلەردىن ھالقىپ كېتىدىغان بىرەر ئىلغار كۆز قاراش ۋە ئىلمىي مۇتالىئەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەتتا ئەرلەر ئىچىدىمۇ تەقىپ قىلىناتتى. مۇزىكا، ئۇسسۇل سەنئىتى بولسا ئاللىقاچان چەكلەنگەن بولۇپ، پەقەت مەخپىي ھالەتتە ئېلىپ بېرىلاتتى.
    ئاياللار بۇ جەھەتتە ھوقۇقسىز دېگۈدەك بولۇپ، ئىلىم-سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنالمايتتى. ئاماننىسا خېنىم ئەنە شۇنداق دىنىي خۇراپى ئىجتىمائىي تۇسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخ سەھنىسىدە نامايان بولدى، ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى سەھىپىسىدىن كۆرۈنەرلىك ئورۇن ئالدى.
    [ gul-quxi تەرپىدىن 2008-05-27 13:47 قايتا تەھرىرلەن ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(baturjangqi)
  • ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    كاللاڭنى باشقىلار سىلكىسە ساراڭ بۇلۇشۇڭ مۇمكىن، ئۆزۈڭ سىلكىسەڭلا ھەقىقى ئويغىنالايسەن .
    | ۋاقتى : 2008-05-27 13:40 6 -قەۋەت
    sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17636
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2753
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2753دانە
    شۆھرەت: 2720 نۇمۇر
    پۇل: 8991 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :341(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    يەنە بىر ئىسىل تېما،رەھمەت.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
    | ۋاقتى : 2008-05-27 13:43 7 -قەۋەت
    berdem
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6231
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 183
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە183دانە
    شۆھرەت: 184 نۇمۇر
    پۇل: 582 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :149(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىhalqigulنىڭ2008-05-27 13:12دە يوللىغان يازمىسى Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە...... :
    ئاماننىساخاننىڭ ئىجادىيىتى بولغان12موقام شۇ پېتى كىتىۋىرەمۇ يا.......13 كە 14كە يىتەرمۇ؟

    ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى  ئەمگەكچان ، جاپاكەش ، چىداملىق ، باتۇر ، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا  باشتىن كەچۈرگەن رەڭگارەڭ - رەڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشىلىرىنىڭ مەنىۋىتىمىزدىكى جۇغلانمىسى ۋە سەنئىتىمىزدىكى سەمەرىسى ، ئۇ مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس .  سەئىدىيە دەۋرىدىكى ئابدۇرەشىد خاننىڭ قوللىشى ۋە تۈرتكىلىگىىدە قىدىرخان ۋە ئاماننىساخان  ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى قېزىپ ، رەتلەپ سېستىمىلاشتۇرۇشتىكى ، بىز دەۋاتقان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى تۆھپىسى تەڭداشسىز  شەخسلەردۇر ، بۈگۈنكى دەۋرگە يەتكۈزگۈچى  ئۇستاز  تۇردى ئاخۇن .
    ئون ئىككى مۇقامنىڭ  ھەر بىرىنىڭ ئۆز نامى بار ، ئۇندىن باشقا بىر نەچچە  يەرلىك مۇقاملىرىمىز يەرلىك ناملاردا ، ئالايلۇق ، دولان مۇقامى ، قۇمۇل مۇقامى ، تۇرپان مۇقامى(دەرداق مۇقامى) ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ ، مۇقاملىرىمىزنى قېزىش ۋە رەتلەشنىڭ قەدىمى توختاپ قالمايدۇ .
    http://mtv.diyarim.com
    بەردەم بول ! يىقىلىپ چۈشمەيسەن ....
    | ۋاقتى : 2008-05-27 13:53 8 -قەۋەت
    تېكىن
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21108
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
    شۆھرەت: 82 نۇمۇر
    پۇل: 324 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :51(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    مۇقام ئۇ خەلق ناخشىلىرىدىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان سەنئەت شەكلى.شۇڭلاشقا مۇقامنى خەلق ناخشىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش لازىم.ئەگەر ھەقىقىي مەنىدىكى مۇقامنى دېگەندە ،ئۇيغۇرلاردا چىن مەنىدىكى،ھەقىقىي مۇقام پەقەتلا «ئون ئىككى مۇقام».باشقا «دولان مۇقاملىرى»ياكى «قۇمۇل مۇقاملىرى»مۇقامنىڭ ھەقىقىي قېلىپىغا چۈشمەيدۇ.چۈنكى بۇ ،مۇقاملار تېخى ئون ئىككى مۇقامدەك تولۇق سېستىما ۋە شەكىلگە كىرىپ بولمىغان.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-27 14:23 9 -قەۋەت
    qiman0999
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23046
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    بۇ ئايالنى ماختاشنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار ؟ ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى ؟ پەقەت ئۇيغۇرلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن زەھەرلىدى شۇ !
    ئاۋۇ ئابدۇرېشىت خان دۆلەتنىڭ پادىشاھى تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا كىم قويدى كوپ خوتۇنلۇق بولۇپ مۇزىكا رەتلەشكە باشچى بولۇشنى ... لەشكىرى يۈرۈش قىلىپ ، زېمىنىنى كېڭەيتىپ ، دۆلىتىنى مۇستەھكەملىسە بولمامتى ؟! سازغا خۇشتار پادىشاھنىڭ ئاخىرىقى كۈنى ھالاكەت بولىدۇ . پادىشاھ دېگەننىڭ قولىدا ، تەمبۇر ، ساتارنىڭ دەستىسى ئەمەس ، بەلكى قانلىق قىلىچ بولۇشى كېرەك ...
    ئەشۇ سوپا - ئىشانلارنىڭ بۇلارغا قارشى تۇرغىنىنى ئويلاپ باقساق توغرىدەك قىلىدۇ ، جۇمۇ ؟
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-27 15:05 10 -قەۋەت
    ظأتكۇر
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30871
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 161
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە161دانە
    شۆھرەت: 171 نۇمۇر
    پۇل: 674 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    بۇ ئايالنى ماختاشنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار ؟ ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى ؟ پەقەت ئۇيغۇرلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن زەھەرلىدى شۇ !
    ئاۋۇ ئابدۇرېشىت خان دۆلەتنىڭ پادىشاھى تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا كىم قويدى كوپ خوتۇنلۇق بولۇپ مۇزىكا رەتلەشكە باشچى بولۇشنى ... لەشكىرى يۈرۈش قىلىپ ، زېمىنىنى كېڭەيتىپ ، دۆلىتىنى مۇستەھكەملىسە بولمامتى ؟! سازغا خۇشتار پادىشاھنىڭ ئاخىرىقى كۈنى ھالاكەت بولىدۇ . پادىشاھ دېگەننىڭ قولىدا ، تەمبۇر ، ساتارنىڭ دەستىسى ئەمەس ، بەلكى قانلىق قىلىچ بولۇشى كېرەك ...
    ئەشۇ سوپا - ئىشانلارنىڭ بۇلارغا قارشى تۇرغىنىنى ئويلاپ باقساق توغرىدەك قىلىدۇ ، جۇمۇ ؟

    بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى،سىزنىڭ مەيدانىڭىزنى چۈشۇنەلمەيلا قالدىم.بەلكىم سىز مەندىن چوڭقۇرراق بىرەر مەسىلىنى ئويلىغان بولۇشىڭىز مۈمكىن،لېكىن تارىخىمىزدا ئابدىرىشىت خان،ئاماننىساخانلاردەك خان ۋە خانىشلاردىن قانچىسى ئۆتكەن؟ساناقلىق.ئەمدى مۇشۇ ساناقلىق پادىشاھ،خانىشلارنىڭ تارىخى نەتىجىلىرىنى يوققا چىقىرىپ تاشلىساق بولارمۇ؟ئەۋۋەل ئۆزىمىز بىر كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئاددى نەتىجىدىن بىرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ بېقىپ گەپ قىلايلى،قېرىنداشلار.سۆزۇم ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۇرۈڭ،يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئازراق سۆزلەپ قويدۇم.    
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-27 15:30 11 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3572
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3572دانە
    شۆھرەت: 3871 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

    داۋامى:

    3.بالىلىق ھەۋەس


    ئاماننىسا بەش ياشقا قەدەم قويدى،قىزنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مىرزا مەھمۇد دىۋانخانىدىن كۆرە ئۆيىدە كۆپرەك تۇرىدىغان بولدى.ئۇ دىۋانخانىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى ئورۇنباسارلىرىغا تاشلاپ قۇيۇپ ،دىۋانخانىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى ئۆيىدە بېجىرەتتى.ئۇ ئۆيىدە يېزىش،تەكشۈرۈش ،بېكىتىش بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا كىچىككىنە ئاماننىسا شىرەنىڭ قېشىغا كېلىۋېلىپ ،دادىسى ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ياسىتىپ بەرگەن قۇمۇش قەلەمنى بۇدرۇق قوللىرى بىلەن مەھكەم قىسقىنىچە سىياھدانغا مىلاپ دادىسىدىن ئالغان ساۋاقلىرىنى چىرايلىق ئىنشا قىلىپ يېزىشقا كىرىشەتتى .چۈنكى ئۇ تۆت يېشىدىلا ئانا تىلىدىن ساۋاتىنى چىقىرىپ بولغانىدى ،قىزنىڭ چىرايلىق يازغان ئىنشالىرىنى كۆرگەن مىرزا مەھمۇدنىڭ دىلى سۆيۈنەتتى .قىزنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئىمكان بار تولۇق ئورۇندايتتى .
    -ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىڭا،دادا،مەنمۇ ئاڭلاي.
    مىرزا مەھمۇد قىزنىڭ تەلىپى بويىچە كۆچۈرۈلمىسىنى تەكشۈرۋاتقان دىۋانلاردىكى شېئىرلارنى ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بېرەتتى ،شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدۇرۇشقا ۋە ساز چالدۇرۇپ ئاڭلاشقا ئاماننىسا تولىمۇ خۇشتار ئىدى.ئۇ دېكلاماتسىيىنى ۋە ناخشا-سازلارنى شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلايتتىكى ،ئىككى ئالقىنى بىلەن ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرسا قىمىر قىلىپمۇ قويمايتتى ،گاھى ۋاقىتلاردا ئېسىدە قالغان مىسرالارنى يېرىم-يارتا ھالەتتە دادىسىغا چۈچۈك تىلى بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەتتى ،بويىدىن نەچچە باراۋەر چوڭلۇقتىكى سازلارنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ،بۇ چالغۇلارنىڭ قانداق قىلىپ ئاھاڭ چىقىرىدىغانلىقىىنى بىلىشكە تىرىشاتتى .تۇرۇپ زىل تارىلارنى تىرىڭشىتسا،تۇرۇپ بوم تارىلارنى تىرىڭشىتاتتى،ساتارنىڭ كامالچىسىنى تارىغا قاملاشتۇرۇپ سۈركىيەلمەي ئاۋارە بۇلۇپ كېتەتتى.دۇتتار،تەمبۈرلارنىڭ تارىلىرىنى ئۈزۈۋېتىپ ئۇلىيالماي جىلى بۇلۇپ كېتەتتى .بۇنداق ۋاقىتلاردا قىزنىڭ بارلىق ھەركەتلىرىنى بىرچەتتە كۆزىتىپ تۇرغان مىرزا مەھمۇد ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندالغان كۈلكىلىك بىر ئويۇننى كۆرگەن تاماشىبىندەك ھۇزۇرلىنىپ خىرىلداپ كۈلەتتى.
    ئاماننىسانىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشقا بولغان ئالاھىدە قىزىقىشى مىرزا مەھمۇددا قىزىغا شېئىر يادقا ئالدۇرۇش ئويىنى پەيدا قىلىدى .ئۇ بىر كۈنى ئاماننىسانى قۇچىقىغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ تۇرۇپ مۇددىئاسىنى ئېيىتتى .
    -شېئىر ئۆگىتىپ قويايمۇ ،قىزىم؟
    -راستىما؟ۋاي بەك ياخشى بولدى .مەن شېئىر ئۆگىنىدىغان بولدۇم ،-ئاماننىسا خوشاللىقىدا دادىسىنىڭ مەڭزىگە توختىماي سۆيۈپ كەتتى .
    -قېنى ئەمىسە ،قەغەز-قەلىمىڭىزنى تەييارلاڭ،قىزىم ،-دېدى مىرزا مەھمۇد.
    ئاماننىسا قەغەز-قەلەم ،سىياھداننى شىرە ئۈستىگە قۇيۇپ تەق بولدى .
    -مەن بىر باشتىن ئېيتىپ بېرىمەن ،سىز يازىسىز .يېزىپ بولغاندىن كېيىن قانداق دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويىمەن ،شۇ بويىچە يادقا ئالىسىز .
    مىرزا مەھمۇد بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مەشھۇر پارس شائىرى شىرازىنىڭ بىر روبائىيىسىنى دانىمۇ-دانە قىلىپ ئالدىرىماي ئوقۇشقا باشلىدى .ئاماننىسا قۇمۇش قەلەمنى سىياھدانغا مىلاپ خۇش خەتچە چىرايلىق قىلىپ يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى.
    -قېنى ئەمدى يازغىنىڭىزنى ئۆزىڭىز بىر ئوقۇپ بېرىڭا،قىزىم،-دېدى مىرزا مەھمۇد.
    ئاماننىسا تېخى سىياھ قۇرۇمىغان قەغەزنى ئاۋايلاپ قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى:


    يەي دېسە پۇقرا بېغىدىن پادىشاھ بىر ئالمىنى،
    يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلار دەرەخنى غالچىسى.
    گەر كۆرسە تۆت تۇخۇمغا زورلۇق ئەيلەشنى راۋا،
    مىڭ توخۇنى زىخقا تارتار لەشكىرىدىن قانچىسى.


    -ھەببەللى،توغرا يېزىپسىز ،قىزىم ،-دېدى مىرزا مەھمۇد ئاماننىسانى رىغبەتلەندۈرۈپ ،-مەن سىزگە بىر قېتىم دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەي،ھە،دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ.ئاۋاز ئۇرغۇمىزنى مانا مۇنداق چىقىرىمىز .
    دادا بىر مىسرا دېكلاماتسىيە قىلسا ،قىزى بىر مىسرا ئەگىشەتتى،دادا رازى بولمىغان مىسرالارنى قىزىغا قايتا دېكلاماتسىيە قىلدۇراتتى .ئاخىر ئۇ بىر ئاز قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن شېئىر يېزىلغان قەغەزنى قىزىغا قايتۇرۇپ بەردى.
    -ئېلىڭ،قىزىم،باغقا چىقىپ يادلاپ كىرىڭ.
    دادا ئاماننىسانى باغقا چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن شىرەگە مۈكچىيىپ باياتىن بېرى تاشلىنىپ قالغان «دىۋانى فانى»نىڭ تەرجىمىسىگە كىرىشىپ كەتتى.
    ئارىدىن بىر چۆگۈن چاي قاينىمى ۋاقىت ئۆتەر-ئۆتمەيلا ئاماننىسا سىرىتتىن چوڭۇلداپ سۆزلىگىنىچە كىرىپ كەلدى.
    -دادا،دادا،مەن يادلاپ بولدۇم،سىزگە ئوقۇپ بېرەيمۇ؟
    -راستتىنلا يادلاپ بولدىڭىزمۇ قىزىم؟-مىرزا مەھمۇد قەلىمىنى سىياھدانغا چىلاپ قويۇپ قىزىغا يۈزلەندى ،-قېنى بىر ئوقۇڭا،ئاڭلاپ باقاي.
    ئاماننىسا شېئىرنى تۇلۇق يادقا ئوقۇپ بەردى .
    -ھۇششەرە،تېخمۇ ئەقىللىق بۇلۇڭ،قىزىم،-دېدى دادا قىزىنىڭ پېشانىسىگە ئىچ كۆيەرلىك بىلەن سۆيۈپ تۇرۇپ ،-ئەمدى چىقىپ ئانىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ،قىزىم ،مەنمۇ ئىشىمىنى قىلىۋالاي.
    -ماقۇل،دادا،-ئاماننىسا كەينىگە يېنىشقا تەمشىلىپ بۇلۇپ يەنە ئورنىدا تۇرۇپ قالدى .
    -گېپىڭىز بارمىدى ،قىزىم؟
    -غالچىشى دېگەن ئەشكى ئادەممۇ ،دادا؟
    قىزىنىڭ كۈتمىگەن بۇ سۇئالنى سورىشى مىرزا مەھمۇدنى دەقىقە ئويلاندۇرۇپ قويدى.
    -غالچىشى ئەمەس،غالچىسى دەڭ ،قىزىم،-دېدى دادا قىزىنىڭ گېپىگە تۈزىتىش بېرىپ.
    -ئىشقىلىپ غالچىسى ئەشكى ئادەمكەن-ھە،دادا؟
    -شۇنداق قىزىم،غالچا دېگەن ھەقىقەتەنمۇ ئەسكى ئادەم ،ئۇلارنى ئادەم دېمىسەكمۇ بولىدۇ.
    -نېمىشقا ئەشكى ئادەملەر بولىدۇ؟
    دادا قىزىنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا سورىغان بۇ سۇئالىغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە بىر ئاز ئويلىنىۋالدى.
    -بۇنى چوڭ بولغاندا ئاستا-ئاستا چۈشىنىۋالىسىز ،قىزىم.
    ئاماننىسا دادىسىنىڭ جاۋابىغا قايىل بولمىغان ھالدا ئاستا كەينىگە ياندى.



