كوبىن جۇڭگو ئەدەبىياتىنى يەنە تەنقىدلىدى
بوزقىر تەرجىمىسى
ئىلاۋە : 2006-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا گېرمانىيىلىك خەنزۇشۇناس كوبىن ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىنى بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئوخشاتقانىدى. ئۇنىڭ <<ئەخلەت نەزەرىيىسى>> شۇ چاغدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ كەڭ كۆلەملىك بەھىس-مۇنازىرىنىڭ سەۋەپچىسىگە ئايلانغانىدى. ئۇ يېقىندا ئوۋمېندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ،نۆۋەتتە جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى ئومۇمىلىققا ئايلىنىۋاتقان سىنارىيە يېزىش ھادىسىسىگە قارىتا ئۆتكۈر پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ،جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسىنى يەنە زىل-زىلىگە سالدى.
كوبىن : سىنارىيە يازغانلىق ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق
جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارىتا كوبىن يەنە نۇرغۇن تەنقىدى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بولۇپمۇ ئۇ <<يازغۇچىلارنىڭ سىنارىيە يېزىش>> ھادىسىسىنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى،ھەتتا بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ << سىنارىيە ئەدەبىيات ئەمەس، ئۇ بىر ئەخلەت. بىر ساپ يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بېلەن شۇغۇللانماي سىنارىيە يېزىشقا ئۆتىۋېلىشى ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق ،بىر كەسكىن يازغۇچى بۇنداق قىلماسلىقى كېرەك>> دەيدۇ. كوبىننىڭ قارىشىچە ،سىنارىيە يېزىقچىلىقى يازغۇچىنىڭ رولىنى چۈشەپ قويىدىكەن. چۈنكى، يازغۇچى سىنارىيىدە ئۆز ئىدىيىسىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە قادىر بولالمايلا قالماستىن يەنە ئەدەبىياتقا بولغان ئەقىدىسىدىن ، ئەقەللىي يازغۇچىلىق بۇرچىدىن مەھرۇم قالىدىكەن. كوبىن ،سىنارىيە يېزىقچىلىقىنىڭ يازغۇچىلارنىڭ نامراتلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ياردىمى تېگىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن ھالەتتىمۇ يەنە مۇنداق دېگەن:<< ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن ئىقتىزادىي تۇسالغۇ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار نېمىدەپ چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىنى ئاساسلىق ئىجادىيەتكە قارىتىپ ئاخشاملىرى سىنارىيە يازمايدۇ؟>>
كوبىن يەنە جۇڭگو يازغۇچىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:<< جۇڭگو ئەدىبلىرى غەرىب ئەللىرىدىكى خەنزۇشۇناسلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەرسىز. بىر جۇڭگولۇق يازغۇچى بىز بېلەن ئەركىن -ئازادە پىكىرلىشىشكە جۈرئەت قىلالمىسا، ئۇنى خالىمىسا ياكى رەت قىلسا بىزدە نېمە ئامال؟ بىز پەقەت كىتاب بېلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا، جۇڭگولۇق يازغۇچىلار بېلەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىقلا مۇناسىۋەت باغلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز شۇ. ئۇ يەنە جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆزى ھېس قىلغان نۇرغۇن يېتەرسىز تەرەپلىرىنى ، مەسىلەن: چەتئەل تىلى ئۈگەنمەسلىك، تەرجىمە بېلەن شۇغۇللانماسلىق، ئۆز ئىستىقپالىغا سەل قاراش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بېلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ ۋاقىت تاپسىلا يەپ-ئىچىشكە بېرىلىدىغان تەرەپلىرىنىمۇ تەنقىدلىگەن .
مەنبەسى:
http://www.sydao.net/shownews.asp?newsid=3527