ئامېرىكا ئىراننىڭ يېڭى لايىھىسىنى ئاشكارىلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 22- ماي تېلېگراممىسى : ئامېرىكا « پەن - تېخنىكا ۋە خەلقئارا خەۋپسىزلىك تەتقىقات ئورنى » ئالدىنقى كۈنى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن يېڭى تەكلىپ لايىھىسىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى : بۇ يېڭى لايىھىدە ئىران خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيىسى كارخانىسى قۇرۇپ ، ئۇنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوران قۇيۇلدۇرۇش ۋە يادرو يېقىلغۇسى ياساش ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل قىلىشنى ؛ ئامېرىكا قاتارلىق يادرو قورالىغا ئىگە ئەللەردىن يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغان .
خەۋەردە مۇنداق دېيلدى : بۇ تەكلىپ ئىراننىڭ ب د ت دىكى سابىق بەش ئەلچىسى زارىف 2006- يىلى ئوتتورىغا قويغان خەلقئارالىق يادرو ئېنېرگىيىسى كارخانىسى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن .
بۇش : ئامېرىكىلىقلار كۇبالىقلارغا يانفون ئەۋەتسە بولىدۇ ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 22- ماي تېلېگراممىسى : ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۈڭى بۇش تۈنۈگۈن كۇبا مۇستەقىللىقىنىڭ 108 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ : ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۇبالىقلارغا يانفون ئەۋەتىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ . ئەگەر رائول ئۆزى باشلىغان ئىسلاھاتقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسا ، ئامېرىكا يانفونلىرىنىڭ كۇباغا كىرىشگە رۇخسەت قىلىدۇ ، دېدى
بۇش يەنە مۇنداق دېدى : ھازىر كۇبالىقلانرىڭ يانفون ، DVD ۋە كۇمپيۇتېر سېتىۋېلىشغا رۇخسەت قىلىندى ، 2010 - يىلىغا بارغاندا ئۇلار يەنە دوخوپكا ۋە باشا ئاشخانا ئەسلىھەرلىرىنى سېتىۋالالايدۇ .
ئولمېرت : تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتى ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، يېرۇسالېم ، 22- ماي تېلېگراممىسى : ئىسرائىلىيىنىڭ زۇڭلىسى ئولىمېرت تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : سۈرىيە بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن جاپالىق يول قويۇش بولىسمۇ ، لېكىن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەي . ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ قالغان سەككىز يىلدىن بۇيان ، ئىسرائىلىيىنىڭ شىمالى چېگرىسى زادىلا ئەمىن تاپالمىدى ، شۇڭا تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دۆلەت چوقۇم ئادا قىلمىسا بولمايدىغان مەسئۇلىيەتكە ئايلاندى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئىسرائىلىيە ، سۈرىيە ۋە تۈركىيە شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ، ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيە تۈركىيىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا ۋاستىلىك تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلىدى ، دېگەنىدى .
ئۇلارنىڭ قوشنا بولۇپ ئولتۇرغىنىغا 72 يىل بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 22- ماي تېلېگراممىسى : شياڭگاڭدىكى « ھەقىقەت گېزىتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : 94 ياشلىق مارى دىرا 1935 - يىلى كامبىرىجدىكى ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەن ، ھازىر 72 ياشقا كىرگەن ئېفورىدىن ( ئەينى چاغدا تېخى ئېيىغا توشمىغان بوۋاق ئىدى) بىر يىلدىن كېيىن ئاتا- ئانىسى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ ، مارى بىلەن قوشنا ئولتۇرغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار 72 يىلنى ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ ئۆتكۈزدى . ئىگىلىنىشىچە ، « جىنىس دۇنيا رېكورتى قامۇس» ى ئۇلارنى ئىزچىل 72 يىل قوشنا ئولتۇرغانلار ، دېگەن نام بىلەن بۇ قامۇسقا كىرگۈزمەكچى بوپتۇ .
مالايسىيا جۇڭگو رەھبەرلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، كۇئالالومپۇر ، 22- ماي تېلېگراممىسى : مالايسىيادىكى « گۇاڭخۇا گېزىتى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى : بىر ياخشى ھۆكۈمەت جەمئىيەت تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن ، يەنە خەلقنى ئاساس قىلىپ ، خەلقنىڭ قايغۇسى ۋە خۇشاللىقىغا ھەمدەم بولۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلغان بولىدۇ .
بۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى چوقۇم مېھرىبان ، ئەلنىڭ قايغۇسىغا يىغلايدىغان ياخشى رەھبەر . بۇ قېتىم سىچۈەندە يەر تەۋرىگەندە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يۈز بەرگەن رايونغا 1- بولۇپ بېرىپ قۇتقۇزۈش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى ، ئۇلارغا ئوخشاش ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا پىداكارلىق بىلەن بېرىپ ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپ ئەمەس .
2030- يىلى دۇنيادا نېفىت ئازىيىدىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېرلىن ، 22- ماي تېلېگراممىسى : گېرمانىيىدىكى « دۇنيا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، تۈنۈگۈن خەلقئارا بازاردا بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 130 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن ، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت . تېخىمۇ يامان يېرى شۇكى ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 2030 - يىلى دۇنيادا نېفىت زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدىكەن . شۇڭا ھەر بىر تۈڭ نېفىت باھاسىنىڭ 150 ياۋروغا ئۆرلەيدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن .
مەنبە :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
[ ajrim تەرپىدىن 2008-05-23 12:26 قايتا تەھرىرلەنگەن ]