    4.شائىرلار سۆھبىتىدە


    مىرزا مەھمۇدنىڭ ئانچە ھەشەمەتلىك بولمىغان بۇ قەسىرى ئاستاندىكى شائىر،ئالىم ۋە مۇقامچىلارنىڭ پات-پات يىغىلىپ تۇرىدىغان سۆھبەتگاھى ئىدى.ئەلۋەتتە بۇ سۆھبەتلەرگە قىدىرخان ئۇستاز،مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى،ئايازبېك قۇشچى،مەۋلانە يۈسۈپ قەشقەرى،مەۋلانە خۇلقى قاتارلىق زامانىسىنىڭ كاتتا شائىر ،ئالىملىرى ئىشتىراك قىلاتتى .مۇشائىرە ئېيتىشلار ،شېئىرىيەت،مۇزىكا،پەلسەپە ،ئەخلاق ،تىل-ئەدەبىيات ،ئىلمىي نۇجۇم،تېبابەت،تارىخ ،قوشنا ۋە يىراق ئەللەردىكى يېڭىلىقلار ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە ،قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەرمەيلى يازنىڭ قىسقا كېچىلىرى بولسۇن ،مەيلى قىشىنىڭ ئۇزاق تۈنلىرى بولسۇن تاڭغا ئۇلىناتتى.كىچىككنە ئاماننىسا بولسا ئەنە شۇ سورۇنلاردا بۇلۇنغان پاراڭلارنى بىر چەتتە ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇيقۇسى كەلگۈچە تىڭشايتتى .يۇمران قەلبىدە بولسا شېئىرىيەتكە ،مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياق ھەسسىلەپ ئاشاتتى .گاھى ۋاقىتلاردا سورۇن ئەھلى ئۆتكۈر بۇ كىچىككنە قىزنى شېئىر ئوقۇشقا سالاتتى .بۇنداق چاغدا ،ئاماننىسا تارتىنىپ ئولتۇرمايلا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ لۇتفى ،سەككاكى،يۈكنەكى،نەۋائى،سەئىدخان ،قىدىرخان ،ئايازى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى توغرا،ئۇرغۇلۇق دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىپ ،سورۇننىڭ مەزمۇنىنى بېيىتاتتى ۋە سورۇن ئەھلىنىڭ دۇئا-ماختاشلىرىغا ئېرىشەتتى.
    -بۇ قىزىمىزدا ئاجايىپ بىر شېئىىرىي ئستېدات بار ،-دەيتتى قىدىرخان ئۇستاز ھەرقېتىم ئاماننىسا شېئىر يادلاپ بەرگەندە خوشاللىقىنى باسالماي ،-قىزچاقنى ياخشى تەربىيلەپسىز مەۋلانەم،شۇنداقتىمۇ پەرزەنتىنى مەكتەپكە بەرمەكلىك زۆرۈر .خانلىق مەدرىسىگەئاپىرىپ بېرىڭ ،شۇ يەردە مەلىكە ،خانزادىلەر بىلەن بىللە تەربىيە ئالسۇن.
    -مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتىمەن،-دەيتتى مىرزا مەھمۇدمۇ قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ،-يەنىلا مەدرىسكە بېرىپ خەلپەتلەردىن يۈرۈشلۈك تەربىيە ئالغىنى ياخشى ئوخشايدۇ.
    بىر كۈنى،مىرزا مەھمۇدنىڭ بېغىدىكى راۋاقتا شائىر،مۇقامچىلار يەنە جەم بۇلۇشتى ۋە نەۋائىنىڭ «لىسسا نۇتتەير»(قۇشلار تىلى)ناملىق ئەسىرى ئۈستىدە بىر ھازا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدى ،بۈگۈنكى سورۇننى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەن مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى مۇنازىرىنىڭ سۇسلىشىپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ،شائىر ئايازىغا مۇراجەت قىلىدى:
    -ئايازى تەقسرنى تۈنۈگۈن ناھايتى كاتتا بىر غەزەل يېزىپتۇ دەپ ئاڭلىۋېدىم ،مۇمكىن بولسا ھازىر ھەممەيلەن ئاشۇ شېئىردىن تەڭ ھۇزۇرلانساق قانداق؟
    سورۇن ئەھلى «مەرھابا»،«مەرھەمەت قىلىڭ»دېيىشىپ ئايازىغا تىكىلىشتى.
    -ئەمىرلەشكەر تولىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى،-دېدى شائىر ئايازبېك قۇشچى مىرزا ھەيدەركۆرەگانىغا قاراپ،-بۇ غەزەلنى بەك كاتتا دېگۈچىلىكى يوق،ئادەتتىكىچىلا چىققان .ھەربىرلىرى ئاڭلاشنى مەقبۇل كۆرۈشسىلە ،ئېيتىپ بېرەي.
    ئايازى پىيالىدىكى سوۋۇپ قالغان چايدىن بىر ئوتلام ئىچىۋالغاندىن كېيىن ،گېلىنى قىرىپ قويۇپ شېئىر ئوقۇشقا باشلىدى:


    نەرگىسىڭ جادۇسىدىن ھەردەم يۈرەك قاندۇر ماڭا،
    سۇنبۇلۇڭ سەۋداسىدىن خاتىر پەرىشاندۇر ماڭا.
    ئىشقىدىن بىر زىندە گانلىخ ئاڭلىدىم ،دىشۋار ئىمىش،
    ئەمدى بىر سائەت جۇدا بولماق نە ئىمكانىدۇر ماڭا.
    نالە قىلسام ئىردى رەھمى قىلغاي ئىردىڭ ،ۋەھ،قانى،
    كىم فىراقىتىڭ زەئىفىدىن بىر چىقماغان جاندۇر ماڭا.
    نە قىلاي گۈلشەن تاماشاسىنى ،ئەي گۈلچېھرە كىم،
    باغى رىزۋان ئۆلسە سەنسىز ،بەيتۇل -ئەھزاندۇر ماڭا.
    ئەبر ئەمەس ھەردەم دۇر ئەفشان ،ئەي ئايازى ،كويىدا،
    ھالى زارىمىنى كۆرۈپ ئەفلاك گىرياندۇر ماڭا.

    يەشمىسى:(جادۇ كۆزلىرىڭ تۈپەيلىدىن دائىم يۈرىكىم قان،
    سۇمبۇل چاچلىرىڭدىن ھەمىشە كۆڭلۈم پەرىشاندۇر.
    ئۇنىڭ ئىشقى تۈپەيلىدىن ھاياتىمىنىڭ مۈشكۈلى ئەھۋالىغا،
    چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىدىم ،ئەمدى ئۇنىڭدىن بىر سائەت .
    ئايرىلىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
    نالە قىلالىغان بولساممۇ رەھىم قىلار ئىدىڭ ،ۋاھ،قېنى،
    شۇ نالە پىراقىڭىدا شۇ قەدەر زەئىپلىشىپ كەتتىمكى.
    تېنىمىدە چىقمىغان بىرلا جان قالدى،
    ئەي گۈل يۈزلۈك يار،گۈلشەننى تاماشا قىلىپ نە قىلاي.
    سەنسىز جەننەت بېغىمۇ ماڭا غەم-غۇسسە ماكانىدۇر،
    ئەي ئايازى،دائىم ئۈنچە تۆكۈۋاتقىنى بۇلۇت ئەمەس،
    بەلكى مېنىڭ خارۇ زار ھالىتىمىنى كۆرۈپ پەلەك يىغلاۋاتىدۇ).

    -بارىكاللا ،خويمۇ پاساھەتلىك چىقىپتۇ،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز ھاياجانلانغان ھالدا.
    باشقىلارمۇ بىر ئېغىزدىن ماختاشتى .
    مەكتەپ يېشىغا يېقىنلاشقانسېرى تېخىمۇ ئەقىللىق ،زېرەك بۇلۇپ ئۆسۈۋاتقان ئاماننىسا شائىر ئايازىنىڭ شېئىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ،دادىسىنىڭ قېشىغا كەلدى-دە،قۇلىقىغا پىچىرلىدى.مىرزا مەھمۇد قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتتى-دە،شائىر ئايازىغا قاراپ مۇراجەت قىلدى:
    -ئايازى ئۇستازنىڭ بايام ئوقىغان غەزىلىنى قىزىمىنىڭ يادا ئېلىۋالغۇسى بار ئىكەن،بىر نۇسخا كۆچۈرۋالسام دەيدۇ.
    -ئەقىللىق قىزىمىزغا يارىغان بولسا ،شېئىر ئايلانسۇن ،-دېدى ئايازبېك قۇشچى قۇيۇن يانچۇقىدىن تۆت پۈكلەكلىك بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ،-ئېىلىڭ ،قىزىم .
    ئاماننىسا شېئىرنى دەرھال كۆچۈرۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھۇجرسىغا كىرىپ كەتتى.
    -ئەمدى قىدىرخان ئۇستاز بىر پەدە مۇقام ئېيتىپ بەرسە،ئاندىن سورۇنىمىزنى ئاخىرلاشتۇرساق قانداق بۇلۇر تەقسىرلىرىم،-دېدى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى.
    قىدىرخان يەركەندى تەكەللۇپسىزلا تامغا يۆلەكلىك ساتارنى قولىغا ئالدى -دە،سازلىغاچ جاۋاپ بەردى:
    -تېخى يېقىندىلا سۇلتان سەئىدخان ئالىيلىرىنىڭ بىر پارچە غەزىلىنى ئاھاڭغا سېلىۋېدىم ،شۇنى ئېيتىپ بېرەي ،تەقسىرلىرىم ،ئاڭلاپ بېقىشسىلا.
    سورۇن ئەھلى جىم بۇلۇشتى ،قىدىرخان يەركەندى مۇقامنى باشلىدى:



    قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەئىناسى بار،
    قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭىدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار.
    ھۆرى بىرلە جەننەتۇل مەئىۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن،
    يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار.


    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(baturjangqi)
  • http://mtv.diyarim.com
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-27 17:32 12 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3572
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3572دانە
    شۆھرەت: 3871 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

    5.شېئىرغا ھەۋەس


    مىرزا مەھمۇد ئاماننىسانى خانلىق مەدرىسنىڭ ئالىي نەسەبىلىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتىلىرى تەربىيلىنىدىغان دەرىسخانسىغا ئاپىرىپ بەردى.يېڭى مۇھىت-مەكتەپ ۋە مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى ئاماننىسانى تېزىلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى .
    ئوتقاشتەك گىلەم سېلىنىغان بۇ يوغان دەرىسخانىغا ئۇزۇنسىغا يەتتە قاتار ،ھەربىر قاتىرىغا ئون دانىدىن قىلىپ بىر كىشلىكتىن كىچىك شىرە ،شىرەنىڭ بېقىنىغا رەئىل قۇيۇلغان بۇلۇپ ،ئوقۇغۇچىلار شىرەنىڭ تۈۋىگە قاتلاپ سېلىپ قويۇلغان كىمخاب كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىدە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايتتى.گەرچە ئاماننىسا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ ،ھېساب ئىلىمى،گرامماتىكا قاتارلىق دەرىسلەرنى تېزلا ئۆگىنىپ ساۋاقداشلىرىغا يېتىشۋالدى.
    مەكتەپتە ھەرخىل پەنلەرگە ئائىت دەرسىلەر ئۆتۈلەتتى.ئاماننىسا شېئىريىەت بىلەن مۇزىكا دەرسىگە بەكرەك قىزىقاتتى.ئۇستازى يادلاشنى ۋەزىپە قىلىپ بەرگەن شېئىرلاردىن تاشقىرى يەنە بىرمۇنچە شېئىرلارنى ساۋاقداشلىرىغا ئوقۇپ بېرەتتى.ئاماننىسانىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يادا ئوقۇشى،قالۇن ،تەمبۇر،دۇتتار،ساتار قاتارلىق سازلارنى قولىغا ئېلىپ ،ئاددىي ئاھاڭلارغا خېلىلا يۇقىرى سەۋىيدىن چالالىشى ئۇستازىنىمۇ ھەم ساۋاقداشلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇراتتى.
    شۇ سەۋەبلىك ئۇستازىمۇ،ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيتتى.ئاماننىسا خۇش خەت دەرسىگىمۇ ئالاھىدە قىزىقاتتى،ئۇ مەكتەپكە كىرىپ ئالتە ئاي ئۆتكەندە ئۇيغۇر ھۆسىنخەت شەكلىنىڭ ئون نەچچە خىل نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى پۇختا ئىگىلىۋالدى.يازغان خۇش خەتلىرىنىڭ چىرايلىق -نەپىسلىكى ،ئىملالىرىنىڭ توغرىلىقى جەھەتتە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى ھېسابلىناتتى.
    ئائىلىدە دادىسى مىرزا مەھمۇدتىن خېلىلا يۈرۈشلۈك تەربىيە ئالغان ئاماننىساغا مەكتەپتە ئۇستازلىرى ئايرىم دەرس ئۆتۈش مەجبۇر بۇلۇپ قالغانىدى.چۈنكى ئاماننىسا ساۋاقداشلىرىدىن خېلىلا ئىلگىرىلەپ كەتكەنىدى .ساۋاقداشلار دەرىسخانىنى بېشىغا كىيىپ ئاددىي دەرسىلەرنى يادلاشقا چۈشكەندە ،ئاماننىسا دەرسىخانىدىن غىپپىدە يېنىپ چىقاتتى -دە،مەدرىسە بېغىنىڭ خالىي يېرىگە بېرىۋېلىپ «گۈلىستان»،«قۇتادغۇبىلىك»،قاتارلىق كىتابلارنى ،لۇتپى،نەۋائى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ شېئىريى دىۋانلىرىنى ئوقۇيتتى ۋە شۇنىڭ تەسىرىدە شېئىر يېزىشقا كىرىشەتتى.ئەمما ئۇ يازغان شېئىرلىرىنى ئۇستازلىرىدىن ،ساۋاقداشلىرىدىن ،ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىنىمۇ خۇپىيانە تۇتاتتى....
    شېئىر ھەۋىسى ئاماننىسانى تولىمۇ خىيالچان قىلىپ قويدى،گاھىدا مەدرىسە باغچىسىنىڭ خلىۋەتگاھىدا ،گاھ ئۆز قوروسىنىڭ چاققانغىنە بېغىدا سائەت-سائەتلەپ تەپەككۈر دۇنياسىغا ئەسىر بولسا ،گاھى ھۇجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ ئاشۇ بالىلىق تەپەككۇرلىرنى ،بالىلارچە ساددا ھېس-تۇيغۇلىرىنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈشكە تىرىشاتتى.ئانىسى گۈلجەمىلە ئاغىچا قىزىنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆگىنىشىگە قاراپ ،مۇشتۇمدەك قىزنىڭ تەڭتۇشلىرىگە ئوخشاش قونچاق ئويناشقا ھەۋەس قىلماي ،كىتاب ئوقۇشقا بېرىلگىنىدىن تۇرۇپ خوشاللىناتتى،تۇرۇپ قىزىنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىپ ئاغرىپ يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
    بىر كۈنى گۈلجەمىلە ئاغىچا ئاماننىسانىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەلدى ،بېرىلىپ شېئىر يېزىۋاتقان ئاماننىسا ئانىسىنى كۆرۈپ ،سىياھى قۇرۇمىغان قەغەزنى ئالدىراپ-تېنەپ يۇشۇرۇشقا تۇتۇندى.
    -بىرئاز ھاردۇق ئېلىۋېلىڭ قىزىم،-دېدى ئانا قىزىغا كۆيۈنۈش نەزىرى بىلەن قاراپ ،-خانىش بىرقانچە مىرزا ،ئەمىرلەرنىڭ ئاغچىلىرىنى ھەرەمگە چايغا تەكلىپ قىلىپتۇ،مەن بىلەن بىللە بارامسىز ،قىزىم؟
    -سىلى بېرىپ كەلسىلە،ئانىجان،-دېدى ئاماننىسا شېئىرىي ئىلھامىنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈشكە ئالدىراپ .
    -بارغان بولسىڭىز مەلىكە-خانزادىلەر بىلەن ئويناپ كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالاتتى،-دېدى ئانا يەنە دەۋەت قىلىپ.
    -ئۇ مەلىكە -خانزادىلەر بىلەن كۈندە مەكتەپتە ئويناپ زېرىكىپ كەتتىم ،بارغۇم يوق ئانىجان ،-دېدى ئاماننىسا ئانىسىنىڭ تەكلىپىنى ئەدەپ بىلەن رەت قىلىپ ،-ئۇستازىم بەرگەن ساۋاقنى تەكرار قىلىۋالمىسام بولمايدۇ.
    -ئەكېلىڭا ساۋاقلىرىڭىزنى ،ئەكېلىڭا مەن بىر كۆرۈپ باقاي،-دېدى گۈلجەمىلە ئاغىچا.
    -تېخى تولۇق كۆچۈرۈپ بولالمىدىم،-دېدى ئاماننىسا ئىزتىراپقا چۈشۈپ ،-پۈتكەندە ھەممىسىنى بىراقلا كۆرسىتەي ئانىجان .
    ئانا قىزىنى ئانچە مەجبۇرلاپ كەتمىدى.
    ئاماننىسا يازغان شېئىرلىرىدىن ئانچە قانائەت ھاسىل قىلمغاچقا ئانىسغا كۆرسىتىشىنى خالىمىغانىدى.
    دەسلەپتە ئاماننىسا يازغان شېئىرلىرىنى دادىسىغا كۆرسىتىپ پىكىرىنى ئېلىپ بېقىشىنى ئويلىغان بولسىمۇ ،يازمىلىرىنىڭ دادىسىغا يارىماي كۈلكىگە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدى.كېيىنچە قايتا-قايتا ئويلىنىپ بىرمەزگىل خۇپىيانە ئىجادىيەت قىلىشىنى كۆڭلىگە پۈكتى.


