Quote:
بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىgvzal3.8نىڭ2008-05-16 19:56دە يوللىغان يازمىسى :
مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئازراق پىكرىمنى قويۇۋالاي.
1.ئىسلام تور بېكەتلىرىدىن تېما كۆچۈرۈلسە،زىيادە چەك قويۇلمىسا. چۈنكى بۇ قۇرئان،ھەدىس توغرىسىدىكى بايانلارنى ھىسسىياتقا ياكى ئىلھامغا تايىنىپ يازغىلى بولىدىغان ئەسەر ئەمەس. بۇنداق تەۋسىيە ، نەسىھەت.....خاراكتىرىدىكى ئەسەرلەر ئادەتتە قانۇنسىمان، قېلىپسىمان كېلىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە بۇنداق تېمىلارنى كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتكەن ئاساستا يوللىسا، تەستىقلىسا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
.......
گۈزەل خانقىز ئەكىلىڭە قولىڭىزنى بىر كۆرۈشەي
قىز بالىنىڭ خۇەينىسىدەك گەك قىلىپسىز جۇما ...! (قەشقەر بەشكىرەمدە ئۈرۈكنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى خۇەينە ئۈرۈك دەيمىز ؟!ھەم يوغان ھەم خىل ئۈرۈك..؟!)
بىز پۇتۇنسۈرۈك ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىمىز . مۇنبەردىن ئۆزىمىزنىڭ دىنى بىلىمىنى ئاشۇرۇش ، بىلمىگەننى بىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانساق نىمىشكە بولمايدىكەن . چۈنكى دانا پارتىيمىز مىللىي باراۋەر ، مىللەت ئىىتتىپاق ، دىنى ئەركىنلىك ... دىگەندەك ئەۋزەل شارائىتلار بىلەن بىزنى ياخشى بىقىۋاتسا بىز ئۆزىمىزنىڭ سايىسىدىن ئۆزىمىز قورقۇپ نىمە كەپتۇ .
بىز نىمىشقا شۇ سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ مۇنبەردە دىنىي ، يەنىي قۇرئان ، ھەدىس ، ۋە ياخشى سۆز ھەرىكەتلەرنى يىزىپ قوللىنىپ پايدىلانمايمىز .
مۇشۇ مۇنبەرنى قۇرغۇچىمۇ مۇسۇلمان . مۇشۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىدىغان كۆرۈرمەنمۇ مۇسۇلمان . دىمەك بىز مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى يولىدا پايدىلانمايمىز .... !!!
بولسا ئاشۇنداق تېمىلارغا چەك قويىۋالمىساق ئەزىز مۇنبەر مەسئۇلى ، ئەزىز باشقۇرغۇچىلار ....!
ئەجىبا بەزى ئۇيغۇرپارتىىيە ئەزالىرىنى يەنىلا ئاشۇ مۇسۇلمانلار يۇيۇپ تازىلاپ يەرلىكىگە قويىۋاتىمىز . مەسچىتلېرىمىزدە نامىزىنى چۈشۈرىۋاتىمىز . ھىچقاچان پارتىيمىز كىلىپ نامىزىغا قاتناشقىنى يوق . ئۆزىمىز سىياسەتتىن توغرا پايدىلىنىشنى بىلەيلى قېرىنداشلار ...! پارتىيمىز ياشىسۇن ، تۈمەنمىڭ يىللار ياشىسۇن ...!!!