ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭ
ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ
ﺭﻭﮬﭽﯩﻦ
ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﻪﻱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﭽﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﺋﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﻪﺭ، ﻣﺎﻧﺎ ﻛﯩﻠﻪﺭ، ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﭽﯩﻤﯘ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ < ﻧﯩﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﻱ... > ﺩﻩﭖ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﻣﺎﯕﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭙﻼ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺘﯩﻦ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺟﯩﻐﻐﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ - ﺩﻩ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﺋﻪﭘﭽﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ...
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﻛﻼ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯜﻥ ﭘﯧﺘﯩﺶ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻛﯜﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺋﯩﻤﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﻼﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ...
ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﻛﯚﻣﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ. ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺗﯩﻼﯞﻩﺗﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯨﻴﺸﯩﮕﯩﻼ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﺑﯘﻗﯘﻟﺪﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ...
ﺩﯗﺋﺎﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﮬﯧﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯚﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﺩﻩ < ﺳﻪﺑﺮﻯ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ﺍﻟﻠﻪ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ ﻛﯚﺯﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻼ ﻗﯩﺴﺎﺳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ... > ﺩﯨﺪﻯ - ﺩﻩ، ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﻟﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ...
ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﻰ.
ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ 4 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﻟﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ 23 ﻳﺎﺷﻼﺭ ﭼﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﯗﺗﻠﯘﻕ، ﺳﯩﻤﯩﺰ، ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﭘﻪﺱ ﻳﺎﺳﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ < ﺋﺎﻛﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﻳﻤﯘ...؟ > ﺩﯨﺪﻯ.
ﻛﻪﻳﻨﻰ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ 30 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺳﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ < ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺗﻮﺧﺘﺎ... > ﺩﯨﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﮬ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﺪﻯ...
ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻯ < ﺋﺎﺩﺍﺵ ﻗﺎﺳﯩﻢ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻐﯘ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻪﻥ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﺟﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﺟﯘﻣﯘ؟ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺩﯨﺪﯨﯔ، ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﯨﺪﯨﯔ، ﻣﺎﻧﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ... > ﺩﯨﺪﻯ ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ...
ﺭﻭﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﺎﻏﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ < ﺩﻩﻳﻤﯘ...؟ > ﺩﯨﺪﻯ ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﮬﻪ ﺩﯨﺪﻯ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﭼﻤﺎﻱ...
- ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﻗﯘﻟﺪﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯨﯖﻤﯘ...؟ - ﺩﻩﭖ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﺭﻭﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ...
- ﮬﻪ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﻳﯜﺭﯛﻛﯜﻣﻨﻰ ﺋﯩﺰﯨﭙﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ...
- ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ...
- ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻤﯩﺘﻰ ؟ ﻣﻪﻧﻐﯘ ﻳﯜﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ، ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﻳﺪﯨﻐﯘ ﮬﻪ؟
- ﮬﻪﺋﻪ، ﺭﻭﭘﺎﭺ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺷﺎﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻕ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﻪﻳﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺘﻰ- ﺩﻩ: < ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻱ ﻛﯚﭘﻜﻪﻥ، ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ، ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ > ﺩﯨﺪﻯ. ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ < ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﻻﻱ > ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎﻡ < ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﻠﻪ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻱ > ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﭼﺎﯕﯖﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﭼﺎﺕ ﺳﯧﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ﯞﻩ < ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ، ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﯚﻟﺴﻪﻣﻤﯘ ﺋﯩﺮﯨﻤﮕﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ > ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ...
ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﮬﺎﯕﯟﯦﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗ < ﻗﯧﻨﻰ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎ... > ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ< ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﯔ... > ﺩﯨﺴﻪﻙ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻱ < ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯨﻤﻪﻥ، ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻐﺎ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﺩﯨﻴﺎ، ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﻮﻱ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﻪﻧﻜﯩﻦ...؟ > ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻏﯘﭘﻼ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﻯ...
ﺋﯘ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ < ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﻮﻱ، ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﯩﯖﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺗﻪﭘﺘﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﺳﺎﻟﺪﯨﯔ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﺷﯘ 3 ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﯩﺮﯨﺴﻪﻥ... > ﺩﻩﭖ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ < ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﺗﻠﻪﺷﻤﻪﯓ، ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﻢ - ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﻣﯩﻨﻰ ﺧﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ > ﺩﯨﺪﻯ. ﺋﺎﻛﺎﻡ < ﻗﻮﻱ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭ - ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ، ﺩﻩﺳﻠﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﯩﺰ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﺪﺍ ﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯓ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻱ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﮕﻪ ﻛﺎﭼﯩﺘﯩﻤﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﯨﯔ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ... > ﺩﯨﺪﻯ.
ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ < ﺳﻪﻧﻤﯘ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪﻱ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻱ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ... > ﺩﯨﺪﻯ. ﺋﺎﻛﺎﻡ < ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻞ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﻣﺎ ﻗﺎﺳﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎ ﻟﺪﯗﺭ... > ﺩﯨﺪﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ...
ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ< ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎ، ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﻳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ... > ﺩﯨﺪﻯ. ﺋﺎﻛﺎﻡ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻛﺎﻧﯩﻴﯩﻨﻰ ﺑﯘﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﻳﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯩﺮﺗﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﺑﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻛﯚﻳﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﻐﯩﻼ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﺑﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ < ﺋﯜﺯﯛﻡ... ﺋﯜﺯﯛﻡ... > ﺩﯨﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺳﺎﻻﻱ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﺷﺘﯩﺸﯩﻐﯩﻼ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﻜﻰ، ﺋﯚﻱ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﭼﯜﺷﯜﭖ 5 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﻪﻙ ﺟﺎﻥ ﺗﺎﻻﺷﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﯩﻤﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ...
- ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﯜﺳﻜﻪﻧﮕﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻻﻣﺪﯨﻜﻪﻥ... ؟
- ﺗﺎﻣﻐﯩﻼ ﺋﯜﺳﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻧﻪﺭﺳﻪ - ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻠﻰ ﻗﺎﻗﻘﺎﻥ 9 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﯩﺨﻘﺎ ﺋﯜﺳﯜﭘﺘﯩﻜﻪﻥ...
- ﯞﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ، ﻣﯩﺨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯗ... ؟
- ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﭘﺘﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯩﺦ ﭼﯩﯔ ﻗﯧﻘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﻗﯘﻣﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻣﯩﺨﻨﯩﯔ 7 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮﻯ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺨﻰ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯩﺘﯧﺮﻻ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ...
- ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼ ؟
- ﻣﯩﺨﻨﻰ ﻗﯘﻣﯘﺭﯞﯦﺘﯩﭗ ﻛﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ...
- ﺗﻮﯞﺍ، ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺗﻮﯞﺍ، ﮬﻪﻱ ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ... ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ. ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺗﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺧﯩﺘﯩﻠﺪﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ...
ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ < ﺋﻪﻛﯩﻠﻪ، ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﮬﻪﻳﺪﻩﻳﻤﻪﻥ... > ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯞﻩﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﺎﺭﺍﯕﺪﻩﻙ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ...
ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﺳﺘﻪﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﯚﮔﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﻗﯘﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ...
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻣﺪﺍﺕ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭ ﮬﻮﻳﻠﯩﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﻰ. ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ:
- ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯘﻳﯩﻞ 32 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻗﻪﻣﻪﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ ﻳﺎﺗﺎﺭﻣﯩﺶ...
ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﺍﻕ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﯦﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ... ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯧﻴﯩﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﻧﺪﻯ...
ﺑﯘ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ < ﺋﻪﺭﭼﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ > ﺩﯨﻦ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ: ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻛﯘﻳﺎ ﻳﯧﺰﺍ ﭘﺎﯞﺍﻥ ﻛﻪﻧﺘﻪ 4 - ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ 9 - ﻗﻮﺭﻭﺩﺍ!