100يىلدىن بۇيان جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەندە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى كىشىلەرنى چۆچۆتتى ۋە كۆڭلىنى ئازاپلىدى. ئالدىنقى ئەسىردە دۇنيادا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئە پەيدا قىلغان ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. ھەر قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن شەھەرلەردىكى ئۆلۆم – يىتىم، زىيانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئاپەتتىن كىيىنكى قۇتقۇزۇش، قايتا قۇرۇش جەريانىدا كىشىلەر يەر تەۋرەشتىن ئىبارەت بۇ ئاپەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش، يۇرۇت ماكانىنى قانداق قىلىپ قايتا قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قايتا ئويلاندى. 1920 – يىلى خەييۇەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش .
1920- يىلى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى سائەت 20 دىن 5مىنۇت ئۆتكەندە، نىڭشانىڭ خەييۇەن شەھرىدە 8.5 بال يەر تەۋرىگەن. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 240 مىڭ ئادەم قازا قىلغان، 4شەھەر، نەچچە ئون ناھىيە ۋەيران بولغان .1927– يىلى گۇلاڭدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1927 – يىلى 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى سائەت 23 تىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇلاڭ دىگەن يىرىدە 8 بال يەر تەۋرەپ، 40 مىڭ ئادەم قازا قىلغان. يەرتەۋرەپ يەر يېرىلغان جايدىن قاپ – قارا سۇ چىقىپ، زەھەرلىك گۇڭگۇرت گازى ھەممە جاينى قاپلاپ، نۇرغۇن ئادەم زەھەرلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.1933 – يىلى دىيېشىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1933 – يىلى8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سائەت 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ماۋشەن ناھىيىسىنىڭ دىيېشى بازىرىدا 7.5 بال يەر تەۋرەپ، دىيېشى بازىرى ۋەيران بولغان. يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن ئىتلار قاۋاپ، ئاتلار كىشنىگەن، يىلان، چاشقانلار تەرەپ – تەرەپكە پىتراپ كەتكەن، قاغىلار قاقىلداپ، مېكىيانلار قاقاقلىغان. يەر تەۋرىگەندە يەرنى ساغۇچ تۇمان قاپلىغان،مىنجىياڭ دەرياسى يېرىلىپ، دەريا ساھىلى كۆلگە ئايلانغان.1950– يىلى چايۈدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1950 – يىلى 8 – ئاينىڭ 15– كۈنى سائەت 22 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە شىزاڭنىڭ چايۈ ناھىيىسىدە 8.5 بال يەر تەۋرەپ، 4 مىڭ ئادەم قازا قىلغان. ھىمالايا تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى نەچچە يۈز كۋادرات كىلومىتېر زىمىن باشقىچە ئۆزگىرىپ كەتكەن. يالۇزاڭبۇ دەرياسى توسولوپ 4 پارچە بولوپ قالغان.1965 – يىلى شىڭتەيدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىڭتەي ۋېلايىتىدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەش بۇ ۋېلايەتتىكى ئىككى جايدا يۈز بەرگەن. بىرى، 1966 – يىلى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى سائەت 5 تىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە شىڭتەي ۋېلايىتىنىڭ لوڭياۋ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 6.8بال يەرتەۋرەش .يەنە بىرى، 1966 – يىلى 3 – ئاينىڭ 22 – كۈنى سائەت 16 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە شىڭتەي ۋېلايىتى نىڭجىن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش. بۇ ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 8 مىڭ 64 ئادەم قازا قىلغان، 38 مىڭ ئادەم يارىلانغان. بىر مىليارد يۇەنلىك ئىقتىسادى زىيان بولغان. يەر تەۋرەپ ئارقىدىنلا قار يېغىپ كەتكەن .1970 – يىلى تۇڭخەيدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1970 – يىلى 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سائەت 1 دە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭخەي ناھىيىسىدە 7.7 بال يەر تەۋرەپ ، 15 مىڭ621 ئادەم قازا قىلغان، 32 مىڭ 431 ئادەم يارىلانغان. يەر تەۋرەش ئالدىدا ئىتلار قاۋاپ، قۇچقاچلار ۋىچىرلاشقان، بېلىقلار پىلتىڭلاپ جىم تۇرمىغان، تام يېرىقلىرىدىن سۇ چىقىپ كەتكەن، ئات، خېچىرلار ئادەمنى تىپىپ، چىشلىگەن.1976– يىلى تاڭشەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
بۇ يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن زىيان ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى بولوپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.1999– يىلى تەيۋەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1999– يىلى 9 – ئاينىڭ21 – كۈنى سەھەر سائەت 1دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە تەيۋەننىڭ نەنتو ناھىيىسىنىڭ جىجى بازىرىدا يۈز بەرگەن 7.3بال يەر تەۋرەش ئاپىتى 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تەيۋەندە يۈز بەرگەن تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتى بولوپ، تەيۋەن دائىرىلىرى ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا 2 مىڭ 378ئادەم بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان .1906– يىلى ئامېرىكىنىڭ سان – فرانسىكو شەھرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1906– يىلى 4 – ئاينىڭ 18– كۈنى سەھەر سائەت 5 تىن 13مىنىۇت ئۆتكەندە سان – فرانسىكو شەھرىدە 8.3 بال يەرتەۋرىگەن. نۇرغۇن ئۆي – ئىمارەتلەر ئۆرۆلۈپ گاز، سۇ تۇرىبىلىرى بۇزۇلغان. يەرتەۋرەپ ئۇزۇن ئۆتمەي چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ، ئوت ساق ئۈچ كۈن كۆيگەن، 520 كوچا مەھەللىدىكى 30 مىڭ كورپۇسقا يېقىن بىنا كۆيۈپ كۈل بولغان.1908– يىلى ئىتالىيىنىڭ مورسسىنا شەھرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1908 – يىلى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈش سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە ئىتالىيىنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىدىكى مورسسىنادا 7.5 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرىگەندە ئۆي ئىمارەتلەر لىڭشىپ، پىقىراپ چۆگىلىگەن، دىڭىز بوغىزىنىڭ ئىگىز توسمىسى دىڭىزغا گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن.1923– يىلىدىكى ياپونىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1923 – يىلى 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيەنىڭ يوكوخاما، توكيو تەۋەسىدە 7.9 بال يەر تەۋرىگەن. بۇ ئىككى شەھەر دېڭىزدىكى قولۋاقتەك تەۋرەپ، ئۆي ئىمارەتلەر ئارقا – ئارقىدىن ئۆرۆلۈپ، شەھەر ئوت دىڭىزىغا ئايلانغان. ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ %5 ئى كۈيۆپ كۈل بولغان .1960– يىلى چىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1960 – يىلى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 3 تە، چىلىدا 8.5 بال يەر تەۋرىگەن. شۇ كۈنىدىن 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە بۇ دۆلەتتە ئۇدا بىر قانچە قېتىم يەرتەۋرىگەن. يەر تەۋرەش مەزگىلىدە ئۆچۆپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان ئۈچ يانار تاغدىن قايتىدىن ماگما ئېتىلىپ چىققان. يەنە يېڭىدىن ئۈچ يانار تاغ پاراتلىغان. شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش 20 – ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ دىڭىز شاۋقۇنىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.1970– يىلى پىرۇنىڭ چىنبوت شەھرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش.
1970– يىلى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى پرۇنىڭ ئەڭ چوڭ پورت شەھرى چىنبوتتا 7.6 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش مەركىزىدە 60 مىڭدىن كۆپ ئادەم قازا قىلغان،100 مىڭدىن كۆپ ئادەم يارىلانغان،1 مىليۇن ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان. بۇ شەھەرنىڭ شەرقىدىكى رونگايى شەھرىدە 23 مىڭ ئادەم مۇزلۇقتىن ئېقىپ چۈشكەن لاي – لاتقىنىڭ ئاستىدا قالغان.1990– يىلىدىن بۇيان دۇنيادا كۆپ قېتىم ئېغىر ياكى پەۋقولئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەدى، ئۇلار :1990–يىلى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ئىراننىڭ غەربى شىمالى قىسمىدا 7.7 بال يەرتەۋرەپ 40 مىڭ ئادەم قازا قىلغان،100 مىڭ ئادەم يارىلانغان.
1995 – يىلى 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى سائەت 5 تىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيەنىڭ كۆبې شەھرىدە 7.2 بال يەر تەۋرەپ،5 مىڭ 400 دىن كۆپ ئادەم قازا قىلغان،34 مىڭ ئادەم يارىلانغان. 190 مىڭ كورپوس ئۆي – ئىمارەت ئۆرۆلگەن ياكى بۇزۇلغان، 500 ئورونغا ئوت كەتكەن.
2001– يىلى 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ھىندىستاننىڭ گوجرات شىتاتىدا 6.7 بال يەر تەۋرەپ 25 مىڭ ئادەم قازا قىلغان، 166 مىڭ ئادەم يارىلانغان.
2004 – يىلى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ھىندنوزىيىنىڭ سۇماتېرا ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 9 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان زور دېڭىز شاۋقۇنى تۈپەيلىدىن ھىندى ئوكىيان بويىدىكى دۆلەتلەردىن جەمئى 220 مىڭ ئادەم قازا قىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن. جۈملىدىن ھىندىنوزىيىدىلا 170مىڭ ئادەم قازا قىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن.
2005 – يىلى 2 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئىراننىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى كېرمان ئۆلكىسىنىڭ جارانتې شەھرىدە 6.4 بال يەر تەۋرەپ 600 دىن كۆپ ئادەم قازا قىلغان، مىڭغا يېقىن ئادەم يارىلانغان.
2005 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ،ھىندىنوزىيىنىڭ سۇماتېرا ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە 8.5 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان ۋە نۇرغۇن مال – مۆلۆك زىيانغا ئۇچرىغان. جۈملىدىن ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان نىياس ئارىلىدا 633 ئادەم قازا قىلغان،50 ئادەم يوقاپ كەتكەن،27 مىڭ 600 ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان.
2005 – يىلى 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى پاكىستان كونتىروللىقىدىكى كەشمىر رايۇنىدا 7.6 بال يەر تەۋرەپ، 73 مىڭ ئادەم قازا قىلغان، 130 مىڭ ئادەم يارىلانغان، 2 مىليۇن 800 مىڭ ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان.مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى [ hitab تەرپىدىن 2008-05-23 14:18 قايتا تەھرىرلەنگەن ]