بۇ بەتتىكى تېما: تۆمۈر ئېلى(سىجاڭ )نىڭ تەرجىمھالى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 414 قېتىم كۆرۈلدى
karahan
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 433
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە199دانە
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 517 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-23
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 تۆمۈر ئېلى(سىجاڭ )نىڭ تەرجىمھالى



تۈمۈر ئېلى سىجاڭ 1886-1933

تۆمۈر ئېلى 1886 - يىلى توقسۇندا دېھقان ئەھمەت ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ توقسۇندا دىھقانچىلىق بىلەن شوغۇللانغان. 1920 - يىلى ئايالى بىلەن كۇچاغا كۆچۈپ بېرىپ ھارىۋىكەشلىك قىلغان. ئۇ كۇچادا ھارىۋىكەشلىك قىلىپ يۈرۈپ بىر ئاز ھاللانغاندىن كېيىن ئات ھارۋىىسىنى كۆپەيتىدۇ، ھارۋىكەشلەرگە شاڭيۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ياڭ زېڭشىننىڭ چىرىك، ئىستىبدات ھاكىمىيىتى ئەمگەكچى خەلققە قاتمۇ - قات ئالۋان سېلىق سېلىپ، خەلقنى دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلىۋاتاتتى، تۆمۈر ئېلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئات ھارۋىلىرىمۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ئالۋان - ياساقلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۆمۈر ئېلىدا ئىستىبىدات ھاكىمىيەتتىن ئىنتىقام ئېلىش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ.
شىنجاڭدا مىللىي زۇلۇمنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدا ئىككىنچى قېتىم دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ. جايلاردىكى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش پۇزىتسىيىسىنى كۈتۈپ تۇرغان خەلق بۇ قوزغىلاڭنى قىزغىن قوللايدۇ. نەتىجىدە قوزغىلاڭ ناھايىتى تېز كۈچۈيۈپ تۇرپان شەھىرى،پىچان ،سىڭگىم قاتارلىق جايلارغىچە كېڭىيىپ، جىڭ شۇرىن قىسىملىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ. مۇشۇ پەيتتە توختى لۈيجۈڭ، قۇربان يىڭجاڭلار توقسۇندا قوراللىق قوزغىلىپ توقسۇننى ئىشغال قىلىدۇ ھەمدە كورلىغا يۈرۈش قىلىپ 1933 - يىلى 1 - ئايدا كورلىنى ئىشغال قىلىدۇ. كۇچاردا تۇرۇۋاتقان تۆمۈر ئېلى قۇمۇل، تۇرپان، توقسۇنلاردا قوزغالغان قوزغىلاڭلاردىن ئىلھام ئېلىپ، 1933 -يىلى 1- ئاينىڭ 27 - كۈنى شايارلىق ھادى ئەلەم بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كۇچانى ئىشغال قىلىدۇ.
بۇ چاغدا جىن شۇرېن شېڭ شىسەيگە تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. مەھمۇد مۇھىتى (مەھمۇت سىجاڭ) باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن شېڭ شىسەي ۋە ئاق ئورۇسلارنىڭ مۇنتىزىم قىسىمى ۋە زامانىۋى قوراللىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىشكە باشلايدۇ.
شېڭ شىسەي تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باشلىق ئىلغار كۈچلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان تىنچ ئاممىنى قىرغىن قىلغاندىن كېيىن، توقسۇنغا يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا كورلىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان توختى لۈيجاڭ ئىنىسى تۆمۈر ئېلىگە توقسۇنغا كەلمەي، جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزى توقسۇنغا بېرىپ شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدۇ.
توختى لۈيجاڭ توقسۇنغا كېلىپ خودۇڭ دېگەن يەردىكى قارا بۇلاقتا شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇ يۇشۇرۇنغان خائىنلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن قولغا چۈشۈپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. قۇربان يىڭجاڭ ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ. بۇ چاغدا تۆمۈر ئېلى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان ئىدى. دەل شۇ پەيىتتە بۈگۈردىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن بۈگۈرنى ئىشغال قىلغان ئىدى.
تۆمۈر ئېلى بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە بايدىكى ياقىرىقتا جىن شۇرېن قىسىملىرى ۋە قەشقەردىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ. جىن شۇرېننىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق قوماندان جاڭ پىيەننىڭ بىر قىسم ئەسكەرلىرى تۇيۇقسىز مۇزات تەرەپتىن ياردەمگە كېلىپ قالىدۇ. تۆمۈر ئېلى ئۇلار بىلەن ئۈچ كۈن ئۇرۇشۇپ، ئۇرۇشتا غەلبە  قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەش ئاتار مىلتىقلىرىغا ئىگە بولدۇ، ئاندىن يەنە ئاقسۇغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ.
بۇ چاغدا ياقىرىقتا كورلىدىن ئېلاجى، قارا شەھەردىن ھاپىز لۈيجاڭ قاتارلىقلار ئەسكەر باشلاپ كېلىپ، تۆمۈرئېلىگە قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر ئېلىنىڭ ئادىمى كۆپىيىپ، قوراللىرى خىللىشىدۇ.
تۆمۈر ئېلى ئاقسۇغا كىرگەندىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجىم ئۇنىڭغا (بۇ چاغدا خۇجىنىياز ھاجىم گۇچۇڭدا تۇرۇۋاتاتتى ) سىجاڭلىق ئۇنۋانىنى بېرىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلدە قىسىملىرىنى رەتلەپ، ھەمدەمبەگ ھاج، ئەمەتخان، مامۇتخان، ھاپىز لۈيجاڭ ۋە ئېلاجى قاتارلىقلارنى تۇەنجاڭ قىلىپ تەيىنلەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇقادىر فۇگۇەنجاڭ قىلىپ تەيىنلەيدۇ. توختى يىڭجاڭ قارتارلىقلار مۇھاپىزەتچى  قىسىملانىڭ باشلىقى بولىدۇ. ئاقسۇلۇق بايىز شاڭيۇ ئۈچتۇرپان تەرەپتىن بىر قانچە يۈز پىدائىي باشلاپ كېلىپ  تۆمۈر سىجاڭغا قوشۇلىدۇ. بايىز شاڭيۇغا لۈيجاڭلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ.
تۆمۈر سىجاڭ قوشۇن باشلاپ مارالبېشىغا بارغاندا، يارقىرىقتىكى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى ياڭ چىمىن قەشقەر ۋە يەركەندىن نۇرغۇن ئەسكەر توپلاپ، مارالبېشىنى ئالدىنقى
سەپ قىلىپ، تۇمشۇقتا ئىستىھكام قۇرۇپ، تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنىنى قاتتىق توسايدۇ. بۇ يەردە قاتتىق ئۇرۇش بولىدۇ .
تۆمۈر سىجاڭ دۈشمەننى قىلچە مەنسىتمەي، بىر تەرەپتىن ناغرا - سوناي چېلىپ، ئوغلاق تارتىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇش قىلىدۇ. ئاقسۇ، ئاۋات، توقسۇ، شاياردىن ھەتتا خوتەننىڭ بەزى جايلىرىدىن ئوبۇلقاسىمبەگ قاتارلىق كىشىلەر كېلىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ چىمىن قىسىمىدىن 30 چە ئۇيغۇر ئەسكەر قېچىپ تۆمۈر سىجاڭنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ، شۇنداقلا قەشقەر ۋالىيىسى ماشاۋۋۇ (مادۇتەي) ئۇلۇغچات ھاكىمى چىڭ تۇڭلىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە 200 قىرغىز ئەسكەرنى تۆمۈر سىجاڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.ل ئۇلار ئاچالغان كەلگەندە، تەرجىمان ئوسمان ئېلى (قىرغىز) قىرغىز ئەسكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، چىڭنى ئېتىپ تاشلاپ، تۆمۈر سىجاڭغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ، نەتىجىدە تۆمۈر ئېلى ياڭ ئەسكەرلىرى چېكىنىپ پەيزىۋاتقا كەلگەندە، ئۇلارنى دېھقانلار ئۇر كالتەك قىلىدۇ.
1933 - يىلى 3 - ئايدا، ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قىرغىز ئەسكەرلىرى قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ قەشقەرنى ئىشغال قىلىدۇ. ئوسمان ئېلى ئۆزىنى سىجاڭ دەپ جاكارلايدۇ.
1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنلىرى ياڭ چىمىن ئەسكەرلىرىنىڭ تارماق قىلىپ قەشقەر شەھىرىگە كىرىدۇ. مادۇتەي قەشقەر ھاكىميىتىنى ۋە دۆلەت خەزنىسىنى تۆمۈر سىجاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.بۇ چاغدا، ئۇزۇندىن بۇيان تۆمۈر سىجاڭ بىلەن ھەمكارلىشى جەڭ قىلغان تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى مازىخۇيمۇ قەشقەرگە كىرگەن ئىدى. ئۇ ئۆز قىسىملىرى بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەرگە، ئوسمان ئېلى قىرغىز قىسىملىرى بىلەن يۇمۇلاق شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ.تۆمۈر ئېلى ۋالىي مەھكىمىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. قەشقەر شەھىرىكى خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ۋالىي مەھكىمىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالىدۇ. قەشقەردە قان تۆكۈلۈش بولمايدۇ.
تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىكى مىللىي قىسىملانى رەتلىگەندىن كېيىن، يارباغ دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىكى تۈمەن دەرياسىنىڭ بويىدا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي كۆرەك ھېسابىدا مەشرەپ ۋە ئوغلاق تارتىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. مازىخۇي باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قىسىملىرى بۇنى ئۆزلىرگە قارىتىلغان نامايىش دەپ قاراپ بۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىدە نورمالسىزلىق يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە،خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى شا مەنسۇر (ئابدۇللا بەگ) باشچىلىقىدا قەشقەرگە كېلىدۇ ۋە بىرلەشمە ھاكىمىيەت قۇرۇش ھەققىدە تۆمۈر سىجاڭ بىلەن كېڭىشىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ: «مەن يىراقتىن ئۇرۇش قىلىپ كەلدىم» دەپ ئۆزىگە تەمەننا قىلسا، شا مەنسۇر تەرەپ ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ ۋە «ئوقۇمىغان ھارۋىكەشنىڭ قولىدىن نىمە كېلەتتى، ئۇ چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ، شەھەرنى بوشاتسۇن ...» دېگەن گەپلەرنى تارقىتىدۇ. نەتىجىدە تۆمۈر سىجاڭ شا مەنسۇر قىسىملىرىنى قۇرالسىزلاندۇرۇپ، ساۋۇت داموللا، جانىبەك قازى، شا مەنسۇر قاتارلىقلارنى قولغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى بولسا ئەسىر ھېسابىدا خوتەنگە قايتۇرۇۋېتىدۇ.
بۇ كۈنلەردە خوجىنياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش توغرىسىدا خەت يازىدۇ. خەت گۇچۇڭدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى توقسۇنلۇق شىرىۋاخۇن دېگەن كىشى ئېلىپ كەلگەنىدى، تۆمۈر سىجاڭ: «شېڭ شىسەي ئاكام توختى خۇننى چاناپ ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولمايمەن، ماجۇڭيىڭ مۇسۇلمان، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشساق راۋا بولمايدۇ. مەن بۇ ئىشقا قوشۇلمايمەن» دەيدۇ.
ئوسمان ئېلى بۇ خەتتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تۆمۈر سىجاڭغا «يېڭىشەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ پەيلى بۇزۇق، ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرايلى» دەيدۇ. تۆمۈر سىجاڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئىختىلاپ تۇغۇلىدۇ. بۇ چاغدا تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئاتىسى ئەھمەت ھاجىم ھەرەمدىن قايتىشىدا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر سىجاڭغا يازغان خېتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. خەتتە: «بىز دوست بولايلى، 10 - 20 مىڭ قورال ياكى ئادەم كۈچى لازىم بولسا بېرەيلى» دېيىلگەن. تۆمۈر سىجاڭ بۇ خەتنى كۆرۈپ: «ناسارالاردىن ياردەم تېلىگىچە ئاللادىن نۇسرەت تىلەيمەن» دەپ بۇ خەتكە ئېتىۋارسىز قارايدۇ.
تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئاتىسى ھەرەمدىن كېلىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردىكى كوسۇلخانىسى چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، تۆمۈر سىجاڭ، ئۇنىڭ دادىسى باشلىق مۆتىۋەرلەرگە ۋە ھەربىيلەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىدۇ ھەم ئىتتىپاق تۈزۈشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ: «بولشېۋىكلار بۇخارائى شىرىپىنى ۋايران قىلغان تۇرسا بىز قانداقمۇ ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق بولىمىز ...» دەپ تەلەپنىمۇ رەت قىلىدۇ.
بۇ چاغدا ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ئوقۇغۇچىلارنى ئادەتتىكى قائىدە بويىچە يېڭىشەھەرگە مازىخۇيغا (ماجەنساڭ) سالام بېرىشكە ئېلىپ چىقىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ: «نىمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى تۇڭگانلار ئالدىغان ئېلىپ چىقىدۇ»  دەپ كايىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرنىڭ ئابرويلۇق كىشىلىرى: «تۆمۈر سىجاڭ يارامسىز،بىلىمسىز كىشى ئىكەن، قەشقەرنى بىر ھارىۋىكەشكە تارىتۇرۇپ قويدۇق...» دېگەندەك سۆزلەرنى ھەممىسىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگىلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى، مازىخۇي تۇڭگان قىسىملىرى، قىرغىز ئوسمان ئېلى قىسىملىرى ۋە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم باشچىلىقىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ پەقەت قارا كۈچىگە تايىنىپلا ئىش كۆرمەكچى بولىدۇ، ئەمما تېنەپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ پەيىتتە، ماجۇڭيىڭ ئۇنى بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سىلىڭلىق ئۇنۋانىنى بېرىدۇ ۋە سىللىڭلىق تامغىسىنى تاپشۇرىدۇ. بىر كۈنى تامغا تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر تامغىنى كۆتۈرۈپ شەھەر ئايلىنىدۇ. شۇ كۈندىكى زىياپەتتە تۆمۈر سىجاڭدىن يېڭىلگەن كونا ئەسكەرلەردىن ياڭ چىمىنمۇ بىللە بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ تۆمۈر ئېلى سىلىڭ مەنسۋى بىلەن بىخارامان ئولتۇرىدۇ. تۇڭگان قىسىملىرى بولسا ئۆز ئىشىغا پۇختا بولىدۇ.
ئوسمان سىجاڭ بولسا يەنىلا تۇڭگانلارنى قۇرالسىزلاندۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ ۋە ئوسمان ئېلىغا قەشقەردىكى ھاكىمىيەت تەركىبىدە مەمۇرى ھوقۇق - مەرتىۋە بەرمەيدۇ. ئوسمان ئېلى بۇنىڭدىن رەنجىپ، تۆمۈر سىجاڭنىڭ بىر قانچە ئەسكىرىنىڭ ئات ۋە قوراللىرىنى بۇلاپ تاغقا قېچىپ كېتىدۇ .
ئۇ تاغقا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، تۆمۈر سىلىڭ مامۇتخان لۈيجاڭ ۋە مازىخۇيغا ئوسمان ئېلىنى قورالسىزلاندۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. ئەتىسى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان تۇڭگان يۇڭ ۋېنگىننى باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۆلتۈرۋېتىدۇ.
1933 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۆمۈر سىلىڭ ئوسماننى قوغلاپ چىققان قىسىملارنىڭ ئارقىسىدىن ماشىنا بىلەن لەڭگەرگە چىققاندا، توغراق مازار دېگەن يەردە يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان 200 دىن ئارتۇق ئاتلىق تۇڭگان ئەسكەرلىرى دەسلەپتە قارشى ئالىدۇ. ئەمما تۆمۈر سىجاڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلارغا كايىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۇڭگانلار تۆمۈر ئېلى، زائىر قازان، ئىمىن پالۋان، ئىبراھىم قارى، شوپۇر اساۋۇت ئاخۇن قاتارلىق بەش كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، تۆمۈر سىلىڭنىڭ بېشىنى كېسىپ قەشقەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. تۆمۈر سىجاڭنىڭ قەشقەردىكى ھاياتى ۋە ھوقۇق تۇتقان ۋاقىتى ئاران 97 كۈن داۋام قىلىدۇ.


مەنبە:‹‹ شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر›› ناملىق كىتاپ .



بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-23 .
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
?????? ????? ????? ????????? ???????????? ????? ????????? ????? ????? ??????? ????? ???????? ?
| ۋاقتى : 2008-05-23 15:00 [باش يازما]
yolanquk
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30542
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 152 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-23
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ بىر تارىخى شەخس، ئالدىراپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ. نادانلىق ، نەنىلا نادانلىق . ئۇ ھىندىستان ھۆكىمىتىنىڭ ئەۋەتكەن خېتىگە ئېتىبار قىلغان بولسا ، ئاقىۋىتى ئۇنداق بولماس ئىدى.
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-05-23 15:40 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2727
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2727دانە
شۆھرەت: 2684 نۇمۇر
پۇل: 8906 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمىلا دېمەيلى بۇ كىشىمۇ بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى تەسىرى بىقەدەر كۈچلۈك شەخس.
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
| ۋاقتى : 2008-05-23 15:53 2 -قەۋەت
berdem
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 6231
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 158
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
شۆھرەت: 159 نۇمۇر
پۇل: 507 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

دىيارىمىزنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى مۇرەككەپ تارىخىي دەۋرىدە ئۆتكەن  قوزغىلاڭ باشچىلىرىنىڭ بىرى، قورقماس، شىر يۈرەك ئەزىمەت،  شۇنداقلا ھەم نادانلىق ، قاراملىقنىڭ قۇربانى . بۇ شەخسىي قارىشىم ، تارىخىي شەخسلەرگە تارىخ ھامان ئادىل باھا بېرىدۇ .
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
بەردەم بول !  شۇندىلا يىقىلمايسەن ...
| ۋاقتى : 2008-05-23 16:04 3 -قەۋەت
hitab
تۆھپىكار ئەزا
دىيارىم تۆھپىكارى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 1344
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1760
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1760دانە
شۆھرەت: 1177 نۇمۇر
پۇل: 61 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :328(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي نادانلىق ،قاراملىق !
ئەگەر شۇ چاغدىكى كىشلەرنىڭ باتۇرلىقغا تۇشلۇق ئازراق ئىلىم ۋە تاكىتكىدىن خەۋىرى بولغان بولسا ،شۇنداق ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولمىغان بولاتتى.
ھىندسستان ھۈكۈمىتى ۋە قۇل ئاستىدىكلەرنىڭ پىكىرىنى قۇبۇل قىلغان بولسا ياخىشى بۇلاتتى.ئشىقىلىپ تۈ مۈر خەلىپە ،خۇجىنىياز ھاجى ۋە بۇ كىشلەر گەرچە باتۇر بولسىمۇ .ئەمما قارا-قۇرساق دەپ  قارايمەن .
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-05-23 17:14 4 -قەۋەت
ظأتكۇر
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30871
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 283 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

تۈمۈرسىلىڭگە ۋەياكى بىرقىسىم تارىخى شەخىسلەرگە شۇ زامان،شۇ ماكان ۋەيەنە شۇخىل تارىخى ئارقا كۆرۇنۈش ئاساسىدا باھا بەرگىنىمىز تۈزۈك.قارسىغا باھا بەرمەيلى.مېنىڭچە بۇ كىشىنى قارا قوساق دىسەك بولمايدۇ.ئۇنىڭمۇ قىيلىنىدىغان يەرلىرى كۆپ بولغىيتى بەلكىم.لېكىن نىمىلا بولسۇن،ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتا قىلغان ئۇلۇغ زات.شۇ نەرسە ھامىنى ئېسىمىزدە بولسۇنكى،پەقەت مۇئارىپ،ئىلىم-پەن،مەدەنىي ئاقارتىشلا بىزنى قالاق ھالىتىمىزدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ.كىشىنىڭ ياردىمىگە قاراش،پاسسىپ تەدبىر.ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاكتىپ تەدبىر.
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-05-23 18:48 5 -قەۋەت
hazritim
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 26077
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 161
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە161دانە
شۆھرەت: 161 نۇمۇر
پۇل: 642 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجى ، تۆمۈر سىجاڭ ، ئەخمەتجان.... ھەي ئىسىت..................
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
بۈگۈنكى مەغلۇبىيەت،ئەتىكى مۇھاپپىقىيەت.
| ۋاقتى : 2008-05-23 21:53 6 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 05-28 16:33
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation