بۇ بەتتىكى تېما: خوتۇنىڭىزنى ئوينىشىپ تالاق قىلماڭ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 862 قېتىم كۆرۈلدى
muhterjan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25388
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 خوتۇنىڭىزنى ئوينىشىپ تالاق قىلماڭ

ئىناق ئائىلە ئىناق جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئائىلە بولسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى ئاساسى. شۇڭا بارلىق مۇسۇلمانلار كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئائىلە ئىناقلىقىنى قوغدىشى ۋە پەرۋىش قىلىشى، بولۇپمۇ ئەر-خوتۇنلار ئۆزئارا كېلىپ چىققان زىددىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلماي سەۋرچانلىق بىلەن چىرايلىق ئۆتۈشى لازىم.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ئى مۇئمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ، ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى بولۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پايدا قىلىشى مۇمكىن.
− سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 19-ئايەت
مانا بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇئمىن ئەرلەرگە خىتاب قىلىپ: ” ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار(سەۋر قىلىڭلار)“ دېيىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ قىلىقلىرىغا سەۋر قىلىش كېرەكلىكىنى، خاتالىقلىرى بار يەردە ياخشىلىقلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا تۇنجى ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنى لاينىڭ جەۋھىرىدىن يارىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن ئايالى ھەۋۋا ئانىمىزنى ياراتقان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، قوۋۇرغىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمى ئەڭ ئەگرى كېلىدۇ، چۈنكى ئاياللار ئەگرى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان. ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، قويۇپ قويساڭ ئۆز پېتى تۇرىۋېرىدۇ“ (بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان). دېمەك، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى چۈشىنىشى، ئۇلارغا ئېھتىيات بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئايالىنىڭ ناچار مىجەزىنى بىراقلا ئۆزگەرتىمەن دېسە كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى، ھەتتا ئايالىدىن ئاجرىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئايال كىشىلەرمۇ ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئەرلىرى گۇناھ ئىشقىلا بۇيرۇمىسا، ئۇلارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشى لازىم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” ئەگەر مەن بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە (ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، شەكسىز ئايال كىشىنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتۇم“ (تىرمىزى توپلىغان). بۇ ھەدىسنىڭ روھىدىن مەلۇمكى، ئايال كىشى ئۆز ئېرىگە چوڭچىلىق قىلماي، مۇۋاپىق تەلەپلىرىگە بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق ھەم ئائىلە ئىناقلىقىنى قوغداپ قالالايدۇ.
ھازىر جەمئىيەتتىكى كۆپلىگەن ئائىلە ئىناقسىزلىقى ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولماقتا. بۇنىڭدىن ئايال مۇسۇلمانلىرىمىز قاتتىق ھەزەر قىلىشى كېرەك. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: قايسى بىر ئايال سەۋەبسىزلا ئېرىدىن تالاق قىلىشنى سورىسا ئۇ ئايالغا جەننەتنىڭ پۇرىقى ھارام بولىدۇ (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە دارىمى توپلىغان). بۇ ھەدىستىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، ئەر كىشى ئايالىغا زۇلۇم قىلمىسا، ئايالىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قەھەتتىكى ئوتتۇرھال تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېتەلىسە، ئۇ ئايالىنىڭ ئېرىنى كۆزىگە ئىلماي تۇرمۇشىدىن رازى بولماي، ئىناق ئائىلىسىنى بۇزۇشى قەتئىي ھارامدۇر.
ئاللاھ تائالا ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر.
− سۈرە «نىسا«(4-سۈرە)، 34-ئايەت
بۇ ئايەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق شەرھلەپ بەرگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قارىساڭ سېنى خۇشال قىلىدىغان، (ئىشقا) بۇيرۇساڭ ساڭا بويسۇنىدىغان ۋە ئۇنىڭ قېشىدا بولمىساڭ، (سەن ئۈچۈن) ئۆزىنى ۋە مال-مۈلۈكۈڭنى ساقلايدىغان ئايالدۇر“ دەپ ئاندىن ” ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر“ {سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 34-ئايەت} دېگەن ئايەتنى ئاخىرىغىچە ئوقۇدى. يۇقىرىقى ئايەت، ھەدىستە ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپەتلىرى ناھايىتى روشەن بايان قىلىنغان. ئەگەر ئاياللار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سۈپەتلەپ بەرگەن سۈپەت بويىچە ئەرلىرىگە بويسۇنماي ئائىلە ئىناقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا قايسى چارىنى قوللىنىش كېرەك؟ سەۋرچانلىق بىلەن ئاياللارغا نەسىھەت قىلىپ ئىناقسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەكمۇ ياكى ئۇلارنى تىللاپ، ئۇرۇپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىش كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى ”پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ“ دېگەندەك، خوتۇنىنى خالىغانچە تالاق قىلىش كېرەكمۇ؟
ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئىجاد قىلغان ئادەم شۇ ئىجاد قىلغان نەرسىلەرنى يەشىك، ساندۇقلارغا قاچىلىغان چاغدا، ئۇنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن چۈشەندۈرۈشنامە سېلىپ قويىدۇ. ئادەتتە بىز يېڭىدىن بىر كومپيۇتېر ياكى رادىئو سېتىۋالساقمۇ ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارايمىز. ئۇ بىزگە مەزكۇر نەرسىلەر بۇزۇلۇپ قالغاندا قايسى ئۇسۇل بىلەن تۈزەش، قايسى ئۇسۇل بىلەن قۇراشتۇرۇش دېگەنلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بىز ئۇنى شۇ بويىچە ئوڭشىساق ياكى قۇراشتۇرساق تۈزۈلىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئۆزىمىز بىلەنچە خاتا ئوڭشىساق بۇزۇلىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ بىز ئىنسانلارنى ئىجاد قىلغان(ياراتقان) ۋە خاراكتېرىمىزنى ئوبدان بىلىدىغان بولغاچقا، ياشاش يوللىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان چوڭ-كىچىك ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان. چۈنكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ تۈزۈلۈش خۇسۇسىيىتىنى ئىجاد قىلغۇچى بىزدىن ياخشىراق بىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۆز ئەرلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنماي چوڭچىلىق قىلغان ئاياللارغا قانداق چارە قوللىنىش كېرەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ( بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر(ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ، ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئاللاھ ئەگەر بۇ ئىككى كىشىنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
سۈرە«نىسا» (4-سۈرە)، 34-، 35-ئايەتلەر
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇقىرىقى ئايەتتىكى ”سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار“ دېگەن ئايەتنى ”تۆشەكتە بىللە ياتماسلىق دېگەن ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك، يانچە يېتىۋېلىش ۋە ئۇ ئايالغا دۈمبىسىنى قىلىۋېلىش“ دەپ تەپسىر قىلغان. («تەپسىر ئىبنى كەسىر»، ئەرەبچە نەشىرى، 1-قىسىم، 435-بەت). مانا بۇ نۇرلۇق ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئايالى ھەددىدىن ئېشىپ ئېرىغا بويۇنتاۋلىق قىلسا، ئۇنىڭغا بىرىنچى قېتىمدا چىرايلىق ۋەز-نەسىھەت قىلىش، بۇ ئۈنۈم بەرمىسە ئىككىنچى قېتىمدا ئۇرۇپ-سوقماي تۆشەكنى ئايرىش لازىم. چۈنكى تۆشەكنى ئايرىش ئايال كىشىگە ئېغىر كېلىدىغان بىر ئەدەپلەش چارىسى. ئەگەر بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە ئۈچىنچى قېتىمدا ئەدەپلەش مەقسىتىدە يۈزىدىن باشقا يېرىگە  ئاستىراق ئۇرۇش لازىم.ئەگەر بۇ چارىلەر ئۈنۈم بېرىپ ئېرىگە ئىتائەت قىلسا ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماسلىق لازىم. ئەگەر يەنە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا ئىناقسىزلىق تۈگىمىسە، تۆتىنچى قېتىمدا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىردىن ئىككى ئادىل كىشىنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك. چۈنكى ، يۇقىرىقى چارە-تەدبىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ بىز مۇسۇلمانلارغا كۆيۈنۈش مەقسىتىدە ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىقنى مۇمكىنقەدەر تۈگىتىش ئۈچۈن چىقارغان ھۆكۈملىرىدۇر. (داۋامى بار)
[ muhterjan تەرپىدىن 2008-05-23 16:08 قايتا تەھرىرلە ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-23 .
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
| ۋاقتى : 2008-05-23 14:41 [باش يازما]
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2685
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2685دانە
شۆھرەت: 2642 نۇمۇر
پۇل: 8766 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :328(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

توغرا دەيدۇ.
http://mtv.diyarim.com
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
| ۋاقتى : 2008-05-23 15:47 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
gohar
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2039
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2039دانە
شۆھرەت: 2005 نۇمۇر
پۇل: 5962 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىنى تىزراق يوللاپ قويۇڭ !ياخشى بايانلار باركەن .
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
ئەخلاق ئادەم زىننىتى ،ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ يوقتۇر قىمىتى .
| ۋاقتى : 2008-05-23 16:04 2 -قەۋەت
muhterjan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25388
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر قىسىم كىشىلەر ئاياللىرى بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا ئاللاھ كۆرسەتكەن يۇقىرىقى چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كۆرمەي، ئاياللارنى خالىغانچە تالاق قىلىپ، ئىناق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلماقتا. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشتۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھالال ئىشلاردىن ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىگە ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغىنى تالاق قىلىشتۇر“ ( ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم توپلىغان). مانا بۇ ھەدىستىن تالاقنىڭ گەرچە شەرىئەت يول قويغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ تائالا يامان كۆرۈدىغان ئىش ئىكەنلىكى، جۈملىدىن تالاق قىلىش باسقۇچىغا بېرىپ يەتمىگەن ئاياللارنى كىچىككىنە ئاچچىققا چىدىماي تالاق قىلىۋېتىشنىڭ ئىنتايىن يامان گۇناھ ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
تالاق دېگەن سۆز ” تالاق قىلىش، خوتۇنىنى قويۇۋېتىش“ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا تالاق ئىسلام دىنىدا ئاللاھ تائالا يامان كۆرۈدىغان ھالال ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى ئۇ ئۆيلەرنى بۇزىدۇ، ئائىلىنى ۋەيران قىلىدۇ، پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئايرىۋېتىدۇ. تالاق قىلىش پەقەت تالاق قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا زۆرۈردۇر. شۇڭا تالاق قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى چوڭ بولۇشى، تالاق قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئامىللار ناھايىتى ئېغىر بولۇشى، خوتۇنىنى تالاق قىلماي تۇرۇپ ھاقارەت ۋە بەختسىزلىكتىن قۇتۇلالمايدىغان ئەھۋال مەيدانغا كەلگەن بولۇشى لازىم. تالاق قىلىشقا لايىق بىر سەۋەب تېپىلغان تەقدىردىمۇ مۇسۇلماننىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئالدىراپ تالاق قىلىشىغا رۇخسەت يوقتۇر. بەلكى، مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاپ تالاق قىلىشى كېرەك.
شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بۇ مۇناسىپ ۋاقىت: ئايال كىشىنىڭ ھەيزدار ياكى تۇغۇتتىن كېيىنكى نىپاس ھالىتىدەك بولماي پاك بولغان ھالىتىدۇر ھەمدە ئايالىغا مۇشۇ پاكلىق ھالىتىدە جىنسىي يېقىنچىلىق قىلمىغان بولۇشى كېرەك. ئېنىق ھامىلىدارلىق ھالىتى بۇنىڭ سىرتىدا. چۈنكى ھەيزدارلىق ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى نىپاس ھالەتلىرىدە ئايالغا جىنسىي يېقىنچىلىق قىلماسلىق تەلەپ قىلىنغاچقا، بەلكى ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىشىغا ئايالىغا يېقىنلىشالماسلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان ئاچچىقى تۈرتكە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئايالىنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىشىنى كۈتۈش ۋە پاكلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماستىن تالاق قىلىش بۇيرۇلغان. مانا بۇ ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نەپرەتنىڭ ۋاقىتلىق ياكى ئۆمۈرلۈك ئىكەنلىكىنى ئايرىيدىغان بىر سىناقتۇر.
ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلىشى، شۇنداقلا ئادەتتىكى پاك ھالەتتىمۇ تالاق قىلىشى ھارام قىلىنغان. كىم بىلىدۇ، بەلكى ئۇ ئايال مۇشۇ ئاخىرقى قېتىمدا ئېرىدىن ھامىلىدار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنىڭ قورسىقىدا بالا بارلىقىنى بىلسە، ئايالىدىن ئايرىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بالا ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشقا رازى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئايال پاك بولۇپ، بۇ پاكلىق ھالىتىدە ئېرى ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىغان بولسا، ياكى ھامىلىدارلىقى ئېنىق بولسا، تالاق قىلىش ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك نەپرەتتىن كېلىپ چىققان بولىدۇ-دە، ئۇ چاغدا تالاق قىلسا ئورۇنلۇق بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھەقىقەتەن ئۇ ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلدى. (دادىسى) ئۆمەر بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەرگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچچىقلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ” ئۇ ئايالى بىلەن يېنىشىۋالسۇن، ئاندىن ئۇنى پاك بولغانغا، ئاندىن ھەيز كۆرۈپ يەنە پاك بولغانغا قەدەر نىكاھىدا تۇتسۇن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خوتۇنىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلسۇن، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىددەت ئەنە شۇدۇر“ (بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى توپلىغان). بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تالاق قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ ئايالىنىڭ ئىددىتىگە لايىق پەيتتە، يەنى پاكلىق ھالىتىگە ئاپىرىپ چۈشەندۈرۈشىدىكى ھېكمىتى، يەنىلا مۇمكىنقەدەر ئائىلە ئىناقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ مۇبارەك ھەدىس شەرىفنى تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى)، سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار، (نەسەب ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار.
− سۈرە«تەلاق» (65-سۈرە)، 1-ئايەتنىڭ بىر قىسمى
مانا بۇ ئايەتتىمۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىناق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىش يولىغا بىر قانچە داۋانلار تاقىشىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ داۋانلارنى پەيدا قىلىشتىكى مەقسىتى، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا تالاققا سەۋەب بولىدىغان كېلىشمەسلىكلەر يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشتۇر، چۈنكى ھەر تالاقتىن كېيىن ئايالىنىڭ باشقا ئەرگە تېگىشنى كېچىكتۈرۈش پۇرسىتى بار بولۇپ، ئۇ ئىددەت دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىددەت دېگەن سۆزنىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى: تالاق قىلىنغان ياكى ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالنىڭ ئىككىنچى ئەرگە ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ساقلاپ تۇرىدىغان مۇئەييەن ۋاقتى ئىددەت دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ تالاق قىلىنغان ئاياللارنى ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرۇشىدىكى ھېكمىتى شۇكى، شۇ ئىددەت ئىچىدە ئەر-خوتۇنغا يارىشىپ قېلىش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ. چۈنكى، ئەر-خوتۇن كۆپ ھاللاردا ئاچچىقى يانغاندا ئىناق ئائىلىسىنى بۇزماسلىق ياكى ئارىدا بالىسى بولسا، بالىسىنى يېتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئىددەت ئىچىدە قايتىدىن ئۆي تۇتۇشنىڭ مۇمكىنلىكى زۆرۈرىيىتى ھەققىدە ئويلىنىدۇ؛ بەزىلىرى ئايرىلىپ كەتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ قەدىرىگە يېتىپ، يالغۇز ياشاشنىڭ مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ، نىكاھىنى، ئىناق ئائىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ئايال ئۆز قورسىقىدا بالا بار-يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ، نەسەبنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئارقىلىق بىرىنچى ئەرنىڭ مۇھەببىتىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىككىنچى ئەرگە قەلبىدىن ئورۇن ھازىرلايدۇ. ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايال بولسا ئىددەت تۇتۇش ئارقىلىق قەدىناس ھەمراھىدىن ئايرىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇياقتىن ئايرىلىپ بۇ ياقتىن جۈپ تېپىۋېلىش ئىنسانغا خاس سۈپەت ئەمەس. شۇڭا، تالاقى رەجئى (يەنى تالاق قىلىپ بولۇپ ئىددەت ئىچىدە يېنىۋالسا بولىدىغان تالاق) قىلىنغان ئايال، تالاق قىلىنغان سەۋەب بىلەن ئەر-خوتۇن ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، ئايرىلىش بىلەنلا ئەر-خوتۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتى تامامەن ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئايال كىشى شەرىئەت بېكىتىپ بەرگەن ئىددەت ئىچىدە باشقا ئەرگە ياتلىق بولماي كۈتۈپ تۇرسا، بۇ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆي تۇرۇپ كەلگەن ئېرىنىڭ نىكاھىدىن پەقەت چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتىدىن چىقىپ بولغىچە ئېرى يېنىۋالماقچى بولسا، ھەم شۇ نىيەت بىلەن خوتۇنىغا نامەھرەملەرگە قىلىنمايدىغان ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلسا، بۇرۇنقى نىكاھلىق ھالىتىگە يېنىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار.
− سۈرە«بەقەرە» (2-سۈرە)، 231-ئايەت
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئىددىتىنى توشقۇزۇۋاتقان ۋاقتىدا ئېرىنىڭ نىكاھىدا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئائىلە ئىناقلىقىنى قايتا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەتتە ئىچىدە ئۇلارنى نىكاھىغا قايتۇرۇپ كېلىشتە ئەڭ ھەقلىق. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكىچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە (باشقىلارغا قارىغاندا) ئەڭ ھەقلىقتۇر.
− سۈرە«بەقەرە» (2-سۈرە)، 228-ئايەت
مانا بۇ ئايەتنىڭ روھىدىن،  تالاق قىلىنغان (يەنى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن) ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشىغا نۇرغۇن سىر ۋە ھېكمەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان نەپرىتى كۈچىيىپ، تالاق گىردابىغا كېلىپ قالغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئىددەتنى ئەڭ چوڭ توسالغۇ قىلىش ئارقىلىق ئويلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئائىلە ئىناقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلماقتا. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىدە تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتى توشقۇچە ئېرى بىلەن تۇتقان ئۆيىدە تۇرۇشى كېرەك. ئايالنىڭ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى ياكى ئېرىنىڭ ئۇنى ناھەق چىقىرىۋېتىشى ھارامدۇر. چۈنكى بۇ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى تالاق بولسا، ئەر ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە ئايالى بىلەن ئىككىنچى قېتىم يارىشىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىددەت جەريانىدا ئايال ئېرى بىلەن بىللە تۇرسا، ئېرىنىڭ ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببىتى، ئامراقلىقى قوزغىلىشى ھەمدە بىللە ئۆتكۈزگەن بەختلىك كۈنلىرىنى ئەسلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئۇ ئەر ئىددەت توشۇپ بولغىچە ئاجرىشىش مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىدۇ. ئەرنىڭ ھەققى –ھۆرمىتى ئۈچۈن ھەمدە قورساقتا قالغان-قالمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بۇيرۇلغان بۇ ئىددەت جەريانىدا كۆڭۈللەر ئۆزگىرىپ، پىكىرلەر يېڭىلىنىپ، ئاچچىقلار يېنىپ، ئوتتۇرىدىكى نەپرەت مۇھەببەتكە ئايلىنىپ قېلىشى يىراق ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلار (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
− سۈرە «تەلاق» (65-سۈرە)، 1-ئايەتنىڭ بىر قىسمى
بۇ ئايەتنىڭ روھىدىن مەلۇمكى، ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى، ئەرمۇ خوتۇنىنى ئىددىتى توشمىغۇچىلىك ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكى كېرەك، ئەر-خوتۇن بىر ئۆيدە بىللە ياشاپ تۇرسا، ئەرنىڭ ئايالىغا بولغان ئاچچىقى يېنىپ، ئۆزئارا يارىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتىنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇتۇشنى پەرز قىلىپ ھۆكۈم قىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتى بۈيۈكتۇر.
ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە بىز مۇسۇلمانلار ئاياللارنىڭ ئىددەت مەسىلىسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ نەپىقە ۋە تۇرالغۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىنى توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلالىساق ئۆيىمىزنى تۇتۇپ تۇرالىشىمىز، ۋەيرانچىلىقتىن ساقلىنالىشىمىز مۇمكىن. نىكاھ ئىشلىرى توغرا بىر تەرەپ قىلىنسا جەمئىيەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئىناق ئائىلە، ئىناق جەمئىيەت بەرپا بولالايدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار (يەنى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن، نەپىقە جەھەتتىن قىستىماڭلار)، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بوشانغانغا قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار.
− سۈرە«تەلاق»(65-سۈرە)، 6-ئايەتنىڭ بىر قىسمى
بۇ ئايەتتىن روشەنكى، تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددەت ئىچىدىكى تۇرالغۇسى، يېمەك-ئىچمىكى ۋە كىيىم-كېچىكى ئېرىنىڭ زىممىسىگە ۋاجىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئېرى ئايالىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىماسلىقى ھەم ئۇنىڭ نەپىقىسىنى تولۇق بېرىشى كېرەك. چۈنكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. (ئۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.      
− سۈرە«بەقەرە» (2-سۈرە)، 241-ئايەت
ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاياللارنىڭمۇ ئىددەت ئىچىدىكى تۇرالغۇسى ۋە نەپىقىسى ئېرىنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرى بىلەن بىرگە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايال قەدىناس ئېرىگە قايغۇرۇپ ھەم ئۇنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىپ ئىددەت تۇتۇۋاتقان بولغاچقا، ئىددەت ئىچىدە ئېرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىنىشى ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن چىقىپ كېتىشى دۇرۇس ئەمەس. بۇ ھەقتە ئەبۇ  سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى مالىك ئىبنى سانانىڭ قىزى فەرىئەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، قېچىپ كەتكەن قۇللىرىنى ئىزدەپ كېتىپ قالغان ئېرى ئۇ قۇللارنى قەدۇم دېگەن قاينىڭ بىر تەرىپىدە تېپىۋالغاندا، ئۇ قۇللارنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى،(شۇڭا) ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن خۇدرى قەبىلىسىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىشىنى سورىغانلىقىنى بايان قىلىپ:”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن خۇدرى قەبىلىسىدىكى ئاتا-ئانامنىڭ قېشىغا كېتىشىمنى سورىدىم. (چۈنكى) ئېرىم مېنى ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان بىر ئۆيدە ھېچقانداق خىراجەتسىز قويۇپ كەتكەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىپىمگە قوشۇلدى. ئاندىن مەن قايتىپ چىقىپ ھۇجرىدا ياكى مەسچىت ئىچىدە تۇرغانىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ”نېمە دېدىڭىز؟“ دېدى. مەن ئېرىم توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن گەپنى قايتا سۆزلەپ بەردىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ” سىز ئۆيىڭىزدە (يەنى ئېرىڭىزنىڭ ئۆيىدە) كىتاب ۋاقتىغا يەتكىچە(يەنى سىز ئىددىتىڭىزدىن چىققۇچىلىك) تۇرۇڭ“ دېدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدە تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتتۇم“.
ئۇ ئايال يەنە مۇنداق دېگەن:”ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ (دەۋرىدە) ئوسمان شۇ ئىشنى سورىغىلى ماڭا (ئادەم) ئەۋەتىپتۇ، مەن ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئېرىمنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى دەپ بەردىم. ئوسمان شۇ بويىچە باشقىلارغا ھۆكۈم قىلدى (ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە، تىرمىزى توپلىغان). بۇ ھەدىسنىڭ روھىدىن، ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئىددەتنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇتۇشقا بۇيرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ ئىددەت ئىچىدىكى تۇرالغۇسى ۋە نەپىقىسى ئېرىنىڭ ھېسابىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
يېنىشقىلى بولىدىغان دەرىجىدە تالاق قىلىنغان ياكى ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئىددەت ئىچىدىكى تۇرالغۇسى ۋە نەپىقىسى ئېرىنىڭ زىممىسىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. ئاللاھ تائالا بارلىق ئەر-ئايال مۇسۇلمانلىرىمىزنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ ھۆكۈملىرىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئائىلە ئىناقلىقىنى قەدىرلەپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان مۇئمىنلەردىن قىلغاي-ئامىن!
           
          (بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئىسمائىل ياقۇپ)
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
| ۋاقتى : 2008-05-23 16:11 3 -قەۋەت
berdem
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 6231
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 158
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
شۆھرەت: 159 نۇمۇر
پۇل: 507 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

تالاق دىگەن سۆزنىڭ مەناسى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلمەي تۇرۇپ « تالاق !» دەپ جۆيلۈيدىغان نادانلارغا دەرس بولغاي .
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
بەردەم بول !  شۇندىلا يىقىلمايسەن ...
| ۋاقتى : 2008-05-23 16:12 4 -قەۋەت
arqayaprihi
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 108
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە108دانە
شۆھرەت: 108 نۇمۇر
پۇل: 454 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىككەن .رەھمەت سىزگە!
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-05-23 16:15 5 -قەۋەت
askar0998
دەرىجىسى : ئالى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28292
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1039
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1039دانە
شۆھرەت: 1039 نۇمۇر
پۇل: 3350 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :380(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇپ تۇرايمىكىن ، چۈنىكى مىنىڭ تىخى ...            
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا !
| ۋاقتى : 2008-05-23 16:34 6 -قەۋەت
zapar915
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31041
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇنداق مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەي!
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
رەنجىمە دۇنيادىن دۇنيا رەھىمسىز،
رەنجىمە ئاللاھتىن ئاللاھ گۇناھسىز.
رەنجىمە سەن ئىنساندىن ئىنسان ۋاپاسىز،
| ۋاقتى : 2008-05-23 16:40 7 -قەۋەت
UYGURIYA23
دەرىجىسى : ئالى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19347
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1167
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1167دانە
شۆھرەت: 1301 نۇمۇر
پۇل: 3818 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 11 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :144(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

  رەھمەت !
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
ئەسرىم ،
يۈرىكىمدىكى قان .
كۆچۈرمەڭ ،
خان ھەم جان  ...
| ۋاقتى : 2008-05-23 18:26 8 -قەۋەت
halqigul
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8378
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 682
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە682دانە
شۆھرەت: 189 نۇمۇر
پۇل: 1159 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنى تەكىتلەپ تولىمۇ ياخشى قىلىپسىز؟
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
ۋاقىتىڭ  كەتتى، بەختىڭ كەتتى~!
| ۋاقتى : 2008-05-23 18:33 9 -قەۋەت
sumeyye
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24206
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 171 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-05-23 18:36 10 -قەۋەت
帅哥0988
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31224
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-23
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقى پىكىر  ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ  ،ھەممەيلەن ئۆزىمىزگە كىرەكلىك جايلىرىنى قوبۇل قىلساق بولىدىكەن .
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
| ۋاقتى : 2008-05-23 18:38 11 -قەۋەت
nawa717
بۇلبۇل ناۋاسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 7266
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1327
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1327دانە
شۆھرەت: 1586 نۇمۇر
پۇل: 792 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈچ ئىشنىڭ راستىمۇ راس، يالغىنىمۇ راس، بۇنىڭ بىرىنجى مىسالى:
بىز بىر دانە پىيالىنى ( يەرگە ) چاقچاق قىلىپ تاشلىساقمۇ سۇنىدۇ، راس تاشلىساقمۇ سۇنىدۇ.
[ nawa717 تەرپىدىن 2008-05-24 01:57 قايتا تەھرىرلەنگ ]
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
بىر سۆزۈم بار ئون تىللا: ھەر كىشىنىڭ نامۇ - ئەمەلى،شۇ كىشىنىڭ نىيەت - ئىقبالىغا باغلىقتۇر.
@@@@@@@@@@@@@@@@@@@
مەن بىلەن دوسلاشماقچى بولسىڭىز ،تۆۋەندىكى ئاددېرىستىن بىلوگىمغا كىرىڭ.

http://blog.retim.cn/628793
http://blog.fenbei.com/5593813
| ۋاقتى : 2008-05-23 18:41 12 -قەۋەت
sultan418
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30593
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 243 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئاياللارنى ئۇرغانلارغا بەك ئۆچ... چۈنكى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-05-23 20:17 13 -قەۋەت
بىھارە
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20361
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 495
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە495دانە
شۆھرەت: 595 نۇمۇر
پۇل: 1699 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

[size=5]ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆيى بىنا ئۆي بولسا ،ئايالى ئىددەت ئىچىدە يەنە شۇ ئۆيدە تۈرىشى كېرەكمۇ؟
پەقەت مۇشۇ بىرلام ئۆيى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئۇلار ئايرىلىپ تۇرىشى كېرەكمۇ ؟
مەن مۇشىنىڭغا جاۋاپ ئىزلەيمەن ،بىلىدىغانلارنىڭ جاۋاپ بېرىشىنى ئۆتىنىمەن
،
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
flash: http://www.56.com/p_5821201
| ۋاقتى : 2008-05-23 20:36 14 -قەۋەت
MIRAYID
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9571
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3481
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3481دانە
شۆھرەت: 1177 نۇمۇر
پۇل: 507 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :345(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاجرىشىمەن ، قويۇۋەتتىم دەپ چاقچاق قىلسىمۇ بولمايدىكەن .
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
                                . I am a student
| ۋاقتى : 2008-05-24 01:55 15 -قەۋەت
nawa717
بۇلبۇل ناۋاسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 7266
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1327
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1327دانە
شۆھرەت: 1586 نۇمۇر
پۇل: 792 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون15قەۋەتتىكىMIRAYIDنىڭ2008-05-24 01:55دە يوللىغان يازمىسى  :
ئاجرىشىمەن ، قويۇۋەتتىم دەپ چاقچاق قىلسىمۇ بولمايدىكەن .


قەتئىي بولمايدۇ.
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
بىر سۆزۈم بار ئون تىللا: ھەر كىشىنىڭ نامۇ - ئەمەلى،شۇ كىشىنىڭ نىيەت - ئىقبالىغا باغلىقتۇر.
@@@@@@@@@@@@@@@@@@@
مەن بىلەن دوسلاشماقچى بولسىڭىز ،تۆۋەندىكى ئاددېرىستىن بىلوگىمغا كىرىڭ.

http://blog.retim.cn/628793
http://blog.fenbei.com/5593813
| ۋاقتى : 2008-05-24 02:00 16 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 05-28 03:21
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation