غېنى مېنى مۇشۇ ئاشخانىغا ئەكىرىپ قويۇپ ئۆزى ۋېيگوڭسۇن دېگەن كوچىغا ئىش ئىزدەپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئاق تاماكا ساتقان دەپ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ئۇ بۇرۇنمۇ شۇ ئىش تۈپەيلىدىن ساقچىغا گۇمانلىق كۆرۈنۈپ قېلىپ ئۈرۈمچىگە قېچىپ چىقىپتىكەن. بۇ قېتىم ئۇ يەنە ئاشخانىدا ئىشلەشنى تەس كۆرۈپ، ئاز كۈچ بىلەن جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىشنى كۆزلەپ مەندىن يىراق تۇرۇپ، ئاخىر تۇتۇلۇپتۇ. ئايپاشا غېنىنى پۇل تۆلەپ ئېلىپ چىقىشقا خېلى كۈچەپ باقتى، ئەمما ئەچىقالمىدى.
ئايپاشا قەشقەرلىك چىرايلىق چوكان ئىدى، بېشىغا ھەر دائىم قارا ياغلىقىنى چېگىپ، ئاشخانا ئالدىدا ئۇنى-بۇنى ئىشقا بۇيرۇغاچ پۇل ساناپ، يولدا كېتىۋاتقانلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئاشخانىدا ئۇستا ھەم نىمكار بولۇپ ئونغا يېقىن ئادەم ئىشلەيتتۇق. مېنىڭ ئايدا ئالىدىغان پۇلۇم يېگەن تامىقىم، ياتىدىغان ياتىقىم بىلەن قوشۇلۇپ مىڭ كوي ھېسابلىناتتى. پەرىزىمچە ئاشخانىدا ھەر كۈنلۈكى بەش مىڭ كويدەك كىرىم بولاتتى. ئايپاشاخان پۇلغا ناھايىتى چىڭ ئىدى، ھەممىنى ئۆزى ساناپ ئۆتكۈزۈۋالاتتى. بۇ چوكان شۇنچىۋالا پۇلنى يالغۇز جېنىغا نەگە خەجلەپ بولار، دەپ ئويلايتتىم.
بۇ ئاشخانىدا ئىشلەپ بىرەر ئايدىن كېيىن مەن بۇ ئوقەتچىلەر مەھەللىسىدىمۇ قىمار سورۇنىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالدىم، كىرىپ ئويناي دېسەم قولۇم ئىشتىن بىكار بولمايتتى. كېيىن ئىشتىن چۈشكەن بىر ئاخشىمى پۇرسەت تېپىپ سورۇنغا قاتناشتىم. بۇ يەردىمۇ ھوشۇق ئاتىدىكەن، ھوشۇقلار بىر قارىسا جا كۆرۈنەتتى، بەكمۇ چىرايلىق، سىپتا ئىدى. ھوشۇق ئېتىش ئۇسۇلى مەن بىلگەندەك بولسىمۇ، ئاتىلىشىنى بۇلار خەنزۇچە ئاتايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئاتقىنىغا قاراپ ئولتۇردۇم. قىمار كۆرۈپ تۇرغان قاۋۇل دېگەن بىرەيلەن ئارىلىقتا ئايپاشانىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى، ئايپاشاخان ئېرىنىڭ ھەم غېنىنىڭ يۈزىنى قىلمىدى، غېنى بۇ خوتۇنغا ئىلگىرى خېلى ئىشلىگەن دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن، ئۇ ئايالمۇ خېلى مېڭىپ باقتى، ئەچىقالمىدى دېسەم، ئۇ، پۇل بەرسە تۇرمىدىن چىقىرىپ بەرمەيدىغان قانداق ساقچىكەن ئۇ، ئايپاشا پۇلىغا چىدىمىغان گەپ، دەپ بىزنىڭ خوجايىننىڭ غەيۋىتىنى قىلغىلى تۇردى.
— سىز قايسى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى-دېدىم مەن ئۇنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق قاۋۇل ھەم سالاپەتلىك بەستىگە قاراپ.
— مەن ناۋاي- دېدى ئۇ بۇ ئىشىنى ياراتمايدىغاندەك قىلىپ.
— قىمار ئوينىمامسىز؟
— ئوينىغۇدەك پۇلنىڭ تاينى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن تەلىيىم يوق.
— مەن ئويناپ باقاي دەيمەن.
— قانچە پۇلۇڭ بار؟
— مىڭ بەش يۈز كويدەك پۇلۇم بار.
— ئويناپ باق.