    ئىزاھاتلان سۆزلەر:
    رەئىل-كىتاب قۇيۇپ ئوقۇيدىغان كىچىك كىتابدان.
    داۋامى بار.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-27 18:13 13 -قەۋەت
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 242
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە242دانە
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    پۇل: 899 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    رەھمەت  كەرىمە،  بەك  ئېسىل  تېما  يوللاپسىز،  ئوقۇپ  شۇنداق  سۈيۈنۈپ  كەتتىم،  ئىلىمدە  كامالەتكە  يەتكەن  كىشىلەرنىڭ  ئۆز-ئارا  مۇئامىلىسى،  گەپ-سۆزى  نىمىدىگەن  يېقىملىق  ھە!؟  كىشىگە  خۇددى  شېئىردەك  تۇيغۇ  بېرىدىكەن،  داۋامىغا  تەشنامىز.
    http://mtv.diyarim.com
    سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
    | ۋاقتى : 2008-05-27 18:48 14 -قەۋەت
    kuysoyar
    كۈيسۆيەر
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2407
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 496
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە496دانە
    شۆھرەت: 567 نۇمۇر
    پۇل: 1039 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 12 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :210(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    ئووووووووو، شىركىتىمىز بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى تەييارلاۋاتاتتى، يېزىقچىسىمۇ چىقىپ بوپتۇ، ھارمىغايسىز
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-27 22:43 15 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3572
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3572دانە
    شۆھرەت: 3871 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

    داۋامى:

    6.«نەفىسە»


    بىرنەچچە يىللىق مەكتەپ ھاياتى ۋە دادىسى مىرزا مەھمۇدنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى نەتىجىسىدە ئاماننىسا مەنتىق،پەلسەپە،ھېساب ئىلىمى ،ئىلاھىيەت ،تارىخ قاتارلىق پەنلەرنى چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن سىرت ،ھۆسىنخەت،شېئىرىيەت ۋە مۇزىكىنى خېلىلا پۇختا ،سېستىمىلىق ئۆگەندى .ئاماننىسا شېئىر ئىجادىيىتىگە بەكمۇ بېرىلىپ كەتكەنىدى .ئۇ يازغان شېئىرلىرىنى تاللاپ ئۆزىگە يارىغانلىرىنى ئايرىم كۆچۈردى ،يارىمىغانلىرىنى كۆيدۈرۋەتتى .شېئىرغا بولغان قايناق ھەۋىسى ئۇنى توختىماي شېئىر يېزىشىقا دەۋەت قىلاتتى.ئۇ گاھى كۈنلىرى شېئىر يېزىپ چارچاپ كەتكەندە شىرەگە بېشىنى قۇيۇپلا ئۇخلاپ قالاتتى.
    بىر كۈنى قىدىرخان ئۇستاز بىلەن بىللە ئۆيگە كەلگەن مىرزا مەھمۇد پىشايۋان ئاستىدىكى سۇپىدا بېشىنى شىرەگە قۇيۇپ ئۇخلاۋاتقان ئاماننىسانى كۆرۈپ ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاستا كۆتۈرۈپ ،ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويماقچى بۇلىۋېدى،قىدىرخان ئۇستاز شەرەت قىلىپ توختىتىۋالدى .
    -قىزچاقنىڭ ئارامىنى بۇزمايلى،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز ئاستا پىچىرلاپ ،-بىردەم ئۇخلىۋالسۇن .
    شۇ ئەسنادا ،قىدىرخان ئۇستازنىڭ نەزىرى شىرە ئۈستىدىكى سىياھدانغا باستۇرۇپ قويۇلغان ئىككى ۋاراق قەغەزگە يېزىلغان شېئىرغا چۈشتى ،قىدىرخان ئۇستاز قىزىقىپ قەغەزنى قولىغا ئالدى-دە،ئىچىدە ئوقۇشقا باشلىدى.شېئىرنى ئوقۇغانسېرى قىدىرخان ئۇستازنىڭ چېھرىدە مەمنۇنلۇق ،ھاياجانلىنىش ئىپادىلىرى پەيدا بولدى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۈنلۈك توۋلاپ سالدى :
    -بارىكاللا!قىزىمىز ئەسلىدە بىر شائىرە بۇلۇپ يېتىشىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ،مەۋلانە.
    مىرزا مەھمۇد قىدىرخان ئۇستازنىڭ بۇ سۆزىنى چۈشەنمەي گاڭگىراش ئىلكىدە جاۋاپ بەردى:
    -يوقسۇ ئۇستاز ،بۇ قىزىمىنىڭ ئەمەس ،ئادەتتە ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شېئىرلارنى قايتا كۆچۈرۈپ يېزىشقا ئامراق ،بەلكىم باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرى بولسا كېرەك.
    -يېڭىلىشتىڭىز ،مەۋلانە،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز مىرزا مەھمۇدنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ ،شېئىر يېزىلغان ئىككى پارچە قەغەزنى ئۇزىتىپ تۇرۇپ ،-مانا ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ ،غەزەلنىڭ ئاخىرقى مىسراسىدىكى «ئاماننا»سۆزى قىزىمىزنىڭ ئەركىلەتمە ئىسىمى بولماي نېمە؟تاكى ھازىرغىچە ئاماننا ئىسىملىك شائىرەنىڭ شېئىرىنى ئۇچراتقانمۇ سىز؟
    مىرزا مەھمۇد تەئەججۈپ ئىلىكىدە شېئىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى ۋە چىرايىدا بارا-بارا ئىشنىش ،قايىللىق تۇيغۇلىرى ئەكىس ئەتتى.
    -گەرچە بۇ غەزەللەر ئاددىي يېزىلغاندەك ،كەڭ مەزمۇن،چوڭقۇر مەنە ئىپادىلىمىگەندەك تۇرسىمۇ ،لېكىن بىرخىل يېڭىچە پىكىر ،يېڭىچە تەپەككۇر ،ساددا،يېڭىچە ھېسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ،-قىدىرخان ئۇستاز ئاق ئارلىغانساقاللىرىنى تۇتاملاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام ئەتتى ،-خۇش بۇلۇڭ ،مەۋلانە،گەرچە ياراتقان ئىگەم سىزدىن ئوغۇل پەرزەنىت ئايىغان بولسىمۇ ،لېكىن ئەرھىممەتلىك بىر قىز ئاتا قىلىپتۇ،قىزىمىز شېئىر يېزىشىنى مۇشۇ يوسۇندا داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغان بولسا ،پات يېقىنىدا كاتتا بىر كامالەت ئىگىسى ،شائىرە بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا گەپ يوق.
    ئۇلارنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا قىلغان پاراڭلىرى ئاماننىسانى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى.ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا دادىسى بىلەن قىدىرخان ئۇستازنى كۆرۈپ ،دەس ئورنىدىن تۇردى -،دەئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ تۇرۇپ سالام بەردى ۋە بايا يازغان شېئىرلىرىنىڭ قىدىرخان ئۇستازنىڭ قولىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ،ئوڭايسىز ھالدا قىزىرىپ كەتتى.
    -شېئىر يېزىۋاتقىنىڭىزدىن ئەجەب مەن خەۋەرسىز قاپتىمەنغۇ قىزىم ؟-دېدى مىرزا مەھمۇد ھەم سۆيۈنۈپ ھەم رەنجىش ئارىلاش تەرىزىدە .
    ئاماننىسا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلەلمەي بېشىنى ئەگدى.
    -ئەيىبلەش ھاجەتسىز،مەۋلانە،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز ئاماننىساغا سۆيۈنۈش تۇيغۇسىدا قاراپ،-بۇمۇ قىزىمىزنىڭ پەزىلىتى.ئارىمىزدا قاملاشسا-قاملاشمىسا بىر قانچە پارچە قەسىدە يېزىپ قويۇپ ،يازغانلىرىنى خان ئالىيلىرىدىن تارتىپ ئالدىغا ئۇچۇرغانلىكى كىشلەرگە كۆرسىتىپ،ئوقۇپ بېرىپ ،شائىرلىق دەۋاسى قىلدىغان داغۋاز،مەمەدان شائىرلىرىمىزئاز ئەمەس.قىزىمىز يازمىلىرىنى پىنھان تۇتۇپ قەلىمىنى پىشىرۋاتقان ئوخشايدۇ.يەنە يازغانلىرىڭىز بارمۇ ،قىزىم ؟
    ئاماننىساتەمتىرەپ قالدى .
    ئاماننىسا قاراپ تۇرۇۋېرىشتىن ئۇيالدى-دە،نائىلاج ھۇجرىسىغا كىرىپ ،ئىلگىرى يېزىپ چىرايلىق كۆچۈرۈپ قويغان شېئىرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ،قىدىرخان ئۇستازغا ئەدەپ بىلەن تەڭلىدى:
    -يازغانلىرىم قاملاشمىغان بولسا ،ئۇستازىم زاڭلىق قىلمىغاي.
    قىدىرخان ئۇستاز ئاماننىسانىڭ قولىدىن شېئىرلارنى ئېلىپ ئۆرە تۇرغان پېتى تېز-تېز كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى .ئارىنى ئېغىر سۈكۈنات باستى .مىرزا مەھمۇد قىدىرخان ئۇستازنىڭ قولىدىكى بىر تۇتام قەغەزگە قاراپ ،شۇنچىۋالا شېئىرىنى مۇشتۇمدەك قىزىنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالماي گۇمانى تۇيغۇدا ئىزتىراپلىق خىياللارغا ئەسىر بولغانىدى.
    تۇيۇقىسىز يۈزبەرگەن بۇ تاسادپىيلىقتىن تەمتىرەپ قالغان ئاماننىسا بولسا شېئىرلىرىغا قىدىرخان ئۇستازنىڭ قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلەلمەي ھودۇقاتتى،يۇمران يۈرىكى كۆكرەك قەپىزىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندەك ئارامسىز دۈپۈلدەيتتى.
    -پاساھەت،چىن پاساھەت!-دېدى قىدىرخان ئۇستاز ئارىدىكى سۇكۇناتنى بۇزۇپ ھاياجان بىلەن سۆزلەپ شۇل مۇقەررەر كىم،ئېغىزدىن ئىبارەت ياقۇت ساندۇقچىدىكى ئوتتۇز ئىككى دانە چىش گۆھىرىدىن تۆت دانىسى كەم بولسا ئۇل چاغدا كېلىشكەن جامالغا قۇسۇر،سۆزگە كەمتۈكلۈك يېتىدۇ،ئەمما قىزىمىزنىڭ بۇ نەزمىلىرىدە بولسا ئاشۇ ئوتتۇز ئىككى تال گۆھەرچىدىن تۆت دانىسى ئەمەس ،بىر دانىسىمۇ كەم قالماپتۇ.بەلكى قىزىمىزنىڭ سىپتا ،نازۇك قامىتىگە ئوخشاش قۇسۇرسىز يېزىلىپتۇ.بارىكاللا قىزىم ،ئەزىز قەلىمىڭىز تېخىمۇ كامالەت تاپقاي.
    قىدىرخان ئۇستازنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ ،ئاماننىسا نازۇك قەددىنى بېسىۋالغان ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك يەڭگىل نەپەس ئالدى .مىرزا مەھمۇدنىڭ ۋۇجۇدىنى بولسا پەرزەنىتىدىن سۆيۈنگەن ئاتىلاردا بولىدىغان پەخىرلىك تۇيغۇ ئەسىر قىلىدى.
    -ئەمما،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ئاماننىساغا قاراپ،-نەزمىلەرنىڭ ئاخىرقى مىسراسىغا ئېلىنىغان «ئاماننا»سۆزى بىر ئاز چۈشەنمىگەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.بىلمىدىم ،قىزىمىز تەخەللۇس قويۇشنى ئويلاشمىدىمىكىن؟
    -ئۇستازنىڭ تەربىيىسىدە قۇلۇمغا،قەلەم ئېلىپ ئانچە-مۇنچە نەزمە يېزىپ باققان بولساممۇ ،-دېدى ئاماننىسا بېشىنى تۆۋەنگە ئېگىپ تۇرۇپ ،-ئەمما يازغانلىرىم تەلەپتىن تولىمۇ يىراق .شۇل سەۋەپتىن تەخەللۇس قۇيۇشنى ئويلىشىپ باقمىدىم.
    ئاماننىسانىڭ كەمتەرلىك بىلەن بەرگەن جاۋابى مىرزا مەھمۇدنى تولىمۇ سۆيۈندۈرۈۋەتتى.شۇتاپتا ،دادىنىڭ كۆز ئالدىدا چېچىنى قىرىق بىر تال ئۆرۈپ ،تېخچىلا بالىلىق خۇي،قەغىشلىرىدىن قالمىغان ئۆسمۈر -ئۆز قىزى تۇرمىغان بولسا ،بۇ سۆزلەرنى كىچكىكىنە قىزنىڭ ئاغزىدىن چىقتى دېسە زىنھار ئىشەنمىگەن بولاتتى.
    -مۇمكىن بولسا،-دېدى مىرزا مەھمۇد قىدىرخان ئۇستازغا ئىلتىجا قىلىپ،-قىزىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆزلىرى تاللاپ بەرگەنىدىلە،تەخەللۇسىنىمۇ ھېلىھەم ئۇستاز تاللاپ بەرگەن بولسا.
    -مەۋلانەمنىڭ تەلىپى شۇل بولسا ،قېنى مەن ئويلىنىپ باقاي.
    قىدىرخان ئۇستاز ساقىلىنى تۇتاملاپ كۆزىنى يېرىم يۇمغان ھالدا بىردەم خىيال سۈردى-دە،ئاندىن ئاماننىسانىڭ شېئىرلىرىغا يەنە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈردى:
    -بايا كۆڭلۈمدىن كەچكىنىنى دەپ باقاي ئەمىسە،مېنىڭىچە قىزىمىزنىڭ نازۇك تەبىئىتى،سىپتا خاراكتېرى ،نەزملىرىدىكى نەپىس سۆز ،پىكىرلىرىگە ماس كېلىدىغان «نەفىسە»سۆزىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىساق،قانداق بولۇر؟
    -ئارى،-دېدى مىرزامەھمۇد قۇشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ،-نەپىس (نەفىس)دېمەكلىك-نازۇك،گۈزەل،نازاكەتلىك ،سىپتا،جۇلالىق ...دېمەكتۇر.بۇ قىزلارغا خويمۇ ماس كېلىدىغان سۈپەتتۇر.ئۇستازغا رەھمەت ئېيتىڭ ،قىزىم.
    -رەھمەت ئۇستاز،-دېدى ئاماننىسا ئىككى قولىنى كۆكىسىگە ئېلىپ تەۋەززۇ بىلەن.
    -بۈگۈن بول دەرگاھقا كېلىپ تولىمۇ ساۋابلىق بىر ئىشىقا شاھىت بولدۇم ،قىزىمىزنىڭ ئەزىز تەخەللۇسى نەفىسە بولغاي،قەلىمى كۈندىن-كۈنگە كامالەت تاپقاي،ئامىن!

    قىدىرخان ئۇستاز بىلەن تەڭ مىرزا مەھمۇد بىلەن ئاماننىسامۇ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يۈزلىرىنى سىيپاشتى.
    شۇ كۈنىلا ئاماننىسا ئىلگىرى يازغان بارلىق غەزەللىرىنىڭ ئاخىرقى مىسراسىدىكى «ئاماننا»سۆزىنى «نەفىسە»گە ئۆزگەرتتى ۋە كېيىن يازغان غەزەللىرىنىڭ ھەممىسىگە «نەفىسە»تەخەللۇسىنى قوللاندى ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تۈزگەن شېئىرلار توپلامىغىمۇ «دىۋانى نەفىسە»دەپ ئىسىم قويدى.



    داۋامى بار.
    [ karima-0997 تەرپىدىن 2008-05-27 23:40 قايتا تەھرىر ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-27 22:58 16 -قەۋەت
    mamhmutjiang
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16988
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1418
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1418دانە
    شۆھرەت: 1433 نۇمۇر
    پۇل: 705 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :325(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    ھارمىغايسىز م كەرىمە خانقىز ~!
    http://mtv.diyarim.com
    كۆزۇڭنى ئاچ . ئۆزۇڭنى تاپ ئەركەكلەر..........
    | ۋاقتى : 2008-05-28 00:34 17 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3572
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3572دانە
    شۆھرەت: 3871 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

    داۋامى:
    7.پىتنە-پاسات


    مىلادىيە 1533-يىلى قوغۇن پىششىقى .
    بۈگۈن ئاستانە رەستىلىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىق ھايات مەنزىرسىگە يات ھالدا ئوردا ئىچى خۇددى ئۆلۈم ۋەھىمىسى قاپىلغاندەك ئاجايىپ مۇدھىش بىر سۈكۈناتقا چۆمگەنىدى.
    ھەشەمەتلىك شاھىنشىنىنىڭ شۇنچە سالقىنىلىقىغا قارىماي بۇ يەرگە جەم بولغان خوجا شاھ مۇھەممەد،قىدىرخان يەركەندى،سېيىت مۇھەممەد مىرزا،ئايازبېك قۇشچى،مىرزا ئەلى تاغايى،مىرزا مۇھەممەد يار ئاخۇن،مەۋلانە يۈسۈپ قەشقەرى،مىرزا مەھمۇد قاتارلىق قەلەمدار-ئەلەمدارلار ،ۋەزىر-ۋۇزرالار،ئەمىرۇ ئەمراھلار چىپ-چىپ تەرلىشىپ كەتكەنىدى.شاھنىشىن شۇقەدەر تىمتاسلىققا چۆمگەنىدىكى ،شاھنىشىننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قاشتېشى كۆلچەكنىڭ مەركىزىدىكى ئەتىرگۈل شەكىللىك فونتاندىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇنىڭ رېتىملىق شىرىلىدىغان ئاۋازىدىن بۆلەك ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.شاھنىشىننىڭ تۆر تەرىپىدىكى ئوتقاشتەك گىلەم بىلەن بېزەلگەن توققۇز پايلىق شاھى سۇپىنىڭ ئۈستىدىكى ئالماس-ياقۇتلاردىن كۆز قويۇلغان ئالتۇن قۇيبېلىق ھەشەمەتلىك تەخت قۇپقۇرۇق ئىدى .تەختنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى قاتار قىلىپ قۇيۇلغان كۇرىسلاردا ۋەزىرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەل دەرىجىسى بويىچە جاي ئېلىشىپ ئولتۇرۇشقانىدى .شاھنىشىنغا جىددىي كېڭەشكە چاقىرتىلىغان ئەمىرلەر بىر-بىرلەپ كېلىشكىنىچە ،نېمە ۋەجىدىن چاقىرتىلغانلىقلىرىنى ،قانداق كېڭەش بولىدىغانلىقىنى بىلىشمەي بىر-بىرىگە خۇدۈكسىرەپ قاراشقانچە ئېسەنلىك سوراشتى ،قىدىرخان يەركەندىنىڭ قېشىدا ،سەپەردىن ھازىرلا كەلگەن ئىسكەتتە جەڭ كىيمىى بىلەنلا ئولتۇرغان سېيىت مۇھەمەەد مىرزىنىڭ قايغۇلۇق چىرايىغا ،ئۆسۈپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن ساقال-بۇرۇتلىرىغا ،قىزىرىپ ئىشىىشپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ بىرەر كېلىشمەسلىك بولغانلىقىنى پەملىشەتتى .شۇ دەقىقىدە چوڭ بىر شۇم خەۋەرنى كۆڭلى تۇيغان بۇ ئەمىرلەرنىڭ نېمە ئىش بولغانلىقىنى تېزرەك بىلگۈسى كىلىپ ئىچى تىتىلدىماقتا ئىدى .خوجاشاھ مۇھەممەد بىلەن قىدىرخان يەركەندى كېلىشىكە تېگىشلىك ئەمىرلەرنىڭ تولۇق يىغىلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ،سېىيىت مۇھەممەد مىرزىغا «قېنى سۆزلەڭ»دېگەن مەنىدە قاراشتى.
    -جانابىي ئەمىرلەر،-دېدى سېيىت مۇھەممەد مىرزا تتىرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن تىمتاسلىقىنى بۇزۇپ،-ھەممىلىرىگە مەلۇم بولغايكى ،ئۇلۇغ سۇلتانىمىز سەئىدخان ئالىيلىرى بۇ قېتىمىقى تىبەت يۈرۈشىدە تاغدا ،تۈتەك ئەپكېتىپ قازا قىلىدى....
    سېيىت مۇھەممەد مىرزا گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي ھۆكىرەپ يىغلىۋەتتى.تۇيۇقسىز ئېيتىلىغان بۇ شۇم خەۋەر ئولتۇرغان بارلىق ئەمىرلەرگە خۇددى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چېقىلغاندەك تەسىر قىلدى .ئۇلار بىرنەچچە دەقىقە قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي تۇرۇپ قېلىشىتى-دە،ئارقىدىنلا سېيىت مۇھەممەد مىرزىغا ئەگىشىپ ھازا ئېچىشىتى.شاھنىشىننىڭ ئالتۇن سۈيىدە ھەل بېرىلگەن نەقىشلىك تورۇسلىرى يىغا كەلكۈنىدىن تىتىرەپ كەتتى.ئەمىرلەر كىم-كىمگە تەسەللى بېرىشىنى بىلمەي ھازا ئېچىشىپ يىغلاشماقتا ئىدى.
    -قازاغا رىزا،بالاغا سەۋر،سەۋر قىلىشسىلا ئەمىرلەر ،جەننەت ماكان سۇلتانىمىزنىڭ مۇبارەك روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن ،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز كۆز ياشلىرىنى شايى ياغلىق بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ ئۆكسۈشلىرىنى باسسالمىغان ھالدا.
    ئەمىرلەر يىغىدىن ئاستا-ئاستا توختاشتى.شۇنداقتىمۇ ئۇيەر-بۇيەردىن ختىلدىغان ،مىشىلدىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
    سۇلتان سەئىدخان بۇنىڭىدىن بىر ئاي ئىلگىرى بۈيۈك سەئىدىيە سۇلتانىلىقىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان تىبەت ئېلىگە جازا يۈرۈش قىلىپ ،ئۇلارنى قايتىدىن ئىتائەتكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن خانلىق ئىشلىرىنى قىدىرخان يەركەندى بىلەن خوجا شاھ مۇھەممەدكە تاپشۇرۇپ مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى،سېيىت مۇھەممەد مىرزا قاتارلىق ھەربىي سەركەردىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تۈمەن مىڭ كىشىلىك قۇشۇن تارتقانىدى.تېخى تىبەت لەشكەرلىرى بىلەن ئۇچراشماي تۇرۇپلا ناچار تاغ ھاۋاسىدا تۈتەك ئېلىپ كېتىپ نۇرغۇن لەشكەرلەر،سەركەردە-سەرۋازلار قىرىلىپ كەتتى.شۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇلتان سەئىدخانمۇ قازا قىلغانىدى.
    سۇلتان سەئىدخان قازا قىلغاندىن كېيىن ،قوشۇننى تېزلىك بىلەن چېكىندۈرگەن ئەمىرلەشكەر مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى ئۆزى بىر قىسىم لەشكەرلەر بىلەن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇپ تۇرىدىغان ،ئەمىرلەشكەر ئورۇنباسارى سېيىت مۇھەممەد مىرزا بىر بۆلۈك لەشكەرلەر بىلەن سۇلتاننىڭ جەسىتىىنى ئېلىپ ئاستانىگە قايىتپ كېلىدىغان ،تىبەت ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش -داۋاملاشتۇرماسلىقىنى ئوردىنىڭ پەرمانىغا قاراپ بېكىتىدىغان بۇلۇپ كېلىشىتى .سېيىت مۇھەممەد مىرزا بولسا ئوردىنى ئالدىن خەۋەرلەرندۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز توختىماي يول يۈرۈپ ئالدىن يېتىپ كەلگەنىدى.
    -ئۇلۇغ سۇلتانىمىزنىڭ روھى جەننەتتە بولغاي،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز سورۇن ئەھلىگە قاراپ ،-جانابىي ئەمىرلەر شاھنىشىنغا چاقىرتىشىمىزدىكى مۇددىئا شۇكى:بىرىنچىدىن ،سۇلتانىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى يۈتكۈزۈش،ئىككنچىدىن:ئاخىرەتلىكىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش:ئۈچىنچىدىن ،مەرھۇم سۇلتانىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيتىگە بىنائەن دەرھال ئاقسۇغا خەۋەر ئەۋەتىپ شاھزادە ئابدۇرېشىدخان ئالىيلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ تەخىتتە ئولتۇرغۇزۇشتۇر.
    ئەمىرلەر«ئارى»،«ئارى»دېيىشكىنىچە جىمجىىت ئولتۇرۇشاتتى.
    -ھازىردىن باشلاپ ئاستانىنىڭ مۇھاپىزىتى كۈچەيتىلىپ شەھەر سېپىلىدىكى قاراۋۇللار كۆپەيتىلگەي،-دېدى ۋەزىر خوجا شاھ مۇھەممەد سۆز ئېلىپ،-شەھەر كوچىلىرىنى كېچىلىك چارلاش قېتىم سانى ئاشۇرۇلغاي،ئاۋامنى ۋەسۋەسىگە سالدىغان ،ئەل ئارىسىغا پىتنە-پاسات تېرىيدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنغاي،يۇقىرىقى ئىشلارغا مەسئۇل ھەرقايسى ئەمىرلەر بۇ ئىشىنى خان پەرمانى بىلەن ئىجرا قىلغاي.
    -ھازىرلا ئاقسۇ نائىبى شاھزادە ئابدۇرېشىدخانغا نامە يېزىپ دەرھال ماڭغۇزۇلغاي.شاھزادە ئاستانىگە يېتىپ كېلىپ تەخىتتە ئولتۇرۇپ بولغۇچە مەرھۇم سۇلتانىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى رەئىيەتتىن پىنھان تۇتۇلغاي،-دېدى قىدىرخان يەركەندى.
    قىدىرخان يەركەندى بىلەن خوجا شاھ مۇھەممەد بارلىق چوڭ-كىچىك ئەمىرلەرگە مۇۋاپىق ۋەزىپە تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ،شاھنىشىندىن ئايرىلىشىقا ئىجازەت بەردى.
    سۇلتان سەئىدخاننىڭ تويۇقىسز ئۆلۈمى كۆپ قىسىم ئەمىرلەرنى ئېغىر قايغۇغا سالغان بولسىمۇ ،لېكىن بىرقىسىم ئەمەلدارلارنى قالتىس خوشال قىلىۋەتكەنىدى.ئۇلار ئوردىدىن چىقىپلا كىلىشىۋالغاندەكلا ،ئۇدۇل سېيىت ئەلى تاغاينىڭ قەسىرىگە مەخپىي توپلاشتى.ئادەتتىمۇ ئۇلار پات-پات بۇيەرگە جۇغلۇشۇپ پىتنە-پاسات،غەيۋەت-شىكايەت بىلەن قورساق بوشىتىپ،سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ،يۇقىرى ،مۇھىم مەرتىۋىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىشىپ ئۆز-ئارا دوسىت تارتىشاتتى.مانا ئەمدى سۇلتاننىڭ ئۆلۈمى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىكى ئاجىز ئۈمىد شامىنى پىلىلداتقان ،پىتنە-پاسات تۈگمىنىنىڭ چۆرگىلىشى ئۈچۈن سۇ باشلاپ كەلگەنىدى.
    سېيىت ئەلى تاغايى قەسىرنىڭ خاس خانىسىگە توپلانغان بۇ ئەمىرلەر «خوش-خوش »ئېيتىشىپ ،قوشلاپ سېلىنىغان كىمخاب كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە جايلىشىپ ،جانان چىنىدە سۇنۇلغان مۇزدەك شەربەتلەرنى ئىچىشىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشتى-دە،خىزمەتكارنى سىرتقا چىقىرىۋېتىپ كۆڭۈللىرىگە پۈككەن ئارغامچا-تۇقۇنلىرىنى ئاشكارىلاشتى.
    -سۇلتان ئالىيلىرىنى تۈتەك ئەپكەتتى دېگىنى بىر باھانە.
    -ئارى،نېمىلا دېگەنبىلەن سۇلتان ھەزرەتلىرى ئاشۇ يېقىنلىرىنىڭ گېپىگە كىرىپ بۇ قېتىمقى يۈرۈشكە ماڭغان ،ئاخىردا ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىتى.
    -ئەلھەق،سېيىت تاغايى ھەزرەتلىرىنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالمىغاننىڭ جازاسى بۇ.
    -ھەربىي يۈرۈشتىن توسىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى قورقۇنچاق ،سۇلتانلىقىمىزنىڭ سەلتەنىتى ئۈچۈن باش قاتۇرمايسىلەر،يەپ-ئىچىشنىلا بىلىسلەر دەپ ئەيىپلىگەنىدى.
    -بۈيۈك ئەمىرلەرشكەر مەن دەپ چوڭ سۆزلەپ ،مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈيدىغان مىرزا ھەيدەر كۆرەگانىمۇ ئاستانىگە قايتالماي قەپقاپتۇغۇ ئەينا.
    -قورسىقىدا جىن بولمىسا قېپقالاتتىمۇ،مىرزام.
    -سېيىت مۇھەممەد مىرزىنىڭىمۇ ھالىغا ۋاي،بايا سەپسالدىلىمىكىن ،بەئەينى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈكتەكلا بۇلۇپ قاپتۇ،دېسىلە تەقسىر.
    -قىدىرخان بىلەن خوجا شاھ مۇھەممەدمۇ ھەم شۇ.
    -بىز سۇلتاننىڭ قوينىغا كىرىۋېلىپ ،بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈۋالغان بۇ ئەمىرلەرنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدۇق،-دېدى باياتىن بېرى باشقىلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان سېيىت ئەلى تاغايى ئۆچكە ساقىلىنى سىلاپ قۇيۇپ،-ئەمدى تەقدىر ئىرادە بىز تەرەپكە ئوڭ كۆزى بىلەن قاراۋاتقان ئوخشايدۇ،قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۈرۇۋەرسەك بولماس.مېنىڭىچە بىزنىڭىمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بىر ھەرىكەت قىلمىقىمىز زۆرۈردۇر،-دېدى سېيىت ئەلى تاغايى ئاغزىغا قاراپ تۇرغان ئەمىرلەرگە بىر قۇر قارىۋېتىپ كۆڭلىدىكى پىلانىنى ئاشكارىلىدى،-شاھزادە ئابدۇرېشىدخان ئاستانىگە كېلىپ بولغۇچە ،دەرھال بىر پارچە نامە پۈتۈپ ،قىدىرخانلارنىڭ نامەسىدىن بۇرۇن شاھزادىنىڭ قولىغا تەگكۈزەيلى.
    بۇ پىلاننى ئولتۇرغان ئەمىرلەر«ئەينى مۇددىئا»دېسە«ئەينى مۇددىئا»دېيىشىپ ماقۇللاشتى .شۇ ھامانلا سىياھ،قەغەز ،قەلەم كەلتۈرۈپ نامە پۈتۈلدى:
    «جانابىي شاھزادە سۇلتان ئابدۇرېشىدخان ئالىيلىرىغا:
    ئۇلۇغ ئاللادىن ئالتۇن بويلىرىغا ئېسەنلىك تىلەپ تۇرغۇچى ساداقەتمەن ئەمىرلىرىدىن يېتىپ بولغايكى،ئۇلۇغ سۇلتانىمىز-پەدەر بۈزرۈكلىرى سەئىدخان ئالىيلىرى تىبەت يۈرۈشىدە قازا قىلىپتۇ(مەرھۇمنىڭ روھى جەننەتتە بولغاي،ئامىن).خەۋەرنى بۈگۈن سېيىت مۇھەممەد مىرزا ئېلىپ كەلدى .بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ گويا ئاسماننى تۇمان باسقاندەك ،قۇياش مەڭگۈگە پېتىپ كەتكەندەك بولدۇق .شۇ دەقىقىدە يۈرەك باغىرىمىز پارە-پارىدۇر.ياقا يىرتىشىپ يىغلاشتۇق .شۇنداقتىمۇ كۆرسەك سۇلتانىمىزنىڭ قازاسىدا بىرەر شۇملۇقنىڭ بارلىقى كۆڭلىمىزگە ئايان بولىدى .زەر-زىۋىرگىچەسۈرۈشتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدۇق.ئەمەل-مەرتىۋىمىز كىچىكلىك قىلىدى.پەمىمىزچە قىدىرخان ،خوجا شاھ مۇھەممەد،مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى،سېيىت مۇھەممەد مىرزا،مىرزا ئەلى تاغايى ،غازى ھېبىبۇللا سەردار...قاتارلىق بىر بۆلۈك ئوردا ئەركانلىرىنىڭ خىيالى باشقىچىرەك تۇرىدۇ.ئەسلىدىمۇ مەرھۇم سۇلتانىمىزنى تىبەت يۈرۈشىگە قىزىقتۇرغان ۋە دەۋەت قىلغانلارمۇ شۇلار ئىدى.ئەپسۇس سۇلتانىمىز قازا قىلىپ ئۇلار ئامان قاپتۇ.
    ئۇنىڭىدىن باشقا ،شاھزادىگە دەيدىغان مۇھىم بىر سۆز بار ،بۇنى نامىگە پۈتۈشتىن ئھتىيات قىلىدۇق .شاھزادەم ئاستانىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئاغزىمىز بىلەن ئېيىتقايمىز .شاھزادەمنىڭ ئاستانىگە تېزدىن ئامان-ئېسەن قايىتپ كېلىپ ،تەختكە ۋارسىلىق قىلىپ ،سۇلتانلىق دەۋرانىنى سۈرۈشنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتىمىز،يوللىرىغا قاراپ كۆزىمىز تېشىلەيلا دەپ قالدى».
    نامە يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن سېيىت ئەلى تاغايى باشلىق بارلىق ئەمىرلەر بىر-بىرلەپ ئىمزا قويدى -دە،ئەڭ ئىشەنچىلىك چاپارمەندىن ئىككىنى تاللاپ ،ئاتلار ھېرىپ قالغان ھامان يېڭى ئات سېتىۋېلىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن قوللىرىغا يېتەرلىك خىراجەت تۇتقۇزۇپ دەرھال يولغا سالدى.
    بۇ چاغدا،قىدىرخان ئۇستاز قاتارلىق ئەمىرلەر مەرھۇم سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاخىرەتلىك تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ،بۇ پىتنە-پاساتتىن قىلىچە خەۋىرى يوق ئىدى.


    8.سۈيىقەسىت


    سۇلتان سەئىدخاننىڭ جەسىتى بىلەن شاھزادە ئابدۇرېشدخان ئاستانىگە ئىلگىرى-ئاخىرى بۇلۇپ بىر كۈندە يېتىپ كەلدى .
    سېيىت ئەلى تاغايى قاتارلىق ئەمىرلەرنىڭ پىتىنە-پاساتلار بىلەن تولغان نامەسىنى ئاقسۇدىن يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال تاپشۇرۇۋالغان شاھزادە ئابدۇرېشىدخان ئالدىغا ئىستىقبالغا چىققان قىدىرخان يەركەندى،خوجا شاھ مۇھەممەد،سېيىت مۇھەممەد مىرزا قاتارلىق ئەمىرلەر بىلەن سوغۇقلا كۆرۈشتى .شاھزادىنىڭ بۇ مۇئامىلىسىنى قىدىرخان ئۇستاز قاتارلىقلار «مۇسىبەتتىن شاھزادىنىڭ كۆڭلى جايىدا ئەمەس »دەپ چۈشىنىپ ،ئارتۇقچە شۈبھىدە بولمىدى .ئەمما،سۇلتان سەئىدخاننىڭ مېيىتى يەرلىكىدە قۇيۇلۇپ بۇلۇنغان بولسىمۇ شاھزادە قىدىرخان ئۇستاز قاتارلىق بىر قىسىم ئەمىرلەرنى ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قۇبۇل قىلىمىدى.ئۆزىگە مەخپىي نامە يوللىغان سېيىت ئەلى تاغايى قاتارلىق ئەمىرلەرنى بولسا ئايرىم كېڭەشكە چاقىردى.
    بۇ پىتنىخور ئەمىرلەرنىڭ شاھزادىدىن كۈتكىنىمۇ شۇ ئىدى.ئۇلار مۇسىبەت قايغۇسىدا تۇرغان ياش شاھزادىنى تۈرلۈك پىتىنە-پاساتلار بىلەن بۇلۇشىغا ئېچىتتى.
    -تىبەتنىڭ تېغىدا سۇلتانىمىزنى تۈتەك ئەپكېتىپتۇ يۇ،نېمىشقا مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى بىلەن سېيىت مۇھەممەد مىرزىنى تۈتەك ئەپكەتمەيدۇ؟
    -مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى نېمىشقا ھازىرغىچە بىر قىسىم لەشكەرلەر بىلەن يىراقتا تۇرىدۇ،ئاستانىگە قايىتىپ كېلىپ سۇلتانمىزنىڭ مۇسىبىتىگە قاتناشمايدۇ؟
    -قورسىقىدا جىن بولغاچقا ئاستانىگە كېلىشتىن قورققان گەپ.
    ئۇلار گەرچە شاھزادىگە قىدىرخان ئۇستازنىڭ يامان گېپىنى قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ قىدىرخان ئۇستازنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى بولغان مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى بىلەن سېيىت مۇھەممەد مىرزىنى ھەدەپ چېقىشتۇردى.
    شەھزادە ئابدۇرېشىدخاننىڭ لەۋلىرى بولسا غەزەپتىن تىتىرەيىتتى،چىشلىرى غۇچۇرلايتتى.ئۇ بۇنداق پىتنە-پاساتلارغا ئىشىنىپ قالدى .ئۇ ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇۋېلىپ سېيىت ئەلى تاغايىغا يۈزلىنىپ سورىدى:
    -جانابلىرى ماڭا ئەۋەتكەن نامىدە ،ئۆزلىرىگە دەيدىغان ئايرىم گېپىم بار دەپتىكەنلا.
    -شۇنداق شاھزادەم،-دېدى سېيىت ئەلى تاغايى پوتلىسىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ ئۆپكىدەك يىغلاپ ،-سۇلتان ھەزرەتلىرىنىڭ تىبەت يۈرۈشىگە بارماسلىقىنى كۆپ ئۆتۈنۈپ توسقانىدىم .ئەپسۇسكى،قارا نىيەتلەرنىڭ ئەپسۇنى غالىپ كېلىپ ،سۇلتان ئالىيلىرى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ماڭا:«مېنىڭمۇ بۇ يۈرۈشكە كۆڭلۈم تارىتمايدۇ،بىراق ئەمىرلەشكەر مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى بىلەن سېيىت مۇھەممەد مىرزىلار مېنى بەك زورلاپ تۇرۇۋالدى .مانا ھازىر گوياكى ئۇلار ماڭا ئۆچلۈك قىلىپ قەسىت قىلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ،ئوغلۇم ئابدۇرېشىدخان يېنىمدا يوق ،ئۇلار تۇرۇپ شاھزادىنى خان بۇلالماي قالامىدىكىن دەپ بەك ئەنسىرەيمەن ،قازارەن بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا ئوغلۇمغا كېچىكتۈرمەي خەۋەر بېرىۋەتسىلە »دېگەنىدى.
    -شۇنداق گەپمۇ بارمۇ تېخى؟-دېدى ئابدۇرېشىدخان غەزەپتىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ.
    -مېنىڭىچمۇ سېيىت مۇھەممەد مىرزىنڭ خىيالى باشقىچىرەك تۇرىدۇ،شاھزادەم ،ئۇنىڭ مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئىنىسى ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئەسلىرىدىن چىقىرىپ قويمىغايلا.مەرھۇم سۇلتان سەئىدخان ئالىيلىرى ئاشۇ مىرزا ئابابەكرىدىن مۇشۇ بۈيۈك سەلتەنەتنى قايتۇرۋالغان ئەمەسمۇ،-دېدى سېيىت ئەلى تاغايى تېخىمۇ ئېچىتىپ ،-بولمىسا سېيىت مۇھەممەد مىرزا بىلەن ئۆزلىرى ئوبدانراق سۆزلىشىپ باقامدىلا؟
    سۈيقەستىچلەر پىلانىغا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلىشىۋاتاتتى،غەزەپتىن كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمىگەن شاھزادە دەرھال سېيىت مۇھەممەد مىرزىنى چاقىرىتتى .
    شاھزادىنىڭ نېمە مەقسەتتە چاقىرتقانلىقىنى بىلمىگەن سېيىت مۇھەممەد مىرزا ئۇدۇل قۇبۇلخانىغا كىردى-دە،شاھزادىنىڭ چىرايدىكى دەھشەتتىن شۈركىنىپ كەتتى،شۇنداقتمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ شاھزادىگە سالام بەجا كەلتۈردى.
    -دادامنى راستىنلا تۈتەك ئەپكەتتىمۇ،سەركەردە؟-دېدى ئابدۇرېشىدخان كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا چەكچىيىپ.
    -شۇنداق شاھزادەم ،-دېدى سېيىت مۇھەممەد مىرزا دېلغۇللۇق بىلەن .
    -ئەمىسە سېلىنى ھەجەپ تۈتەك ئەپكەتمەپتىغۇ؟
    شاھزادىنىڭ بۇ سۇئالىغا سېيىت مۇھەممەد مىرزا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.
    -تىللىرى تۇتۇلۇپ قالدىغۇ ،سەركەردە؟-دېدى شاھزادە تەئەددى بىلەن ،-سىلى بىلەن مىرزا ھەيدەر كۆرەگانىنى نېمىشقا تۈتەك ئەپكەتمىدى؟
    سېيىت مۇھەممەد مىرزا سۈكۈت قىلىشتىن باشقا چارە تاپالمىدى.
    سېيىت مۇھەممەد مىرزىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشى ياش شاھزادىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قېنىنى قىزىتتى .شۇ دەقىقىدە ھېلىقى پىتنە-پاساتلارغا نىسبەتەن كۆڭلىدە تېرىقچىلىك گۇمان قالمىغان شاھزادە سەۋر تۇلپارىنىڭ تىزگىنىنى قۇيۇۋەتكەنىدى.
    -سىلى ماڭا مەڭگۈ گەپ قىلماسلىققا ئانت ئىچكەن ئوخشىماملا،سەركەردە،ئۇنداق بولسا مەن سىلىنى مۇرادلىرىغا يەتكۈزۈپ قوياي،-شاھزادە شۇنداق دېدى-دە،ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك ۋارقىرىدى،-جاللات!!
    شۇ ھامان ئىشىك تۈۋىدە تەييار تۇرغان ئىككى كاللا كېسەر يۈگۈرۈپ كىردى.سېيىت مۇھەممەد مىرزا خۇددى قاباھەتلىك بىر چۈشتىن ئويغىنالمىغان ئادەمدەك گاراڭ ھالەتتە شاھزادىگە قاراپ ھاڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى .ئۇنىڭ بۇ تۇرقنى مېنى مەنسىتمىگەنلىك ،كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ چۈشەنگەن شاھزادە جاللاتقا بۇيرۇق قىلىدى:
    -ئەپچىقىپ كاللىسىنى ئېلىڭلار!
    ئىككى نەپەر كاللا كېسەر تېخىچە ئېسىگە كېلەلمىگەن سېيىت مۇھەممەد مىرزىنى دارقىرتىپ سۆرىگىنىچە سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
    سېيىت ئەلى تاغايىنىڭ سۈيقەستى تۇلۇق ئەمەلگە ئاشتى.
    سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېقىن دوستى،سۇلتان سەئىدخاننىڭ مىرزا ئابابەكرىدىن تەختنى تارتىۋېلىپ ھاكىميەت تىكلىشىدە زور تۆھپە كۆرسەتكەن ،نۇرغۇن ھەربىي يۈرۈشلەردە سەئىدخانغا ھەمدەمدە بۇلۇپ قان كچىپ جەڭ قىلىپ ،سەئىدىيە خاندالىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ،روناق تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان بۇ باھادىر سەركەردىنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى.
    شاھزادە ئابدۇرېشىدخاننى خانلىق تەخىتتە ئولتۇرغۇزۇش مۇراسىمىنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەن قىدىرخان ئۇستاز بولسا يېقىن دوستىنىڭ سۈيقەستىكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن تېخىچە بىخەۋەر ئىدى.


    ئىزاھاتلانغان سۆزلەر:
    1.شاھنىشىن -خانلىق دۆلەت ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان جاي.
    مىرزا ئابابەكرى-سۇلتان سەئىدخاننىڭ دادىسى سۇلتان ئەھمەد خاندىن تەخت تارتىۋالغان ،بىر يىلىدىن كېيىن مىرزا ئابابەكرىدىن سۇلتان سەئىدخان تەختنى قايتۇرۋالغان .
    داۋامى بار .
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-28 12:03 18 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3572
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3572دانە
    شۆھرەت: 3871 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

    داۋامى:

