بۇ بەتتىكى تېما: 2-دۇنيا ئۇرۇشى-  ئۇيغۇر قاتارلىق    تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ  پاجىئەسى -2 تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 615 قېتىم كۆرۈلدى
orxunluq
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 188 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 2-دۇنيا ئۇرۇشى-  ئۇيغۇر قاتارلىق    تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ  پاجىئەسى -2


(داۋامى)
تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ياكى سىياسىي ئويۇنلار قۇربانىمۇ؟

1941-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم باشلىغاندا، سوۋېت قوشۇنلىرى زور مەغبلۇيەتكە ئۇچراپ،غەربىي سەپتىكى پۈتۈن قىزىل ئارمىيە بىتچىت بولۇپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق پەيتتە ستالىن بارلىق خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالدىراشلىق بىلەن قوشۇن تەشكىللەپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەن. بۇ ۋەزىپە ئوتتۇرا ئاسىيا خەقلىرىنىڭمۇ بېشىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز،تۈركمەن، تاجىك، قاراقالپاق ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەڭگە يارىدىغىدەك ( پۇل-قوللىرى ساق، سالامەتلىكى ياخشى) يەنى 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلىرى جۈملىدىن كۆپلىگەن ياش قىزلار ئالدىنقى سەپكە ماڭدۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا قورال يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمگە بىر مىلتىق بېرىلگەن ئەھۋاللارمۇ بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگەن نەرسە شۇ بولغانكى، دۈشمەن يېقىنلىشىپ كەلمىگىچە ئۆزبېك، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ جەڭچىلىرىگە قورال تارقىتىلمىغان. دۈشمەن يېقىنلاپ كەلگەندىلا ئاندىن قورال بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق سەپنىڭ ئالدىدا ھامان ئوتتۇرا ئاسىيالىق جەڭچىلەر ، ئارقىسىدا رۇس جەڭچىلىرى مېڭىپ ھۇجۇمغا  ئۆتكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇلارغا ياخشى ھەربىي-تەلىم تەربىيە بېرىلمىگەنلىكى، ئالدىراپ قوراشتۇرۇلغانلىق تۈپەيلىدىن، ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن جەڭچىلەر بىھۇدە قىرغىنچىلىققا يولۇققان. ھەتتا ئۇرۇش سەپلىرىگە يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، ئۇلارنى توشۇپ ماڭغان پويىزلار گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇملىرى ھەم بومباردىمانىغا ئۇچراپ، تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كەتكەن. نورمال ھەربىي-تەلىم تەربىيە كۆرمىگەن، قوراللىرى ناچار ، ئالدىدا زامانىۋى قوراللىرىدىن ئوق ياغدۇرىۋاتقان گېرمانىيە قوشۇنلىرى، ئارقىسىدا ئاپتوماتلىرىنى تەڭلەپ تۇرغان ن ك ۋ د (كېيىنكى ك گ ب ) قوشۇنلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان بۇ تەلەيسىز  ئادەملەر ئاخىرىدا بىھۇدە قىرىلىشتىن كۆرە، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئارقىسىدىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ك گ ب قىسىملىرىغا ئوت ئېچىپ، گېرمان قوشۇنلىرىغا تۇشمۇ-تۇشتىن ئەسىرگە چۈشۈشكە باشلىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تارمار بولۇش جەريانىدا ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىدى.
ناتسىستلار تەشكىللىگەن ئەسىرلەر لاگېرلىرىنىڭ شارائىتى تېخىمۇ ناچار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، كىيىم-كېچەك بېرىلمەسلىك ۋە تازىلىق ئىشلىرى جەھەتتىكى ناچارلىقلار تۈپەيلىدىن،ئەسىرلەر ئارىسىدا كېسەللىكلەر  كۆپەيگە. ھەممە ئادەمنى دېگۈدەك پىت بېسىپ كەتكەن. گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ ئېغىر روھى ۋە جىسمانىي بېسىملىرى ئۇلارنىڭ جېنىغا تېگپ، ئەسىرلەرنىڭ 80% ئۆلۈپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق ھالاكەتلىك پەيتتە گېرمانىيە ھۆكۇمىتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن مىللىي تۈركىستان كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا مۇستاپا چوقاي بىلەن ۋەلى قەيۇم باش بولىدۇ. بۇ كىشىلەر ھەر قايسى ئەسىر لاگېرلىرىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئايرىپ چىقىپ ئۇلارغا تەشۋىقات قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تۈركىستان ئارمىيىسىگە قېتىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭ قىلىپ، ستالىن تۈزۈمىنى ۋە رۇسلارنىڭ تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى گۇمران قىلىشقا،، گېرمانىيىنىڭ ياردىمى ئاستىدا مۇستەقىل تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇشقا چاقىرىدۇ. نەتىجىدە، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، قاراقالپاق، تاجىك ھەمدە ئۇيغۇر قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان كۆپلىگەن ئەسىرلەر بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشىدۇ. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە سوۋېت كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغانلار، ئىلگىرى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ ئىدى. نەتىجىدە، ئۇلار تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى جەڭلەرگە ۋە باشقا ئۇرۇشلارغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
گىتلېرنىڭ بۇ لايىھىسى ئەسلىدە 1941-يىلىنىڭ بېشىدا گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان جايلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى ئالفرېد پوزېنبېرگنىڭ "تۈركىستاننى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاستىدىن ئازاد قىلىش" دېگەن شوئارى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، گىتلېر ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسىرلەردىن قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلارنى شەرقىي سەپتىكى جەڭ مەيدانلىرىغا ئەۋەتىش لايىھىسىنى تەستىقلىغان.
ئالفرېد روزېنبېرگ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تارىخىي، ئېتنىك ۋە دىنىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تامامەن يوقىتىلغاندىن كېيىن، "بۈيۈك تۈركىستان دۆلىتى" نى قۇرۇشنى پىلانلايدۇ. ئۇنىڭ پىلاندىكى بۈيۈك تۇركىستانغا غەربتە كاسپىي دېڭىزى بويىدىن، شەرقتە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلار، جەنۇبتا سەمەرقەنت، بۇخارا رايونلىرى، شىمالدا قازاقىستاننىڭ زايسانغىچە بولغان بىپايان زېمىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇستاپا چوقاي بىلەن ۋەلى قەيۇمخان قاتارلىق ئىدىيولوگلار مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىقلارنى قىلىدۇ.
بۇ پىلان بويىچە ئالدى بىلەن سابىق 1917-1920-يىلىدىكى مۇستەقىل قوقەنت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، ئۇزۇن يىللار فرانسىيىدە ياشاپ، "ياش تۈركىستان" جۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى ئاۋانگارتلىق بىلەن سىياسىي كۈرەش قىلغان مۇستاپا چوقاي (قازاق) بىلەن ۋەلى قەيۇمنىڭ(ئۆزبېك) باشچىلىقىدا "تۈركىستان مىللىي كومىتېتى" ناملىق بىر تەشكىلات قۇرۇلۇپ، بۇ كومىتېتقا كەلگۈسىدە تۈركىستاننى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋە باشقا سالاھىيەتلەر بېرىلىدۇ. بۇ كومىتېت يەنە "مىللىي تۈركىستان "ناملىق جۇرنال شۇنىڭدەك گېزىت چىقىرىپ، تۈركىستانلىقلار ئارىسىغا تارقاتقان. ھەر خىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تەييارلاپ، سوۋېت ئارمىيىسى جايلاشقان رايونلارغا ھاۋادىن تاشلىغان. بۇنىڭدا تۈركىستانلىقلارنى سوۋېتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش چاقىرىلغان.
تۈركىستان قوشۇنىنىڭ ھەربىي فورمىسى گىتلېر ئارمىيىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەرقلىق تەرىپى، ئۇلار يەڭلىرىگە باشتا " بىز ئاللا بىلەن "، 1944-يىلىدىن كېيىن " تەڭرى بىز بىلەن " دېگەن خەتلەر يېزىلغان، ئاستىدا مەسچىتنىڭ سۈرىتى بار يېشىل بەلگىلەرنى تاقىغان. ئۇلارنىڭ بايرىقىنىڭ ئۈستى يېرىمى قىزىل ئاستى يېرىمى يېشىل بولۇپ، بۇ ئىككى رەڭنىڭ ئۈستىگە ئوق بىلەن يانىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
گىتلېر ،،سوۋېت رۇسىيىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە ۋە ئىدىل-ئۇرال بويلىرىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ، ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە قاتارلىق سلاۋىيانلارنىڭ مىللەتچىلىك ۋە كوممۇنىزمغا قارشى پىكىرلىرىدىن ھەمدە رۇسلار ئىچىدىكى كازاكلار ۋە باشقىلارنىڭ ستالىنغا قارشى ئىدىيىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، بۇ مىللەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىش شوئارىنى كوتۈرۈپ چىقتى.
1941-يىلى نويابىر ئېيىدىن ئېتىبارەن پولشادا مەخسۇس تۈركىستان قوشۇنلىرىنى تەييارلاش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ، ھەربىي مەشىقلەردىن كېيىن، تۇنجى قېتىم تۆت روتىدىن تۈزۈلگەن تۈركىستان پولكى قۇرۇلدى. بۇ قوشۇن ئالدى بىلەن 1942-يىلى ئاستراخان ئەتراپىدىكى جەڭلەرگە سېلىندى. بۇ چاغدىكى گىتلېرنىڭ پىلانى ئاستراخان رايونىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ، قازاقىستانغا يول ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەش بولغان. ھەتتا يەنە ئازەربەيجان ئارقىلىق تۈركمەنىستانغا تۈركىستان باتالىيونىنىڭ پاراشوتچى قىسىملىرىنى تاشلىماقچى بولغان. بىراق، كېيىن بۇ پىلان ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب ھەر خىل بولۇپ، بىرىنچىدىن ئىراندا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پائالىيەت قىلىشى بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا، يەنە ستالىنگراد ۋە موسكۋا جەڭلىرىدە گېرمان ئارمىيىسىنىڭ تارمار بولۇشى ھەمدە تۈركىستان پولكى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەرنىڭ يۈز ئۆرۇپ، رۇس پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ئىدى..
گېرمانىيە 1941-يىلىدىن تاكى 1944-يىلىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسىرلەردىن ئىلگىرى كېيىن 30 تۈركىستان باتالىيونى، بىر تۈركىستان پولكى ۋە 45 تۈركىستان روتىسى، ئاخىرىدا 162- تۈركىستان دىۋىزىيىسى قاتارلىق مۇنتىزىم ھەربىي قىسىملارنى قۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئادەم سانى 70 مىڭغا يەتكەن (بەزى مەلۇماتلاردا 100 مىڭدىن ئاشقان دېيىلىدۇ).
كېيىنكى، ۋاقىتلاردا گىتلېر گېرمانىيىسى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تۈركىستان قىسىملىرىنى ئەسلى پىلان بويىچە ئىشقا سالماي، ئۇلارنى يۇگوسلاۋىيە، ئىتالىيە ۋە سلوۋىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پارتىزانلارغا قارشى جەڭلەرگە ئەۋەتكەن ھەتتا تۈركىستان 162-دىۋىزىيىسىنى ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچى ئارمىيىنىڭ نورماندىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا قارشى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە قويغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەر قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ، ئەمما تۈركۈملەپ قورال تاشلاپ، ئۇلارغا ئەسىرگە چۈشكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گىتلېر گېرمانىيىسى ئۇلارنى پارتىزانلارنى باستۇرۇش، ئارقا سەپنى قوغداش، يول ياساش، ئارقا سەپ تەمىناتىنى يەتكۈزۈش، ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش خىزمەتلىرىگە سېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلانغان.
تۈركىستان باتالىيونلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھەربىي فورمىسى، مىللىي بايرىقى بولۇپ، ھەر بىر باتالىيون ۋە روتىلارغا ئىماملارنى بېكىتىلگەن .ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىچە رۇخسەت قىلىنغان. قوشۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرى گېرمانلاردىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، 162-تۈركىستان دىۋىزىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى گېنېرال مايور ئۇنۋانىدىكى گېرمان ئوفىتسېرى ئۈستىگە ئالغان. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈركىستان مىللىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ گېرمانىيىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەسلىك خاھىشلىرى ھەمدە ھوقۇق تالىشىش قاتارلىق ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان بولۇپ، مۇستاپا چوقاي گېرمانىيىنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى بويىچە تۈركىستان قوشۇنلىرىنى تۈركىستان' غا ئەۋەتمەستىن بەلكى، باشقا جايلارنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشلىرىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى خاراپلاشتۇرغانلىقىغا نارازى بولغان.
بىراق، قازاقىستانلىق تارىخچىلار مۇستاپا چوقاي ھەققىدە يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چوقاي 1940-يىلى گىتلېر گېرمانىيىسى فرانسىيىنى ئىشغال قىلغاندا، قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە جاسۇسى سۈپىتىدە قارىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. 1941-يىلى يازدا غەربىي سەپتىكى ئۇرۇشتا تارمار بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن سوۋېت ئەسكەرلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن ساندا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسكەرلەر بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رۇسچە ۋە باشقا ياۋروپا تىللىرىنى بىلمەسلىكتەك ئەھۋالىنى كۆرگەن ناتسىستلار تەرجىمانغا مۇھتاج بولغان. چوقاي ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزلىكىدىن تەرجىمان بولۇپ، لاگېرلارغا بارغان ھەمدە لاگېرلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئېېغىر ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ،ئۇلاردىن قوشۇن تۈزۈپ، سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش لايىھىسىنى تەييارلىغان، گىتلېر بۇنىڭغا قوشۇلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ئەسىرلەر لاگىرىدىن 180 مىڭ ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ مەقسىتى ، بۇ ئەسىرلەرنى بىھۇدە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش بولۇپ، ئۇلاردىن قوشۇن تۈزۈلۈپ، سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، قىرىلىپ كېتىشىنى خالىمىغان. ئەمما، ناتسىستلار ئۇنىڭ ئۈمىدىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، جىددىي ھالدا تۈركىستان قوشۇنىنى تۈزۈشكە كىرىشكەندە، چوقاي، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارقىلىق گىتلېرگە خەت يېزىپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۈركىستانلىقلاردىن قۇراشتۇرۇلغان بۇ قوشۇنلارنى پەقەت ئارقا سەپ ئىشلىرىغا سېلىش، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش لىنىيىسىگە ئەۋەتمەسلىك ھەققىدە مۇستاپا چوقاي بىلەن كېلىشكەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
مۇستاپا چوقاي 1941-يىلى، 12-ئايدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن، ۋەلى قەيۇم تۈركىستانلىقلارنىڭ رەھبىرى بولۇپ، مىللىي كومىتېتىنى باشقۇرغان شۇنىڭدەك تۈركىستان باتالىيونى رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.

