دىيارىم تورى ئەڭ يېڭى خەۋىرى :
گۇلى ماركىسىدىكى بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇت ۋە ئورۇنلار قاتتىق تەكشۈرۈلدى .
دىيارىم مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنغان « گۇلى ماركىسىدىكى بىخەتەرلىك قاپچۇقى » ناملىق خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن دىيارىم تورىدا قاتتىق نارازىلىق ۋە قارشىلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ تورغا كىرىدىغان ئۇيغۇر قىرىنداشلار ئارىسىدا كەڭ جامائەت نارازىلىقى كۆرۈلدى .
ئەسلى يازمىنىڭ ئادرىسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا :
./read.php?tid=19655دىيارىم تورى بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى .
بۈگۈن يەنى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار دىيارىم تور بېكىتىگە بۇ ئىشنىڭ خەۋەرىنى يەتكۈزدى ۋە يۇقارقى ئىش توغرۇلۇق نارازىلىق كەيپىياتىدا بولغان بارىلىق تور ئەھلىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە دىيارىم تور يۈزىدە بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلدى .
ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كەڭ ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسى ۋە نارازىلىق تېلېفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە دەرھال چارە تەدبىر قوللاندى . « گۇلى » ماركىسىدىكى بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ياسىغان ۋە ساتقان ئورۇنلارنى قاتتىق تەكشۈردى ۋە ئىنىقلاپ چىقتى . شۇنداقلا شۇ زاۋۇتنىڭ شىنجاڭدىكى بارىلىق ئېلان تەشۋىقاتىنى توختۇتۇش ، بازارلاردا گۇلى ماركىسىدىكى بىخەتەرلىك قاپچۇقنى سېتىشنى چەكلەش ،قارارىنى چىقاردى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ۋە كىشلەرنىڭ گۇلى ماركىسىدىكى شۇ خىل مەھسۇلاتنى بايقىسا دەرھال ئىنكاس قىلىشىنى مۇراجەت قىلدى .
ئۇندىن باشقا يەنە ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلەت سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە ۋە دۆلەت تاۋار ماركا باش ئىدارىسىگە « گۇلى »ماركىسىنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىنى بىكار قىلىش ۋە يۇقارقىدەك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ ھۆججەت ۋە ئالاقە ئەۋەتتى . پات ئارىدا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغانلىق خەۋەرىنى ئېلان قىلىمىز .
~~~~~~~~ دىيارىم تور بېكىتىمىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنىڭ كىشلىك مەنپەتىمىزنى ۋە نام شۆھرىتىمىزنى قوغداشقا دەرھال كۆڭۈل بۆلگەن ئاپتونوم رايۇنلۇق سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك يولداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .
ئىشىنىمىزكى بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى چوقۇم بىزنى رازى قىلغۇدەك ياخشى بولغۇسى ! ! !
دىيارىم تورى كوللىگىيسى
دىيارىم تورى