2008-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن ئويدە ئۇخلاۋاتقانىدىم، تۇيۇقسىز ئىشىك قاتتىق ئىتتىرلىپ رەيھانگۈل كىرىپ كەلدى. ئۇ مېنىڭ نەۋە ھەدەم ئىدى.. مەندىن 4ياش چوڭ. مەن چۇچۇپ ئويغۇنۇپ،..... ئەھۋال سۇرىسام،ئۇ ناھايىتى ئەپتى يامان ھالدا:" سەن مېنى رەيھان دەپسەن...... خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دەپسسەن .....:" دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەر بىلەن مېنى ئۇرۇپ كەتتى. پۇتۇمغا دەسسىۋەتتى. ناھىيىگە بېرىپ رېنتىگىنگە چۈششەم " ئۇستىخان ساق ئىكەن، لېكىن گوش زىدە بولۇپتۇ " دەيدۇ. بىر ھەپتە بولدى. ئويدە دەم ئېلىۋاتىمەن، ئىشقىمۇ چىقمىدىم. ئۇنىڭ پۇتىدا توپلەي (ئىگىز پاشنىلىق خۇرۇم ئاياغ) بولغاچقا، ھەم مەن ئوخلاتقان، تۇيۇقسىز تۇرغاچقا مېنى بەك بۇزەك قىلدى. بەك ھار ئېلىپ كەتتىم. تاكى ھازىرغىچە يا كەچۈرۈم سۇراپ چىقمىدى. ئەينى ۋاقىتتا ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغانىدىم. ئۇلار سىلەر ئۇرۇق-تۇغقان بولغاچقا ئۇزۇڭلار ھەل قىلىڭلار دىگەنىدى. لېكىن مەن ھازىر سوتقا ئەرىز قىلىشنى لايىق تېپىپ قالدىم.
سىلەرچە مەن قانداق قىلسام بولىدۇ. بۇنى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قەستەن جىنايەت ئوتكۈزگەن دەپ سوتقا ئەرز سۇنسام بولامدۇ. ئادۋۇكاتنى قانداق تەكلىپ قىلىمەن.
مەن XXX ناھىيىسىنىڭ xxx يېزىسىدا، يېزىدا بولغاچقا بۇنداق ئىشلاردىن ئانچە خەۋرىم يوق ئىكەن. شۇڭا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلەرغا مۇھتاق بولۇپ قالدىم.
ئۈرۈمچىدىن ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرەتكۈچى: مۇزارت
[ kitab817 تەرپىدىن 2008-05-19 09:53 قايتا تەھرىرلەن ]