(داۋامى)
بەدەل ۋە مۇكاپات
رەسمىي سانلىق مەلۇمات بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ ئەتراپىدا. ئەگەردە يارىدارلىنىپ ۋە مېيىپ بولۇپ ھايات قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇرۇش جاراھەتلىرى سەۋەبىدىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەنلەر، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلار، ئەسىرلەر لاگېرلىرىدا ئۆلگەنلەر شۇنىڭدەك ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى بىلەن كېسەللىك، ئاچارچىلىق ھەم باشقا تۇرلۇك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن پۇقرالارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، 2- جاھان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان تۇركىيلەرنىڭ سانى تەخمىنەن ئىككى -ئۇچ مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بەلكى، ھېچ بولمىغاندا 27 مىليون سوۋېت پۇقراسىنىڭ تەخمىنەن بەش مىليونىنى تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى دەپ پەرەز قىلساقمۇ خاتا بولماس.
ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردە مەلۇم ساندا رۇسلارنى ئاساس قىلغان سلاۋىيان مىللەتلىرىدىن باشقا ھەر قايسى مىللەت ۋەكىللىرى بار بولسىمۇ، بىراق، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالە يەنىلا يەرلىك خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى يەرلىك مىللەتلەر پەرزەنتلىرى ئىگىلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سانى 30 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئىدىل-ئۇرال ۋە كاۋكازىيىدىكى تاتارلار، قۇمۇقلار، باشقۇرتلار، چۇۋاشلار، بالقارلار، نوغايلار، قاراچايلار ھەم باشقىلارنىڭمۇ كۆپلىگەن ئوغۇل-قىزلىرى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆلگەن.
2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن تۈركىيلەرنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى مەزكۇر يوقىتىشى بىر پۈتۈن تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ۋە تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاساسەن ياشلار ئىدى. ئەگەر، بۇ چىقىم بولمىغان بولسا، بۇگۈنكى كۈندە تۈركىي خەلقلەرنىڭ نوپۇسى تېخىمۇ كوپ بولۇشى تەبىئىي ئىدى./
تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراق ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلىشىشىغا قارىماي، ئۆزلىرىنى بىر ئەسىرگە يېقىن قۇل قىلغان مۇنداق بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۈردە ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىلىشى، ئۇلارنى 2-جاھان ئۇرۇشىنىڭ زەردابىنى چەككەن پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن تەقدىرداش قىلدى.
قىزىق يېرى شۇكى، پۈتۈن تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ھەربىي خادىملىرى ئىچىدە ئوردېن-مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى رۇسلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، رۇسىيە الىمى يوسىىف كرېمېنتسكىينىڭ قارىشىچە رۇسلار 66،49 %نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇكرائىنلار 18،43%، بېلارۇسلار، 3.35%، تاتارلار،1،88%، يەھۇدىيلار 1.73%، قازاقلار 1.04%نى تەشكىل قىلغان . مەزكۇر سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغانلار ئىچىدە ئۆزبېكلەر ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولسىمۇ، بىراق تەقدىرلەنگەنلەرنىڭ سانى جەھەتتە ئالدىنقى قاتارغا كىرەلمىگەن. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا يەنە قىرغىزلار، تۈركمەنلەر، تاجىكلار، ئۇيغۇرلار، قارا قالپاقلار، قۇمۇقلار ۋە باشقىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرلىنىش سانى ئاز بولغان.
لېكىن، ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بويىچە ئالغاندا، ئەڭ ئالىي "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى" نامى 11618 ئادەمگە بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى رۇسلاردۇر. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ نىسبىتى رۇسلار ۋە باشقا سلاۋىيانلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاز بولۇپ، 11618 قەھرىماننىڭ ئاران 96 نەپىرى قازاق، 69 نەپىرى ئۆزبېك، 18 نەپىرى تۈركمەن، 14 نەپىرى تاجىك، 12 نەپىرى قىرغىز، تۆت نەپىرى ئۇيغۇردۇر. ئەكسىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۇرۇشقا بارغان رۇسلارنىڭ ئىچىدە "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى" نامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى يەرلىك مىللەتلەردىن كۆپرەك بولغان.
ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشىدا ئوينىغان رولى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھىم ئارقا سەپلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 142 زاۋۇت قازاقىستانغا كۆچۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇرۇش ئايروپلانلىرىنى ھەم باشقا ھەربىي قورال-ياراقلارنى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار ئۆزبېكىستان ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلدى.( قازاقىستان ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە.)
ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇرۇشقا يارىغۇدەك ئەر-ئاياللىرى ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلسا، قەرى-چۆرىلەر، ئاياللار، مېيىپلار ھەتتا بالىلارغىچە ھەر كۈنى 11 ھەتتا 14 سائەتلەپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ، جەڭچىلەرنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۆزبېكىستان سانسىزلىغان ئۇرۇش مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلدى. رۇسىيىنىڭ ياۋروپا قىسمىدا ئاتا-ئانىلىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن سانسىزلىغان يېتىم بالىلار ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەپ كېلىنىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ بېقىشىغا تاپشۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا بىر ئۇيغۇر ئايال ھەر مىللەتتىن بولغان 14 بالىنى بېقىۋېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا داڭ چىقارغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا يەنە ستالىننىڭ ۋولگا دەرياسى بويى ۋە كاۋكازىيىدىكى بالقار، قاراچاي-چەركەس، نوغاي، چېچەن، ئىنگۇش ، قىرىم تاتارلىرى، قالماق ۋە باشقا خەلقلەرنى گېرمانىيە ئۇچۇن خىزمەت قىلدى دەپ سۇرگۇن قىلغان ماكانغا ئايلانغان ئىدى.
تۆنۈگۈنكى <خائىنلار> ، بۈگۈنكى كۈندىكى قەھرىمانلار
سوۋېتلەر يىمىرىلگەندىن كېيىن، يېڭى مۇستەقىل بولغان بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ۋەتەن ئۇرۇشىغا ھەمدە ئۆزلىرىدىن چىققان، گىتلېرنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى مۇستەقىل قىلىمىز دېگەن مەۋقەدىكى ئەشۇ كىشىلەرگە قانداق باھا بېرىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن 70 يىل دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىنغان مۇستاپا چوقاينىڭ نامىنى ئاقلاپ،ئاخىرى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مۇستاپا چوقاي بۈگۈنكى قازاق مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. يېقىندا قازاقىستان دۆلەتلىك كىنو ستۇدىيىسى "مۇستاپا چوقاي" ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىپ پۈتتۈردى. مەزكۇر فىلىم قازاقىستان، پارىج قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، فىلىم ۋەقەلىكى ئاساسلىقى چوقاينىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي كۈندىلىك خاتىرىسى ھەم ئايالىنىڭ قالدۇرغان خاتىرىسى ۋە باشقا ماتېرىياللار ئاساسىدا يېزىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى 70 يىل دۈشمەن تەرىقىسىدە چەكلىگەن مەزكۇر شەخس ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۈندە كىنو ئېكرانى ئارقىلىق جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شۇنىڭدەك فىلىمدە مۇستاپا چوقاي قانداقتۇر، گىتلېر فاشىزىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخس ئەمەس، بەلكى، 180 مىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركىي ئىنسانلىرىنىڭ ھاياتىنى گىتلېر لاگېرلىرىدىكى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ھەمدە ئۇلارنى مۇستەقىللىق غايىسىگە يېتەكلىگەن شەخس سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۈركىستان ئارمىيىسى ئىچىدىكى ھايات قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسىمۇ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراقلىرىنى قۇچاقلاپ سۆيۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى. ئەپسۇسكى، ئۆزىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ ھەقىقى ئوغلى، تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭ جەڭگىۋار ھېسابلىغان ئاتاقلىق ئالىم، دوكتور باي مىرزا ھېيت 50 يىل ئايرىلغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن قايتىدىن ئەبەدىيلىك سەرگەردان بولۇشقا بۇيرۇلدى.چۈنكى، ئۇ ئىلگىرى ستالىننى سۆكۈپ، ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلغان بولسا، بۇ قېتىم 70 يىللىق سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ھامىيسى بولغان كەرىموپنى تەنقىت قىلغان ئىدى. باي مىرزا ھېيت 90 ياش ئۆمۈر كۆرۈپ، يەنىلا شۇ گېرمانىيە تۇپرىقىغا دەپنە قىلىندى.
قازاقىستان، رۇسىيە ، ئەزەربەيجان ۋە باشقا دۆلەتلەردە گىتلېر گېرمانىيىسى تەشكىللىگەن بۇ قوشۇنلار ھەققىدە نەچچە ئونلىغان كىتابلار يېزىلدى، يۈزلىگەن ماقالىلار ۋە باشقا ئەسەرلەر يەزىدى. ھەتتا رۇسىيىدە يېقىندىن بۇيان ئىشلىنىۋاتقان ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئائىت كىنولاردىمۇ، گېرمانىيە تەشكىللىگەن گېنېرال ۋلاسوفنىڭ رۇس ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كىملىكى، نېمە ئۇچۇن بۇ كىشىلەرنىڭ سېۋەتلەرگە قارشى گىتلېر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغانلىقى تېما قىلىنغان ۋەقەلىكلەرمۇ كورۇلۇشكە باشلىدى. بىر قىسىم فىلىملەردا ئەسلى سوۋىت گېنېرالى بولغان ۋلاسوفنىڭ تەسلىم بولۇپ، قايتىدىن ئەسىرگە چۈشكەن رۇسلاردىن قوشۇن تەشكىللەپ، قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ سوۋېت ۋە كوممۇنىست تۇزۇمى ، جۈملىدىن ستالىن تۇزۇمىنى يوقىتىپ، يېڭىچە رۇسىيە قۇرۇش دەپ چۇشەندۇرۇلدى. بولۇپمۇ ستالىننىڭ سوۋېت خەلقىغە قىلغان قىرغىنچىلىقى، دەھشەتلىك زۇلۇمنىڭ كۆپلىگەن رۇس كىشىلىرىدە سوۋېت تۈزۈمىگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغانلىقى چۇشەندۇرۇلدى.
تارىخ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەردە ئەينى ۋاقىتتا گىتلېرنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنى يوقىتىپ، ياۋرو-ئاسىيا خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسا، بۇگۈنكى دۇنيا قانداق بولار ئىدى؟ گىتلېر قورال كۈچى بىلەن يوقىتالمىغان سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىكى بىلەن ئاخىر ئوز بېشىنى يەپ، يوقالدى، يەتمىش يىللىق دۆلەت پارچىلىنىپ، 15 دۆلەتكە بۆلۇندى. گەرچە گىتلېرنىڭ پىلانى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرلەشتۈرۈلگەن بۇيۈك تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلمىسىمۇ، ئەمما، ئەشۇ پىلان ئۇچۇن ئۇرۇش قىلغان ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۇركمەنلەرنىڭ ئايرىم مىللىي مۇستەقىل دۆلەتلىرى مەيدانغا كەلدى. گىتلېر پارچىلىماقچى بولغان غەربىي سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنلىرى ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايرىلدى. قارىغاندا، تارىخ ئادىل سوتچىدۇر، ئوز نۆۋىتى كەلگەندە ھەر قانداق مانا مەن دېگەن قۇدرەتلىك ئىمپەرىيىلەرمۇ ئۆزلىكىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. باشقىلارنى بوزەك قىلىش، قۇل قىلىش، يوقىتىشنى نىيەت قىلغان ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەر قانداق بىر كۇچنىڭ ئاقىۋىتى گىتلېرنىڭ ئىرقىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىمپېرىيىسى ۋە ياكى مۇستەبىت سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشى تارىخنىڭ ئادىل ھۆكمى بولسا كېرەك. ئۇيغۇرلاردىكى "نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۇك" دېگەن ماقال دۇنيادىكى خېلى كۆپ خەلقلەرگە ئورتاق !
قىسقىسى، ئۇكرائىنىيە، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە باشقا مەملىكەتلەردە 60 يىلدىن بۇيان سوۋېت تۇزۇمى قارىلاپ كەلگەن نۇرغۇن شەخسلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلەر باشقىچە باھاغا ئېرىشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدىكى "خائىنلار" ، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۇچۇن كۆرەش قىلغان قەھرىمانلار بولۇپ باھالاندى. ھەتتا ئېستونىيىدىكى سوۋېت ئازادلىق جەڭچىسىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىش ۋەقەسى رۇسىيە-ئېستونىيە مۇناسىۋەتلىرىدە سوغاقچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پولشا ھۆكۈمىتى بولسا 1939-يىلى گەرمانىيىدىن يېڭىلىپ، سوۋېت چېگرىسىغا چېكىنگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق پولشا ھەربىي خادىمىنىڭ كاتىن ئورمانلىقىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د سى تەرىپىدىن ئېتىپ ۋە تىرىك كۆمۇپ ئولتۇرۇلگەنلىكى شۇنىڭدەك ستالىننىڭ گىتلېر بىلەن پۇتۇشۇپ، پولشا ئارمىيىسىگە ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، ۇلارنى گىتلېر ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە مەغلۇپ قىلغانلىقىنى پاش قىلىپ، بۇگۈنكى رۇسىيە ھوكۇمىتىدىن ئارخىپلارنى تەلەپ قىلدى. چېخ، سلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە پولشا ۋە باشقا شەرقىي ياۋروپا جۇمھۇرىيەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنى ئازاد قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى قايتا بېسىۋالغۇچىلار دەپ ئەيىبلىدى.
بەلكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئۆزىنىڭ بۇگۈنكى كۈندە تەكىتلەۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى ستالىن دەۋرىدە ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق بىر مەزگىلىدە ئېيتقان بولسا، ئۇ ئاللىقاچان ئېتىلغان ھەم " پانتۇركىست"، " خائىن" ئاتالغان بولار ئىدى. ئۆتكەن ئەسىردىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇستاپا چوقاي بىلەن 21-ئەسىردىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ غايىسىدە قانچىلىك ئورتاقلىقلار ۋە قانچىلىك پەرقلەر مەۋجۇت؟.مېنىڭچە ، ئۇلارنىڭ پەرقى شۇكى، بىرسى زۇلۇم ئاستىدىكى ، ئەركسىز مىللەتنىڭ ۋەكىلى بولسا، يەنە بىرىنىڭ ئەركىن مۇستەقىل مىللەت ھەم دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىدەدۇر. شۇڭا بۇگۈنكى نازاربايېۋ دەۋرىدە قازاقلارنىڭ چوقاي ھەققىدە كىنو ئىشلىشى تەسادىپىي ئەمەس. ئەگەر شۇنداق تەلەي باشقىمۇ ئەسىر مىللەتكە نېسىپ بولسا، قانچىلىغان تارىخلار قايتا يېزىلار؟
ئومۇمەن، قىلىپ، ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى نۆۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىن قۇتۇلغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دۆلەتچىلىك ئىدېئولوگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ، بۇ ئۇرۇشقا قايتىدىن باھا بېرىشكە دۇچ كەلمەكتە. يېقىن كەلگۈسى ئىچىدە يەنە قانداق باھالار بېرىلىدۇ؟ ،ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋال بەلگىلەيدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ. 2- جاھان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى خاتىرلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك يېڭى چوڭ مىللەتچىلىكلەر باش كۆتۇرىۋاتقان بۇ كۇنلەردە ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركىي خەلقلەرنىڭ بەرگەن قۇربانلىرىنى ئەسلەش زۆرۇر بولسا كېرەك ؟!
ئاساسلىق پايدىلانغان ماتېرىياللار
ۋ. سىدىروۋ. ۋ. كرزھۇكوۋ . يەنە بىر تەرەپتىكى رۇسلار . بوياقلاردىكى رۇسىيە مەجمۇئەسى. 2004-يىلى، ئاۋغۇست. ( رۇسچە)
يوسىف كرەمەنەتسكىي. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىيلار ئامىلى ( رۇسچە)
نەبىجان تۇرسۇن. موسكۋا خىياللىرى، 1995-1996-يىللىرى، تەڭرى تاغ جۇرنىلى ۋە 1998-يىلى، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، قوشما سان. ئاق ساراي خىياللىرى .ئەلان قىلىنمىغان نۇسخا.
مەشھۇر روزىيېۋ. قايتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى. ئالمۇتا، 1976-يىلى. ( رۇسچە)
ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى قازاقىستان . <<ۋۋۋ.كازاكھستان.ئاۋد. كز >>
فەرۇزا جانى. قازاقىستاننىڭ ، مۇستاپا چوقاي ھەققىدىكى فىلىمى بۇگۈنكى قازاقىستان ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى پۇتۇن مەركىزىي ئاسىيا رايونى ئۇچۇندۇر. فەرغان ئاگەنتلىقى. فەرغانا.رۇ ( رۇسچە)
ئەسقەر ئومەروۋ، تاھىر ئادىلوۋ . تۇركىستان قوشۇنى، ناش مىر گەزىتى، قازاقىستان. 2007. 7-سەنتەبىر ( رۇسچە)
ب.سادىقوۋا . ھوججەتلەر بويىچە تۇركىستان قوشۇنىنىڭ تارىخى . قازاقىستاندىكى كونتنېنت جۇرنىلىنىڭ ئىنتېرنېت نۇسخىسى. (رۇسچە) <<
http://www.continent.kz/library/turkestan_legions/content.htm>>
ۋىكەپەدىئا قامۇسىدىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئائىت مەلۇماتلار ۋە باشقا ئەسەرلەر
بۇلاردىن باشقا ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقى، پەرغانا ئۇچۇر ئاگېنتلىقى ۋە رۇسىيە، جۇڭگو ھەم غەرب دولەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىدىكى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماقالىلاردىن پايدىلىندى.
(تۇگىدى)
شەبنەم تورىدىن ېلىندى