ئىچىم سېرىلىپلا كەتتى،تىپىك ئۇيغۇرلارنىڭ جان بېقىش كارتىنىسى سىزىلغان بەدئي رەسىملەركەن بۇ،كىچىگىمدە دۇنيادا نىمە قاتتىق؟دىگەن سۇئالغا مۇھتاجلىق دىگەن جاۋاپ بار ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلېرىنى ئوقىغىنىم ئىسىمدە.نامراتلىق دەستىدىن ئېڭراۋاتقان ئۇيغۇر،مۇھتاجلىق دەستىدىن غەمگە پاتقان مىسكىن ئۇيغۇر،جان بېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ھالال تەر ئاققۇزۇپ جاپالىق تەر تۈكۈۋاتقان ئۇيغۇر،يانچۇقى بوش تويغۇدەك گۈش يىيەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر،.................
كۈزۈمدە لىق ياش. باياشات ياشاۋاتقان قېرىنداشلېرىمىزمۇ نۇرغۇن،لىكىن يازغۇچىلېرىمىز تۇرمۇش ئەينىكىنىڭ يەنە بىر يۈزى بولغان رىئاللىقنى نىمىشقا ئەينەن ئەكىس ئەتتۇرمەيدىغاندۇ؟ نامراتلىقتىن جىنايەت كىلىپ چىقىدۇ،بۇ خىل جىنايى ھادىسىلەر بارغانچە ئاۋۇپ كەتسە جەمئىيەتكە نىسپەتەن بىر ئېغىر بىسىمدىن ئىبارەت،بۇنىڭغا زادى كىم سەۋەپچى؟پۇل تاپالمىغان ئاتا-ئانىما؟ئەمەلدار بۇلالمىغان ئۇرۇق-تۇققانلارمۇ يا؟..............
ئەنە نامراتلىق دەستىدىن ئامالسىز تېنىنى سىتىشقا مەجىبور بولغان ئۇيغۇر قىزى،ئەنە مۇھتاجلىق دەستىدىن ئوغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق،تەۋەككۈلچىلىك بىلەن زەھەر سودىسى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر،ئەنە پۇل ئۈچۈن ۋىجدانىنى سىتىۋاتقان،قېرىنداشلېرىنى قاڭغىر قاقشىتۋاتقان ئۇيغۇر...........
بىزنىڭ يۇرتتىمۇ تىلەمچى ئۇيغۇرلار بارغانچە جىقلاپ كېتىۋاتىدۇ.تىلەمچىلەرنىڭ سەبي مەكتەپ يىشىغا تۇشقان قىز-ئۇغۇل پەرزەنىتلېرىنىڭ سىمۇنېت يەردە كۇنلەپ-ئايلاپ،يازۇ-قىش تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ موچەن پۇل تىلەۋاتقان كۆرنۇشلېرى ئىچىمنى ھەر دائىم قاتتىق ئۆرتەيدۇ..بىز نىمىشقا شۇنچە نامرات؟كىيىملېرىمىز نىمىشقا شۇنچە جۇل-جۇل؟نىمىشقا باشقا تەرەققى قىلغان مىللەتلەردەك چەتئەل ساياھىتى،ئىسىل ماشنا،داچا......بىلەن باياشات تۇرمۇش كەچۇرەلمەيمىز؟
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ«شۇكرە دىدىم»دىگەن ناخشىسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.ئارتۇقچە سۆزلىمەي بولدى.