ئۇنىڭ مەدىتى بىلەن مەنمۇ پۇل تىكىپ ھوشۇق ئاتتىم، ئەمما بۇ ھوشۇقلار بىلەن تازا ئەپلىشەلمىدىم ، بىر دودىلا مىڭ كوينى سېلىپ بەردىم، كېيىن بەش يۈز كوينىمۇ بىر ئېتىش بىلەن ئۇتتۇرىۋەتتىم. پۇللىرىمغا قارنىم بەك ئېچىشتى.
ئايپاشاخان پىخسىق چوكان بولغاچقا پۇل بېرىپ تۇرمايتتى، قىمار ئوينىغىنىمنى بىلسە تېخىمۇ ئۇنىمايتتى. بۇ چوكاننى تازمىدۇ دەيتتىم، بېشىغا دائىملا ياغلىق چىگىۋالاتتى؛ ئاشنىسى بارمىكىن دەپمۇ گۇمان قىلاتتىم، ئەمما يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇنداق ئالامەت سەزمەيتتىم. بىز نىمكارلار ئاشخانىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئېغىز كونا ئۆيدە قىستىلىشىپ ياتاتتۇق. ئارىمىزدا ئىككەيلەن ئۇچىغا چىققان بەڭگى بولۇپ، خورتۇلدىتىپ نەشە تارتىپ ئېغىز-بۇرنىدىن بىر ئىس چىقارغىلى تۇرسا ، بۇ تار ھەم سېسىق ئۆي تېخىمۇ بەدبۇي پۇراپ كېتەتتى، مەنمۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل قىزىقىپ چەككەن، كېيىن ئادەمنى بەك قېرىتىۋىدىكەن دەپ ئاڭلاپ تاشلىغانىدىم، ئەمدىلىكتە خەقنىڭ ئىسىنى پۇرىغاندىن كۆرە مەنمۇ چېكەي دەپ ئۇنى يەنە تېپىۋالدىم، ئاخشىمى كاللا قاپاق بولاتتى، ئەمما ئۇيقۇغا بىر قېنىۋالساملا ئەتىسى نورمال ئىشلەۋېرەتتىم.
بىر ئايدىن كېيىن ئىش ھەققىمنى ئايپاشادىن تەستە ئېلىپ، يۈرەك توق، ئەمما تەشنالىقىم قانمىغان ھالدا قىمارۋازلار سېپىگە قىستالدىم. بۇ يەرگە نەشىنى تازا چېكىپ كىرگەچكە، كاللام پاختىدەك يەڭگىل، ئەمما ھوش-سەزگۈلىرىم جايىدا ئىدى. سورۇندا ھەممىدىن بەك ئۇتقىنى قاسىم لوبەن ئىدى، ئالدىدىكى دە ستە-دەستە پۇللار ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيتتى. دەسلەپكى ئېتىشىمدا پۇلۇم بىر قاتلاندى، كېيىن يەنە شۇنداق قاتلىنىۋەردى. ھوشۇق مېنىڭ ئامىتىمگىلا توغرىلانغاندەك قىلاتتى. ئىككەيلەن تولۇق ئۇتتۇرۇپ تاۋكادىن چېكىنىپ، بىر نەچچەيلەن قالدۇق. قاسىم لوبەن ئۇتتۇرۇشقا باشلىدى، ھوشۇق ئۇنى مەسخىرە قىلغاندەك شاراقلاپ، قالايمىقان تۆكۈلەتتى. كەيىپلىكتە كۆڭلۈم ئازادە بولغاچقا قولۇم ھاياجاندىن ئۇنچە تىترەپ كەتمىدى، قىمارۋاز دېگەن جان كەتسىمۇ ھوشۇقنى ئۆزىنى توختىتىپ ئاتمىسا بىكار، مەن ئاتقان ھوشۇق ھەيران قالارلىق دەرىجىدە دەل توختاپ، بىر دەمنىڭ ئىچىدە ئۇلاردىن نەچچە ئون مىڭ كوينى قومۇرۇپ ئالدى، قاسىم لوبەن مېنىڭ ئالدىمغا يۆتكەلگەن پۇللارغا قاراپ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى. سورۇندىكىلەر مېنى، سەن كونا قىمارۋازكەنسەن، ئاپاڭدىن تۇغۇلۇپلا ھوشۇق ئېتىپ ئوينىغان قىمارۋازكەنسەن، قىمارۋازنىڭ بوۋىسىكەنسەن...دەپ خوشامەت قىلىپ كېتىشتى ۋە چوتا تەلەپ قىلىشتى. پۇلۇمنى ساناپ باقسام ساپمۇ ساق 81مىڭ كوي ئۇتۇپتىمەن، شۇ خوشلۇقۇمدا ئەتراپىمدىكى”چىراقچى“ لارغا يۈز كويدىن پۇل بەردىم.
— بۇ پۇلغا ئەمدى نېمە قىلاي دەيسەن؟-دېدى قاۋۇل.
— ئۇقمىدىم، غېنىنى تۇرمىدىن ئېلىپ چىقسام بولامدىكىن يا يۇرتقا كەتسەم بولامدىكىن...
— يۇرتقىمۇ بارىسەن، بۇ پۇلۇڭمۇ تۈگەيدۇ. مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ پۇلۇڭنىڭ بارىدا ئاشخانا ئېچىۋال، ھازىر مەشەدە ئاتمىش-يەتمىش مىڭ كويغا ياخشى بىر ئاشخانا ئېچىۋالالايسەن. دۇكىنىمنىڭ يېنىدا ئوقىتى ئاقمايۋاتقان ئاشخانا بار. پۇلۇم يەتكەن بولسا مەن ئالاتتىم، سېنىڭ پۇلۇڭ بولغاندىكىن بېرىپ سۆزلىشىپ باق. ئاشخانا ئېچىۋالساڭ ئاساسەن زىيان چىقمايدۇ، پايدا تاپىسەن. مەن بۇ يەرگە كونا، ئىشلىرىڭغا مەن ياردەملىشەي، سېنىڭ سايەڭدە مەنمۇ ئوقىتىمنى ياخشىلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس، خالىساڭ مېنى ئۆزەڭنىڭ ئاكىسىدەك يا ئاغىنەڭدەك كۆرۈۋەر، بۇ ساڭا ئىنتايىن ياخشى مەسلىھەت...
مەن بۇ تەكلىپنى ماقۇل كۆردۈم. قىماردا ئۇتقان پۇل دېگەننىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، ئۇنى مۇشۇنداق ھالال ئوقەتكە خەجلىسەم بەلكىم رىسقىم كۆتۈرۈلۈپ قالار دەپ ئويلىدىم. قاۋۇل دېگەن ئاشخانىنى بۇرۇنقى خوجايىن ۋە ئىجارىكەش خەنزۇ بىلەن دېيىشىپ يىللىقىنى 75مىڭ يۈەنگە كۆتۈرە ئالدىم. ئۆتەشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەر بېشىمنى خېلى قاتۇرغان بولسىمۇ قاۋۇلنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇمۇ پۈتۈپ كەتتى. قاۋۇلنىڭ گېپى بويىچە ئاشخانىنىڭ ئىچىنى بىرەر قۇر بېزىدىم، ۋېۋىسكىنى يېڭىلىدىم؛ ئەسلىدىكى ئۇستا ھەم نىمكارلار مەن تەلەپ قىلغان ھۈنەرگە پۇختا بولۇش، پاكىز بولۇش، خېرىدارغا قىزغىن بولۇشتەك ئۈچ شەرت بىلەن ئۆز جايىدا ئىشلەۋېرىدىغان بولدى، مۇلازىمەت باشلانغان كۈندىن تارتىپ ئەڭ باشتا ئۆزەم قول تىقىپ تاماقنىڭ سۈپىتىگە، ئاشخانىنىڭ تازىلىقىغا ۋە كىرگەن خېرىدارنى ياخشى كۈتۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم، ئاشخانىدىكىلەرمۇ بۇنىڭغا كۆندى. ئاشخانام ئاز كۈندىلا ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى.
ئايپاشاخان خېلى كۈنلەرگىچە مېنىڭ بۇ ئاشخانىغا خوجايىن بولغىنىمغا ئىشەنمەي يۈرۈپتۇ. دېمىسىمۇ مېنىڭ بىر كۈن ئىچىدىلا مالايلىقتىن خوجايىنلىققا كۆتۈرۈلۈشۈم ھەر كىمنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى ھەم ئىچىنى قاينىتاتتى. ئاشخانام گۈللىنىپ كېتىۋەردى. مەن ئەمدى خوجايىنلىق ھوزۇرىنى سۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ ئوينايدىغان يېرىنى ئىزدەشكە چۈشتۈم؛ قاۋۇلنىڭ ئىش ئۆگىتىشى ۋە بىللە بېرىشى بىلەن بازار باشقۇرۇشتىكى، باج ئىدارىسىدىكى خەنزۇ كادىرلارنى ئوبدان ئۈلپەت تۇتۇپ كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلدىم، خەنزۇچىنىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆگىنىپ قالدىم.
غېنىنى ئون مىڭ كوي تۆلەپ تۈرمىدىن ئېلىپ چىقسام ئۇ ئاشخانامدا بىر ئوبدان ئىشلەۋېتىپ يەنە ۋېيگۇڭسۇنغا كېتىپ تۇتۇلۇپ قالدى. ئۇ ئاق تاماكىنى چېكىشكە ئۆگىنىپ قالدىمۇ ياكى سېتىشقا ئۆگىنىپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ ئىچىمدە ئۇنى ئادەم بولمايدىغان گۇي ئىكەنسەن دەپ بىرمۇنچە تىللاپ، ئەمدى ئىككىنچى ياخشىلىق قىلماسلىققا قەسەم قىلىۋەتتىم. بۇ يەردىكى ئاشخانا خوجايىنلىرى ئىچىدە كەيپ قىلمايدىغىنى، قىمار ئوينىمايدىغىنى، پاھىشىۋازلىق قىلمايدىغىنى ئاساسەن يوق ئىدى، مېنىمۇ ئۇلار شۇ قاتارغا سۆرەپ كىرىشكە نەچچە ئۇرۇنۇپ باقتى، دەسلەپتە ئۆزەمنى تۇتالماي يامان يولغا دەسسەپ قالدىم، كېيىن نەچچە ئاخشام چۈشۈپ بۇزۇلۇپ، ئاتامنىڭ چۈشۈمدە قىلغان نەسىھەتلىرىنى ئويلاپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالدىم. ئويلاپ باقسام، بىزدە بىر نان تاپسا داپ چالىدىغان، ئۆزىنى كەيپتىن زەھەرلەپ، قىماردىن ساراڭ بولۇپ، زىنا-شەھۋەتتىن بۇلغىنىپ ئاخىر بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئادەملەر ئاز ئەمەسكەن، كۈندە بۇ كوچىنىڭ ئالدى-ئارقا تەرەپلىرىدە، مەخپىي ھۇجرىلاردا بولۇۋاتقان بەزەپ ئىشلار، ئاق تاماكىدىن ئۆلۈۋاتقانلار، پىچاق يەپ ئۆلۈۋاتقانلار، تۈرمىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلار مېنى ھەر ۋاقىت سەگەك ياشاشقا ئۈندەيتتى. كۈندە دېگۈدەك بىزنىڭ يۇرتلاردىن نەچچە ئادەم كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى، قارىسا مۇساپىردەك، كادىردەك، ئەرز ئېيتقىلى كەلگەندەك قىلاتتى، بەزىلىرى تۇرۇپ قالاتتى، كېيىن ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كېتەتتى، تۈرمىگە كىرىپ كەتتىمۇ، بىر يەردە ئۆلدىمۇ، يا يۇرتقا كەتتىمۇ ئۇققىلى بولمايتتى. موشۇ كوچىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەسئۇل بىر سېمىز ئايال پالانى يەرلىك پۇكۇناخۇننى يەرلىكىدە قويماقچى، پۇل بېرىڭلار دەپ پات-پات كېلەتتى. بىر چاغدا بۇ يەردە قىز-چوكانلار ئاۋۇپ كەتتى، قاراپ بەزىدە روشەنگۈلنى ئەسلەپ قالاتتىم، يۇرتقا بېرىپ ئەكىۋالاي دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم، ئەمما ئىشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بىر يەرگە مىدىرلىيالمايتتىم.
بىر كۈنى ئاشخانىغا ناھايىتى چىرايلىق بىر چوكان كىرىپ تاماق يېدى؛ تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەيدىغاندا ئۇ ئالدىمغا كېلىپ، يەرگە قاراپ، يېنىدا بىر پۇڭمۇ قالمىغانلىقىنى، ئەگەر خالىسام ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلەپ قېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.
— قەشقەردىنمۇ سىز؟-دېدىم مەن ئۇنىڭ گېپىگە قاراپ.
— ھەئە .
— ئېرىڭىز يوقمۇ؟
— ئېرىم شىجىمىندا كاۋاپچىلىق قىلاتتى، يېقىندا بىر خەنزۇغا پىچاق تىقىپ قويۇپ تۈرمىگە كىرىپ كەتتى.
— سىز ئايپاشاخانغا ئەجەپ ئوخشايدىكەنسىز، سىڭلىسىمۇ نېمە؟
— ھەئە، بىز نەۋرە...
— ئەمىسە شۇ يەردە ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ؟
— قويىڭە ئۇ بۇزۇقنىڭ گېپىنى، يۈزىگە قارىساملا تۈكۈرگۈم كېلىدۇ، بىزنىڭ ھازىر قىلچە مۇناسىۋىتىمىز يوق!
— ئىسمىڭىز نېمە؟
— ئايجامال.
مەن ئۇنىڭ نۇرلۇق، قاپقارا كۆزلىرىگە، ئايپاشاخاندىنمۇ سەتەڭ ئىسكەتىگە قاراپ ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ روشەنگۈلگە ئوخشاش تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلاردىن قېلىشمايتتى. مەن ئۇنى ئاشخانىدا بىر مەزگىل ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققاندىن كېيىن، قولدىن چىقىرىۋەتمەي، خوتۇنلۇققا ئېلىش نىيىتىگە كەلدىم.
ئايجامال ئاشخانىدا ياخشى ئىشلىگەندىن باشقا مېنىڭ شەخسىي ئىشلىرىمغا ناھايىتى كۆيۈندى، مەن ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ دەرھال توي قىلىش تەكلىپىنى بەردىم. ياخشى ئىشنى ۋاقتىدا قىلىۋەتمىسە شەيتان ئارىلاپ قالىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئۇ تارتىنىپراق ماقۇل بولدى. ئىككى كۈن تەييارلىق قىلىپ، ئۈچىنچى كۈنى توي زىياپىتى بەردىم، چۈشتىن بۇرۇن بىرەيلەنگە نىكاھ ئوقۇتقۇزدۇق، زىياپەتكە بېيجىڭدا بىز بىلىدىغان جىمى ئاشپەز- كاۋاپچى كېلىپ، خېلى قىززىتىپ بەردى. قىزلىق مېلى ۋە توي چىقىملىرىغا ئوتتۇز مىڭ كويدەك خەجلىگەن بولساممۇ ئايجامالنى خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغىنىمغا خوش ئىدىم. توي كۈنى خۇددى پادىشاھ دۆلىتىنى كۆرۈۋاتقاندەك، ئۆزەممۇ پادىشاھقا ئايلانغاندەك ھېسسىياتقا چۆمدۈم، توي كېچىسىدىكى بەخت مېنى نەشە چەككەندەك مەست قىلىۋەتتى.
تويدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئايجامالغا ئۆتكۈزۈپ بەردىم. ئۇ نەۋرە ئاچىسى بىلەنمۇ يارىشىپ قالدى. ئۇ ئايپاشاخاندىنمۇ ئۆتە گەپدان بولۇپ، ئاشپەز، مەدىكارلارنى زادى جىم تۇرغۇزمايتتى؛ پۇلنى كېمەيتمەي ئېلىشقا، گۆش-ياغ، سەي-كۆكتاتنى ئۇقۇشۇشقا، سودا-سانائەت كادىرلىرىغا خۇشخۇيلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، ئىشقىلىپ چامىسى يەتكەنلىكى ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا قابىل ئىدى. مەن ئەمدى مۇشۇنداق بىر ئەقىللىق، چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ بارلىقىدىن ئىچىمدە ماختىنىپ، جىق ئىشلاردا ئۇنىڭغا يول قويىدىغان بولدۇم. ئۆزەم ئاشخانىغا كېرەكلىك ھاراق، تاماكا، جوزا ياپقۇچ، چىش كولىغۇچ، تازىلىق قەغىزى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىلىش بىلەن بولاتتىم، بىكار بولۇپ قالسام ئېقىم كېلىشىدىغان خوجايىنلار بىلەن مۇڭدىشاتتىم. بىز بىر جوزا سەي، ھاراقلارنى ئالدىمىزغا تەقلەپ قويۇپ، مەست بولمىغۇدەك ئىچىپ تاغدىن-باغدىن پاراڭ سوقاتتۇق.
بۇ يەردىكى ئىشلىرىم كۆڭۈلدىكىدەك بولغاندىكىن، قىلىدىغان ئىشىمنىڭمۇ تايىنى بولمىغاندىكىن، يۇرتقا بېرىپ كېلەي دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاتامنى ۋە يۇرت-مەھەللىدىكىلەرنى كۆرمىگىلىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپتۇ،. ئاتامنى ئويلىسام ئەنسىرەپ قالاتتىم. بېرىپ ئۇنى يوقلاپ مەشەگە ئەكىلىۋېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئايجامالغا دېدىم. ئايجامال دەرھال ماقۇل بولدى. ئۇنىڭدىن بەش مىڭ كوي ئېلىپ ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدىم ۋە كېچىلىك ئاپتۇبۇستا بىر كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ، قەدىناس يۇرتۇمغا ئۇلىشىۋالدىم. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە بازاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاكام مونيازنىڭ ئۆي ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى چەكتىم. ئىشىكنى ئايالى ئەلاخان چىقىپ ئاچتى ۋە مېنى تونۇيالماي قالدى. مەن ياقۇپ، دېگەندىن كېيىنلا ئۈستىباشلىرىمغا قايتىدىن قاراپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى ۋە:
— ۋاي ئۇكام، سىزمىدىڭىز، تونۇيالماي قاپتىمەن، قېنى ئۆيگە كىرىڭ!-دەپ ئۆيگە باشلىدى.
— ئاكام ئۆيدىمۇ؟ ساق-سالامەتمۇ؟ ئۆزىڭىزچۇ؟
— ئاكىڭىز ئۆيدە ئۇكام، مەنمۇ قەدىر ئەھۋال. بىر يىل بولدى، يوقاپ كېتىپ ھېچ كەلمەيسىز، مانا كېلە، ئەنە كېلە دەيمىز، يا بىر خەۋىرىڭىزنى ئالالمايمىز...
مونيازكام ئىچكىرىكى ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىكەن، مېنى كۆرۈپ ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتى، قارىسام كۆز چاناقلىرى پارقىراپ كېتىپتۇ، مېنىڭمۇ كۆزۈمگە ياش كەلدى.
— نەلەرگە كەتتىڭ ئۇكام؟
— كۇلىغا كىرىپ چىقتىم.
— خېلى پۇل تاپقان ئوخشىمامسەن؟
— ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس.
— قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟ ئۆينىڭ تاماقلىرىنى سېغىنغانسەن؟
— ئۇنى بىر دېمە ئاكا...
ئەلاخان ئالدىمىزغا داستىخان سېلىپ چاي ئەكەلدى، ئاندىن ئىككى قاچا ئۈگرە ئېلىپ كىردى. يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقىدىن نەپسىم تاقىلداپ كەتتى. بىر قاچا ئاشنى ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئىچىۋېتىپ، تەرىمنى سۈرتۈپ، ئۆزەمنى يەلپۈپ ئولتۇرۇپ، بىر يىلدىن بېرى بۇنچىلىك ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاش ئىچىپ باقمىغانلىقىمنى ئويلاپ كەتتىم. ئاكام ئىككىمىز كېچىچە پاراڭلىشىپ ياتتۇق. ئاكام ئاتامنىڭ مەن كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىلەنلا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دېگەندە ياتقان ئورنۇمدىن تىترەپ قوپۇپ، بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. ئاتامنىڭ ئاخىرقى دىدارىنى كۆرۈۋالالمىغىنىمغا، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالماي تاشلاپ كەتكىنىمگە ئېچىنىپ، ئاتامنىڭ ھايات چېغىدىكى ئىشلىرىنى ئەسلەپ كۆڭلۈم بەك بۇزۇلدى.
— مال-چارۋىنى سېتىپ ئاتاڭنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۇزاتتۇق، رەھمەتلىك قازا قىلغاندا ھېچقايسىمىز يېنىدا بولالماي قاپتىمىز. ھەمراخاچام بىر ئىش بىلەن كىرىپ ئۇنى كۆرگەندە جان ئۈزگىلى خېلى بوپتىكەن...
بۇ گەپلەر ماڭا تېخىمۇ ئېغىر كەلدى. مونيازكام يەنە گەپ باشلىدى:
— يەنە بىر قىززىق ئىش، ئاكام قازا قىلغان كۈنلەردە سىلىنىڭ ئېشەك ئېغىلنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ تالاغا قېچىپ چىقىپ كېتىپتىكەن، كېيىن مەھەللىمۇ مەھەللە، تاممۇ تام ھاڭراپ خەقنى قاتتىق زېرىكتۇۈرۈپتۇ. بىرەرسى تۇتۇۋالاي دېسە ئالدىغا ئۇچرىغاننى چىشلەپ، كەينىدىن كەلگەننى تېپىپ ھېچكىمگە تۇتۇق بەرمەپتۇ. كېيىن خەقلەردىن ئاڭلىسام، ئۇ ئېشەك كېچىسى توختىماي ھاڭرايمىش، خەقلەرنىڭ زىرائىتىگە تېزەكلەپ، ئەمدى تېرىغان يەرنىڭ توپىسىدا ئېغىناپ ئىز قالدۇرۇپ قويىمىش...
مەن ئاكامدىن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم، ئۇ باشقا چوڭ ئىشلار بولمىغانلىقىنى، پەقەت توختىخان خانىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، قىزىنىڭ يېقىندا بىر تېرىچى سودىگەر بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
بىر يىل ئىچىدىلا بۇنداق چوڭ ئىشلارنىڭ بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئۇ مەھەللىدە ئەمدى مەن تارتىشقۇدەك ھېچنېمە قالمىغانىدى. تاڭ ئاتقۇچە ئاتامنىڭ يالغۇز ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ ئازابلىنىپ ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى ئەتىگەندە تاغام ئىمامنىياز قارىنىڭ چوڭ ئوغلى دادىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ كەلدى. بىز ئۈچەيلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق؛ ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە تاغامنىڭ ئايالى ھەمراخاچام كۆزلىرىدە ياش يۇقى ھالدا ئۆيدىن تالاغا، تالادىن ئۆيگە مېڭىپ يۈرەتتى. ئۆيگە كىرسەك تاغامنىڭ بالىلىرى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمۈپ ئولتۇرغانىكەن، قايغۇلۇق كۆرۈشتۇق. مونيازكام تاغامنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كېلىپ:
— ئاكا، قانداقراق تۇرىلا، مۇنداق تېز ئۆزگۈرۈپ قېلىشلىرىنى زادىلا ئويلىماپتۇق،- دېدى تىترەپ تۇرۇپ. مەنمۇ ئاتامنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى قىياپىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، بىردىنلا جالاقلاپ تىترەپ كەتتىم. ئەجەلنىڭ مۇدھىش سوغۇقلىرى ئادەمنىڭ تېنىنى ھەقىقەتەن شۈركەندۈرەتتى.
— ئاكا، كۆزلىرىنى ئاچسىلا...-مونيازكامنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى.
— ئاتا، ئاتا، بىزنى بۇنداق تاشلاپ كەتمەڭ ئاتا... – بالىلىرى يىغلاشقا باشلىدى. مەن رەھمەتلىك ئاتامنىڭ يالغۇز، بىچارىلەرچە ئۆلۈمىنى ئويلاپ ھەيكەلدەك قېتىپ تۇراتتىم.
— ئاكا، كۆزلىرىنى ئاچسىلا، ياقۇپمۇ كەلدى...-دېدى مونيازكام، مەن تېخىمۇ بىئارام بولۇپ كەتتىم.
تاغامنىڭ قاپاقلىرى سۇس لىپىلداپ، كۆزى ئاستا-ئاستا ئېچىلدى. مەن يېقىن باردىميۇ ئۇنىڭ كۆزىدە چاقناۋاتقان سوغوق نۇرنى سېزىپ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ كۆزى يەنە يۇمۇلدى. ئۇنىڭ ئىككى چېكىسى بىر قوشۇق سۇ پاتقۇدەك ئولتۇرۇش كەتكەن بولۇپ، چىرايىدىن ئۆلۈمنىڭ بىشارىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ئاتامغا ئۆلگىچە ئاداۋەت ساقلاپ دۇنيادىن ئۆتكەن بۇ تاغىمىزنىڭ يەتتە نەزىرىنى تۈگىتىپلا ئۆينى سېتىپ، مونيازكامنىڭ نېمانچە ئالدىرايسەن دېگىنىگە قارىماستىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدىم. ئۈرۈمچىدىمۇ ئۇزاق تۇرماي بېلەت ئېلىپ بېيجىڭغا ئۇچتۇم. كېلىپ ئاشخانىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، ئاشخانامنىڭ «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى» دېگەن ۋېۋىسكىسى «قەشقەر ئاشخانىسى»غا ئۆزگەرتىلىپتۇ. بۇ نېمە ئالامەت دەپ ئاشخانىغا كىرىپ تۇرۇشۇمغا سوگوزىچى تۇرسۇن تەتەي ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئاشخانىڭىزنى خوتۇنىڭىز ئاچىسىغا سېتىپ، قاۋۇل بىلەن گۇاڭجۇغا قېچىپ كەتتى دېمەسمۇ، بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى؛ يۈرىكىم بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەندەك قىينىلىپ، ئاچچىقتىن خۇدۇمنى يوقاتتىم. غەزەپ بىلەن ئايپاشاخاننىڭ ئالدىغا كەلسەم ئۇ مەندىنمۇ چوڭ تېگىپ:
— سىڭلىمنى خوتۇنۇم دەيدىغان ئىسپاتىڭ قېنى؟ توي خېتىڭ بارمۇ؟ بۇ يەردە نوپۇسۇڭ بارمۇ؟ سىڭلىمنى سەككىز ئاي خوتۇن قىلغاندىكىن بولار ئەمدى، ئۇنىڭدا ھەققىڭ قالمىدى، ئاشخاناڭنى مەن بۇلاپ ئېلىۋالمىدىم، ئۆزى سېتىپ بەردى. ئىشەنمىسەڭ ماۋۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن سوراپ باق!...- دەپ ۋالاقلاپ كەتتى.
ئەتراپقا ئادەم ئولاشتى. قاسىم لوبەن ماڭا قاراپ، ئەمدى بېرىپ ئۈژمەڭنى يە! دەپ سەت ھىجايدى. ئەينى چاغدا مەندىن يۈز كوي چوتا ئايرىغان خوجايىنلارمۇ، ئۆزەڭگە چىڭ ئەمەسكەنسەن، خوتۇن خەق دېگەنگىمۇ ئىشىنىپ ھەممىنى تۇتقۇزۇپ قويغان بارمۇ، قىماردا ئۇتقان نېمە زادى سىڭمەيدۇ... دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ھەممە گۇناھنى ماڭا قويدى. تۇرسۇن تەتەي يېنىمغا ئاستا كېلىپ:
— سىز كېتىپلا خوتۇنىڭىز قاۋۇل بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈردى، ئاچىسى بىلەن فاڭدۇڭ (ئۆي ئىگىسى خەنزۇنى دېمەكچى)نى نەچچە كۈن مېھمان قىلدى. سىز بىلمەيسىز، قاۋۇل دېگەن پاھىشۋاز نېمە، ئاچىسى بىلەن سىڭلىسىنى بۇرۇنلا كەلتۈرۈۋاپتىكەن...
— بۇنى سەن نەدىن بىلىسەن، نېمىشقا بۇرۇنراق دېمەيسەن؟
— بۇرۇن مەنمۇ بىلمەيتتىم، يېقىندا ئاڭلىدىم...
— سەن ھازىر مۇشۇ پاسكىنىنىڭ قولىدا ئىشلەۋاتامسەن؟
— ئامال يوق، ئىش تاپماق تەس تۇرسا ھازىر...
— ئىككىمىز بىرلىشىپ بازار باشقۇرۇشقا ئەرز قىلساق ئاقارمۇ؟
— ئاقمايدۇ، ساراڭ بولماڭ، قەتئىي ئاقمايدۇ. ئۇنداق قىلسىڭىز بۇلارمۇ جىم تۇرمايدۇ. ئەگەر قىمار ئوينىغانلىقىڭىز ئاشكارىلىنىپ قالسا تۈرمىگە كىرىسىز...
— بۇ يەردىكىلەرمۇ ئوينىغان تۇرسا؟!
— بۇلارنى پاش قىلسىڭىز ھەممىسى بىر بولۇپ سىزنى بوغۇزلاپ تاشلاشتىن يانمايدۇ، بۇلارنى سەل چاغلاپ قالماڭ، ئىلگىرى بۇ يەردە يۇرتۋازلىق قىلىشىپ چوڭ جېدەل چىققان، نەچچىسى پىچاق يەپ ئۆلگەن...
مەن تۇرسۇن تەتەي بىلەن خوشلىشىپ، جان قالمىغان پۇتۇمنى سۆرەپ بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتۇم، گالدىن ھېچنېمە ئۆتىدىغاندەك ئەمەس. كەچتە ياتىدىغان يەر يوق، يېقىن ئەتراپتىكى بىر مېھمانخانىنىڭ يەر ئاستىدىن ياتاق ئالدىم. بۇ ياتاقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قەشقەر، خوتەندىن كەلگەن بولغۇسى ھاجىملار ئىگەللەپ بوپتۇ. بۇلار ئۆز پۇلى بىلەن ھەرەمگە بارىدىغانلار ئىكەن. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمۇ ھەرەمگە بېرىش ئىدى؛ ئۇ ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا، ئاشخانامنى تارتقۇزۇپ قويمىغان بولسام بەلكىم ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئېشىپ قالار ئىدى...بىرسىدىن قەرز ئېلىپ بولسىمۇ گۇاڭجۇغا بېرىپ ئۇ پاسىق شوۋچىلارنى تېپىپ كۆرگۈلۈگىنى كۆرسىتىمەن، مەن ياقۇپ ھاياتلا بولىدىكەنمەن، بۇنداق ئاسان بولدى قىلمايمەن... ئاچچىق خىيالدىن كېچىچە تولغىنىپ ئۇخلىيالماي چىقتىم.
ئەتىسى ئورنۇمدىن قوپۇپ ھاجەتخانىغا كىردىم. يەنە ئاشۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرسام ھاجەتخانىغا مېنرال سۇنىڭ قۇتىسىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر بوۋاي ئىستىنجا قىلغىلى كىرىپ كەلدى، مەن ئولتۇرغان يەرنىڭ ئىشىكى يېپىلماس بولۇپ قاپتىكەن، بوۋاي ماڭا قاراپ سالدى، قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. ئۇ رەھمەتلىك ئاتامغا بەك ئوخشايتتى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇپ تاھارەت ئالدى، پىچىرلاپ تۇرۇپ ئايەت ئوقۇدى، ئىككىمىزنى نېپىز بىر سىمونت تام ئايرىپ تۇراتتى.
(تۈگىدى)
[ erturk تەرپىدىن 2008-05-23 13:30 قايتا تەھرىرلەنگە ]