ئىشقىلىپ خۇلاسىلاپ كەلسەك ئاخىرىدا ھەممە گۇناھ ئاياللاردا بولۇپ چىقىدۇ.ئالدىراش خىزمەتتىن كېلىپ يەنە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ،تاماق ئېتىپ ئۆي يۇغۇشتۇرىدۇ،بالىلىرىنىڭ ئەتىكى مەكتەپ تەييارلىقلىرىنى قىلىدۇ ،ئۇھ...ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ بولۇپ يەنە ئېرىگە بەرگەن مېھرى ئاز بولۇپ قېلىپ باشقىلارنىڭ تارتىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئارام ئېلىش خىزمىتىدە
بولمىسا بولمايدۇ!ئەتىسى ئەتتىگەن ئورنىدىن ھەممىدىن بالدۇر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايدۇ،بالىلىرىنى مەكتەپكە رەتلىك يولغا سالىدۇ ،بولمىسا خەقنىڭ رەتسىز دىگەن گىپىگە قالىدۇ!
ئېرىنى چوقۇم كۈلۈمسىرەپ يولغا سېلىشى كېرەك ،بولمىسا ئەر بولغۇچىنىڭ ئۆيىدىن كۆڭلىنى سۇ ئىچكۈزەلمىگەن ئايال بولىدۇ.
ئالدىراش ئىشقا بارىدۇ،بولمىسا رەھبەرلىرى ئالدىدا قابىلىيەتسىز ئايال بولىدۇ!
چۈشتە ئىشتىن پالاقشىپ چۈشۈپ تاماقنى يولدىشى كەلگۈچە ئېتىپ بولۇشى كېرەك.بولمىسا سۆرەلمە ئايال بولىدۇ!تاماقنى ئېتىپ بولۇپ ئېرىنىڭ،بالىلىرىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈمەي قاچا-قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرىدۇ،بولمىسا رەتسىز ئايال بولىدۇ!
يەنە ئىشقا بارىدۇ.ئىشتىن چۈشۈپ يەنە ئۆيگە قاترايدۇ،يەنە تۈگۈمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن بەنىت بولىدۇ،تاماق ئېتىدۇ،يۇغۇشتۇرىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئائىلىدە كىيىنىشىگە ،يۈرۈش-تۈرۈشىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىشى كېرەك،بولمىسا ئېرىنىڭ كۆڭلى سۇۋۇپ كىتىدۇ!كۆڭلىنى ئالالمىغان ئايال بولىدۇ
ئۆزىنى تۈزەپ بىرەر يەرلەردە ئېچىلىپ قالسا<ۋىييەي،ئېرى تۇرۇپ قىلغان قىلىقىنى،بۇزۇق ئايال بولىدۇ>.راستنى- راس پېتى سۆزلەپ قويسىا مېھنەتخور ئايال بولىدۇ.....يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن تەرىپلىك ئايال بولالايدۇ ئەرلەر خالىسىلا....
مېنىڭ پىكىرىم خاتامىدۇ سىلەرچە!!!!!!!