ئايالىڭىز توردا يات كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەمدۇ؟
ئېنتىرنىت تورىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشى خەلقىمىز تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىلىپ كەلدى.جۈملىدىن كىتاپ قەھەتچىلىگى يۈز بەرگەن مۇشۇ جەمىيىتىمىزدە، نۇرغۇن ياش نوتىلېرىمىز ۋە ئىلىم تەشنالېرى ئۆز مەنىۋى دۇنياسىنى بىيىتىپ كىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنتىرنىت تورى دىگەن، باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان قۇرال دەپ تۇنۇپ كىلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلېرىمىز ئىچىدە كۈلكىلىك ، ئىچىنىشلىق، پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۈۋەندىكى بىر قىسىم كۆز قاراشلېرىمنى ، پاكىتلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
بىر كۈنى نامەلۇم بىر كىشىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم خەتتە:‹‹ ئايالىم خېلى كۈنلەر بولدى توردا بىر ناتۇنۇش ئەر بىلەن پاراڭدىشىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا سەمىمى ھالدا بۇنداق قىلىش ھارام، سۆزلەشمىگىن دىسەم ، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆلسەممۇ كۆرۈشمەيمەن، سەن خاتىرجەم بول ماڭا ئىشەنگىن دەيدۇ. ئايالىمنىڭ دىيىشىچە ئۇ بالا 5 ۋاق ناماز ئۇقۇيدىغان بالىكەن ئۇنىڭدا ھىچ قانداق مەسىلە يوقكەن. ئەخلاقى توغرا ئىكەن. ئۇلار توردا كۆرۈشۈپ پاراڭ سىلىشقاندىن سىرت تېلفۇندىمۇ ئۇزاقتىن- ئۇزاققا پاراڭ سىلىشىۋاتىدۇ، بۇ ئىش مىنىڭ دىققىتىمنى تارتتى، غەزىۋىمنى كەلتۇردى. سىز ماڭا سەمىمى مەسلىھەت بەرسىڭىز؟ مەن قانداق قىلىپ ئايالىمنى قايىل قىلىپ ئۇ كىشى بىلەن پاراڭ سىلىشماس قىلالايمەن؟›› دىگەن مەزموندا ئىدى.
ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻧﯧﻤﯩﺘﻰ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﺪﯨﻦ ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ، ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﮬﻪﺕ - ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. دۇنيادا ئەڭ بۈيۈك سائادەت گۈزەل تۇرمۇشتۇر،گۈزەل ئۈيى ياخشى ئايالى،ياخشى تۇرمۇشى بولغان كىشى ئەڭ بەخىتلىك كىشىدۇر. تەربىيىلىك ئايال ئېرى تەرىپىدىن بېرىلگەن نەرسىلەرگە قانائەت قىلىپ، باشقىنى ئارزۇ قىلمايدىغان، ئېرىنىڭ ھۇزىرىدا پاك، گۈزەل يۈردىغان، ھەرقانداق كېرەكلىك نەرسىلەرنى، ھەر بىر سىرىنى ئېرىگە ئېيتىدىغان،ھەر قاچان ھۆرمەت ۋە ئىتائەت بىلەن بولىدىغان ئايالدۇر. شۇنداق بولغانكەن بۇ ئايال نىمە ئۈچۈن ئېرىدىن باشقا يات كىشى بىلەن توردا ۋە تېلفۇندا سۆزلىشىدۇ. ئۇلار شۇنچە ئۇزاق نىمىنى سۆزلىشىدۇ؟ تامامەن يات بولغان ئىككى جىنىسنىڭ مەخپى سۆھبىتى نىمىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ؟ ئەقلى جايىدا بولغان ئەر كىشى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ ئەلۋەتتە. ئايال كىشى دىنى ئېتىقادىغا زىت بولمىغان بارلىق ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى لازىم.‹‹ ئېرىنى رازى قىلغان ئايال دۇنيادىن ئۆتسىلا جەننەتكە كىرىدۇ.›› دىگەن بۇ ھەدىس بىلەن، ئىتائەتچان ئاياللارغا ئەبەدى مۇكاپپات خوش- خەۋىرىنى بەرگەن. يەنە باشقا ھەدىسلەردە بولسا:‹‹ ئەگەر بىر ئايال بەش ۋاق نامىزىنى ئۇقۇپ،رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ،نۇمۇسنى ساقلىسا ۋە ئېرىگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ.›› ۋە ‹‹ مۇبادا بەندىلەرگە سەجدە قىلىش شەرىئىتىمىزدە دۇرۇس بولغاندا ئىدى، ئاياللارنى ئەرلەرگە سەجدە قىلىشنى بۇيرىغان بۇلار ئىدىم.›› دەپ مەرھەمەت قىلغان. ئىسلامىيەت ئايالنىڭ ئېرىغا بولغان ئىتائىتىگە شۇ قەدەر ئەھمىيەت بەرگەنكى،ئەگەر ئايال نەپلە روزىنى تۇتماقچى بولسا، ئەردىن روخسەت ئىلىشى كېرەك.ھەتتاكى خۇلۇم- خوشنىلارنىڭكىگە ۋە بازارغا چىقىش ئۈچۈنمۇ ئەرنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىشى لازىم.بىر ھەدىستە رەسۇلۇلاھ:‹‹ئېرىدىن رۇخسەت ئالماستىن كوچىغا چىققان ئايالغا،تا ئۆيگە قايتقىچە پەرىشتىلەر لەنەت ئۇقۇپ تۇرۇدۇ›› دىگەن.
بۈگۈنكى كۈندە، ئايال –قىزلارنىڭ يالغۇز ساياھەت قىلىشى، يات ئەرلەر بىلەن پىنھاندا سۆزلىششى توغرا ئەمەس. زىنا كۆزلەر ۋە تىللار بىلەن باشلىنىپ قول ۋە پۇتلانىڭ قۇشۇلىشى بىلەن كۈچۈيىدۇ.اللە قۇرئان كەرىمدە:‹‹ زىناغا يېقىنلاشماڭلار. چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر.››( ئىسرا سۈرىسى 32- ئايەت)دەپ ئېيتقان.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراش،شەھۋانى سۆزلەرنى قىلىش زىناغا يېقىنلاشقانلىق، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ چەكلىمىسىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىق بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﯞﺭﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﺷﻤﯘ ﻫﻪﻡ ھﺎﺭﺍﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﺩﻩ ﻧﺎﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﮕﻪ ﻫﺎﻻﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﯞﻩ ﻳﺎﺕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻫﺎﻻﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ. (ﻟﯘﺟﻨﻪ ﺗﯘﺗﺪﺍﺋﯩﻢ). ئاياللار سۇزلىگەن سۆزىدە ،ناز ۋە نازاكەت بولماي ،نورمال سۆز دائىرسىدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا ئاۋازى ھارام ئەمەس. مەسىلەن ؛ مەسىلە سوراش ،ئىلمى ساھە ،ئىلمى مۇزاكىرە ۋە تەتقىقات ئورونلىرىدا مەسلىھەتلىشىشكە توغرا كەلسە ،مۇشۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ نۇرمال دائىرىدە سۇزلەشسە بولىدۇ .چۇنكى ئەينى زاماندىكى ئاياللار ،ئەرلەر بار سورۇندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن ئۆزلىرى خالىغان سۇئاللارنى سۇرايىتىتى ،ئۇلار ھەتتا مۇنبەر ئۇستىدە خۇتىبە ئۇقۇۋاتقان خەلىپىگىمۇ سۇئال قۇيالايىتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە شەرئى مەسىلە ۋە شەرئى ھوكۇملەرگە تەئەللۇق ئىشلاردا سۇئال سوراشقا ئېھتىياجى بار ساھابىلەر ، رەسۇلىللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىلەتتى ،بەزى ۋاقىتلاردا ساھابىلەر رۇسۇلىللاھنىڭ ئاياللىرىدىن ،رۇسۇلىللاھ مۇنداق-مۇندق ئىشلاردا قانداق قىلاتتى ياكى مۇنداق بىر ئىش يۇز بەردى بۇنىڭ ھۇكىمى نىمە ؟ دەپ سورايىتتى ،بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن؛ « سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سورىماقچى بۇلساڭلار پەردە ئارقىسىدا تۇرىپ سوراڭلار»( ئەھزاب سۇرىسى 53 –ئايەت) .
دىمەك رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ساھابىلەرگە جاۋاپ بېرەتتى ،ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ يۇزلىرىنى كۇرمىگەن بۇلسىمۇ ئاۋازىنى ئاڭلايىتتى ،شۇنىڭ ئۇچۇن ئاياللارنىڭ ئاۋازى شەھۋانى ۋە غەرەزلىك سۇزلەردىن خالىي بۇلسا ھارام دائىرسىگە كىرمەيدۇ .
ئاياللار سۇزلىگەندە بىر قىسىم ئىستىلى بۇزۇق ئادەملەرنىڭ ،يامان غەرەز ۋە چاكىنا نىيتىنى غىدىيلايدىغان ناز ۋە نازاكەتلىك سۇزلەردىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم .ئايال كىشى بىر ئەر كىشىنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەن ھامان شۇ ئەرنىڭ قۇلىغا ئاللاھنىڭ بىر ئامانىتى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئامانەتنى ساقلاشقا، قوغداشقا، ئاسراشقا، قىسقىسى بۇ ئامانەتنى ئۆز ئېگىسىگە ساق-سالامەت تاپشۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال، ئېرىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسا ۋە ئېرى ئايالىنىڭ بۇ گۇناھنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توسمىغان بولسا، بۇ چاغدا توسمىغانلىقىنىڭ، يەنى بۇ گۇناھنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا سەمىمىى مەسلىھەر سالغان دوستۇمغا بولغان جاۋابىم شۇكى سىز ئايالىڭىزنى يات ئەر بىلەن سۆزلىشىشىنى چەكلىگەن ئىكەنسىز ئايالىڭىز شەرتسىز قۇبۇل قىلىشى كېرەك. سىزنىڭ ئايالىڭىزنى چەكلەش ھوقوقىىڭىز بار. سەمىيمىلىك بىلەن بۇ ئىشتىن چەكلىگىنىڭىز سىزنىڭ ياخشى ئەخلاقلىق كىشى ئىكەنلىگىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئايالىڭىز سىزگە توردا ،تېلفۇندا ئۇ ئەر بىلەن نىمە توغرۇلۇق سۆزلەشكەنلىكى توغرىسىدا پاكىتلېرى بىلەن ئىنىق چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. قارشى تەرەپ 5 ۋاق ناماز ئۇقۇيدىغان بالىكەن، 5 ۋاق ناماز بىز ئادەملەرگە چۈشۈرۈلگەن پەرىز ئەمەل، ھەر كىم دەل ۋاقتىدا ئۇقۇپ ماڭسا ساۋابى ئۆزىگە. بەلكىم ئۇ بالىمۇ بىلمەيدىغان يالغانچىلىقلار ئارىدا بۇلىشى مۇمكىن. بەلكىم يۇقۇرىدا ئېيتىلغان پاكىتلارنى بىلمەسلىگى مۇمكىن.
ئەخلاق نوقتىسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا توي قىلىپ بولغان ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ يۇشۇرۇن يات ئەرلەر بىلەن توردا ياكى تېلفۇندا سۆھبەتلىششى تۇپتىن خاتادۇر. ئۇلار نىمىنى پاراڭ سالىدۇ،ئۇزاقتىن- ئۇزاققا پاراڭ سىلىشتى دىگەن گەپ ئارىغا شەيتان كىردى دىگەن گەپقۇ؟مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ۋە قۇلۇغۇم بىلەن ئاڭلىغان مۇنداق بىر ۋەقە بار. مەلۇم بىر ئۇقۇتقۇچى ئايال توردا نامەلۇم بىر ئەر بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇزۇن ۋاقىت سۆھبەتلەشكەن، ئاستا –ئاستا ئايالنىڭ كۆڭلى ئۇ ئەرگە مايىل بۇلۇپ قالغان. تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولدىشى ئايالىم ئۇقۇتقۇچى بولغانكىن بىلدىغىنى مىنىڭدىن كۆپ دەپ ئۇنىڭ ئېنتىرنىتتا نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىغىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان.بۇ ئايال بارغانچە ھەددىدىن ئىشىپ ئۇ ئەر بىلەن تۇركىيەگە قېچىپ ئۇ يەردە راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش خام- خىيالىدا بولغان. بۇ ئىككى ئاشىق- مەشۇق مۇشۇ پىلانلارنى تۈزۈپ مەخپى كۆرۈشكەن. ئۇقۇتقۇچى ئايال 150 مىڭ يۈئەن پۇلنى ئەردىن خۇپيانە ئىلىپ ئاشنىسىنىڭ قۇلىغا پاسپوت ئىلىش ۋە قىچىش تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن بەرگەن. پۇلنى ئىلىپ ئۇ ئەر ئىككىنىچى كۆزگە كۆرۈنمىگەن ئاقىۋىتىنى مەن دىمىسەممۇ بۇلار. بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنى خەنزو تور بىكەتلەردە بولسۇن، ئۇيغۇر مۇنبەرلەردە بولسۇن ھەممىمىز ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز.
ئاخىرىدا دىيارىمىزدىكى بارلىق قىز - ئاياللارنىڭ ئېنتىرنىت تورىدىن ياخشى پايدىلىپ بىلىم –سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. قىممەتلىك ۋاقىتلېرىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماسلىقىنى، ئەرلېرى ۋە ئاتا-ئانىلېرى ئالدىدا يۈزلېرىنىڭ يورۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن.
قەلەم تەۋرەتكۈچى: قۇدۇرەتۇللا
[ saba7911 تەرپىدىن 2008-05-23 11:31 قايتا تەھرىرلەن ]