ئۇچرىشىش
85ياشلىق بىر تۇل موماي باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 90ياشلىق بىر بوۋاي بىلەن ئۇچرىشىشقا باردى ،كەچ بولغاندا قىزنىڭ ئۆيىگە سالپىيىپ كەلدى.
-نېمە ئىش بولدى ،ئاپا؟-سورىدى قىزى.
-ئۇنىڭ كاچىتىغا نەچچە شاپىلاق سېلىۋېتىپ قايتىپ كەلدىم ،-دېدى ئاپىسى.
-نېمە بولدى؟-سورىدى قىزى،-ئۇ سىزگە ئەدەپسىزلىك قىلىدىمۇ؟
-ياق،-دېدى ئاپىسى،-مەن تېخى ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ يۈرۈپتىمەن!
ئۈلگە
ئايال ئېرىگە قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇۋېتىشىنى ئېيىتتى.ئەر رەت قىلىشىنى ئەپسىز كۆرۈپ ،ئون ياشلىق ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ مۇلايىملىق بىلەن ئېغىز ئاچتى:
-بالام ھازىردىن باشلاپ قاچا يۇيۇشنى مەشىق قىلغاچ تۇر،كېيىن خوتۇنۇڭغا ياردەملىشىشىڭگە پايدىسى تېگىدۇ.
-ھاجىتى يوق،-دېدى بالا تەرىنى تۈرۈپ،-ۋاقتى كەلگەندە ،بۇ ئىشىقا مەنمۇ ئوغلۇمىنى بۇيرۇيمەن.
ئەرنىڭ ماختىشى
بىركۈنى كەچ ،مەن ساپادا تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم ،خوتۇنۇم بىرچەتتە ئولتۇرۇپ بىر روماننى باش كۆتۈرمەي ئوقۇۋاتاتتى .ئۇ بىر چاغدا كىتابنى يېپىپ قۇيۇپ ،مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئېغىز ئاچتى :
-رومانلاردا دائىم قىزلارنىڭ مەڭزىنى قىزىل ئالمىغا ئوخشىتىدىكەن ،سىزنىڭىچە مېنىڭ مەڭزىممۇ قىزىل ئالمىغا ئوخشامدۇ؟
-ئوخشايدۇ،-دېدىم مەن ،ھەمدە خوتۇنۇمنىڭ يۈزىگە سەپسېلىپ قارىغاندىن كېيىن چىرايىمىنى قىلچە ئۆزگەرتىمەستىن ،-سېسىپ كەتكەن ئالمىغا ئوخشايدۇ!
تەلەپ بويىچە
ئالىي مەكتەپنىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر سايمانلىرى پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى بىر شىركەتكە خىزمەت ئىزدەپ كەلدى .شىركەت دېرىكتورى ئۇنى سىناپ كۆرگەندىن كېيىن قۇبۇل قىلماقچى بولدى ۋە خىزمەتتە قانداق تەلەپلىرى بارلىقىنى سورىدى .
ئوقۇغۇچى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى :
-بىرىنچى ،قىلىدىغىنىم ئۆگەنگەن كەسپىمىگە ماس كەلگەن بولۇشى ،ئىككىنچى ،ئۆزۈمگە ئايرىم بىر ئىشخانا بېرىلىشى،ئۈچىنچى ،مەخسۇس تېلېفۇنۇم بۇلۇشى كېرەك .
دېرىكتۇر بىر پەس ئويلىشىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇردىغانلىقىنى ئېيىتتى.ئوقۇغۇچى ئەتىسى ئەتىگەن خىزمەتكە چۈشۈپ ئۆزىنىڭ خىزمىتى لېفىت باشقۇرۇش ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
مەنبە-ماتىرياللاردىن تەييارلاندى.