مۇستاپا چوقاينىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ گېرمانىيىنىڭ پىلانىغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن گېرمانىيە رازۋېتكىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن قاراش. يەنە بىرى چوقايغا قارشى تۇرۇپ، گېرمانىيىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىش ئىدىيىسىنى ھىمايە قىلىدىغان ئۆزبېكلەرنىڭ ۋەكىلى ، ئەينى ۋاقىتتا مۇستاپا چوقاي بىلەن بىرلىكتە "ياش تۈركىستان" جۇرنىلىنى نەشىر قىلغان ۋەلى قەيۇمخان تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن قاراشتۇر. ئەمما، تاكى ھازىرغىچە قايسى توغرا ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
يەنە بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزارا زىددىيەتلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، تۈركمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىشنى، قازاقلار ئايرىم بولۇشنى تەلەپ قىلغان
نەتىجىدە، بېرلىن دائىرىلىرى 1943-يىلى قازاقلاردىن ئايرىم "ئالاش" ناملىق ئورگان قۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر قازاق كىشىنى مەسۇل قىلىپ، بىر گۇرۇپپا ئادەمنى پاراشوت بىلەن قازاقىستان دائىرىسىگە تاشلىغان. بۇلارنىڭ مەقسىدى خەلق ئىچىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، قازاقلارنى ستالىن تۈزۈمىگە قارشى قوزغاش ئىدى. بىراق، بۇ گۇرۇپپا تېزلىك بىلەن كگب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
بۇ جەرياندا تۈركىستان باتالىيونلىرىدا تۈركۈملەپ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە ۋە پارتىزانلارغا تەسلىم بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، بىراق تەسلىم بولغانلار شۇ ھامان ۋەتەن خائىنى سۈپىتىدە ئېتىپ تاشلانغان.بىر قىسىم تۈركىستانلىقلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىش تەقدىرلەشلەرگىمۇ ئېرىشكەن بولۇپ، گېرمانىيە باش قوماندانلىق شىتابى بىر قانچە تۈركىستانلىقنى ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىغان.
ئۇرۇشتىن كېيىن، تۈركىستان قوشۇنىنىڭ تەقدىرى پاجىئەلىك بولغان بولۇپ، رۇسلارغا ئەسىرگە چۈشكەنلىرى ئېتىپ تاشلانغان. ئەمما، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قوشۇنىغا ئەسىرگە چۈشكەنلىرىنىڭ تەقدىرى باشقىچىرەك بولۇپ ،ئۇلار بىر مەزگىل نورمال تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئائىلىرىدىن ئايرىلغان بىر قىسىم ساددا كۆڭۈل ئادەملەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىغا ئىشىنىپ، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى چەتئەللەردىكى بۇ زور ساندىكى تۈرلۈك مىللەتلەردىن بولغان ئادەملەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ھىلە –نەيرەڭلەرنى ئويلاپ تېپىپ، ئۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، گېرمانىيە قوشۇنىدا خىزمەت قىلغان تۈركىستانلىقلار، رۇسلار، كاۋكازلىقلار، ئۇكرائىنلار ۋە باشقىلارغا ستالىننىڭ ئۇلارنى كەچۈرگەنلىكىنى، ۋەتەننىڭ ھەمدە ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ھەتتا ئىلگىرى قايتىپ بارغانلارنى پويېز ئىستانسىلىرىدا ۋەتەن خەلقىنىڭ قانداق داغدۇغا بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كىنو لېنتىلىرى ۋە سۈرەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ۋەتەنسىز قالغان كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرىۋەتكەن. نەتىجىدە، مەزكۇر سۈپكەشلىك ئويۇنغا ئىشەنگەن سانسىزلىغان تۈركىستانلىقلار، گېنېرال ۋلاسوپنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭ قىلغان "رۇس ئازادلىق ئارمىيىسى"نىڭ جەڭچىلىرى ۋە باشقىلا ۋەتىنىگە قايتىپ، چېگىرىدىن كىرىشى بىلەنلا ك گ ب خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە، ئىتتىپاقچى دۆلەتلەردىن سابىق سوۋېت پۇقرالىرى ھېسابلانغان بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر قايتۇرۇلغان. ئەنە شۇنداق يول بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچار بولغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.مەلۇماتلارغا قارىغاندا بىر قازاقىستاندىلا ئەنە شۇنداق يول بىلەن قايتىپ كەلگەن تۈركىستان باتالىيونىنىڭ جەڭچىلىرىدىن 600 دىن ئارتۇق ئادەمگە ھەربىي سوت ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغان ئىكەن.
تۈركىستانچىلار ئىچىدە تەلىيى ئوڭلىرى- ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچى ئارمىيىگە ئەسىرگە چۈشكەنلىرى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى موسكۋا ھۆكۈمىتىگە قايتۇرمىغان. نەتىجىدە، بىر قىسىم كىشىلەر گېرمانىيىدە ئۆيلىنىش يولىنى تۇتقان، بىر قىسىملىرى تۈركىيىگە ۋە باشقا ياۋروپا مەملىكەتلىرىگە كېتىۋالغان، ئاز ساندىكىلىرى ئامېرىكىغا كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ پاناھلىقىغا ئېرىشكەن.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا گىتلېر گېرمانىيىسى ئەينى ۋاقىتتا، رۇسلارغا سوۋېت كوممۇنىست تۈزۈمىنى يوقىتىپ،مۇستەقىل ئەركىن رۇسىيە قۇرۇپ بېرىمىز دەپ ۋەدە بەرسە، رۇس ئەمەس مىللەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كاۋكازىيە، بېلورۇسىيە، ئۇكرائىنىيىنى ھەمدە ۋولگا-ئۇرال بويلىرىنى شۇنىڭدەك تۈركىستاننى ئايرىپ چىقىرىپ، بۇ جايلاردا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. گېرمانىيىنىڭ بۇ پىلانىغا ئىشەنگەن كۆپلىگەن ستالىن تۈزۈمىگە قارشى رۇسلار ، ئۇكرائىنلار، بېلورۇسلار، ئازەربەيجانلار، گرۇزىنلار، ئەرمەنلەر، قالماقلار، تاتارلار، باشقىرىتلار ۋە باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە ستالىننىڭ ۋەھشىلىكىدىن نارازى بولغان مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گېرمانىيە تەشكىللىگەن قوشۇنلارغا ئىشتىراك قىلغان. گېرمانىيە فاشىست ھۆكۈمىتى بۇنداق قوشۇنلارنى "ياردەمچىلەر " دەپ ئاتىغان بولۇپ، 1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدە ئۇرۇش قىلغان سوۋېت پۇقرالىرىنىڭ سانى 1 يېرىم مىليوندىن 2 مىليونغىچە بولغان ئىكەن.
گېرمانىيە بۇ جەرياندا يەنە تۈركىستانلىقلاردىن باشقا، ئازەربەيجانلاردىن 12 باتالىيون، قالماقلارىن 2 پولك، ۋولگا تاتارلىرىدىن 4 باتالىئون، ئەرمەنلەردىن 9 باتالىيون، گرۇزىنلاردىن 12 باتالىيون ۋە 6 كازاك پولكى ھەمدە ئاخىرىدا موسكۋا جەڭ مەيدانىدا گېرمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، ستالىن تۈزۈمىنى يوقىتىش شوئارى بىلەن گېرمانلارنىڭ ھامىلىقىغا ئېرىشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېرال لېيتېنانتى ۋلاسوپنىڭ "رۇس ئازادلىق ئارمىيىسى"نىڭ بىر كورپۇس قوشۇن تەشكىللىگەن بولۇپ، ستالىنگرادا جەڭ مەيدانىدا جەڭ قىلغان گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى گېرمانىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرى تەشكىل قىلغان ئىكەن.

ئەنە شۇنداق ،قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز،تۈركمەن، ئەزەرى ، تاتار، ئۇيغۇر، قۇمۇق، قاراچاي، قاراپ قالپاق، بالقار، نوغاي قاتارلىق ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ  سانسىزلىغان ئوغۇل-قىزلىرى گىتلېرگە قارشى جەڭ مەيدانلىرىغا ئېلىپ كېلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتلىرىدىن ئايرىلدى. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەنە شۇ خەلقلەرنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ "تۈركىستان قۇرۇش" شوئارى ئاستىدا سوۋېتلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىككى خىل مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلدى، بىر-بىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكتى. ئاقىۋەتتە سوۋېتلەر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغانلار غالىبلار ئاتىلىپ مەيدىلىرىگە ئوردېن-مېداللىرىنى تاقاشتى ھەمدە چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشنى خالىماي، ۋەتىنىگە قايتقان ئەشۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئېتىپ تاشلىدى. مېنىڭچە بۇ كۆپىنچە ئاجىز، مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئورتاق قىسمىتى بولسا كېرەك؟. ئەركىنلىكى يوق قىلىنغان مىللەتلەر دائىم ئەنە شۇنداق ئويۇنچۇق بولىدۇ. شۇنداق ھەقىقەت باركى، بەزىدە ئەسلى ئوخشاش نىيەتتىكى، ئوخشاش قەلبتىكى بىر مىللەت ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ، بىر-بىرىنى قىرىدىغان، ئۆز ئىچىدىكى پەرقلەرنى زىددىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئەشۇ مىللەتنىڭ ئورتاق رەقىپلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆز ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان جەڭچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنى گىتلېر فاشىزىم ئىدىئولوگىيىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋەتىنى ھەم قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلدۇق دەپ  تاللىغان ئەشۇ ئورتاق "تۈركىستان " غايىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى ئىدى.


بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-22 .
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
| ۋاقتى : 2008-05-22 19:48 [باش يازما]
islam~1400
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 22760
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 514
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە514دانە
شۆھرەت: 859 نۇمۇر
پۇل: 1362 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 Re:2-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى -2

موسكۇۋا خىياللىرىنى يەنە بىر قىتىم ئوقۇغاندەك بولدۇم.
ئادولۇف گېتلىرنىڭ قول ئاستىدىكى مەشھور تېخنىك ئىسھاق مونۇنۇف تۇغۇرسىدا بىلىدىغانلار بارمىدۇ؟
بۇ كىشىنىڭ ماتىرياللىرى ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدىكەن.....
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس
| ۋاقتى : 2008-05-23 09:22 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2733
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2733دانە
شۆھرەت: 2690 نۇمۇر
پۇل: 8924 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :336(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 Re:2-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى -2

ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر،تارىخ بەتلىرىنى دائىم  ۋاراقلاپ تۇرۇش زۆرۈر.
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
| ۋاقتى : 2008-05-23 13:24 2 -قەۋەت
azadzaman
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31141
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 142 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 Re:2-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى -2

كۆپتىن كۆپ رەخمەت!
بىراق ،تارىخ ئۈگەنگەنسىرى ئىچىم پۇشىدىغان بۇلۇپ قالدى!
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-05-23 13:34 3 -قەۋەت
turk1010
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21021
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 156
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە156دانە
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 620 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 Re:2-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى -2

تارىخ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدۇ .
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-05-23 13:49 4 -قەۋەت
ظأتكۇر
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30871
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 283 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 Re:2-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى -2

ھەقىقى بىر تارىخ.بىر تەسىرلىك كىنۇ كۆرگەندەك بولدۇم.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن.
  < مېنىڭچە بۇ كۆپىنچە ئاجىز، مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئورتاق قىسمىتى بولسا كېرەك؟. ئەركىنلىكى يوق قىلىنغان مىللەتلەر دائىم ئەنە شۇنداق ئويۇنچۇق بولىدۇ. شۇنداق ھەقىقەت باركى، بەزىدە ئەسلى ئوخشاش نىيەتتىكى، ئوخشاش قەلبتىكى بىر مىللەت ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ، بىر-بىرىنى قىرىدىغان، ئۆز ئىچىدىكى پەرقلەرنى زىددىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئەشۇ مىللەتنىڭ ئورتاق رەقىپلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆز ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان ئىشلار بولىدۇ.>دىگەن سۆزلەر مېنى ھەقىقەتەن كۆپ ئويلاندۇردى.تارىخنى ئۇنتۇغان مىللەت،كەلگۈسىنى تاپالمايدۇ.بىز نۇرغۇن تارىخى ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلدۇق،قىلىۋاتىمىز،ئەمدى بولدى.........
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-05-23 19:58 5 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 05-28 17:58
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation