بۇ بەتتىكى تېما: كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلۇر ..... تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 6228 قېتىم كۆرۈلدى
Ay~chiwar
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3037
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3037دانە
شۆھرەت: 1387 نۇمۇر
پۇل: 5297 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :264(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلۇر .....

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما nawa717 تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-24)
ﮬﺎﻳﺎﺕ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ .  ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺩﺍﻧﺎﻻﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ : << ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ  >>  ﺋﯚﻟﯜﻡ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ، ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . << ﺋﻪﺟﻪﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﻘﯘﺵ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﯓ - ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﻮﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ >>  ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺋﺎﺯﺍﺑﻤﯘ ؟ ... ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ...
ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼ  ﺋﻪﺩﻩﭖ- ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ، ﺷﻪﺭﻣﻰ - ﮬﺎﻳﺎﻏﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯘﺭﭺ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﯩﺰﺩﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰﻛﻰ ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻮﻱ - ﺗﯚﻛﯜﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯜﻡ - ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﯩﯖﮕﯩﻞ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، << ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻣﻮﺯﺍﻳﻨﯩﯖﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﺷﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﺵ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ << ﺗﯧﻨﻪﭖ - ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﭖ >> ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺩﯦﺪﯨﻢ . 
ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﻪﻡ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ . ﻳﻪﻧﻰ ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔ  ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ، << ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﭼﻰ >>ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ  ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ .
ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ -- ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ، ﺋﻪﯓ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯗﺭ . << ﮬﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﮬﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺩﻩﺭﺩ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺷﯘ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺗﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺧﺎﻻﺱ ! ﭼﯜﻧﻜﻰ ، << ﺗﯜﺗﯜﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻣﻮﺭﺍ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ >> ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ 
ﮬﺎﺯﺍ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯩﻐﺎ - ﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﯘﺷﻰ ، ﺷﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻛﻮﻱ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﺵ- ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷﻘﺎﻥ - ﺳﺎﻻﻣﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ << ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﻣﯘﺭﺩﺍ ﭼﯩﻘﺴﺎ ، ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺳﻪﯞﺭ ﻛﯩﺮﻩﺭ >> << ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯩﯟﺍﻟﻐﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ >> << ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﺯﺩﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺳﯘﺱ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ~ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﯩﺪﯗ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺭﻩﯕﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﻜﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﭘﻪﺭﮬﯩﺰﻟﻪﺭﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﺋﯚﻟﯜﻡ - ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ - ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﯩﺰﯨﻞ ، ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﻗﯧﻨﯩﻖ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ . ﻗﺎﺭﺍ ، ﺋﺎﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﻙ ، ﻗﻮﯕﯘﺭﺭﻩﯓ ، ﺗﯘﺗﯘﻕ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﻗﯩﺴﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻤﺎﻗﺘﺎ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ .
ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﺵ ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﻨﯩﺸﺪﻩ ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ، ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ﭘﺎﻗﺎﻟﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻳﻪﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭ ﻛﯚﻳﻨﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺸﻰ ... ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﻯ : ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﻳﯘﻟﺴﺎ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ، ﺷﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﭖ- ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺭﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﯘ ﺗﻪﺱ !
ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﻟﺘﻪ ﻳﻪﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ، ﻛﺎﻟﺘﻪ ﻳﻮﭘﻜﺎ ، ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ، ﻗﯧﻨﯩﻖ ﮔﯧﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻻﯕﯟﺍﺵ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ :
ﺧﯧﻨﯩﻢ ، ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ، ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﯩﻤﯘ ؟ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻪﯕﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯚﻳﻨﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﻯ ؟ ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ، ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻤﯘ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ؟ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪ ، ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺳﯩﺰﺩﻩﻙ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﺎﻝ - ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ، ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﺘﺎ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟ ﺋﻮﻥ ، ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺵ ﻣﯘﻧﯩﺘﻘﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺪﺍﻡ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟! ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﯕﻜﻰ ، ﺋﯚﻟﯜﻡ - ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺶ . ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻣﻮﺯﺍﻳﻨﯩﯖﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﯓ. ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ! ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﯩﻨﻰ  ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻗﻼﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ ! ﺋﯚﻟﯜﻡ - ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﯔ . ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ، ﻳﯧﻨﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻛﯘﺳﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ، ﻳﺎﻧﻔﯘﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﻪﺯﻩﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﯓ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﻪﺗﻤﻪ - ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ . ﺳﯧﻐﯩﺰ ﭼﺎﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ، ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. . ﺑﯩﺮﻯ << ﯞﺍﻱ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ >> ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﺴﺎ ، ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﻛﺎﺷﻠﯩﺘﯩﭗ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﻮﻟﯘﻧﺪﻩﻙ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ، ﺳﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﺴﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﺱ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ : ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﮔﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﯓ . ﺑﯘ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ  << ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ >> ﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺋﯚﻟﯜﻣﻤﯘ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ! ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ ﺳﯩﺰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮔﺎﻟﯟﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺰ ؟
ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﮕﻪ ﮬﺎﺯﺍ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯩﻐﺎ - ﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﺍ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﺍ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﻱ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﮬﺎﺯﺍ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭼﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻳﯩﻐﻼﺷﻤﯘ، ﮬﺎﺯﺍ ﺋﯧﭽﯩﺸﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ( ﺑﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ) . ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ ، ﮬﺎﺯﺍ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ ﺩﻩﭖ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺋﺎﻻ- ﺗﺎﻏﯩﻞ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ- ﺟﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ، ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻮﯞﻻﭖ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﺵ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻐﻼﺵ... ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ، ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻐﻼﺵ .... ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﻠﺘﯩﭗ ، ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ، ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﺎﭼﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻐﻼﺵ .... ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﺋﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ، ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻳﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻏﯘ ؟ << ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ 3 ﻛﯜﻥ ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ، ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ 3 ﻛﯜﻥ ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ >> ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮬﻪﻡ << ﺧﺎﺗﺎﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ >>ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ؟!
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﮬﺎﺟﻪﺗﻜﻰ ،  ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﺰ ﮬﺎﺯﺍ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻘﺎ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻐﻼﯓ، ﻳﯩﻐﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ، ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺍﯞﻻﺭﻧﻰ ﺋﯜﺳﺴﯜﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﻘﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ . ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ. ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻮﺷﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ (ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻣﻪ) ﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﺴﻘﺎ ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﮬﺎﺯﺍ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺳﯜﺭﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ- ﺟﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ، ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻣﻪﻧﭽﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ . (ﻳﯩﻐﯩﻤﯘ ، ﮬﺎﺯﺍ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﺷﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ )
<< ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ >> ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﻮﻣﯩﻨﯩﯔ 59 - ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ :

ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺗﯘﯕﺎ ﺋﯚﻟﺪﯨﻤﯘ ،
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ؟
ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺋﯚﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ؟
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯘﺭ .
ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﺘﯩﻤﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻰ ، ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﻪﻓﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭖ ﺋﯚﻟﺪﯨﻤﯘ ؟ ﺑﯩﯟﺍﭘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯨﻤﯘ ؟ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ؟ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻧﻪﭘﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯞﺍﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ ، ﻣﯘﺳﯘﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ . ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻣﺎﯓ : << ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻣﻮﺯﺍﻳﻨﯩﯖﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ >>
[ Ay~chiwar تەرپىدىن 2008-05-25 00:15 قايتا تەھرىرلە ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(islam~1400) ئىنشائاللا
  • شۆھرەت:+10(nawa717) بارىكاللا نا ..
  • « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىش، يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئالىي بايلىقلارنىڭ بىرى .
    | ۋاقتى : 2008-05-24 03:38 [باش يازما]
    esyan220
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31298
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    <<ئۆلۈم>>يىڭىچەھاياتنىڭ باشلانمىسى،ئۇنچە<<ھازا-قوشاق>>بىھاجەت.
    بۇئالەم بىر <<ئىنتھان >>مەيدانى،چوقۇم تەييارلىق پۇختا بولۇش كىرەك.
    ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز،ئەجىرىڭىز چوقۇم .......بىكاركەتمەيدۇ...!!!    
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-24 04:02 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 18503
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2523
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2523دانە
    شۆھرەت: 2391 نۇمۇر
    پۇل: 6351 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :417(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەقىدە، ئىتقاتنىغۇ كۆزگە ئىلمايدۇ، بۇ ئەمدى ئۈلۇمنىمۇ كۆزگە ئىلمىغىنى ئوخشايدۇ بەلكىم، مىھمانغا چاقىرسا چىرايلىق پاكىز كىيىنىش شۇ كىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىلا ئەمەس، ساھىپخانغا قىلىنغان ئەڭ زۇر ھۇرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ،  بۇ ئۇتنە ئالەم، كىمكى قىلسا پەقەت ۋە پەقەت ئۆزگىلا قىلىدۇ خالاس.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
    | ۋاقتى : 2008-05-24 06:07 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    $$ecw$$
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 23981
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
    شۆھرەت: 69 نۇمۇر
    پۇل: 427 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :45(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما يېزىپسىز ،،،،ھارمىغايسىز ،،،،،
    ئۆلۇمدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتتىن ھىچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، بەلكى قانداق قۇربانلىق بېرىشتە .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-24 09:28 3 -قەۋەت
    bakaqi
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26273
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 101
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە101دانە
    شۆھرەت: 101 نۇمۇر
    پۇل: 452 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا چوڭلار مۇشۇنداق ئۆلۈم - يىتىم ۋە ياكى توي - تۆكۈن بولسا بالىلىرىنى ئىلىۋىلىشنى پەقەت ئۇنۇتمايتى. چۈنكى بۇنداق بولغاندا كىچىك بالىلار تىمىڭىزدا دىيىلگەندەك ئۆزىمىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلىرىمىزنى تەبىئىيلا ئۈگىنىپ كىتەتتى. بىراق ھازىر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە .
    شۇڭا مۇشۇنداق ھەر قايسى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ، گىزىت - ژۇرناللاردا ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشكە تىگىشلىك ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىشقا توغرا كىلىۋاتىدۇ.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-24 10:14 4 -قەۋەت
    خەنجەر
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
    شۆھرەت: 182 نۇمۇر
    پۇل: 687 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىkatil731نىڭ2008-05-24 04:07دە يوللىغان يازمىسى  :
    ئەقىدە، ئىتقاتنىغۇ كۆزگە ئىلمايدۇ، بۇ ئەمدى ئۈلۇمنىمۇ كۆزگە ئىلمىغىنى ئوخشايدۇ بەلكىم، مىھمانغا چاقىرسا چىرايلىق پاكىز كىيىنىش شۇ كىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىلا ئەمەس، ساھىپخانغا قىلىنغان ئەڭ زۇر ھۇرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ،  بۇ ئۇتنە ئالەم، كىمكى قىلسا پەقەت ۋە پەقەت ئۆزگىلا قىلىدۇ خالاس.

          ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە ، مىخ سانچىلار كۆزىگە .
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقتۇر .
    | ۋاقتى : 2008-05-24 10:44 5 -قەۋەت
    mg614
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30751
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 410
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە410دانە
    شۆھرەت: 415 نۇمۇر
    پۇل: 1407 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنىلىك تىما يوللاپسىز ، هىچكىم ظألۇمدىن قؤتؤلالمايدؤ ، ظألۇم هەرگىزمؤ قىرى - ياش ، چوث - كىچىك دەپ ظايرىپ ظولتؤرمايدؤ . هەر إاقىت هەر ظادەمنىث بىشىغا كىلىدؤ .
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كىلىشچە.
    | ۋاقتى : 2008-05-24 10:45 6 -قەۋەت
    munajad
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29834
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 74
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە74دانە
    شۆھرەت: 106 نۇمۇر
    پۇل: 524 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلۇمدە ياقا يىرتىپ ، چاچلىنى يۇلۇپ ، يۇزىگە كاچاتلاپ « ۋاي تاغدەك ئاتام ، ۋاي باغدەك ئانام » دەپ ئاۋاز قۇيۇپ يىغلاشتىن چەكلىگەن . بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلىنىڭ ھەممىسى خاتا قىلغان بولىدۇ .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-24 10:49 7 -قەۋەت
    sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17636
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2753
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2753دانە
    شۆھرەت: 2720 نۇمۇر
    پۇل: 8991 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :341(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تۇغۇلۇش،ياشاش،ئۆلۈم. بۇ بىر قانۇنىيەت.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
    | ۋاقتى : 2008-05-24 10:52 8 -قەۋەت
    lakqin
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23132
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 825
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە825دانە
    شۆھرەت: 885 نۇمۇر
    پۇل: 2782 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۆلۈمنىڭ ئۆزى بىر نەسىھەت . 
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    دانا ئادەم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ ،چاكىنا ئادەم باشقىلارغا .
    | ۋاقتى : 2008-05-24 12:13 9 -قەۋەت
    gvzal3.8
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1287
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1287دانە
    شۆھرەت: 1643 نۇمۇر
    پۇل: 4144 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :679(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
        مۇشۇ تېما باھانىسىدا ئايچىۋەر خانىمدىن ھال سورايمەن.

      ياخشى تېما بوپتۇ.مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپلا تۇرىدۇ. بىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ دىققەت قىلغاچ،ئۇرۇق-تۇققان،دوسلىرىمىز،تونۇشلىرىمىزغىمۇ مۇشۇ ھەقتە تەشۋىق،تەربىيە بېرىشىمىز شۇنداقلا سەمىگە سېلىشىمىز كېرەك.
      ئىسلامدا مۇسىبەت ئىگىلىرى مىيىتقا ئۈن سېلىپ يىغلاش مەنئى قىلىنىدۇ. يەنى ھازىدارلار ئۈن سېلىپ يىغلىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەن مىيىت قەبرىدە ئازاپ چېكىدۇ. لېكىن شۇنداقمۇ ئادەملىرىمىز باركەنكى،قارىسىڭىز يېشىمۇ خېلى چوڭ،بەش ۋاق نامازنى تەرك قىلماي ئوقۇيدۇ،شۇنداقتىمۇ ، ئۆلۈم پەتىسىدىن قايتىپ چىقىپلا  ،  توۋا،ئاران قالغان بولغىيمىتى،بەكرەك يىغلاپمۇ قويمىدى. توي نەغمىسى بىلەن، ئۆلۈم ھازىسى بىلەن قىزىيدۇ دەپتىكەن،خۇددى نەزىرگە كىرىپ چىققاندەك بوپقالدىم......دەپلا باھانى باشلايدۇ. شۇنداقلاردىن سورىغۇم كېلىدۇ. سىز قۇرئان ياكى ھەدىس كۆرمەمسىز؟ ياكى ھىچبولمىغاندا ئىسلامى مەسىلىلەر بايان قىلىنغان سورۇنلاردا ئولتۇرمامىسز؟................
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-05-24 12:19 10 -قەۋەت
    kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 5556
    ئۇنۋان:21 دەرىجە ھازىرغىچە5556دانە
    شۆھرەت: 2324 نۇمۇر
    پۇل: 10652 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :261(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سالام  ھەدە .......ئايچىۋەر ھەدە بۇ تىمىڭىزنى كۆرۇپ كۆڭلۇم تولمۇ يىرىم بوپ كەتتى ھەمىمىزنىڭ بىشدا بار شۇ ئولۇمنى كۇتۇۋىلىش ئۇنچە ئاسان بولمىغىندەك شۇنداق قايغۇلۇق كۇنلەردە يىنىڭىزدا تۇرۇپ قايغۇڭىزغا  ھەمچىرىك بوالمىدۇق ، قىشىڭىزدا تۇرۇپ ئسسىقىنا بىر پىيالە  چاي تۇتالمىدۇق، پەقەت مۇنبەردە تاكى ئۇچۇر ئارقىلىقلا سىزگە ئاددى كۆڭلىمىزنى يەتكۇزدۇق .
    ئولۇم ھەمىمىزنىڭ بىشدا بار    بۇ تىمىڭىزنى كۆرۇپ ئوزۇمنىڭ بىشدىن ئوتكەن  بىر ئىش مەڭگۇ ئۇنتۇلماس بىر ئىش يادىمغا كەچتى رەھمەتلىك ئاپام تۇگەپ كەتكىلى  بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ بۇ  ئىشلار ھىلىلا كۆز ئالدىمدىن ئوتكەندەك قەلىپ كارتىنامدا  پەيدا بولدۇ ،  ئانام مىنى ئىشقا ئۇزتۇپ قويۇپ بىر نەچچە سائەتكە قالمايلا  مىڭسىگە قان چۇشۇپتۇ ، دەپ خەۋەرنى ئاڭلىدىم ئەقلىمگە كىلىپ  ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئارسىدا  بۇنداق كىسەل ياكى ئولۇم -يىتىم بوپ باقمىغاچقا نىمە ئىش قىلشىمنى بىلمەي ئۇدۇل  دوختۇرخانغا يۇگۇردۇم دوختۇرخانا  كارۋىتىدا رەھمەتلىك ئاپام يىتىپتۇ مىنى كۆرۇپ نىمىشقا كەلگەنسەن جىنىم بالام  مەن ساق تۇرسام دەپ كۆزلىردىن ياش سىرغىدى..............ئوزۇمنى سەل تۇتۋالاي  
    ئاپام دادامغا مىھرىلىك قاراپ  دادىسى باللارنى ئەنسىرەتمىسلە دىسەم چاقىرىپ ئەكەلگەنلىرى نىمسى دەپ دادامغا قاردى ،ئاپام  شۇ ھالدا تۇرۇپمۇ بىزنىڭ غىمىزنى يەپ تۇرۇپتۇ ، شۇ كۇندىن باشلاپ ئىشقا بارماي ئاپامنى كۇتتۇم بۇ كۇتۇش پەقەت بىر كۇن داۋاملاشتى ئەتسى  ناماز ئەسىر ۋاقتى بىلەن  دوختۇرلا بىزنى چاقىرىپ تەييارلىق قىلىڭلا  دىدى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مەن پەقەت چىديالمىدىم ، بىشىمدىن بىرسى بىر چىلەك سوخ سۇ قۇيۋەتكەندەك بوپ كەتتىم  بىز كىچىك بولغاچ ئاكام داداملا بىزنى ئاپامنىڭ يىندا قالدۇرۇپ ئويگە چىقىپ بەزى تەييارلىقلارنى قىلىپ قويۇپ كىرىپتۇ ، ئاپام ئەڭ ئاخىرقى نەپسى توختايدىغاندا  قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ جىنىم بالام ھەممە  نەرسىگە چىدايمەن پەقەت سىلەرنىڭ كىچىك تۇرۇپ يىتىم بوپ قىلشىڭلارنى  ھەم باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانسى بىلەن بىرگە مىڭۋاتقان ۋاقىتلىردا ئۇلارنى كەينىدىن بوينىڭلارنى قىسىپ قىلشىڭلارغا پەقەت چىدمايمەن ،بولۇپمۇ سىنىڭ مۇشۇ كۆزلۇرۇڭدىن ياش ئاققۇزۇشۇڭنى پەقەت خالمايمەن ، تىنىڭ ساق-سالالمەت بولغان بولسا مەن خاتىرجەم كۆز يۇمغان بولاتتىم  دەپ كۆزلىردىن يەنە ياش قۇيۇلدى ئاڭغىچا دادام ئاكلىرىم دوختۇرخانغا پەيدا بولدى  دادام ئاپامنى يولەپ ئولتۇرغۇزدى ئاپام دادمغا كۇلۇمرىسەپ قاراپ باللار سىلگە قالدى دەپ ............
    بۇ كۆرنۇشلە ھىلمۇ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدۇ ماڭا نىسبەتەن ئومۇرۇمدە بۇ كۇندىنمۇ قاتتىق كۇن يوق دەپ ئويلايمەن . شۇنداق مۇسبەتلىك كۇنلەردە نۇرغۇن دوسلۇرۇم ماڭا ھەمراھ بولدى ھالىمدىن خەۋەر ئالدى ، لىكىن مەن دائىم بىرگە يۇرىدىغان ئەڭ يىقىن دەپ ھىساپلايدىغان بىر يىقىن دوسلتۇم مۇسبەتلىك كۇنلەردە ئويمىزگە بىشغا ياغلىق چەگمەي تىخى ئەرلەردەك ئىشتان كىيىپ چىقىپتۇ بۇنى كۆرۇپ  يۇرگۇم يىرلىپ كەتكۇدەك بولدى شۇ كۇندىن باشلاپ شۇ دوستۇمنى دوس دەپمۇ قارمايمەن ھەم ئىزدىمەيمەن ، ئادەمنىڭ ئومۇرىدە ئولۇمدىنمۇ قاتتىق كۇن يوق دەپ ئويلايمەن ،ئويۇن تاماششادا  ھەر كىم بىلەن كۆڭۇل ئاچساڭ بولغان بىلەن ئولۇمگە كەلگەندە ھەقىقى دوس شۇ چاغدا سىنىلدىكەن .
    بىشىڭىزغا مۇشۇنداق ئىغىر كۇن كەلگەندە سىزنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ تەسەللى بىرەلمىدۇق قىنىپ يىغلىۋىلشىڭىزغا  يۇگۇڭىزدىكى دەرىت-ئەلەملىرىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتىشكە ياردەمدە بولالمىدۇق .ئايچىۋەر ھەدە كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ ئولگەنلەر كىتىدىكەن بارلىق ئازاپلار تىرىكلەرگە قالدىكەن.
    بىز بەندىلە شۇنىڭغا شۇكۇرە قىلشىمىز ئولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانمىزغا ئاتاپ دۇئا قىلشىمىز  نەپلە ناماز ئوقشىمىز ئۇلارنىڭ روھىغا  نەزرە چىراق قىلشىمىز خەيىرلىك ئىشلارنى قىلشىمىز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلىپ بولالمىغان بەزى ئىشلىرنى قىلشىمىز  ئويلىرمىزدە دۇئا تىلاۋەت قىلشىمىز ئارقىلىق ئوزمىزگە تەسەللى بىرەلەيدىكەنمىز ، ھەدە  غەيرەتلىك بولۇڭ بۇ ئولۇم ھەمىمىزدە بارغۇ ؟ھامان بىزمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولمىزغۇ؟ دەپ كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بىرىڭ  .سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە خوشاللىق ،تىنىچلىق مەڭگۇ يار بولسۇن .
    [ kunkiz تەرپىدىن 2008-05-26 15:24 قايتا تەھرىرلەنگە ]
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ھاياتنىڭ ئېنىق خەرىتىسى ،تۇرمۇشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق .
    | ۋاقتى : 2008-05-24 12:24 11 -قەۋەت
    90uygur
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە56دانە
    شۆھرەت: 56 نۇمۇر
    پۇل: 268 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئادەمنىڭ بېشىغا مۇسۇبەتتىنمۇئارتۇق ئېغىر كۈن كەلمەس ،باشقا كەلگەندە كۆرمەكتىن باشقا ئامال يوق ،تۇغۇلىدىكەنمىز ئاللا بىزنى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن باقى دۇنياغا ئېلىپ كىتىدۇ.بىز قەدىردانلىرىمىزدىن مەڭگۈگە ئايرىلىمىز،دىلىمىزچوڭقۇر ئازاپقا مۇپتۇللا بولىدۇ،مانا مۇشۇنداق باشقا كۈن چۈشكەندە سىزگە باشتىن ئاخىر يېنىڭىزدا تۇرۇپ تەسەللى بېرىپ،قولداش بۇلالىىغان دوست ھەقىقى دوستتۇر..
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    مەن ھاياتنى سۈيىمەن .
    | ۋاقتى : 2008-05-24 17:31 12 -قەۋەت
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2894
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2894دانە
    شۆھرەت: 2343 نۇمۇر
    پۇل: 3842 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :817(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇسىبەت ئىشى مىنىڭ بىشىمغىمۇ بىۋاستە كەلگەن.كىچىك ۋاقىتلېرىمدا رەھمەتلىك چوڭ ئانام تۇگەپ كەتكەندە،ئارانلا ئىسىمنى بىلەتتىم.باشقىلارنىڭ يىغلىغىنىغا قاراپ يىغلاپ سالغىنىم ئىسىمدە،لىكىن مەڭگۈلۈك ھېجراندا قالدىغانلىقىم پەقەت ئىسىمگە كەلمىگەن ئىدى.كىيىن ياش ئولغايدى،ئەقىل ئۇستى.بۇنىدىن 2يىل مۇقەددەم دادام بەندىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ،ھەممىمىز باردىغان يەرگە كەتتى،بىر يىل ئۆتمەيلا ئاپاممۇ كەتتى.شۇ ۋاقىتلاردا قاتتىق ئازاپلىنىپ يۇردۇم.ئۈلۈم پەتىسىگە كەلگەن دوست-بۇرادەرلېرىمنىڭ بەزىلېرىنىڭ ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇرغان،چىرايلېرى تاتىراڭغۇ ھالەتتە ئىدى.بىر خىل خورلۇق،نۇمۇس ۋۇجۇدۇمنى قاتتىق چىرمىۋالغان ۋە ئاچچىقىمدا بىر نەچچىسىگە قاتتىق ۋاقىراپ ئاۋۇ بوش ئۆيگە كىرىپ ئارام ئالساڭلار بولغۇدەك،دەپ قاتتىق تەنە گەپ قىلغان ئىدىم........مۇشۇ ۋاقىتقۇچە نۇرغۇن مۇسىبەتلەرگە قاتنىشىپ بېقىپتىمەن.مىيىت نامىزىغا قاتناشقان بەزى ئەرلەرنىڭ مىيىت نامازنى ئوقۇشنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى،مىيىتنىڭ بىۋاستە تۇققىنى بولغان ئەرلەرنىڭ غۇسلى-تاھارەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى ئىچىمنى بەكمۇ ئاچچىق قىلغان ئىدى.توي-تۈكۈن،مەشرەپ پائالىيەتلېرى بولسا ئەقىل ئۇگىتىپ كېتىدىغان ئەركەكلەرنىڭ ئۈلۈم پەتىسىدە ھېچقانداق ئىسلام دىنى قائىدىلېرنى بىلمەيدىغانلىقى،ئۆز كاللىسىغا تاينىپلا ھۈكۈم چىقىرىپ،ئەقىلنى تەشەببۇس قىلغۇچى دىنىمىزغا زىت ھەركەتلەردە بۇلۇپ،دىنىمىزنى بۇرمىلاۋاتقانلىقى بىر رىئاللىق ئىدى.ئاتا-ئانام قازا قىلىپ كەتكەندە بەزى بىر ئەل-ئاغىنىلېرىمدىن سەل بىزار بولغان ئىدىم،كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللىندىغان بىر بۇرادىرىم كىلىپ ئۆلچەملىك ھالدا تەبلىغ قىلىپ بەرگەن ئىدى.بەكمۇ رازى بولغان ئىدىم،ئادەمنىڭ بىشىغا بەزى ئىشلار كەلمىگۈچە ئەقىل تاپالمايدىكەن.خەيرى،ئۆلمەيدىغان ئادەم يوق،ھازىرقى مەسلە تىرىكلەر مەسلىسى.
    ھەدە بەردەم ياشاڭ،اللە رەھمەتلىكنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن،قەبرە ئازابى،دوزاق ئازابىدىن ساقلىسۇن،امىن!
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    | ۋاقتى : 2008-05-24 18:45 13 -قەۋەت
    tj
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 16870
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 110
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە110دانە
    شۆھرەت: 86 نۇمۇر
    پۇل: 140 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئۇيغۇر جەمىيىتىنى قۇتقۇزايلى. پاسىقلىق ، پەسكەشلىك ، نائەھلىلىك، ئىپلاسلىقلارغا زەربە بېرەيلى.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
                                    يول - تارىخ                   
    | ۋاقتى : 2008-05-24 21:51 14 -قەۋەت
    sk8la
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31393
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رسۇل اللە ساللاللاھۇ ئەلەيھىسسلام شۇنداق دىگەن ئىكەن ، :كىمنىڭ بىر قىرىندىشى ۋاپات بولسا
    ،ئۇ ئۆلگۈچىنى < ۋاي تۈۋرۈكۈم ، ۋاي چىرىغىم ، ۋاي ئۇندىغىم بۇندىغىم> دەپ دات سىلىپ يىغلىسا ، شۇ مىيىتنى پەرىشتىلەر < سەن ھايات چىغىڭدا شۇلارنىڭ چىرىغىمىتىڭ ، ياكى تۈۋرۈكىمىتىڭ >دەپ
    دۈشكەلەيدۇ . شۇ سەۋەپلىك مىيىت ئازار يەيدۇ دىگەن ئىكەن . ئۆز يىقىنلىرىدىن ئايرىلىش بەك ئىغىر كىلىدۇ ، ئەمما ئۇنداق دات سىلىپ ياقا يىرتىپ يىغلاش رىيادىن باشقا نەرسە ئەمەس .
    رسۇل اللە : كىمگە بىر مۇسىبەت يەتسە ، مىنىڭ ۋاپاتىمنى ئەسلىسۇن ، دۇنيادى ئىنسان ئۈچۈن
    مىنىڭدىن ئايرىلىشتىن ئىغىر مۇسىبەت يوق ، دىگەن ، شۇنداق ئەھۋاللاردا بۇ سۆزلەرنى ئەسلەپ قويۇڭلار
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-25 13:25 15 -قەۋەت
    kaxhar
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 386
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە386دانە
    شۆھرەت: 406 نۇمۇر
    پۇل: 1373 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :140(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلۇر .....بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆز،بۇتىمىمۇ بھك چۇڭقۇر تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تىما بوپتۇ.تىما ئىگىسىگە رەھمھت.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ۋاقىت --- ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-05-25 15:38 16 -قەۋەت
    KaraHijran
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18639
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 52
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە52دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    پۇل: 166 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز، راستىنى دىسەم مەن نىمە دىيشىمنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، قىسقىسى بىر ئىغىزلا گەپ قىلاي.. رەھمەت سىزگە..............................ئاللا قولىڭىزغا سەرت بەرمىسۇن...
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس، بىر يامانلىق~!
    | ۋاقتى : 2008-05-25 21:12 17 -قەۋەت
    tayanqimbar
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29230
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 327
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە327دانە
    شۆھرەت: 332 نۇمۇر
    پۇل: 1201 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىgvzal3.8نىڭ2008-05-24 12:19دە يوللىغان يازمىسى  :
        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
        مۇشۇ تېما باھانىسىدا ئايچىۋەر خانىمدىن ھال سورايمەن.

       ياخشى تېما بوپتۇ.مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپلا تۇرىدۇ. بىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ دىققەت قىلغاچ،ئۇرۇق-تۇققان،دوسلىرىمىز،تونۇشلىرىمىزغىمۇ مۇشۇ ھەقتە تەشۋىق،تەربىيە بېرىشىمىز شۇنداقلا سەمىگە سېلىشىمىز كېرەك.
      ئىسلامدا مۇسىبەت ئىگىلىرى مىيىتقا ئۈن سېلىپ يىغلاش مەنئى قىلىنىدۇ. يەنى ھازىدارلار ئۈن سېلىپ يىغلىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەن مىيىت قەبرىدە ئازاپ چېكىدۇ. لېكىن شۇنداقمۇ ئادەملىرىمىز باركەنكى،قارىسىڭىز يېشىمۇ خېلى چوڭ،بەش ۋاق نامازنى تەرك قىلماي ئوقۇيدۇ،شۇنداقتىمۇ ، ئۆلۈم پەتىسىدىن قايتىپ چىقىپلا  ،  توۋا،ئاران قالغان بولغىيمىتى،بەكرەك يىغلاپمۇ قويمىدى. توي نەغمىسى بىلەن، ئۆلۈم ھازىسى بىلەن قىزىيدۇ دەپتىكەن،خۇددى نەزىرگە كىرىپ چىققاندەك بوپقالدىم......دەپلا باھانى باشلايدۇ. شۇنداقلاردىن سورىغۇم كېلىدۇ. سىز قۇرئان ياكى ھەدىس كۆرمەمسىز؟ ياكى ھىچبولمىغاندا ئىسلامى مەسىلىلەر بايان قىلىنغان سورۇنلاردا ئولتۇرمامىسز؟................


      يېپسىز باغلانغان مىھرى-مۇھەببەت تۈپەيلى مەڭگۈلۈك ئايرىلىش پەيتلىرىدە ئۈزىنى تۇتىۋېلىش بەك تەس بولسىمۇ،لېكىن مەن يەنىلا يوقۇرىقى ئىنكاسقا ئوخشاش پىكىردىمەن.چۈنكى بۇ ئىسلام قانۇنىنىڭ كۆرسەتمىسى،تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ھېچبىر ئوخشىشى يوق ئۇلۇغ اللە(ئى ئۇلۇغ اللە،بىزنى توغرا بالا-قازالاردىن ساقلىغىن)نىڭ كۆرسەتمىسى.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-26 12:05 18 -قەۋەت
    .kawsar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30645
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
    شۆھرەت: 54 نۇمۇر
    پۇل: 262 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار،دادام ماڭا دائىم جېنىم بالام مەن ئۆلۈپ كەتسەم ھەرگىز يىغلىماڭلار،تۇپراق بېشىمغا چىقىپ قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىڭلار ،مەن شۇنداق قىلساڭلار خوش بولىمەن دەيدۇ.دىمىسىمۇ بالىلارنىڭ ئاتا -ئانىلار ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولىدىكەن.....ئاللاھ ئىگەم گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-26 17:07 19 -قەۋەت
    xarup
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27906
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    «اللا ھەممىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» ! ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى تۈزۈتۈپ،ھىدايەت يولىغا مېڭىشىمىز لازىمدۇر.باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىغۇچىلار اللاغا يېقىندۇر.رەھمەت سىزگە.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-27 11:32 20 -قەۋەت
    baribir
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28945
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    پۇل: 43 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :73(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما يېزىپسىز ،،،،ھارمىغايسىز ،،،،، 
    ئۆلۇمدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتتىن ھىچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، بەلكى قانداق قۇربانلىق بېرىشتە .
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-31 11:27 21 -قەۋەت
    tirrorqi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31685
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
    شۆھرەت: 27 نۇمۇر
    پۇل: 195 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇلۇمدىن ئىبارەت بۇ سوزگە ئىشەنگەن ئادەم ئاندىن ئۇلۇغ  بىر ئاللاھتىن قورقىدۇ . چۇنكى ئادەمنىڭ ئۇمىرى چەكلىك  ئۇ ئادەمنىڭ قانداق سەۋەپ بىلەن ئۇلىدىغانلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت بىر ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىدۇ .  ئۇلۇغ كىرەملىك ئاللاھ  ھەممىمىزنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ ھەم تەۋپىىق ئاتا قىلسۇن
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-31 16:39 22 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-05 09:59
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation