« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: [ئادولف ھىتلېر] مېنىڭ كۆرەشلىرىم تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 3554 قېتىم كۆرۈلدى
atlaghsan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28587
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرەت: 84 نۇمۇر
پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 [ئادولف ھىتلېر] مېنىڭ كۆرەشلىرىم

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما manggutax تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-23)
[ئادولف ھىتلېر] مېنىڭ كۆرەشلىرىم

(تەرجىماندىن:دۇنيا جامائەتى، بولۇپمۇ ئىلغار غەرپ ئەللىرى ھەر قانچە ئېتىراپ قىلىشمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە غەرپ مىللەتچىلىكىنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن نېمىس تەۋەككۈلچىسى ئادولف ھىتلېر (گىتلېر) نىڭ مىللەتچىلىك دىگەن نىمە دىگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ بايان قىلىپ چىققان كۆز قاراشلىرى بۈگۈنكى ياۋرۇپانىڭ يوشۇرۇن غۇرۇرى بولۇپ كىلىۋاتقانلىقى شۆبھىسىز. خەلقىمىز تايىنى يوق گەپلەرنىمۇ مىللەتچىلىك دەپ قاراۋاتقان، ھەتتا بۇ ئۇقۇمدىن قورقۇپ تىلغا ئېلىشماي كىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، غەرپ ئەللىرىنىڭ مىللەتچىلىك ھەققىدىكى بايانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن، مىللەت، ۋەتەن دۈشمىنى، مىللىي دۈشمەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق دىگەن ئۇقۇملىرىنى قايتىدىن كۆزىتىپ چىقىشىغا ياردىمى بولۇپ قالسا ھەجەپ ئەمەس دىگەن ئارزۇدا بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ خەلقىمگە سۇنماقتىمەن. تەرجىمىدە خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ ئوقۇغايسىزلەر. ئا. بوران 1997-2008 يىللار)
كىرىش سۆز

1924- يىلىنىڭ 1- ئافرىلدا مۇنىخى سوت مەھكىمىسى مېنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە قامىدى.

تىنىم تاپماي كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكەن بۇنچە ئۇزۇن يىلدىن كېيىن، چۈشەنچىلىرىمنى بىر كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئەنە شۇ شەكىلدە تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن بولدۇم. ئەسلىدىنلا يېقىن سەبداشلىرىم ئەنە شۇنداق بىر ئەسەر يېزىش ئۈچۈن مېنى قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. مەنمۇ بۇ تۈرمىدە ياتقان ۋاقتىمنى ئەنە شۇنداق بىر ئەسەر يېزىپ چىقىش ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت دەپ ھىس قىلماقتا ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشتىم. تۈرمىدە يېزىلغان بۇ ئىككى توملۇق ئەسىرىمدە ھەرىكىتىمىزنىڭ غايىسىنىلا ئەمەس، بۇ ھەرىكەتنى تەقەززار قىلىۋاتقان تۈپكى سەۋەپلەرنىمۇ تولۇق كۆرسىتىپ بېرىشكە، بۇ سەۋەپلەرنى خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاشىكارلاشقا بەل باغلىدىم. بۇ تۈردىكى بىر ئەسەر، ساپ نەزەرىيىۋىي بىر كىتاپقا قارىغاندا كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەت بېرىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇ كىتاۋىم ۋاستىسى ئارقىلىق مەن ئۆز قابىلىيىتىمنى كىشىلەرگە تونۇتۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلىگەن بولىدىكەنمەن. ئۆز قابىلىيىتىمنى ئىپادىلەش ئىشى كىتاپنىڭ چۈشۈنۈشلۈك بولىشى ئۈچۈنلا زۆرۈر بولۇپ قالماي، بەلكى يەھۇدىي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە توقۇپ چىقىرىۋاتقان بوھتانلىرىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىدى.

شۇنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەنكى، مەن بۇ كىتاۋىمدا ھەرگىزمۇ ھەرىكىتىمىزگە يات بولغان كىشىلەرگە مۇراجەت قىلىشنى مەقسەت قىلمىدىم. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزگە چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ سېپىمىزگە قوشۇلغان، ئەمما ئىدىيىۋىي چۈشەنچىلىرىمىز ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئالالماي يۈرگەن سەبداشلىرىمىزغا خىتاپ قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئەسەرنى يازدىم.

ئادەتتە كىشىلەرنى كىتاپلارغا قارىغاندا بىۋاستە نوتۇقلار بىلەن خىتاپ قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلىشقا بولىدىغانلىغىنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتمىدىم. يەنى، تارىختىكى ھەر قانداق بىر داغدۇغىلىق ھەرىكەتنى يازغۇچىلار پەيدا قىلغان بولماستىن، بەلكى ناتىقلارنىڭ ياراتقان ئەسىرى ئىكەنلىگى ھەممىگە مەلۇم.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىرەر تەلىماتنىڭ مەزمونى بىلەن ئۇنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى پەقەت يېزىق شەكلىدە ئىپادىلەش ئارقىلىقلا ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىغىمۇ بىر ئەمەلىيەت. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق بىر تەلىمات بىر قېتىملا يېزىلسا كۇپايە. مانا بۇلار، مېنىڭ بۇ ئىككى توملۇق ئەسىرىمنىڭ ئاساسلىق مۇدداسى.
ئادولف ھىتلېر
— لاندسبېرگ- ئام- لېيچ تۈرمىسى



تەغدىم

تۈۋەندە ئىسمى يېزىلغان كىشىلەر 1923- يىلى 9- دىكابىر كۈنى سائەت 12 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە فېلدھېرنھاللې ئالدىدا ۋە بۇرۇنقى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىگىنىڭ قوراسىدا، مىللىتىگە شان- شۆرەت كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە چىن قەلبىدىن سادىق بولۇپ ئەگەشكىنى ئۈچۈنلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى:
ئالفارد فېلىكس، تىجارەتچى، 1901- يىلى 5- ئىيوندا تۇغۇلغان؛
باۋريېدل ئاندرېئاس، شەپكىچى، 1879- يىلى 4- مايدا تۇغۇلغان؛
كاسېللا تېئودور، بانكا خىزمەتچىسى، 1894- يىلى 8- ئاۋغۇستتا تۇغۇلغان؛
فائوۋست مارتىن، بانكا خىزمەتچىسى، 1901- يىلى 27- يانىۋاردا تۇغۇلغان؛
ئېخرلىچ ۋىلھېلم، بانكا خىزمەتچىسى، 1894- يىلى 10- ئاۋغوستتا تۇغۇلغان؛
ھېچېنبېرگېر ئانت، سېلىسار، 1902- يىلى 28- سىنتەبىردە تۇغۇلغان؛
كۆرنېر ئوسكار، تىجارەتچى، 1875- يىلى 4- يانىۋاردا تۇغۇلغان؛
قۇن كارل، مەدىكار، 1897- يىلى 26- ئىيوندا تۇغۇلغان؛
لافورې كارل، ئوقۇغۇچى، 1904- يىلى 28- نويابىردا تۇغۇلغان؛
نېئۇباۋېر كۇرت، خىزمەتچى، 1899- يىلى 27- مارتتا تۇغۇلغان؛
پاپې كلائۇس (فون)، تىجارەتچى، 1904- يىلى 16- ئاۋغۇستتا تۇغۇلغان؛
پفوردتېن تېئودور (فون دېر)، يەرلىك ئالىي سوت مەھكىمە ئەزاسى، 1873- يىلى 14- مايدا تۇغۇلغان؛
رىكمېرس جوھ، كاپىتان كاۋاللىر (ئاتلىق ئەسكەر كاپىتانى،شاڭشياۋ، يۈزبېشى)، 1881- يىلى 7- مايدا تۇغۇلغان؛
شېئۇبنېر- رىچتېر ماكس- ئېرۋىن (فون)، دوكتور ئېنجىنېر، 1884- يىلى 9- يانىۋاردا تۇغۇلغان؛
سترانسكىي لورېنز- رىتتېر (فون)، ئېنجىنېر، 1899- يىلى 14- مارتتا تۇغۇلغان؛
ۋولف ۋىلھېلم، تىجارەتچى، 1898- يىلى 19- نويابىردا تۇغۇلغان.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قەھرىمانلىرىمىز ئۈچۈن بىر خاتىرە مۇنارىسى تىكلەش تەلىۋىمىزنىمۇ رەت قىلىۋېتىشتى.
مەن بۇ ئەسىرىمنى ئۇلارنىڭ ئورتاق خاتىرىسى ئۈچۈن تەغدىم قىلىمەن: شىھىتلىرىمىزنىڭ نۇرى سەبداشلىرىمىزنىڭ يولىنى مەڭگۈ يورۇتسۇن!
لاندسبېرگ- ئام- لېيچ تۈرمىسى
- ئادولف ھىتلېر


بىرىنچى توم

بىرىنچى باب

تۇغۇلغان يۇرتۇم

مەن ئىككى نېمىس دۆلىتىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان براۋناۋ- ئام- ئىن دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بىر شەھەردە بەخىتلىك ھالدا دۇنياغا كەلدىم. بۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر ئورۇندا تۇغۇلغانلىقىمنى، تەغدىرنىڭ ماڭا بەرگەن بىر لۇتۇپى دەپ قارايمەن.

بۇ كىچىك شەھەر ئۆز ۋاقتىدا يەنە، بۇ ئىككى نېمىس دۆلىتىنى قايتىدىن بىرلەشتۈرۈش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن مەنانىمۇ ئىپادىلەپ تۇراتتى.

نېمىس يۇرتى بولغان ئاۋۇسترىيە، مۇتلەق تۈردە ئۇلۇغ گېرمان ۋەتىنىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشى كىرەك. ئەمما بۇنداق بىرلىشىش ھەرگىزمۇ قانداقتۇ بىر قىسىم ئىقتىسادىي سەۋەپلەرنى باھانە قىلىۋالغان سۇنئىي بىرلىشىش بولماسلىغى شەرت. ياق، ياق! ئۇنداق باھانىلار ھەرگىزمۇ بۇ بىرلىشىشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ! بۇ بىرلىشىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىلچە ئەھمىيەتسىز، ھەتتا زىيانلىق بولغان تەغدىردىمۇ مۇتلەق تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى شەرت. چۇنكى، بۇ ئىككى ئەل خەلقى بىر قانغا مەنسۈپ ۋە بىرلا ئىمپىرىيىگە تەۋە خەلقلەردۇر. ئەگەر، نېمىس دۆلىتى ئۆز پەرزەنتلىرىنى بىر پۈتۈن دۆلەت ئىچىدە بىر يەرگە كەلتۈرەلمەيدىكەن، نېمىسلار مۇستەملىكىچى سىياسەت يۈرگۈزۈش ھەققىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ. گېرمان دۆلىتى نېمىسلار ياشايدىغان بارلىق تۇپراقلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرگەن ۋاقتىدا، ئەگەر بۇ تۇپراقلار ئۆز پۇخرالىرىنى تېگىشلىك بولغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاتقۇزۇشقا يېتىشمەي قالسا، بۇ مىللەتنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجى ئۈچۈن ياتلارنىڭ قولىدىكى تۇپراقلارنى تارتىپ ئېلىش ھەققىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇ كۈنلەرگە كەلگەندە، قوش- ساپانلارنىڭ ئورنىنى قېلىچ ئالىدۇ- دە، ئۇرۇش يېغىلىغىنىڭ كۆز ياشلىرى كەلگۈسى دۇنيامىزنى قۇرۇپ چىقىش رولىنى ئوينايدۇ.

مېنىڭ تۇغۇلغان يۇرتۇم، يوقۇرىقىدەك ئۇلۇغ بىر غايىنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتىشىم كېرەككى، مېنىڭ بۇ يۇرتۇمنىڭ ئۆزگىچىلىگى ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايىتتى. ۋەتىنىمىزنىڭ بۇ پارچىسى، بىر ئەسىردىن بېرى نېمىس مىللىتىنىڭ تارىخىدا مەڭگۈ ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدىغان مۇنداق بىر تراگىدىيىگە سەھنە بولغانىكەن: ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنىپ ئەڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرىتىلغان ئۇ يىللاردا، جوھاننېس پالم ئىسىملىك نۇرېمبېرگلىك بىر كىتاپپۇرش، پۈتۈن قەلبى بىلەن سۆيگەن گېرمان مىللىتى ئۈچۈن بۇ شەھەردە قىلچە ئىككىلەنمەي جېنىنى پىدا قىلغان ئىكەن. پالم، فرانسۇز تاجاۋۇزچىلىرىنى ئەشەددىلىك بىلەن ئۆچ كۆرىدىغان تىپىك بىر نېمىس مىللەتچىسى ئىكەندۇق. ئۇ، دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان دوستلىرى بىلەن پارتىزان يىتەكچىلىرىنى تاجاۋۇزچىلارغا پاش قىلماي چىڭ تۇرۇپ خەلقىگە ئۈلگە بولۇپ بەرگىنى ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. لېو شلاگېتېر دەيدىغان يەنە بىر ئەزىمەتمۇ پالمغا ئوخشاش ئوت يۈرەكلەردىن ئىكەندۇق. ئۇمۇ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى تەرىپىدىن پاش قىلىنىش نەتىجىسىدە قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بۇ ۋىژدانسىزلىقنى ئاۋگسبۇرگلۇق بىر قورچاق ساقچى باشلىغى قىلغان ئىكەن. بۇ ساقچى ئەمەلدارى قاتتىق جازالىنىشقا تىگىشلىك بۇ خائىنلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن قورچاق سەۋەرىڭ دۆلىتىنىڭ يېڭى نېمىس دائىرىلىرى تاجاۋۇزچىلارغا غالچىلىق قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن بۇ مۇناپىقنى ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ مۇكاپاتلاشقان ئىكەن.

مېنىڭ ئائىلەم، 1890- يىللار ئەتىراپىدا بۇ ئىككى نېمىس قەھرىمانىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن تونۇلغان ئەنە شۇ ئىنن دېگەن كىچىك شەھەردە تۇراتتكەن. مېنىڭ بۇ يۇرتۇم، قانداشلىق جەھەتتىن باۋارىيەگە مەنسۈپ بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي تەۋەلىك جەھەتتىن ئالغاندا ئاۋۇسترىيىگە قارايتتى. دادام ئۆزكەسىپىنى سۆيىدىغان ساداقەتلىك بىر دۆلەت كادىرى ئىدى. ئاپام بالىلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنىدىغان بىر ئائىلە ئايالى ئىدى.

مەن، بالىلىق ۋاقىتلىرىم بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇم ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە ئەسلىيەلمەيمەن. چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ بىر قانچە يىل ئۆتمەيلا دادام يېڭى بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئىنن دەرياسىنىڭ تېخىمۇ تۈۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان پاسساۋ دىگەن يەرگە، يەنى ئەسلىدە گېرمانىيىگە تەۋە بىر يەرگە يۆتكىلىدۇ. ئۇ يىللىرى ئاۋۇستىريىلىك بىر تاموژنا كادىرى تىنماي ئورن يۆتكەپ تۇرۇشقا مەجبور قىلىنىدىغان دەۋىرلەر ئەكەندۇق. شۇنداق بولغاچقا، دادام كېيىنچە يەنە ئۇ يەردىنمۇ ئالماشتۇرۇلۇپ لېنزگە ئىۋەرتىلىدۇ. دادام ئاخىرى بۇ يەردە پىنسىيىگە چىققان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ياشىنىپ قالغان بۇ ئادەم، پىنسىيىگە چىققان كۈنلىرىنى ھەرگىزمۇ ئارام ئېلىپ بىكار ئۆتكىزىشنى خالىمايتتى. ئۇ، بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ بالىسى بولغىنى ئۈچۈن، ئىش ئىستەپ ئۆسمۈر ۋاقىتىدىلا ئۆيدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان ئىكەن. ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، چامىدانىنى كۆتۈرۈپ، تۇغۇلغان ئورمانلىق يېزىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان ئىكەن. ياشانغان مەھەلىداشلىرى ئۇنى ھەرقانچە سۇۋۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلارغا پەرۋا قىلماي بىرەر ھۈنەر ئۆگۈنۈپ كېلىش خىيالىدا ۋىېناغا قاراپ سەپەر قىلغان ئىكەن. بۇ دېگەنلىرىم، 1850- يىللىرى بولغان ئىشلار ئىدى. يېنىدا ئارانلا ئۈچ ‹ئېكۇس› پۇلى تۇرۇغلۇق كەلگۈسىدە ئۆزىنى نېمە ئىشلار كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن بىر سەپەرگە ئاتلىنىش، دادام ئۈچۈن بەكلا زۆرۈر ۋە كۆڭۈلسىز بىر قارار بولسا كېرەك. دادام، ئىشلەپ يۈرۈپ تۆت يىلدىن كېيىن ‹كومپاينان› لىق دەرىجىسىدىكى ئۇستا ئىشچى بولالىغان بولسىمۇ، ئادەتتىكى ئىشچىلار دەرىجىسىدىكى بۇ ھالىدىن پەقەتلا رازى بولمىغان ئىكەن. ئۇ يىللاردىكى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن نامىراتلىق، دادامنى قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ تېخىمۇ يوقۇرى مەرتىۋىگە ئىگە بىرەر ئادەم بولۇش خىيالىغا كەلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن.

بالىلىق ۋاقىتلىرىدا مەھەلىسىدىكى پوپنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ھەۋەسلىنىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئېرىشكىلى بولىدىغان ئەڭ يوقۇرى سەۋىيە دەپ تونىغان بالىلىق ۋاقتىدىكى دادام، چوڭ شەھەرلەردە ياشاش جەريانىدا تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىدىكى خىزمەتلەرنى خىيال قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ، مەمورى كادىر بولۇشنى ھەممىدىن ئېسىل ئىش دەپ تاللىۋالغان ئىكەن. كەمبەغەلچىلىكتە تارتقان جاپالىرى دادامنى بالدۇرلا قۇرامىغا يەتكۈزگەن بولسا كېرەك، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئىرادە باغلىغان بۇ ئون يەتتى ياشلىق بالا، ئاخىرى غايىسىگە ئېرىشىپ، رەسمى بىر دۆلەت كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. دادام بۇ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان كۈنلىرىدە يېشىمۇ 23 كە كىرىپ قالغان ئىكەن. پەرىزىمچە كۆزگە چېلىققان بىر ئادەم بولماي تۇرۇپ ئۇ سۆيۈملۈك يېزىسىغا قايتماسلىق ھەققىدە ۋەدە قىلغان بولىشى مۇمكىن.

ئۇ ئەندى مەخسىدىگە يەتكەن بىرسى ئىدى. ئەمما دادام يېزىسىغا قايتىپ بارغىنىدا، مەھەلىسىدە ئۇنى تونۇيدىغان بىرەرمۇ كىشى تېپىلماپتۇ. ھەممە ئۇنى ئاللىمۇقاچان ئەسلىرىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ دادامغا بۇ يېزا يات بولۇپ تۇيۇلماقتا ئىكەن. ...

ئاخىرى دادام ئەللىك ئالتى يېشىغىچە مەمورى كادىرلىق بىلەن شوغۇللانغاندىن كېيىن پىنسىيىگە چىقىپ ئاددى ئائىلە ھاياتىنى كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. ئەمما ئۇ، بىردەممۇ جىم تۇرالمايدىغان بىرسى ئىدى. يۇقۇرقى ئاۋۇسترىيىنىڭ لامباچ دەيدىغان كىچىك بىر شەھەر ئەتىراپىدىن بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، بۇ يەرگە ئىشلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق تىنىم تاپماي يۆتكۈلۈپ يۈرۈپ ئىشلەشتىن كېيىن، قايتىدىن ئائىلە كەسىپىنى تېپىۋالغان ئىدى.

مېنىڭ دەسلەپكى قاراشلىرىم ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. جىدەل- ماجرالار، تالاش- تارتىشلار، مەكتەپتىن قېچىشلار، ئۆزەمدىن كۈچلۈك بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش، ... دېگەندەك شوخ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىم باشلانغان ئىدى. بۇ قىلىقلىرىمغا قاراپ ئانام مەندىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. ئەمما مەنمۇ موڭدەك ئۆيدىن تالاغا چىقماي جىم ئولتۇرۇشقا چىدىيالايدىغان بىرسى ئەمەس ئىدىم. بەزىدە قايسى خىل ئىشلارغا قابىلىيىتىم باردۇ دەپ ئۆزەمگە سۇئال قويۇپمۇ قالاتتىم. ھەر نېمە دېگەن بىلەن مېنىڭ قىزىقىشلىرىم، مېنى دادام ياشىغاندەك بىر تۇرمۇشقا يېتەكلىمىگەن ئىدى، ئەلىۋەتتە. ئۇ ياشلىرىمدىلا دوستلىرىم ئارىسىدا سۆزلەپ قويىدىغان ئاز- تۇلا قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە نۇتۇقلىرىم شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ناتىقلىق قابىلىيىتىم يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. شۇ ياشلىرىمدىلا كىچىك بىر يىتەكچى – لىدېر بولۇپ قارالماقتا ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۆز- ئۆزەمنى بەكلا تەستە تېزگىنلىيەلەيدىغان بىر ئىھۋالدا ئىدىم. شۇنىڭغا قارىماي يەنىلا تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچى ئىدىم. مېنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا،ئۆگۈنۈش ئىشى ئويۇندەك ئاسان ئىشلاردىن بىرى ئىدى.

بوش ۋاقىتلىرىمدا لامباچ ماناستىرىغا بېرىپ مۇزىكا تىڭشاردىم، دىنىي كۈنلەردىكى داغ- دۇغىلىق مۇراسىملىرىدا خۇدۇمنى يوقاتقىدەك ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. ئۆز ۋاقتىدا دادامنىڭ ئۆز يېزىسىدىكى ئىناۋەتلىك ۋە ھۆرمەتكە لايىق پوپىنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئېرىشكە تىگىشلىك بىر ئۈلگە قىلىپ تاللىۋالغىنىغا ئوخشاش، مەنمۇ بۇ يەردىكى ھۆرمەتلىك پوپىمىزنىڭ ئەھۋالىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر غايە دەپ تاللىۋالغىنىمدىن باشقا يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟

دەرۋەقە، مەنمۇ شۇنداق قىلدىم. ئەمما دادامنىڭ ياشلىق دەۋرىلىرىدە كۆرگەن ئېغىر جاپالىق كۈنلىرى ئۇنىڭغا ناتىقلىق قابىلىيىتىنى، ئۆز قانداشلىرىنى تەسىرلەندۈرەلىگىدەك ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرەلىگىدەك سۆزلەش پۇرسىتىنى پەقەتلا بەرمىگەن ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا، دادام، بۈگۈنكى ياشلار ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالىغىدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھىساپلاپ، مېنىڭ قاراشلىرىمنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيتتى. شۇ سەۋەپتىن مېنىڭ پىكىرلىرىمنى غەلىتىلىك دەپ قاراپ مەندىن رەنجىپ يۈرەتتى، بۇنداق غەيرى قاراشلارنىڭ سەۋەبىنى تۇغۇلۇشتىن كەلگەن بىر نوقسانلىق بولسا كېرەك دەپ ئويلايتتى.

كېيىنچە مېنڭدىكى ناتىقلىق ھەۋىسىمنىڭ ئورنىنى ئۆز خاراكتىرىمگە تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېڭىچە ھەۋەسلەر ئېلىشقا باشلىدى. دادامنىڭ قىرائەتخانىسىنى چۇخچىلاپ يۈرگىنىمدە، ھەرخىل ئەسكەرلىككە مۇناسىۋەتلىك كونا كىتاپلار قولۇمغا ئېلىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1870- 1871- يىللارردىكى فرانسىيە- گېرمانىيە ئۇرۇشىنى تونۇشتۇرغان چاتما ماقالىلارمۇ بار ئىدى. كىتاپلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئۇ يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر رەسىملەر شەكلىدە سىزىپ تونۇشتۇرۇلغان قايسى بىر گېزىتكە تەۋە ئىككى قىسىملىق بروشورمۇ بار ئىدى. بۇ كىتاپلار ئۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان كىتاپلىرىم بولۇپ قالغان ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قەھرىمانلىقلار تەسۋىرلەنگەن چوڭ ئۇرۇشلار مېنىڭ قەلبىمگە يەرلەشكەن نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇندىن ئېتىۋارەن ئۇرۇش ۋە ھەربىلىككە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى زادىلا قولدىن بەرمەي ئوقۇيدىغان بولدۇم.

بۇ مەن ئۈچۈن يېپ- يېڭى ۋە ئىنتايىن مۇھىم بىر كەشىپ، بىر ئۇيغۇنۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى. چۇنكى تۇنجى قېتىم كاللامدىن ئۆتمەيدىغان سۇئاللار بىلەن قىينالماقتا ئىدىم. شۇنىڭغا ئىشىنەتتىمكى، بۇ خىل سۇئاللار ئۇ كۈنگىچە تېخى جاۋاپقا ئېرىشەلمەي كەلگەن مۇجمەل سۇئاللاردىن ئىدى: بۇ ئۇرۇشلارنى قىلىۋاتقان نېمىسلار بىلەن بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمىغان باشقا نېمىسلار ئوتتۇرسىدا بىرەر پەرق بارمىدى؟ ئەگەر بىرەر پەرق بار دېيىلسە، بۇ پەرق زادى نېمە؟ دادام ۋە باشقا ئاۋۇسترىيىلىكلەر بۇ ئۇرۇشقا نېمە ئۈچۈن قاتناشمىدى؟ بىز ئاۋۇسترىيىلىكلەر ئۇ گېرمانىيىلىك نېمىسلاردىن ئايرىم تۇراتتۇقمۇ؟ بىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش بىر يولدا كىتىۋاتقان كىشىلەردىن ئەمەسمىدۇق؟

بالىلىق ئەقلىمدە بۇ مەسىلىلەرنى ئۆرۈپ- چۆرەتتىم، سورىغان سۇئاللىرىمغا ئېھتىياتلىق بىلەن جاۋاپ بېرىشكە تىرىشاتتىم. ئاخىرىدا، يوشۇرۇن بىر ھەسەتلىنىش ھىسىياتى بىلەن مۇنداق بىر ھۆكۈمنى چىقارغان ئىدىم: نېمىسلارنىڭ ھەممىسى بىردەك بىسمارك دۆلىتىگە مەنسۈپ بولۇش بەختىيارلىقىغا ئېرىشەلمەپتۇ! بۇ ئىشلارغا زادىلا ئەقلىم يەتمەيتتى.

ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۇ ياشتا قانداقمۇ بىلەلەيتتىم؟
[ atlaghsan تەرپىدىن 2008-05-24 16:17 قايتا تەھرىرلە ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى ajrim تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-23 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(Ay~chiwar) بارىكاللا نا ..
  • شۆھرەت:+10(manggutax) ياخشى ماقالە
  • http://mtv.diyarim.com
    ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-23 17:38 [باش يازما]
    atlaghsan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28587
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 15
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    دەسلەپكى كۈزىتىشلىرىم

    بۇ ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشىم ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇشۇم كىرەكلىگىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە كېلىپ سىستېمىلىق بىلىم ئېلىپ چىقىشىم كىرەكلىگىنى ھېس قىلدىم.
    مېنىڭ مىجەز- خاراكتىرىمغا قاراپ، دادام، بۇ ئوغلۇمدا كلاسسىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا پەقەتلا ئىقتىدارى يوق ئىكەن، دېگەن خۇلاسىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، ماڭا مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ، كەسىپى مەكتەپ ئىدى. دادام مېنىڭ رەسىملەرنى بەكلا ئاسان ۋە چىرايلىق سىزالىشىمغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، بۇ قارارغا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىدى. ئاۋۇسترىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە بۇنداق تېمىلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغانلىغىنى، ھەتتا كۆپ ھاللاردا بەكلا سەل قارىلىدىغانلىغىنى تىلغا ئالاتتى. بەلكى ئۇنىڭ جەمىيەت ھاياتىنىڭ ئەسلىمىلىرى بىرەر ئەمىلىي قىممىتى بولمىغان ”ئىنسانىيەتلىك“ تىن ئۇنى بەكلا ياتلاشتۇرىۋەتكەنلىگىدىن بولسا كىرەك، مېنىڭ بۇ تۈردىكى قىزىقىشلىرىم ئۇنى پەقەتلا قىزىقتۇرمايتتى. ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ ھەققىمدە ئاللىمۇ قاچان بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىدى: ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىر مەمورى كادىر بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ جاپا ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق دەۋىرلىرى، تەبىئى ھالدا ئۇنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئۇتۇغى تىنماي پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىگىنىڭ مىۋىسى ئىدى. دادام، ئۆزىنى بۇ شەكىلدە يېتىلدۈرۈپ چىققانلىغىدىن مەغرۇرلىناتتى. شۇڭا، مېنىڭ ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلىشىمنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا تېخىمۇ ئىستىقباللىق بىر ئىش بىلەن شوغۇللىنىشىمنى ئويلايتتى. ئۇ بۇ ئىشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرەتتى. ئوغلىنىڭ يوقۇرى مەۋقەلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئالاھىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى.
    دادام، پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان كادىرلىق ئورنىغا ئېرىشتۈرۈش ئارزۇسىنى مېنىڭ رەت قىلىۋىتەلىشىمنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايتتى. ئۇنىڭ قارارى بەكلا ئېنىق، كەسكىن ۋە ئۇنىڭچە بولغاندا بۇنداق قارارغا كېلىشى بەكلا نورىمال ھىساپلىناتتى. جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش جەريانىدا بويرۇق بەرگۈچى بىر مىجەزنى يېتىلدۈرۈپ چىققان دادام، بۇنداق قارار ئېلىش ئىشنى ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان، مەسئولىيەت دېگەننىڭ نېمىلىگىنىمۇ بىلمەيدىغان مېنىڭدەك بىر بالىسىنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ قويالمايتتى، ئەلىۋەتتە. ئوغلىنىڭ ئىستىقبالىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم ئىش بولغاچقا، قىلچە بوش قويىۋەتمەي، نەق بىر ئاتا مەسئولىيىتى بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇشقان ئىدى. بۇ ئىشتا كۆرۈلۈشى ئېھتىمالى بولىدىغان ھەرقانچە ئۇششاق بىر سەل قاراش ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مىجەزى بىلەن زادىلا سىغىشالمايتتى.
    دادام شۇنچە ئەھمىيەت بەرگىنىگە قارىماي، بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كېتىپ قالىدۇ.
    ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم – ئەندىلا ئون بىر ياشقا قەدەم بېسىۋاتقان بىر بالا بولۇشۇمغا قارىماي – دادامغا قارشى ئۆكتىچىلىك تەرىپىنى ئالغان ئىدىم. دادا بولغۇچى لايىھىلەپ چىققان پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانچىكى چىڭ تۇرسا، ئۇنىڭ ئوغلى بولغان مەنمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بىر پىكىرنى رەت قىلىشتا ئەڭ كامىدا دادامچىلىك جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ تىركەشمەكتە ئىدىم:
    «مەمورى كادىر بولۇشنى ھەرگىزخالىمايمەن.»
    نەسىھەت قىلىشلار، قاتتىق مۇئامىلىلەرنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ تىركىشىشلىرىمگە توسالغۇلۇق قىلالمايتتى. ياق! مەمورى كادىرلىقنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھەرگىز كادىر بولمايمەن! دادام مېنىڭدە كادىرلىققا بولغان قىزىقىش بىلەن كادىرلىق تەييارلىغىنى يارىتىمەن دەپ ئۆزىنىڭ كادىرلىق ھاياتىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ بىكاردىن- بىكارغا ئاۋارە بولاتتى. مەن بولسام كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزەمنى غۇۋا يۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئىشخانىدا قامىلىپ ئولتۇرۇشۇمنى، ۋاقتىمنى خالىغانچە پايدىلىنالمايدىغانلىغىمنى، پۈتۈن ئۆمۈرۈمنى بىر مۇنچە دەپتەر- جەدۋەللەرنى تولدۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىغىمنى ئويلىسام، بۇ كادىرلىق ئىشىدىن پۈتۈنلەي يىرگىنىپ كىتەتتىم.
    راستىنى دېسەم، كۈچلۈك، بەستلىك بولمىغان مېنىڭدەك بىر بالىدا بۇنداق ھەرىكەتلىرىمنىڭ قايسى خىل خىياللارغا سۆرەپ كىتىدىغانلىغىنى قىياس قىلماق تەس ئەمەس ئىدى. مەكتەپتىكى دەرىسلىرىم ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىش كەتمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا، بىر يەرگە قامىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا سىرتلاردا، ساپ ھاۋالىق يەرلەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزەتتىم. بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلىرىم «بۇ ھىتلېر دىگەن كىشى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە نېمە ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكەزگەن بولغىيدى؟» دېيىشىپ، يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بالىلىق كەچۈرمىشلىرىمنى چۇخچىلاپ يۈرۈپ، مېنىڭدە ئۇ بەخىتلىك بالىلىق كۈنلىرىمنى قايتىدىن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىۋېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەنلىگى ئۈچۈن، تەڭرىگە رەخمەت ئېيتىمەن. ئۇ دەۋىرلەردە سەيلى قىلىش ئۈچۈن ئايلىنىپ يۈرىدىغان چاتقاللىقلار بىلەن ئورمانلىقلار، پۈتۈن چۈشۈنۈشسىزلىكلەر بىلەن بارلىق ئىچ پۇشۇقلىرىمنى پاك- پاكىزە تازىلىۋىتەتتى.
    كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشۇم، مېنىڭ كۈندىلىك قىزىقىش جەدۋىلىمنى ئۇنچە بەك ئۆزگەرتىۋىتەلمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ۋاقىتتا باشقا بىر ئىش بىلەن تۇتۇشۇشقا مەجبور بولغان ئىدىم. دادامنىڭ مېنى كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئارزۇسى بىلەن، مېنىڭدىكى بۇ كەسىپكە قارشى چىقىشىم ئۆيدىكىلەر بىلەن زىتلىشىپ قېلىشىمغا سەۋەپ بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىپ كىتەلەيتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ شەخسى قاراشلىرىمنى يوشۇرۇپ يۈرىشىم، شۇنداق قىلىپ ئىزچىل تۈردە زىتلىشىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىپ قالالالىشىم مۇمكىن ئىدى. كادىر بولماسلىق توغرىسىدىكى پىكىرىم ئېنىق بولۇپ، بۇنداق كەسكىن بىر پىكىرگە كىلەلىگەنلىگىمدىن خوشال بولاتتىم. ئەمما دادام ئۆز پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مېنى تەجرىبە قىلىشقا كىرىشىشى بىلەن، بۇ ئىش بەكلا نازۇكلىشىشقا باشلىدى. بۇ ئىش قانداق روي بەرگەنلىگىنى ئەسلىيەلمىسەممۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە رەسسام بولۇشۇم كېرەكلىكىگە ئىشەنگەن ئىدىم. مېنىڭ رەسىم سىزىش قابىلىيىتىمگە گەپ كەتمەيتتى. دادامنىڭ مېنى كەسىپى ئوتتۇرار مەكتەپكە بېرىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرسى مېنىڭ رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىم بولسىمۇ، ئەمما بۇ قابىلىيىتىمنى يېتىشتۈرۈپ رەسمى بىر رەسسام بولۇپ چىقىشىمنى خالىمايتتى. ھەتتا بۇنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرسىنى ئويلايتتى. مەن دادامنىڭ خىيالىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە نىمە بولۇشنى ئويلايسەن دەپ سورىدى. بۇ ھەقتە ئاللىمۇقاچان بىر قارارغا كېلىپ بولغىنىم ئۈچۈن، دەرھال جاۋاپ بەردىم. دادام، ھەيران بولغانلىغىدىن قېتىپلا قالدى.
    - رەسسام بولىمەن دېدىڭمۇ؟ يەنى بىر سەنئەتكار بولىمەن دىمەكچىمۇسەن؟
    دادام مېنىڭ جاۋابىمدىن ئەقلىمنىڭ جايىدا بولۇپ- بولمىغانلىغىدىن ياكى توغرا ئاڭلىغان- ئاڭلىمىغانلىغىدىن گۇمانلىنىپ، بەلكىم خاتا ئاڭلىۋالغان بولسام كېرەك دەپ ئويلايتتى. ئەمما بۇ ھەقتىكى مېنىڭ تەپسىلى ئىزاھاتىمنى ئاڭلىغىنىدىن كېيىن، بۇ جاۋابىمنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىگىنى بىلدى- دە، دەرھال كۈچلۈك قارشى چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قارارى بەكلا ئېنىق ئىدى، مېنىڭ ئەمەلىي قابىلىيىتىمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئېھتىماللىقلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەھمىيەت بەرمەيتتى:
    «رەسسام بولۇش- ھە؟ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!»
    ئەمما ئوغلىنىڭ دادىدىن يۇقتۇرۇپ ئالغان مىجەزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز پىكىرىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىۋېلىش مىجەزمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ بەرگەن جاۋابىممۇ دادامنىڭكىدەك كۈچلۈك ۋە كەسكىن ئىدى.
    دادام بىلەن ئىككىمىزلا ئاخىرقى نوقتىغا كېلىپ قالغان ئىدۇق. دادا بولغۇچى ياق دېدىمۇ، بولدى. ئۇ بۇ قارارىدىن ھەرگىزمۇ يانمايتتى. ئۇنىڭ ئوغلى بولغان مەنمۇ تىركىشىشتىن يانمىغان ئىدىم. ئەسلىدە بۇنداق كېلىشەلمەسلىك بەكلا كۆڭۈلسىز بىر ئىش ئىدى. غورۇرلۇق كىشى بولغان دادامنىڭ كۆڭلى بەكلا رەنجىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك مەنمۇ بۇ ئىشتا دادامنى رەنجىتكىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇنداق قىلىپ، دادام مېنىڭ رەسىم سىزىش ئىشىمنى چەكلىۋەتتى. بۇنىڭغا جاۋابەن مەنمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ، ئۇنداقتا مەن مەكتەپكە بارمايمەن دەپ تۇرىۋالدىم. تەبىئىي ھالدا، بۇنداق نارازىلىق بىلدۈرۈشتە مەغلوپ بولىدىغىنى يەنىلا مەن بولاتتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ غورۇرلۇق كىشى باشقا ھەرقانداق گەپ تالىشىشىمغا يول قويماستىن، ئۆزىنىڭ ئاتىلىق مەۋقەسىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن رەسمى ئىشقا كىرىشتى. بۇ ھالغا كەلگىنىدىن كېيىن، مەنمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۈن چىقارماي جىم تۇرىۋېلىشقا مەجبور بولدۇم. شۇنداقتىمۇ مەكتەپتىن قاچىمەن دەپ تەھدىد سېلىشتىنمۇ چېكىنمىدىم. كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمدا مەيلى خالاپ ياكى خالىماي بولسۇن، قىلچىمۇ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگىنىمدە، دادامنىڭ مېنى ئارزۇيىمدىكى بەختىيارلىققا ئېرىشىشىم ئۈچۈن ئىختىيارىمغا قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
    بۇ پەرىزىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ- ئاشمايدىغانلىغىنى بىلمەيتتىم. ئەمما مېنىڭ مەكتەپتە ئالغان نەتىجىلىرىم كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلىشىپ كېتىشكە باشلىدى. مەكتەپتە قىزىققان ۋە كەلگۈسىدە رەسسام بولغىنىمدا پايدىسى بولىدۇ دەپ قارىغان مەزمۇنلار ئۈستىدە كۆپىرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتىم. مېنى قىزىقتۇرمىغان، زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىغان دەرسلىرىمگە بىلىپ تۇرۇپ تىرىشمايتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئالغان دەرىس نەتىجىلىرىمدە قىزىققان دەرسلەر پەۋقۇلئاددە يوقۇرى، قىزىقمىغان دەرسلىرىمدە بولسا بەكلا ناچار نومۇرلارنىمۇ ئېلىشقا باشلىدىم. «ياخشى» ۋە «ئالاھىدە ياخشى» دىگەن نومۇرلار بىلەن بىرلىكتە «ئورتا» ھەتتا «ناچار» دىگەن نومۇرلارنىمۇ ئېلىپ قالاتتىم. ئەڭ نەتىجىلىك بولغان دەرسلىرىمدىن تارىخ ۋە جوغراپىيە دەرسلىرى بار ئىدى. بەكلا قىزىقىدىغان بۇ دەرسلىرىمدە سىنىپنىڭ ئەڭ ئەلاچىلىرىدىن بىرى ئىدىم.
    شۇنچە يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇ يىللارنىڭ ھىساپ- كىتاۋىنى قىلىپ كۆرگىنىمدە، مۇنداق ئىككى مۇھىم خۇلاسىنى چىقىرىمەن:
    1. مىللەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان بولدۇم؛
    2. تارىخنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇرلاپ كىرىشنى ئۆگۈنىۋالغان بولدۇم.
    كونا ئاۋۇسترىيە كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت ئىدى. بۇنداق بىر دۆلەتتە، ھەرقايسى مىللىي تەركىپلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە بىرەر نەرسە بىلىش بەكلا مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى. فرانسىيە- گېرمانىيە ئۇرۇشىدىكى شۆھرەتلىك نېمىس ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىلىك سەپەرلىرىدىن كېيىن، نېمىسلار چېگراسىنىڭ يېنىدىكى نېمىسلارنى كۈنسايىن ئۇنۇتۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەيتتى ياكى ئاسانلىقچە چۈشىنىپ كېتەلمەيتتى. ھېچكىم ئاۋۇسترىيىدە نېمىس تىلىنىڭ، نېمىسچە مەكتەپلەرنىڭ غالىپ كېلىشلىرى ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە كۈرەش قىلىشقا مەجبورلىنىۋاتقانلىغىنى مەڭگۈ ئېسىگە كەلتۈرۈشمەيتتى.
    بولۇپمۇ ئاۋۇسترىيىلىك نېمىسلار ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا ھەر دائىم كۈچىدىن مەھرۇم بولىۋاتقان بىر خاندانلىق بىلەن ساپ بىر مىللەتنى ئاسانلا بىر- بىرسى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋىتەتتى.
    شۇنىڭدەك يەنە ئاۋۇسترىيىلىك نېمىسلار ئۆتمۈشىدە 52 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقالىغان ئەڭ ئېسىل ئىرقلاردىن بىرسى ئىدى. ھەتتا گېرمانىيىمۇ ئاۋۇسترىيىنى تولۇق بىر نېمىس دۆلىتى دەپ ھېساپلىشاتتى. بۇ، رۇشەنكى چوڭ بىر خاتالىق ئىدى. بەكلا چوڭ بىر خاتالىق ئىدى! ئەمما بۇنداق كۆرۈنۈش، بۇ شەرقىي نېمىس ۋىلايىتىدىكى ئون مىليون نېمىسىنىڭ ئۇلۇغلىغىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى. ئاۋۇسترىيىدە نېمىس تىلىنىڭ نېمىسچە مەكتەپلەردە ھاكىم ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈش، ئاۋۇسترىيىلىكلەرنىمۇ تولۇق نېمىس ھالىتىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز كۈرەش قىلىشقا مەجبور قېلىۋاتقانلىغىنى گېرمانىيىدە بەكلا ئاز كىشى بىلەتتى.

    داۋامى بار
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-23 17:54 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    atlaghsan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28587
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 15
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۈگۈنكى كۈندە رېيچ گېرمانىيىسىنىڭ سىرتىدا قالغان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئېھتىياجىنى ھېس قىلىشىپ، ئورتاق ۋەتەن سېغىنىشى ئىچىدە پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇلارغا تەلپۈنۈپ ياشىماقتا، ھېچ بولمىغاندا ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. ئۇلار مۇنۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چۈشىنىشكە باشلىدى: «ئىرقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش».
    بۇ ئىش شۇنداق بىر تەتۇر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغانكى، رېيچ گېرمانىيىسى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىلىرى بىلەنلا بولۇپ كەتكەن، ئەمما يىنىدىكى ئۆزى بىلەن بىر قان قېرىنداشلىرىغا پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمەي كېلىۋاتاتتى. ئۇ يەرلەردە نېمىس تىلىنىڭ كۈنسايىن تار بىر يەرگە قىستاپ قويۇلىۋاتقىنىغا قىلچىلىكمۇ دىققەت قىلماي كەلمەكتە ئىدى.
    ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە ۋە ھەر بىر كۈرەشتە كۆرۈلگىنىدەك، كونا ئاۋۇسترىيە تىللىرى ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتتىمۇ مۇنداق ئۈچ خىل كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىدى: كۈرەش قىلىدىغانلار، يۇمشاقباشلىق قىلىدىغان موتىدىللەر ۋە خائىنلار.
    مەن ئوقۇۋاتقان ئۇ مەكتەپتىمۇ ئەھۋال شۇنداق ئىدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ كەسكىن كۈرەش، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان، ئوقۇتىدىغان يەرلەردە روي بېرىدۇ. بۇ كۈرەشلەرنىڭ ئەسلى مۇدداسى ئۆسمۈرلەرنى ئۆزىگە قارىتىش بولۇپ، بۇ كۈرەشنىڭ تۇنجى چاقىرىغىنى ئەنە شۇلارغا قارىتىش كېرەك ئىدى:
    «ھەي نېمىس ئوغلانى، بىر نېمىس ئىكەنلىگىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما!»
    «ھەي نېمىس قىزى، يېقىندا بىر نېمىس ئانىسى بولىدىغانلىغىڭنى ئويلان!»
    ياشلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغانلار، بۇنداق بىر چاقىرىقنى ئەڭ كۈچلۈك قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلاپ قايىل بولىدىغانلارنىڭ ئەنە شۇ ياشلار بولىدىغانلىغىنى بىلىدۇ. ياشلار بۇ كۈرەشنى ئۆز ئۇسلۇبى ۋە ئۆز قۇراللىرى بىلەن، بۇ كۈرەشكە مىڭ بىر خىل تۈس بېرىپ داۋاملاشتۇرىدۇ: ئۇلار چەتئەل ناخشىلىرىنى ئېيتىشمايدۇ؛ نېمىس شان- شۆھرىتىنى ئۇنۇتقۇزۇپ يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانچە ھەپىلەشسە ھەپىلەشسۇن، ياشلىرىمىز بۇ مىللىي شۆھرىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە جوشقۇ بىلەن قوغداشقا تىرىشىدۇ؛ چوڭلارنىڭ قاتنىشىدىغان ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن يانچۇقلىرىدىكى خەجلەيدىغان پۇللىرىنى تىجەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىدۇ؛ دىن تارقىتىش نىقاۋى ئاستىدىكى چەئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىگە قارىتا ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولالايدۇ ۋە ئۇلارغا قارشى چىقىشقا تەييار تۇرىدىغان بولىدۇ. تاقاش چەكلىۋىتىلگەن ئۆز مىللىتىگە خاس ئىزنەك- بەلگىلىرىنى تاقاپ يۈرەلەيدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن جازالىنىشتىن، ھەتتا تاياق يېيىشتىنمۇ مەغرۇرلىنىدىغان، ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدىغان بولىدۇ. ياشلار چوڭلارنىڭ كىچىك بىر ئەكس ئېتىشى بولۇپ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلھامغا ئىگە. ئۇلارنى چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قوزغىتىش ۋە تەشكىللىگىلى بولىدۇ.
    كونا ئاۋۇسترىيە مىللەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇنداق كۈرەشلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتى ماڭىمۇ نېسىپ بولغان ئىدى. جەنونى مانشى ۋىلايىتى بىلەن مەكتەپلەر ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىئانە يىغاتتۇق، گۈل- چىچەك ۋە قارا، قىزىل، سېرىق، رەڭلەر بىلەن روھلىنىپ كېتەتتۇق، «خېىل – ياشىسۇن!» دەپ توۋلىشاتتۇق، پاش قىلىنىش ۋە جازالىنىشلاردىن قورقماي، ئىمپىرىيە مارشىنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ سۆيۈملۈك «دوتچلاند – گېرمانىيە مارشى» مىزنى ئېيتىشاتتۇق. مىللىي دەپ ئاتىشىۋالغان بىر دۆلەتنىڭ تەركىۋىدىكى ئىرقلار ھەققىدە گەپ بولغىنىدا، سۆزلىشىدىغان تىللىرىدىن باشقا ھېچ نېمىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۇ دەۋىرلەردە، ياشلار سىياسىي جەھەتتە ئەنە شۇنداق يېتىشتۈرۈلمەكتە ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، مەن ھېچقاچان بىر ”مۇلايىم“ بولۇپ يېتىشىپ چىقمىدىم دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. ئۇزۇن ئۆتمەي قىزغىن بىر ”مىللەتچى نېمىس“ بولۇپ يېتىلىشكە باشلىدىم. ئەمما مىللەتچى دېگىنىمدە، بۇگۈنكى كۈندە شۇ ئىسىمنى قويىۋالغان پارتىيىنىڭ چۈشەنچىلىرىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان بىر مىللەتچىلىك ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ مېنىڭدە ئىزچىل بىر يېتىلىش ۋە يۈكسىلىش بارلىققا كەلمەكتە ئىدى. ئون بەش ياشقا كىرگىنىمدە خاندانلىق پۇخرالىغى بىلەن ئىرق مىللەتچىلىگى ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى چۈشىنىشكە باشلاپ، پۈتۈنلەي مىللەتچىلىك تەرىپىگە ئۆتكەن ئىدىم.
    ھابسبوۋرگ پادىشالىق تۈزۈمىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ئاۋارىچىلىقىغا چىدىمايدىغانلار، بۇنداق بىر يولنى نېمىشكە تاللىۋالغانلىغىمنى ھەرگىزمۇ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ مەكتەپلىرىدە پەقەت ئومۇمىي دۇنيا تارىخىنىلا ئىگەللىگىلى بولاتتى. راس دېگەندەك، ئاۋۇسترىيىنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر تارىخى بارمىدىكى؟ بۇ دۆلەتنىڭ تەغدىرى نېمىسلىكتىن كەلگەن ھەربىر ئىش ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچىلىك باغلىنىپ قالغانكى، نېمىس تارىخىدىن مۇستەقىل بىر ئاۋۇسترىيە تارىخىنى تەسەۋۋۇر قىلماق ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، گېرمانىيەنىڭ ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كېتىشى، ئەسلىدە نېمىس تارىخىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى دېمەكتۇر.
    ۋىېنادا ئاتاقتىكى كونا پادىشالىقنىڭ دەبدەبىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ھەربىر بەلگە، مەڭگۈلۈك بىرلىكنىڭ كاپالىتى بولۇپ كۆرىنگىنىدىن باشقا، بۇ پادىشالىقنىڭ تاشقى قىياپەتنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس.
    ھابسبوۋرگ خاندانلىغىنىڭ يىمىرىلىدىغان كۈنلىرىدە، ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرىدا ئۆزلىرىنى ئانا ۋەتەن توپراقلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدە كۆمۈلۈپ ياتقان بۇنداق ئورتاق تەلەپنى ئۇيغۇتۇش ئىشىنى يالغۇز تارىخ تەربىيىسى ئارقىلىقلا ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۇمكىن. تارىخ، مەڭگۈ قۇرىماس بىر بۇلاق بولۇپ، ئەمەلى شارائىتلارغا قاراپ بەزىدە ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ، بۇغۇق بىر ئاۋاز بىلەن يېڭى بىر ئىستىقبالنى تىنماي پىچىرلاپ تۇرغان بولىدۇ.
    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ مەكتەپلەردىكى دۇنيا تارىخى ئوقۇتۇلۇشىنى يەنىلا ياخشى دەپكەتكىلى بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار تارىخ ئوقۇتۇشتىكى مەقسەتنىڭ يالغۇز ئاي- كۈنلىرىنى ۋە ۋەقەلىكلەرنى ئۆگۈتۈشتىن ئىبارەت دەپ قاراشماقتا. بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئالغاندا بىرەر ئۇرۇشنىڭ قايسى يىلى، قايسى ئايلاردا باشلىنىپ قايسى كۈنلەردە تاماملانغانلىغىنى ئۈگنىشى ياكى قايسى بىر مارشالنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى، قايسى بىر بىر پادىشاھنىڭ تەختكە چىقىپ تاج كىيگەن ۋاقتىنى نەق ئاي- كۈنلىرى بويىچە يادلىۋالغىنىنىڭ قىلچىمۇ پايدىسى يوق. تارىخ ئوقۇشى، تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئەسلى سەۋەپلەر بىلەن ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن نەرسىلەرنىڭ نېمىلىگىنى بىلىۋېلىش ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىش بولىشى كېرەك.
    ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىش ماھارىتى دېگىنىمىزدە شۇنى كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك: ئاساسىي مەزمونلارنى ساقلاپ قېلىپ، جەريانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.
    تارىخ دەرسى بىلەن ئىمتىھانلاردا، بۇ دەرسنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان بەك كام ئۇچۇرايدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغىنىم مېنىڭ ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتتى دېيىشىم مۇمكىن. بەلكى بۇ سەۋەپتىن پۈتكۈل ھاياتىمدا يول كۆرسەتكۈچلۈك رول ئويناش ۋە ياش ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا بىر ئىنقىلاپچى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە يىتەكچى رول ئوينىدى دىيەلىشىم مۇمكىن. بۇ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچۇم لېنزدىكى كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور لىئوپولد دوېتش ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز ھېسىياتچان، كەسكىن ۋە ئاق كۆڭۈل بىر بوۋاي ئىدى. ئۇ جوشقۇنلۇق نوتۇقلىرى بىلەن بىزنى سىھىرلەپ، بىزنى بۇ رىئال دۇنيادىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۆتمۈش ئەسىرلەرنىڭ تۇمانلىق يىللىرى ئىچىگە يىتەكلەپ، ئۇ دەۋىرلەردە كۆمۈلۈپ قالغان بىر قانچە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى تەسۋىرلەپ بىزنى ھاياجانلاندۇراتتى. بىزنى تارىخنىڭ ئۇ سىرلىق دۇنياسىغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرغان ئۇ ئوقۇتقۇچىمىزنى تا بۈگۈنگىچە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاۋاتقىنىمىزدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىگىنى سەزمەيلا قالاتتۇق. ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنىڭ تەسىرىدە قەلبىمىز يورۇپ، كۆزلىرىمىز ياشقا تولۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى، بۇ ئوقۇتقۇچىىز تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشى بىلەن بىرگە، تارىخىي ھادىسىلەر ئىچىدىن ساۋاق ئېلىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بۈگۈن ئۈچۈنمۇ تەدبىقلاپ بېرەلەيدىغانلىغى ئىدى. بۇ مۇئالىمىمىز تارىختىكى ۋەقەلىكلەرنى ھەممىدىن بەك تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ بەرگەچكە، بىزمۇ پەۋقۇلئاددە سۈكۈنەت ئىچىدە ئاڭلاپ كىتەتتۇق. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز مىللەتچى ھېسىياتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزنى تەربىيەلەش، ۋە ئىنتىزامچان بولۇشقا يىتەكلىيەلەيتتى. نەتىجىدە ئۇ، ئۆزىنىڭ پىلانلىغان دەرس پروگراممىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايتتى.
    ئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىم، تارىخ دەرسىنى ئەڭ بەك سۆيىدىغان دەرسلىرىمدىن بىرىگە ئايلاندۇرغان ئىدى.
    بۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنى سۆيىدىغان، ئۇنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن بىرسى، گېرمانىيە تارىخىنى ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقۇغان بىر ئادەم، مىللىتىنىڭ تەغدىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكىدەك رەزىللىكلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان بىر پادىشالىققا ئۆچمەنلىك قىلماي، ئۇنىڭغا قارشى چىقماستىن جىم تۇرالارمۇ؟ ئۆتمۈشىدە ۋە ھازىرمۇ ھەر ۋاقىت خىيانەتكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ پەسكەش مەنپەئەتىنى نېمىس مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە دەسسىتىۋالغان بۇنداق بىر پادىشالىققا كىممۇ سادىق پۇخرا بولالايدۇ؟
    بىز مىللەتچى ياشلار، ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنىڭ نېمىسلارغا قىلچىمۇ مۇھەببتى يوقلىغىنى، بولۇشىنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلمەسمىدۇق؟
    بۈگۈن روي بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، تارىخنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن ئاۋۇسترىيە خاندانلىقى بولغان خابسبوۋرگلارنىڭ قىلىۋاتقان رەزىللىكلىرىنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە، خالاس. جەنوپ ۋە شىمالدا ياتلارنىڭ زەھىرى مىللىتىمىزنىڭ ئەقىللىرىنى بۇلغىماقتا، ۋىېنانىمۇ ھەر كۈنىسى نېمىسلىكتىن مەھرۇم قىلىپ، بارغانسىرى نېمىسلىكتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان بىر شەھەر ھالىغا كەلتۈرمەكتە. بۇ قەدىرلىك ئاۋۇسترىيە خاندانلىقى، ھەر پۇرسەتتە چېخلارنىڭ پايدىسىغا ھەرىكەت قىلىشتىن نومۇس قىلماس ھالغا كەلمەكتە. ئاۋۇسترىيىنىڭ ئىسلاۋىيانلاشتۇرۇلۇشىنى گراندۈك- شاھىنشاھ فرانز فېردىناند قوللاپ قۇۋەتلىمەكتە ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇ، ئۆزى ئېرىتىپ بىرگە قۇيۇپ چىققان ئوقلار بىلەن يەنە شۇ ئىسلاۋىيانلار تەرىپىدىن ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋېتىلدى. ئاۋۇسترىيىنى يوقۇرىدىن تۈۋەنگىچە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىسلاۋىيانلاشتۇرۇش ئىشىغا بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان كىشى بۇ شەھىنشاھ ئەمەسمىدى؟
    نېمىس خەلقىنىڭ ئۈستىگە ئارتىلغان تۆلەم قەرزى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بىر قەرز ئىدى. ئۇلاردىن تەلەپ قىلىنغان پۇل ۋە قان پىداكارلىغى دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان زومىلىق بولۇپ، ھەتتا قارغۇلارمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ ناھەقچىلىك بولىشىنى كۆرۈپ يېتەلەيتتى. بۇ ئىشنىڭ بىز ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر تەرىپى شۇ ئىدىكى، خابسبوۋرگلارنىڭ بىزگە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتى ئۇلارنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغىنى سەۋەپلىك يوشۇرۇپ قېلىنماقتا ئىدى. گېرمانىيىمۇ كونىراپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن بۇ مۇنارخىيەدە گېرمانىزىمنىڭ ئەنە شۇنداق ئاستا- ئاستا ۋەيران بولۇشىنى تاماشا قىلىشماقتا ئىدى. سىرتقا قارىتا ساتقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ئاۋۇسترىيىنىڭ بىر نېمىس دۆلىتى ھالىتىدە ساقلىنىپ قالغانلىغى، ئىمپىرىيە سارىيىنىڭ بولسا ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان، قىساس ۋە ئۆچمەنلىك ھىسىياتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىق ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا ئىدى.
    بۇ ھادىسىلەرنى كۆرەلمەيۋاتقان، بىلەلمىگەنلەر يىگانە گېرمانىيە رېىچ دائىرىلىرىلا ئىدى. ئۇلار گويا قارغۇ ئادەمدەك ئۆلگەن بىر جەسەتنىڭ ئەتىراپىدىن نېرى كىتىشەلمەي، چىرىگەن سۈڭەكلەر ئىچىدە قايتا تىرىلىشنىڭ ئىشارەتلىرىنى ئۇچۇراتقانلىقى، ھەتتا جەسەتنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرەلىگەنلىكلىرىگە ئۆزلىرىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشاتتى.
    ياش بىر رېىچ بىلەن ئەرۋاھ ھالىتىدىكى ئاۋۇسترىيە دۆلىتى ئوتتۇرسىدىكى بۇ تەلەيسىز ئىتتىپاقلىقتا دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ۋە ئۇرۇش سەپلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئۈندۈرمىلىرى ساقلانماقتا ئىدى.



    بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېيىنكى قىسىملاردا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ توختىلىپ ئۆتىمەن. ھازىرچە شۇنچىلىگىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەنكى، ياشلىق دەۋرىمنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ بەزى ئاساسلىق قاراشلارغا ئېرىشكەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا بۇ قاراشلىرىمنى تىنماي مۇستەھكەملەپ ماڭدىم. بۇ قاراشلىىم تۈۋەندىكىلەر ئىدى:
    — نېمىس ئىرقىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئاۋۇسترىيىنىڭ يىمىرىلىشىغا باغلىق ئىدى.
    — مىللىي ھېسىياتلار بىلەن بىر خانىدانلىققا تەۋەلىك ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق ئىدى.
    — خابسبوۋرگ سارىيى نېمىس مىللىتىگە ئاپەت تەييارلىماقتا ئىدى.
    ئۇ يىللاردىن باشلاپ، بۇ قاراشلىرىمنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى سۈپىتىدە مەندە مۇنداق بىر تۇيغۇ قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى: ۋەتىنىم بولغان نېمىس ئاۋۇسترىيىسىگە كۈچلۈك بىر ئاشق، ئەمما ئاۋۇسترىيە دۆلىتىگە قارىتا چوڭقۇر بىر نەپىرەت ۋە دۈشمەنلىك.
    داۋامى بار
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-23 17:55 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    atlaghsan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28587
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 15
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنقىلاۋىي ھىسىياتلىرىم

    شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدا ۋە مەكتەپتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇ نەتىجىلىرىم ئاساسىدا، دۇنيا تارىخى مېنىڭ پكىرلىرىمنىڭ ھۇلىغا ئايلىنىپ، سىياسىي پىكىرلىرىمگە ھەرۋاقىت پايدىسى تېگىدىغان، ئشلىرىمنى راۋانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان بىلىم غەزىنىلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ بىلىملەرنى مەن ئۆگۈنىدىغان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ بىلىملەر ماڭا ئۆگۈتىدىغان ۋە مېنى يېتىشتۈرىدىغان ئوقۇتقۇچۇم بولۇپ قالدى.
    مەن ياش تۇرۇپلا ئىنقىلاپچى بولۇپ يېتىلىش بىلەن قالماي، ئۇزۇنغا قالماي سەنئەت ساھەسىدىمۇ بىر يېڭىلىقچى بولۇپ يېتىلىشكە باشلىدىم.
    ئۇ يىللاردا ئۈستۈنكى ئاۋۇسترىيىنىڭ مەركىزىدە بىر تىياتىرخانا بولۇپ، ئۇنىڭدا پات-پات خېلىلا سەۋىيىلىك ئويۇنلار قۇيۇلۇپ تۇراتتى. ئون ئىككى ياش ۋاقتىمدىلا ئۇ يەردە تۇنجى قېتىم گىيوم تەلنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ھاياتىمدا كىرگەن تۇنجى ئوپىرا – لوھېنگرىن ئوپىراسىنى كۆردۈم. ئوپىرا باشلىنار- باشلانمايلا ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. تالانت ئىگىسى بايرېئۇتقا قارىتا ھېس قىلغان ھاياجېنىم بىلەن ئۇنىڭغا بولغان مەپتۇنلۇغۇمنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. شۇ كۈنلەردىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مېنى باشقىلاتىن ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. كىچىككىنە بىر ۋىلايەت شەھىرىدە بۇنداق سۈپەتلىك ئۇيۇنلارنى كۆرەلىگەنلىگىم مېنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر تەلەي ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ماڭا تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىلىك ئوپىرالارنى كۆرۈپ چۈشىنەلىگىدەك ئىقتىدار يىتىلىشكە باشلىغان ئىدى.
    ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى – يەنى شۇ نانكور ياشلىق دەۋرىمنىڭ كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن تولغان ئۇ يىللاردا – دادامنىڭ مەن ئۈچۈن پىلانلاۋاتقان كەسىپىدىن پۈتۈنلەي سوۋۇتۇپ، مېنى ئۇ كەسىپكە تېخىمۇ ئۆچ قىلىۋەتكەن ئىدى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى بىر مەمورىي كادىر بولۇپ بەخىتلىك ھاياتقا ئېرىشەلمەيدىغانلىغىمنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلماقتا ئىدىم. رەسىم سىزىش قابىلىيىتىم كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئىسپاتلانغان ئىدى. بۇمۇ تاللىۋالغان يولۇمدىن يانماسلىغىم ئۈچۈن بىر كۈچ قوشماقتا ئىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ يالۋۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىشلىرىنىڭ ھېچ بىرسى كارغا كەلمىگەن ئىدى. ھەرگىزمۇ بىر مەمورىي كادىر بولۇشنى خالىمايمەن، چوقۇم بىر رەسسام بولۇپ چىقىمەن دەيتتىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەندە بىناكارلىق كەسىپىگە بولغان قىزىقىشمۇ تدرىجى شەكىللىنىشكە باشلىدى.
    ئۇ يىللاردا، بىناكارلىق كەسىپىنى رەسىم سەنئىتىنى تەكاممۇللاشتۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان بىر كەسىپ دەپلا ئويلايتتىم. شۇنداق قىلىپ سەنئەتكارلىق ساھەمنىڭ كېڭىيىپ بېرىۋاتقانلىغىدىن ئىچ- ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتىم. ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھەممە ئىشنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىغىنى، پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئەھۋالغا دۈچ كېلىدىغانلىغىمنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.

    ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش
    مېنىڭ كەسىپ تاللاش مەسىلەم كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئۆزلىگىدىنلا ھەل بولۇپ كەتتى:
    دادامدىن ئايرىلىپ قالغىنىمدا ئەندىلا ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن ئىدىم. دادام، ساپساغلام يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، قىلچە ئازاپلىق ھېس قىلمايلا بىزنى چوڭقۇر مۇسىبەت ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ بۇ ئالەمدىن ئايرىلدى. دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىدىن بىرسى، بۇ ئوغلىنى جەمىيەتكە چىققىنىدا دۈچ كېلىش ئېھتىمالى بولىدىغان جاپالاردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر كەسىپ ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىقا ياردەمچى بولۇش ئىدى. ئاخىرى بۇ ئارزۇسىغا يىتەلمەي ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، خالىماي ياكى بىلمەستىن بولسىمۇ ماڭا ئىستىقبال توغرىسىدا پىكىر قىلىش يولىنى مىراس قالدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھەر ئىككىمىزلا تولۇق ئىشەنچ قىلاتتۇق.
    دەسلەپكى كۈنلەردە، مۇنداق قارىغاندا كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلاتتى. ئاناممۇ مېنى تەربىيەلەشتە دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە يول تۇتۇشنى ئۆزىنىڭ مەجبورىيىتى دەپ ھىساپلايتتى. يەنى ئاناممۇ مېنىڭ مەمورىي كادىر بولۇپ چىقىشىمنى تىلەيتتى. مەن بولسام، ھەرگىزمۇ كادىر بولماسلىق ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ چىڭ تۇرماقتا ئىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرس سېتكىلىرى غايەمدىن يىراقلاشقىنىچە، مەنمۇ ئۇ دەرسلەرگە شۇنچە قىزىقمايدىغان بولدۇم. تۇيۇقسىزلا بىر قانچە ھەپتە داۋاملاشقان بىر كېسەللىككە گىرىپتار بولدۇم. بۇ ھادىسە، ئائىلەم بىلەن بولغان بارلىق زىدىيەتلىرىمنى ئۇنتۇلدۇرىۋەتتى. ئۆپكەمدە ئېغىر كېسەللىك پەيدا بولغان ئىدى. دوختۇر ئانامغا، كەلگۈسىدە قانداق بولىشىمدىن قەتئىي نەزەر مېنى ھەرگىزمۇ بىر ئىشخانىغا ئۇزۇنغىچە قاماپ قويىدىغان بىرەر ئىشقا سالماسلىقنى ئالاھىدە جىكىلەش بىلەن بىرگە، كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنى ئەڭ بولمىغاندا بىرەر يىل بولسىمۇ توختۇتۇپ تۇرۇشۇم ھەققىدىمۇ مەسلىھەت بەردى. شۇنداق قىلىپ، يوشۇرۇپ يۈرگەن ئارزۇلىرىمغا، قەتئى ۋاز كېچىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن غايىلىرىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىمكانىغا تۇيۇقسىزلا ئېرىشىپ قالدىم.
    كېسەللىكىم سەۋەپلىك، ئانام ماڭا كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ، بىرەر تېخنىكومغا كىرىپ ئوقۇشۇم ئۈچۈن رۇخسەت قىلدى.
    بۇ كۈنلەردە مەن يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىلار راسمۇ- يالغانمۇ دەپ بىلەلمەي، خوشاللىغىمدىن خۇدۇمنى بىلمەي يۈرەتتىم. ئەسلىدە، ئۇ كۈنلەردىكى خوشاللىقلىرىم راستىنلا بىر خىيال ئىكەندۇق. ئىككى يىلدىن كېيىن ئانامنىڭ ۋاپاتى مېنىڭ ئۇ تاتلىق چۈشلىرىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتتى.
    ئانام، ئۇزۇن داۋام قىلغان ئازاپلىق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدى. ئانام كېسەل بولغان دەسلەپكى كۈنلەردىلا ساقىيىش ئۈمىدىنىڭ يوق دىيەرلىك ئاز ئىكەنلىگىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. بۇ زەربە ماڭا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. مەن دادامنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتىم؛ ئەمما ئانامنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم.
    بۇ ئاچچىق ئەمەلىيەتلەر، مېنى دەرھال بىر قارارغا كېلىشىمگە ئۈندىمەكتە ئىدى. ئائىلىمىزنىڭ ئەسلىدىنلا ناچار بولغان ئىختىسادىي جوغلانمىلار، ئانامنىڭ ئېغىر كېسەللىگى جەريانىدا ئاساسەن پاك- پاكىزە دېگىدەك قۇرۇغدىنىپ كەتكەن ئىدى. يېتىملار يۇرتىنىڭ بەرگەن ياردەم پۇلى تۇرمۇشۇمنى قامداشقا زادىلا يەتمەيتتى. شۇڭا، نىمىلا بولمىسۇن بىرەر ئىش تېپىپ تۇرمۇشۇمنى قامداشقا مەجبور ئىدىم.
    بىر سومكىغا كېيىم- كېچەكلىرىمنى توشقۇزۇپ ۋىېناغا قاراپ سەپەرگە ئاتلاندىم. ئۆزەمگە تولۇق ئىشەنچىم بار ئىدى. بۇندىن ئەللىك يىل ئاۋال دادام ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئاتلانغان بۇ سەپىرىدىن ئۇتۇق بىلەن يانغان ئىكەندۇق. مەنمۇ ئۇنىڭ باسقان يولىدىن مېڭىپ، تىلغا ئالغىدەك بىر ”ئادەم“ بولىشىم كېرەك ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھەرگىز كادىر بولۇش نىيىتىدە ئەمەس ئىدىم.

    ئىككىنچى باب

    ئوقۇش ئۈچۈن ۋىېنادا كۆرگەن جاپالىق كۈنلىرىم
    ئانام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا كەلگۈسى ئۈچۈن بەزى پىلانلارنى تۈزۈپ قويغان ئىدىم. ئەسلىدە ئانامنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچلارغا كىرىپ قالغان كۈنلىرىدە، مەن ۋىېناغا بېرىپ گۈزەل سەنئەتلەر ئىنىستىتۇتىغا كىرىش ئىمتىغانىغا قاتنىشىپ كەلگەن ئىدىم. سىزغان رەسىملىرىمدىن بىر بولاقنى قولتۇغۇمغا قىستۇرۇپ ۋىېنا سەپىرىگە ئاتلانغان ۋاقتىمدا، بۇ ئېنىستىتۇتقا قوبۇل قىلىنىشىمدىن قىلچە گۇمان قىلمايتتىم. چۇنكى، كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىرە رەسىمچىسى ئىدىم. بۇ جەرياندا رەسىم سىزىش قابىلىيىتىم ئالاھىدە مۇكەممەللەشكەن ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۆزەمگە ئىشەنچىم كامىل بولغاچقا، ئۈمىدىم بەكلا يوقۇرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئەنسىرەيدىغان تەرىپىمنىمۇ يوق دېيىشكە بولمايتتى: رەسىم سىزىش جەھەتتە مەنزىرە سىزىشقا، بولۇپمۇ بىنا مەنزىرىلىرىنى سىزىشقا تېخىمۇ ئىقتىدارلىقتەك كۆرۈنەتتىم. بىناكارلىق سەنئىتىگە بولغان قىزىقىشىم، بۇ جەھەتتە ئىپادىلەنگەن زوۋقۇم تەبىئى ھالدا بارغانچە كۈچلىنىپ بارماقتا ئىدى. ئەندىلا ئون ئالتى ياشقا كىرگەن بولۇشۇمغا قارىماي، ئون بەش كۈن ئەتىراپىدا تۇرۇپ قالغان ۋىېنادا مېنىڭدىكى بۇ ھەۋەس تېخىمۇ كۈچلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىدى. خوفمۇزېئۇم رەسىملەر كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىشقا بارغىنىمدا، رەسىملەرگە دىققەت قىلماي يالغۇز بىنانىڭ گۈزەللىكلىرىنىلا كۆزۈتۈپ يۈرگەن ئىدىم. ھەر كۈنىسى ئەتىگەندىن تارتىپ تا كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈشكە تېگىشلىك چىرايلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ يۈرگەن ئىدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ بەك قىزىقتۇرغىنى يەنىلا بىنالار ئىدى. ئوپىرا بىناسى بىلەن پارلامېنت بىنالىرىنى تاماشا قىلىشتىن زادىلا زېرىكمەيتتىم. پۈتۈن رىنگستراس كوچىسى ماڭا گويا مىڭ بىر كىچە چۈچەكلىرىدىن ئېلىنغان بىر مۇزىيخانىدەكلا كۆرۈنەتتى.
    بۇگۈن، بۇ شەھەرگە ئىككىنچى قېتىم كىرىپ كېلىۋاتاتتىم. ئىنىستىتۇتقا قوبۇل قىلىنىش ئىمتىھانىدىن مۇتلەق تۈردە ئۆتەلەيمەن دەيدىغان ئىشىنچ ۋە مەغرۇرۇرلۇق ئىچىدە نەتىجەمنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم. ئىمتىھاندىن ئۆتەلەيدىغانلىقىمغا شۇنچىلىك ئىشەنچىم كامىل ئىدىكى، ... ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىگىمنى ئۇختۇرغىنىدا گويا بېشىمغا چاقماق چۈشكەندەك بولدۇم! ئەمما راستىنلا ئۆتەلمىگەن ئىدىم. كىرىپ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىنىستىتۇتنىڭ رەسىم بولۈمىگە قوبۇل قىلىنمىغانلىقىمنىڭ سەۋىبىنى سورىغىنىمدا، رېكتور – ئىنىستىتۇت مۇدىرى، مېنىڭ بەرگەن رەسىملىرىمدىن رەسىم سىزىش قابىلىيىتىمنىڭ يوقلىغى توغرىسىدا رەت قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان پاكىتلارنى كۆرسىتىپ مېنى قايىل قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئىنىستىتۇتنىڭ رەسىم بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنىشىمنى تىلغا ئېلىشقىمۇ بولمايدىغانلىغى، ئەمما بىناكارلىق بۆلۈمىگە كىرىش ئېھتىمالىمنىڭ يوق ئەمەسلىگىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. بۇنىڭمۇ بىر قىيىنچىلىغى بار ئىدى: بىناكارلىق كەسىپىگە تەييارلىق قىلىدىغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان بىرەر مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇشۇم شەرت ئىدى. مەن بولسام، يا بۇنداق بىرەر مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن ياكى بۇنداق بىرەر مەكتەپنىڭ دەرسلىرىنى سىرتتىن بولسىمۇ ئوقۇمىغان ئىدىم.
    شىللېر مەيدانىدىكى ھانسېن سارىيىدىن ئايرىلغىنىمدا، پۈتۈنلەي خاراپ بولغان بىر ئەھۋالدا ئىدىم. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئۆزەمدىن گۇمانلانماقتا ئىدىم. چۇنكى، ئۆزەمنىڭ ئىستىبداتى توغرىسىدا ئاڭلىغان سۆزلەر مېنى جان يېرىمدىن ئۇرغان ئىدى. بۇ ھادىسە، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى سەۋەبىنى پەرق قىلالماي كەلگەن بىر ياتلىشىش خاراكتېرىمنىمۇ بىراقلا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزەمنى بىر بىناكار قىلىپ پەرەز قىلىشقا باشلىدىم.
    دېگەندەك ھاياتلىق مۈشكۈلاتلار بىلەن تولغان ئىدى. رېئالشكۇل – كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپتە بۈگۈنگىچە سەل قاراپ كەلگەن، ئەھمىيەت بەرمىگەن دەرسلىرىم، مانا بۈگۈن مېنىڭدىن ئېغىر ئاغرىتىپ تۇرۇپ ئىنتىقامىنى ئالماقتا ئىدى. ئىنىستىتۇتنىڭ بىناكارلىق بولۈمىدە دەرسكە كىرىشتىن ئاۋال، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ھەققىدىكى دەرسلەرنى ئېلىشىم لازىم ئىدى. بۇ خىل دەرسلەرنى ئوقۇشۇم ئۈچۈن يەنە نورىمال ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئورۇندىمىغان ئىدىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئويلىغانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىرەر ئىمكانىيىتى قالمىغاندەك قىلاتتى.
    ئانامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ۋىېناغا ئۈچىنچى قېتىم كەلگىنىمدە ئۆزەمنى تۇتىۋالغان، ئىرادىلىك ھالىتىمگە قايتىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ قېتىم كەلگىنىمدە، بۇ شەھەردە خېلى يىللار تۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. ئىشەنچىم قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ بولغان، مەقسىدىمگە يېتىش ئۈچۈن ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدىغان غەيرەتكە كەلگەن ئىدىم. ئەندى مەن بىناكار بولۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار بويۇن ئەگكىدەك قىيىنچىلىقلاردىن ئەمەس ئىدى. چۇنكى بۇنداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقىشقا كۆزۈم يېتەتتى. مەن بۇ قىيىنچىلىقللارنى يېڭىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، يېزىسىنىڭ ئاق كۆڭۈل بىر موزدوزى تۇرۇغلۇق، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كادىر بولالىغان دادامنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتىشىم لازىم ئىدى. دادامغا قارىغاندا مەن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نوقتىدىن يولغا ئاتلانغان ئىدىم. شۇڭا، مېنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم دادامنىڭكىدەك ئۇنچىلىك قىيىنغا توختاپ كەتمەيتتى. ئۆز ۋاقتىدا تەغدىرنىڭ ماڭا قاتتىق قوللۇق قىلغىنىدەك كۆرۈنگەن ئىشلارنى، بۈگۈن تەڭرىنىڭ مېنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان بىر چېنىقىش يولى دەپ قارىماقتىمەن. يوقسۇللۇق تەڭرىسى مېنى ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ، نۇرغۇن قېتىم سېنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت قىلىپمۇ باققان ئىدى. توسالغۇلار بىلەن بىرگە ئىرادەممۇ كۈچلىنىپ بېرىپ، ئاخىرىدا غالىپ چىقتىم.
    مېنى قاتتىق چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگەن ئۇ يىللارغا رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن. كۈچلۈك ئىرادىلىق بولۇپ يېتىشىپ چىققىنىم ئۈچۈن مەمنۇنمەن. ئۇ يىللار مېنى راھەت ئىچىدە ياشاشقا بولىدىغان تۇرمۇش ئىچىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئىسسىق بىر ئۆيدە چوڭ بولغان نازۇك- مىشچان بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، غەم- ئەندىشىلىك كۈنلەر ئىچىگە تاشلىغانىكەن. ئۇ دەۋىر مېنى خارلىق ۋە يوقسۇللۇق دۇنياسىغا تاشلاپ، كەلگۈسىدە غايىلىرىم ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئەمەلىي ئىشلارنى تونۇتقان ئىكەن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ جاپالىق يىللارغا رەخمەت ئېيتىش مەجبورىيىتىنى ھېس قىلىمەن.
    http://mtv.diyarim.com
    ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-23 17:56 3 -قەۋەت
    atlaghsan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28587
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 15
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماركىسىزىم
    ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ كۆزۈم ئېچىلىشقا باشلاپ، ئۇ كۈنلەرگە كەلگىچە پەقەتلا ئىسمىنى ئاڭلىغان، ئەمما نېمىس مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ئىنتايىن ئېغىر تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان مۇنداق ئىككى خەۋپنى كۆردۈم: ماركىسىزىم ۋە يەھۇدىيچىلىق.
    ۋىېنا – نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، سەبىلەر ئۈچۈن بولسا بايرام ئوينايدىغان بىر شەھەر. بۇ شەھەر مېنىڭ ئۈچۈن ئالغاندا، ھاياتىمدىكى ئەڭ قاراڭغۇلۇق يىللىرىمنىڭ جانلىق بىر خاتىرىسىدىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ھەتتا بۈگۈنمۇ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى مەندە نامىراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بەش يىللىق ئاچچىق ئەسلىمىلىرىمدىن باشقا بىرەر تەسىراتنى ئەسلىتەلمەيدۇ. بۇ بەش يىللىق ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا مەدىكار بولۇپ تۇرمۇشۇمنى قامداشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم. شۇنچىلىك ئاز ئىش ھەققى ئالاتتىمكى، تاپقان پۇلۇم قۇرسىغىمنى تويغۇزۇشقىمۇ يەتمەيتتى. ئۇ كۈنلەردە ئاچلىق مەندىن پەقەتلا ئايرىلغۇسى كەلمەيدىغان بىر ھەمىرايىم ۋە تاپقان بىر تىيىنىمنىمۇ تەڭ تالىشىپ يەيمەن دەپلا تۇرىۋالىدىغان ئايرىلماس بىر دوستۇم بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئاچلىق دەردىمگە يەنە سېتىۋالغان ھەر بىر كىتاۋىمنىڭمۇ ھەسسىسى قوشۇلۇپ تۇراتتى. بىر قېتىملىق ئوپىرا كۆرۈشكە بېرىشىم، ئەتىسى بىر كۈن ئاچ قېلىشىمغا سەۋەپ بولاتتى. ئۇ كۈنلەر، ئاچلىق دىگەن بۇ ئىنساپسىز دوستۇم بىلەن تىنىمسىز تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتكەن ئىنتايىن مۇشەققەتلىك كۈنلەر ئىدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا ھەرقانداق بىر ۋاقىتدىنمۇ كۆپىرەك بىر نەرسىلەرنى ئۆگەنمەكتە ئىدىم. بىناكارلىق ئۆگۈنۈشىم، كامدىن- كام بولۇپ قالىدىغان ئوپىراغا كىرىشىمدىن باشقا، ئاچ قېلىش ھىساۋىغا بولسىمۇ تىجىگەن پولۇمغا سېتىۋالغان ئاچ قالغان كۈنلىرىمنىڭ بىر مېيۋىسى بولغان كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ بېرىۋاتقان كىتاپلىرىمدىن باشقا بىرەر مەلىكەممۇ يوق ئىدى. بەكلا كۆپ ئوقۇيتتىم، ئىشتىن بۇشىغان بارلىق ۋاقتىمنى كىتاپ ئوقۇش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈنلا سەرىپ قىلاتتىم. ئەنە شۇ شەكىلدە بىرقانچە يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن بىلىملىرىم بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىشلىرىمغا ئەسقىتىپ كەلمەكتە.
    شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىم كېرەككى، بۈگۈنكى بىلىملىرىمنىڭ ھۇلى بولغان ئومۇمىي نەزەرىيىلەر بىلەن قاراشلىرىمنى ئەنە شۇ كۈنلەردە شەكىللەندۈرگەن ئىدىم. شۇ كۈنلەردىن بۇيان، بۇ قاراش ۋە نەزەرىيىلىرىمنى ئاساسەن يېڭىلىماي دېگىدەك ئۆز پىتىچە ساقلاپ كەلمەكتىمەن. يەنى ئۇ كۈنلەردە تىكلىۋالغان قاراشلىرىمنىڭ ئاساسىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن، ئۇلارغا ساداقەتلىك بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتىمەن.
    بۈگۈن مۇنداق بىر نەرسىگە قەتئى ئىشىنىمەن: ئىنساندىكى ئىجادىي پىكىرلەرنىڭ ئاساسى ئادەتتە ياشلىق دەۋىرلىرىدە سېلىنىدىكەن. ئۇزۇن يىللىق جەمىيەت تەجرىبىسى بىلەن چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان بىر بوۋاينىڭ بىلىمىنى تارقاتقان قاراشلىرى، بۇ قاراشلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇلارنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان، ھېرىپ چارچاشنى بىلمەيدىغان بىر ياشنىڭ كۈچ- قۇدرىتىدىن قەتئى پەرقلەندۈرۈپ قارايمەن. ياشلىق دەۋىر، قۇرامىغا يەتكىنىدە پايدىلىنىدىغان ماتېرىياللىرى بىلەن پىلانلىرىنى تەييارلاپ بېرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتلىرىدا، ئەگەر بۇلارنى ئۆتكەن يىللىرىنىڭ ئېھتىياتچانلىق دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نەرسە بىلەن بوغۇپ تاشلىمىغانلا بولىدىكەن، بۇ بىلىم جوغلانمىلىرىدىن پايدىلىنىپ كېتەلەيدۇ.
    مېنىڭ ئۇ كۈنلەرگىچە بولغان ۋاقىتلاردىكى ئوي ئىچى تۇرمۇشۇم، ئەينى ۋاقتىدا بىرگە ياشىغانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئوخشاش ئىدى: ئەتە ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كەتمەيتتىم، بىرەر ئىجتىمائىي مەسىلەممۇ يوق ئىدى.
    مېنىڭ بالىلىق مۇھىتىم ئۇششاق بۇرجۇئازلاردىن، يەنى جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كىچىك بىر دۇنيادىن تەشكىل تاپقان ئىدى. مۇنداق قاراشتا ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇنچىۋالا ياخشى ھىساپلانمايدىغان بۇ سىنىپ بىلەن مەدىكارلار سىنىپى ئوتتۇرسىدىكى ھاڭ، پەرەز قىلغانلىرىمىزدىنمۇ چوڭقۇر ئىدى. بۇ ئىككى سىنىپ ئاساسەن بىر- بىرسىگە دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىشاتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: ئەسلىدە تېخى يېقىنقىلا بىر ۋاقىتتا ئىشچى سىنىپىنىڭ سەۋىيىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققان مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بىر قىسىم كىشىلەر، ئاز- تۇلا يىرگىنىدىغان بۇرۇنقى ھالىتىگە يېنىپ قېلىشىدىن ياكى ئۇ سنىپقا مەنسۈپ كىشىلەرگە ئوخشاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشلىرى سەۋەپ بولماقتا دېيىش مۇمكىن. بۇنداق يىرگىنىشىگە يەنە پەس كۆرىلىۋاتقان سىنىپلار ئوتتۇرسىدىكى قوپال مۇئامىلىلەرنىڭ كىشىنى يىرگەندۈرگىدەك ئەسلىمىلىرى بىلەن مەدەنىيەتسىزلىگىمۇ بىر سەۋەپ ئىدى. بۇنداق بىر ئىجتىمائىي سەۋىيىدىن قۇتۇلىۋالغان مويسىپەت كىشىلەر ئۈچۈنمۇ، بىر مىنوتلىقىغا بولسىمۇ كەينىدە قالغانلارنىڭ ئەھۋالىغا قايتا چۈشۈپ قېلىش تۇيغۇسىغا ھەقىقەتەنمۇ بەرداشلىق بەرگىلى، چىدىغىلى بولمايدىغان بىر ۋەھىمە ئىدى.
    شۇنىڭغىمۇ شاھىت بولماقتىمىزكى، ئىجتىمائىي سەۋىيىسى يوقۇرى بولغان كىشىلەر، ئەڭ تۈۋەن سەۋىيىلىك پۇخرالىرىنىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىرىدا، يوقۇرى سەۋىيىگە كېيىنچە يېتىشكەن ”يېڭى پۇل كۆرگەن كىشىلەر“ گە قارىغاندا قوبۇل قىلالايدىغان بىر تۇيغۇ بىلەن كىرىپ كېلىشىدۇ. ”يېڭىدىن پۇل كۆرگەن كىشىلەر“ دېگىنىمدە، بۇرۇنقى نامراتلىق ھالىتىدىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلتەلىگەن كىشىلەرنى كۆزدە تۇتماقتىمەن. بۇ تۈردىكىلەر بۇرۇنقى خارلانغان كۈنلىرىدىكى تارتقان جاپالىرى ئۇلاردىكى باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار كەينىدە قالغان بۇرۇنقى سەبداشلىرىنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى مەڭگۈلۈك ئۇنتۇپ كېتىشىدۇ.
    بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، تەغدىرىم ماڭا ياردەم قولىنى ئۇزاتقان ئىكەن. ئۆز ۋاقتىدا دادام كۆرگەن ماددىي جەھەتتە قىلچە كاپالىتى بولمىغان نامراتلىق كۈنلىرىگە مەنمۇ چۈشۈپ قېلىشقا مەجبورلىنىشىم، ئۇششاق بۇرجۇئازىيىچە دەپ سۈپەتلىگىنىمدەك بەكلا نازۇك قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەن، پەقەت پۇتىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان مېنىڭدەك بىر مىشچاننىڭ دۇنيا قاراش كۆزئەينىگىنى چۆرۈپ تاشلاتقۇزدى. شۇندىن ئېتىۋارەن كىشىلەرنى، ئىچى كاۋاك كىشىلەر بىلەن قوپال كۆرۈنگەن كىشىلەرنى تونۇش، ئۇلارنىڭ مىجەز- خاراكتېرىنى بىر- بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈپ تونۇش يوللىرىنى ئۆگۈنىۋالدىم.
    بۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ۋىېنا شەھىرى، ئىجتىمائىي ناھەقسىزلىكلەر قاپلاپ كەتكەن بىر شەھەر ئىدى. بۇ شەھەردە باياشاتلىق بىلەن گادايلىق خوشنا بولۇپ ياشىماقتا ئىدى. شەھەر مەركىزى بىلەن ئارقا كوچىلاردا ھەرخىل ئىرقلاردىكى ھەرخىل مەقسەتلەر بىلەن بۇ شەھەرگە يىغىلىپ خامخىيال قىلىۋاتقان ئۈمىدلىرىنىڭ كەينىدە تاما بىلەن يۈرىشىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئەللىك ئىككى مىليون نوپوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك بىر ئىمپىرىيىنىڭ قەلبىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلىشقا بولاتتى. بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلىك خان ئوردىسى، دۆلەتنىڭ بارلىق بولۇڭ- پۇچقاقلىرىدىكى بايلىق بىلەن ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغانلارنى گويا ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا يەنە خابسبوۋرگ مۇنارخىيىسىنىڭ سىستېمىلىق بىر شەكىلدە مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشلىرىنىمۇ ھېساپقا قوشۇپ قارىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق مەرگەزلەشتۈرۈش، بىر- بىرسىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان قەۋىملەرنى ئوڭۇشلۇق شەكىلدە بىر يەردە تۇتۇپ، بىر- بىرسىدىن ئايرىلالماس ھالغا كەلتۈرىۋېلىش ئارزۇسىدىن بارلىققا كەلمەكتە ئىدى. ئەمما بۇنداق تىرىشچانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدە يوقۇرى تەبىقە ۋە يوقۇرى سەۋىيىدە بولغانلار پەۋقۇلئاددە ھالدا بىر يەرگە يىغىلىۋالىدىغان، تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىدە بولغانلار بولسا ئىمپىراتورلۇقنىڭ پايتەختىدە ۋە ئۇنىڭ سارىيى ئىچىگە ئولىشىۋالىدىغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈگەن ئىدى.
    ۋىېنا، كونا تۇنا مونارخىيىسىنىڭ يىگانە سىياسى ۋە مەدەنىيەتلىكلەر مەركىزىلا بولۇپ قالماي، ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى ئىدى. مەمورى كادىرلار، سەنئەتكارلار، بىلىملىكلەر ۋە ھەتتا ئارمىيەدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار دۆلەت ئارمىيىسىگە ئىشچىلاردىنمۇ بەكىرەك ئۆچلۈك قىلىشاتتى. ئاقسۈڭەكلەر بىلەن سودىگەرلەرنىڭ تەڭداشسىز بايلىغىنىڭ يېنىدا نامىراتلىقنىڭ ئەڭ خار قىياپەتلىرىمۇ بۇ شەھەردە بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى. رىنگستراس ئوردىسىنىڭ ئالدىدا مىڭلىغان ئىشسىز ئايلىنىپ يۈرىشەتتى، بۇ كونا ۋىياتۇمپالىس ئاۋۇسترىيىسىنىڭ ئاستىدىكى، يۇندا قاناللىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە، سېسىق قاراپانچۇق يۇندا دەرياسى ئىچىدە ئۆي- ماكانى بولمىغان نامراتلار خار- زار بولۇپ كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
    ھەرقانداق بىر نېمىس شەھىرىدە ئىـتىمائىي مەسىلىلەرنى ۋىېنادىكىدەك ياخشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىلى، مەسىلىلەرنى بۇ يەردىكىدەك بۇنداق تولۇق كۈزەتكىلى بولمايتتى. ئەمما بۇ يەردە بۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئويلايدىغان بىرمۇ كىشىنى ئۇچۇراتقىلى بولمايتتى. بۇ مەسىلىلەرنى يوقۇرىدىن كېلىپ ھەل قىلىمەن دېيىش قۇرۇق گەپ بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يوقۇرى ئورگانلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى. بۇنداق بىر نامىراتلىقنىڭ ئىچىدە ياشاپ باقمىغان بىرسى بۇ يەردىكى مەسىلىلەرنى بىلەلمەيتتى ۋە ئۇنى چۈشەنمەيتتى. نامىراتلىق تۇرمۇشنى كۆرۈپ باقمىغانلارغا نىسبەتەن بۇ مەسىلە پەقەتلا كۆرۈنۈشتىكى ئىچ ئاغرىتىش بىلەنلا ئۆتكۈزىۋېتىلىدۇ ياكى يالغان ھېسىداشلىق قىلىش بىلەن ھەل قىلىنىدۇ. مەسىلىنى تۈپتىن تونۇپ يىتەلمەيدىغان بۇنداق مۇئامىلىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىلا زىيانلىق ئىدى. مۇتلەق كۆپ سادىكى بايىۋەتچىلەر بىلەن كېيىن بېيىپ قالغانلار بۇ خىل ئىجتىمائىي نامىراتلىق مەسىلىسىگە قارىتا جىددى پوزىتسىيەدە بولماسلىق ياكى پەقەتلا باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا مەقسەتسىز، ھەل قىلىشقا كۆزى يەتمەسلىكتەك قىياپەتلەر بىلەن نامىراتلىق توغرىسىدا گەپ يورغۇلۇتۇپ، ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلىش قىياپىتىدە كۆرۈنىدىغان بەزى مەدەنىيەتلىكلەرنىڭ تىنىم تاپماي ”ئامما ئارىسىغا چۈشۈش“ نى تىلغا ئېلىشلىرىغا ئوخشاش زىيانلىق قۇرۇق سۆزلەردىن باشقا بىرنېمە كۆرمىدىم. بۇ كىشىلەر چۈشىنىشتىن مەھرۇم قالغان قەلبى بىلەن مەسىلىنى ئومۇمىي كۆرۈنىشى بويىچە بىلىشكە تىرىشقانلىقلىرى ئۈچۈن خاتالاشماقتا ئىدى. بۇ تۇردىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ قىلچە پايدىسى بولمىغانلىغىنى ياكى ئاممىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى ساختا كۆيۈنۈشلىرىگە نىسبەتەن يىرگىنىش، ئۆچمەنلىك قىلىش تۇيغىلىرى بىلەن رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرىشى بىلەن، ھەيران بولۇپ ئاغزىنى ئېچىپلا قېلىشىدۇ. ئۇلار بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچۇرىغانلىغىنى خەلقنىڭ ئىنساپسىزلىغىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ كۆتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.
    بۇنداق قاراشقا ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي بىر ھەرىكەتنىڭ بۇنداق ھادسىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىغى، بىر ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ ھەرگىزمۇ بىرەر مىننەتدارلىق تاماسىدا بولۇش ھەققى بولمايدىغانلىغى، بۇنىڭ بىر سەدىقە تارقىتىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ھەققىنى بېرىش، ئادالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسى بولىدىغانلىغى بۇ تۈردىكى ئەقىلسىزلارنى ئۇنچىلىك رازى قىلالايدىغان بىر رىئاللىق ھىساپلانمايتتى.
    مەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۇلاردەك چۈشىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان ئەمەسمەن. يوقسۇللۇق مېنىمۇ ئۇ لەنەتكە يولۇققانلار قوشۇنىغا قوشىۋەتكەن، ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىندىن تەتقىق قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىگە مېنىمۇ تەكلىپ قىلىشتىن ئارتۇق، مېنىمۇ شۇ تەجرىبە قىلىشنىڭ بىر قىسمى ھالىغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەگەر بىر تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىدىغان بىرسى ئوپىراتسىيە تەجرىبىسى قىلىنىشقا نارازىلىق كۆرسەتكەن بولسا، بۇ تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىدىغان ئادەمدە گۇنا بولمايدۇ- دە!

    بۈگۈن مەن ئۇ يىللاردا كۆرگەنلىرىمنى قايتا ئەسلەشكە شۇنچە تىرىشىپ كۆرگەن بولساممۇ، يەنىلا تولۇق ئېسىمگە ئالالماي كەلمەكتىمەن. ئېسىمدە قالغان ۋەقىلىكلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك مەنمۇ شۇ قاتاردا بولغانلىغىم ئۈچۈنلا ئېسىمدە چىڭ ساقلىنىپ قالغان ھادىسىلەردۇر. بۇ كىتاۋىمدا، ئۇ ۋاقىتلاردىكى ماڭا ئىبرەت بولۇپ تۇيۇلغان ئەنە شۇ بىۋاستە ئۇچۇراتقان ئىشلىرىم بايان قىلىندى.

    مەن ئۇ يىللىرى ئىش ئىزدەشتە بىر ئۇستا ئىشچى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى قۇرسىغىنى تويغازغىدەك ئىش ھەققى بەرسىلا رازى بولىدىغان بىر مەدىكار ياكى بىر شاگىرت سۈپىتىدە ئىش ئىزدەنگىنىم ئۈچۈن، ئىش تېپىشتا ئۇنچە بەك قىينىلىپ كەتمىگەن ئىدىم.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-23 17:56 4 -قەۋەت
    atlaghsan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28587
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 15
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق قىلىپ، ئۈستىدىكى ياۋرۇپانىڭ چاڭ- توزاڭلىرىنى قېقىپ- سىلكىپ، يېڭى بىر دۇنيادا، ۋاز كىچەلمىگەن بىر غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرمۇشىنى باشقىدىن يولغا سېلىۋېلىش، شۇ ئارقىلىق يېڭى بىر يورتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن كىشىلەردىن ھېچ بىر پەرقىم يوق ئىدى.
    بۇ كىشىلەر ۋەزىپە ياكى تەرتىپ دىگەندەك ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئادەتلەر بىلەن مۇھىت ياكى ئۆرپە ئادەت دىگەندەك ئەنئەنىلەردىن تولۇق قۇتۇلۇپ كەلگەن كىشىلەردىن بولغاچقا، بېرىلىدىغان ھەرقانداق مائاشقا ماقۇل دەپ، ئىشلەش نومۇس ئەمەس دېگەن خەلق سۆزىگە ئىشىنىپ، تېپىلغان ھەرقانداق بىر ئىشنى تاللاپ ئولتۇرماي قىلىۋىرەتتى. مەنمۇ ئۆزەمگە يېڭى بىر يول تاپىمەن دىگەن ئۈمىد بىلەن بۇ يېڭى دۇنياغا ئاياق بېسىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدىم.
    خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە، بۇ يەردە بىرەر ئىشتا ئۇزۇنغىچە ئىشلەپ قالىمەن دېيىشنىڭ، شۇنداق بىر ئىشنى تېپىشتىنمۇ تەسكە توختايدىغانلىغىنى بىلەلمىگەن ئىكەنمەن. كۈندىلىك نېنىمنى تېپىپ يېيىشتىن خاتىرجەم بولالماسلىق، مەن ئۈچۈن بۇ يېڭى ھاياتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇلۇق تەرەپلىرىدىن بىرى بولۇپ كۆرۈنەتتى.
    ئۇستا ئىشچىلارنى ئادەتتىكى بىر ئىشچىغا مۇئامىلە قىلىنغاندەك پات- پاتلا ئىشتىن ھەيدىمەيدىغانلىغىنىمۇ بىلەتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭمۇ ئىشىنىڭ قىلچە كاپالىتى يوق ئىدى. ئىشسىز قالغانلىقلىرىدىن ئاچ قېلىش خەۋىپىگە نىسبەتەن ئاز دۈچ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئۇلارمۇ ئىش توختىتىلىش ياكى ئىش تاشلاش قاتارىدىكى ۋەقەلەردىن بەكلا ئەنسىرىشەتتى.
    ئىش ھەققىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىغى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ئەڭ ئېغىر نوقسانلىرىدىن بىرى ھىساپلىنىدۇ.
    ياش بىر دېھقان، ئۇڭاي ئىشلار بەكلا كۆپ دەيدىغان گەپلەرگە ئىشىنىپ ئۆزىنى شەھەرگە ئېتىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردىكى ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ يېزىسىدىكى ئىشلاردىن ئاسان، ئىش ۋاقتىمۇ قىسقا بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنى چوڭ شەھەرلەردىكى كۆز قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراقلارنىڭ ھەشەمىتى قىزىقتۇرۇپ كېتىدۇ. ئادەتتە يېزىسىدا ئاز بولسىمۇ بىخەتەر بىر كىرىمگە كۆنۈپ قالغاچقا، يېڭىسىنى تاپماي تۇرۇپ كونا ئىشىنى تاشلىغۇسى كەلمەيدۇ. يېزائىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ سانى شۇنچىلىك ئاز ئىدىكى، ئەمگەكچان بىرسىنىڭ ئۆز يېزىسىدا ئۇزۇنغىچە ئىشسىز قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يېزىسىدىن چىقىپ ئىشلەش ئۈچۈن شەھەرگە كەلگەن ياش بىر دېھقاننى، يېزىسىدا ئىش قىلالمىغىدەك دەرىجىدە ئاجىز بولىشى مۇمكىن دەپ قاراش توغرا ئەمەس. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىماقتىكى، ئەڭ كۆپ كۆچۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر، بەدىنى ساغلام ۋە تەمبەل كىشىلەردۇر. بۇ يەردە كۆچمەنلەر دېگىنىمدە، ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتمايمەن. تۇغۇلغان يېزىسىدىن ئايرىلىپ، مەلۇم بىر چوڭ شەھەرگە كېتىش نىيىتىگە كەلگەن بىرسىمۇ كۆچمەن ھىساپلىنىدۇ. ئۇمۇ قانداقلىغىنى بىلمەيغان بىر كىلەچەكتە تەلىيىنى سىناپ بېقىشقا تەييار تۇرغان بىرسى ھېساپلىنىدۇ. بۇنداقلار ئادەتتە شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ پۇل يىغىپ ئاندىن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئىشى ئوڭدىن كەلمەي، يېڭى كەلگەن كۈنلىرىدە دەرھال قىلىشقا ئىش تاپالماي قالغىدەك قىلسا، ئۇنچە بەك ئۈمىدسىزلىنىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما تاپقان ئىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرىلىپ قالغىدەك بولسا، ئۇ جىددىلىشىشكە باشلايدۇ. يېڭىدىن بىر ئىش تېپىش، بولۇپمۇ قىش مەۋسۈملىرىدە بەكلا تەس، ھەتتا زادىلا ئىش تاپقىلى بولمايمۇ قالىدۇ.
    شۇنداقتىمۇ دەسلەپكى ھەپتىلەردە بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ كىتەلىشى مۇمكىن. تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىغا تايىنىپ بىرقانچە ھەپتىنى ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتكۈزىۋالالايدۇ. ئىشسىزلىق كۈنلىرى ئۇزۇن داۋام قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى توختىتىپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشسىز كىشى يانچۇغىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تىيىنلىرىنىمۇ خەجلەپ تۈگەتكىنىدىن كېيىن، ئېغىر خارلىق كۈنلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئەندى بۇ بىچارە ئاچقۇرساق كوچىلاردا سۆرۈلۈپ يۈرۈشكە مەجبورلىنىدۇ. يېنىدا نېمىسى بولسا چىقىرىپ سېتىپ خەجلەشكە ياكى رەنىگە قويۇشقا كىرىشىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ كىشى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا كۆپۈنچە قىش كۈنلىرى دۈچ كېلىدىغان بولغاچقا، ياتقىدەك يەرمۇ تاپالماي، ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئاخىرى بىرەر ئىشمۇ چىقىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمايلا يەنە باشقىدىن يوقۇرقىدەك قىيىنچىلىقلار قايتا- قايتا تەكرارلىنىۋېرىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ئىشسىز قالغىنىدا يەنە ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بىلەن، ئۈچىنچى قېتىمقىسىدا تېخىمۇ بەتەر ھاللارغا دۈچ كېلىدۇ. ئاخىرىدا دائىملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بۇنداق يوقسۇزلۇق ھاياتقا بەرداشلىق بېرىشنى، ھۇلۇقۇپ كەتمەسلىكنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بۇنداق يوقسۇزلۇق ئەھۋاللارنىڭ قايتا- قايتا تەكرارلىنىپ تۇرىشى بىلەن، ئۇ كىشى بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا كۆنۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇرۇنقى ئىشچان بىر ئادەم، بوشۇشۇپ ئۆزىنى تاشلاپلىۋېتىپ، پاسكىنا يوللار بىلەن ھارام پۇل تېپىشنىڭ كەينىدە يوغلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئاددى بىر ئويۇنچۇق ھالىغا كېلىپ قالىدۇ. ئىشسىزلىقنىڭ سەۋىبىنى ناھەقلىك بىلەن ئىشسىزنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويۇلىدىغانلىغى ئۈچۈن، بىر كۈنلىرىگە كەلگەندە ئېقتىسادىي ھەقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلىنىش بىلەن دۆلەت، جەمىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش ئىشلار بولۇپ بىلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ ھالغا كەلگىنىدىن كېيىن، ئىش تاشلاشلارغا ئويلىنىپ ئولتۇرماي دەرھال قاتنىشىۋېرىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ.
    بۇنداق ھادىسىلەرگە مىڭلارچە قېتىم دۈچ كەلگەن ئىدىم. بۇنداق مىساللارنى كۆرگەنسىرى نەچچە مىليون نوپۇسلۇق شەھەرلەرگە بولغان ئۆچمەنلىگىم ھەسسىلەپ ئارتىپ كېتەتتى. بۇ شەھەرلەر كىشىلەرنى گويا شىرنىدەك ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئاخىرى ئۇلارنى چايناپ- ئېزىپ يۇتىۋىتەتتى. كىشىلەر شەھەرگە يېڭى كەلگەنلىرىدە يەنىلا ئۆز مىللىتىگە مەنسۈپ كىشىلەر ھېساپلىناتتى. ئەمما ئۇلار شەھەرلەردە ئۇزۇن مۇددەت قالغانسىرى مىللىتى ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
    چوڭ شەھەرلەرنىڭ قاراڭغۇ ئارقا كوچىلىرىدا مەنمۇ يوقسۇزلۇق ئىچىدە سۆرۈلۈپ يۈرگەن ئىدىم. ئۇ يەرلەردە تەغدىرنىڭ پۈتىۋەتكەن بارلىق زەربىلىرىگە ئۇچۇرىدىم ۋە بۇنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم. يەنە مۇنداقمۇ بىر ئەھۋال بار ئىدى: ئىش بىلەن ئىشسىزلىق بىر- بىرسىنى سوڭدىشىپ كېلىشى نەتىجىسىدە، نورىمال تۇرمۇشتىكى پۇل خەجلەش رېتىمىنىمۇ ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىشچىلاردا تىجەشلىك بىلەن پۇل خەجلەش، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىش دەيدىغان قاراشلىرىنىمۇ يوق قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بەدىنىمۇ ئاستا- ئاستا قولىغا پۇل كىرگەن كۈنلىرىدىكى باياشاتچىلىق، پۇلى تۈگىگەن كۈنلىرىدىكى ئاچلىققا كۆنۈپ كېتىدۇ. ئاچلىق دېگەن بۇ مەخلۇق، پۇل تېپىش ئاسان بولغان كۈنلەردە تېخىمۇ راھەت تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە تۈزۈلگەن بارلىق پىلانلارنى مېڭىلەردىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىدۇ. جان تالىشىۋاتقان بىرسىگە ھەردائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان چۆلدىكى شەيتانغا ئوخشاش ئاسان ۋە راھەت تۇرمۇش تەسۋىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ، پۇرسەت كەلگەن ھامان ھەرقانچە بەدەل كېتىدىغان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، بىر قېتىملىق تويغىچە قېنىۋېلىش خۇمارى ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. ئىشچى، ئىش تاپار- تاپمايلا ئېغىر كۈنلىرى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ھەرخىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۇنتۇپلا كېتىدۇ، ئەقلىنى يوقىتىپ، ئۇ كۈنى يانچۇقىغا قانچىلىك پۇل كىرگەن بولسا، ئۇنى شۇ كۈنىسىلا خەجلەپ تۈگىتىۋىتىپ، پىلانسىز بىر تۇرمۇش ياشاشقا كىرىشىدۇ. دەسلىۋىدە بىر ھەپتىلىك كىرىمى بىلەن بەش كۈن ياشايدۇ، كېيىن بۇ كىرىمى ئۇنىڭغا ئۈچ كۈنگىلا يېتىدىغان، كىيىن يەنە ئارانلا بىر كۈنگە ... ئاخىرى بىر قېتىملىق ھېيت كېچىسىنى ياشىۋېلىشقىلا يېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    بۇ ئىشچىنىڭ بىر ئائىلىسى، ئۆيىدە بالا- چاقىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئەر كىشى ساپ دىل ئادەم بولغىنىدا، يەنى ئەر بولغۇچى بالا- چاقىسىنى ئۆزىگە يارىشا سۆيگىنىدە، بۇنداق پىلانسىز بىر تۇرمۇشقا ئۇلارمۇ كۆنۈپ كېتىشىدۇ. بىر ھەپتىلىك كىرىمىنى ئۆيىدە سورۇپ توزىتىۋېتىشىدۇ. بۇنداق بەتخەجلىك كۈنلىرىمۇ ئارانلا ئۈچ كۈن داۋاملىشالايدۇ. پۇلى تۈگىگىچە ئەركىن- ئازادە يەپ- ئىچىشىدۇ- دە، قالغان كۈنلىرىدە ھەممىسى بىرلىكتە ئاچلىقنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىشقا باشلايدۇ. ئۇ چاغدا بۇ ئۆينىڭ ئانىسى بولغۇچى تىتىرەپ تۇرۇپ باققالغا قەرز بولۇپ دېگىدەك يىمەك- ئىچمەك سېتىۋېلىپ، ھەپتىنىڭ قالغان قاراڭغۇ كۈنلىرىنى ئۆتكىزىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئائىلە بويىچە غورۈگۈللىشىپ كەتكەن دەستىخاننىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىدۇ. يوق دىيەرلىك بولسىمۇ يىگىدەك بىرنېمىلىرى بولغاچقا، ھېچكىمدىن نارازىلىق ئىپادىسى كۆرۈلمەي ئۆتۈپ كېتىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ھەپتىلىك مائاش چىقىدىغان كۈننى تاما قىلىپ ئاچ ئولتۇرىشىدۇ. ھەممە بىرلىكتە كېلەر ھەپتىلىك مائاشىنى ئالغاندىن كېيىن قانداق قىلىدىغانلىقلىرى ھەققىدە سۆزلىشىشكە كىرىشىدۇ، ئېچىرقاپ كەتكەن قۇرساقلىرى ئۈچۈن بىرمۇنچە پىلانلارنى تۈزۈشىدۇ، كېلىدىغان بۇ بەختلىك كۈنلىرى ھەققىدە شالۋاقلىرىنى ئاقۇزۇپ سۆزلىشىپ ئولتۇرىشىدۇ.
    ئائىلىنىڭ نارسىدە بالىلىرىمۇ بۇنداق نامىراتچىلىققا كۆنۈپ كېتىدۇ.
    ئەگەر ئائىلىنىڭ ئاتىسى بولغۇچى كىشى ھەپتىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئۆز بېشىغا پۇل خەجلەيدىغان بىرسى بولغىنىدا ئەھۋال تېخىمۇ خاراپلىشىپ كېتىدۇ. ئايالى بالىلىرىنى دەپ ئېرى بىلەن جىدەللىشىقا كىرىشىدۇ، ئەر- خوتۇن ئارىسىدا ئۇرۇش- جىدەل بېسىقمايدۇ. نەتىجىدە ئەر بولغۇچى كىشى ئايالىدىن قاچقانسىرى ئۆزىنى ھاراققا بېرىشكە باشلايدۇ. ھەر شەنبە كۈنىسى غەرق مەس. ئۆزى بىلەن بالىلىرى ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان ئايالى نۇرغۇن قېتىم زاۋۇت بىلەن قاۋاقخانا ئوتتۇرسىدىكى يولدا ئېرىنى توسىۋېلىپ، ئاز بولسىمۇ بىر ئاز پۇل ئۈندىرىۋېلىشى مۇمكىن. ئەر بولغۇچى كىشى يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە كېچىلىرى ئۆيىگە غىق مەس ھالدا ئوڭ- تەتۈر دەسسەپ يانچۇقلىرىنى قۇرۇغداپ بولۇپ ئارانلا يېتىپ كىرگىنىدە، ئېچىنىشلىق تراگىدىيە كەينى- كەينىدىن باشلىنىپ كېتىدۇ.
    ئۇ يىللىرى، بۇنداق ۋەقەلەرگە يۈزلەرچە قېتىم دۈچ كەلگەن ئىدىم. دەسلىۋىدە بۇنداق ئىشلارغا قارشى چىقىپ باققان بولساممۇ، ئۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالدىم. كېيىنچە ۋەقەلىكنىڭ پاجىئەلىك تەرەپلىرىنى، بۇنى پەيدا قىلغان ئەسلى سەۋەپلەرنى چۈشىنىشكە باشلىغىنىمدىن كېيىن، ناچار بىر مۇھىتنىڭ بۇ بىچارە قۇربانلىرىغا ئىچىم ئاغرىشقا باشلىدى.
    ئۆي دەردى تېخىمۇ ئېغىر دەرتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ۋىېنادىكى مەدىكارلار ئائىلىلىكلەر قوراسىدىكى يوقسۇزلۇقنىڭ پاجىئەلىرىنى تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايتتى. ئۇ نامىرات ئۇۋىلارنى، ئۇ جان سانى كۆپ، قىستاقچىلىق، قالايماقان ۋە پاسكىنىچىلىق ئىچىدىكى ئۇ ئائىلىلىك بىنالىرىنى ئويلىسام، بۈگۈنمۇ چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كېتىدۇ.
    ئەگەر، بۇنداق بىر يوقسۇللۇق دوزىخىدىن قۇللۇق زىنجىرلىرىنى ئۈزۈپ بوشاپ كېتىدىغان بۇ كىشىلەر توپىدىن، مەيلى ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن، ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇقەررەر بولىدىغان قالايماقانلىقتىن قىلچىمۇ ئەنسىرەشمەيدىغان بۇ ئىنسانلار ھاللىقلاردىن تەشكىل تاپىدىغان قارشى سەپكە ئاڭسىزلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغىدەك بولسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقارىدى؟
    مېنى بۇنداق بىر مەكتەپتە چېنىقتۇرۇپ چىققانلىغى ئۈچۈن تەڭرىگە مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن: بۇ قېتىم مېنى قايىل قىلالمايدىغان ئىشلارنى كۆرگىنىمدە، چاتىغىم بولماي بىر تەرەپتە قاراپ تۇرالمىدىم. بۇ ئەھۋاللارنى تىنىمسىز كۈزىتىش ئارقىلىق، ئىزچىل تۈردە كەڭ دائىرىلىك مەلۇماتلار توپلاشقا باشلىدىم.
    ئۇ ۋاقىتلاردا ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرنى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ نامراتلار تەبىقىسىنىڭ ئىپادىلىرىنى ئۇنچە ئېتىۋارغا ئېلىپ كەتمەي، پەقەت ئۇلارنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەپلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ كۈزەتكەنلىرىمنى ئېسىمدە ساقلاپ قويدۇم. ئەنە شۇ شەكىلدە بۇنداق ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرگە غەيرىتىمنى يوقۇتۇپ قويماي بەرداشلىق بېرىشكە غەيرەت قىلدىم. ماڭا نىسبەتەن بۇنداق نامىراتلىق بىلەن ئۈمىدسىزلىكلەر، چېچىلاڭغۇلۇق بىلەن ئەدەپسىزلىكلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئادەملەر بولماستىن، بەلكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى چىقىرىشقا سەۋەپ بولىدىغان قانۇنلارنىڭ پەيدا قىلىۋاتقان كۆڭۈلسىزلىكلىرى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، مەنمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىت ئاستىدا تۇرمۇشۇمنى بەكلا تەستە قامداپ كېتىۋاتقانلىغىم ئۈچۈن، بۇنداق بىر مۈشكىلات ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشىمنىڭ تەبىئىي ئاقىۋىتى بولىدىغان غەزەپلىك سەزگۈرلۈك، ھىسىياتقا بېرىلىپ كېتىشتىن ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشقا دىققەت قىلاتتىم. ياق، بۇ مەسىلىنى بۇنداق ھىسىياتقا بېرىلىپ چۈشىنىۋالماسلىق شەرت ئىدى. بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىشنىڭ پەقەت مۇنداق ئىككىلا يولى بار ئىدى:
    چوڭقۇر ئىجتىمائىي مەسئولىيەتلىك روھىغا تايىنىپ، تەرەققىياتىمىزنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ئاساسلار ئۈستىگە تىكلەش؛ ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان زۆرۈر ئىشلارنى قاتتىق ۋە كەسكىن قارارلار ئېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
    تەبىئەت، بىر مەۋجۇدىيەتنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆپىيىپ بېرىشىغا قول قوشتۇرۇپ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپ بەرمەيدۇ. مۇداخىلە قىلىش شەرت بولىدىغان بۇنىڭدەك ئەھۋاللار، ھاياتلىقتىمۇ كۈچكە ئىگە. ھاياتىمىزدىكى ئەھۋاللارنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى سۇنئىي بىر شەكىلدە تۈزىتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ قىلچە قىممىتى يوق. ئەسلىدىنلا بۇنداق تۈزىتىش ئىمكانىىيەتلىرى مەۋجۇت ئەمەس. قولىمىزدىن كېلىدىغان بىردىن- بىر ئىش، ئىنساننى ھاياتىنىڭ بېشىدىن باشلاپلا چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئۈمىد قىلىنغان ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تەمىنلىيەلەيدىغان تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ بىخەتەر يوللارنى تەييارلاشتۇر.
    ۋىېنادىكى دەسلەپكى كۈرەش يىللىرىمدىن باشلاپلا مۇنداق قارىغان ئىدىم:
    ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ غايىسى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى مەستخوش قىلىپ ھۇرۇنلاشتۇرىۋېتىدىغان پاراۋانلىققا ئېرىشتۈرۈش بولماسلىغى، ئالدى بىلەن ھەربىر كىشىنى مەجبورى كېلىشىشكە يىتەكلەيدىغان ياكى يىتەكلىيەلەيدىغان، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي ھاياتىمىزنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى خاتالىقلىرىمىزنى تېپىپ چىقىپ، قولدىن چىقىرىپ قويۇش يوچۇقلىرىدىن ساقلىنىش بولىشى كېرەك.
    دۆلەت ئۈچۈن بەكلا زىيانلىق بولىدىغان بىر ئىجتىمائىي ھالەتلەر، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي، ھەتتا ئەڭ قاتتىق چارىلارغا مۇراجەت قىلىش ھىساۋىغا بولسىمۇ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تۇتۇش قىلغاندا كۆرۈلىدىغان قىيىنچىلىق، ئۇنى پەيدا قىلغان سەۋەبلەرنى چەكلەش ۋاقتىدىكى ئىككىلىنىپ ئولتۇرغانلىققا قاراپ ئارتىپ بارىدۇ.
    قۇتقۇزۇش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان تەدبىرلەرنى ئالمىغانلارنىڭ ئىككىلىنىشلىرى نەتىجىسىدە، پۈتۈن بىر سىنىپ خەلقنىڭ پاجىئەلىك شەكىلدە ۋەيران بولىشى ۋە ئەخلاقسىزلىقلارغا گىرىپتار بولىشىنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۆزلىرىدىن كۆرگەنلىگىدىن بارلىققا كېلىدۇ. بۇ تۇيغۇ ئۇلاردا ھەرىكەت باشلاش ۋە ۋەزىپە ئۆتەش قىزغىنلىغىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. موتىدىل ۋە يىتەرلىك بولمىغان ئىسلاھاتلارنى خىيال قىلىشتىن نېرىغا بارالمايدۇ. ئەسلىدە غايىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك ئىدى.
    زىيانلىق ئوت- چۆپلەرنى يۇلۇپ تاشلاشتىن قىلچە پۇشمان قىلماسلىق، بۇ ئىشلارنى ئىچكى ئامانلىقنى ساقلاش روھى بىلەن قىلالايدىغان بىر دەۋىر، پەقەت ئەنە شۇنداق بىر ھالغا كېلىش بىلەن ۋىجدانى مەسئولىيەت ئاستىدا ئىزىلىپ كەتمەيدىغان بىر دەۋىر بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنىڭ كۆزىدىن قاچقان نەرسە مۇنۇلاردىن ئىبارەت ئىدى: ئىجتىمائىي ئادالەت، جەمىيەت قانۇنلىرى بولمىغانلىغى ئۈچۈن، ئەسكىلىكلەرنى چەكلىيەلەيدىغان كۈرەشنى باشلاشقا كۈچ-قۇدرىتى يوق ئىدى.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-23 17:57 5 -قەۋەت
    topa
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25700
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 50
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
    شۆھرەت: 50 نۇمۇر
    پۇل: 260 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن راست گەپنى دىسەم بۇنداق ئۇزۇن يېزىلغان تارىخنى ئوقۇيالمايمەن. بەلكىم كەسپىم سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن .(مىنىڭ كەسپىم رەسساملىق). تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى سىز ھەقىقەتەن تىرىشچان ئىكەنسىز.بۇنداق بىر ئەھمىىيەتلىك ئىشقا چوڭ باش قاتۇرۇپسىز . ۋاقتى كەلگەندە مەن چوقۇم سىزنى قوللايمەن.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-23 18:07 6 -قەۋەت
    koktugh1
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23851
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە23دانە
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    پۇل: 221 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ئەمگىگىڭىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادە قىلغىلى بولمىغىنىدەك سىزگە بولغان تەشەككۇرىمنىمۇ ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-23 18:22 7 -قەۋەت
    yolbaxqi-ksg
    سەركە
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 12972
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 5184
    ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5184دانە
    شۆھرەت: 2042 نۇمۇر
    پۇل: 45 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :223(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىمىدا قىسمەن ئاتالغۇلار قىلىپلاشتۇرۇلغان ، بۇ بىر ياخشى ئىش .

    مەسىلەن :

    [ئادولف ھىتلېر] مېنىڭ كۆرەشلىرىم

    «ھىتلېر» دىگەن كىشى ئىسمىنى بىز خاتا ھالدا «گىتلېر» دەپ ئاتاپ كەلگەن . بۇ تىمىدا بۇ قىلىپلاشتۇرۇپ ئاتىلىپتۇ . بۇ بىر ياخشى باشلىنىش .

    يەنە بىرسىگە قىسمەن ئاتالغۇلار خاتالىقى باردەك ھېس قىلدىم .

    مەسىلەن :

    1924- يىلىنىڭ 1- ئافرىلدا مۇنىخى سوت مەھكىمىسى مېنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە قامىدى.

    «مۇنىخى» دىگەن بىلىشىمچە يەر - جاي ناملىرى ، يەنى «ميونخىن» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . شۇڭا مىنىڭكى ئاتىشىم توغرىمۇ ياكى بۇ ئاتالغۇنى قىلىپلاشتۇردىمۇ بىلەلمىدىم .

    قالغانلىرىنى بۇ تىمىنىڭ داۋامىغا قاراپ باقايلى .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    كىرەك بولسام مىنى دەرھال ئىزدېدى ،
    «تىپىلغۇسىز ياخشى ئادەم سىز » دېدى .
    ئۆتىۋىلىپ ھەرخىل قىيىن - قىستاقتىن ،
    «كىم بولىسىز ؟ تونۇشمايمىز بىز ! » دېدى .
    | ۋاقتى : 2008-05-23 18:35 8 -قەۋەت
    askar0998
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1111
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1111دانە
    شۆھرەت: 1111 نۇمۇر
    پۇل: 3601 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :443(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    يولباشچىمىزنىڭ كۆزى ھەجەپ ئۆتكۈركىنا ؟؟      
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا !
    | ۋاقتى : 2008-05-23 18:45 9 -قەۋەت
    baturman
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30169
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزدە بۇ كىتاپنىڭ ئىلىكتۇرۇنلۇق شەكلى بولسا يوللاپ قويسىڭىز  بوپتىكەن
    چۇشۇرۋالساق .
    ئەمگىكىڭىزگە رەخمەت
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-23 18:45 10 -قەۋەت
    seher
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3870
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 189
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە189دانە
    شۆھرەت: 209 نۇمۇر
    پۇل: 740 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :129(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    خاتالاشمىسام مىنىڭ كۇرەشلىرىم دىگەن بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بارتى .ئەمما يەنىلە غەيرىتىڭىزگە ئافىرىن .داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇرۇڭ.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-23 21:02 11 -قەۋەت
    Bidar-Qutlan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14570
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
    شۆھرەت: 66 نۇمۇر
    پۇل: 189 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     bu Re:[ئادولف ھىتلېر] مېنىڭ كۆرەشلىرىم

    بۇكىتاپ تولۇق تۈگىگەندە ئېلكىتاپ قىلىپ چىقىلسا بولغىدەك.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-23 21:23 12 -قەۋەت
    impiratur11
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29796
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 134 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :38(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كوپ ئەجىر قىلىپسىز ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن .ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسىڭىز ئىلكىتاپ قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز،توردا ئوقۇش قۇلايسىز بولۇدىغان ۋاقىتلاردا چۇشۇرۇپ قۇيۇپ ئوقۇساق بۇلاتتى  ،تۇرۇكچە تەرجىمىڭىز ئنتايىن ياخشى ئىكەن خالىسىڭىز دوس بۇلۇپ قالساق مىنىڭ  e-mail  ئادىرىسىم impiratur@yahoo.com
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-23 21:33 13 -قەۋەت
    yalqun
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20290
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
    شۆھرەت: 40 نۇمۇر
    پۇل: 293 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :58(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    دىيارىمدا يىقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىلان قىلىنغان ئەڭ ئېسىل تىما !  نادىرلاشقا تىگىشلىك .
    رەخمەت سىزگە .
    شېئىرلىرىڭىزنمۇ ئوقۇپ تۇرايلى .  بىراق ماۋۇ تىمىڭىزنىڭمۇ داۋاملاشتۇرۇڭ .
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-23 22:04 14 -قەۋەت
    kaganlik0007
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26294
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 29
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
    شۆھرەت: 29 نۇمۇر
    پۇل: 274 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى قاچان يوللىنار بەك ساقلاپ كەتمىسەك بوللات دەيمەن . بولسا تىزراق يوللاپ قويسىڭىز ،ئەگەر شارايىت بولسا pdf كە ئايلاندۇرۇپ يوللاپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى ساقلاپ قويۇشقا قولاي بولاتتى .
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-24 14:11 15 -قەۋەت
    kaganlik0007
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26294
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 29
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
    شۆھرەت: 29 نۇمۇر
    پۇل: 274 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بولسا تولۇق تەرجىمە قىلىپ بولغاندىنكىيىن  ئىلىكتىنلۇق  خەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن  anwarrazik@126.com
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-24 14:15 16 -قەۋەت
    yultuz
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 151
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە151دانە
    شۆھرەت: 81 نۇمۇر
    پۇل: 394 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :112(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاتلاغسان ئەپەندى،
    سىزگە رەھمەت. مەن بۇ كىتاپنىڭ باشقا تىلدىكى ناشرىنى ئوقىغان. شۇنداقتىمۇ ئانا تىلىمدىكى بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى بەكلا ياقتۇردۇم.
    سىزنىڭ تەرجىمىگە ئىزاھات شەكلىدىكى بۇ گىپىڭىز بەكلا ئورۇنلۇق : «ئەمەلىيەتتە غەرپ مىللەتچىلىكىنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن نېمىس تەۋەككۈلچىسى ئادولف ھىتلېر (گىتلېر) نىڭ مىللەتچىلىك دىگەن نىمە دىگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ بايان قىلىپ چىققان كۆز قاراشلىرى بۈگۈنكى ياۋرۇپانىڭ يوشۇرۇن غۇرۇرى بولۇپ كىلىۋاتقانلىقى شۆبھىسىز.»
    نۇرغۇن چەتئەللىكلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قىلىپ شۇنى ھىس قىلغانتىمكى، ئۇلار ئاغزىدا ھىتلېرنى تىللىغىنى بىلەن يۈرىكىدە ئۇنىڭغا ھورمەت قىلىدىكەن ۋە بەزىلىرى ئۇنىڭغا ھىلىمۇ چوقىنىدىكەن. مىنىڭچە، بۇ ئادەم مىللەتچىلىكنىڭ ئەڭ چەكتىن ئاشقان ئۈلگىسىنى يارىتىپ بەردى. پەقەت ئۇنى بىر بىر خىل رادىكال ئۇسۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. ئىھتىمال بۇ تەرىپى ئۇنىڭ خاتالىقى بولسا كىرەك. دۇنيانىڭ ھازىرقى سىياسىسىغا قارساق، نۇرغۇن غەرپ دۆلەتلىرى ھىتلېردىن قىلىشمىغىۇدەك دارجىدا مىللاتچى، لىكىن ئۇلار ھىتلېرغا قارغاندا ئۆزلىرىنى نىقاپلاشقا ئۇستىراق. ۋاقتى سائىتى كەلسە ئۇلار ھىتلېردىن قىلىشمايدۇ...

    ھىتلېرنىڭ ئەسلىمىسىدىكى مائارىپ بىلەن مىللەتچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىگە قىزقىپ قالدىم. مىللەتچىلىك قارغاندا ھەم ئوگىنىۋالغىلى ھەم ئوگىنىۋالغىلى بولمايدىغان نەرسە بولسا كىرەك. بىر مىللەتنىڭ مائارىپى ئوز قولدا بولمىسا، ئۇنىڭ مىللەتچىلىكمۇ ئاستا ئاستا سۇسلايدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما ھىتلېرنىڭ ئاشۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىسىدەك ئوقۇتقۇچىلار بۇ بوشلۇقنى ئاجىز بولسىمۇ تولدۇرۇپ تۇرۇشتا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدىكەن. چۈنكى مىللەتنىڭ ھايات ماماتلىق كۈرىشى سىنىپلارنىڭ دەرس سۆزلەش مۇنبىرىدىن باشلىنىدۇ. مىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچۇم بۇنى ئۆز ئەملىيىتىدە كورساتكانتى. ئۇنىڭسىز مەن ھازىرىمنى تەسەۋۇر قىلامايمەن.

    تەرجىمىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-24 19:10 17 -قەۋەت
    bares
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18215
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 284
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە284دانە
    شۆھرەت: 211 نۇمۇر
    پۇل: 705 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق ئەپەندىم مەن بۇ كىتاپنى ئىكىى يىلدىن برى ئىزدەۋاتىمەن .ئۇيۈۇرچە تەرجىمە نۇسخسى يوقمىكىن ،قەتئىي تاپالمىدىم بولسا تىزرايق يولاپ بەرسىڭىز ئەجرىڭىزەە تەششەككۈر ئىيتىمىز .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ھەممە ۋەتەن ئۈچۈن!
    | ۋاقتى : 2008-05-25 17:39 18 -قەۋەت
    uyghura
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20501
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 171
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە171دانە
    شۆھرەت: 181 نۇمۇر
    پۇل: 753 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىنىڭ غوجىئاكىسى بۇ يەردىكەن-ئەمەسمۇ؟
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    غايىبنىڭ غالىبلىقى غايىبلىقىدا!
    | ۋاقتى : 2008-05-25 23:45 19 -قەۋەت
    millatdap
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22565
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    يائاللا !!!!  ما كىتابنى تولا ئىزدەپ ھىچ تاپالماي يامان جىلى بولغانتىم جۇمۇ
    ئەجەپمۇ ئوبدان ئىش قىپسىز
    داۋامىنى ساقلاپ كۆزلەر 4000000000 بوپكەتتى
    مۇشۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق نۇسخىسى بار دەپ ئاڭلىغان بىىلىدىغانلار بامىدۇ؟
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-26 19:33 20 -قەۋەت
    tumaq
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17519
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    پۇل: 23 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاتلاغسان بۇرادەر، تەرجىمىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. مەن خېلىلا قۇسۇرچىلاردىن بىرى، ئەلۋەتتە نۇرغۇن گرامماتىكىلىق ۋە ئىملا خاتالىقلىرىنى، ئاتالغۇ خاتالىقلىرىنى بايقىدىم. ئەمما تەرجىمىڭىزنىڭ راۋۇرۇس چىققانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. گىتلېرنىڭ گەپلىرىنى گىتلېرنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلىغاندەك بولدۇم. شۇڭا سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمدى گەپ زىغىرلاپ ئولتۇرۇپ ئېملا ۋە جۈملە قۇرۇلمىلىرىدىكى بەزى خاتالىقلارنى بىر قېتىم تەھرىرلىۋېتىشىڭىزدە قالدى. بۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشقا يېتەرلىك قىزغىنلىقىڭىز بارلىقىغا ئىشىنىمەن. خايل گىتلېر!
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ھۇرۇنلۇق - پەزىلەتتۇر!
    | ۋاقتى : 2008-05-26 19:53 21 -قەۋەت
    irpan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6912
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئادولف ھىتلېرنىڭ «مىنىڭ كۆرەشلىرىم» نامىلىق ئەسىرى بىلەن بىزلەرنى يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئاتلاغسان ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن. داۋامىنى ھەممەيلەن ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇق.

    مەن بۇئەسەرنى ئوقۇشۇم قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئېلكىتاب قىلىپ ياسىۋالغان ئىدىم. جەمئىي 45 بەت كەلدى. مۇنبەردىن كۆچۈرۈپ ئىلىپلا ياسىغان. ھىچقانداق تۈزىتىش كىرگۈزىلمىدى. ئەگەر چۈشۈرۋىلىشنى خالايدىغانلار بولسا چۈشۈرۋىلىڭلار.
    http://www.berqi.com/pdf/Mining%20Koreshlirim.pdf
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ?????? ????????? ?????????. ??????????? ?????????? ?????????? ??? ????????? ??????? ?????.
    | ۋاقتى : 2008-05-27 17:21 22 -قەۋەت
    爱孜孜
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22646
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    پۇل: 296 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇ كىتاپنىڭ نامىنى تۇلۇقسىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدىلا ئاڭلىغان، لىكىن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمىغان ئىدىم. مەن ئىلگىرى گېتلىرنىڭ تارىخىنى ئوقۇغان ھەم باشقىلاردىنمۇ ئاڭلىغان، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر فاشىست بولغان بىلەن نىمىس مىللىتىنىڭ قەھىرمانى، مىنىڭ نەزىرىمدىمۇ بىر قەھىرمان. مىللىتىمىز مۇشۇنداق قەھىرمانغا مۇھتاج.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-28 16:27 23 -قەۋەت
    爱孜孜
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22646
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    پۇل: 296 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    گېتلىر « دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر كىشى» دىگەن كىتاپتىمۇ مەشھۇر كىشلەر قاتارىدا 30 نەچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان ئۇ ھەقىقەتەن مەشھۇر شەخسىش، ئۇلۇغ بىر سىياسىيۇن.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-28 16:30 24 -قەۋەت
    yarimas
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21858
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 430
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە430دانە
    شۆھرەت: 430 نۇمۇر
    پۇل: 1406 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :215(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن دۇلەت ئاتىسى بۇلۇشقا مۇناسىپ ئادەم جۇمۇ مۇشۇ ~~~
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-31 19:42 25 -قەۋەت
    iqiniman
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 4919
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 127
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە127دانە
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    پۇل: 252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    گىتلىرنىڭ روھى مەڭگۇ ياشىسۇن!!!!!!!!!!
    ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مەڭگۇ قەلبىمدا ھايات!!!!!!!!!!!!!!!
    مىنىڭكىگىمۇ ئەۋەتىپ قۇيساڭلار،،،
    bupa4444@126.com
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-01 06:07 26 -قەۋەت
    爱孜孜
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22646
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    پۇل: 296 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىللىتمىزمۇ گېتلىردەك بىر ئۇلۇغ داھىغا مۇھتاج.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-01 12:03 27 -قەۋەت
    yaxar1
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26433
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 90
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە90دانە
    شۆھرەت: 90 نۇمۇر
    پۇل: 415 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېما ئېگىسىگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت!
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-01 23:48 28 -قەۋەت
    pursat
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2142
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 81
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە81دانە
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    پۇل: 219 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قىنى ئاخىرى ھازىرغىچە كۈتۈپ ئولتۇرسام ئەجەپ چىقمايدىغۇ.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-03 17:35 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-05 09:58
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation