زۇڭلى ۋېن جياباۋ بېيچۈەندە
ۋېن جياباۋ خارابىلىققا ئايلانغان بېيچۈەننى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق باش شىتابىنىڭ باش قوماندانى ۋېن جياباۋ 22 – ماي سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئەپەت ئەھۋالى ئېغىر بولغان بېيچۈەن ناھىيىسىگە قايتىدىن كېلىپ ، بۇ يەرنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .
ۋېن جياباۋ بېيچۈەن ناھىيىسىنىڭ شەھەر سىرتىكى ئېگىز تاغ ئۈستىگە چىقىپ ، بۇ ناھىيىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى خارابىلىققا ئايلانغان ناھىيە بازىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹بىز چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولغان يېڭى بىيچۈەننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك ››. ۋېن جياباۋ يەرلىك كادىرلار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
بۇ زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ ئاپەت رايونىغا ئىككىنچى قېتىم كېلىشى . زۇڭلى ۋېن جياباۋ 12 – ماي سىچۈەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، شۇ كۈنى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە 16 – ماي سىچۈەندىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بېيجىڭدا كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان . زۇڭلى ۋېن جياباۋ 12 – ماي ئاپەت رايونىغا يېتىپ كېلىپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان چاغدا تارتىلغان سۈرەت