    9.ئوردىدىن چىقىپ كېتىش


    سېيىت مۇھەممەد مىرزىنىڭ ئۆلۈمىدىن پۈتكۈل ئوردا قاتتىق ۋەھىمىگە چۆمگەنىدى.ئەھۋالدىن كېچىكىپ خەۋەرتاپقان قىدىرخان يەركەندى،خوجا شاھ مۇھەممەد،مىرزا ئەلى تاغايى،مىرزا مەھمۇد قاتارلىق ئەمىرلەر «ۋاي ئىسىت»دېيىشكىنىچە لېۋىنى چىشلەپلا قېلىشىتى.شۇ كۈنلەردە پىتنىچىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەن شاھزادە ئابدۇرېشىدخاننىڭ بالا ۋاقتىدىن تارتىپ ئاغزىغا ئىلىم سالغان ئۇستازى ،مەرھۇم دادىسىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ،پۈتكۈل خانلىقتىكى مەشھۇر مۆتىۋەر قىدىرخاننىڭىمۇ سۆزىنى ئاڭلىغۇدەك ھەپسىلىسى يوق ئىدى.
    شاھزادە ئابدۇرېشىدخانغا تاج كىيدۈرۈپ تەختتە ئولتۇرغۇزۇش مۇراسىمى شۇنچە داغدۇغا قىلىنغان بولسىمۇ كەيپىيات تولىمۇ سۇس بولدى ،سېيىت مۇھەممەد مىرزىنىڭ تۇيۇقىسىز ئۆلۈمى بىلەن تەڭ ۋەھىمىگە چۈشكەن ،ئوردىدىن كۆڭلى سوۋۇغان بىر قىسىم ئەمىرلەر مۇراسىمىغا ئالۋاڭغا بارغاندەك قاتنىشىپلا ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشىتى.
    ئابدۇرېشىدخانمۇ سۇلتانلىق تەختتە ئولتۇرۇپ بۇلۇپلا قىدىرخان ئۇستازغا پالان-پۇستان دېمىگىنى بىلەن مىرزا ئەلى تاغايى،غازى ھېبىبۇللا سەردار،مىرزا مەھمۇد يارئاخۇن،مەۋلانى يۈسۈپ قەشقىرى،مىرزا مەھمۇد قاتارلىق توققۇز ئەمىرنى مۇرتەدلىكتە ئەيىبلەپ ،ھە دېگەندە ئۇلارنىڭ ئىشىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ،بىزار قىلىپ ئۇلارنى ئوردىدىن چەتلەشتۈرۈشكە باشلىدى ۋە سېيىت ئەلى تاغايى قاتارلىق چېقىمچى ئەمىرلەرنى ئەتىۋارلاپ ،ئۇلار بىلەن ئولتۇرسا -قوپسا بىللە بولۇپ ،ئەيىش-ئىشرەتكە ،شارابخورلۇققا بېرىلىپ كەتتى.قىدىرخان ئۇستاز بولسا سۇلتاننى يامان يولىدىن قايتۇرۇپ ،پىتىنە-پاساتلارنىڭ ئالقىنىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھارماي تىرشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى.بىر قىسىم ئەمىرلەر ياش سۇلتاندىنمۇ ،ئوردىنىدىنمۇ كۆڭلى سوۋۇپ ئۆز كاللىلىرىنىڭ غېمىدە قېلىشقانىدى.
    مىرزا ئەلى تاغايى خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ بىر كېچىدىلا قارا تېگىن تەرەپكە قېچىپ كەتتى.بۇ ئىش ئوردىدا سېيىت مۇھەممەد مىرزىنىڭ ئۆلتۈرۈلگىنىگە ئوخشاش چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى،بۇ غۇلغۇلا تېخى بېسىقماي تۇرۇپلا غازى ھېبىبۇللا سەردار،مىرزا مۇھەممەد يارئاخۇن قاتارلىق ۋەزىرلەرمۇ خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ خوتەن تەرەپكە كېتىشىتى.تەھقىقىكى بۇ ۋەقە يېڭىدىن سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇرغان ئابدۇرېشىدخاننىڭ سىياسىتىگە بىلدۈرگەن ئاشكارا نارازىلىق ۋە قارىشلىق ئىدى.مەرھۇم سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئىشەنچىلىك ،يېقىن ۋەزىرلىرىنىڭ ئوردىنى تاشلاپ كېتىشى سۇلتان ئابدۇرېشىدخاننى ھەم چۆچۈتتى،ھەم ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
    ئاۋام ئارىسىدىمۇ ھەرخىل مىش-مىش پاراڭلار ،پىتنە-پاساتلار كەلكۈن سۈيىدەك يامرىدى.
    بالا ۋاقتىدىن تارتىپلا ئاددىي كىشلەردەك كىينىپ يۇرت كېزىپ ،ئاۋامنىڭ ھەرخىل پىكىرلىرىنى ،دەرد-ئەھۋالىنى ئاڭلاشقا ئادەتلەنگەن سۇلتان ئابدۇرېشىدخانغا ئاۋام ئارىسىدىكى بۇ غۇلغۇلا قاتتىق تەسىر قىلىدى ۋە ئويلاندۇرۇپ قويدى.
    بىر كۈنى مىرزا مەھمۇدنىڭ قەسىرىگە قىدىرخان ئۇستاز بىلەن ئايازبېك قۇشچى بىللە كىرىپ كەلدى ،بۇ ئىككى قەدىناس دوستىنى كۆرۈپ مىرزا مەھمۇدنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى تۈرۈلۈپلا تۇرغان قوشۇمىلىرى بوشاپ ،چېھرىگە سۇس كۈلكە يۈگۈردى.
    چۈنكى مىرزا ئەلى تاغايى قاتارلىق بىر قىسىم ئەمىرلەر ئوردىنى تاشلاپ يىراقلارغا باش ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن مىرزا مەھمۇدمۇ ئوردىغا بارمىغان ،ئوردا دىۋانخانىسىدىكى باش مىرزىلىق خىزمىتىنىمۇ قىلمىغانىدى.
    شۇ سەۋەبتىن قىدىرخان ئۇستاز بىلەن ئايازبېك قۇشچى ئۇنى ئالاھىدە يوقلاپ كەلگەنىدى.
    -ساقمۇسىز،مەۋلانە؟-دېدى قىدىرخان ئۇستاز مىرزا مەھمۇد بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنىدىن كېيىن ،-نەچچە كۈنىدىن بېرى ئوردىغا بارمىدىڭىز،ساقىسىز بۇلۇپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن ،بۈگۈن بىر ئاز ئارامچىلىق بۇلۇپتىكەن ،ئايازبېك ھەزرەتلىرى بىلەن بىللە گۇڭۇر-مۇڭۇر مۇڭدىشىپ كېلەيلى دەپ كەلدۇق .
    -ئۇستازىمىزنى كۆپ جۇۋۇتۇپتىمەن،-دېدى مىرزا مەھمۇد ھاياجانلانغان ھالدا مېھمانلارنى تۆرگە باشلاپ چاي قۇيغاچ كۆڭۈل ئاغرىقىنى بىرقلا تۆكۈپ تاشلىدى،-نە ئۈچۈنكى شاھزادىنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدۇق ،باشلىرىمىزغا تەنە تاشلىرى يامغۇردەك ئېتىلماقتا .سېيىت مۇھەممەد مىرزا ناھەق ئۆلتۈرۈلدى .مىرزا ئەلى تاغايى ،غازى ھېبىبۇللا سەردار،مىرزا مۇھەممەد يارئاخۇن قاتارلىق مۆتىۋەر ئەمىرلەر ياقا يۇرتىلارغا باش ئېلىپ كېتىپ قېلىشىتى،يېڭى سۇلتاننى بىر توپ خوشامەتچى ،نان قېپى ،تۆھمەتخور ئەمىرلەر بىلەن پىتنىخور ،رىياكار ئىشان-سوپىلار ئارىغا ئېلىۋېلىشىتى.ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ئوردىنىڭ خىزمەتلىرىگە قانداقمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلى تارتسۇن.
    -شاھزادە بېشى بىردەملىك چۆرگىلەپ قالغىنى بىلەن يەنىلا ئەقىللىق ،ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈچىلىكى بار ،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز ،-شاھزادە ھامان ھەق-ناھەقنى ئايرىيدۇ،بۇ قىلمىشىلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ.بىز مەرھۇم سۇلتان سەئىدخان ئالىيلىرى بىلەن بۈيۈك سەلتەنەتنى تىكلەش ،مۇستەھكەملەش ،روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئاز ئەجىر سىڭدۈرمىدۇق.بىردەملىك كۆڭۈل ئاغرىقىنى دەپ خانلىقىنىڭ ئۇلۇغ ئىشىدىن قول ئۈزسەك ،شاھزادىنى ئاشۇ بىر توپ چەرەندە-پەرەندىلەرنىڭ ئارىسىغا تاشلاپ بەرسەك ،ئىلگىرى قىلغان ئەجىرلىرىمىز پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىدۇ.دارىلباقىيىغا بارغاندا مەرھۇم خانغىمۇ يۈز كېلەلمەيمىز،سەۋر قىلىش كېرەك ،مەۋلانە.
    -ئارى،-دېدى شائىر ئايازبېك قۇشچىمۇ قىدىرخان ئۇستازنى قوللاپ،-ھەزرىتىم راسىت گەپنى قىلىدى.شاھزادىگە نەسىھەت قىلىش ،يامان يولدىن قايتۇرۇپ ياخشى يولغا باشلاش ،ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراشقا ئۈندەش ،بىز ئەمىرلەرنىڭ بۇرچى.مەرھۇم سۇلتانىمىزنى يەرلىكىدە تىنىچ ياتسۇن دەيدىكەنىمىز ،شاھزادىنى ئاشۇ پىتنىخورلارنىڭ ئارىسىدىن قايتۇرۇپ چىقىشىمىز ،ئۇنى تاشلىۋەتمەسلىكىمىز ،خانلىق ئىشىلىرى ئۈچۈن ئىلگىرىكىدىنىمۇ بەكرەك كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
    -ئۇستازلىرىمنىڭ نەسىھىتى بىباھادۇر،-دېدى مىرزا مەھمۇد بېشىنى تۆۋەن ئېگىپ تۇرۇپ،-ئەمما،مەن بىر قاراغا كېلىپ بولدۇم ،مەنمۇ ئەتە-ئۆگۈن ئىچىدە ئاستاندىن كېتىمەن .
    -نىمىشقا ئەمدى؟
    -ئىككىلىرى خانلىقىمىزنىڭ مۆتىۋەرلىرى ،شاھزادىنى سېيىت مۇھەممەد مىرزىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقانلار ئىككىلىرىگە چېقىلالمىغىنى بىلەن مەندەكلەرگە قەسىت قىلمايدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟ئۇلار گەرچە ئوردىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمىرلىرى بولغىنى بىلەن تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ شاھزادىنى ئالقانلىرىغا ئېلىۋېلىشىتى،ئوردا پىتنە-پاساتنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى.بۇنداق يەردە تۇرۇشقا كىمنىڭىمۇ كۆڭلى تارتسۇن.دۈشمەن كىچىك بولغىنى بىلەن بەرىبىر دۈشمەن .خۇددى چاياننىڭ بالىسنىڭىمۇ نەشتىرى ،زەھىرى بولغانغا ،ئادەم چېقىشىنى بىلگەنگە ئوخشاش ئىش .مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى ئالىيلىرىمۇ نېمىشقا ھازىرغىچە ئاستانىگە قايىتپ كېلەلمەيدۇ؟بۇنىڭ سەۋەبى ئىككىلىرىگىمۇ ئايان .ئەمىرلەشكەردەك كاتتا ھەربىي سەركەردە ئېھتىيات قىلغان يەردە مەندەك ئادەتتىكى بىر ئەمىرگە ئوردىدا نېمە بار دەيلا؟
    -ئەمىرلەشكەرنى كەشمىرگە كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم،-دېدى ئايازبېك قۇشچى.
    -ئەھۋال شۇنداق،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز مۈجمەللا قىلىپ ،-ئەسلىدە ئەمىرلەشكەر ئاستانىگە قايتىپ كەلمەكچىمۇ بولغان ،ئەمما ،غازى ھېبىبۇللا سەردار بىلەن مىرزا مۇھەممەد يارئاخۇنلار مىرزا ھەيدەر كۆرەگانى بىلەن كۆرۈشۈپ ئاستانىگە قايتىماسلىققا نەسىھەت قىلىپتۇ.مەن سۇلتان ئالىيلىرىغا ئەمىرلەشكەرنى دەۋەت قىلىپ ،ھەقىقىي سەمىمىي نىيەت بىلەن ئۆز قەلىمى ئارقىلىق بىر پارچە نامە يېزىپ ئەمىرلەشكەرگە تېزدىن ئەۋەتىپ بېرىشىنى بىرنەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلدىم .لىكىن سۇلتان ماقۇل دەپ قويۇپ بۇ ئىشىنى ھازىرغىچە كېچىكتۈرۈپ قويدى.
    قىدىرخان ئۇستاز گېپىنى تۈگىتىپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى.ئارىنى ئېغىر سۈكۈت قاپلىدى.شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ خىيال قۇشلىرى يېقىن دوستى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانىنىڭ قېشىغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى.
    تۇيۇقسىز ياندىكى ئۆيدىن شېئىر يادلاۋاتقان ئاماننىسانىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلىدى .ئاتاقلىق شائىر ئەلشىر نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا يادلاشقا كىرىشىپ كەتكەن ئاماننىسا ئۆيگە مېھمان كەلگىنىدىن بىخەۋەر ھالدا ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلماقتا ئىدى:



    [align=center]جاھىلكى ھەسەد بولغاي ئۇنىڭ جاھىلىگە زەم،
    يۈز ئېل كۆزىدىن ئاڭلىسا ئۆز كۆزىدە كەم.
    كۆزلەرنى ئەلشىماقغە چېكىپ تىغۇ سىتەم،
    ئېل كۆزىنى ئويغايۇ ئۆز كۆزىنى ھەم .

    يەشمىسى:(جاھىللارنىڭ جاھىللىقىغا ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى
    سەۋەبچى،يۈز قېتىم باشقىلارنىڭ كۆرگەنلىكىىنى
    ئاڭلىسىمۇ ئۆز نەزىرىدە يەنىلا ئىشەنمەيدۇ.
    كۆز ئويۇش ئۈچۈن زۇلۇم تىغى ئوينىتىپ ،
    ئاخىردا خەلقىنىڭ كۆزىنى ئويۇش بىلەن ئۆز كۆزىنىمۇ ئويىدۇ).



    ئاماننىسانىڭ مەقسەتسىز ئوقۇغان بۇ تۆت مىسرالىق شېئىرى تاشقىرىدا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ تۇرغان ئۈچەيلەنگە شۇنداق قاتتىق تەسىر قىلدىكى ،ئۇلار ھەيرانلىقىنى يۇشۇرماي بىر-بىرىگە قاراشتى.گەرچە بۇ شېئىرىنى ئاماننىسا ئوقىغان بولسىمۇ ،قىدىرخان ئۇستاز بىلەن ئايازىغا مىرزا مەھمۇدنىڭ بەرگەن جاۋابىدەك بىلىنىپ كەتتى.
    قىدىرخان ئۇستاز مىرزا مەھمۇدنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ قايتىلاپ سورىدى:
    -راستتىنلا كېتەمىسز ،مەۋلانە؟
    -شۇنداق ئۇستاز ،ئىنشائاللا بۇ نىيتىمىدىن يانماسمەن.
    -مەيلى ئاق يوللۇق بۇلۇڭ،-دېدى قىدىرخان ئۇستاز ئۇنى نىيدىن ياندۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ،-ھەرھالدا باشقا ئەمىرلەرگە ئوخشاش بەك يىراققا كېتىپ قالماڭ.ئوردىغا ،خانلىقىمىزغا سىزدەك ئىستېدات ئىگىسى ھەرقاچان لازىم .
    قىدىرخان ئۇستازنىڭ كۆزىگە لىققىدە ياش كەلدى.بۇ ئايرىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىۋاتاتتى.مىرزا ئەلى تاغايى،غازى ھېبىبۇللا سەردار قاتارلىقلار ئاستانىدىن كەتمەكىچى بولغان ۋاقتىدىمۇ قىدىرخان ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ نىيتىدىن ياندۇرالمىغاندىن كېيىن ،بەك يىراققا كەتمەسلىكىنى ،ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە يەنە قايىتپ كېلىپ ئوردا خىزمىتىدە بۇلۇشنى تاپىغانىدى.ئەپسۇس ئۇلار ماقۇل دەپ قويۇپ بەكمۇ يىراققا ،ياقا يۇرتلاغا كېتىپ قېلىشقانىدى،قىدىرخان ئۇستازنىڭ شۇ تاپتىكى دىلخەستلىكىنى چۈشەنگەن مىرزا مەھمۇد ۋەدە بەردى:
    -يىراققا كەتمەيمەن ،ھەزرىتىم ،مۇۋاپپىق بىر جايغا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ،تۇرغان يېرىمىدە خەت ئارقىلىق سىلىگە نىشانە بېرىمەن ،پۇرسەت تاپسام ھەزرىتىمىنى يوقلاپ كېلىمەن تېخى.
    قىدىرخان ئۇستاز مىرزا مەھمۇدنىڭ يەلكىسىدىن قۇچاقلاپ خوشلىشىپ تۇرۇپ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشىنى ئېيىتتى:
    -نەفىسە قىزىمىزنىڭ ئوقۇشى توختاپ قالمىسۇن،بۇلۇپمۇ شېئىرىيەت ،مۇزىكا ئىلمىدىن ساۋاق بېرىشىنى زىنھار ئەستىن چىقارماڭ.
    -چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ،-مىرزا مەھمۇد ئىچكىرىكى ئۆيگە قاراپ توۋلىدى،-ئاماننىسا!بۇياققا چىقىڭ قىزىم ،ئۇستازلىرىڭىز بىلەن خوشلىشىۋېلىڭ.
    ئاماننىسا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىتى-دە،قىدىرخان بىلەن ئايازىغا سالام بەردى.
    ئاۋۋال قىدىرخان ئۇستاز ،ئاندىن ئايازى ئاماننىسانىڭ پېشانىسىدىن ئاتىلارچە مېھىرى بىلەن سۆيۈپ تۇرۇپ خوشلاشتى .ئەمما،گۆدەك ئاماننىسا بولسا بۇ خوشلىشىشىنىڭ خېلى ئۇزاق بىر مەزگىللىك ئايرىلشتىن دېرەك بېرىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى.


    ئىزاھاتلانغان سۆزلەر:
    1.قارا تېگىن -ھازىرقى يەركەن ناھىيىسىنىڭ دامسى يېزىسىغا تەۋە قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدىكى يايلاقنىڭ نامى.
    2.مىرزا ئەلى تاغايى،غازى ھېبىبۇللا سەردار،مىرزا مۇھەممەد يارئاخۇن قاتارلىقلار سۇلتان سەئىدخاننىڭ مىرزا ئابابەكرىدىن تەختنى قايتۇرۋېلىپ سەئىدىيە خاندانلىقىنى قۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان پېشقەدەم ئەمىرلەر ئىدى.
    داۋامى بار.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-28 16:32 19 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3572
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3572دانە
    شۆھرەت: 3871 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

    داۋامى:

    10.مەھمۇد ئوتۇنچى


    تاڭ سەھەر.
    ئانچە ھەشەمەتلىك بېزەلمىگەن ،ئىككى ئات قېتىلغان بىر مەپە سوپكا مەھەللىسىدىن ئاستاغىنا چىقىپ كەلدى-دە،ئۇدۇل خانىقا دارۋازىسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.مەپىنىڭ قۇيرۇقىغا بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تۆگە چېتىلغان بۇلۇپ ،تۆگىلەرگە بولدى دېگۈچە يۈك ئارتىلغانىدى.مەپىلىكلەر دەرۋازا تۈۋىگە يېتىپ كەلگەندە سېپىلىنىڭ ئۈستىدە جېسەكچىلىك قىلىۋاتقان لەشكەر توۋلىدى:
    -قايسىڭ سەن؟
    -يولۇچىلارمىز،-دېدى مەپىكەش ئاۋازىنى سىلىق چىقرىشقا تىرىشىپ ،-سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەن بولسىلا.
    -نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ،-دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىكى سېپىلىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنىغان قاراۋۇللار ياتىقىدىن چىقىپ كەلگەن بىر لەشكەر مەپىكەشكە يېقىنلاپ كېلىپ غوتۇلىدىدى،-شەھەر دەرۋازىسىنىڭ بامداتتىن بۇرۇن ئېچىلمايدىغانلىقىنى بىلىشمەمدىلا؟
    -كايىمىسىلا ،بېگىم ،-دېدى مەپىكەش دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ،-ئاڭلىسلا ،بامداتقا ئەزان چىقىۋاتىدىغۇ ئەينا،-مەپىكەش قوينىدىن بىر نەچچە كۈمۈش پۇلنى ئېلىپ لەشكەرگە ئاستاغىنە تەڭلىدى،-خاپا بولماي بىزنى شەھەر سىرتىغا چىقىرىپ قويسىلا ،بېگىم ،بىز بەكمۇ ئالدىرايتتۇق.
    پۇلنى كۆرۈپ لەشكەر غىڭ-پىڭ قىلالماي دارۋازىنى ئاچتى ،ئاستانىنىڭ خانىقا دارۋازىسدىن ساق-سالامەت چىقىۋالغان مەپىلىكلەر ئەمدىلەتتىن ئاقرىشقا باشلىغان شەرقىي ئۇپۇققا قاراپ ئاتلاندى .ئۈستى يېپىقلىق مەپىدە قانچە ئادەم بارلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.ئوتتۇرا بويلۇق ،ئوتتۇرا ياشلىق مەپىكەش قامچىسىنى ناگان -ناگاندا پۇلاڭلىتىپ مەپىگە قېتلىغان ئىككى ئاتقا ھەيۋە قىلىپ قوياتتى،ئەمما ھەرگىز قامچا سالمايتتى.ئاتلار بىرخىل رىتىمىدە مېڭىۋاتاتتى .سۈبھى كۆتۈرلۈپ زېمىننىڭ ئاقىرىشىغا ئەگىشىپ ،قارشى تەرەپتىن ئاستانىگە قاراپ كېتىپ بارغان يولۇچىلار  ئۇچىراشقا باشلىدى .ئېشەكلەرگە بېسىلۋالغان ،كالا،ئات-ئېشەكلەرنى يىتلىۋالغان بۇ يۇلۇچىلار ئاستانىگە سودا-سېتىققا كېتىپ بارغاندەك قىلاتتى.بۇ يۇلۇچىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھارۋا-مەپىلەرگە خوتۇن-بالىلىرنى چىقىرىپ ماڭغان ،سۆلەتلىك كىينىۋالغان باي-تۆرىلەرمۇ،چارۋا-مال سودىسى قىلىدىغان بېدىكلەرمۇ ،بىرەردىن قوي،ئىككى-ئۈچتىن توخۇسىنى سېتىپ ئايەم سودىسى قىلماقچى بولغان ھاجەتمەن دېھقانلارمۇ بار ئىدى.سەھرادىن شەھەرگە قاراپ ماڭغانلار كۆپ،شەھەردىن سەھراغا قاراپ ماڭغانلار تولىمۇ ئاز ئىدى.
    مەپىكەش زىلچاق ئۆستەڭ بويىغا كەلگەندە مەپىنى يولنىڭ چېتىدىكى باراقسان ئۆسكەن سۆگەتنىڭ قېشىغا ئەپكېلىپ توختاتتى-دە،مەپىنىڭ پەردىسىنى قايرىپ مەپە ئىچىدىكىلەرگە نىمىلەرنىدۇر پىچىرلىدى.ھايال ئۆتمەي مەپىدىن بېشىنى پۈركەنچە بىلەن يۆگىۋالغان بىر جۇۋان بىلەن سەككىز-توققۇز ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزچاق چۈشتى-دە،ئۆستەڭ بويىدىكى تۆپىلىكىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ غايىب بولدى.ھېلىقى مەپىكەش مەپىنىڭ شوتىسىغا ئېسىپ قويغان سوغىنى ئېلىپ ئۆستەڭدىن سۇ ئالدى دە،ئاۋۋال مەپىگە قېتىلغان ئىككى ئاتنى،ئاندىن يەنە بىريول سۇ ئەپكىلىپ ئىككى تۆگىنى سۇغاردى،بۇ ئىشلارنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن مەپىنىڭ ئىچىدىن بىر مىس چۆگۈننى ئېلىپ ئۆستەڭدىن سۇ ئالدى ۋە خالىيراق بىر جايغا ئۆتۈپ تاھارەت ئالدى ،ئاندىن ئۆستەڭ قىرغىقىدىكى چىملىققا تېرە جاينىمازنى سېلىپ بامدات نامىزىنى ئۆتەشكە تۇتۇندى.
    بۇ مەپىكەش مىرزا مەھمۇد ئىدى،ھېلىقى جۇۋان بولسا ئۇنىڭ ئايالى گۈلجەمىلە ئاغىچا،ھېلىقى قىزچاق بولسا ئاماننىسا ئىدى.
    ئۇلار بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە يولغا چىقىتى ،ئۇيقۇسى ئېچىلغان ئاماننىسا مەپىنىڭ ئىچىدىن چىقىپ دادىسىنىڭ قېشىدا ئولتۇردى -دە،تاڭ سەھەردىكى سەھرا مەنزىرسىگە تويماي نەزەر تاشلىدى.
    يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۈجۈم مەھەللىلەر جايلاشقان قاپقاراڭغۇ باغلاردىن چاڭىلداپ سايرىغان كاككۇك ئاۋازى كېلەتتى.
    -نەگە بارىمىز ،دادا؟-سورىدى ئاماننىسا قىزىققان ھالدا.
    -تۇغقانلارنىڭ قېشىغا بارىمىز قىزىم .
    مىرزا مەھمۇد ئاماننىساغا سەھرادىكى تۇغقانلارنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىشكە باشلىدى ،ئۇلار ئەنە شۇنداق قىزغىن پاراڭلار بىلەن يەكەن دەرياسى بويىغا قانداق يېتىپ كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قېلىشىتى.
    دەرياغا كەلكۈن كەلگەن بۇلۇپ ،ئەجدىھادەك تولغۇنۇپ ئېقىۋاتقان قىزغۇچ لاي سۇ قىرغاققا زەرب بىلەن ئۇرۇلاتتى.بىر مېتىر ئېگىزلىكتە دولقۇن ھاسىل قىلاتتى .ھەيۋەتلىك قايناملار ھەممە نەرسىنى يالماپ -يۈتىۋېتىدىغاندەك قورقۇنچلۇق كۆرۈنەتتى ،دەريانى كۆرۈپ ئاماننىسا باشقىچە ھاياجانلاندى .نەرە تارتىپ ،تولغىنىپ ،ئىككى قىرغىقىغا زەرب بىلەن ئۆزىنى ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە ھەم قورقۇنچ ،ھەم قىزىقىش ئىلىكىدە نەزەر تاشلىدى.
    -كېمە كەلدى!ئەنە،چوڭ كېمە!
    ئۈستىگە يەتمىش-سەكسەن ئادەم ،ئات-ئۇلاغ،ھارۋا ۋە ھەرخىل جانىۋارلار بېسىلغان چوڭ كېمە ئاماننىسانى ھەيران قالدۇرغانىدى .كېمە شۇنچە چوڭ ،ئۈستىگە بېسىلغان يۈكنىڭ شۇنچە كۆپلىكىگە قارىماي ھەيۋەتلىك دەريا قىنىدا خۇددى قاپاق پۇچىقىدەك لەيلەيتتى.كېمىچىلەر كېمىنى سۇنىڭ ئېقىش يۆلىنىشى بويىچە پالاق ئۇرۇپ قارشى قىرغاققا قىيپاش ھالەتتە يېقىنلاشتۇرماقتا ئىدى.
    كېمە قىرغاققا ئەللىك-ئاتمىش مېتىر قالغاندا كېمىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىكى تۆت نەپەر كېمىچى قوللىرىغا خادىنى ئېلىپ سۇغا بىر خىل رېتىمىدا سېلىپ خادىغا تايانغىنىچە پۇتىدا كېمىنى ئىتتىرىپ كېمىنى قىرغاققا ئاستا-ئاستا يېقنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
    -باش بېغىنى تۇت،ئىلدام بول،ئىلدام بول!
    كېمىچىلەر باشلىقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر يىگىت كېمىنىڭ باش تەرىپىدىكى تۆمۈر ھالقىغا باغلانغان بىلەكتەك توملۇقتىكى چىگە ئارغامچىنى ئېلىپ قىرغاققا سەكرىدى -دە،قىرغاقتىكى كېمىنى كۈتۈپ تۇرغان باشقا ئەر يولۇچىلار بىلەن بىرلىكتە كېمىنى تارتىپ تۇرۇپ ئارغامچىنى قىرغاقتىكى ئادەمنىڭ يوتىسىدەك چوڭلۇقتىكى ياغاچ قوزۇققا باغلىدى .شۇھامان يولۇچىلار كېمىدىن ئالدىراش چۈشۈشكە،يۈك-تاق،ئات-ئۇلاغلىرىنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى.
    يولۇچىلار كېمىدىن چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كېمىچىلەر كېىمىگە كىرىۋالغان سۇنى ۋە ئات-ئۇلاغلارنىڭ سۈيدۈك-تېزەكلىرىنى ياغاچ گۈرجەك بىلەن سىرتىقا چىقىرۋەتتى -دە،كېمە ساقلاپ تۇرغان مىرزا مەھمۇد قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن يولۇچىنىڭ ئات-ئۇلاغ ،مەپە-ھارۋا،يۈك-تاقلىرىنى كېمىگە چىقاردى .ھەممە تەق بولغاندىن كېيىن كېمىدىكى ئاياللار ،بالىلاردىن باشقا ئەرلەر كېمىنىڭ باش بېغىدىن يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ ئىككى يۈز مېتىردەك سۆرەپ ئاپىرىپ دەرھال كېمىگە چىقىۋېلىشىتى.ھەيۋەتلىك ئېقىن كېمىنى بىر تال يۇپۇرماقنى لەيلەتكەندەك لەيلىتىپ قىيپاش ھالەتتە قارشى قىرغاققا قاراپ ئىلگىرلەشكە باشلىدى .دەريانىڭ ئوتتۇرسىدا دولقۇن تولىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ كېمە ھازىرلا ئۆڭتۈرلۈپ كېتىدىغاندەك لەپپەڭلەيتتى.قۇترىغان كەلكۈن سۈيى ھەممىنى يالماپ يۈتىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا دەھشەتلىك شاۋقۇن سالاتتى ،ھۆركىرەيتتى.قورقۇپ كەتكەن ئاماننىسا ئانىسى گۈلجەمىلەنىڭ كۆكرىكىگە مەھكەم چاپلاشقانچە كۆزىنى يۇمىۋالدى.
    ئۇلار يەكەن دەرياىسىدىن ئۆتۈپ يولىنى يەنە داۋاملاشتۇردى ،تاتارساڭ،زەيلىك،ئىگەرچى،شاپتۇللۇق قاتارلىق يۇرتلارنى بېسىپ ئۆتۈپ قوزا چۈش ۋاقتى بىلەن يەنە بىر كىچىك دەريا-تىزناپ دەرياسىدىنمۇ كېمە بىلەن ئۆتتى ،ئاندىن قارا سۇ قاتارلىق يۇرتىلاردىن ئۆتۈپ كۈن چۈشتىن قايرىلغان مەھەلدە كۆزلىگەن مەنزىلىگە يېتىپ كەلدى.
    بىر تەرپى تىزناپ دەريا ساھىلىغا ،بىر تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان شاخ تاتار دەپ ئاتىلىدىغان  بۇ يۇرت خان-پادىشاھلارنىڭ چار بېغىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدىكى گۈزەل بىر بوستانلىق ئىدى.شاخلىق،دەرەخلىق ،بۈكلۈك دېگەن مەندىكى ئىسىمىغا يارىشا توغراق قاپاق تېرەك،سېدە،سۆگەت ،جىگىدە ،يۇلغۇن ۋە باشقا ھەرخىل مۋېىلىك دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بۇ يۇرتقا مەھەللە -تۈتۈن شالاڭ جايلاشقانىدى.مىرزا مەھمۇد گۈلجەمىلە بىلەن ئاماننىسانى بىر ئېرىق بويىدىكى باراقسان ئۆسكەن سۆگەتنىڭ سايىسىغا جايلاشتۇرۇپ قۇيۇپ ،تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئىزدەپ كېتىپ قالدى .ئۇزۇن مەزگىل ئوردا خىزمىتى بىلەن بۇلۇپ بۇ يۇرتقا چىقىشقا چولىسى تەگمىگەن مىرزا مەھمۇدنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىنى تاپالماسلىقى تەبئىي ئىدى .ئالاھەزەل بىر چۆگۈن چاي قاينىمى ئارلىقىدا بىر مۆتىۋەر كىشى بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى ،بۇ كىشى مىرزا مەھمۇدنىڭ يىراق شىرەم تۇغقىنى ئىدى .گۈلجەمىلە ئاغىچا بۇ كىشى بىلەن سالام-سەھەت قىلىشىتى.
    مويىسپىت كىشى ئۇلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ ،لېكىن مىرزا مەھمۇد ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى:
    -بىز شاخ تاتارغا بىرنەچچە كۈنلۈك مېھمان بولغىلى ئەمەس ،ئۇزۇن مەزگىل تۇرغىلى ،ماكانلاشقىلى چىقتۇق ،قارىسلا يۈك-تاقلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس .بايا سىلى بىر كونا ئۆينىڭ گېپىنى قىلغان ،بىز ئاۋۋال بىريەرگە جايلىشىۋالايلى.مېھماندارچىلىقىنى ئاندىن ئوينىساقمۇ كېچىكمەيمىز.
    -بۇ گېپىڭىزمۇ توغرا،ئىنىم ،-دېدى مويىسپىت كىشى ،-ئەسلىدە بىزنىڭ ئۆيدە بىرنەچچە ۋاخ تۇرغان بولساڭلار مەھەللىدىكىلەر بىلەن بىللە قول-قولچە يېڭى ئۆي سېلىپ بېرەتتۇق ،خەيرىيەت ئايرىم تۇرۇشنى خالاپ قالدىڭلار ،ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى ،پۇت-قۇلۇمنىڭ بوشلۇقى ئەمەسمۇ ؟تۆۋەنكى تەرەپتە بىر كونا تاشلاندۇق ئۆي بار ،دەماللىققا  يامغۇر-يېشىن،بوران-چاپقۇندىن پاناھلانغىلى بولىدۇ،قالدىسىغا ئەتە-ئۆگۈن ئىچىدە مەھەللىدىكلەر بىلەن بىللە ھە-ھۇ دەپ يېڭىلاپ پۇختىلاپ بېرەرمىز .
    مويىسپىت كىشى ئەنە شۇنداق سۆزلىگەچ ئۇلارنى دەل-دەرەخلىك ئارىسىدىكى بىر تاشلاندۇق ئۆيگە باشلاپ كەلدى .ئۆي ئۇزاق مەزگىل ئادەم ئولتۇرمىغانلىق تۈپەيلى تاملىرى شورداپ ئىچىگە قۇمۇش-ئازغانلار ئۈنۈپ چىققان بۇلۇپ شۇنداقتىمۇ خېلىلا پۇختا كۆرۈنەتتى.
    مويىسپىت كىشى كېتىپ بىردەمدىلا ئىككى يىگىت ئىككى جۇۋاننى باشلاپ كەلدى -دە،مىرزا مەھمۇد بىلەن گۈلجەمىلە ئاغىچىغا «ئوغلۇم بىلەن كېلىنلىرىم »دەپ تۇنۇشتۇردى ،ئۇلار بىرلىكتە قول-قولچە ئۆينى تازلىدى-دە،يۈك-تاقلارنى يېشىپ ئۆينى بىر قۇر سەرەمجانلاشتۇردى.
    سەھرانىڭ يېڭى مۇھىتىغا قىزىقىپ قالغان ئاماننىسا دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدا يىڭناغۇچ قوغلاپ يۈرەتتى .مويىسپىت كىشى ئوغۇل-كېلىنلىرى بىلەن مىرزا مەھمۇدنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ قۇيۇپ ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئۈچۈنكېتىپ قېلىشىتى .
    -ئۆزلىرىنى شەھەردىن ،مەئىشەتلىك تۇرمۇشتىن ئايرىپ مۇشۇنداق چەت سەھراغا باشلاپ چىقىپ جاپادا قويىدىغان بولدۇم ،ئاغىچا،-دېدى مىرزا مەھمۇد ئايالىغا كۆڭۈل قۇيۇپ.
    -ئۇنداق دەپ كەتمىسىلە،-دېدى گۈلجەمىلە ئاغىچا ئۆزىنى كۈلكىگە زورلاپ ،-ھەممىدىن كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكى ئەۋزەل.مەن سىلىنىڭ پېشلىرىنى تۇتقاندىن بۇيان قىلچىلىك ئازار كۆرمىدىم ،ھۆرمەتلەندىم ،تەڭقىسلىق ،يوقسۇللۇقنىڭ ،كۈنداشلىقىنىڭ ئازابىنى تارتمىدىم ،قىزغىن مۇھەببەتكە نائىل بۇلۇپ كەلدىم .خاتىرجەم بولسىلىكى ،سىلى نەگە باشلىسىلا شۇيەرگە بېرىشقا تەييارمەن ،مىرزا.
    -كۆڭۈل ئايىغانلىرى ئۈچۈن رەھمەت ،-دېدى مىرزا مەھمۇد رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ ،-ئەمما سىلىگە بىر گەپنى تاپىلاپ قوياي ،ئەسلىرىدە مەھكەم تۇتسىلا ئاغىچا،بۈگۈندىن باشلاپ مەن مىرزا مەھمۇد ئەمەس .بۇ يۇرتتىكىلەر ئۈچۈن بىزنىڭ ئىلگىرىكى نام-ئاتىقىمىز پۈتۈنلەي يوقالغان ،ھېچكىمىگە ئاشكارىلىمىغايلا،بۇنىڭىدىن كېيىن مېنى مىرزا دەپ چاقىرمىسىلا.
    -ئەمىسە نېمىدەپ چاقىرىمەن؟-سورىدى گۈلجەمىلە ئاغىچا گاڭگىرىغان ھالدا.
    -بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ ئىسمىم مەھمۇد ئوتۇنچى،يات كىشلەر سوراپ قالسا ،ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كەسپى ئوتۇنچىلىق ئىدى دەپ جاۋاپ بەرسىلە،مەنمۇ ئانچە-مۇنچە قۇرۇغان توغراق شاخلىرىنى كېسىپ ئوتۇن ئېتىپ ئەتىراپتىكى بازارغا ئاپىرىپ ساتىمەن .بىز بۇ يۇرتقا ھەقىقىي يەرلىشىش ئۈچۈن مۇشۇ يۇرت كىشلىرىدەك ئاددىي ياشىشىمىز كېرەك.
    گۈلجەمىلە ئاغىچا ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپ باش لىڭشىتتى.


    ئىزاھلانغان سۆزلەر:
    زىلچاق ئۆستەڭ-يەكەن ناھىيە بازىرنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى ئارال،چارىباغ يېزىلىرىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان قەدىمىي ئۆستەڭ.
    سوغا-ياغاچ چېلەك.
    شاپتۇللۇق-يەكەن ناھىيە تەۋەسىدىكى يۇرت ئىسملىرى.
    داۋامى بار.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-28 18:51 20 -قەۋەت
    ayguwa09
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25761
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 337
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە337دانە
    شۆھرەت: 379 نۇمۇر
    پۇل: 1561 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :45(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    ئاماننىسا خان ئۇيغۇر قىزىلىرىنىڭ پەخىرى ،،،،،ئۇسەنىئەتىكەتۆھىپە قوشىقان ،،،،،
    تىمىنىڭ ھەمىسىنى تولوق يوللاپ سىز ھارىمىغايسىز ،،        
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-29 01:14 21 -قەۋەت
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 242
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە242دانە
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    پۇل: 899 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    داۋامى  يوللانماپتىغۇ؟  ئالدىراش  ئوخشىمامسىز؟
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
    | ۋاقتى : 2008-05-29 18:18 22 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3572
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3572دانە
    شۆھرەت: 3871 نۇمۇر
    پۇل: 1448 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

    11.«موللا قىز»


    مىرزا مەھمۇد بىر تۆگىگە لىق كىتاب ئارتىپ كەلگەنىدى.ئۇ ياردەملەشكىلى كەلگەن بىرنەچچە ياغاچچى يىگىت بىلەن بىللە ئۆيلەرنى پۇختىلاپ رېمونت قىلغاندىن باشقا ،قازناق ئۆيگە ياغاچ ،شاللاردىن تام بويلىتىپ ئاددىي بىر كىتابدان ياسىدى -دە،كىتابلارنى رەتلىك تىزىپ ،ئۈستىنى پەردە بىلەن يېپىپ قويدى .
    خىلۋەت سەھرادىكى تۇرمۇشقا ئاماننىسا تېزلا كۆنۈپ كەتتى ۋە خېلى كۆپ دوست تېپىۋالدى .ئۇنىڭ دوستلىرى ئارىسىدا ئۆزىدىن چوڭ بالىلارمۇ،تەڭتۇشلىرىمۇ ۋە ئۆزىدىن كىچىك بالىلارمۇ بار ئىدى .بىر كۈنى ئويۇندىن زېرىككەن ئاماننىسا قازناق ئۆيدىكى كىتابداندىن «مىڭ بىر كېچە»ناملىق كىتابنى ئېلىپ چىقىپ دوستلىرىغا ئوقۇپ بەردى .كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر ،گۈزەل شېئىرىي نەزمىلەر ،ياخشلىق ،ۋاپادارلىق ،دوستلۇق ،باتۇرلۇق ھەققىدىكى ھېكايىلەر ،ساددا ،ئاق كۆڭۈل ساۋاتسىز سەھرا بالىلىرىغا تولىمۇ يېڭىلىق بۇلۇپ تويۇلۇپ ،ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.شۇنىڭىدىن كېيىن بالىلارنىڭ نەزىرىدە ئاماننىسانىڭ ھۆرمىتى باشقىچە ئاشىتى،بالىلارمۇ بۇرۇنقىدەك ئويۇنغا بېرىلىپ كەتمەي ئاماننىسادىن كىتاب ئوقۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنەتتى.ئاماننىسامۇ دوستلىرىغا يالغۇز كىتاب ئوقۇپ بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى،يەنە ئۇلارغا خەت يېزىشىنى ئۆگىتىپ ساۋاتىنى چىقىرىشقا كىرىشىتى.ئاماننىسانىڭ بۇ ئىشى تېزدىنلا بۇ خىلۋەت يۇرتقا پۇر كەتتى ۋە چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ئاغزىدا«موللا قىز»دەپ تەرىپلەندى.
    ئاماننىسا دادىسىغا ئوقۇغۇچى،دوستلىرىغا ئۇستاز ئىدى،مەھمۇد ئاكا ئاماننىساغا شېئىرىيەت،مۇزىكا ئىلىمىدىن ساۋاق بېرىشىنى بىر كۈنمۇ توختىپ قويمىدى .ئاتا-بالا بىرلىكتە لۇتفى،نەۋائى،فۇزۇلى،جامى،شىرازى،قىدىرخان،ئايازى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقام كۈيلىرىگە سالاتتى ياكى يېڭىدىن ئاھاڭ ئىشلەيتتى.مۇقام كۈيلىرىنى رەتلەيتتى.ئۇلار ساتار بىلەن قالۇننى تەڭكەش قىلىپ مۇقام ئورۇندىسا بۇ ئاددىي كۆلبىسى مۇقامغا مەستانە بولغۇچى يۇرتداشلىرى بىلەن تولۇپ كېتەتتى-دە،ئاخىردا بۇ تەبئىي يىغىلىش مەشرەپ بىلەن ئاخىرلىشاتتى.بۇ يۇرت خەلقى مەشرەپ،مۇقام،ناخشا-سازغا شۇنچىلىك ھېرىسمەنكى ،بىرەر باھانە -سەۋەب بىلەن مەشرەپ-بەزمە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئاران تۇراتتى،ئۇنىڭىغا ئەلۋەتتە ،بۇ مەشرەپ -بەزمىلەر مەھمۇد ئاكا بىلەن ئاماننىسا ئىشتىراك قىلماي ھەرگىزمۇ قىزىمايتتى.
    ئاماننىسانىڭ شېئىر يېزىش ،مۇزىكا-مۇقام ئورۇنداش ماھارىتى بارا-بارا پىشىپ يېتىلىۋاتاتتى.مەھمۇد ئاكا ئاماننىسانىڭ يازغان شېئىرلىرىنى پات-پات كۆرۈپ،پىكىر بېرىپ تۇراتتى،ئۇنىڭغا شېئىر ۋە شائىر ھەققىدە چوڭقۇر مەنلىك مۇلاھىزىلەرنى قىلىپ بېرەتتى.
    -شائىر بىر نەچچە خىل بولىدۇ،-دەيتتى مەھمۇد ئاكا ئاماننىسانىڭ يېڭى يازغان شېئىرلىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇلاھىزىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ،-بىرىنچى خىلى ،مەرىپەت ئىلھامى بىلەن قەلبنى نۇرلاندۇرغان بۇلۇپ باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ھاجەت قىلمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئىشى ھەمىشە مەنە خەزىنلىرىدىن گۆھەر قېزىش ،ئەل پەيزى ئۈچۈن شېئىر يېزىش .ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى تولىمۇ يېقىملىق بۇلۇپ دىللارنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز تارتىدۇ...بۇ خىلدىكى شائىرلار شېئىرنى ھەرگىزمۇ شۆھرەت ئۈچۈن يازمايدۇ.يەنە بىر خىلىدىكى شائىرلار ھەقىقەتەن مىسرالىرىغا مەجازى ئارلاشتۇرۇپ يازىدۇ...بۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا مەجازى غالىب كېلىدۇ،شۇنداقلا بۇ خىل شەكلىگە ئامراق كىشلەرمۇ بار .يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە بىرخىل شائىرلارمۇ باركى ،ئۇلار پەقەت «شېئىر»نى يازالىغانلىقى ئۈچۈنلا خۇرسەن ،يازغانلىرىدىن رازىمەندۇر.ئۇنداقلار مىڭ مۇشەققەتتە بىر بېيىتىنى قۇراشتۇرىدۇ-دە،شائىرلىق غوۋغاسىنى پەلەكتىن ئاشۇرۋېتىدۇ.ئەمما،بۇنداقلارنىڭ سۆزلىرىدە نەدىمۇ ھەقىقەت نۇرى چاقنىسۇن ؟نەدىمۇ مەرىپەت بوستانلىرىنىڭ گۈللىرى بولسۇن ؟شېئىرلىرىدە نە زوق،نە ئىشىق ئوتىدىن ھارارەت بولسۇن؟
    مەھمۇد ئاكا ئاماننىسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغان بىرەر مۇقام كۈيلىىرنى ئاڭلىغىنىدا يەنە شۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلاتتى:
    -سازەندىلەر شادلىق يەتكۈزگۈچى ،ناخشىچىلار غەمنى كەتكۈزگۈچىدۇر.ھال ئەھلى بولسا ھەر ئىككىسىگە جانلىرىنى پىدا قىلغۇچى.ماھىر سازەندىنىڭ ساز نەغمىسىگە ئاڭلىغۇچنىڭ ھاياتى پىدا بولسا نېمە غەم؟چۈنكى ،كۆڭۈل جان خۇش ئاۋازدىن قۇۋۋەتلىنىدۇ .خۇش ئاۋاز ناخشىچىنىڭ ناخشىسى دەردمەنلەر قەلبىدىكى ئوتنى ئولغايتىدۇ...ئەگەر ھەرقانداق سازەندە سازنى ناھايتى كۈچلۈك دەرد ئىلىكىدە چالسا ،دەردتىن زەخمناك بولغان يۈرەككە بەكرەك تېگىدۇ،گۈزەل ناخشىچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋاز ھال ئەھلىنىڭ كۆيگەن باغرىدىن ئىس چىقرىۋېتىدۇ.سازەندىنىڭ مىجەزى مۇلايىم ،ئۆزى ئەقىللىق بولسا ،تاش يۈرەك ئادەمنىڭىمۇ باغرىنىمۇ ئېرىتۋېتەلەيدۇ.
    ئاماننىسا دادىسنىڭ بۇ ئۆگەتكەنلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى،ھەربىر جۈملە سۆزنى يۈرىكىگە ئويۇشقا تىرىشاتتى.
    بۇ يۇرتتا بىر -ئىككى يىل ئاستانىگە بېرىپ مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەن زور ئەخمەت ئىسىملىك بىر بالا بار ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ خەت يازالايدىغانلىقى ،كىتاب ئوقۇيالايدىغانلىقىدىن ماختىنىپ باشقا بالىلارنى كۆزگە ئىلمايتتى ھە دېسىلا چاتاق چىقىرىپ ماجرا تېرىپ باشقا بالىلارنى بوزەك ئېتىپ ئازار بېرەتتى.شۇڭلاشقا،بالىلار ئۇنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقىغا چىدىماي«زور ئەخمەت»دەپ ئاتايتتى.ئاماننىسانىڭ «موللا قىز»دېگەن نامى يۇرت ئىچىگە تارىلىپ بارلىق چوڭ-كىچىك بالىلار ئاماننىسانى ئۇستاز تۇتۇپ خەت ئۆگىنىشكە كىرشىكەنىدىن كېيىن ،زور ئەخمەتنىڭ ئىچى ئاداپ ،ھەسەتخورلۇقى تۇتاتتى-دە،پات-پات ئاماننىسا بالىلارغا ساۋاق بېرىۋاتقاندا پەيدا بۇلۇپ ھەرخىل بەتقىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆگىنىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەتتى.بۇنىڭىغا ئاماننىسامۇ ،باشقا بالىلارمۇ ئامال قىلالمايتتى.
    بىر كۈنى ئاماننىسا دوستىلىرىغا ھېساب ئىلمىدىن دەرس سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى،ھېلىقى زور ئەخمەت دېگەن بالا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى-دە،قوينىغا سېلىۋالغان بىر پارچە قاتلاقلىق قەغەزنى ئاماننىساغا ئۇزىتىپ تۇرۇپ:
    -ئاڭلىسام موللا قىزنىڭ خېتىنى ئۆزىدەكلا چىرايلىق دەپ ئاڭلىدىم ،مۇشۇ بىر پارچە قەغەزگە خەت يېزىپ راست-يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولسا،-دەپ تۇرۇۋالدى.
    ئۇنىڭىغا خەت يېزىپ بەرمەي قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئاماننىسا ئىككىلەنمەيلا قەغەزنى قولىغا ئالدى-دە،سىياھدان،قەلەمنى ئەپچىقىپ ،مۇشۇ مەيداندىلا نەۋائى ھەزرەتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى جۈملە ھېكمەتلىك سۆزىنى چىرايلىق قىلىپ يازدى:
    -«نامەرد قانداق بىمەنە گەپلەرنى ئېيتمايدۇ؟توخۇ قانداق نىجاسەتلەرنى يېمەيدۇ؟ياخشلارنىڭ ھۈنىرى سۆزىنىڭ مەنىسىدە.بوزچىلارنىڭ ھۈنىرى توقۇغان ماتاسىدا،چاكىنا-پەس ئادەم ماختانغانلىقى بىلەن بۈيۈك بولالماس ،ئۆچكە يۈگۈرگىنى بىلەن كىيىك بولالماس.»ئاماننىسانىڭ چۆرىسگە ئولاشقان بالىلارمۇ بۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى.ئاماننىسا خەتنى يېزىپ بۇلۇپ بىرچەتتە تەكەببۇرلۇق بىلەن گىدىيىپ تۇرغان زور ئەخمەتكە تەڭلىدى:
    -مەڭ،زور ئەخمەت ئاكا،يازغان خېتىمىدە نۇقسان بولسا ،كۆرستىپ بەرگەيسىز.
    زور ئەخمەت ئاماننىسانىڭ قولىدىن قەغەزنى ئېلىپ خەتكە شۇنداقلا كۆز يۈگۈرتتى،خىجىللىق ۋە نومۇستىن چىرايى ئالا-پاساق بۇلۇپ كەتتى-دە لام-جىم دېيەلمەي كېتىپ قالدى.شۇنىڭىدىن كېيىن بۇ يۇرتتىكى بالىلارنى بوزەك قىلمايدىغان،ئاماننىسانىڭ دەرس تەرتىپىنىمۇ بۇزۇۋەتمەيدىغان ،ئەدەپلىك يۈرۈيدىغان بولدى.ئۇ مۇشتۇمدەك «موللا قىز»نىڭ ئىستېداتىغا ھەقىقەتەن قول قويغانىدى.
    داۋامى بار.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-30 11:49 23 -قەۋەت
    qawar2
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31445
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    رەخەت  سىزگە
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-01 09:44 24 -قەۋەت
    Muqesser
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13527
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 14 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    Quote:
    بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىqiman0999نىڭ2008-05-27 15:05دە يوللىغان يازمىسى Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە...... :
    بۇ ئايالنى ماختاشنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار ؟ ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى ؟ پەقەت ئۇيغۇرلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن زەھەرلىدى شۇ !
    ئاۋۇ ئابدۇرېشىت خان دۆلەتنىڭ پادىشاھى تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا كىم قويدى كوپ خوتۇنلۇق بولۇپ مۇزىكا رەتلەشكە باشچى بولۇشنى ... لەشكىرى يۈرۈش قىلىپ ، زېمىنىنى كېڭەيتىپ ، دۆلىتىنى مۇستەھكەملىسە بولمامتى ؟! سازغا خۇشتار پادىشاھنىڭ ئاخىرىقى كۈنى ھالاكەت بولىدۇ . پادىشاھ دېگەننىڭ قولىدا ، تەمبۇر ، ساتارنىڭ دەستىسى ئەمەس ، بەلكى قانلىق قىلىچ بولۇشى كېرەك ...
    ئەشۇ سوپا - ئىشانلارنىڭ بۇلارغا قارشى تۇرغىنىنى ئويلاپ باقساق توغرىدەك قىلىدۇ ، جۇمۇ ؟

    ئېغىزىنى  چۆچەكچى مومايدەك  قىلىپ نېمە دەپ ئولتۇرىدىغاندۇ ؟  سىز قانچىلىك ئىشلارنى قىلالىدىڭىزھەم قىلالايسىز ؟ 
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-02 01:17 25 -قەۋەت
    Subhi
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 476
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 402
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە402دانە
    شۆھرەت: 115 نۇمۇر
    پۇل: 868 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    Quote:
    بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىqiman0999نىڭ2008-05-27 15:05دە يوللىغان يازمىسى Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە...... :
    بۇ ئايالنى ماختاشنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار ؟ ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى ؟ پەقەت ئۇيغۇرلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن زەھەرلىدى شۇ !
    ئاۋۇ ئابدۇرېشىت خان دۆلەتنىڭ پادىشاھى تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا كىم قويدى كوپ خوتۇنلۇق بولۇپ مۇزىكا رەتلەشكە باشچى بولۇشنى ... لەشكىرى يۈرۈش قىلىپ ، زېمىنىنى كېڭەيتىپ ، دۆلىتىنى مۇستەھكەملىسە بولمامتى ؟! سازغا خۇشتار پادىشاھنىڭ ئاخىرىقى كۈنى ھالاكەت بولىدۇ . پادىشاھ دېگەننىڭ قولىدا ، تەمبۇر ، ساتارنىڭ دەستىسى ئەمەس ، بەلكى قانلىق قىلىچ بولۇشى كېرەك ...
    ئەشۇ سوپا - ئىشانلارنىڭ بۇلارغا قارشى تۇرغىنىنى ئويلاپ باقساق توغرىدەك قىلىدۇ ، جۇمۇ ؟

      تەپسىلىرەك  شەرھىلەپ باقمامسىز  ئاڭلاپ باقايلى  چىمەن ؟
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ۋاقىت ھەممىدىن قىممەت~!
    | ۋاقتى : 2008-06-02 01:35 26 -قەۋەت
    nefise1
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31550
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
    شۆھرەت: 10 نۇمۇر
    پۇل: 130 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    داۋامىنى تېزرەك كورۇشكە تەشنامىز،ھارمىغايسىز.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-06-02 18:02 27 -قەۋەت
    xirin097
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16390
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە46دانە
    شۆھرەت: 38 نۇمۇر
    پۇل: 156 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان  ھەققىدە......

    خۇدايىم توۋا....بۇزۇقنىڭ تىمىسىنى كۆرگەنلەر 15مىڭغا يەتكەن، ماۋۇ تىما ئەجەپ مۇڭلىنىپ قاپتىغۇ؟
    [ xirin097 تەرپىدىن 2008-06-03 05:27 قايتا تەھرىرلەن ]
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-03 03:08 28 -قەۋەت
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 242
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە242دانە
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    پۇل: 899 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:كۈيلەر خانىشى -مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە......

    داۋامى  تېخىچە  يوققۇ؟
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
    | ۋاقتى : 2008-06-03 13:26 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-05 09:34
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation