----------------------------------------------------------------------------------------
بۇ يولداش قايناپلا كېتىپتىغۇ
قۇلىقىڭىزنى بىر كۈن ئولتۇرۇپ كوچىلىۋىتىپ ئاڭلاپ بېقىڭ، ھەممە ئادەم توغرا ئاڭلىغان ناخشىنى سىز قايسى تىلغا تەرجىمە قىلىۋەتتىڭىز ئەمدى.
بۇ ناخشىنىڭ ئەسلى تېكىستى مۇنداق
ماڭدىم ماڭدىم يېتەلمىدىم مەلەڭگە،
بەك شاشكەنسىز كۆزى خۇمار ئەي گۈزەل،
تۇققان بولاي دېىسە ئانام ئاناڭغا،
كۆز ئالايتىڭ نېمىشقا سەن ئەي گۈزەل،
ئەي يارەنلەر ، ئەي يارەنلەر بىلمىدىم
ئۇ قىز سۆيەر كىملەرنىدۇ بىلمىدىم،
مەن سېغىندىم سېغىنمىدىڭ ؟؟؟؟؟؟
قانداق چىداي بۇ دەرتلەرگە پەرىشان
بۇ تېكىسىتنىڭ نەرى پۈچەك نەرى بەتتام؟
ئەگەر بۇ تېكىستىنى بەتتام، چۈشكۈن دېسىڭىز مۇشۇ ناخشىغا ماسلاشتۇرۇپ بىر تېكىست يېزىپ بېقىڭ( بىز كۆرۈپ مازاق قىلايلى)
توۋا، شۇنداق بىر يېڭىلىق، بىر ياخشى ئىشنىڭ كەينىدىن ھامان قاۋايدىغانلار ، چىشلەيدىغانلار چىقماي قالمايدۇ.
ناۋا دىكى ناخشىلارنى كەسپى خادىملار نۇرغۇن ناخشىلار ئىچىدىن تاللاپ چىقىدۇ. ئەجەبا ئەشۇلار « ھېلەك ساراڭنىڭ جۆيلىشىمۇ؟ » «شاللاقلارنىڭ دىباخانىسىدىكى ناخشا » « ئانىسىنىڭ ھەققى بار » لىقىنى بىلمەسمۇ؟ (بولمىسا بۇندىن كېيىن سىز تاللاپ بېرىڭ)
تاماشىبىنلاردا نىمە گۇنا ئەمدى ....مەتۇ دەپ كېتىشلىرىچۇ
سىز بەك مودا ئوخشىمامسىز؟!
ئۇنداق قىلمايلى دوسلار، ھەممە ئىشنىڭ 100%لىكى بولمايدۇ.ئازراق خاتالىقىنى تۇتىۋېلىپ ئاغزىمىزنى بولىشغا قويپېرىپ غەيۋانىسىغا تىللىساق بولماس.
بىر ناخشىنى ئشلەپ چىقىشنىڭ قانچىلىك تەستلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇلار تېخى ئەمدى يېتىشىپ چىقىۋاتقان باللار، ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ قوللىشىغا، يېتەكلىشىگە مۇھتاج!
-------------------------------------------------------------
J a m
[ jam تەرپىدىن 2008-05-15 20:12 قايتا تەھرىرلەنگەن ]